ياشايمەن سېنى دەپ
ئايشەم سادىر
سۆيگۈ ئوتلىرىڭ تىلغاپ يۈرەكنى،
ئەلەملىك ياشلىرىم چۈشتى تاراملاپ.
خۇلق-مىجەزىڭ كۆيدۈردى مېنى،
يۈرەكىم دەرتلىك كۆيدى يالقۇنجاپ.
ياشايمەن دۇنيادا بىرلا سېنى دەپ،
گۈزەل ياشلىىغىم پۇرلاشمىسۇن دەپ.
ياشايمەن پاك ۋىژدان غورورۇم بىلەن،
ئاخىرقى ئۆمرۈمدە سېنى كۈتەي دەپ.
مەن كۆيگەن شۇ ئوتتا سەنمۇ ھەم كۆيسەڭ،
يىتەتتىڭ قەدرىمگە شۇندىلا پەقەت.
بىر ئۆمۈر بېغىشلاپ ساڭا ئەقىدە،
سېنىلا كۈتەتتىم سېنىلا ئەبەت.
2014.7.21
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-3 15:45