ئۇيغۇرچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ ئەسەر تۈزىتىش كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى
پولات ئاماننۇرى خەۋىرى:
«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىربۆلۈمى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان،جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمئىيىتى ھەمكارلاشقان «ئۇيغۇرچە ‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى› ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق يازغۇچى،تەرجىمانلار ئەسەر تۈزىتىش كۇرسى» 23-، 24-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
كۇرۇسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى شى يىنىڭ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يۇڭجۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالىمجان سابىت، يازغۇچى نىي جىڭنىڭ، «ھېكايىلەردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى چى چى گې، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېركەش قۇرمانبېك، دوڭ لىبو قاتارلىقلار رەھبەرلەر ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يازغۇچى، تەرجىمانلاردىن بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى باشقۇرىدىغان، جۇڭگو يازغۇچىلار نەشرىيات گۇرۇھى چىقىرىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك ئەدەبىي ژۇرنال. خەنزۇچە نەشرى 1981-يىلىدىن باشلاپ چىقىرىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە نامىنى داڭلىق ئەدىب ماۋدۇن يېزىپ بەرگەن. ھازىر ئۇيغۇرچە، موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، قازاقچە، چاۋشىيەنزۇچە بەش خىل تىلدا نەشردىنچىقماقتا. مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچى تەرجىمانلىرىنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باش مەقسەت قىلىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا، كەڭ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ روھىي باغچىسى بولۇپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى2009-يىلى چىقىرىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، لاۋشى، تيې نىڭ، ۋاڭ مىڭ، مالچىنخو،جىدى ماجا، ئالەي قاتارلىق ئېلىمىزنىڭ داڭلىق يازغۇچىلىرىنىڭ؛ ھېمىڭۋاي، بابلونېرودا، ئورخان پامۇك، مويەن قاتارلىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى. ھازىرغىچە نەشردىن چىققان 32 سان ژۇرنالدىن مەملىكىتىمىز ئىچىدىكى 40 نەچچە ئاز سانلىق مىللەتتىن 400 نەچچە يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنى ۋە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئون نەچچە يازغۇچىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
2010-يىلىدىن بۇيان، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى ھەر يىلى شىنجاڭدا ئۇيغۇرچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ يازغۇچى،تەرجىمانلار ئەسەر تۈزىتىش كۇرسىنى ئېچىپ، يازغۇچىلار ئۈچۈن ئۆز ئارا پىكىرئالماشتۇرۇش سەھنىسى ھازىرلاپ بەردى. بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ يازغۇچى، تەرجىمانلار ئەسەر تۈزىتىش كۇرسىغا ئەخمەت پاسار، بۇغدائابدۇللا، ئىمىن ئەھمىدى، ياسىن ھاۋازى، ئەكبەر غۇلام، ياسىن زىلال، سۇ يۇڭچېڭ،بەگمەت يۈسۈپ، پەرھات ئىلياس، پولات ھېۋىزۇللا قاتارلىق 50 كە يېقىن يازغۇچى،تەرجىمان قاتناشتى. نيې جېڭنىڭ، ئازات سۇلتان، ئىمىن ئەھمىدى، ئەخمەت پاسار، بوغدائابدۇللا، پەرھات ئىلياس قاتارلىقلار كۇرس مەزگىلىدە مۇھىم سۆز قىلدى ۋە لېكسىيە سۆزلىدى.