ئۇخلاشتىن بۇرۇن
(ھېكايە)
مۇھەممەد ئەلى دىلئاچار
− تەقدىرنى قەيەردىن ئىزدەيمەن؟
− ئۆزلۈك تولغان دىلىڭدىن.
− ئۆزلۈك تولمىغان بولسىچۇ؟
− مېنىڭچە يەنىلا داۋاملىق سوراۋەرسەڭ بولىدۇ.
مەۋجۇتلۇقىمنى ساقلاپ كېلىۋاتقىنى پەقەت مۇشۇ كونا بەدەن بولغىنى ئۈچۈن، ئۆزۈمدە ئۆزلۈك قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. گەرچە ئۇنىڭ ئاجايىپ پەلسەپىۋى سۆزلىرىنى چۈشەنمىگۈدەك دەرىجىدە بولمىساممۇ، لېكىن مەن سەل تۇرمۇشۇمغا ئۇيغۇنراق جاۋابقا ئېرىشىشنى ئويلايتتىم.
تۆت تام بىلەن قورشالغان «ئۆي» دىكى مەڭگۈلۈك سۈكۈنات ئۈزۈكسىز تەپەككۇر بىلەن ئۈزلۈكسىز بۇزۇلۇپ تۇراتتى. ئالەم قاراڭغۇلىشىۋاتقان ۋاقىتلاردىكى يالغۇز ئولتۇرۇپ ئىنسانلىق ھەققىدە ئويلىنىش تۇلىمۇ گۈزەل ياشاش شەكلى ئىدى.
-ئۈستۈنئادەمنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟
-بەدەن بىلەن روھنىڭ زىدىيىتى يۇقۇرى چەككە چىققاندا، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىن ئادەم غايىپ بولىدۇ-دە، ئالاھىدە كىملىك مەيدانغا كېلىدۇ.
- بۇنىڭ بىلەن ئۈستۈنئادەمنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
- ھايات پەقەت مۇناسىۋەتتىنلا تەشكىل تاپمىغان.
- ئالاھىدە كىملىك ئۈستۈنئادەم ئۆلچىمىگە چۈشۈشكە يېتىشمەمدۇ؟
- سەن نېمە دېمەكچى؟
- مەن پەقەت ياشىماقچى.
- ھە، يۇغان ئىش.
ئالاھىدە سالاھىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان كىشىلەرگە ھۆرمىتىم بار ئىدى. پەيغەمبەرلەر، شائىرلار، پەيلاسۇپلار، پالچىلار، جامبازلار كۆزۈمگە قۇرۇغدالغان دىلغا ئېرىشكەندەكلا تۇيغۇ بېرەتتى.
تۇيۇقسىز يېنىپ قالغان توك، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى خۇشاللىق ئۇچقۇنلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى. ھېچقانچە قىممىتى يوق چىراي ئىپادىسى بىلەن ئۆزىگە يۈزلىنىشنىڭ نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغىنىنى بىلىپ بولمايتتى.
-ئىنساننىڭ قەدرىنى قانداق تېپىش كېرەك؟
-مۇتلەق تەشەببۇسچىلىق بىلەن مۇتلەق ئىنكارچىلىقنى چۇۋۇپ تاشلىغاندا.
روھىم چوڭ بولغانچە دۇنيادا مۇتلەق ھەقىقەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بولغان ئىشەنچىم يوق بۇلۇشقا باشلىدى. ھەر قېتىم ئۆزۈمنى بىر قۇرۇغداپ تاشلىسام، بىر ھەقىقەتنىڭ يالغانلىقى ئاشكارا بولاتتى.
- نېمىشقا بىزگە ھەقىقەتنى باشقىلار بېكىتىپ بەرگۈدەك. شېئىر يېزىش، رەم سېلىش، ماھارەت ئۆگۈنۈش، نەزەرىيە پەيدا قىلىش نېمىشقا باشقىلار بېكىتكەن ئۆلچەم ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغۇدەك؟...
- چۈنكى سەن نېمىلىكىنى ئەمەس، قانداقلىقىنى مۇھىم ئورۇن قىلىپ ئۆگىنىۋاتىسەن.
- ساراڭ بولغان ئوخشايسەن؟
- ئوڭ بولۇشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟
- ئادەم بولىسەن.
- ئادەم بولسا قانداق بولىدۇ؟
- سەن...
ئۇنىڭ جاۋابلىرىنىڭمۇ قانداقلىقىغا ھۆكۈم قىلىشىم تەسكە توختاۋاتاتتى. ئۇنىڭدىن بىراقلا مۇكەممەل بولۇشنىڭ يولىنى بۇنچە كۈچەپ سورىشىمنىڭمۇ ھاجىتى يوقلىقىنى بايقاپ قېلىۋاتاتتىم. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ دېگىنى بۇيىچە ئادەم بولساممۇ، يەنىلا جاپا تارتىشقا، بەدەل تۆلەشكە، قۇبانلىق بېرىشكە توغرا كېلەتتى.
ئايالىنىڭ ئوغلىغا چالۋاقىغان ئاۋازى دېرىزىلەرنى تەۋرىتىپ ئۆتۈپ، ئالەملىك تەۋرىنىش لىنىيىسىگە قۇشۇلۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ دەل مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا تىلنىڭ قۇدرىتىگە تېخىمۇ ھەيران قالاتتى.
شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بولغان پاراڭنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىۋېتىشنى بەكلا ئۈمۈد قىلاتتىم.
-ئادەم بولۇشنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟
-ئادەم بولۇشقا ئۆلچەم بېكىتىشنىڭ ئۆزى، مەڭگۈ ئادەم بولغىلى بولماسلىقنىڭ دەلىلىدۇر.
ھاياتىمنىڭ كۆپ قىسمىدا، باشقىلارنىڭ بېكىتىپ قويغان ئادەملىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن چارچاپ، نىسىۋە قىلىنغان ياشاشنى ۋايىغا يەتكۈزەلمىدىم. ئويلاپ باقسام، ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس، باشقىلار ئۈچۈن ئادەم بولۇش يۇلىغا مېڭىپ كەپتىمەن. ئارىفلىق يېشىنىڭ ماڭا بېرىدىغان مەخپىيىتىنى كۈتۈپ كېلىۋېتىپ، ئاخىرى ئەخلاق قاتارلىقلارنى چۆرۈپ تاشلىدىم-دە، ئادەم بولۇشقا باشلىدىم.
قىزىنىڭ كىتاب ۋاراقلىرىنى شاراقشىتىپ قويۇپ، شېئىر يادلاپ قۇيۇشى، ئۇنى ئۈزۈپ-ئۈزۈپ يوق قىلىپ تۇراتتى.
ئۇ ھەر قېتىم يوق بولغاندا، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ھەقىقىتىنى ئىزدەپ تاپالمىسا، مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنى مەڭگۈ تاپالمايدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالاتتى-دە باشقا كىملىكتە ئۆزلۈكىگە قايتىپ كېلەتتى.
2014- يىلى 5- ئاينىڭ 8- كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-27 11:02