يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 683|ئىنكاس: 11

ئامىنە ئابدۇۋاھىد : تىلسىم گۇل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تىلسىم گۇل

(چۆچەك)

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا پارىس ئېلىنىڭ بىر پاتىشاسى بولغان ئىكەن ئو پاتىشا نايتى ئاق كۇڭۇل، بەكمو سەمىمى ،خەلق پەرۋەر كىشى ئىكەن ،ئۆزىنىڭ كۆڭلى كۆكسىنىڭ كەڭلىگىگە پۇتۇن دۇنيا سىغسىمو لېكىن پەرزەنتى يوق ئىكەن ،دۇنيادىن پەرزەنتسىز ئۆتۇشنى ئويلىسا كوڭلى بەكمو يېرىم بولىدىكەن.ئو پاتىشا 60 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۇنىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئوردا ئىچىدىكى مەرتىۋىسى يۇقىرى كىشىلەردىن 60 نى بارلىق خانىش ۋە كېنىزەكلەرنىمو بو يىغىلىشقا قاتناشتۇرۇپ كاتتا زىياپەت بېرىپتو.زىياپەت ئارىلىقىدا ئوردىدىكى بارلىق ۋەزىر-ۋۇزرالار،خانىش،كېنىزەكلەر پاتىشانىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى تەپرىكلەپ سوغا سالام ھەدىيە قىپتو ،ئالدىن تەييارلاپ قويغان بىر ئۆي ئالتۇن-كۇمۇش ،زىلچا-گىلەم ،قىممەت باھالىق جاۋاھىرلار بىلەن لىق توشۇپتو.پەقەت كىچىك خانىشلا ئولتۇرغان ئورنىدىن قوزغالماي جىم تۇرىۋىرىپتۇ، بو ھالنى كۇرگەن پاتىشا -ئۆزلىرىچو؟ دەپ خانىشقا بېشى بىلەن شەرەت قىپتو.ئەقىللىق خانىش دەررو ئورنىدىن تۇرۇپ پاتىشاغا تازىم بىجا كەلتۇرگەندىن كېيىن
-سىزگە بەرمەكچى بولغان سوۋغىتىم قۇرسىقىمدا دەپ ،قورسىقىنى يەڭگىل سىلاپتۇ، ھەم بويىدا قالغانلىقىغا 60 كۇن بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بو خوش خەۋەردىن پاتىشانىڭ بېشى كۇككە تاقاشقاندەك بوپتۇ.ھەم كىچىك خانىشنى بۇرۇنقىدىنمو نەچچە ھەسسە ئەتىۋالاپ خاس كېنىزەكلىرىنىمو نەچچە ھەسسە كۆپەيتىپ ئالايدە كۇتۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتو.كۇن ئۆتۇپ ئاي ئۆتۇپ خانىشنىڭ ئاي كۇنى توشوپ ئاي دېسە ئاغزى بار ،كۇن دېسە كۆزى بار بىر قىز پەرزەنت تۇغۇلۇپتو.پاتىشا خوشاللىقىدا قىرىق تۆگە،قىرىق قوتاز،قىرىق كالا. قىرىق قوي،قىرىق ئۆچكە ،قىرىق توخا،قىرىق كەپتەر سويوپ قىرىق داشنى قاينىتىپ 40 كۇن نەزىر بېرىپ ئاللانىڭ پەرزەنت ئاتا قىلغىنىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۇرۇپتو. كۇن ئۆتۇپ،ئاي ئۆتۇپ، يىل ئۆتۇپ مەلىكەم ئون تۆت كۇنلۇك تولون ئايدەك ھۆسنىگە تولوپ ئون تۇت ياشقا كىرىپ قاپتۇ،بو مەلىكەمنىڭ تەرىپىنى ئاڭلىغان خوشنا ئەللەرنىڭ شازادىلىرى مەلىكەمگە غايىۋانە ئاشىق بىقارار بوپتو. پاتىشا قىزىنىڭ گۇلدەك بەرىق ئۇرۇپ ئۆسەۋاتقانلىقىدىن شاتلانغان بولسىمو ئۆزىنىڭ كۇندىن-كۇنگە قېرىپ كېتىۋاتقانلىغىدىن يەنىلا كوڭلى يېرىم ئىكەن.بىر كۇنى پاتىشا مەلىكەم بىلەن خانىشنى يېنىغا چاقىرىپ مەلىكەمنىڭ بويىغا يېتىپ قالغانلىقىنى ،خوشنا ئەللەردىن كەلگەن پاتىشالارنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئايىغىنىڭ ئۇزۇلمەي ۋاتقانلىقىنى.بو ھەقتە مەلىكەمنىڭ قارىشىنى بىلىپ باققۇسى بارلىغىنى ئېيتىپتۇ.مەلىكەم بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن -مەن بىر ئۆمۇر توي قىلماي سىلەرگە ھەمرا بولاي دەپ ئويلىغان ئىدىم ،بو ئويوم ئوي بولمىغىدەك ،مېنى ئەمرىگە ئېلىشنى ئويلىغان يىگىت چوقۇم تىلسىم تاغدىن تىلسىم گۇلنى ئەپ كېلىشى كېرەك دەپتۇ.قىزىنىڭ بو جاۋابىدىن ھەيران قالغان پاتىشا
-قىزىم تىلسىم گۇل دېگەن قانداق گۇل؟ نىمىگە ئىشلىتىلىدو؟ سەن ئۇنى قانداق بىلدىڭ ؟ دەپ سوراپتو.چېچەن قىز
-مەن ئو گۇلنى چۇشۇمدە كۆردۇم.ئۇ گۇل تىلسىم تاغدا ئۆسىدىغان ئاق ئەتىرگۇلگە ئوخشاپ كېتىدىغان،گۇل بەرگىدىن ئاپپاق چېچەكلەيدىغان قار رەڭلىق گۇل بولوپ ئۇنى پۇرىغان ئادەم قىرانلىقىغا قايتىپ ئۇزاق ئۆمۇر كۆرەرمىش ،مەن شو گۇلنى ئەپ كېلىپ سىزنى قىرانلىقىڭىزغا قايتۇرالايدىغان ئەرگە ياتلىق بولسام دېگەن ئۇمۇدۇم بار دەپتو. قىزىنىڭ چېچەن ھەم ۋاپادارلىقىدىن مەمنۇن بولغان پاتىشا ئورنىدىن تۇرۇپ
-رەخمەت قىزىم دەپ قىزىنىڭ پېشانىسىگە ئاتىلىق مېھرى بىلەن سۇيۇپ قويوپتو ھەم خودايىم بەختىڭىزنى بەرسۇن قىزىم دەپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا قىپتو.
پارىس ئېلىدىكى جارچىلار كوچىمو-كوچا ئايلىنىپ
كىمدە كىم تىلسىم تاغدىن تىلسىم گۇلنى ئېلىپ كەلسە پاتىشايىمىز مەلىكىسىنى شو يىگىتكە بېرىشنى قارار قىلدى!!! دەپ جار ساپتو بو خەۋەر پۇتۇن پارىس ئېلى،رىم مەملىكىتى، شۇنداقلا پۇتۇن خوشنا دۆلەتلەرنىڭ شازادىلىرىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتو.
بو خەۋەرنى ئاڭلىغان ئاۋغان پاتىشاسىنىڭ كىچىك شازادىسى ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاتىسىنىڭ دۇئا بېرىشىنى ئۆزىنىڭ تىلسىم تاغدىن تىلسىم گۇلنى ئېلىپ كېلىپ پارىس مەلىكىسىنى ئەمرىگە ئېلىش نىيىتىنىڭ بارلىغىنى ئېيتىپتۇ. ئوغلىنىڭ بو ئۇلۇغۋار نىيىتىنى بىمەنە دەپ چۇشەنگەن ئاۋغان پاتىشايى قەتتى قارشى تۇرۇپتو، ئوغلىمو نىيىتىدىن يانمايدىغانلىغىنى ئېيتىپ مەھككەم تۇرىۋاپتو ،ئامالسىز قالغان پاتىشا ئوغلىغا
-مەن ساڭا پاتىشالىقىمنى بېرىپ تەخىت ۋارىسى قىلاي دېگەن ،لېكىن سەن مېنىڭ دېگەن يىرىمگە بارمىدىڭ ،بوپتىلا مەن ساڭا دۇئا بىرەي!!!!!نا ئۇمۇت قالماسلىقىڭ ئۇچۇن تاغ بىلەن ئورالغان ۋاخان كارىدۇرىنى ساڭا مىراس قىلىپ بەردىم بېرىش بارماسلىقىڭنى ئاناڭ بىلەن مەسلەھەتلىشىپ بىرمە دەي دەپ ئوغلىنى بەزلەپ قويوپتو. شازادە ئانىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئەۋالىنى ئېيتىپتو ھەم قوشولوشىنى ئۇتۇنۇپ مەككەم تۇرىۋاپتو. شازادىنىڭ ئانىسى-
قانداقمو قىلارمىز ئەمدى تىلسىم تاغ دېگەن بارسا كەلمەس جاي ئىمىش ،بو ھەقتىكى رىۋايەتلەرنى مەنمو كۇپ ئاڭلىغان ،لېكىن بىرەر ئادەمنىڭمو ساق قايتىپ كەلگەنلىگىنى ئاڭلاپ باقمىغان.جېنىم بالام نىيىتىڭدىن يان دەپتو.شازادە
-بىر باشقا بىر ئۆلۇم ،مەلىكىنىڭ ۋەسلىگە يەتمىگۇنچە بولدى قىلمايمەن ماڭا دۇئا بېرىڭ ئانا دەپ تۇرۇۋاپتو ،ئامالسىز قالغان ئانا .خان ئاتاڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كۇرەي خان ئاتاڭ نىمە دەركىن دەپ جاۋاپ بېرىپتو. بو خانىش قالغان بەش ئوغلىدىنمو بو ئوغلىغا بەكمو ئامراق بولغاچقا ئوغلىنىڭ قانداقلا تەلىۋى بولسا پاتىشانى كۇندۇرۇپ ئورونلاپ بېرىشقا تىرىشىدىكەن. ئانا ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىر يۇرتتا خېلى ھۆرمىتى يۇقىرى،نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تىلىنى بىلىدىغان ،يۇرت كەزگەن، يىراقنى كۆرەلەيدىغان بىر ئۆلىمانى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت ئېلىشنى ئويلاپ ئو ئۆلىمانى ئوردىغا تەكلىپ قىپتو.
ئو ئۇلىما
-بو شازىدىمىز ئەڭ مۇشكۇل ئىشقا تەۋەككۇل قىپتو.ئەجدادىمىزدا‹‹قىغ كۇرمىگەن يەر -يەر بولماس،تەۋەككۇل قىلمىغان ئەر بولاس››دېگەن دانا تەمسىل بار ئىكەن ،بوپتو بو شىر يۇرەك شازىدىگە دۇئا قىلسىلا كەرەملىك شائىم دۇئالىرىنىڭ بەرىكاتىدىن تىلسىم تاغدىن تىلسىم گۇلنى ئېلىپ كېلىپ پارىس مەلىكىسىنىڭ ۋەسلىگە يەتسە ئەجەپ ئەمەس دەپ مەسلىھەت بېرىپتو.ئامالسىز قالغان پاتىشا يۇرتتىكى بارلىق غېرىپ-غۇراۋان،تۇل خوتون، يېتىم-يىسىرلارنى يىغىپ ،
-سىلەرگە نىمە ئېھتىياج بولسا مەن بېرەي!! مېنىڭ بالامغا ئاللا بەرسۇن دەپ نۇرغۇن پۇل-مالنى سەدىقە قىلىپ ئۇچ ئاي يەتكۇدەك ئوزۇق-تۇرۇك تەييارلاپ قىرىق تۆگىگە ئارتىپ ،قىرىق غۇلامنى قىرىق تۇلپارغا مىنگىزۇپ ئوغلىنى تىلسىم تاققا يولغا ساپتۇ. بو شازادە تىلسىم تېغى تەرەپكە قاراپ 40 كۇن ماڭا-ماڭمايلا كەلكۇن كېلىپ ئات،تۆگە ،ئوزۇق-تۇلۇك،ھەم قىرىق غۇلامنى ئېقىتىپ كېتىپتو،ھەتتا ئۆزىنىڭ مىنىدىغان ئاق تۇلپىرىمو ئامان قالماپتو.نە ئامال مەلىكىنىڭ ۋەسلىگە يەتمەك ئۇچۇن ھەر قانداق مۇشكۇلاتقا بوي بەرمەسلىككە بەل باغلىغان شازادە قەتتى نىيەتكە كېلىپ يولنى داۋاملاشتۇرۇپتو.ئاچ قوساق،كېچە-كۇندۇز مېڭىپ ھالىدىن كەتكەن شازادىنىڭ ماڭغۇدەك مادارى قالماپتو،ئەتراپىغا قارىسا قاراڭغو بىر ئۆڭكۇر كۇرۇنۇپتو ،بولدىلا ئارام ئېلىپ تاڭ يورىغاندا ئاندىن ماڭاي دەپ ئۇڭكۇرگە كىرىپ سىلاشتۇرۇپ يۇرۇپ بىرتاشنى بېشىغا قوياپ يېتىپلا ئۇيقۇغا كېتىپتو.قانچىلىك ئوخلىغىنىنى ئۆزىمو بىلمەيدىكەن ،لېكىن بېشىنى كۆتۇرۇپ ئەتراپقا قارىسا ئۆڭكۇرنىڭ ئىچى خېلىلا يورۇپ قاپتو ،ئۆڭكۇرنىڭ ئىچىدىكى بىر قورام تاش دۆۋىسى ئىچىدىن بىر كېيىك ئوغلىقىنىڭ تىپىرلاپ بېشىنى ھەر تەرەپكە ئۇرۇپ ياتقانلىقىنى كۇرۇپتو، شازادە مىڭ تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ قورام تاشلارنى ئېلىپ ئوغلاقنى كۆتۇرۇپ يەرگە قويوپتو ،لېكىن ئوغلاقنىڭ بېلى ۋە ئىككىلا پۇتى سىنىپ كەتكەنلىكتىن پەقەتلا تۇرالماي يىقىلىپ چۇشۇپتو.ئوغلاقنىڭ بو ھالىنى كۆرگەن شازادىنىڭ كوڭلى تولىمو يېرىم بولوپتو،قانداق قىلىشىنى بىلمەي ئويلاپ ئولتارسا بىر ئانا كېيىك سەكرىگەنچە كېلىپ بالىسىنى پۇراپ يالىغىلى تۇرۇپتو،ھەم شازادىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن يەللىنى بالىسىنىڭ بېشىغا قىلىپ بالىسىنى ئېمىتىشقا باشلاپتۇ،ئوغلاق بىر ئەمچەكنى ئەمگىچە يەنە بىرئەمچەكتىن سۇت ئېقىپ كېتىپتو بونى كۇرگەن شازادە بولسا مەنمو بىر ئېمىۋالغان بولسام كىچىكىنە مادارىم بولغان بولار ئىدى دېگەننى ئويلاپ ئاستا بېرىپ ئانا كېيىكنىڭ يەنە بىر ئەمچىگىنى ئېمىشقا باشلاپتو،ئانا كېيىكمو باشتا ئانچە-مۇنچە سەكرىگەن بىلەن بارا -بارا جىم تۇرۇپ بېرىپتو.شازادە بېشىنى كۆتۇرۇپ پۇت-قولىغا كۇچ- ماغدۇر كىرگەندەك تۇيغۇغا كەپتو،ھەم ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشىلىپتو دەل شۇچاغدا بىر مۆجىزە كۇرۇلۇپ ئانا كېيىك زۇۋانغا كەپتو.
-ئەي ئاق كۇڭۇل يىگىت سىز تاشنىڭ ئارىسىدىن بالامنى قۇتقىزىۋالدىڭىز ،بالامغا قايتا ھاياتلىق ئاتا قىلدىڭىز بولسا بىللە ماڭايلى بو جىلغىدا سىز يېگۇدەك ھىچنەرسە يوق، ياخشىلىقىڭىزنى قايتۇرغىنىم بوپ قالسۇن ھەركۇنى سۇتۇمنى بېرەي دەپ بېشىنى ئېگىپتو.بو مۆجىزىدىن مەمنۇن بولغان شازادە
-بولىدو بىللە ماڭايلى دەپ ئوغلاقنى كۇتۇرۇپ ئۆڭكۇردىن چىقىپ يولغا راۋان بوپتو.يولدا نۇرغۇن جەۋرى -جاپالارغا دۇچ كەپتو، بىردەم يىلان -چايانلا يولىنى توسسا،بىردەم شىر،يولۋاس، قاۋانلا رغا يولوقوپتو.بولارنىمو كۇچلۇك جەڭ ماھارىتى ۋە ئەقىل پاراسىتى بىلەن باش ئەگدۇرۇپ يولىنى داۋام قىپتو.بو شازادە قانچىلىك ماڭغىنىنى ئۆزىمو بىلەلمەپتو،قۇرسىقى ئاچسا ئۇسىسا ئاشو ئانا كېيىكنى ئېمىپ يولىنى داۋام قىپتو.
ماڭا-ماڭا ئاخىرى بىر بولاق يېنىغا كېلىپ قاپتو،شازادە يۇز-كۆزىنى يۇيۇپ،بۇلاق سۇيىدىن قانغۇدەك ئىچىپ شۇنداق راھەتلىنىپتو.بىر دەم ئارام ئالاي دەپ بولاق بويىدىكى چىملىققا ئۆزىنى تاشلاپ تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىپتو، كىرپىكلىرى جۇپلىشىش بىلەن تەڭ شۇنداق بىر چۇش كۆرۇپتو، چۇشىدە تىلسىم تاغنىڭ يولىنى تاپالماي تەمتىلەپ يۇرسە ساقال بۇرۇتى قاردەك ئاقارغان باشتىن -ئاياغ ئاپپاق كېيىم كېيىۋالغان ،چېھرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان خىزىر سۇپەت بىر بوۋاي ھاسا تېيىنىپ كېلىۋاتقۇدەك شازادە بوۋايغا سالام قىلىپ تىنىچ ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن مەخسىتىنى ئېيتىپتو ،بوۋاي ئېغىر بىر تىنىۋەتكەندىن كېيىن :
-بەكمو مۇشكۇل سەپەرگە ئاتلىنىپسەن بالام!ھەر نىمە دېسەممو نىيىتىڭدىن يانمىغۇدەكسەن ،بوپتۇ،‹‹ئىرادىلىك ئادەمگە،مۇشكۇل ئىش يوق ئالەمدە›› دەپتىكەن ئاللا مۇرادىڭغا يەتكۇزگەي بالام!!!ئاق يوللوق بولغىن!!تىلسىم تاغدىن تىلسىم گۇلنى ئېلىپ پارىس مەلىكىسىنىڭ ۋەسلىگە يەتكەيسەن!!!!ئىلاھە ئامىن !!! دەپ دۇئا قىپتو.شازادە
رەخمەت بوۋا !!!!!!!!!!! دەپ قولىنى سۇنىشىغا ئويغىنىپ كېتىپتو.
شو ئويغانغانچە نەچچە كېچە-كۇندۇز ئوخلىماي يول يۇرۇپ ،يول يۇرگەندىمو مول يۇرۇپ ئاخىرى ھەرخىل گۇل گىيالار ھۇپپىدە ئېچىلغان ،چىرايلىق كپىنەكلەر ئۇچۇپ يۇرۇيدىغان ئەڭ گۇزەل بىر جايغا كەپ قاپتو بو جايدا توققۇز بۇلاق بار بولوپ ھەر بۇلاقتا ھەرخىل نازى نىمەتلەر ئاقىدىكەن.نەچچە كۇن ئاچ -زار يۇرگەن شازادىنىڭ نەپسى تاقىلداپ سۇت ئاققان بۇلاققا دۇم يېتىپ سۇت ئىچمەكچى بوپتو ھېېلىقى ئانا كېيىك قولى بىلەن شازادىنىڭ يۇزىنى سىلاپ
-بو يەردىكى نازى- نېمەتلەرنى ئادەم زاتى يېسە بولمايدو، ئەتراپىڭىزغا قاراڭ نۇرغۇن ئادەملەر موشو بولاقتىن چىققان نازى- نىمەتنى يېيىش ئارقىلىق ئاشۇنداق خادا تاشلارغا ئايلىنىپ قالغان .يەنىلا مېنىڭ سۇتۇمنى ئىچىڭ دەپ يەللىنى بېشىغا توغرىلاپتو. بو سۆزنى ئاڭلىغان شازادە مەلىكىنىڭ ۋەسلىگە يېتىشنى ئويلاپ كۆز ئالدىدىكى نازى-نىمەتلەردىنمو ۋاز كېچىپتو ماڭا-ماڭا ئاخىرى تىلسىم تاققا يېتىپ كەپتو. بو تاغدا ھەرخىل تاش دۆۋىلىرى .ھەرخىل شەكىلدى خادا تاشلاردىن باشقا ھىچ نەرسە كۆرۇنمەپتو.قانداق قىلىش كېرەك؟ئەقىللىق شازادە تىلسىم تاغنى تاپقان ئىكەنمەن چوقۇم تىلسىم گۇلنىمو تاپىمەن دېگەنلەرنى ئويلاپ ھەممە جاينى تەپسىلى ئىزدەشكە باشلاپتو دەل شۇ چاغدا ياتقۇزۇپ قويغان ئوغلاقمو ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇيان -بۇيان چاپقىلى تۇرۇپتو ،بو ئەىۋالنى كۆرگەن شازادە تېخىمو ئۇمۇتكە تولوپتو. ئو ئىزدە-ئىزدە ئاخىرى ئەڭ چوڭ قورام تاشنىڭ ئارىسىدا ئاپپاق ئېچىلغان ئاق ئەتىر گۇلنى كۆرۇپتو، شازادە خوشاللىقىدا بار ئاۋازى بىلەن تىلسىم گۇل !!!!!!!!!!دەپ ۋاقىراپ كېتىپتو ،تاغ ۋە تاشتىن يانغان ئەكىس سادالار تاغ ئىچىنى قاپلاپ كېتىپتو. شازادە ئېھتىيات بىلەن ئاۋايلاپ تۇرۇپ گۇلنى ئېلىپ قول ياغلىقىغا ئوراپ ماڭاي دەپ تۇرىشىغا خادا تاشنىڭ كەينىدىن پۇتۇن بەدىنىنى قاتمو-قات ئاق شايى بىلەن ئوراپ يۇزىگە ئاق چۇمبەل تارتىۋالغان بىر قىز ئەڭ نەپىس ئاۋازى بىلەن ‹‹گۇلنى ئەپ كەتمەڭ!!››دەپ نىدا قىپتو بو نىدا بىلەن تەڭ پۇتۇن تاغو-تاش تىترەپ كېتىپتو. بو مۆجىزىدىن ھەيران بولغان يىگىت قىزغا قاراپ
-مېنىڭ تەغدىرىم موشو گۇلگە باغلانغان ،مۇرات-مەخسىدىمگە يېتىشنىڭ شەرتى موشو گۇل ئىدى، بو گۇلنى ئېلىپ كەتمىسەم بىر ئۆمۇر پۇشايمان قىلىمەن ،پۇشايمان بىلەن ئۆتكەن ھاياتنىڭ نىمە قىممىتى بولسۇن دەيسىز!!!پۇشايمان يەپ ئۆتكىچە ئۆلگىنىم ياخشى ، ماڭا رەيىم قىلىڭ پەرىزات دەپتو. پەرىزات بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ
- بوپتو يىگىت ئاق كۆڭۇل ۋە قەيسەرلىگىڭىزگە قول قويدوم،ئۆز ھاياتىم بەدىلىگە سىزنى مۇرات مەخسىتىڭىزغا يەتكۇزەي!!!
مەن بو گۇلدىن ئايرىلسام ياشىيالمايمەن،بوپتىلا سىز بولسىڭىزمو مۇرات-مەخسىتىڭىزگە يېتىڭ!!!! دەپ كۇڭلىكىنىڭ بىر پېشىنى بوش يەلپۇگەن ئىكەن ئاسماندىن گىلەم چوڭلوقىدا بىر ئاق بۇلۇت يەرگە چۇشۇپتو.
-كېلىڭ يىگىت بو تاغدىن مېڭىپ چۇشۇش ئەسلا مۇمكۇن ئەمەس
دەپ ئۆزى بۇلۇتتەك ئاپپاق رەختنىڭ تۆپپىدە ئولتوروپتو شازادە ئانا كېيىك بىلەن ئوغلىقىنى ئىزدوپ ئۇيان-بۇيان قاراپتو.
-بولدى قىلىڭ يىگىت ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئاخىرلاشتى ،ئەمدى مەن سىزنى يولغا ساپ قوياي ،كېلىڭ ،يېنىمدا ئولتۇرۇڭ !!! دەپ يەرگە چاپلىشىپ تۇرغان بۇلۇتتەك ئاپپاق رەختنى كۆرسىتىپتو. ئەڭ يېقىن ھەمرالىرىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان شازادا ئاستا مېڭىپ  بۇلۇتتەك ئاپپاق رەختنىڭ توپپىسدا ئولتوروپتو. پەرىزات
-ھازىردىن باشلاپ كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ،مەن ئاچ دېگەندە ئېچىڭ دەپ شازادە چۇشەنمىگەن بىر خىل تىل بىلەن بىر نەرسىلەرنى ئوقۇشقا باشلاپتو،ئارىدىن بىر چاي قاينىمى ۋاقىت ئۆتكەندە كۆزىڭىزنى ئېچىڭ دەپتو يىگىت كۆزىنى ئاچسا بىر دۇڭلۇكنىڭ تۇپپىدە ئولتۇرغىدەك.بو ئىشتىن ھەيران قالغان شازادە
-بو مېنىڭ يۇرتۇم ئەمەس ،تېخى كەپ بولالمىدوق دەپتو
پەرىزات تەمكىنلىك بىلەن
-بۇرۇنقىدىن ئاز قالدى ،سىز ئېلىپ كەلگەن موشو گۇل تىلسىم تاغدىن ئايرىلىپ بىر قۇياش چىقىپ پاتقىچە بولغان ئارىلىقتا مەنمو جېنىمدىن ئايرىلىمەن ،جېنىمدىن ئايرىلىشىمغا ئاز قالدى،بولسا مېنى موشو ئورونغا دەپنە قىلىپ قويوپ يولوڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ،سىزدىن ئۆتۇنۇشۇم يۇزۇمنى مۇزتاغ تەرەپكە قارىتىپ قويوپ قويسىڭىز ئۇ مۇز تاغ مېنىڭ ئاتا -ئانامنىڭ كۆز يېشىدىن ھاسىل بولغان تاغ ،مەن شۇ تاغنى كۆرۇپ ياتسام مۇرادىمغا يەتكەن بولىمەن دەپ جان ئۇزۇپتو.

شازادە پەرىزاتنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە شو ئورۇنغا دەپنە قىپتو ،كېيىنچە يوقلاپ كەلسە تېپىش ئاسان بولسۇن ئۇچۇن ئەتراپىغا تاش تىزىپ قورو ئىچىگە ئېلىپ ھېلىقى ئاق بۇلۇتقا ئوخشاش ئاق رەختنى تاياققا چىگىپ مۇنار قىلىپ تىكلەپ قويوپ ئۆز يولىغا راۋان بوپتو.
شازادىنىڭ ساق-سالامات قايتىپ كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان پۇتۇن ئاۋغان خەلقى نەغمە- ناۋا قىلىشىپ ئون چاقىرىم ئالدىغا كېلىپ شازادنىڭ غەلبىسىنى تەنتەنە قىلىشىپتو.ئاۋغان پاتىشاسىمو كاتتا توي تەييارلىقىنى قىلىپ پارىس ئېلىگە قاراپ يول ئاپتۇ. جاكارچىلاردىن ئاۋغان پاتىشاسىنىڭ توي تارتىپ كەلگەن خەۋىرىنى ئاڭلىغان پارىس شايىمو ئالايدە تەييارلىق بىلەن .ئۇلارنىڭ ئالدىغا ياخشى چىقىش تەييارلىقىنى قىپتۇ ئۇزۇن ئۆتمەي يىگىت تەرەپ پارىس ئېلىگە يېتىپ كەپتو.دەل شۇ چاغدا مەلىكەم
- مەن ئەڭ ئاۋال گۇلنى كۆرەي ،خان ئاتام پۇراپ باقسۇن ،راستلا مۆجىزە كۆرۇلۇپ خان ئاتام قىرانلىقىغا يانسا ئاندىن ئاۋغان شازادىسىنىڭ ئەمرىگە ئۆتسەم دەپ تۇرۇۋاپتو.
توي تارتىپ كەلگەن ئاۋغان يىگىتلىرى پاتىشانىڭ سارىيىنىڭ ئالدىدا ئاتلىرىنى ئوينىتۇپ ،سازلىرىنى چېلىپ،نەغمە -ناۋا قىلىشىپ پاتىشانىڭ ئەلچىلىرىنىڭ چىقىشىنى ساقلاپتو.
پارىس ئېلىگە ماس كېيىنگەن بىر ۋەزىر ئوردىدىن چىقىپ خان يارلىقىنى ئوقۇپتو.يارلىققا مۇنداق يېزىلغان ئىكەن.
-يارلىق !!!
توي تارتىپ كەلگەن ئاۋغان شازادىسى تىلسىم گۇلنى ئېلىپ ئوردىغا كىرگەي!!!ئو گۇل ھەقىقى تىلسىم گۇل بولسا پاتىشا كۆپ ئىنھاملار بىلەن چېچەن مەلىكىنى شازادىگە ياتلىق قىلغاي!!!!ئەگەر گۇل ساخىتا بولسا بو تويغا كەلگەن بارلىق ئاۋغانلىقلارنىڭ كاللىسى كېسىلگەي!!! شازادىمو شۇنىڭ ئىچىدە!!يارلىق تامام!!!
يارىقنى ئاڭلىغان شازادە ئاتتىن چۇشۇپ ئىككى ھەمرايى بىلەن خان ئوردىسىغا كىرىپ پاتىشاغا سالام بەجە كەلتۇرگەندىن كېيىن ياغلىققا ئورالغان گۇلنى پاتىشاغا سۇنۇپتو،پاتىشا ياغلىقنى ئىچىش بىلەن پۇتۇن ئوردا ئىچىگە ئىپار ئەنبەرنىڭ ھىدىدىنمو مېزىلىك خۇش پۇراق ھىد تارقاپتو.بو ھىددىن بارلىق ئوردا ئەھلى ھاياجانغا چۆمۇپتو،پاتىشانىڭمو روھى كۆتۇرۇلۇپ ئاق چاچلىرى قارىيىپ،دۇمچەيگەن بەللىرى تۇزلىنىپ قىران يىگىتكە ئايلىنىپتو بو مۆجىزىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن پاتىشا قىرىق كېچە-كۇندۇز توي قىلىپ مەلىكەمنى ئاۋغان شازادىسىگە تاپشۇرۇپتو.
بو شازادە ئەقىللىق مەلىكەمنى ئەمىرىگە ئالغاندىن كېيىن خان ئاتىسى بۆلۇپ بەرگەن ۋاخان كارىدۇرىنى ماكان قىلىپ خوشال-خورام ،خاتىرجەم ،بەخىتلىك تۇرمۇش كۆچۇرۇپتو،نۇرغۇن بالىلىق بوپتو.ئۆزلىرىنى ھاياتى بەدىلىگە بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۇرگەن پەرىزاتقا ھۆرمىتىنى بىلدۇرۇش ئۇچۇن پەرىزاتنىڭ قەبرىسىنى گۇمبەز شەكىلدە قاتۇرۇپ ھەر يىلى يېقىن ئەتراپتىكى چارۋىچىلارنى يىغىپ نەزىر بېرىپ ،ئىسرىق سېلىپ پەرىزاتقا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۇرۇشۇپتو ھەتتا پەرزەنتلىرىگىمو شۇنداق قىىشنى تاپىلاپ ئالەمدىن ئۆتۇپتو.

2014-7-10-ئاقتۇ

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-26 01:21:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىندا يىزىپسىز ھە بۇ چۆچەكنى ،ياخشى چىقىپتۇ ،مۇھەببەت تۇرمۇشنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ ،بۇ تەرپىنى ياخشى بىر تەرەپ قىپسىز .

باھا سۆز

ھەە .بۇرۇن ئاتام ئېيتىپ بەرگەن چۆچەككە ئاساسەن يازدىم.  ۋاقتى: 2014-9-26 02:52 PM
ۋاقتى: 2014-9-26 10:35:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى  بىرەر مەنبەدىن ئېلىپ يوللىدى، دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. قاپا چېكىپسىز، مىنىڭچە چۆچەك يېزىش يازىمەن دەپلا يازىدىغان ئاددى ئىش ئەمەس.

ۋاقتى: 2014-9-26 10:36:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جاپا چېكىپسىز» خاتا يېزىلىپ قاپتۇ. كەچۈرۈڭ!

ۋاقتى: 2014-9-26 17:41:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-9-27 11:05:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزپسز  ئامىنە ھەدە  قۇلۇنڭغا  گۇل ئۇنسۇن .  تىخمۇ كۇپ ئەسەر چېقرشنڭنى چىن كۇڭلۇمدىن ئۇمۇت قىلمەن  ،  رەخمەت سز گە،،،،،،،،،،،،،

ۋاقتى: 2014-9-28 11:02:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چىكىپسىز،چۈنكى چۆچەك يازماك تەس.

ۋاقتى: 2014-9-28 15:56:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن خىسلەتلىك چۆچەككەن،يەنە بارمۇ؟

ۋاقتى: 2014-9-28 18:15:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز ،سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-5 14:40:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بو چۆچىكىمنى ئاڭلىغان ئەزىزلىرىمگە مىڭلارچە تەھسەننا!!!!!!!

ۋاقتى: 2014-12-5 16:10:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈنلەر ئىجادىيەت بىلەن ئۆتسە ھەم مەنىلىك، ھەم ئەھمىيەتلىك، ھەم قىممەتلىك ئۆتكەن بولىدۇ.

ۋاقتى: 2015-1-28 22:23:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ چۆچەك  ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئىكەن،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش