مېرېژكوۋىسكىي شېئىرلىرىدىن
جاسارەت تاش تەرجىمىسى
دمتىرى سېرگيېۋىچ مېرېژكوۋىسكىي (1866—1941) روسىيىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى، شائىرى، پەيلاسوپى، ئەدەبىي تەنقىدچىسى، روسىيە سىمۋولىستىك شېئىرىيىتىنىڭ مۇھىم تەشەببۇسچىسى. ئۇ 1866– يىلى 8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى، پېتربۇرگدا كىچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پېتربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات – تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 19 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلاپ، 1888 – يىلى تۇنجى شئېرلار توپلىمى __ «شېئىرلار 1883 – 1887 » نى نەشر قىلدۇرغان. 90 – يىللاردا شېئىر يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە ئەدەبىيات – سەنئەت نەزەرىيىسى ۋە پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1893 – يىلى «ھازىرقى زامان روسىيە ئەدەبىياتىنىڭ چېكىنىش سەۋەبلىرى ۋە تۈرلۈك يېڭى ئېقىملار توغرىسىدا» دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلغان.
مېرېژكوۋسكىي 19–ئەسىرنىڭ 60–يىللىرىدىن بۇيانقى روسىيە ئەدەبىياتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە مەغلۇبىيىتى ئاساسىدا، يېڭىچە سەنئەت پىرىنسىپى __ «يېڭى سەنئەتنىڭ ئۈچ ئامىلى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى يېڭى دەۋردىكى روسىيە سىمۋولىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پروگرامما خاراكتىرلىك ھۆججىتى، سىمۋولىزىمنىڭ خىتابنامىسى دەپ قارالغان.
مېرېژكوۋسكىي 1920 – يىلى پارىژغا بېرىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى نۇرغۇن ماقالە ۋە ھىكايىلەرنى يازغان. 2–دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيەدە ناتسىست گېرمانىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، روسىيە مۇھاجىرلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، 1941 – يىلى 12 – ئايدا، فرانسىيەدە كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ شېئىر ۋە نەزەرىيىۋى ئەسەرلىرىدىن باشقا يەنە «ئالېكساندرⅠ»، «شاھزادە ئالېكسېي"، «پاۋېل Ⅰ»، «تەڭرىنىڭ دۇنياغا كېلىشى» قاتارلىق رومان ۋە نەسىرلەر توپلاملىرى بار.
سۈكۈت
تەشنا مەن سۆيگۈمنى ئەيلەشكە ئىزھار،
ئاھ، لېكىن زۇۋانسىز تۇرارمەن سىجىل،
مەندە بار ھاياجان، ئازاب ھەم سۈكۈت،
ئېيتالماي يۈرەرمەن بولغاندەك خىجىل.
شوخ قەلبىڭ تىپچەكلەپ ساقسا يېنىمدا،
ئۆزگىچە ھەم سىرلىق تۈس ئالار جاھان.
مۇھەببەت دەھشەتلىك سىردەك تۇيۇلغاچ،
ئۆتەرمەن ھېچكىمگە قىلالماي بايان.
ئەڭ شېرىن تۇيغۇمىز — تارتىنىش، سۈكۈت،
مۇقەددەس شەيئىلەر سۈكۈتكە غەرق:
دېڭىزنىڭ ئۈستىدە شاۋقۇنلۇق دولقۇن،
ئاستىدا جىمجىتلىق ئۇرماقتا بەرق.
قۇرۇق قەدەھ
ئەڭ قىزىق ئويۇندا ئاتا-بالىلار
چۆمۈلەر ھۇزۇرغا شادلىنىپ قەۋەت،
ئىدراكتىن ئايرىلغان زىياپەت ئارا
ئېسىل مەي قەدرىگە يەتمەيدۇ پەقەت.
تەنتەكلىك يالقۇنى ئۆچۈپ، قەدەھلەر
بوشايدۇ ئاتىلار كەيب بولغان دەم.
قىلالماس جامدىكى قالدۇق تامچە مەي
چاڭقىغان سەبىيلەر لەۋلىرىنى نەم.
پۇراپ بىز قەدەھتىن چىققان خۇش ھىدنى
ياشىدۇق ھەمىشە سۈرۈپ خام خىيال.
ئەۋلادلار جېنىنى باقار قانداق دەپ،
ئويلايمىز تەشۋىشكە ئەيلىنىپ قامال.
تۈن ئوغلى
قۇياشنىڭ ۋەسلىگە بولۇپ ئىنتىزار،
قارايمىز ئۇپۇققا تەلمۈرۈپ ھامان.
تۈن ئوغلى — بەختسىز بالا كۈتمەكتە
بىزنىڭ شۇ ئەۋلىيا كېلەر دەپ قاچان.
پارلايدۇ دىللاردا ئۈمىد يۇلتۇزى
ئەزرائىل كۆرسىتىش ئالدىدا چېھىر.
تەسەۋۋۇر ئەيلەيمىز ئىقبال – ئەتىنى،
بۇ تەڭسىز ئالەمدىن ئۈزەلمەي مېھىر.
سۆزىمىز شۇنچىلىك مەردانە – كەسكىن،
ئۆلۈمنى مات قىلىش قىيىندۇر بىراق.
كېلىدۇ بېشارەت قاچماق كەبى تېز،
باھارنىڭ ۋىسالى كېتىدۇ يىراق.
زۇلمەت تۈن قوينىدا چىللايدۇ خوراز،
تۆرەلگەچ قايتىدىن ئۆلگەن تاڭ ھامان.
بىز سۈبھى – سەھەردە تەنگە نەشتەردەك
سانجىلغان دەھشەتلىك سوغوق – قەھرىتان.
بىز چوڭقۇر ھاڭلارغا ئېسىلغان شوتا،
تۈن ئوغلى قۇياشنى تۇرماقتا كۈتۈپ.
تاڭلا نۇر – زىيانى ئەيلەپ كۆلەڭگە،
ئۇ چاچقان نۇر ئىچىرە كېتەرمىز ئۆلۈپ.
يېگانىلىق
ئىشەن ماڭا، چۈشەنمەيدۇ ئادەملەر
كۆڭلۈڭ ئارا يوشۇرۇنغان سىرىڭنى.
بوتۇلكىغا لىق تولغاندك مەي – شاراب،
قامال قىلدى قايغۇ – ھەسرەت دىلىڭنى.
دوستلار بىلەن يىغلىغاندا سەن، بەلكىم،
كۆزلىرىڭدىن چىقار سىرغىپ ئۈنچە ياش،
لېكىن سېنىڭ قولۇڭدىكى قەدەھكە
چۈشەر پەقەت ئىككى يا ئۈچ تامچە ياش.
سەن ئايرىلغان چاغدا بارچە دوستلاردىن
ئەشۇ يىراق يەردە، پىنھان – خىلۋەتتە،
تەشۋىشلەرگە چۆككەن قەلبىڭ تەكتىدە
يېگانىلىق ئۆتەر مەڭگۈ ئىشرەتتە.
باشقىلارنىڭ قەلبى __ ئۆزگە بىر دۇنيا،
ئۇندا يول يوق ئۇچرىشىشقا ئۆز ئارا!
دىلىڭ ئوتلۇق مۇھەببەتكە – سۆيگۈگە
يار بولسىمۇ ئورۇن بەرمەس ئۇ ساڭا.
كۆزلىرىڭنىڭ چوڭقۇر – تىرەن يېرىدە
بىر نەرسە بار شۇنچە نۇرلۇق – پارقىراق،
تۇيۇلىدۇ ھەر دەقىقە ئۇ ماڭا
ئاشماندىكى يۇلتۇزلاردەك بەك يىراق.
ئۆز – ئۆزۈڭنى مەھكۇم – ئەسىر ئەيلىدىڭ
ئاسارەتكە، ئەي دىلخەستە – بىچارە،
سەن مۇھەببەت، دوستلۇق، ھەممە تەرەپتىن
ئۆمۈرۋايەت بولدۇڭ غېرىب – يېگانە.
تەڭرى
ئەي تەڭرىم، ئېيتىمەن تەشەككۈر ساڭا،
كۆرسەتتىڭ ماڭا بۇ دۇنيانى، كۈننى،
كۆرسەتتىڭ مەڭگۈلۈك ئوردا-قەسرىڭنى،
كۆرسەتتىڭ دولقۇننى، سەھەرنى، تۈننى...
دەرد-ھەسرەت ئالدىمغا كەلسۇن دېۋەيلەپ،
شۇ چاغنى كۆزلەپ مەن شۈكۈر دەي ساڭا.
سەن بولغاچ، كۆڭلۈمگە تۇيۇلار دائىم
يۇلتۇزنىڭ قانداق سۆز قىلغىنى ماڭا...
مەۋجۇت سەن تۈنلەرنىڭ جىمجىتلىقىدا،
يۇلتۇزلار نۇرىدا، قەلبىمدە ھامان،
سېزەرمەن ھەر قاچان مەۋجۇتلۇقۇڭنى،
يوق سەندىن مۇستەسنا بىرمۇ يەر-ماكان.
ئېتىقاد ھەم ئۆزۈڭ ناتونۇش ماڭا،
مەن ساڭا مەستانە، ئىنتىزار بىراق.
روھىمدا پارلايسەن كۈندەك، دىلىمغا
تەقدىرنىڭ جازاسى سالغاندا پىراق.
نامايان ئەيلەيسەن ئالدىمدا دائىم:
سەن — دۇنيا، سەن — ئاسمان ھەم سۈزۈك ئېقىن،
سەن — شائىر ئىلھامى، سەن — قارا بوران،
سەن — يۇلتۇز نۇرىدىن يارالغان چېقىن.
قىلارمەن ئىبادەت ئۆلگىچە ساڭا،
ھاياتىم چۆمۈلمەس سەنسىز ھۇزۇرغا.
ئۆلگەندە بولۇرمەن سەن بىلەن بىر تەن،
يۇلتۇزلار سىڭگەندەك تاڭدىكى نۇرغا.
تىلەيمەن ھاياتىم بولسا دەپ، سېنىڭ
شەنىڭگە ئاتالغان ئوتلۇق قەسىدە.
كۆزلەپ تۈن، تاڭلارنى، ھايات-ماماتنى،
تەشەككۈر دەي ساڭا باغلاپ ئەقىدە!...
تەبىئەت
كۆكتىكى نۇرانە ئوردا-قەسىر ھەم
گۈلىستان زېمىننىڭ سېھرىنى قامال
قىلالماي ئۆتۈپتۇق تا بۈگۈنگىچە،
ئەيلەپمۇ رەزىللىك، ئۆچلۈكنى قورال.
ئېقىنلار، جىلغىلار، گۈللەر ھېلىمۇ
مېھرىدە كۆرسىتەر بىزگە چىن ۋاپا،
يۇلتۇزنىڭ جۇلاسى قالمىدى سۇسلاپ،
بۇلبۇللار توختىماي ئەيلىشەر ناۋا.
ئاجايىپ ھەيۋەتلىك، سىرلىق ئورمانزار
بىلمەيدۇ بىزدە بار قانداق غەم، ئازاب،
كۆرۈنمەس كۆك ئاسمان چېھرىدە قورۇق،
تۇرساقمۇ ئۇنىڭغا بىر ھازا قاراپ.
ئەگەر جىمجىت توزۇپ كەتسە قىزىلگۈل
ئەگەر جىمجىت توزۇپ كەتسە قىزىلگۈل ،
خۇنۈكلەشسە يۇلتۇزلارنىڭ جۇلاسى،
دولقۇن تاشقا تېگىپ بولسا مىڭ پارە،
بۇلۇتلاردىن ئۆچسە شەپەق زىياسى؛
بۇ ئازابسىز، جان تالاشماي ئۆلۈشتۇر ،
ھېكمەتكە باي تەڭرى قىلغان شاپائەت،
بۇ ئەزرائىل گۈزەللىكتىن لال بولۇپ،
بەخش ئەتكەن چەكسىز ھۇزۇر-ھالاۋەت.
ئەي ئىنسانلار، قانداق ئۆلۈپ كېتىشنى
ئۆگىنىڭلار شۇ بۈيۈك پىر-كالاندىن،
شۇندا ئەجەل يېتىپ كەلسە زارلانماي،
كېتەرسىلەر ئىللىق كۈلۈپ جاھاندىن.
كۆك ئاسمان
مەن خەق بىلەن ئۆتەلمەيمەن ئۆم-ئىناق،
ئىشەنمەيمەن ئاتالمىش مەرد ئىنسانغا.
گۈزەللىكتۇر مېنىڭ ھايات مىزانىم،
ئۇ چېتىلماس نەپ-پايدا، نام-نىشانغا.
ئىشىنەرمەن پەقەت زەڭگەر ئاسمانغا،
ئاڭا ئاددىي ئىنسان پۇشتى چىقالماس.
ئەزرائىلدەك شۇنچە ئاددى، سىرلىق ئۇ،
مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇر، زىنھار يوقالماس.
تىترەپ تۇرار بوران سوققان ياپراقتەك،
مەۋجۇدات دەپ غەم يەر، تۆكەر مېھرىنى.
ئېھ، مەڭگۈلۈك كۈلكە ماكان ئەيلىگەن
ئۇنىڭ ئىنسان سۆيەلمەس يۈز-چېھرىنى.
تەڭرىم، سەندىن تىلەي، مېنى ئاسماندىن
يەر-زېمىنگە چۈشكەن قابىل مەردان قىل،
مەۋجۇداتنى تەكشى، ئادىل يورۇتقان
جىسمى ئاسمان كەبى كەڭرى ئىنسان قىل.
ھارغىنلىق
ئېھ تەڭرى، ئۆزۈمنى يۈرمەيمەن ئاياپ،
سەن بەرگەن ئىنئامغا ئاچارمەن قۇچاق.
گاھىدا تۇيۇلار ماڭا شاد-قايغۇ،
ھايات ھەم ماماتلار پەرقسىز بىراق.
خاتىرجەم كۈن كۆرۈپ، پەرۋاسىز ئۆلسەم،
خۇشاللىق پەيزىگە چۆمەرمەن پەۋەس.
كۈتمەيمەن ھېچكىمدىن زەررىچە شەپقەت،
بايلىققا قىلمايمەن زىيادە ھەۋەس.
ئالدىمدا بىر تىيىن ھالاۋەت، جاپا،
مۇھەببەت، ئەركىنلىك ساختىدۇر ئەبەد.
ئەزەلدىن رىزقىم يوق پايدا-ئاتاقتىن،
قەلبىمدە قالغىنى ھارغىنلىق پەقەت.
ماۋزۇسىز
يار بولماي ئۆتەمسەن يۈكسەك قەسرىمنى
سۈرۈشتە قىلغۇدەك قۇدرەت-مادارغا؟
مەن تۇرسام يۈگەنسىز، ھۆر-ئەركىن ئادەم،
كۆيەمدىم سەندەك بىر دېدەك-چاكارغا؟
بۇ خورلۇق، ئازابنىڭ يوقمىدۇ چېكى؟
كىشەننى چاقالماي كېتەمدۇق ئۆلۈپ؟
سەن مەھكەم باغلانغان بىر جۈپ قولۇڭنى
سوزامسەن ماڭىلا قويسۇن دەپ سۆيۈپ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Jasarattash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-22 15:40