يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1327|ئىنكاس: 8

مامەتتۇرغان قۇرمان :قۇت قونغان ماناسچىنىڭ قايتماس سەپىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]




مامەتتۇرغان قۇرمان
                                

                               قۇت قونغان ماناسچىنىڭ قايتماس سەپىرى

                                          ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلى

ئۆزى ئۆلسىمۇ سىيماسى ھايات ياشايدىغان ئىنسان.

ئۆلۈم ھەر قانداق بىر بەندىنىڭ بېشىدا بار بولغان ئۇلۇغ ھەقىقەت. يانغان ئوتنىڭ ئۆچىشىگە ئوخشاش ھاياتلىققا كەلگەن ھەر-بىر ئادەمنىڭ يورۇق دۇنيادىن قايتمىقى بار.لىكىن ئۆلۈم بىلەن ئۆلۈمنىڭ ئەھمىيىتى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى جىمجىتلا ئۆتۈپ كەتسە،بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ قېنىغا،روھىغا،ئىچكى دۇنياسىغا سىڭىپ بىرلىشىپ كىتىدۇ.بۇنداق ئۆلۈم ئۇنۇتۇلغۇسىز قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولغان بولىدۇ.
قىرغىز خەلقىنىڭ يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدىغان مەنىۋى بايلىغى «ماناس» ئېپوسىدا:
ئادەم ئاتا،ھاۋا ئانا،
ياشاپ ئۆتكەن زاماندىن،
نەچچە-نەچچە يىل ئۆتتى.
نەچچە-نەچچە ئەل ئۆتتى.
پىل مىنىشكەن شىر ئۆتتى،
بىلىكى توم ئەر ئۆتتى.
بۈگۈنگىچە ئۇنتۇلماي،
ماناسقا ئوخشاش كىم ئۆتتى.
شۇندىن بۇيان قارىساق،
تاغ ئۇپىراپ يەر بولدى.
قىيا پەسلەپ بەل بولدى.
يەر ئۆزگىرىپ ساي بولدى،
ساي يىرتىلىپ ساز بولدى.
ئاتىمىز باتۇر ماناستەك،
ئەل يادلىغان ئاز بولدى.
ئېدىرلىقلار چۆل بولدى،
ئېقىن سۇلار كۆل بولدى.
ئارسلان ماناس چۆچىكى،
بۈگۈنگىچە تەل بولدى.
..................»
(يۈسۈپ ماماي ۋارىيانتىدىكى «ماناس» ئېپوسىنىڭ قىسسە بېشىدىن.) دەپ ئېيتىلغاندەك،قىرغىز خەلقىنىڭ تارىخىدا قانچە يىللار ئۆتسىمۇ «ئۆلمەيدىغان» ئىككى ئىنسان بار.ئۇنىڭ بىرى،ئاجايىپ غارايىپ قىسمەتلىك تەغدىرلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ سىرلىق،رىۋايەتلىك شەخسكە ئايلىنىپ كەتكەن قەھرىمان-ماناس.يەنە بىرى ئەشۇ سىرلىق شەخسنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ قىسمەت-ھېكمەتلىرىنى گۈزەل رىۋايەتكە ئايلاندۇرۇپ روھىي دۇنياسىدا ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا مەنىۋى بايلىق مىراسى قىلىپ ساقلاپ كىلىۋاتقان ماناسچىلار.ئۇزاق يىللارنىڭ داۋامىدا بۇلار قىرغىز مەنىۋىيىتىنىڭ تۈۋرۈكى قاتارىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە.

قىرغىز خەلقىنىڭ بىر بۈيۈك تېغى غۇلاپ چۈشتى!

2014-يىلى باشاق ئېيىنىڭ 1-كۈنى پۈتكۈل قىرغىز قەۋمى ئۈچۈن قايغۇلۇق بىر كۈن بولدى.تۇيۇقسىز تارالغان شۇم خەۋەرگە ئىشەنگۈمىز كەلمىدى.قىرغىز قەۋمىنىڭ روھى بايلىغى بولغان «ماناس» ئېپوسىنى تولۇغى بىلەن يادقا ساقلاپ كېلىۋاتقان قىرغىز خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ پەرۋىشكارى،پېشىۋا ماناسچى يۈسۈپ ماماي ئاقساقالنىڭ يۈرىگى سوقۇشتىن توختىغانلىق خەۋىرى چوڭ-كىچىك ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق مىنۇت ئىچىدە پۈتكۈل دىيارىمىزغا تارقىلىپ يۈرەكلەرنى مۇزلىتىۋەتتى! كۈتۈلمىگەن سوغۇق خەۋەردىن ھەممە ھاڭۋېقىپ قالدى، خەۋەرنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگەندە بولسا نىمە قىلارىنى بىلمەي سۈكۈتكە چۈمۈشتى.ھەئە،بەك ئېغىر ئىش بولدى!...
يۈسۈپ ماماي دىگەن بۇ ئىسىم خۇددى مەڭگۈلۈكتەك تۇيۇلاتتى. ھېچكىم ئۇنى ئۆلۈپ كىتىدۇ دەپ ئويلىمايدىغاندەك قىلاتتى.ئالا توۋنىڭ ئۇ يېقىدىن تارتىپ دىيارىمىزنىڭ جەنۇپ-شىمالغىچە ھەممە يۈسۈپ ماماي دىگەن بۇ سۆيۈملۈك ئىسىمنى بىلەتتى.باشقا قەۋملەر قىرغىزنى سۆزسىز ماناس ئارقىلىق تونۇيتتى.ماناسنى بولسا يۈسۈپ ماماي ئاقساقال ئارقىلىق تونۇيتتى.ماناسنىڭ گىپى بار يەردە يۈسۈپ ماماي ئاقساقالنىڭ گىپى چوقۇم بولاتتى.يۈسۈپ ماماي ئاقساقال قىرغىز فولكلورىنىڭ تۈگىمەس كانى ئىدى.يۈسۈپ ماماي دىگەن بۇ سۆيۈملۈك ئىسىم ھەر بىر قىرغىزنىڭ دىلىدا ئاجايىپ يۈكسەك ئەقىل-پاراسەتنىڭ،دانىشمەنلىكنىڭ،مۆتىۋەرلەرچە قىياپەتنىڭ سىمۋولغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.
يۈسۈپ ئاقساقالنىڭ ھاياتىمۇ خۇددى رىۋايەت كەبى سىرلىق،سىھىرلىك كەچمىشلەر قوينىدا ئۆتكەن بولۇپ،ئۆمۈر بويى ئاتا مىراس «ماناس» چىلىققا ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى،جېنىنى،كۈچ-قۇۋۋىتىنى بېغىشلىدى. مانا،بۈگۈنكى كۈندە ئاقساقالنىڭ ئۆزىمۇ سىرلىق رىۋايەتكە ئايلىنىپ كەتتى.قىرغىز قەۋمىنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى ھەر نەپەس ياشارتىپ،تۆكمەي-چاچماي يىغىپ ئەۋلاتلارنىڭ قولىغا قوش قوللاپ سۇنغان بۇ زاتىي مۇبارەك كەلمەسنىڭ سەپىرىگە ئاتلىنىپ ھەممەيلەندى داغدا قويدى!...
باشاق ئېيىنىڭ 1-كۈنى سائەت توققۇزدا ئاقچىي ناھيىلىك ماناس تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى ئالىمجان ئابدىكېرىم بۇ شۇم خەۋەرنى بىزگە يەتكۈزدى.ئىلگىرى بىز ئاقساقالنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىدۇق. ئاقساقالنىڭ خېلى ياخشىلىنىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلىمىز ئەمىن تېپىپ قالغان بولغاچقا بۇ تۇيۇقسىز خەۋەردىن گاڭگىراپلا قالدىم.بۇندىن بۇرۇن قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ تالاس ئوبلاستىدا «زامانىمىزنىڭ يېتۈك ماناسچىسى يۈسۈپ ماماي» دىگەن تېمىدا خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن.يىغىنغا دىيارىمىزدىكى بىر توپ ئوقۇمۇشلۇقلار قاتنىشىۋاتقان بولۇپ،يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ماڭا يۈسۈپ ماماي ئاقساقالنىڭ كۈندۈلۈك سالامەتلىك ئەھۋالىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ تۇرۇشنى تاپشۇرغان ئىدى.چۈنكى،يىغىن جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار يۈسۈپ ماماي ئاقساقالغا «قىرغىز خەلقىنىڭ قەھرىمانى» دىگەن نامىنى تارتۇق قىلماقچى بولىۋاتقان ئىكەن.«نىمىلا بولسۇن بالدۇرراق تارتۇقلىغاي» دەپ ئىچىمدە تىلەپ كەتتىم.چۈنكى بىز يۈسۈپ ئاتىغا ھەر قانچە قىيالمىغىنىمىز بىلەن ئۆمۈرنى ساقلاپ تۇرۇشقا،ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەسمىز.بىر كۈنى كەچتە ئۇستاز ماكەلەك ئۆمۈرباي ئوغلى قىرغىز جۇمھۇرىيىتىدىكى يىغىندا يۈسۈپ ئاقساقالغا «قىرغىز خەلقىنىڭ قەھرىمانى» نامىنى بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ خۇشخەۋەر يەتكۈزدى.«بىر خۇشاللىققا بىر خاپىلىق ھەمراھ» دىگەندەك،بۇ خۇشاللىقلار بولۇپ ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي مانا يۈسۈپ ماماي ئاقساقال ئۆلۈم دەرياسىنىڭ شەربىتىنى ئوتلىدى.
ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ رەھىمسىز رىئاللىق ئالدىدا ھەر كىشىنىڭ بېشىنى ئىگىپ تۇرماي ئامالى يوق.ئالىقىنىمىزنى ئېچىپ تۇرۇپ ئاقساقالنىڭ روھىغا قىسقىلا دۇئا قىلىپ يوسۇننى ئادا قىلغاندىن كىيىن مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا ئالدىرىدۇق.قىرغىز جۇمھۇرىيىتىدىن مەخسۇس تەشكىللەنگەن بىر پەتە ئۆمىكى مەرھۇمنىڭ نامىزىغا ئۈلگۈرۈپ كىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ.ئۈرۈمچىدىنمۇ ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ ئورۇنباسار مۇدىرى ھۆرىگۈل جاپپار،ئاپتونۇم رايۇنلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ سابىق ئورۇنباسار رەئىسى مامبەتاسان توختالى،ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى،ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان،ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنباسار رەئىسى، تەتقىقاتچى مامبەت تۇردى،تىلشۇناس،پىراففېسور ماكەلەك ئۆمۈرباي ئوغلى،ماناس تەتقىقاتچىسى غايرات توقامباي ئوغلى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتچىلار جەمئىيىتىدىن ما فامىلىلىك بىر خۇيزۇ كىشى قوشۇلغان پەتىچىلەر ئۆمىكى ئايرۇپىلان بىلەن ئاقسۇغا قاراپ يول ئالدى.مەنمۇ شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى قىرغىزچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ موخبىرلىق ۋەزىپىسى بىلەن بۇ قېتىمقى پەتىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.
ئاقسۇ ئايرىدىرومىدا بىزنى ئاقچى ناھيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئەۋەتكەن كىشىلەر ساقلاپ تۇرۇشقان ئىكەن.بىزنى ئېلىپ يۈرۈشتى.بىز ئاقچىيگە بارغاندا چىلەكلەپ يامغۇر قۇيىۋەتتى.بىزنى باشلاپ ماڭغان كىشى؛«يازدىن بېرى بىر تامچى يامغۇرغا زار بولۇپ كەتكەن ئىدۇق.خۇدايىمنىڭ قۇدىرىتى بىلەن ئاسمانمۇ يىغلاۋاتامدۇ نىمە؟!...» دەپ ئۇلۇق كىچىك تىندى.ئاقچىينىڭ ھەر بىر چىمدىم تۇپرىقى يۈسۈپ ئاتىغا ھازا تۇتۇپ يىغلىغاندەك نەملىشىپ،دەرەخلەرمۇ يوپۇرماقلىرىدىن كۆز يېشى ئاققۇزاتتى.
بىتۇيۇق كەلگەن ئۆلۈمگە،
چىدالماي يەر تەۋرىدى.
قاپقاراڭغۇ تۇتۇلۇپ،
كۈننىڭ نۇرى كەلمىدى.
شۇنچە قارىلىق تۇتقۇدەك،
ئول قانداقچە ئەر ئىدى؟

كۆك تاقاشقان تاغۇ-تاش،
گويا بىردىن پەسلىدى.
قارىغاي،ئارچا شاخلىرىن،
بوران ئۇشتۇپ كەسلىدى.
بۇ مۇبارەك ئىنسانغا،
چىدىماق بەك تەس ئىدى!

گۈل ئېچىلغان يايلاقلار،
توپا ئۇچقان چۆل بولدى.
ئوردا ساراي سۈكۈتتە،
گويا سۈرلۈك گۆر بولدى.
قارىلىق تۇتقان تەبىئەت،
بۇ ھازىغا جۆر بولدى.
سوغۇق،قارا يەر باغرى،
باتۇر ئۈچۈن تۆر بولدى.

مانا بۇ پېشىۋا ماناسچىمىز يۈسۈپ ماماي ۋارىيانتىدىكى «ماناس باتۇر»نىڭ ئۆلۈمى تەسۋىرلەنگەن تەبىئەت كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئازغىنە بىر قىسمى.ماناس ئېپوسىنى ئوقىۋاتقان چېغىمدا بۇ كۆرۈنۈشلەرنى ھەر خىل قىياس قىلغان ئىدىم.ئەمدى بۇ قېتىم ئەشۇ مۇھىت تەسۋىرى راستىنلا كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى.خەلق ئارىسىدا «ماناسمۇ ماناس،ماناسنىڭ گۈزەل قىسسەلىرىنى ساقلىغان ئەرمۇ ماناس» دەپ ئېيتىلغىنىدەك،قىرغىز خەلقى «ماناس»نى ساقلىغان بىر ئوغلانىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى.شۇڭا بۇ ئارمان-مۇڭغا،قايغۇغا تەبىئەتمۇ كۆز يېشى قىلىۋاتقان بولسا كېرەك ئىدى. يۈسۈپ ئاتا تۇغۇلغاندا پۈتكۈل تەبىئەت قۇچىغىنى كەڭ ئېچىپ ئۇنى قوينىغا ئالغان بولغىيتتى،«ئالەمگە ئادەم كەلدى،ئاتمىش ياشلىق موماي ئوغۇل يەڭگىدى» دەپ سۆيۈنچىلىگەن بولغىيتتى.مانا ئارىدىن بىر ئەسىر ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە يەنە شۇ كەڭرى تەبىئەت يۈسۈپ ئاتا ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىۋاتقان بولسا كېرەك.سىر ۋە ھېكمەت يوشۇرۇنغان ئۇلۇغ يەر ئانا بۇ سۆيۈملۈك ئوغلانىنى ئۆز قوينىغا باغاشلاش ئۈچۈن تەييارلىنىپ باغرىنى نەمدەۋاتسا كېرەك!...
ھەئە،ئوكيان كەبى ئېپوسنى ئالمىدەك بېشىغا سىغدۇرغان ئۇلۇغ ماناسچىمىز يۈسۈپ ماماي ئالەمدىن قايتقان ئىدى!بۈگۈن يۈسۈپ ئاتىنىڭ قارارگاھىغا باشقىچە قەدەم بىلەن يېقىنلىماقتىمىز.بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ،ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭدىن ھېكمەت تىڭشاپ،ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئېلىشقا كەلگەن بولساق،بۇ قېتىم بۇ زاتىي مۇبارەكنىڭ ئاداققى سەپىرىگە ئەلۋىدا ئېيتىش ئۈچۈن كەلمەكتە ئىدۇق.
يۈسۈپ ئاتىنىڭ قارارگاھىغا يېقىنلاپ كەلگىنىمىزدە يولنىڭ ئىككى يېقىدا غاز قانىتى بولۇپ قول باغلىشىپ تۇرغان يۈزلىگەن ئادەم كۆزگە چېلىقتى.خۇددى پۈتكۈل قىرغىزلار ھازىدار بولۇپ تۇرىۋالغاندەك ئىدى. ھەئە! پۈتكۈل قىرغىز خەلقى بۈگۈن ھازىدار ئىدى.شۇڭا يۇرت-يۇرتلاردىن يۈسۈپ ئاتىنىڭ مۇبارەك نامىزىغا كەلگەن ئالامان يۈسۈپ ئاتىنىڭ ئۆيىدىن تا چوڭ يوللارغىچە ئۇزۇن سەپ بولۇپ قول باغلىشىپ تۇرىۋېلىشقان ئىدى.قارىسا كۆز يەتكۈسىز ئۇزۇن سەپنى بويلاپ «ئەلھۆكمۈلىللا!» ئېيتىپ ماڭغۇچە ھەممەيلەننى سۈر باستى.قائىدە بويىچە بوسۇغىدىن ھازا ئېچىپ كىردۇق.بۇرۇن خۇشال كۈلكىلەر بىلەن ئاقساقالنىڭ مۇبارەك بويىنى يۆلەپ،قولتۇقلاپ كىرگەن بوسۇغىدىن بۇ قېتىم ھازا ئېچىپ كىرىش نېسىپ بولغىنى يۈرىگىمنى تىلغاپ،خۇددى ئاتامنىڭ ئۆلۈمىدە يۈرىۋاتقاندەك ئىختىيارسىز يىغا قاپساپ كۆز ئالدىم تۇمانلاشتى!...
يۈسۈپ ئاتا «ماناس» ئېپوسىدا قەھرىمان ماناسنىڭ ئۆلۈمىنى مۇنداق سۈرەتلىگەن ئىدى.

ئاللانىڭ سۆيگەن بەندىسى،
باھادىر ماناس باتۇرۇڭ،
ئاتلىنىدىغان چاغ بولدى.
بېشىدا قاراپ تۇرۇشقان،
كۆزدىن ياشلار قۇيۇشقان،
يېقىن-يارەن ھەممىنىڭ،
يۈرەك-باغرى داغ بولدى!
خانىكەيدەك مىھرىبان،
قان-قېرىنداش،يەر-جاھان،
چىداپ ئۇشبۇ ھەممىگە،
غۇلاپ چۈشكەن تاغ بولدى!
....................

ھەئە!بەلكىم يۈسۈپ ئاتىمۇ جان ئۈزىۋاتقان دەقىقىلەردە كۆزىگە قەھرىمان ماناس كۆرۈنۈپ كەتكەندۇر! باقاي ئاتا ئىشارەتلەر قىلغاندۇر! ماناسنىڭ قىرىق يىگىتى نەرە تارتىپ ئالدىغا چىقىۋاتقاندەك ئايان بولغاندۇر! ھەممىنى ياراتقۇچى كۆرۈپ تۇرغۇسى!...
يۈسۈپ ئاتىنىڭ ھويلىسىغا كىگىز ئۆي تىكىلگەن ئىكەن.كىگىز ئۆي قىرغىزلارنىڭ سىمۋوللۇق تۇراقجايى.كىگىز ئۆينىڭ تۆرىگە يۈسۈپ ئاتىنىڭ مۇبارەك تېنى ياتقۇزۇلۇپتۇ.قىرغىز خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ئاياللار ئۆلۈم قوشىقى ئېيتىپ مەرھۇمغا بولغان قايغۇسىنى ئىپادىلەۋاتاتتى.
قائىدە-يوسۇنلىرى مۇرەككەپ،قاتناشقان ئادەم سانى كۆپ مۇنداق سەلتەنەتلىك نامازنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى.مەرھۇمنىڭ نەۋرە-چەۋرىلىرى ئۆينىڭ ئالدىدا بىردىن ھاسا تاياقنى چىڭ تۇتۇپ تايىنىشقىنىچە ھازا ئېشىۋاتاتتى.

يۈسۈپ ماماي قىرغىزخەلقىنىڭلا ئەمەس،دەۋرنىڭ ئوغلى

يىراقتىن بارغانلارنى مىھمانسارايغا ئورۇنلاشتۇردى.كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئاقساقال-ئوقۇمۇشلۇقلار مەرھۇمنىڭ يەرلىككە ئېلىنىشى ھەققىدە ئىككى سائەتتەك جىددىي كېڭەش ئېلىپ بېرىشتى.بىر بۆلۈك كىشىلەر مەرھۇمنى ئاقچىينىڭ ناھىيە ئىچىدىكى بىر قابرىستانلىقىغا قويۇش ھەققىدە تەكلىپ بېرىپتۇ.يەنە بىر قىسمى ئاقساقالنىڭ ھايات چېغىدا قىلغان ۋەسىيىتىگە بىنائەن مەرھۇمنى تۇغۇلغان يۇرتى-قارا بۇلاق يېزىسىغا قويۇش پىكىرىنى ئېيتىپتۇ.ئاقساقاللار ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر جىددىي كېڭىشىش ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ ئەزىز تېنىنى قارا بۇلاق يېزىسىدىكى قەبرىستانلىققا قويۇشنى لايىق تېپىشتى.
مەن كېلىپلا شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىغا دەسلەپكى خەۋەرلەرنى يوللاشنى باشلىۋەتتىم.بوش قالغان ۋاقىتلىرىمدا سىرتلارنى بىر قۇر ئايلىنىپ باقتىم.ناھىيە تەۋەسىدىكى رېستۇران،ئويۇنچۇقخانا،مۇزىكا كۇلۇپلىرى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىدا پۈتۈنلەي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىردەك توختاپ،ئەتىلىك مېيىت نامىزى ئۈچۈن تەرتىپلىك بولغان ئىجتىمائىي كەيپىيات بارلىققا كەلتۈرۈلۈپتۇ.
كەچتە يۈسۈپ ئاتىمىز ھەققىدە پىراگىرامما ئۈزۈن دەسلەپكى نەقمەيدان زىيارىتىنى باشلىدىم.زىيارەتكە ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ سابىق ئورۇنباسار رەئىسى مامبەتاسان توختالى ئاقساقال،پىروفېسسور ماكەلەك ئۆمۈرباي ئاقساقال،قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ ئورۇنباسار مۇدىرى تاشمەمەت يۇنۇس ئاقساقال،ئاتاقلىق يازغۇچى ئورغالچا قىدىرباي ئاقساقال،قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئىرىسبەك ئابدىكېرىم ئاكىلار قىزغىنلىق بىلەن ئىشتىراكتا بولدى.زىيارەت قايغۇ ئىچىدە كۆڭۈللۈك داۋاملاشتى.بولۇپمۇ يۈسۈپ ئاتىمىزنىڭ بۇرۇنقى مەرھۇم مومىيى بىلەن بىللە ياشىغاندىكى ئاجايىپ ئاقكۆڭۈل،مىھرىبان،تۈز كۆڭۈللۈكى،قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان،تىلى سۆزلىيەلمەيدىغان ئاجىز مومىيىغا بولغان بىر ئۆمۈرلۈك ۋاپادارلىقى،ساپ مۇھەببىتى،مومىيى قايتىش بولۇپ كەتكەندىن كىيىن ئاقساقالنىڭ قانچىلىك ئىچ ئاغرىقى تارتقانلىرى ھەققىدە چوڭلارنىڭ سۆزلەپ بەرگەن تەسىرلىك ھېكايىلىرى بىزنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان ئىدى.
-ئاقساقال يەتمىش ياشقا چىققاندىن كىيىن بىز كۆپىرەك كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان بولدۇق.-دىدى ماكەلەك ئۆمۈرباي ئاقساقال ئەسلەپ.-يۈسۈپ ئاتىمىز تىلى كىكەچ مومىيى،بېقىۋالغان بىر قىزى بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر ئۆيدە تۇراتتى.يۈسۈپ ئاقساقال بىر تەرەپتىن ‹ماناس›نى رەتلەش،نەشىرگە تەييارلاش بىلەن مەشغۇل بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن كىكەچ مومىيى بىلەن بېقىۋالغان قىزىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالاتتى.تۇغقان-ئۇرۇقلىرى يىراق ئاقچىيدە قالغان،قۇرامىغا يەتمىگەن قىزى بىلەن مومىيىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالغاچ شۇنچە ئېغىر خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق ئاسان ئەمەس ئىدى...
زىيارەت داۋامىدا شۇلارنى ئېنىق ھېس قىلدىمكى،ئويى بۈيۈك كىشىلەرنىڭ ئۆزىمۇ بۈيۈك بولىدىكەن.سۆيگۈ-مەھەببىتىمۇ بۈيۈك بولىدىكەن.ئۆلۈمىمۇ بۈيۈك بولىدىكەن.ئەر يىگىتكە يەتمىش ئىككى خىل ھۆنەر ئازلىق قىلىدۇ دىگەندەك،بۇ مەرھۇم ئاتىمىزنىڭ يەنە مىللىي تىبابەت بويىچە تېۋىپلىقتىن مۇپەسسەل خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندا ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتىنىپ كەتتىم.«ھەي ئىسىت،ياشلىۋالغۇدەك ئىنسان ئىدىڭىز ئاتا!...» دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم.
زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن زىيارەت ماتېرىياللىرىنى كىچىلەپ ئىستانسسا قوبۇللاش كۆزنىكىگە يوللاپ بولغاندىن كىيىن ئېنتىرنېتنى ئاچتىم.ھەممىلا جايدا يۈسۈپ ماماي ھەققىدىكى قايغۇلۇق خەۋەرلەر كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ نوپۇزلۇق ئەدەبىيات مۇنبىرى بولغان «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» ((www.xjzjxh.com دا بۇ ھەقتە قايغۇلۇق خەۋەر بېرىلىپ، تۇغقىنىمىز بەگيار مۇنداق يېزىپتۇ.
«چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ ۋاپاتى قىرغىز خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى دۇنيا بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى ئۈچۈن قانچىلىك زور يوقۇتۇش بولغان بولسا،دۇنيادىكى ماناس ئېپوسىنى تولۇقى بىلەن يادقا ئېيتالايدىغان پىشىۋا يۈسۈپ ماماينىڭ ۋاپاتى پۈتكۈل دۇنيا مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئورنىنى تولدۇرىۋالغۇسىز ئېغىر يوقىتىش! ئاقساقال يۈسۈپ مامايغا ئىككى دۇنيالىق ئەمىنلىك تىلەيمىز.»
قازاق قېرىنداشلارنىڭ «kultegin.com» تور بېتىدە قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىدىن دىيىلگەن جارقىن ئىسىملىك تۇغقىنىمىز مۇنداق يېزىپتۇ.
«ئادەمزات تارىخىدىكى ئاجايىپ يېتۈك تالانت ئىگىسى ئالەمدىن قايتتى.
يۈسۈپ ماماي قېرىنداش قىرغىز خەلقىنىڭلا ئەمەس،يىلتىزى بىر تۈركىي قەۋملەرنىڭ پەخرى ئىدى.ئىنسانىيەت تارىخىدا مۇنداق ئۇلۇغ شەخىسلەر كەمدىن-كەم ئۇچىرايدۇ.يۈسۈپ ماماي ئاقساقال ئادەمزات بالىسىنىڭ ئاجايىپ يۇقىرى ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى نامايەن قىلغان بۈيۈك شەخس.بىز بۈگۈن بۇ ئوغلانىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق!...بۈگۈن بىز بۇ ئورنى تولماس قازا ئۈچۈن قىرغىز تۇغقانلىرىمىزدىن ھال سورايمىز!»
يۈسۈپ ماماي ئادەمزات ھاياتىدا ناھايىتى كەم ئۇچىرايدىغان قابىلىيەت ئىگىسى.ئۇ ئاتا-بوۋىمىزدىن ساقلىنىپ كەلگەن ئوكىياندەك چوڭ ئېپوسنى پۈتۈن پېتى ئېسىدە ساقلاپ بۈگۈنگە يەتكۈزگەن ۋە قەغەزگە چۈشۈرۈپ ساقلاپ قالغان بىردىن-بىر ئېپوس پىشىۋاسى.قىرغىز خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى مىسالى بىر ئوكيان دىسەك،يۈسۈپ ماماي ئاقساقال ئەشۇ ئوكيانغا ئۈزۈلدۈرمەي قۇيۇلۇپ تۇرىلىدىغان بىر دەريا كەبىي «ماناس» ئېپوسىنىڭ سەككىز ئەۋلات،ئون سەككىز تومىنى تولۇق ئېيتىپ ۋە قەغەزگە چۈشۈرۈپ بەرگەندىن باشقا،«قۇرمانبەك»،«تۇتان باتۇر»،«باغىش»،«تولتوي»،«قىز سايقال»،«كۆبەن باتۇر»،«ھاجىبەك»،«ماماكە شوپۇق»،«ئەر تۆشتۈك»، «جاڭىل مىرزا» قاتارلىق كىچىك ئېپوسلارنىمۇ تولۇق مەزمۇنلىرى بىلەن يادقا ئېيتىپ كەلگەن.قېرىنداش قازاق خەلقىنىڭ «يەتتە قاغان»، «مۇزپۇرچاق» قاتارلىق ئېپوسلىرىنىمۇ تولۇقى بىلەن يادقا ئېيتالايدىغان، قىرغىز خەلقىنىڭ روھ ئوكىيانىنى مەۋج ئۇرغۇزۇپ تۇرغان ئاجايىپ بەرىكەتلىك كاتتا قابىلىيەت ئىگىسى ئىدى.
يۈسۈپ ماماي ئاقساقال قىرغىز خەلقىنىڭ ئەدەبىي مىراس ئىشلىرىدىكى مەنىۋى ئۈمىدى ئىدى.1930-يىلى يېتۈك ماناسچى ساغىنباي قازا قىلغاندا قىرغىز خەلقى يەنە بىر ماناسچى ساياقبايغا ئۈمىد باغلاپ كۆڭۈللىرى توق بىلىشكەن.1971-يىلى ساياقباي ۋاپات بولغاندا شىنجاڭدا يۈسۈپ ماماي بار دەپ يەنە ئۈمىد شامىنى ئۆچۈرمەي يۈرۈشكەن.چۈنكى «ماناس» قىرغز روھىنىڭ بۈيۈك پەللىسى بولغاچقا «ماناس» ۋە «ماناسچى»نى ئۇلۇقلاش قىرغىز خەلقىنىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.

«ئاي يۈزىدىن نۇر تامغان،
ئەقىل بىلەن يۇرت ئالغان.
پاراسەتكە تايىنىپ،
نەقىل بىلەن يۇرت ئالغان.

دانىشمەندۇر ئۆزگىچە،
ئەتراپىدا تېڭى يوق.
ھېچكىشىنىڭ ماناستەك،
پاراسەتلىك خانى يوق...»
.....................
(يۈسۈپ ماماي ۋارىيانتىدىن)
دەپ «ماناس» ئېپوسىدا ماناسنى سۈرەتلىگەندە يۇقىرىقىدەك بايانلار بىلەن ئۆز قەھرىمانىغا مەدىھىيە ئېيتىلغان بولسا،«ماناس» ئۆلگەندە ساياقباينىڭ ۋارىيانتىدا :

«قەھرىمان ماناس ئۆلگەندە،
خەلق يىغىلىپ كۆمگەندە.
قارىغاي يىغلاپ،تال يىغلاپ،
ئەل-رەئىيەت زار يىغلاپ.
ئاتمىشتىكى چال يىغلاپ،
خانىكەيدەك يارى يىغلاپ.
چوڭى يىغلاپ،بالا يىغلاپ،
ئاتا يىغلاپ،ئانا يىغلاپ.
سايدا ياتقان تاش يىغلاپ،
قېرى يىغلاپ ياش يىغلاپ.
ياقا تىتىشىپ قىز يىغلاپ،
خانىكەيى-ئۇز يىغلاپ...»
.......................
دەپ ئادەملا ئەمەس،پۈتۈن تەبىئەتنىڭ قارىلىق تۇتۇپ قايغۇغا پاتقانلىقى ئېيتىلىدۇ.ئۇزۇن زامانلار،ئەسىرلەر بويى قانچە-قانچىلىغان خانلار ئۆتتى. بەزىلىرىنى بىلىپ يۈرگەن بولساق بەزىلىرىنى بىلمەي قالدۇق.ئۆلۈم دىگەن بۇ ھەقىقەت نۇرغۇن نەرسىلەرنى تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچۈرۈپ-ئۇچۇرۇپ تاشلىدى.ساغىنباينىڭ،ساياقباينىڭ،چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ،يۈسۈپ ماماينىڭ ئۆلۈمى قىرغىزلارنى جۇغراپىيىلىك چېگىرالار بۆلۈپ تۇرسىمۇ روھىي دۇنياسىغا تەسىر قىلماي قالمىدى...
كاللىسىغا ئالەمچە قىسسەلەرنى سىغدۇرغان بۈيۈك ئىنساننىڭ نۇرلۇق جامالىغا ئىخلاس توپىسى چېچىپ خوش ئېيتىشىدىغان سەلتەنەتلىك ئايرىلىش دەقىقىلىرى قىستاپ يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى.

«ماناس» ئاتا،ئەلۋىدا!...

ئەتىسى تاڭ ئاتقان زامات ياتاقلىرىمىزدىن قوزغىلىپ يۈسۈپ ماماي ئاتىنىڭ قارارگاھىغا جۆنىدۇق.ئۆيىدىن چوڭ يولنىڭ بويىغىچە بولغان نەچچە كىلومېتىر يىراققىچە پۇت قويغۇدەك جاي يوق.ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن شەھەر ئىچىگە كىرىدىغان يولنىڭ قاتنىشىمۇ توختاپ كىتىپتۇ. مەن يۈسۈپ ئاتىنىڭ ئۆيى بىلەن ياتىقىمىز ئارىسىدىكى يولنى پىيادە مېڭىپ موخبىرلىق ۋەزىپەمنى داۋاملاشتۇردۇم.شەھەر سىرتى بىلەن شەھەر ئىچى قاتنىشىدا مېنى بىر ئىش بەكمۇ ھەيران قالدۇردى ۋە سۆيۈندۈردى.سىرتتىن يۈسۈپ ئاتىنىڭ نامىزىغا كىلىۋاتقان كىشىلەرنى توشىۋاتقان تاكسى شوپۇرلىرى يولۇچىلاردىن بىر تىيىن ھەق ئالماي مەنزىلگە يەتكۈزىۋاتقان ئىكەن.مەن بىر شوپۇرنى توسۇپ ئۇنىڭدىن،
-سىلەرنى تەشكىل ئورۇنلاشتۇرغانمۇ؟
دەپ سورىسام شوپۇر باش چايقاپ بۇ ئىشنى ئۆزلىرى خالىسانە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.بىر شوپۇر كۆزلىرىگە لىققىىدە ياش ئالغان ھالدا،
-مەن مۇشۇ ئاقچىينىڭ مەلۇم بىر ئىدارىسىدە ماشىنا ھەيدەيمەن.مۇشۇ كەمگىچە ماشىنامدا كۆپ ئادەمنى توشۇدۇم،لىكىن يۈسۈپ ئاتىمىزنى بىرەر قېتىم ماشىنامغا چىقرىۋېلىشقا پۇرسەت بولمىدى.بۈگۈن دىيارىمىزنىڭ جەنۇپ-شىمالىدىن،ھەتتا چەتئەللەردىنمۇ يۈسۈپ ئاتىمىزنى ئاخىرقى سەپەرگە ئۇزىتىشقا شۇنچە كۆپ ئادەم كىلىۋاتقان يەردە،ئازىراق جاپا تارتسم ھېچگەپ ئەمەس!...-دىدى.
تەخمىنەن سائەت سائەت 11:00لەردە قىرغىز جۇمھۇرىيىتى پىرېزدېنت كابىنتىنىڭ باشلىقى دانىيار نارىنباي ئوغلى،ئورۇنباسار ھۆكۈمەت باشلىقى ئېلمىيرا سارى قىزى،قىرغىز جۇمھۇرىيىتى ئالىي كېڭىشى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر كومىتىتىنىڭ رەئىسى قانىبەك ئىيمانالى ئوغلى،ئاتاقلىق يازغۇچى كېڭەش يۈسۈپ ئوغلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەتە ئۆمىكى يۈسۈپ ماماي ئاتىنىڭ قىرغىز جۇمھۇرىيىتىدە ئوقىۋاتقان نەۋرىسىنى ئەگەشتۈرۈپ كوللىكتىپ ھازا ئېچىشىپ كىرىپ كىلىشتى.«قېرى يىغلاپ ياش يىغلاپ،سايدا ياتقان تاش يىغلاپ» دەپ يۈسۈپ ئاتا ماناس ئېپوسىدا ئۆزى ئېيتقاندەك بۇ بىر توپ خەلقئارالىق پەتە ئۆمىكىنىڭ قىرغىز يوسۇنىنى ساقلاپ كوللىكتىپ ھازا ئېچىپ كىرىشكىنى قاراپ تۇرغانلارنى ئىختىيارسىز يىغلىتىۋەتتى.
سائەت 12:00دە يۈسۈپ ئاتىنىڭ مۇبارەك تېنى ياتقۇزۇلغان تاۋۇت ئاقچى ناھيىسىنىڭ خەلق مەيدانىغا ئېلىپ كىلىندى.مەيداندىكى بايراق خادىسىغا يۈسۈپ ئاتىنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ئېسىلىپ،قارا گۈلچەمبىرەك قويۇلۇپتۇ.«پېشىۋا ماناسچى يۈسۈپ ماماينى ئاخىرقى سەپەرگە ئۇزىتىش يىغىلىشى» دىگەن خەتلەر قىرغىز ۋە خەنزۇ تىللىرىدا چوڭ-چوڭ يېزىلىپ پىلاكاتلارغا ئېسىلىپتۇ.باشلىرىغا بىردەك ئاققالپاق كىيىشكەن ئادەملەر توپى دېڭىزدەك چايقىلىپ،ئۆلۈم قوشاقلىرى ھەيۋەت بىلەن ياڭراپ ئاقچىي ئاسمىنىنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ تۇردى.شىنخۇا ئاگېنتلىغى،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى،شىنجاڭ گېزىتى،قىزىلسۇ گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئەۋەتكەن خادىملار نەقمەيداندا ھازىر بولۇپ تۇرۇشتى.مەن شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى قىرغىزچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىگە بىۋاستە ئاڭلىتىش خەۋىرى يەتكۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ چېپىپ يۈردۈم.
سائەت 13:00تە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى پەرھات تۇردى قايغۇلۇق ئاۋازدا يۈسۈپ ئاتىنى ئاخىرقى سەپەرگە ئۇزىتىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.ھەممە ياق جىمجىت سۈكۈتكە چۆمدى.پەرھات تۇردى مۇراسىمغا يىراق-يېقىندىن كەلگەنلەرنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.ئاندىن جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتىتى سىياسى بىيروسىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى يولداش جاڭ چۈنشەننىڭ ھازا تېلىگىراممىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.ئارقىدىن مەملىكەتلىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتچىلار جەمئىيىتى ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق نەچچە ئونلىغان ئورۇنلارنىڭ تەزىيە تېلىگىرامملىرى ئوقۇلدى ياكى خەۋەرلەندۈرۈلدى. ئاندىن ئاپتونۇم رايۇن ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن بىر بۆلۈك ئوقۇمۇشلۇقلار مۇراسىمغا بېغىشلىغان تەزىيەلىرىنى ئوقۇپ ئۆتۈشتى.
ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ ئارۇنباسار مۇدىرى ھۆرىگۈل جاپپار:

«بۈگۈن ھەر-بىر قىرغىز پەرزەنتى يۈسۈپ ئاتىدىن مەڭگۈلۈككە ئايرىلىش دەقىقىلىرىگە دۇچ كەلمەكتىمىز.ھازىرقى ھېسىياتىمىزنى ھېچقايسىمىز تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمىز!بىز ماناس باتۇردەك بىر سۆيۈملۈك ئوغلانىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق!يۈسۈپ ماماي دىگەن بۇ ئىسىم ھەر بىر قىرغىزنىڭ يۈرىگىدە مەڭگۈلۈككە ساقلىنىپ قالغۇسى!...»
قىرغىز جۇمھۇرىيىتى پىرېزدېنت كابىنتىنىڭ باشلىقى دانىيار نارىنبەك ئوغلى ئوقۇغان قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەلباشى ئالمازبەك ئاتامبايېۋنىڭ تەزىيە خېتى:

«ھۆرمەتلىك كۆپچىلىك،بۈگۈن دۇنيا قىرغىزلىرىنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى،مەدەنىيىتى ئورنىنى تولدۇرىۋالغۇسىز دەرىجىدە ئېغىر يوقتىشقا  ئۇچىرىدى!يۈسۈپ ئاتىمىزنى قايتماس سەپەرگە ئۇزىتىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىدە ھەممەيلەننىڭ يۈرەكلىرى ئېچىشماقتا.يۈسۈپ ئاتىمىز قىرغىز خەلقىنىڭ تىرىك قامۇسى ئىدى! ماناستىن باشقا كۆپلىگەن كىچىك ئېپوسلارنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ ۋە ساقلاپ،بۇ جەھەتتە جۇڭگو ۋى قىرغىزىستان ئىككى مەملىكەت خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت ئورتاقلىقىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئەزىمەت ئىدى!باھادىر ماناسنىڭ گۈزەل قىسسەلىرىنى يۈرىكىدە ساقلاپ كەتكەن مەرھۇم ئاتىمىزنىڭ باھادىر سىيماسى مەڭگۈ قەلبىمىزدە نۇرلىنىپ تۇرغۇسى!...»
قىرغىز جۇمھۇرىيىتى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر كومىتىتىنىڭ رەئىسى،ئاتاقلىق يازغۇچى قانىبەك ئىيمان ئوغلى:

«ئۆلمەس ئېپوسىمىز ماناستا ئېيتىلغاندەك،بۈگۈن يەر يىغلىدى،تاغ يىغلىدى.كۆل يىغلىدى،سۇ يىغلىدى.دۇنيا يۈزىدىكى ئالتە مىلىيۇن قىرغىزنىڭ قەلبىدە نامى زىكرى قىلىنىدىغان ئاقساقال ئاتىمىزنىڭ يۈرىگى بۈگۈن سوقۇشتىن توختىدى!ھەر قانداق بىر قىرغىز پەرزەنتى «يۈسۈپ ئاتام» دەپ ئەسلەيدىغان بۇ بۈيۈك زاتنىڭ كەينىدە ئالتە مىليۇن بالىسى زار يىغلاپ قالدى!...»
تەزىيە سۆزى شۇجى جاڭچۈنشەننىڭ سۆزىدىن باشلىنىپ ئەڭ ئاخىرىدا قانىبەك ئىمانالى ئوغلىنىڭ سۆزى بىلەن ئاخىرلاشقۇچە مەيداندا يىغا ئاۋازى بېسىقمىدى.يۈسۈپ ماماي ئاتا توغرىلىق ئەڭ كۆپ ئىزدەنگەن،ئەڭ كۆپ تەتقىقات ماقالىلىرىنى يازغان دوكتور ئادىل جۇمە تۇردى ئاكا تۆكۈلۈپ يىغلاپلا تۇردى.مامبەتاسان توختالى ئاقساقال كۆزىدىن ياش قۇرىماي قارا رەڭلىك كۆزەينەك تاقىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى.ئورۇنباسار ئوبلاست باشلىقى قەلبىنۇر ھۈسەن قىزى ھازا ياغلىقى سېلىنغان بېشىنى تۆۋەن سېلىپ باشتىن ئاخىر مىشىلداپ يىغلاپ تۇردى.مەن قانچە قىلىپمۇ ئۆزۈمنى تۇتالماي ئاخىرى دولامدىكى سىن ئاپاراتىنى يەرگە قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم.ئاجايىپ ئېغىر دەقىقىلەر بولدى! خۇددى يۈسۈپ ئاتا ئۆزى ئېپوستا ئېيتقاندەك:

«خالايىق يىغلاپ،خان يىغلاپ،
ھەر-بىر تىرىك جان يىغلاپ.
ھاجىباي ھەم باقايدەك،
دانىشمەنلەر ھەم يىغلاپ.
خان ماناس دەپ قول بەرگەن،
ئاققالپاقلىق ئەل يىغلاپ.
باھادىرغا چىدىماي،
يۈرەكلىرى قان يىغلاپ!
ماناسنىڭ قىرىق يىگىتى،
«ماناس-ماناس!» دىيىشتى.
نەيزىسىگە تايىنىپ،
بېشىنى ئىگىپ تۇرۇشتى.
نادامەتكە چىدالماي،
مەيدىسىگە ئۇرۇشتى.
باھادىرغا سېغىنىپ،
قاتار تۇرۇپ قېلىشتى!...

قەھرىمان ماناس ئۆلگەندە،
خەلق يىغىلىپ كۆمگەندە.
قارىغاي يىغلاپ،تال يىغلاپ،
ئەل-رەئىيەت زار يىغلاپ.
ئاتمىشتىكى چال يىغلاپ،
خانىكەيدەك يارى يىغلاپ.
چوڭى يىغلاپ،بالا يىغلاپ،
ئاتا يىغلاپ،ئانا يىغلاپ.
سايدا ياتقان تاش يىغلاپ،
قېرى يىغلاپ ياش يىغلاپ.
ياقا تىتىشىپ قىز يىغلاپ،
خانىكەيى-ئۇز يىغلاپ.
تىلسىزلاردىن مال يىغلاپ،
توقساندىكى چال يىغلاپ.
ئۇلۇستىكى ئەر يىغلاپ،
قىرىق يىگىت تەڭ يىغلاپ...

يۈسۈپ ئاتا ئۈچۈن تۆكۈلگەن كۆز ياشلار قاقشال دەرياسىغا قوشۇلسا قانچىلىك تولغىنىپ ئاقارىدى؟! كۆز ياش قوشۇلغان دەريا سۈيى جىيەكلەرگە قانچىلىك چايقىلار ئىدى؟!...
ئوبلاست باشلىقى پەرھات تۇردى «ھازىر يۈسۈپ ماماي ھاجىمنىڭ نامىزى چۈشۈرىلىدۇ!...» دەپ ئېلان قىلدى.لەكمىڭ-لەكمىڭ سەپ بولۇپ تىزىلغان جامائەت مېيىت نامىزىغا رۇس بولۇپ تۇرغاندا ئاسماندىن چىلەكلەپ يامغۇر قۇيىۋەتتى.تەبىئەتنىڭ،ھاۋا رايىنىڭ بۇ ئۇدۇل كىلىپ قېلىشى «باھادىر ماناس ئۆلگەندە،خەلق يىغىلىپ كۆمگەندە،ئاسمان يىغلاپ يەر يىغلاپ...» دىگەن مىسرالارنى ئىختىيارسىز ئېسىمىزگە سېلىپ ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىمىز تېخىمۇ بۇزۇلۇپ ئۆزىمىزنى تۇتالمايلا قالدۇق.پۈتكۈل توپتىن قايغۇلۇق يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇردى.
ھەممە كىشى چىلەكلەپ قۇيغان يامغۇردا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تىك تۇرۇشتى.ئاقچىي ناھيىسىدىكى چوڭ مەسچىتنىڭ خاتىبى سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ مېيت نامىزىغا ئىمامەتچىلىك قىلدى.زاتىي مۇبارەكنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلۈپ بولغاندا خالايىق تەڭ قول كۆتۈرۈشۈپ مەرھۇمنىڭ ئىككىلا دۇنيالىقى ئۈچۈن ئۇزاققىچە خالىس دۇئا قىلىشتى.

پېشىۋانىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇنلاش

يۈسۈپ ئاتىنىڭ ئەزىز تېنى سېلىنغان تاۋۇت ماشىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ يۈسۈپ ئاتىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى قارا بۇلاققا قاراپ ئاتلاندى.تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ تۇپرىقىدا يېتىش مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەرگە قىلغان ۋەسىيىتى بولغاچقا،ھەر ساھە زاتلىرى مەرھۇمنىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇنلاشنى زۆرۈر دەپ قاراشقان ئىدى.ئاقچىي ناھيىسىدىن 86 كىلومېتىر كىلىدىغان قارا بۇلاق يېزىسىغا ئاتلانغان مېيىت ئۇزىتىش «كارۋان»ىنىڭ ئالدىدا ئاقچىي ناھيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتىنىڭ مەخسۇس ماشىنىسى يول باشلاپ ماڭدى.ئارقىدىن ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئەۋەتكەن خادىملار ئولتۇرغان ئاقچى ناھيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ ماشىنىسى ئەگەشتى.ئۇنىڭ كەينىدىن يۈسۈپ ئاتىنىڭ مۇبارەك تېنى ياتقۇزۇلغان تاۋۇت سېلىنغان ماشىنا ۋە ھەر ساھە زاتلىرى،ئۇنىڭ كەينىدىن مېيىت يەتكۈزگۈچى ئامما ئەگەشتى.مېيىت يەتكۈزۈشكە ماڭغان ماشىنا كارۋىنىنىڭ باش-قۇيرۇقىنى كۆرگىلى بولمايتتى.
مەۋج ئۇرۇپ ئېقىپ تۇرغان قاقشال دەرياسى بۇرۇنقىدەك ئەمەس.بەلكى ئۆز باغرىدىن ئۇچۇملاپ سۇ ئىچىپ ياشاپ-ياشناپ چوڭ بولۇپ،قېرىپ تېلىپ كەلمەسكە ئاتلانغان ئوغلانى ئۈچۈن ماتەم تۇتىۋاتقان بولسا كېرەك.شاۋقۇنسىز جىمجىت ئاقماقتا ئىدى!
قارا بۇلاقنىڭ مەركەچ قىشلىقى مەرھۇمنىڭ كىندىك قېنى تامغان جاي ئىكەن.مېيىت يەتكۈزگۈچىلەر كەلگەندە بىرەر مىڭدەك كىشى ئالدىمىزغا چىقىپ تۇرۇشقان ئىكەن.بۇلار مەركەچ قىشلىقىدىن ناھيە مەركىزىگە نامازغا بارالماي قالغان قېرى-چۈرى كىشىلەر ئىكەن.ئۇلار ماشىنا كارۋىنى توختىشىغا ھۆركىرەپ ھازا ئېچىشتى.ئەتراپ يەنە يىغا-زارە ئاستىدا قالدى.مەن ماڭا يېقىن تۇرغان بىر ياشانغان كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.
-ئاقساقال،يۈسۈپ ئاتا بىلەن دائىم كۆرۈشۈپ تۇرامتىڭىز؟
-يۈسۈپ ھاجىم بىزدىن ياشتا خېلى چوڭ كىشى.بۇرۇن كۆرۈشۈپ تۇراتتۇق.كىيىنكى يىللىرى بىز كۆرۈشەلمىدۇق.ھاجىم چوڭ ئىشلار ئالدىراش يۈرىدىغان كىشى.ئەمما ئايدا يىلدا قىشلاققا كىلىپ قالسا ھېيت بوپ كىتىدۇ!قىشلاقتىكىلەر ھاجىمنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ كۆرۈشىۋېلىشنى ئىستەيدۇ.ھەتتا ئاغزى مايماق بولۇپ قالغان،پۇتى دەسسىمەس بولۇپ قالغان،قولى تۇتماس بولۇپ قالغانلار ھاجىمنىڭ دۇئا قىلىپ سۈفلەپ قويىشىنى ئۆتىنشىپ كىتىدۇ.ئىشقىلىپ قىشلاقتىكىلەر ھاجىمنى بەك چوڭ بىلىمىز!...
ماشىنا كۆپ بولغاچقا قەبرىستانلىققا يېقىن بېرىشقا مۈمكىن بولمىدى.كىشىلەر تاۋۇتنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ ئون كىلومىتىردەك مۇساپىنى پىيادە بېسىشتى.كىشىلەر تاۋۇتنى قولدىن-قولغا ئېلىشىپ،تالىشىپ كۆتۈرۈشەتتى.
ماناسنى ئاخىرقى سەپەرگە ئۇزاتقاننى كۆرمىدۇق.ئەمما ماناسچىنى ئاخىرقى سەپەرگە ئۇزاتقانغا ئىشتىراك بولدۇق!
قىرغىز خەلقىنىڭ تۈنۈگۈنكى دانىشمەن ئاقساقىلى،تىرىك قامۇسى يۈسۈپ ماماي ئاتا بۈگۈن ئالدىمىزدىكى تاۋۇت ئىچىدە ياتىدۇ.يۈرىگى توختاغلىق!
ھەئە! بىر باھادىردىن ئايرىلدۇق!ماناس باتۇرنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئەل بولغانبىز،قۇم بولماي كۆل بولغانمىز! ئەشۇ تارىخنى گۈزەل رىۋايەت-قىسسەلەر بىلەن بۈگۈنگە ساقلاپ كەلگەن خىزىر سۈپەت دانىشمەن بوۋىمىزنى يەرلىككە ئېلىش ئالدىدىمىز!
ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ باراۋەرلىك ئالدىدا ھەممە سۈكۈتتە.ھەممەيلەن بىر چىمدىمدىن توپىغا سۈرە ئىخلاسنى پىچىرلاپ ئوقۇپ ھۈرۈشتۇق.ئايىغى تېتىك،چاققان يىگىتلەر چاپاننىڭ پەشلىرىنى،داستىخانلارنى كەڭىرى ئېچىپ جامائەتنى ئايلانىپ يۈرۈپ ئىخلاس توپىسىنى يىغىشتى.مەرھۇمنىڭ ئەزىز تېنى قارا جاينامازدىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ قاراڭغۇ گۆر ئىچىگە ئېلىپ كىرىلىۋاتقاندا خۇددى بىزنىڭ روھىمىز جىسمىمىزدىن تەڭ سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كىتىۋاتقاندەك بولۇپ ئۆزىمىزنى تۇتالماي قالدۇق.قەبرىستاننى چۆرىدەپ ئولتۇرغان ئالامان ئىچىدىن ھەم يىغا زارە كۆتۈرۈلدى.جامائەتنى قەبرىستاندا يىغا-زارە قىلماسلىققا ئۈندىگەن خاتىبنىڭ ئاۋازىنى مۇڭلۇق يىغا ئاۋازى بېسىپ كەتتى!...

«ئاللاھىم بۇيرۇق قىلغان سوڭ،
جان ئالغۇچى پەرىشتە،
بەش قولنى سۇنۇپ تۇرغان سوڭ.
قازاسى يەتمەي تۇرامدۇ،
تەقدىرىن يېزىپ قويغان سوڭ.
.......................
(ساغىنباي ۋارىيانتى)

دەپ ئېپوستا ئېيتىلغاندەك،بەندە ئىكەنمىز،كۆندۇق! چىدىماي تۇرساقمۇ يەر ئاستىغا كۆمدۇق!پىغان ئىچىدە يۈرەكلىرىمىز ئاتەش بولدى،ئاقساقالنىڭ تېنى كۆمۈلگەن يەر قانداق بوپ كەتكەندۇر؟!...
تۇپراق بېشىدا بىۋاستە ئاڭلىتىش
«تۇپراق چۈشتى!» دىگەن ئاۋاز ھەممىنى ئەندىكتۈرۈپ،كىشىلەر بېشىنى تۆۋەن سېلىشتى.ئەمدى ھېچكىمنىڭ يىغلاپ زارلىنىشىغا رۇخسەت يوق،قەبرە بېشىدا قەھر قىلىشىغا يولى يوق! ھەممە ئىش يولى بىلەن.ئەمدىكى قولدىن كىلىدىغىنى-مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇش،دۇئا قىلىش.
قۇرئان ئوقۇلۇپ دۇئا قىلىندى.يۈسۈپ ئاتىنى ئاخىرقى سەپەرگە ئۇزىتىش ھەققىدە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىغا نەقمەيدان خەۋىرى بېرىشىم كېرەك.سائەت چۈشتىن كىيىنكى تۆت بولغاندا بىۋاستە ئاڭلىتىش ئۆيىدىن تېلېفون كەلدى.مەن پۇختا تەييارلىق قىلغاچقا نەقمەيداندىن ئەستايىدىل خەۋەر بەردىم.دەسلەپ خېلى تەمتىرىدىم.چۈنكى بۇ قېتىمقى بىۋاستە ئاڭلىتىش باشقا ۋاقىتلارغا ئوخشىمايتتى.بۈگۈنكى بىۋاستە ئاڭلىتىش شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ قىرغىزچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى تەرىپىدىن پۈتۈن جۇڭگوغا،جۈملىدىن قىرغىزستانغا بېرىلىدىغان جۇڭگو ئاۋازى پىراگىراممىسى ئارقىلىق پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقىلاتتى.مەن يۈسۈپ ماماي دىگەن بىر باھادىر كىشىنىڭ ئاخىرەت ئىشلىرى ھەققىدىكى خەۋەرنى پۈتكۈل دۇنياغا ئاڭلىتاتتىم.قىرغىز خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل تۈركىي قەۋملەرگە ئورتاق ئۆرپ-ئادەت شۇكى،يامان خەۋەر يەتكۈزۈش ھار ئېلىنىدۇ.مانا مەن بۈگۈن پۈتكۈل دۇنياغا يامان خەۋەر يەتكۈزىۋاتاتتىم.ئەمما يەتكۈزمەي بولمايتتى.ئۆزۈمنى چەتكە ئېلىپ قاچالمايتتىم.چەتكە ئالالىشىم مۈمكىن ئەمەس ئىدى!
مەن ئالدىن تىزىۋالغان تىزىسلار بويىچە نەقمەيدان خەۋىرىنى بىۋاستە ئاڭلىتىش ئۆيىگە يەتكۈزدۈم.بىۋاستە ئاڭلىتىش ئۆيىدە جىددىي ئىشلەۋاتقان خۇشنەپەس دېكتۇرىمىز گۈلزىيا ۋەلى قىزى،قىرغىزچە ئۇنۋېرسال ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تويچى قۇلمامەت ئاكىلار ئەستايىدىللىق بىلەن بىۋاستە قوبۇللاش ئېلىپ بېرىپ نەقمەيدان خەۋىرىمنى شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە جۇڭگو ۋە چەتئەللەرگە تارقاتتى.

پىشىۋانىڭ ئىككىنچى ئۆمرى

ئۇلۇغ داھىمىز ماۋزىدۇڭ؛«بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك،بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى ھاڭگىرت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز» دەپ ئېيتقاندەك،يۈسۈپ ماماي ئاتا ئۆمۈرى بىلەنمۇ،ئۆلۈمى بىلەنمۇ قىرغىز خەلقىنىڭ تارىخىنى شانلىق سەھىپىلەرگە يېزىپ قالدۇرۇپ كەتتى. دانىشمەن ئاقساقىلىمىز ئاللىقاچان قەۋم،مىللەت دائىرىسىدىن ھالقىپ پۈتكۈل ئادەمزاتنىڭ ئاغزاكىي مەدەنىي مىراسلارنى قوغدىغۇچى ئۇلۇغ نامىغا نائىل بولۇپ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
«ئۆلگەنسىرى كۈچەيگەن ماناس» دەپ ماناس ئېپوسىدا ئېيتىلغاندەك يۈسۈپ ماماي ئاتىنىڭ ئىككىنچى ئۆمرى ئەمدى باشلاندى.يۈسۈپ ئايا قالدۇرغان سەككىز ئەۋلات «ماناس» ئېپوسى،ئونلىغان كىچىك ئېپوس-داستانلار يىتەرلىك تەتقىقات تىمىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ بولۇنمىدى.يۈسۈپ ئاتىنىڭ ئۆمۈر تەرجىمالى،ئەگرى-توقاي ھايات يوللىرى ۋە ماناسچىلىق سىرلىرى تېخى يىشىلمىدى.دانىشمەن بوۋىمىز قالدۇرغان مىراسلار بىزلەر ئۈچۈن قىممەتلىك تەۋەررۈك.بۇ تەۋەررۈكلەرنى قانچىكى تەتقىق قىلساق شۇنچىكى چۇڭقۇرلاپ بارىدۇ.بىز شۇندىلا يۈسۈپ ئاتىنى تېخىمۇ چۇڭقۇر چۈشىنەلەيمىز.شۇندىلا دانىشمەن بوۋىمىزنىڭ ئالا توۋدەك بۈيۈكلۈكى،ئىسسىقكۆلدەك سۈزۈكلۈكى،ماناس ئاتىدەك باھادىرلىقى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ!
كىشى ئۆمرى كۆپ بولسا يۈز يىل بولار.«ماناس» مىڭ يىلدىن بېرى ئېغىزدىن چۈشمەي ئېيتىلىپ كىلىۋاتىدۇ.يەنە مىڭ يىلدىن كىيىنمۇ «ماناس» روھى ئۆچمەيدۇ!ئەشۇ روھنى جىسمىدا ساقلاپ بۈگۈنگە يەتكۈزگەن ماناسچىلار نەمە دىگەن ئۇلۇغ! نىمە دىگەن دانىشمەن!...
بىز يۈسۈپ ماماينى «ئۇلۇغلۇق»نىڭ كەتسە كەلمەس سەپىرىگە ئۇزاتتۇق.بىراق «ئۇلۇغلۇق»نىڭ ئۆلمەس ئۆمرى باشلاندى.ئەلۋىدا يۈسۈپ ئاتا!ئەلۋىدا ئەي سۆيۈملۈك ئىنسان! ئىزىڭىزنى بويلاپ كىلىۋاتقان ئۈمىتلىك ياشلىرىمىزنى روھىڭىز قوللاپ تۇرغاي!...








IMG_5466.JPG


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-23 18:56:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا بۇ تىرىك تارىخ بىر مۇزېيخانا سۇپەت مويسەفىدنىڭ ئۆلۈمى دۈنيا مەدەانىيىتى ئۈچۈنمۇ بىر يوقىتىش...ئىمانى سالامەت بولسۇن...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-23 20:11:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە ئاۋايلىساممۇ بەزىبىر ئىملا خاتالىقلىرىدىن خالىي بولالماپتىمەن.ئەقلى سۈزۈك ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ كەمتۈكلەرگە تەنقىدىي نەزەر بىلەن قاراپ تۈزىتىپ ئوقۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن……

ۋاقتى: 2014-9-23 23:06:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.ماقالىدىكى مەزمۇن ئىملادىكى سەۋەنلىكلەرنى يېپىپ كېتىدۇ.
2. ئەمدى «ماناس» دۇنيا ئىپوسچىلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى، تارىخى، ماددىي ۋە مەنىۋي فولكلورى تەتقىقاتىدا قانچىلىك زور قىممەتكە ئىگە بولسا، مۇشۇ مىراسنى دۇنيا تارىخىنىڭ ئەڭ شاۋقۇنلۇق دەۋرى بولغان بۈگۈنىمىزگىچە يەتكۈزۈپ كەلگەن يۈسۈپ ماماي پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەنىۋىي سىمۋولى بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇنچىلىك زور تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.
  «ماناس»ئىپوسىنى بۈگۈنگىچە كىم ۋە قانچىلىك كىشىنىڭ تولۇقى بىلەن ئوقۇپ چىقىنىنى(نەشر نۇسقىسىنى)، يۈسۈپ ماماينىڭ ئېغىزىدىن كىم-كىملەرنىڭ تولۇق ئاڭلىغىنىنى بىلمەيمەن. مەنمۇ پەقەت «ماناس»نىڭ ئورغالچە قېدىرباي ئوغلى نەشرگە تەييارلىغان قىسقارتىلما نەسرىي نۇسقىسىنى ئوقۇغان. ئۇنىڭدىكى شېئىري تىل، قەدىمكى ساپ تۈركىي گۈزەل سۆزلەر، تاۋۇشلار ئادەمنى شۇقەدەر ھاياجانغا سالىدۇ.چۈنكى ماناسنىڭ تىلى پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەرنىڭ يىلتىزداشلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. چىشىم پاتقىدەك بولۇپ قالسا بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى ئايرىم ماقالە قىلىپ يازىمەن.
  بۇ يەردە مېنىڭ قىرغىز ئوغۇللىرى نامى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان ئىككى مەشھۇر زادتنىڭ ئۆلۈمىنى سېلىشتۇرغۇم كېلىدۇ. يەنى يۈسۈپ مامايدىن بۇرۇنراق تەڭرى رەھمىتىگە بارغان چىڭغىز ئايتماتوۋ گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھرىدە قازا تاپقان، ئەمما ئۇ ۋەسىيىتىدە ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان تۇپرىقىغا دەپنە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلغان ۋە شۇنداق بولغان. ئەمدى مەرھۇم يۈسۈپ ئاتا مامايمۇ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يېرى قارابۇلاققا دەپنە قىلىنىشىنى ۋەسىيەت قىلغان. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ گەرچە بۇ قارىماققا بىرخىل ئوران، ئۇدۇم، مىللىي ئەنئەنەدەك ۆۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمىلىيەتتە،ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىمۇ بىرخىل سىمۋول. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈمى بىلەنمۇ ئۆزخەلقىنىڭ مەنىۋىيتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەتتى.

ۋاقتى: 2014-9-24 12:29:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

...شېكىسپىر،ناۋائىي،يۈسۈپ ماماي...ئەستە ساقلاش قابىليىتى ئالاھىدە ئىنسانلاردۇر...!

ۋاقتى: 2014-9-24 15:08:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى قانداقل بولمىسۇن، ئىنتايىن قىممەتلىك مىراس، پايدىلىنىش قىممىتى با تېمىنى يوللاپسىز، ھارمىغايسىز!

ۋاقتى: 2014-9-25 02:10:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئومۇمەن ماماي ئاقساقال پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىغىز ئەدەبىياتتا تىرىك يېتۈكلىردىن  بىرى ئىدى.
  ھەممە يەردە قايغۇ بار. پەقەت يېڭى ئۇتۇق بىلەنلا ئۇنىڭ ئازابىنى يەڭگىلىىتىش ياكى ئۇنتۇش مۇمكىن.

ۋاقتى: 2014-9-28 10:54:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى با تېمىنى يوللاپسىز، ھارمىغايسىز!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش