ھېيتتىن ھەممىمىز ھوزورلىنايلى
(سۆز ئوينى)
ھەممە ھويلا ھوجوردا،
ھەركەتلىنىپ ھەدىلەر. ھېيتقا ھەسەل ھالۋىنى،
ھازىرلىدى ھەرىلەر.
ھالال ھىممەت ھازىرلاش، ھەممىمىزنىڭ ھەركىتى،
ھوزورلانسا ھىممەتتىن،
ھېيتىمىزنىڭ ھۆرمىتى.
ھېيتنىڭ ھۆرلۈك ھاۋاسى،
ھويلىلاردىن ھالقىيدۇ.
ھارارەتلىك ھىسياتلار،
ھاسىرايدۇ ھارمايدۇ.
ھۆرمەتلىك، ھارارەتلىك ھېيتنىڭ ھازىرقى ھارپىسىدا ھەممىمىزنىڭ ھويلىسىدا ھەركەتچان،ھارماس ھەدىللىرىمىز،ھايالىق ھاممىمىز،ھەرگۈزمۇ ھارمايدىغان، ھاياتلىقنىڭ ھاۋاسىدىن ھەممىمىزنى ھوزوتلاندۇردىغان ھەمراھلىرىمىز؛ ھۆرمەتلىك ھېيتىمىزغا ھىدايەتلىك ھەسەل ھەرىسىدەك ھالال ھىممەتتىن ھەسسە- ھەسسىلەپ ھەسەل-ھالۋىلارنى ھازىرلىدى.
ھازىرلانغان ھوسوللوق ھىممەتلەرنىڭ ھامىلىسى؛-ھەسەل ھەرىسىنىڭ ھالال ھەركىتىدە ھازىرلانغان ھەسەلنىڭ ھەمشىرىسى ھالۋىدۇر. ھەركەتچان ھەسەل ھەرىسى ھازىرلىغان ھالۋىلاردىن ھەيۋەتلىك ھاياتىمىزنى، ھارارەتلىك ھىسياتىمىزنى ھەممىمىز ھۆرلىك ھوقۇقىمىزدا ھوزورلاندۇرايلى.
ھۆرمەتلىك ھېيتتا ھەممىمىزگە ھەسسە- ھەسسىلەپ ھىدايەتلەر،ھۆرلۈك ھورىدا ھوردانغان ھەسەل-ھالۋىلار ھازىرلاندى. ھېيتىكى ھۆرلۈك ھىسياتىمىزنى ھويلىمىزدىن ھەقەمسايىلارنىڭ ھويلىسىغا ھالقىتىپ،ھېيتنىڭ ھەممە ھالاۋەتلىرىدىن ھەم ھوزورلىنايلى ھەم ھەممەيلەننى ھوزورلاندۇرايلى! ھېيتىمىز ھەقىقىتەن ھوزورلۇق،ھاۋالىق،ھارارەتلىك، ھېكمەتلىك،ھىدايەتلىك ھۆرمەتلىك ھېيتتۇر.ھېيتتىن ھەممىمىز ھوزورلىنايلى.
ھازىرلىدىم ھازىرچە،
ھويلىلارنى ھاۋالىق.
ھېيتىمىزنىڭ ھۆرمىتى،
ھەممىمىزگە ھايالىق.
مەخەت ئابدۇرېھىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-6 13:17