خۇتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرى مەھكىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىدارىسى، ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىش بۇيىچە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ شېئىر دىكلىماتسىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. خۇتەندىكى داڭلىق شائىرلاردىن تەشكىللەنگەن بۇ دىكلىماتسىيە ئۆمىكى مۇشۇ ئاينىىڭ 16-كۈنىدىن 22-كۈنىگە قەدەر خۇتەن ۋېلايىتىدىكى يەتتە ناھىيە، بىر شەھەردە جەمئىي 9 مەيدان دىكلىماتسىيە پائالىيىتىى ئېلىپ باردى. بۇ پائالىيەتكە ۋېلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دولقۇن ھۇشۇر بىرۋاستە يىتەكچىلىك قىلدى. ئاساسى قاتلاملاردىكى كادىر،ئىشچى-خىزمەتچى، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى، دېھقان- چارۋىچىلاردىن جەمئي 5000گە يېقىن كىشى دىكلىماتسىيە ھەم سەنئەت نومۇرلىرىنى ئاڭلىدى ۋە كۆردى.
پائالىيەتتە خۇتەندىكى داڭلىق شائىرلاردىن ئابدۇللا سۇلايمان، ئابدۇقادىر سادىر، مۇختەر سۈپۈرگى، ئابدۇغېنى سېيىت، ئۆمەر مەتنۇرى، ئابدۇرىشات مۇساجان، روزىمەمەت ياقۇپ، مېھرىگۈل ئابلىز، زەيتۇنەم مەمتىمىن قاتارلىقلار ئۆزلىرى يازغان «ئۇقۇيمەن»،«ۋەتەندىن يۈز ئۆرۈش ئۇلۇمدىن يامان»،«ئوخشىماي قالدى»،«خۇشال كۈنلەر» قاتارلىق نادىر شېئرلارنى شۇنداقلا مەرھۇم شائىر تىيىپجان ئىليۇپنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل» ناملىق مەشھۇر غەزىلىنى دىكلىماتسىيە قىلىپ، ئاڭلڭغۇچىلارغا مەنىۋىي ئوزۇق ۋە بەدىئي زوق بەخىش ئەتتى. بۇ شېئىرلاردا ئاساسلىقى، مەركەز، قېرىنداش ئۆلكە-شەھەرلەرنىىڭ خالىس ياردىمى بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خۇتەننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەت-نەتىجىلەر مەدھىيىلەنگەن؛ تۇرمۇشىمىزدا كۆرۈلگەن ۋە كۆرۈلۈۋاتقان ئىلغار مەدىنىيەتكە زىت ناچار ئادەت-تەشەببۇسلار ئۆتكۈر تىل بىلەن قاتتىق قامچىلانغان؛ ئنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەت، دوستلۇققا مەدھىيە ئوقۇلغان. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى رەزىللىككە قارشى كۈرەش قىلىپ تېنىچلىقنى قوغداشقا؛ كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدە ھەققانى-ئادىل، سەمىمى، مېھرىبان بولۇپ، ئىناقلىق- دوستلۇقنى قەدىرلەشكە ئىلھاملاندۇرۇلغان.بولۇپمۇ مائارىپقا، پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ۋەتەن، مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇقەددەس مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى كۆرسۈتۈلۈپ، ئاتا-ئانىلار، پۈتكۈل جەمئىيەت ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىلغان. بۇ قېتىم شىئېر دېكلىماتسىيە قىلىش جەريانىدىكى قىزغىن ئالقىشلاردىن خەلقىمىزنىڭ شىئېرىنى ياقتۇرىدىغانلىقى، شائىلارنى چوڭ بىلىدىغانلىقى يارقىن ئىپادىلەندى.
بۇقېتىمقى پائالىيەتتە يەنە ناھىيە-شەھەرلىك سەنئەت ئۆمەكلىرى ئۆزلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ، پائالىيەتنى ئەۋجىگە كۆتۈردى.
پائالىيەت سۈرەتلىرى
شېئىرىيەت سەپەرى باشلىنىش مۇراسىمى
خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دولقۇن ھوشۇر پائالىيەتنى تەشكىللىمەكتە
سەپەرداشلار
دېھقان-چارۋىچىلار شېئىر دىكلىماتسىيەسنى زوق بىلەن تىڭشىماقتا
كىشىلەر شائىرلارنى قارشى ئېلىۋاتىدۇ
شائىر ئابدۇللا سۇلايمان شېئىر ئوقۇماقتا
شائىر مۇختار سۈپۈرگە شېئىر ئوقۇماقتا
شائىر ئابدۇقادىر سادىر شېئىر ئوقۇماقتا
شائىر ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار شېئىر ئوقۇماقتا
شائىر ئابدۇغېنى سىيىت شېئىر ئوقۇماقتا
شائىر ئابدۇرىشات مۇساجان شېئىر ئوقۇماقتا
شائىر رۇزىمۇھەممەت ياقۇپ شېئىر ئوقۇماقتا
شائىرە مېھرىگۇل ئابلىز نەزەر شېئىر ئوقۇماقتا
شائىرە زەيتۇنەم مەمىتمىن شېئىر ئوقۇماقتا
شائىرلار زىيارەتتە
شېئىر ساداسىغا لەرزان ناخشا-ئۇسۇللار ماسلاشتى