كۆرۈش: 774|ئىنكاس: 11

مەدەنىيەت ئەربابى ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوف

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەدەنىيەت ئەربابى ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوف
huseyin beg-3.png
                                                                  
      ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوف 1890-يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ سۇ دەرۋازا مەھە للىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ تۆت-بەش ياشلارغا كىرگەن يىللىرى دادىسى قازا قىلىپ كېتىپ، ئانىسى بىلەن ياركەنتكە بارغان. ھۈسەيىنبەگ ياركەنتكە بارغاندىن كېيىن دەسلەپتە ياركەنتتىكى تاتار مەكتىپىدە، ئاندىن ئالمۇتادىكى رۇس مەكتىپىدە ئوقۇغان. بۇ دەۋر دەل تاتارىستاندا باشلانغان ۋە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن جەدىدىزىم ھەرىكىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن چاغ ئىدى. بولۇپمۇ تاتارىستاندا چىقىدىغان «تەرجۇمەن»، «تىل يارىش»، «شورا» قاتارلىق گېزىت -ژۇرناللاردىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخى تەقدىرى، كرىزىسقا تولغان كەچمىشلىرى، دىن بىلەن پەننى بىرلەشتۈرۈش، يېڭىچە مائارىپ ۋە پەننىي مەكتەپلەرنى يولغا قويۇش، مەرىپەت جەھەتتىن ئويغىنىشنى تەلەپ تەلەپ قىلىدىغان ئىدىيە ۋە پىكىرلەر ياش ھۈسەيىنبەگنىڭ قەلبىگە غەلەتتە ياتقان مىللىتىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىنىدىغان، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئاقىدىغان بىر ئوتنى ياققان.
      ھۈسەيىنبەگنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى 1910-يىللىرى ئەتراپىدا باشلا نغان. ئۇ شۇ دەۋرلەردە يەتتەسۇ ۋىلايىتىدىكى ئەڭ كاتتا باي ۋە رۇسىيە بويىچە تونۇلغان جامائەت ئەربابى ۋېلىباي يولداشوۋنىڭ كەنجى ئوغلى جالام يولداشوۋ بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئۇنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ مىللە تنىڭ مەرىپەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن.
     1915 -يىللارغا كەلگەندە پۈتكۈل رۇسىيەدە چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈ مرانلىقىغا قارشى ئىنقىلاب ئوتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئىچىدىكى ئىلغار زىيالىيلار يالغۇز مەدەنىيەت ۋە مائارىپ جەھەتتىكى ئىسلاھات بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى باراۋەرلىك قاراشلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلدى. بۇ ئالدى بىلەن مەتبۇئات يۈزىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. رۇسىيە تۈر كىستانىدا يۈز بەرگەن بۇ مەتبۇئاتچىلىق ئىشلىرى ھۈسەيىنبەگكە زور ئىلھام بولدى.
       1917 -يىلىدىكى رۇسىيە ئىنقىلابى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى تۈركىي خەلقلەرنى ئويغىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا ئۇيۇشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن 1917-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئالمۇتادا «تارانچى- تۇڭگان كومىتېتى»نىڭ قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوف بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئۇ ئۆزىدە يېتىلگەن سىياسىي ئاڭ ۋە تە شكىللەش جەھەتتىكى پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ «تارانچى-تۇڭگان كومىتېتى »ئىگە بولغان مەبلەغنى مەكتەپلەرگە، مەتبۇئات ۋە باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ «مىللىي شورا»نىڭ قارارىدىن ئۆتكۈزۈپ، 1918-يىلى يانۋاردا كومىتېتنىڭ ئورگان گېزىتى «سادايى تارانچى»ناملىق گېزىتنى نەشر قىلىپ تارقاتتى. بۇ گېزىتنىڭ دەسلەپكى ئىككى سانىدا ھۈسەيىنبەگنىڭ «ھۈسە يىن تاران»دېگەن ئىمزا بىلەن «مىللەت ئوغلىنىڭ مىللەت ئوغلىغا خېتى» ناملىق ماقالىسى بېسىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ «تاران»دېگەن نام ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسو فنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ قالدى.
       1918-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر نامىدىكى «كومىتېتلار» خىزمەتتىن توختىتىلدى، جۈملىدىن «تارانچى-تۇڭگان كومىتېتى» ۋە ئۇنىڭ «سادايى تارانچى» گېزىتىمۇ نەشردىن توختىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھۈسە يىنبەگ يۇنۇسوف تۇغۇلغان يۇرتى ئىلىغا قايتىپ كەلدى. ئۇ قايتىش سەپىرىدە ئالمۇتادىن بىر مەتبەئە ماشىنىسى، ھەرپ قۇيۇش ماشىنىسى ۋە بىر نەچچە خىل مەتبەئە ھەرپلىرىنى ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىدا مىخ مەتبەئە بارلىققا كەلدى.ئۇ 1919-يىلى كۈرەدە «ھۆر سۆز گېزىتى»نى نەشر قىلىپ، گېزىتنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالدى،كەسپىي ئىشلارغا پازىل يۇنۇس ياردەملە شتى. بۇ گېزىت نەشر قىلىنىش بىلەنلا خەلق ئارىسىدا ئالاھىدە تەسىر قوزغىدى، لېكىن بۇ ئەھۋال مۇستەبىت ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى، بۇنىڭ بىلەن 1920-يىلى «ھۆرسۆز گېزىتى» نەشردىن توختاشقا مەجبۇر بولدى. ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوف مەتبەئەسىنى غوجا شەھىرىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ، كىتاب، رىسالىلەرنى نەشر قىلىش بىلەن شۇغۇللاندى.
      ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوف نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى بىلەن بىر قاتاردا، 1928-يىلىدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە «ئۈمىد مەكتىپى»ناملىق مەكتەپنى قۇرۇپ مىللەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە سەنئەت تەشكىلاتچىلىقى خىزمە تلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1935-يىلى 4-ئايدا شېڭ شىسەي ئۈرۈمچىدە ئاچقان «2-نۆۋەتلىك ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيى»غا ئىلىدىن ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىپ، غولجىغا قايتىپ كېلىۋاتقان يولدا ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا تاپقان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-24 21:58  


huseyin beg-3.png
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-24 21:56:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۈچۈن ئەڭ يېڭى بىر تارىخىي شەخستىن ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت بەگيار ئەپەندىم.

ۋاقتى: 2014-9-24 23:27:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىلىۋالدىم رەخمەت سىزگە بەگيار ئەپەندى !

ۋاقتى: 2014-9-24 23:30:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگيار ئەپەندىمگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2014-9-25 01:51:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبەسىچۇ؟
بىر ژورنالدا كۆرگەندەك ئېسىمدە.
قايتا كۆرۈشە مۇيەسسەر قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر.

ۋاقتى: 2014-9-25 08:07:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگيار ئاكامنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2014-9-25 12:23:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىم ئۇچۇركەن...ئەجرىڭىزگە رەھمە!...

ۋاقتى: 2014-9-25 14:53:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلى دەرياسى ژورنىلىنىڭ 3- سانىدىمۇ بۇ كىشى توغرىلۇق بىر ئېسىل ماقالا بار.

ۋاقتى: 2014-9-25 16:19:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر تارىخىي شەخستىن يېڭى ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ،بەگيار ئەپەندىم.


ۋاقتى: 2014-9-25 19:32:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۈچۈن ئەڭ يېڭى بىر تارىخىي شەخسكە ئائىت قىممەتلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلگىنىڭىزگە رەھمەت !

ۋاقتى: 2014-9-26 08:31:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتكەن تۇرسۇنجان ئابدۇللا بەگيارنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2014-9-28 22:45:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1919-يىلى، كۈرەدىكى «ھۆر سۆز گېزىتى»نىڭ  نەشر قىلىنىشى...ھۈسەيىنبەك يۇنۇسۇفنىڭ بۇ گېزىتنىڭ مەسئۇللۇغىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىغى...بۇ مۇھىم تارىخى ئۇچۇر ئىكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش