ژۇرنال چىقىرىش سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ھەر مىللەت ئەدەبىي تەرجىمانلىرى ۋەئەدىبلىرىنىڭ ئىجادىيىتىنىگە ياردەم بېرىش شۇنداقلا ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنغان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۈئەسى» (民族文汇) ژۇرنىلىنىڭ خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرۈش مەقسىدىدە چاقىرىلغان «شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرىدا چىقىدىغان ئەدەبىي ژۇرناللار مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنى «مىللەتلەرئەدەبىياتى مەجمۈئەسى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى كۆمۈركان مېھمانسارىيىدا ئېچىلدى.
يىغىنغا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيەت - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۈئەسى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررى دىلمۇرات تەلئەت، تەھرىرات باشلىقى ما يۇەنيۇەن قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدىكى ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەدەبىي تەرجىمان، ئەدىبلەردىن بولۇپ 30 غا يېقىن كىشى قاتناشتى. ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلىۋاتقان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۈئەسى» ژۇرنىلى، دەسلەپتە خەنزۇچە «مىللى يازغۇچىلار» (民族作家) دىگەن نام بىلەن نەشر قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى كەڭ خەنزۇ ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرۇشتا، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى پۈتۈن مەملىكىتىمىزگە يۈزلەندۈرۈشتە كۆرۈكلۈك رول ئويناپ، ناھايتى ياخشى ئىجدىمائىي ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. كېيىنچە تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن بۇ ژۇرنال تەرمىلەر، ئاممىباپ ئوقۇشلۇق تىپىدىكى ژۇرنالغا ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى رولىنى كۆڭۈلدىكىدەك جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىدى. بۇ قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيەت سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسى ، ژۇرنالنىڭ دەرىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ئۇنىڭ بۇرۇنقى فۇنكىسىيەلىك رولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى كەڭ خەنزۇ ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرۇشتا يەنە بىر كۆزنەكنى كۆپەيتىش قاتارلىقلارنى چىقىش قىلىپ، ژۇرنال تەھرىراتىدىكى مەسئۇل خادىملارغا قارىتا قايتا تەڭشەش، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى دىلمۇرات تەلئەتنى ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرلىكىگە تەيىنلىدى. يىغىندا ئالدى بىلەن دىلمۇرات تەلئەت «مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۈئەسى» ژۇرنىلىنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ژۇرنالنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقى، ھەرقايسى ئانا تىلدا چىقىۋاتقان قېرىنداش ژۇرناللارنىڭ ۋاقتىدا ئۆز ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۈئەسى» ژۇرنىلىغا تەۋسىيە قىلىشىنى، ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسىگە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمئىيىتى بىلەن «مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۈئەسى» مەسئۇل بولىدىغانلىقى قاتارلىق كۆنكىرىت ئىش ھالقىلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى ۋە بۇنى ھەرقايسى ژۇرناللار بىلەن «مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۈئەسى» ژۇرنىلى كېلىشىم شەكلى ئارقىلىق يۈرگۈزۈپ، تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ژۇرنالدا ئىشلىتىلىشىگە قاراپ تەۋسىيە ھەققى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنغاندىن كېيىن چىقىدىغان ژۇرنالنىڭ ژۇرنال چىقىرىش يۆلۈنىشى، مۇھىم سەھىپىلىرىنى تونۇشتۇردى. ئاندىن ئەكپەر غۇلام، ئابلىز قاسىم، سۇ يوڭچېڭ (مۇھەممەد ئابدۇلئەزىز) ياسىن زىلال، ئۆمەر مۇھەممەت كروران، ئۆمەرجان سىدىق، دولقۇن تۇردى، يىن خۇا قاتارلىق ئەدەبىي تەرجىمان ۋە ھەرقايسى ژۇرناللارنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ، ژۇرنالنىڭ ئەسەر تاللاش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تەرجىمە سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ژۇرنالنى كەڭ تەسىر ۋە نوپۇزغا ئىگە ژۇرنال قىلىپ تەرەققى قىلدۇرۇش، ژۇرنالنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ژۇرنالنىڭ ئەتىراپىغا تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىي تەرجىمان ۋە يازغۇچىلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، بۇندىن كېيىن ئەمىلى ھەركىتى بىلەن ژۇرنالنى قوللاش، ئەسەر بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلار ھەققىدە قىممەتلىك پىكىر، تەكلىپلەرنى بەردى.
ئاخىرىدا رەئىس ئازات سۇلتان سۆز قىلىپ، ژۇرنالنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشنىڭ مۇھىملىقى، ئۇنىڭ شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى كەڭ خەنزۇ ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرۇشتىكى رولى، ئەھمىيىتى قاتارلىقلار ھەققىدە توختىلىپ، ژۇرنال تەھرىراتىدا ئىشلەۋاتقان مۇھەررىر ۋە خىزمەتچى خادىملاردىن تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، توغرا بولغان ژۇرنال چىقىرىش يۆلۈنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئامال ۋە چارىلەرنى تېپىپ تېخىمۇ زورنەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۈئەسى» ژۇرنىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە تېخىمۇ ياخشى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى.
|