ئاتا-ئانىلارغا ئون تەكلىپ
مەخەت ئابدۇرېھىم
بىر مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى ئائىلە تەربيسى جەھەتتە ئاتا-ئانىلارغا تۆۋەندىكىدەك
ئون تۈرلۈك تەكلىپنى بەرگەن.
1.بالىڭىزنى ئامالنىڭ بارىچە كۆپرەك رىغبەتلەندۈرۈڭ.بالىڭىز ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزغاندىلا،ئۈگىنىشكە بىرىلىدىغان بولىدۇ.
2.بالىڭىزنىڭ ئۈگىنىشىگە ۋە ئەمەلىي ئىلگىرلەش ئەھۋالىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈڭ،ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئۆزگىرشى بىلەن بالىنىڭ ئىلگىرلىگەن-ئىلگەىرلىمىگەن ياكى ئىمتىھاننىڭ قىيىنلىق دەرجىسىدە ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىقىنى ئىنىق ئايرىش كىرەك.
3. بالىڭىزغا ھەمىشە ئورۇندىغىلى بولىدىغان بىر نەچچە كىچىك نىشان بەلگىلەپ بىرىڭ .
4. بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇڭ. بالىڭىزغا كىتابتىكى مەسىلىلارنىلا ئىشلەتكۈزمەي، تۇرمۇشتىكى ھەرخىل پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭغا مەشىق قىلدۇرۇڭ.
5. بالىڭىزنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇڭ. بالىڭىز قاچا- قۇچىلارنى، قول ياغلىقلىرىنى يۇيۇش، كارۋىتىنى رەتلەش، ئەسۋابلارنى ئىشلىتىشتەك ئىشلاردىن باشلاپ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان بولسۇن.
6. بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۈلگە بولۇڭ. ئەگەر ئاتا- ئانا بىرەر يىڭى كىتاب، بىرەر يىڭى مەسلىگە يۇلۇققاندا ھاياجانلىندىغان بولسا، بۇلارنى كۆرۈپ تۇرغان بالىمۇ ئىختىيارسىزلا تەسىرگە ئۇچراپ، ئەستايىدىل كىتاب ئوقۇيدىغان، دەرىستىن سىرىتقى مەشىقلىرىنى ئوبدان ئىشلەپ بىلىم ئالىدىغان بولىدۇ.
7. بالىڭىزنىڭ ئالدىدا مۇئەللىمنى چۈشۈردىغان گەپلەرنى قىلماڭ.
8. ئائىلىدە ئۆگىنىش تۈزۈمىنى بىكىتىپ، بالىڭىزغا قەتئىي ئىجرا قىلدۇرۇپ، ياخشى ئۈگىنىش ۋە مەشغۇلىيەت ئادىتىنى يىتىلدۈرۈڭ.
9. بالىلارنى سۇئال سوراشقا يىتەكلەڭ. سوئال سوراشقا ئامراق بالىلارنىڭ بىلىمنى قوبۇل قىلىشى پەقەت سۆزلىگەننى ئاڭلاپ بىلىم ئالدىغان بالىلارغا قارىغاندا تىز بولىدۇ، ھەمدە بۇنى ئىغىر يۈك ھىس قىلمايدۇ.
10. بالىڭىز مەكتەپكە بىرىشقا، دەرىس تەكرارلاشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولسۇن. ئائىلىدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار تۈپەيلىدىن، دەرىستىن قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمىسۇن.
ئەر-ئاياللارغا ئون مەسلىھەت
1. جۆرىسىگە سەمىمى سادىق بولۇش لازىم، ئىشەنچىدىن ساغلام ھىسيات پەيدا بولىدۇ.ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە ئىشىنىش ئۈچۈن بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىشى لازىم.
2. قارشى تەرەپنىڭ ياخشى تەرىپى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىغا كۆپرەك دىققەت قىلىشى،سەۋەنلىك ۋە كەمچىللىكلىرىنى ئەپۇ قىلىش لازىم.
3. بىر ئائىلىدە ئەر-خوتۇن ئۆزئارا يادەمگە ئىرىشكەندە ھەممە نەتىجە ‹مىنىڭ›بولماستىن،‹بىزنىڭ›دىگەننى ھەرگىز ئەستىن چىقارماسلىق لازىم.
4. تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇش،قارمۇ-قارشى بولوپ قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم،قارشى تەرەپنىڭ پىكىرىنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ،قارشىلىقنى مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىش لازىم.
5. نىكاھ تۇرمۇشىدىمۇ‹ئويلىنىپ ئىش قىلىش›قا توغرا كىلىدۇ.ھەر ئىككىلا تەرەپ مۇۋەپپىقىيەتلىك نىكاھنىڭ يىتىشتۈرگۈچىسىدىن بولىشى،ھەرگۈز ئۇنىڭ بۇزغۇنچىللىرىدىن بولماسلىقى لازىم.
6. ئۇقۇشماسلىقتىنىڭ پەيدا بولىشىدىن ساقلىنىش لازىم.ناۋادا ئۇقۇشماسلىق بولوپ قالسا،ئۇنى دەرھال يوقۇتىش لازىم. ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئۇزاققىچە ساقلىنىشى،ئەر-خوتۇنلارنىڭ چىقىشالماسلىقى ۋە نىكاھنىڭ ‹خادا تاشقا ئۈسۈۋىلىشى›غا سەۋەپ بولوپ قالىدۇ.
7. ‹ئاجىرىشىمەن›دىگەن سۆزنى ئالدىراپ قىلماسلىق لازىم.بەزى بىر مۇۋەپپىقىيەتلىك نىكاھلار پەقەت چاقچاق يوسوندا ئېيتىلغان‹ئاجىرشىمەن›دىگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويغانلىقتىن،راستقا ئايلىنىپ كەلگەن.
8. بىر تەرەپ خاتا ئىش قىلىپ قويسا،قارشى تەرەپ ھەرگىز كوتولداۋەرمەسلىك لازىم.
9. غەزەپلىنىش،خۇشال بولماسلىقلارنىڭ ئىنسانلاردىكى نورمال ھىسيات ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىش لازىم.قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىسىلا ئۇنى نىكاھنىڭ ‹خادا تاشقا ئۈسۈۋىلىشى›نىڭ بەلگىسى دەپ قارىماسلىق قازىم.
10. ئىناق بولغان ئەر-خوتونلۇق مىھرى-مۇھەببىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش لازىم.
مەنبە: ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىن خاتىرسىدىن
ئىنسانىيەتنىڭ ياشىشىغا تەھدىت سېلىۋاتقان
ئون چوڭ مەسىلە
1.قۇم بېسىپ كىتىش ئەھۋالى كۈنساناپ ئېغىرلاشماقتا.دۇنيادىكى قۇملۇقنىڭ كۆلىمى ئۆزلۈكسىز كېڭىيىپ،ھەريىلى 2000 گىكتار تېرىلغۇ يەر قۇم دېڭىزىغا ئايلانماقتا.
2. ئورمانلارنى كىسىپ تاشلاش ئېغىر بولوپ،ئورمانلار ئىنتايىن تىز سۈرئەت بىلەن ئازىيىپ كىتىۋاتقانلىقتىن،سۇ ۋە توپىنىڭ خوراش ئەھۋالى ئېغىر دەرجىدە پەيدا بولماقتا.
3. ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن،نۇرغۇنلىغان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ،ئىكولوگىيلىك تەڭپۇڭلۇققا تەسىر كۆرسەتمەكتە.
4. دۇنيا ئاھالىسى شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتە.2010-يىلدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتىن مەلۇمكى،دۇنيا نوپۇسى 1978-يىلدىن 2010-يىلغىچە بىر ھەسسە كۆپەيگەن.
5. ئىستىمال قىلىنىدىغان سۇ مەنبەسى بارغانسىرى ئازايماقتا.بولوپمۇ تاتلىق سۇ مەنبەسى ئازىيۋاتقاچقا،ئىنسانلارنىڭ سۇ ئىستىمال قىلىش مەسىلىسى بارغانسىرى ئېغىرلاشماقتا.
6. بېلىقچىلىق مەنبەسى بارغانسىرى ئازايماقتا.بەزى دۆۋلەتلەر دېڭىز-ئوكيانلاردا قاراملىق بىلەن بېلىق تۇتقانلىقتىن،دۇنيادىكى بېلىقچىلىق مەيدانلىرىنىڭ 25پىرسەنتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
7. دەريا سۈيىنىڭ بۇلغۇنىشى ئېغىرلاشماقتا.سانائەتتە ئىشلىتىلگەن كىرەكسىز سۇلار،
بىنا ئۆيلەردىكى سېسىق سۇلار ئېرىق-ئۆستەڭ،دەريا-دېڭىزلارغا قويىۋىتىلگەچكە،سۇ بايلىقىغا ۋە ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتمەكتە.
8. دېھقانچىلىق دورىسى كۆپلەپ ئىشلىتىلمەكتە.بۇ زىرائەتلەرگىلام تەسىر كۆرسۈتىپ قالماي،ئادەملەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە.
9. يەر شارىنىڭ تىمپىراتورسى كۆزگە كۆرنەېرلىك دەرجىدە يۇقۇرى ئۆرلىمەكتە.يېقىنقى يىللاردىن بىرى تىمپىراتورنىڭ ئۆرلىشى تىز بولۇپ كەتكەچكە،قىتئەلەر ئوتتۇرسىدىكى ھاۋارايى تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ كەتكەن.
10. ئاتمۇسفۇرانىڭ بۇلغۇنىشى دەرجىدىن تاشقىرى ئېغىر بولوپ كەتكەن.ئاتمۇسفۇرادىكى بۇ بۇلغۇنۇش يەرشارىدىكى بارلىق ماۋجۇداتلارنى زەھەرلىمەكتە.
تەرمىلەر ژورنىلىدىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-19 18:22
|