قەلبىمدە كەچكۈز
(M.A غا بېغىشلايمەن)
كەچكۈزدە تۇرنىلار قايتىشار نەگە؟
قاغىلار كۆتۈرۈلمەس قەلبىمدىن نېچۈن؟
مەن سېنى ئۆلگۈدەك سۆيگىنىم ئۈچۈن،
بۇ سۇغۇق ماكاندا تۇرارمەن مەيۇس.
سۇغۇقتا جۇغۇلدار مىسكىن يۈرىكىم،
مەن سېنى ئۆلگىدەك سۆيگىنىم ئۈچۈن.
ناخشىلار ئېيتارمەن ھىجرىڭدا سېنىڭ،
سەن كەتتىڭ ياتلارنىڭ ئىسىسىق باغرىغا،
تىلىمدىن قان بولۇپ ساقىدى ئىسمىڭ.
ۋەيرانلىق قوينىدا ياتقان بۇ جىسمىم،
توزغاقتەك، توزاندەك ئۈنسىز نىداسىز،
ئەمدى نە چۈش بولسۇن، ھۆرلىكىم مېنىڭ؟
سەن كەتتىڭ ياتلارنىڭ ئىسىسىق باغرىغا،
سەن كەتتىڭ باشقا بىر ئادەمگە تېگىپ،
نۇمۇستا يۈرەرمەن بوينۇمنى ئېگىپ،
مەن سېنى ئۆلگۈدەك سۆيگىنىم ئۈچۈن...!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زۇلتاپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-22 18:54