يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 486|ئىنكاس: 7

مەخەت ئابدۇرېھىم:دوستلار داننى دەسسىمەيلى(سۆز ئويونى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                   دوستلار داننى دەسسىمەيلى
                                            ( سۆز ئويونى)

                                          مەخەت ئابدۇرېھىم

        دۇنيانىڭ داڭلىق دەستۇرلىرىدا داننى دەسسىگەنلەر دوزاققا دۈملىنىدۇ دىيىلگەن. دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ دادىل داھىسىدىن-دادۈيجاڭلارغىچە، دوختۇرلاردىن -دۇككاندارلارغىچە، دىۋانىلەردىن -دۆلەتمەنلەرگىچە، داخانلاردىن-دەرۋىشلەرگىچە، دۈمچەكلەردىن-دوكلارغىچە، دۇنيا دائىرسىدكى دەريا -دېڭىزلاردىن ، دۆڭلۇك-داۋانلارغىچە، دەل-دەخلەردىن- داقا-دۇمباق دۇتتارلارغىچە، دۇنيادىن-دۆلەتلەرگىچە، دادۈيدىن- دوقمۇشلارغىچە، داننى دەسسىگەنلەرنى دەلىللەپ دەرھال دوزاققا دۈملەنسۇن ! دىيىلگەن. داننى دەسسىگەنلەر دېھقاننى، دادىسىنى، دىلىنى، دۆۋلىگە دەپى- دۇنيا دارامەتلىرىنى، داۋاملىق داۋالىنىدىغان دورىسىنى، دىلكەش دوسلىرىنى دەسسىگەن دەلدۈش،دىۋەڭلەر دەرجىسىز دۈشمەندۇر.
        داننى دەسسىگەن دۆت دىۋەڭلەرنى دۇنيادىكى داڭلىق دوختۇرلا رمۇ داۋالىيالمايدۇ. داننى دەسسىگەنلەر دەلدەڭشىپ،دەلدەڭشىپ داننى دەسسىگەنگە دات دەپ دوزاق دەرۋازىسىدىكى دۈشمەنگە دوڭغۇيۇپ ،دوزاققا دۈملىنىدۇ.
        دوسلار! داننى دەسسىمەيلى، دان دېھقان دادىمىز دۆۋلىگەن ، دۇنيانى داۋالايدىغان داڭلىق دورىلارنىڭ دۇردانىسىدۇر.
               ئاپتۇرى؛ مەخەت ئابدۇرېھىم.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-30 10:04  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-30 12:38:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخەتجاننىڭ مەزكۈر ماقالىسى ماختاشقا مۇناسىپتۇر.

ۋاقتى: 2014-9-30 12:50:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !  ئىلھامىڭىز ئۈزلۈپ قالمىغاي ئاكا !

ۋاقتى: 2014-9-30 15:54:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەۋەتلىرىڭىز دانا، دەبدەبىلىك، داۋلىلىق دېيىلىپتۇ!

ۋاقتى: 2014-9-30 17:03:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۈمچەكلەردىن-دوكلارغىچە.......مۇشۇ جۈملە مەجبۇرىي قىستۇرۇلۇپ قاپتۇ.

دېگەنلىرىڭىز دەڭسەلگەن،دەلىللىك دېيىلمىلەركەن ، دېھقان دادىلارنىڭ دۇردانىلىرىدەكلا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-30 20:06:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م.توختى سەببەت يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 17:03
دۈمچەكلەردىن-دوكلارغىچە.......مۇشۇ جۈملە مەجبۇرىي قىس ...

سۆز ئويونىدا جۈملىنى توشتۇرالماي بەزى سۆزلەرنى ياكى مەجبۇرى،ياكى تەكرار ئېلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالىدىكەن،توغرا چۈشۈنىشلىرىنى سورايمەن.

باھا سۆز

توغرا چۈشىنىمەن.«سۆز ئويونىدا جۈملىنى توشتۇرالماي».ۋەزىپە يوققۇ جۈملىگە...  ۋاقتى: 2014-10-2 01:45 PM
ۋاقتى: 2014-10-4 13:49:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھامىڭىز ئۈزلۈپ قالمىغاي

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-6 12:52:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلى يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 12:50
مۇبارەك بولسۇن !  ئىلھامىڭىز ئۈزلۈپ قالمىغاي ئاكا !

رەھمەت ئىلھام بەرگەنلىرىگە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش