يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 7462|ئىنكاس: 30

مۇھەممەت پولات:«شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى
سەلتەنەتلىك قەدىمىگە مۇبارەك

مۇھەممەت پولات


يېقىندا ھەقىقەتەن قالتىس بىر ئىش بولدى. ھەممىمىز ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن «شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» ژۇرنىلى دۇنياغا كۆز ئاچتى. مانا ئەمدى مەتبۇئات سورۇقچىلىقى ئازابىدىن ھالسىرىغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ قەددى كۆتۈرۈلۈپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك پائالىيەت سەھنىسىگە، يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىشتىكى غەيرەت – جاسارىتىنى ئەڭ ئوبدان گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان مۇناسىپ ئەدەبىي، ئىلمىي مۇنبەرگە ئىگە بولدى. بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ كەسپىي يېزىقچىلىق تەقدىرىنى ئۆز مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات يولىغا باغلاپ، پاكلىق ۋە ھالاللىقنى ئۆزىنىڭ ئىلمىي مىزانى قىلغان ئىجادكار ئوبزورچىلار قوشۇنىمىزلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى چەكسىز ئىشەنچ ۋە مۇھەببەت بىلەن سۆيىدىغان، بارلىق تەلەپچان كىتابخانلىرىمىزمۇ غايەت زور خۇشاللىق ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلدى.
«شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ شۇنى ھېس قىلىپ يەتتۇقكى، ژۇرنالغا بېرىلگەن ئەسەرلەرنىڭ مۇتلەق زور كۆپچىلىكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى بىلەن ئۇنىڭدىكى مۇھىم، ماھىيەتلىك ۋەقەلەر ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئوبزورچىلىرىمىز تەرىپىدىن يېڭىلىق ۋە ئىجادىيلىققا ئىگە دەپ قارالغان بىر قىسىم ئەسەرلەر ئىلمىي ھالدا باھالانغان ئىجادىي ماقالىلاردىن ئىبارەت بولغان. شۇنىڭ بىلەن ژۇرنال مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ رېئال ئەھۋالى ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمىلەرنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ يۆنىلىشنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىزنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشى ئۈچۈن يېڭى ئىجادىي يول ئاچقان.
ئەدەبىياتىمىزنىڭ تارىخىي ۋە رېئال ئەھۋالى ھەققىدە يول ئېچىش خاراكتېرىدىكى بىرمۇنچە سالماقلىق ئىلمىي مۇھاكىمىلەرنى ئېلىپ بېرىپ كىتابخانلىرىمىزنىڭ ئورتاق ئېتىراپىغا ئېرىشكەن تالانتلىق ئەدەبىياتشۇناسىمىز ئازات سۇلتان «پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەت» ناملىق ماقالىسىدا ئەدەبىياتىمىزنىڭ يېڭى ئەسىردىن بۇيانقى ئىجادىيەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك مۇھاكىمە قىلغان. جۈملىدىن يېڭى ئەسىردىن بۇيان بارلىققا كەلگەن رومان، پوۋېست، ھېكايە، شېئىر، نەسر ۋە ئەدەبىي ئاخبارات ئەسەرلىرىنى مەزمۇن خاسلىقى بىلەن بەدىئىي رەڭدارلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىپ، نەتىجە ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى كىتابخاننى قايىل قىلىدىغان يېڭى ئىلمىي مەزمۇنلار بويىچە روشەن يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئۇ ماقالىسىدا ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ رېئال ئەھۋالى ھەققىدە نۇقتىلىق توختىلىپ، ئۇنىڭ يېرىم ئەسىرلىك تەرەققىيات مۇساپىسىدىن چىقارغان ئەڭ مۇكەممەل ئىلمىي يەكۈنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىتابخانلارنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدىكى ئەنئەنىۋى پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىنى بىرمۇنچە يېڭى ئىجادىي كۆزقاراشلار بىلەن بېيىتىدۇ. «شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تەنقىدچىلىكىمىز پىكىر تېيىزلىقى، ئۇسۇل – مېتود ئاددىيلىقى، تەپەككۇر نامراتلىقىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قۇتۇلدى. ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىز ماھارەت ۋە ئەخلاقتا داۋاملىق ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەپ، ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي قاتلىمىغا شۇڭغۇش، يازغۇچىلار بىلەن ھەمنەپەس بولۇش، سەنئەتنىڭ ئېستېتىك قانۇنىيەتلىرى بويىچە ئەسەرگە باھا بېرىش، ئەسەرنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى لىللا كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە يېتەرسىزلىكلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.»[1] مانا بۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ ئىلمىي ۋە ئەخلاقىي ساپاسىنىڭ ھەرقانداق شەرھى ۋە ئېنىقلىمىلارغا موھتاج بولمىغان ئەڭ ئىخچام تىپىك تەسۋىرىي كۆرۈنۈشى. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ ئىجادىي ئىزدىنىش پەللىسىنى ئەنە شۇنداق ئىشەنچ ۋە قىزغىنلىق بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئاپتور ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر قاتار سەۋەنلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنىمۇ شۇنداق كەسكىنلىك ۋە سەمىمىيلىك بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي كامالىتىنى بوغۇپ كېلىۋاتقان بۇ سەلبىي ئامىللارنى ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىزدىكى نەتىجە ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش روھىنىڭ كەملىكى، ئەدەبىي ئوبزورچىلىقىمىزدا ئاددىيلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن دەللىك ۋە قاراتمىلىقنىڭ ئاجىزلىقى قاتارلىق تەرەپلەر بويىچە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئەدىب، ئەسەر، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىلمىي مۇھىتىدا يېڭىچە پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويالايدىغان تېخىمۇ كۆپ جۈرئەتلىك ئوبزورچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنىڭ جىددىيلىكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. ئۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ پاكلىقىنى بۇلغاپ، نوپۇزىنى تۆكۈۋاتقان ئاددىيلىق ۋە سەمىمىيلىكنىڭ كەملىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەجەللىك سەۋەنلىك ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تەرەپلەر تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا، ئادىمىيلىك ساپاسىغا تۇتىشىدىغان مەسىلە بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتتە ئەدەبىي تەنقىدكە قويۇلىدىغان ئۆلچەم ۋە ئەخلاقىي مىزاندۇر. بىراق بىرقىسىم ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ئۆز يۇرتلۇقى، يېقىن -يورۇقلىرىغا يان باسىدىغان، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قارا قويۇق ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدىغان، يېتەرسىزلىكىنى ياپىدىغان، كەمچىلىكىنى كۆرمەسكە سالىدىغان، ئۆزگىلەرنى بولسا ھەممە تەرەپتىن ئىنكار قىلىدىغان يەنى ماختاپ ئۆلتۈرىدىغان ياكى كالتەكلەپ ئۆلتۈرىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولماقتا.»[2] مانا بۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ ئۆزىنى ھالاكەت گىردابىغا باشلايدىغان، كىتابخانلارنى يەتكىچە بىزار قىلىدىغان ئەڭ ئېغىر ئاپەتلىك ئىللىتى. بۇ ھاقارەتلىك ھادىسە بىرىنچى بولۇپ ئاپتور قەلىمىدە ئۆزگىچە بىر خىل ئىلمىي جاسارەت بىلەن ئەنە شۇنداق مەزمۇن مۇككەممەللىكى پەللىسىدە جىددىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئازابلىق سەلبىي دەلىلنىڭ ئاپتور تەرىپىدىن مۇشۇنداق ئىشەنچ ۋە ئېچىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنى ئويغىتىش ۋە سەگىتىشتىكى رولى ۋە ئەھمىيىتى باشقا ھەرقانداق بىر مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرىنىڭ تەسىر كۈچىدىنمۇ زور بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
تەلەپچان تەنقىدچىمىز ئەنۋەر ئابدۇرېھىم «ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئورنى ۋە نوپۇزى» ناملىق ماقالىسىدە مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىيات تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر جىددىي ئەمەلىي مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. ئۇ بىر داڭلىق شائىرنىڭ سەرخىل قەلەمكەشلەر يىغىلغان بىر سۆھبەت يىغىنىدا قاتتىق غەزەپلەنگەن ھالدا «بىزدە بىرمۇ ئەدەبىي تەنقىدچى يوق» دەپ چۇقان سالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكمىزنىڭ ھازىرقى رېئال ئەھۋالىنى كىشىنى قايىل قىلىدىغان بەكمۇ چىن سەمىمىي  پىكىرلەر بىلەن ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىدۇ. ئۇ ئەدەبىياتىمىزدا يۇقىرى كەسپىي ئىقتىدارغا ئىگە بىر تۈركۈم ئەدەبىي تەنقىدچىلەر قوشۇنىنىڭمۇ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رېئاللىق. بۇ خىل رېئاللىقنى ئىنكار قىلىش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىر قانىتى يوق قۇشقا ئوخشاتقانلىقتۇر.»[3] مانا بۇ بەكمۇ جايىدا چىقىرىلغان، كىشىنى قايىل قىلىدىغان دادىل بىر ئىلمىي ھۆكۈم. ھەقىقەتەنمۇ ئەدەبىي تەنقىد بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ قۇدرەتلىك ئۇچقۇر قانىتى. ئۇنىڭسىز ھەرقانداق بىر مىللەت ئەدەبىياتنىڭ ئىجادىيەت كۆكىدە ئەركىن پەرۋاز قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئاپتورنىڭ يۇقىرىقى يەكۈنىدە ئېيتىلغاندەك، بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ ئەدەبىي تەنقىدىنى ئىنكار قىلىش ھېچقانداق مۇنازىرىسىز ھالدا شۇ مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئەدەبىياتىنى ئىنكار قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. مانا بۇ ھېلىقى نامدار شائىرنىڭ ئاشۇ غەلىتە سۆزىنىڭ كىشىنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان ئەجەللىك مەزمۇن مۇقەررەرلىكى.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئەدەبىي تەنقىد ئالدى بىلەن ئەدەبىياتقا بولغان ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتتىن تۇغۇلىدۇ. بىزنىڭ ئەقىل ۋە ۋىجدانىمىزنىڭ سەنئەتلىك پارلىشى بولغان مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ شۇنچىلىك كۆپ ئەقىل –پاراسەتلىك كىتابخانلىرى تۇرغان بىر چاغدا مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ بىرمۇ ئەدەبىي تەنقىدچىسى بولمىغان شۇنداق ئېغىر تەنقىدچىلىك قەھەتچىلىكىگە قېلىشى مۇمكىنمۇ؟ ياق، بىزنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىمىز ناھايىتى ئۈمىدلىك، تەلەپچان بىر ئەدەبىي تەنقىد قوشۇنىغا ئىگە. بىزنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىمىز ئۆز ۋۇجۇدىدا يېتىشكەن ئەنە شۇ ئىلمىي تەنقىدىي قوشۇننىڭ مۇھەببەت ۋە ساداقىتى، رىغبەت ۋە ئىلھامى بىلەن ئۈزۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە ئىجاد قىلىپ، بۈگۈنكى بەدىئىي سەۋىيەگە ئېرىشكەن. ئەدەبىياتىمىزنىڭ زۇنۇن قادىر، ئەلقەم ئەختەم، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيوف، ئابدۇكېرىم خوجا، رەخىم قاسىم، مۇھەممەدجان سادىق، بوغدا ئابدۇللا، مۇھەممەدجان راشىدىن، قۇربان بارات، ئەخەت تۇردى، زوردۇن سابىر، ئوسمانجان ساۋۇت، مەمتىمىن ھوشۇر، ئىمىن ئەخمىدى، مۇھەممەد ئىمىن، ئەبەيدۇللا ئىبراھىم، روزى سايىت، خالىدە ئىسرائىل، پەرھات جىلان، ئەخمەت ئىمىن، ئەختەم ئۆمەر، مۇھەممەت باغراش، ياسىن زىلال قاتارلىق تالانتلىق ۋەكىللىرى ئەنە شۇ تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ بايقىشى، قەدىرلىشى، ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن يېڭىدىن - يېڭى ئىجادىي مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، خەلقىمىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالغان. يۇقىرىقىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقىل ۋە ۋىجدانىغا تايىنىپ مۇناسىپ ئىجادىي تۆھپە يارىتالايدىغان قابىل بىر ئەدەبىي تەنقىد قوشۇنىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. راست، بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ئىلمىي مۇھاكىمە كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى، نەزەرىيەۋى تەپەككۇر پەللىسىنىڭ تۆۋەنلىكى، تەنقىد ئەخلاقىنىڭ دېگەندەك پاك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن بەزى پىرىنسىپال خاتالىق ۋە سەۋەنلىكلەرنى ئۆتكۈزۈپ، كەڭ كىتابخانلارنى ئۈمىد ۋە ئىشەنچتىن بەلگىلىك دەرىجىدە ئايرىلىپ قالدى. لېكىن ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ھېچقاچان ئاپتور ۋە ئەسەرلەر كەينىدىن رايىشلىق بىلەن ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ ۋە ئىرادىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان، ئەدەبىيات سېپىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل مۇرەككەپ ۋەقە - ھادىسىلەر ئالدىدا قايمۇقۇپ ئەقىل-ھوشىنى يوقىتىپ قويىدىغان بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالمىدى. چەتئەللەرنىڭ تەييار نەزەرىيەۋى بايانلىرى بىلەن مىللىي ئىجادىي ئەسەرلىرىمىزنى چۈمكەپ، تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرىدىغان ھاقارەتلىك تەنقىدىي يولغا قاراپ ماڭمىدى. شەخسىي غەرەز ۋە مۇددىئادىن ئەقلىي بۇلغىنىپ، ئەرزان نام-شۆھرەتنىڭ مەنىۋى قۇللىرىغا ئايلانغان بىچارە ئادەملەرنىڭ ھەيۋە - دوقلىرى بىلەن قۇرۇق سەپسەتىلىرى ئالدىدا تىز پۈكۈپ ھەقىقىي ئىستېداتنى قەدىرلەپ، ئەدەبىي ئىلمىي ئادالەتنى ئۇلۇغلايدىغان تەنقىدىي جاسارىتىدىن كەچمىدى. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ھازىرمۇ ئۆزىگە مۇناسىپ بولغان يېتەرلىك ئەقلىي قۇدرەت بىلەن ھەرقانداق غەيرىي ئەدەبىيات ھادىسىلىرىگە تۇغۇشلۇق تىگەلەيدىغان ئىجادىي جۈرئەتكە ئىگە ئىستىقباللىق بىر مەنىۋى كۈچ سۈپىتىدە مىللىي ئەدەبىياتىمىز ئۈستىدە جاپالىق ئىزدىنىپ، تىنىمسىز مەنىۋى بايلىق ياراتماقتا.
ئاپتور ماقالىسىدا يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە شېئىرىيەت ئىجادىيىتىمىزدە مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ياتلىشىش ۋە غەلىتىلىشىشتىن ئىبارەت ئاپەت خاراكتېرلىك بۇزۇلۇشنى ناھايىتى زور ئىرادە ۋە ئىشەنچ بىلەن ئەيىبلەپ، ئەنئەنىۋى مىللىي شېئىرىيىتىمىزنىڭ پاكلىق ۋە مۇقەددەسلىكىنى مەردانىلىق بىلەن قوغدىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنىمۇ تۈزۈك بىلمەيدىغان، شېئىرنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىمۇ ئىگىلىمىگەن بەزى ياشلارنىڭ مەنتىقسىز، خاتا جۈملىلەرنى مىسرالارغا تىزىپلا شېئىر سۈپىتىدە بازارغا سېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا شېئىرىيىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپنى كۆرۈپ يەتكەن ۋە ئۇنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كۆرسىتىپ بېرىۋاتقان قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ «تىل –ئاھانەتلەرگە كۆمۈلۈپ» قېلىۋاتقانلىقىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ھەرقانداق بىر غەيرىي ۋەقە-ھادىسىلەرگە سەزگۈرلۈك بىلەن جىددىي مۇئامىلىدە بولۇپ، شۇنچە ئېغىر ئىنكارى پىكىرلەرنىمۇ ھېچقانداق ھېيىقماي ئوتتۇرىغا قويالايدىغان ئىلمىي جاسارەتكە ئىگە مەسئۇلىيەتچان تەنقىدچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
ئاپتورنىڭ كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، شېئىرىيىتىمىز ھەقىقەتەن ھاياتقىمۇ، سەنئەتكىمۇ ھېچقانداق ھۆرمەت ۋە مۇھەببىتى بولمىغان ئۆزىنىمۇ، كىتابخانلارنىمۇ قەدىرلىمەيدىغان بىر توپ ئەقىدىسىز كىشىلەر تەرىپىدىن بەكمۇ ئېغىر ئابرۇيسىزلاندۇرۇلدى. ئۆزىدە ھېچقانداق شېئىرىي خۇرۇچنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ بۇ ساھەگە قاراملىق بىلەن قىستۇرۇلۇپ كىرگەن تەۋەككۈلچىلەر بىلەن ئاز - تولا شېئىرىي ئىقتىدار بولسىمۇ، لېكىن مىللىي شېئىرىيىتىمىزنىڭ بەكمۇ نازۇك ۋە ئىنچىكە ئۆلچەم ۋە مىزانلىرىنىڭ بەدىئىي تەلەپلىرىگە ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بىرقىسىم كىشىلەر ھېچقانداق شېئىرىي تەم ۋە پۇراققا ئىگە بولمىغان، مەزمۇنى پۈچەك يارامسىز يازمىلىرىنى شېئىر سۈپىتىدە بازارغا سېلىپ، مىللىي شېئىرىيىتىمىزنىڭ مەزمۇن روشەنلىكى بىلەن سەنئەت رەڭدارلىقىدا ئىپادىلىنىدىغان بەدىئىي يارقىنلىقنى خىرەلەشتۈردى. ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغىنى شۇكى، رېئال ھاياتنىڭ مەنىسىزلىكى ۋە شەپقەتسىزلىكىدىن زارلىنىپ، تەسەۋۋۇرىدىكى خىيالىي دۇنياغا مۇھەببەت قويغان بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىدسىزلىككە تولغان چۈشكۈن روھىي دۇنياسىنىڭ كۆرۈمسىز سۈرىتى بولغان بۇ غەلىتە يازمىلىرىنى ھەرخىل ۋەھىمىلىك نەزەرىيەۋى سەپسەتىلەر بىلەن پەردازلاپ، ئۇلارنى مىللىي شېئىرىيىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يېڭى ئىجادىي شېئىرلار سۈپىتىدە كىتابخانلارغا زورلاپ تاڭدى. ئۆزلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ھەرقانداق بىر ئىجادىي ئەسەرنى تۇيغۇ نامراتلىقى بىلەن مەزمۇن گادايلىقىدا ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ ھايات نەپسىنى بوغۇپ تۇنجۇقتۇرۇشقا ئۇرۇندى. مېنىڭچە ئەمدى، بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ شەخسىي نام-ئابرۇي بىلەن ھېسابلاشماي، ئىنكار قىلىنىش ۋە تىل - ئاھانەتكە قېلىشتىن قورقماي، شېئىرىيىتىمىزدىكى بۇ خىل پاخاللىشىش ھادىسىسىگە بولغان پىكىر ۋە كۆز - قاراشلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇش ۋاقتى كەلدى. بىزنىڭ بۇ يەردە تالىشىدىغىنىمىز قانداقتۇر ئىمتىياز ۋە نام - شۆھرەت ئەمەس، بەلكى، ھېچقانداق شەخسىي تەۋەلىكى بىلەن ئىگىدارلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان، پەقەت خەلققىلا تەۋە بولغان مۇقەددەس سەنئەت بىلەن ئۇلۇغۋار شېئىرىيەت! شۇنداق ئىكەن، بىز يەنە نېمىدىن چۆچۈپ بۇنداق زۇۋانسىز يۈرىۋېرىمىز؟
يېتىلىۋاتقان ياش تەنقىدچىمىز مەتتۇرسۇن ئېلىنىڭ «يېڭى ئەسىردىن بۇيانقى ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزگە قىسقىچە باھا» ناملىق ماقالىسىدا ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بەزى يېتەرسىزلىكلەر، يەنى قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدىغان، ئەمەلىيەتتە بولسا ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ پاكلىقى بىلەن كەسپىي نوپۇزىغا تاقىلىدىغان بىر مۇنچە ماھىيەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەر ئىلمىي ھالدا مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
ئەدەبىي تەنقىدچىلىكمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئوخشاشلا ھەۋەس ۋە ئىختىيارلىققا تايىنىدىغان بىر خىل ئاممىۋى ئىلمىي پائالىيەت. شۇڭا ئۇنىڭدا پۈتۈن بارلىقىنى ئەدەبىياتىمىزنىڭ تارىخى ۋە رېئال ئەھۋالىنى ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمە قىلىشقا بېغىشلىغان پىشقان تەتقىقاتچىلارمۇ، ئۈلگىلىك ئەسەر ۋە تالانتلىق ئاپتورلارنى ئىلمىي ۋە ئەمەلىي ھالدا مۇلاھىزە قىلىپ باھالاشنى دائىملىق ئەقلىي پائالىيىتىگە ئايلاندۇرغان قابىل تەنقىدچىلەرمۇ، نەزىرى چۈشكەن بىرەر ئەسەر ئۈستىدە تاسادىپىي قەلەم تەۋرىتىپ قويىدىغان تۇراقسىز ئوبزورچىلارمۇ، بىرەر ئەسەرنىڭ بەدىئىي مەزمۇنى بىلەن بىرەر ئەدەبىي ھادىسىنىڭ ماھىيىتىنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، بىرەر يازغۇچىنىڭ ئومۇمىي ئىجادىيەت ئەھۋالىنى ساۋات ۋە ئۇچۇر خاراكتېرلىك مەلۇماتلار بىلەن بايان قىلىپ بېرىدىغان ئەدەبىي ئىلمىي قەلەمكەشلەرمۇ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ ئومۇمىيلىققا ئىگە بولغان بۇ ئورتاق ئەقلىي پائالىيەت مۇھىتى ئۇنىڭ ئەقلىي ئىزدىنىشىنىڭ باشلىنىش ۋە قېلىپلىشىشىنىڭ ئىپتىدائىي تۇپرىقى، ئۇنىڭ ئۆسۈشى ۋە مۇكەممەللىشىشىنىڭ ئورتاق مەنىۋى زېمىنى بولۇپ، ھەرىكەت ۋە ئىرادە بىرلىكى بولمىغان بۇنداق تارقاق ۋە تۇراقسىز ئىلمىي كۈچكە تايىنىپ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ گۈللەنگەن يېڭى دەۋرىنى ياراتقىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتى تەقدىرى بىلەن ئىلمىي ئىستىقبالىنى ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ مۇشەققەتلىك ئەقلىي ئەمگىكىگە باغلىغان، ھەرقانداق شەخسىي غەرەز ۋە مۇددىئادىن خالىي ھالدا ئاپتور ۋە ئەسەرلەرگە خۇددى ئۆزىگە يۈزلەنگەندەك سەمىمىي مۇئامىلىدە بولالايدىغان، باشقىلار ئاچقان تەييار يولدىن مەنپەئەتدار بولماي، ئەقلىي ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئۆزىنىڭ يېڭى بەدىئىي ئىلمىي ئالىمىنى يارىتالايدىغان كەسىپلەشكەن مۇنتىزىم ئوبزورچىلار قوشۇنىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. خۇددى ماقالە ئاپتورىنىڭ ئېيتىپ ئۆتكىنىدەك يېڭى ئەسىر تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ دەل مۇشۇنداق ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيەلىنىشتىن ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي ئىزدىنىش يۆلىنىشىنى ئېنىق بەلگىلىگەن. مەخسۇسلاشقان ئوبزورچىلار قوشۇنىنىڭ بولماسلىقى ئۇنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك ئىلمىي پەللىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى بوغۇپ قويۇۋاتقان بىر سەلبىي ئامىل بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. گەرچە بىزدە ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە پۈتۈن زېھنى بىلەن كىرىشىپ بىر مۇنچە ئىجادىي نەتىجىلەرنى ياراتقان ئابدۇۋەلى كېرەم، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، ئابدۇللا مەتقۇربان، ئابدۇقادىر جالالىدىن، كېرىمجان ئابدۇرېھىم، ئابدۇبەسىر شۈكۈرى، يالقۇن روزى، مەتتۇرسۇن ئېلى، ئەنۋەر ھوشۇر، ئىقبال تۇرسۇن، مۇھەممەت ھوشۇر قاتارلىق كەسىپلەشكەن ئوبزورچىلىرىمىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىجادىي ئىزچىللىقىدىن تۇغۇلغان مەخسۇسلىشىش دەرىجىسىنى تازا كۆڭۈلدىكىدەك دېگىلى بولمايدۇ.
ئەمەلىي تەنقىدچىلىك ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزگە يېڭى روھ، يېڭى مەزمۇن بېغىشلاپ، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدىغان بەكمۇ نازۇك ۋە مۇرەككەپ مۇشەققەتلىك ئەقلىي پائالىيەت. ئۇ تەنقىدچىنىڭ ئەدەبىي ئىلمىي كۈچى بىلەن تەنقىدچىلىك جاسارىتىنى، بەدىئىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بىلەن مۇھاكىمە خاسلىقىنى ئەمەلىي ھالدا سىناپ كۆرىدىغان ئەڭ جانلىق ئىلمىي ئۆتكەل. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى يېڭى ئەسەر، يېڭى يۈزلىنىشلەرنى دەل ۋاقتىدا بايقاپ ۋە باھالاپ، ئۇلارنىڭ بەدىئىي ئېستېتىك قىممىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى تېخىمۇ كەڭ ئىستىقباللىق ئىجادىي يولغا باشلايدۇ. بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ئۆزىنىڭ تەرەققىيات تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان بۇ مۇھىم ئىلمىي مەسىلىگە ئۇزۇندىن بۇيان يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەي كەلدى. ئۇ ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىجادىيەت رېئاللىقىدىن زور دەرىجىدە ئايرىلىپ، ئۇنىڭدا ئۈزۈكسىز بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭى ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە تېگىشلىك نەزەر ئاغدۇرمىدى. نەتىجىدە كىتابخانلارنىڭ نەزىرى چۈشۈپ ئۇلارنىڭ دائىملىق ئوقۇشلۇقىغا ئايلىنىپ كەتكەن بىر مۇنچە ئىجادىي ئەسەرلەر ئۆزلىرىنىڭ بەدىئىي رەڭدارلىقىغا مۇناسىپ بولغان مۇكەممەل ئىلمىي باھالارغا ئېرىشەلمىدى. ئۆزىنىڭ ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىزغا ناھايىتى زور بەدىئىي ئىجتىمائىي قىممەت بېغىشلىغان جالالىدىن بەھرام، ئالىمجان ئىسمايىل، غەيرەت ئاسىم، ياسىنجان سادىق، تۇرسۇنجان مۇھەممەت قاتارلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىجادىي رومانلىرى بىلەن مۇھەممەدجان راشىدىن، ئوسمانجان ساۋۇت، روزى سايىتلارنىڭ ئۈلگىلىك شېئىرىي ئەسەرلىرى بىزدە قانچىلىك مۇھاكىمە قىلىندى؟ ئومۇمىي خاراكتېر ئالغان ئادەتتىكى تەسىرات تۈسىدىكى بىرنەچچە پارچە بوش ۋە يەڭگىل مۇھاكىمىلەردىن باشقا ئۇ ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇن، بەدىئىيلىك ۋە ماھارەت تەرەپلەردىكى ئۆزگىچىلىكلىرى كەڭ ۋە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىنغان سالماقلىق ئىلمىي ماقالىلەر بارلىققا كەلمىدى. بۇ ھەقىقەتەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىكمىزنىڭ كىتابخانلارنىڭ رايى ۋە ئارزۇسىنى دەل ۋە توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىش ئىقتىدارىنىڭ بەكمۇ تۆۋەنلىكىنىڭ بىر سەلبىي دەلىلى بولۇپ قالدى. ئاپتور ماقالىسىدا بىزنىڭ ئەمەلىي تەنقىدچلىكىمىزنىڭ كەسپىي ھالسىزلىقى بىلەن بەدىئىي سەزگۈرلۈكىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بەكمۇ دەل ۋە جانلىق ئاشكارىلاپ بېرىدىغان مۇنداق بىر ئازابلىق دەلىلنى تىلغا ئالىدۇ: ئۆزىنىڭ ھەممە نومۇس ۋە ۋىجدانىنى ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدىغان ساختا شان - شۆھرەتنىڭ بىردەملىك خۇشلىقىغا تېگىشىپ ئەدەبىياتىمىزنى يۇيۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئازابلىق نومۇسقا قالدۇرغان بىر ئۇياتسىز قەلەمكەش ئەدەبىي ئوغرىلىق يولىغا مېڭىپ، مەلۇم بىر چەتئەللىك يازغۇچىنىڭ ئىجادىي ئەسىرىنى ھېچقانداق ھېيىقماي بەت ۋە بۆلەكلەر بويىچە شۇنچە ئەركىن ۋە ئازادە ھالدا كۆچۈرۈپ «باتۇر تەڭرىقۇت» ناملىق بىر ساختا روماننى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىجادىيەت رېئاللىقىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ئۇنىڭدىكى ھەربىر يېڭى ھادىسىدىن ئۆز ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ تۇرۇشى لازىم بولغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز بىلەن خەلق نەشرىياتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بۇ ساختا رومان رەسمىي بېسىلىپ تاكى «شىنجاڭ كىتاب خەزىنىسى» تەھرىر ھەيئىتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتۈپ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ داڭلىق رومانلىرى» تۈركۈمىدە قايتا نەشر قىلىنغۇچىمۇ ھېچنەرسىنى سەزمەيدۇ. ئاخىرى بۇ جىنايى قىلمىش مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بەكمۇ ئاددىي، لېكىن ئەدەبىي مۇناسىۋىتى بىلەن بەدىئىي غايىسى شۇنچىلىك پاك ۋە يۈكسەك بولغان تالانتلىق ستودېنتتى خەلچىئاي ئىسھاقنىڭ «كۈچۈرمىكەشلىكتىن خىرەلەشكەن تارىخىي رومان» ناملىق ئاجايىپ ماقالىسى ئارقىلىق خەلقى – ئالەمگە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ئاندىن بۇ ھاقارەتلىك ھادىسىدىن خەۋەر تاپىدۇ. بىزنىڭچە، ھەممىمىزنى خورلۇق پاتقىقىغا پاتۇرغان مۇشۇ بىر ئەلەملىك دەلىلنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ ئىجادىيەت رېئاللىقىدىن ئايرىلغان ئەمەلىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ قانچىلىك ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
ئوبزورچى مۇھەممەت ھوشۇر «ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ دىققەت نەزىرىدە بولۇپ كەلگەن لېكىن ئاشكارا مەتبۇئاتتا بىرەر قېتىممۇ رەسمىي كۆتۈرۈلمىگەن يېڭى بىر ئەھمىيەتلىك مەسىلىنى قەلەمگە ئالىدۇ. ئۇ يېقىندىن بۇيان كەڭ كىتابخانلارنىڭ ئەدەبىي مۇكاپاتلارغا بولغان ئېتىبار ۋە قىزىقىشىنىڭ روشەن ھالدا ئۆسكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ئىشنىڭ ئېنىقلىق ۋە ئاددىيلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، مۇكاپاتلارنىڭ دەل جايىغا تېگىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ ماقالىسىدا ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىنى ئىلمىي ھالدا قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىتابخانلار ئارىسىدىكى تەسىر ۋە نوپۇزىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولغان بىر مۇنچە ئاقىلانە پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
راست، ئاپتورنىڭ ئېيتقىنىدەك، تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان چوڭقۇرلۇق ۋە مۇرەككەپلىككە ئىگە بولغان بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ھەرقانداق بىر باھالاپ مۇكاپاتلاش پائالىيىتىدە «ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان»، مۇتلەق توغرا بولغان بەدىئىي ئىلمىي ئادالەتكە ئېرىشىش ھەقىقەتەن مۇمكىن ئەمەس. لېكىن بىز ئۆز ئىشىمىزغا ۋىجدانەن مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەقىل ۋە ئىرادىدىن پۈتكەن پاك قەلب بىلەن يانداشساقلا ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەڭ سەمىمىي ئوقۇرمەنلىرى بولغان تەلەپچان كىتابخانلىرىمىزنىڭ مۇتلەق زور كۆپچىلىكىنىڭ ئورتاق ئارزۇ ۋە خاھىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان مۇناسىپ ئادىللىق ۋە توغرىلىققا ئېرىشەلەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىزدە ئەدەبىي ئىجادىيەت قانۇنىيەتلىرىنى پىششىق بىلىدىغان، بەدىئىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى، ھالاللىق ۋە پاكلىقنى دائىملىق ھەرىكەت مىزانى قىلغان نوپۇزلۇق كەسپىي خادىملاردىن تۈزۈلگەن بىر قابىل ئىلمىي گۇرۇپپا بولۇشى، ھەرقايسى ژۇرنال ۋە نەشرىيات خادىملىرىنىڭ ھەرقانداق شەخسىي ھېسسىيات ۋە ئۆتكۈنچى تەسىراتلارغا بېرىلمەي، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەقىقىي نادىر ئەسەرلەرنى تاللاپ تەۋسىيە قىلالايدىغان ئىلمىي ئادالىتى بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ ھەرقانداق بىر باھالاپ مۇكاپاتلاش پائالىيىتىمىز مۇشۇ ئىككى زۆرۈر شەرتنى تىرىشىپ ھازىرلىغاندىلا ئاندىن ئۆزى كۈتكەن بەدىئىي ئىلمىي ئادالەتكە ئېرىشىپ ئەدەبىي ئىجادىيتىمىزنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرەلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكە ئايلىنىدۇ.
مېنىڭچە بۇ قېتىمقى «تۇلپار» مۇكاپاتى بۈيۈك سەنئەتكارىمىز غازى ئەھمەدنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىجتىمائىي بەدىئىي قىممەتكە ئىگە بولغان «ھاياتىمدىكى ئۆچمەس سۈرەتلەر» ناملىق يىرىك بەدىئىي ئەسلىمىسى بىلەن تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچىمىزدىن ۋاھىتجان ئوسمان بىلەن ياسىنجان سادىقنىڭ «ئاۋازلىق ئوقيا» ۋە «باھادىرنامە» ناملىق ئۈلگىلىك كىتابلىرىنى مۇكاپاتلاپ، ئۆزىنىڭ بىر ئالىيجاناب مەقسىتىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇردى. ئەپسۇسكى، بۇرۇنقى باھالاپ مۇكاپاتلاش پائالىيەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى قائىدە - يوسۇنلىرىنىڭ چەمبىرىكىدىن چىقىپ بۇ خاسىيەتلىك ئىشقا پۈتۈنلەي يېڭىچە ئىرادە ۋە ئىشەنچ بىلەن كىرىشكەن «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ئۆز پائالىيىتىدە شۇنچىلىك قىزغىن ۋە سەمىمىي بولغىنىغا قارىماي تەۋسىيە قىلىنغان ئۈلگىلىك ئەسەرلەرنىڭ بەكمۇ كەملىكى تۈپەيلىدىن ئۆزى كۈتكەن ئىجتىمائىي بەدىئىي ئۈنۈمگە تولۇق ئېرىشەلمىدى.
مەن مۇھەممەت ھوشۇرنىڭ مۇشۇ ماقالىسىدىن كەلگەن تۇيغۇ ۋە تەسىراتلىرىمنىڭ تۈرتكىسىدە مۇنداق بىر ئاددىي ھېساباتنى قىلىپ كۆردۈم: ھازىر بىزدە 160 بەتلىك ئايلىق «تارىم» ژۇرنىلىدىن باشقا بەش قوش ئايلىق، ئون پەسىللىك ئەدەبىي ژۇرنال نەشر قىلىنىدىكەن. «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى» ۋە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرناللىرى بىلەن ئاپتونوم رايون، شەھەر، ۋىلايەت ۋە ئوبلاست دەرىجىلىك ئون تۆت گېزىتنىڭمۇ مەخسۇس ئەدەبىيات بەتلىرى بار ئىكەن. بۇلاردا تەخمىنىي سان بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئالتە مىڭ پارچىدىن ئارتۇق پوۋېست، ھېكايە، شېئىر، نەسر ۋە ئوبزور ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىدىكەن. مۇبادا بۇ سان ھەرقايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن نەشر قىلىنىۋاتقان رومانلار بىلەن قوشۇلۇپ، بىر قاتلانسا ئۇ چاغدا بىزنىڭ مىللىي ئەدەبىي مەتبۇئاتىمىزنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە ئۆز ئوقۇرمەنلىرىگە تەقدىم قىلىدىغان بەدىئىي ئەسىرى 12مىڭ پارچىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. مانا بۇ دەۋر خاسىيىتى بىلەن ھايات باھارىنى تاپقان مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ گۈللەنگەن سەلتەنەتلىك يېڭى مەنزىرىسى. ئېنىقكى، بىزنىڭ ئاشۇنداق مول ۋە رەڭدار مەنىۋى بايلىقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى بىلەن ئېستېتىك سەۋىيەسىنى مۇكاپاتلانغان ئاشۇ ئون بىر پارچە ئەسەر مۇتلەق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز تېخى ئەدەبىي مۇكاپاتلاردا بۇنچىلىك قاتتىق قىسىش ۋە مەركەزلەشتۈرۈش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرگىدەك دەرىجىدە يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيەگە يەتمىدى. ئۇ يەنىلا ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئادەتتىكى ئورتاق بەدىئىي سەۋىيە دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلماقتا. بۇ ھالدا بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۆسۈش تىپىدىكى يېڭى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى كۆپرەك يارىتىپ، بىزنىڭ باھالاپ مۇكاپاتلاش پائالىيىتىمىزنى جەۋھىرىدىن جەۋھىرىنى سۈزۈپ ئېلىشتەك بۇنداق يۈكسەك بەدىئىي تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالمايدۇ. مەن يۇقىرىقىدەك بىر قاتار ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، يازغۇچىلار جەمئىيىتى رەھبەرلىكىنىڭ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نىڭ مۇكاپات سوممىسىنى بېكىتىلگەن ئومۇمىي سان دائىرىسىدە مۇناسىپ ھالدا تەڭشەپ، مۇكاپات نامزاتلىرى سانىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە كۆپەيتىش ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈشى زۆرۈرمىكىن دەپ ھېسابلىدىم. شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى، بۇ يېڭى ئۇسۇلنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن «خانتەڭرى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نوپۇزى تۆۋەنلەپ، شان - شۆھرىتى پەسىيىپ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇنىڭ ئىلمىي ئابرۇيى بىلەن ئاممىۋى ئاساسى ھەقىقىي كۆتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئۈمىدلىك ئاپتورلىرىمىزنى يېڭى ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئىلھاملاندۇرۇپ، باھالاپ مۇكاپاتلاش پائالىيىتىمىزنىڭ پاكلىق ۋە ئادىللىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئەمەلىي گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان جانلىق ئىلمىي دەلىلگە ئايلىنىدۇ.
ئىنىمىز كىۋىر ھىمىتنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 2013-يىلى» ناملىق ماقالىسى ئۇچۇر ۋە مەلۇمات قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، مەزمۇنىنىڭ مول ۋە ئەمەلىيلىكى بىلەن دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. ئاپتور ماقالىسىدا ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۇ بىر يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسى بىلەن بەدىئىي ئىزدىنىشلىرىنى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھەرقايسى تۈر ۋە ژانىرلىرىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش ۋە يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاساسىدا مۇھاكىمە قىلىپ، ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىي پائالىيەتلەر بىلەن ئەدەبىي سۆھبەتلەرنىڭ ئىجادىيەتنى جانلاندۇرۇشتىكى رولى ۋە ئەھمىيىتىنى پاكىتلىق ھالدا ئېچىپ بېرىپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئومۇمىي ئەھۋالىدىن بىزنى سىستېمىلىق خەۋەرلەندۈرىدۇ. ماقالە پىكىر ۋە مۇلاھىزىلىرىنىڭ ئېنىقلىقى، شەرھى ۋە بايانلىرىنىڭ راۋانلىقى، مۇھاكىمە كەيپىياتىنىڭ سالماق ۋە تۇراقلىقلىقى بىلەن كىتابخاننىڭ ئېسىدە ساقلىنىپ قالىدۇ.
ياش ئەدەبىياتشۇناس ئابدۇسالام شۈكۈرنىڭ «<ئامەت ۋە ئاپەت> رومانى ۋە ئاممىباب ئەدەبىيات» ناملىق ماقالىسى ژۇرنالدىكى كونكرېت ئەسەرلەر مۇھاكىمىسىگە بېغىشلانغان ماقالىلەر ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ئاپتور ئۈن -تىنسىز جاپالىق ئىجاد قىلىپ، ئۆز كىتابخانلىرىغا مول مەنىۋى مەھسۇلات بېرىۋاتقان تالانتلىق يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرامنىڭ كىتابخانلار ئارىسىدا ئالاھىدە تەسىر قوزغىغان، ھاياتىمىزنىڭ كىشىنى ئازابلايدىغان ئىبرەتلىك تۇرمۇش مەنزىرىلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن «ئامەت ۋە ئاپەت» رومانىنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئاممىۋى ئەدەبىياتنىڭ تەلەپ ۋە ئالاھىدىلىكلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىجادىي مۇھاكىمە قىلىدۇ. ئۇ روماننىڭ مەزمۇن بەدىئىي تەرەپلەردىكى خاسلىقى، ئاپتورنىڭ تېما تاللاش ۋە ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈشتىكى ئالاھىدىلىكى، ئوبراز ۋە خاراكتېر يارىتىشتىكى ئۆزگىچىلىكى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ، ئۇلارنى يېڭىچە پىكىر ۋە كۆزقاراشلار بىلەن جانلىق مۇھاكىمە قىلىپ، روماننىڭ بەدىئىي ئىجتىمائىي قىممىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ئۆز كىتابخانلىرىغا ئۈزۈكسىز يېڭى بەدىئىي مەھسۇتلارنى بېرىپ ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش قىزغىنلىقىدىن ئارام ۋە شادلىق تاپىدىغان ئالاھىدە تىپتىكى بىر ئىجتىھاتلىق يازغۇچى. بىز ئاپتورنىڭ ئۇنىڭ مىللىي تۇرمۇشىمىزنىڭ نەپەس ۋە پۇرىقىغا تويۇنغان، ھاياتنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان بىر –بىرىدىن ئۆتكۈر ۋە مۇرەككەپ زىددىيەت توقۇنۇشلىرى بىلەن جانلاندۇرۇلغان بارلىق ئىجادىي رومانلىرىنىڭ مۇناسىپ تەتقىقاتچىسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
«مۇھەببەتتە مېنىڭمۇ ھەققىم بار» بۇ قىزىقارلىق ماۋزۇدىن شۇنى ھېس قىلىپ يىتىش تەس ئەمەسكى، بۇ ئېرىشەلمىگەن ياكى قولدىن كەتكەن خىسلەتلىك ئىشق دۇنياسىغا يېڭىدىن تەلپۈنۈۋاتقان بىر ھەسرەتلىك ئادەمنىڭ ئەلەم ۋە شادلىق تۇيغۇلىرىدىن پۈتۈلگەن تەسىرلىك ھايات ھېكايىسى. ئېنىقكى بۇنداق ھېكايە مۇھەببەت ۋە ۋاپا دۇنياسىغا تۇنجى قەدەم باسقان يېڭى ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ئادەتتىكى مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە سىرلىق بولىدۇ. يازغۇچى ساجىدە سۇلايمان ئۆزىنىڭ «مۇھەببەتتە مېنىڭمۇ ھەققىم بار» ناملىق تۇنجى رومانىنى دەل مۇشۇنداق تۇرمۇش ئومۇمىيلىقىغا ئىگە بولغان مۇرەككەپ ۋە ئۆتكۈر تېمىغا بېغىشلايدۇ. ئۇ ئەسىرىدە ئۆمۈرلۈك ۋاپادارىدىن ئايرىلىپ تۇللۇق ۋە بويتاقلىق دەشتىدە سەرسان بولغان بىر جۈپ ئىرادىلىك ئەر - ئايالنىڭ شىددەتلىك ھايات قايناملىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بەخت شادلىقىغا تولغان يېڭى مۇھەببەتلىك ئالىمىنى ياراتقانلىقىنى تەسۋىرلەپ بۇ كونا ئەنئەنىۋى تېمىغا يېڭى ھاياتىي مەنە بېرىدۇ.
ئوبزورچى بەختىگۈل نىزاق «<مۇھەببەتتە مېنىڭمۇ ھەققىم بار> رومانى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىدا بۇ روماننى پېرسوناژ، قۇرۇلما، چىنلىق ۋە بەدىئىي خاسلىق تەرەپلەر بويىچە ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىپ، رومان مەزمۇنىنىڭ دەۋرىمىزنىڭ تۇرمۇش رېئاللىقى بىلەن مەنتىقى مۇناسىۋىتى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىدۇ. ئۇ رومان ئاپتورنىڭ رېئال تۇرمۇش قايناملىرىغا كىرىپ، بىر - بىرىدىن كەسكىن ۋە ئۆتكۈر زىددىيەت توقۇنۇشلىرى ئىچىدە تاۋلىنىپ پىشقان، ئۆزىگە خاس مىجەز-خاراكتېرگە ئىگە بولغان بىر گۇرۇپپا تىپىك پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىپ، روماننى دەۋرىمىز كىشىلىرىنىڭ مۇھەببەت ۋە نىكاھ ھەققىدىكى يېڭىچە پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ ئوبرازلىق بەدىئىي سۈرىتىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاپتورغا مۇناسىپ ئىجادى ئىلھام بېرىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ژۇرنالغا ھەبىبۇللا مىجىتنىڭ شائىر بوغدا ئابدۇللانىڭ لوپنۇر تېمىسىدىكى شېئىرلىرى توغرىسىدىكى ماقالىسى، ئاينۇر دولقۇننىڭ يېڭى دەۋر ئەدەبىي ئاخباراتىنىڭ تېما ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدىكى ماقالىسى، ئىمىگۈل يۈسۈپنىڭ يازغۇچى ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ «مەڭگۈلۈك سېغىنىش» ناملىق پوۋېستى ھەققىدىكى ماقالىسى، روزى سوپىنىڭ يازغۇچى ئابباس مونىيازنىڭ «غەمگۈزار» ھېكايىسى ھەققىدىكى ماقالىسى، ھەزرەتئەلى ئەلىنىڭ شائىر جاسارەت تاش قاتارلىق ئۈچ شائىرنىڭ ئۈچ پارچە شېئىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى قاتارلىق بىر مۇنچە ئىجادىي ماقالىلەرمۇ بېرىلگەن. بۇلاردىن كىتابخاننىڭ كۆپرەك دىققىتىنى تارتىدىغىنى ئىمىگۈل يۈسۈپنىڭ «‹مەڭگۈلۈك سېغىنىش› ھەققىدە مۇلاھىزە» ناملىق ماقالىسىدۇر. ئاپتور بۇ ماقالىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىغا بېغىشلانغان بۇ پوۋېستنى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەممە زۆرۈر، ماھىيەتلىك ئامىللارغا باغلاپ مۇھاكىمە قىلىدۇ. ئۇ پوۋېستنىڭ نەتىجە ۋە يېتەرسىزلىكلىرىگە ئوخشاش نەزەر ئاغدۇرۇپ، ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان مۇستەقىل پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ پوۋېستنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەسەردىكى لىرىك تۇيغۇ ۋە ھېسسىياتنىڭ كۈچلۈكلۈكى، ئۇنىڭدا ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ بەلگىلىك ئىپادىسىنى تاپقانلىقى، ئەسەرنىڭ بايان ۋە تەسۋىرلىرىدە بەدىئىي ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ ئىجادىي قوللىنىلغانلىقى قاتارلىق تەرەپلەر بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرسە، ئۇنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى ئەسەر ماۋزۇسىدىكى نابابلىق، باياندىكى تەكرارلىق، تىلدىكى نامۇناسىپلىق، جۈملىلەردىكى مەنتىقسىزلىق، ئىشلىتىلگەن سۆز - ئىبارىلەرنىڭ دەۋر تۈسىگە، ئەسەرنىڭ ژانىر خاسلىقىغا ماس بولماسلىقى قاتارلىق ماھىيەتلىك نۇقتىلار ئاساسىدا ئىسپاتلاپ كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئاپتور مۇھاكىمىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، كۆز قارىشىنىڭ ئېنىقلىقى، پىكىردىكى دادىللىقى بىلەن بىزنى قايىل قىلىدۇ.
يۇقىرىقى مۇھاكىمىلىرىمىزدىن كېلىپ چىقىدىغان ئەقلىي يەكۈن شۇكى، «شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» ژۇرنىلىنىڭ بۇ تۇنجى سانى مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى مۇلاھىزە قىلىنغان ئىجادىي ماقالىلەرنى ئاساس قىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدىكى نەتىجە ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى ئىلمىي ھالدا يورۇتۇپ، كىتابخانلىرىمىزغا يېڭى تەرەققىيات دەۋرى ئېلىپ كەلگەن، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن مۇناسىپ خەۋەردار قىلىش مەقسىتىگە يەتكەن. ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھەرقايسى تۈر، ژانېرلىرىدىكى ئىجادىي ئەسەرلەر مۇھاكىمىسىگە شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان ئىمىن ئەخمىدىنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھۆرمەتلىك تۆھپىكارى، تونۇلغان ئەدەبىي تەرجىمان سۇ يۇڭچىڭ ھەققىدىكى ماقالىسى بىلەن تەنقىدچى ۋە ئەدەبىياتشۇناس كېرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى» تونۇشتۇرۇلغان ماقالىسىنى كىرىشتۈرۈپ، ژۇرنالنىڭ مەزمۇن رەڭدارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.
«شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» ژۇرنىلىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىي قەدەملىرى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي!

ئىزاھلار:
[2] ئازات سۇلتان:» پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەت«، «شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» 2014-يىللىق 1-سان 8-، 9-بەتلەر.
[3] ئەنۋەر ئادۇرېھىم:» ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئورنى ۋە نۇپۇزى«، «شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» 2014-يىللىق 1-سان 11-بەت.

ئاپتور: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پىنسىيۇنېرى
«شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 2-ساندىن ئېلىندى。




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-30 12:42:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نى ۋە «شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» ژۇرنىلىنى قوللاپ كېلىۋاتقان كەڭ ئوقۇرمەن، ئاپتورلارنىڭ بايرىمىنى ۋە ھېيىتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەڭ ئوقۇرمەن ۋە ئاپتورلارنىڭ بىزنى داۋاملىق قوللاپ -قۇۋۋەتلىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2014-9-30 12:54:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى»ژۇرنىلىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېڭى دۇنياغا كۆز ئېچىپ، تۇنجى سانىدىلا نۇرغۇن ئوبزورچىلارنىڭ قىممەتلىك تەتقىقات ۋە ئوبزور-ماقالىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن تاشلانغان يەنە بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك قەدەمدۇر.
بۇرۇنقى «تارىم»قاتارلىق بىر نەچچە ژۇرناللاردا ھەر ساندا بىرەر پارچىدىن ئوبزور-ماقالىلەرنىڭ بېرىلىشىدەك تار دائىرىدىكى ئوبزورچىلىق سەھنىسىدىن، مۇستەقىل ھالدىكى كەڭرى سەينانىڭ ھاسىل بولغانلىقى- يېڭىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان ئوبزورچىلار قوشۇنى ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت.

ۋاقتى: 2014-9-30 12:57:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


          ھېيتلىق سوۋغىمىز ئاددىي ئەمەس ئىكەن.

ۋاقتى: 2014-9-30 13:05:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تونىلغان ئەدىب ،داڭلىق ئەدەبىي ئوبزورچى ،ژورنالسىت  مۇھەممەت پولات ئاكنىڭ يىقىندا ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 50 يىل ››نامىلىق ئىككى قىسىملىق ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ جەۋىرى بولغان ئوبزورلار توپلىمىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ سۆھبىتىگە ئىشتىراك بولغانتىم ،باشقا ئەدىب ۋە  يازغۇچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە نائىل بولغانتى ھەم ئەمگەكلىرىدىن سۆيۈنگەن ئىدىم ،يۇقارقى ماقالىسىنىمۇ ئوقۇپ ناھايتى مەمنۇنىيەتلىك ۋە ئىپتىخارلىق ھىس قىلۋاتىمەن ..........

ۋاقتى: 2014-9-30 13:13:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېيتلىق سوغاتقا بارىكاللا!

ۋاقتى: 2014-9-30 14:18:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژورنالنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنى قۇتلۇقلايمەن . ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ .

ۋاقتى: 2014-9-30 15:59:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» ئاخىرى رۇياپقا چىقىپتۇ، ژورنالنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنى قۇتلۇقلايمەن . بۇ يولدا ئەجىر-مىھنەت سىڭدۈرگەن تۆھپىكارلارغا ئالىي ئىھتىرام!

ۋاقتى: 2014-9-30 17:23:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىۋىر ئەپەندىمنىڭ ھېيتلىق سوۋغىتىغا ھەشقاللا! ژۇنالنى تېپىپ ئوقۇش بەك تەسكە چۈشىۋاتىدۇ.

ۋاقتى: 2014-9-30 17:23:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەررىرنىڭ ئەسەر ئاپتورلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان ئاساستا ياخشىراق ئەسەرلەرنى تاللاپ تورىمىزدا ئېلان قىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2014-10-1 00:34:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ ژۇرنالنى پراففىسۇركىرىمجان ئابدىرىيىم مۇئەللىمدىن ئېلىپ ،زىقىش ئىچىدە ئۇقۇپ چىقتىم،مەزمۇنى ھەقىقەتەن مول،ۋە رەڭدار بوپتۇ.بۇ ژۇرنال  دىيارىمىزدىكى ئەدەبى تەنقىدچىلىك سورۇنىنى كىڭەيتىپ،ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ تەرەققى قىلىشغايەنە بىر كەڭ سەينا ھازىرلاپ بەردى .بۇنىڭدىن ئەدەبى تەنقىدچىلىكنىڭ كەلگۈسىنى كۈرۋالغىلى بۇلىدۇ.ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تېخىمۇ تەرەققى قىلغۇسى.....

ۋاقتى: 2014-10-1 00:34:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بايرام ۋە ھېيىتقا ئاتاپ يوللانغان تېمىڭىزغا تەشەككۈر!
2-سان ژورنالنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بىر-بىرىدىن ئېسىل ئەسەرلەر تاللىنىپتۇ، ئەجرىڭلارغا رەھمەت! نەزمى ئەسەرلەر توغرىسىدا يېزىلغان ئوبزورلار سەل كەمدەك ھېس قىلدىم. مۇشۇ جەھەتتە ئىزدىنىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

ۋاقتى: 2014-10-1 10:41:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت پولات ئاكىنىڭ شېئىريەت ھەققىدىكى تۆۋەندىكى بايانلىرى ياشلارغا ناھايىتى ئۇبدان دەرىس بوپتۇ.شۇڭا ماقالىدىن ئۈزۈپ ئېلىپ  چاپلاپ قويدۇم...
ئاپتورنىڭ كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، شېئىرىيىتىمىز ھەقىقەتەن ھاياتقىمۇ، سەنئەتكىمۇ ھېچقانداق ھۆرمەت ۋە مۇھەببىتى بولمىغان ئۆزىنىمۇ، كىتابخانلارنىمۇ قەدىرلىمەيدىغان بىر توپ ئەقىدىسىز كىشىلەر تەرىپىدىن بەكمۇ ئېغىر ئابرۇيسىزلاندۇرۇلدى. ئۆزىدە ھېچقانداق شېئىرىي خۇرۇچنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ بۇ ساھەگە قاراملىق بىلەن قىستۇرۇلۇپ كىرگەن تەۋەككۈلچىلەر بىلەن ئاز - تولا شېئىرىي ئىقتىدار بولسىمۇ، لېكىن مىللىي شېئىرىيىتىمىزنىڭ بەكمۇ نازۇك ۋە ئىنچىكە ئۆلچەم ۋە مىزانلىرىنىڭ بەدىئىي تەلەپلىرىگە ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بىرقىسىم كىشىلەر ھېچقانداق شېئىرىي تەم ۋە پۇراققا ئىگە بولمىغان، مەزمۇنى پۈچەك يارامسىز يازمىلىرىنى شېئىر سۈپىتىدە بازارغا سېلىپ، مىللىي شېئىرىيىتىمىزنىڭ مەزمۇن روشەنلىكى بىلەن سەنئەت رەڭدارلىقىدا ئىپادىلىنىدىغان بەدىئىي يارقىنلىقنى خىرەلەشتۈردى. ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغىنى شۇكى، رېئال ھاياتنىڭ مەنىسىزلىكى ۋە شەپقەتسىزلىكىدىن زارلىنىپ، تەسەۋۋۇرىدىكى خىيالىي دۇنياغا مۇھەببەت قويغان بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىدسىزلىككە تولغان چۈشكۈن روھىي دۇنياسىنىڭ كۆرۈمسىز سۈرىتى بولغان بۇ غەلىتە يازمىلىرىنى ھەرخىل ۋەھىمىلىك نەزەرىيەۋى سەپسەتىلەر بىلەن پەردازلاپ، ئۇلارنى مىللىي شېئىرىيىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يېڭى ئىجادىي شېئىرلار سۈپىتىدە كىتابخانلارغا زورلاپ تاڭدى. ئۆزلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ھەرقانداق بىر ئىجادىي ئەسەرنى تۇيغۇ نامراتلىقى بىلەن مەزمۇن گادايلىقىدا ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ ھايات نەپسىنى بوغۇپ تۇنجۇقتۇرۇشقا ئۇرۇندى. مېنىڭچە ئەمدى، بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ شەخسىي نام-ئابرۇي بىلەن ھېسابلاشماي، ئىنكار قىلىنىش ۋە تىل - ئاھانەتكە قېلىشتىن قورقماي، شېئىرىيىتىمىزدىكى بۇ خىل پاخاللىشىش ھادىسىسىگە بولغان پىكىر ۋە كۆز - قاراشلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇش ۋاقتى كەلدى. بىزنىڭ بۇ يەردە تالىشىدىغىنىمىز قانداقتۇر ئىمتىياز ۋە نام - شۆھرەت ئەمەس، بەلكى، ھېچقانداق شەخسىي تەۋەلىكى بىلەن ئىگىدارلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان، پەقەت خەلققىلا تەۋە بولغان مۇقەددەس سەنئەت بىلەن ئۇلۇغۋار شېئىرىيەت! شۇنداق ئىكەن، بىز يەنە نېمىدىن چۆچۈپ بۇنداق زۇۋانسىز يۈرىۋېرىمىز؟

ۋاقتى: 2014-10-1 11:36:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىھەم يوللىغان ۋاقتى  2014-10-01 10:41:29
مۇھەممەت پولات ئاكىنىڭ شېئىريەت ھەققىدىكى تۆۋەندىكى ب

بۇ گەپلەرنى دېيىش ئاسان، مۇھىم بولغىنى پاكىت كۆرسىتىش ۋە كىملەرنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاش. مېنىڭچە يالقۇن روزىدىن باشقىلار بۇنى قىلالمىدى ھەم قىلالمايدۇ. ئەپسۇسكى يالقۇن روزى شېئىرغا ئوبزور يازمايدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيغۇران تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-2 11:06  


ۋاقتى: 2014-10-1 16:12:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىياتشۇناشلىق تارىخمىزمۇ 1000يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، ئەدەبىيات تارىخىمىز تېخىمۇ پارلاق، ئەمما شۇنچە پارلاق ئەدەبىياتىمىزدا نەزەرىيە قۇرۇلۇشى تولىمۇ ئاجىز  بولۇپ كەلگەن. ئەدەبىياتشۇناسلىق تەتقىقات يۆنىلشى بارغانسىرى ئىنچىكىلەشمەكتە.بىزدىكى  ئەدەبىيات نەزەرىيەچىلىرى، ئەدەبىيات تارىخچىلىرى ، ئەدەبىيات تەنقىدچىلىرى يەنىلا كەسىپلشىشتىن يىراق، داشقايناق ھالىتىدە تۇرماقتا. بۇنداق بولىشىدا ئۇلارغا يىتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان بىرەر  تەتقىقات ئورنى، ھېچبولمىغاندا مەخسۇسلاشقان ژورنال- مەتبۇئات يوق ئىدى. بۇ يىل -يەنى 2014-يىلى ئازات سۇلتان قاتارلىق ئەدەبىيات سۆيەر رەھبەرلەرنىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە « شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» نامىدا ئەدەبىيات تەنقىدچىلىكى جۈملىدىن ئەمەلىي تەنقىدچىلىك بىلەن نەزەررىيىۋى تەنقىدچىلىكنى ئۈنۋېرىسال ئوبىيكىت قىلغان ژورنال ئاخىرى چىقتى. بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىز  ئۈچۈن ناھايتى چوڭ بىر ئىش  بولدى. ئەپسۇسلىنارلىقى  شۇكى، ژورنالنىڭ ئىچكى ژورنال بولىشى ، كەڭ تارقىتىلماسلىقى بۇ ژورنالنىڭ ئەڭ چوڭ  رولىنى چۈشەپ قويدى. رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى ، ژورنالنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئەلۋەتتە تەنقىدچىلەرنىڭ ماقالىسىنى ئېلان قىلىۋىلىشى ئۈچۈنلا بولماسلىقى كىرەك. موھىمى ئۇنىڭدىن كەڭ يازغۇچى  شائىرلار، يازغۇچىلار ئوقۇرمەنلەر جۈملىدىن  ھەۋەسكارلار ئوزۇق ئېلىشى، ئۆزىگە بىر يول كۆرسەتكۇچى قىلىشى كىرەك. ئوبزور-تەنقىد ماقالىلىرىنىڭ رولىمۇ ئەسەر، يازغۇچى-شائىر ۋە ئەدەبىيات ھادىسلىرىنى توغرا شەرھىلەپ ياخشى يازغانلار مەدەت، ناچار يازغانلارغا سىگىنال بېرىشىتۇر. بۇ ژورنال يا كىتابخانىلارغا سېلىنمىسا، يا مۇشتەرى قوبۇل قىلمىسا،، ماڭا ئوخشاش ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ئادەمۇ ژورنالنى تاپالمىسا بۇ ژورنال رولىنى كىمگە كۆرسىتىدۇ ؟
ئويلىشىش كىرەك . ژورنالنىڭ نەشىر قىلىنىشى ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بولدى، بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان تىرىشچانلىقلار كەتكەن بولىشى ئېنىق. لىكىن «شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى»ژورنىلى ئىسمى بار ،جىسمى  بار لىكىن رولى يوق ژورنال بوپ قالماسلىكى  كىرەك. بۇنىڭ  ئۈچۈن ژورنالنى ئاشكارا تارقىتىلىدىغان ژورنال قىلىشى  كىرەك. كىتابخانىلارغا سېلىشى، مۇشتەرى قوبۇل قىلىشى كىرەك ،شۇندىلا مەزكۇر  ژورنال ئىسمىي جىسمىغا لايىق بولغان ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ژورنىلى بولىدۇ. ھەم بۇ ژورنالنىڭ رولىمىۇ ، تەسىرىمۇ بولىدۇ. ئەدەبىياتىمىغا يىتەكچىلىك قىلالايدىغان بىر ئورگانغا ئايلىنىدۇ.
ئۇنداق بولمايدىكەن، خۇددى مېيىپ ئادەمگە ئوخشاش، تىنىقى بار . ئەمما تۆپىسى يوق ، رولى يوق ژورنال بوپ قالىدۇ . بۇ نوقتىنى ئازات سۇلتان مۇئەللىم قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ۋە ھەر قايسى ئوبزورچىلارنىڭ ئويلىشىپ كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئوبزورچىلىرىمىز  ئەسىرى ئېلان قىلىنسىلا بولدى دەيدىغان ئوبزورچىلار ئەمەس  ئەلۋەتتە، شۇڭا ھەممەيلەن ئويلىغانلىرىمىزنى ئوتتۇراغا قويساق، تەڭ كۈچ  چىقارساق دېگەن ئۈمىدتتە مەن .
ئاخىرىدا ژورنالنىڭ روياپقا چىقىشىغا كۈچ قوشۇۋاتقان مۇھەررىرلەرگىمۇ رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش