شېئىرلار
مۇھەممەد سالىھ (ئۆزبېكىستان)
سىز كەبى
مەن ئۆزۈمنى ئايىدىم بىراق،
يەتتە ئۆلچەپ بىر كەستىم دائىم.
بۈگۈن مانا ئاغرار سىرقىراپ،
يەتتە ئۆلچەپ بىر كەسكەن جايىم.
چۆچۈپ ئويغىنىمەن سەھەرلەر،
سىقىلىدۇ ناھايەتكى دېمىم.
ئايغاقچىدەك تاپ بېسىپ كېلەر.
ھەربىر ئويلاپ باسقان قەدىمىم.
تەبىئەت كەبى
سىر ساقلىيالماس ھېچكىم تاش كەبى،
يامغۇردەك تۆكەلمەس ھېچكىم سىرىنى.
ھەرقانچە نازىنىن بولسۇن ئۇ مەيلى،
سابادەك سىلىماس چېچڭنى رەپىق.
بارچە كىچىككەنلەر بىر بولۇپ كەلسۇن،
كۈز كەبى يېقىملىق كەلمەس كېچىكىپ.
قانچە جىلمايسىمۇ ئۆلۈم ئالدىدا.
شېئىر
سوغۇق كېچە كەبى ئەندى شېئىر،
ياپىراقلىرىنى تۆكتى سەتىرلەر .
ياق، ھېچكىمدىن خاپا ئەمەسمەن،
پەقەت سوغۇق كېچە كەبى شېئىر.
ياق، كىملەردىن خاپا بولاتتىم،
پەقەت شېئىر...
پەقەت ھەربىر سۆز ياقىسىنى كۆتۈرۈپ،
بىگانە ئادەمدەك ئۆتۈپ بارماقتا.
شائىرلار قەۋمى
شائىرنىڭ ئاتىسى كەمبەغەل،
ئانىسى كۈلپەت.
شائىرنىڭ ۋەتىنى يوق، بالىلىرى كۆپ،
شائىرنىڭ ھاياتى مەشىرىقتە،
ھەم مەغرىپتە بىر خىل،
شائىرلار دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىگە،
چېچىلىپ كەتكەن مىللەت.
مەسئود ئەيسا تەرجىمىسى
مەنبە:
ئىلى كەچلىك گېزىتى 16-سېنتەبىردىكى سانىدىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-26 23:38
|