يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1319|ئىنكاس: 24

زۆھرەگۈل ھامۇت: ھال رەڭ غۇنچە-تېلىۋېزىيە سىنارىيىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاپتورى: زۆھرەگۈل ھامۇت
ھال رەڭ غۇنچە
( سېنارىيە)
قاتناشقۇچىلار:
1. ماھىرە........... ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى(22ياش)
2. شەۋكەت...... ماھىرەنىڭ ساۋاقدىشى(22ياش)
3. سۈبھىنۇر.... ماھىرەنىڭ ياتاقدىشى(22ياش)
4. زورىخان.... سۈبھىنۇرنىڭ ئاپىسى(48ياش)
5. گۈلسۈم.... ساقچى(35ياش)
6. مۇنىرە..... ماھىرەنىڭ ئوقۇتقۇچىسى(45ياش)
7. ياتاقداش قىز ئا، ياتاقداش قىز ب ۋە باشقىلار.
1- كۆرۈنۈش: تۈرمە.
قولىغا كويزا سېلىنغان، ئۇچىسىغا مەھبۇس كىيىمى كىيگەن سۈبھىنۇر ئىككى ساقچىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېغىر قەدەملەر بىلەن بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە كۆرۈشۈش ئۆيىگە كىرىپ كېلىدۇ. زورىخان بىلەن ماھىرەنىڭ كۆزلىرىدىن ئەلەملىك ئۇچقۇن چاقنايدۇ. كۆرۈشۈش ئۆيىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بىر قەۋەت قېلىن ئەينەك تام ئايرىپ تۇرىدۇ.
زورىخانقولىغا تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئېلىپ ئۆكسۈپ يىغلايدۇ) جېنىم قىزىم! قانداق ئەھۋالىڭ؟!
سۈبھىنۇر: (قولىغا تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئېلىپ بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ئۈمچىيىپ) سىزمۇ ياخشى تۇردىڭىزمۇ ئاپا؟ مەندەك ۋاپاسىز قىزىڭىزنى كەچۈرۈڭ، مېنىڭ سىزگە قاراشقا يۈزۈم يوق.
زورىخان: (يۇم-يۇم يىغلاپ) جېنىم قىزىم، نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەخمىقانە ئىش قىلدىڭ؟! ئاشۇنداق ناتوغرا يولدا ماڭغىچە مەندەك بىر جاپاكەش ئاپاڭنىڭ بۇ دۇنيادا پەقەت سېنى دەپلا ياشاۋاتقانلىقىنى بىرەر قېتىممۇ خىيالىڭغا كەلتۈرۈپ قويمىدىڭمۇ؟
سۈبھىنۇربېشىنى تۆۋەن سېلىپ) سىزگە مەڭگۈ يۈز كېلەلمەيمەن جېنىم ئاپا. كۆيۈمچان ئوقۇتقۇچىلىرىمغا، مېھرى ئىسسىق ساۋاقداشلىرىمغا يۈز كېلەلمەيمەن.(يانچۇقىدىن بىر دانە كونۋېرتنى ئېلىپ) بۇ مېنىڭ تۈرمىگە كىرگەندىن بېرى ئازاب ئىچىدە يېزىپ چىققان پۇشايمان خاتىرەم. سىلەر بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىشقا سالاھىيىتىم توشمايدۇ،(بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ) جېنىم ئاپا، ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ، مېنىڭدىن ئەندىشە قىلماڭ، مەن چوقۇم ئۆزگىرىپ چىقىپ سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمەن.(ماھىرەگە قاراپ) ئاداش ماھىرە، بۇ خەتنى ئېغىر كۆرمەي ئاپامغا ئوقۇپ بەرگىن، مەن كىرىپ كەتتىم...(ئۇ شۇنداق دەپلا تۈرمە ئىچىگە ئوقتەك ئېتىلىپ كىرىپ كېتىدۇ.)
زورىخان: (ئەينەك تامغا چاپلىشىپ ھازا ئاچقاندەك يىغلاپ كېتىدۇ) سۈبھىنۇر قىزىم! جېنىم قىزىم!
ماھىرە: (يىغلامسىراپ) سۈبھىنۇر!!!(سۈبھىنۇر كىرىپ كەتكەندىن كېيىن زورىخانغا تەسەللى بېرىپ) يىغلىمىسىلا زورىخان ئاچا، سۈبھىنۇر ھامان ئۆزگىرىپ ياخشى قىز بولۇپ چىقىدۇ، بىز ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتەيلى.
-2كۆرۈنۈش: مەكتەپ ئىچىدىكى گۈللۈك.
گۈللۈكتە زورىخانغا يانداش ئولتۇرغان ماھىرە سۈبھىنۇرنىڭ خېتىنى زورىخانغا تەسىرلىك قىلىپ ئوقۇپ بېرىدۇ. زورىخان ياغلىقىنىڭ ئۇچىدا كۆز يېشىنى سۈرتۈپ ئولتۇرۇپ خەت مەزمۇنىغا قۇلاق سالىدۇ. خەت مەزمۇنىغا ئاساسەن ماس كۆرۈنۈشلەر ئۇلىنىپ كېلىدۇ.
سۈبھىنۇرنىڭ خېتى ئۆز ئاۋازىدا بېرىلىشكە باشلايدۇ.
«مېھرىبان ئاپا، كۆيۈمچان ئۇستازلار، دىلكەش ساۋاقداشلار، سىلەر بۇ خېتىمنى ئوقۇۋاتقان چېغىڭلاردا مەن تۈرمىنىڭ قېلىن، سوغۇق تاملىرىغا زەئىپ گەۋدەمنى تىرەپ، دۈگدىيىپ ئولتۇرغان بولىمەن. يالغۇزلۇق ئاساۋ ئاتتەك ناتىۋان قەلبىمگە خىرىس قىلغىنىدا ئەركىنلىكنىڭ قەدرى شۇ قەدەر ئۆتۈلىدۇكى، بىمەزگىل تۇنجۇققان روھۇمنى پەپىلەشكە ئاجىزلىق قىلىپ دەمدەرنىڭ ئۈنلىشىدەك بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتىمەن. ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالغان جىسمىمنى ئېلىپ دالالاردا كېپىنەك قوغلاپ بالىلىقىمغا قايتقۇم، تاڭ سابانىڭ ساپ ھاۋاسىدىن قانماي نەپەس ئالغۇم كېلىدۇ.
مەن ئالىي مەكتەپكە كەلگەن چېغىمدا قەلبىمگە بىلىم ئېلىشتىن ئىبارەت ئالىي غايە پۈكۈلگەن سەبىي قىز ئىدىم. ئەمما ئالىي مەكتەپتىكى تۈرلۈك ئېزىقتۇرۇشلار ئالدىدا ئۆز ئېتىقادىمدىن ۋاز كەچتىم. مېنىڭ بىغۇبار پاك قەلبىمگە ئەڭ ئاۋۋال شەخسىيەتچىلىك، پۇلپەرەسلىك، يۇرتۋازلىق، ئابرۇيپەرەسلىك بىخلىرى گويا يوپۇرماق قۇرتىدەك لۆمشۈپ كىرىپ، پۈتۈن ھۈجەيرەمگە ئاستا-ئاستا كىرپىنىڭ تىكىنىدەك سانجىلىشقا، ئەتراپىمدىكى گۈزەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا گويا يىرىتقۇچ ھايۋاننىڭ خىرىس قىلغىنىغا ئوخشاپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بىلەمسىز ئاپا، سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى بىزدىن نەچچە ھەسسە ياخشى. پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغان چاغلىرىمدا پۇل سورىسام، ماڭا پۇل ئۆتنە بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھاقارەتلەنگەن چاغلىرىم، ئۇچامدىكى تولا كىيىپ رېڭى قالمىغان كىيىملىرىمنى يۇيۇپ سىمغا يېيىپ قويسام، ئۈستىگە بۇرنىنىڭ پوتلىسىنى سۈرتۈپ قويغان قىزلارنىڭ يولسىزلىقلىرى، يېنىمدا پۇل يوق تاماق ئېلىپ يېيەلمەي ئاچ قالغان مىنۇتلاردا ھېچكىمگە بىلدۈرمەي قاتتىق نان غاجاپ ئۆتكەن كۈنلىرىمنى كىمگە ئېيتاي؟ ئەتراپىمدىكى مەن بىر ئۆمۈر قوغلاپمۇ يېتەلمەيدىغان تۇرمۇش مۇھىتى مېنى جەمئىيەتتىن يىرگىنىدىغان، ئۆزۈمنى ھەمىشە باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرىدىغان، ماڭا بەكرەك قاراپ قويغانلاردىن خۇدۈكسىرەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى. بىلەمسىز جېنىم ئاپا، سىز بىر ئاي توشقىچە يول سۈپۈرۈپ تاپقان پۇلنى بەزى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئاتا-ئانىسى بىر كۈندىلا تاپالايدىكەن، ئۇلارنىڭ سېخى قولىدا بىرەر مىڭ يۈەن دېگەن تېرەك غازىڭىنىڭ ئورنىدا خالىغىنىچە خەجلىنىپ تۈگەيدىكەن. ئەمما بىزنىڭچۇ؟
ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالغان شۇ مىنۇتلاردا ياتاقداش قىزلاردىن بىھۇدە ئاغرىنىپ يۈرگىنىمنى تەن ئالدىم، دىلىمنى پۇشايمان ئوتلىرى قاتتىق كۆيدۈردى. ئۇ قىزلار ئەسلىدە ماڭا ياخشى بولسۇن دەپ نەسىھەت قىلغانىكەن، ئەمما مەن ئەقىلسىز ئۇلارنىڭ تەنبىھىنى مېنى بوزەك قىلغانلىق دەپ ئارتۇقچە چۈشىنىۋاپتىمەن. ماھىرە مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى، ئەمما مەن ئۇنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقىغا زادىلا چىدىماي قالدىم، ئۇنىڭ بىلەن قەستەن تېگىشىپ زاكۇنلاشتىم. ئەمدى ئويلىسام نىمىشقىمۇ شۇنداق قىلغاندىمەن دەپ ئىچ-ئىچىمدىن ئۆكۈنىمەن. قىزلارنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالغان بولسام بۈگۈنكىدەك پاجىئە يۈز بەرمىگەن بولاتتى.
3-كۆرۈنۈش: سىنىپ ئىچى.
(سۈبھىنۇرنىڭ بايانىغا ماس ھالدا سىنىپ ئىچىدىكى كۆرۈنۈشلەر چىقىشقا باشلايدۇ)
سۈبھىنۇرنىڭ بايانى: كامېرنىڭ ئىچىدە پۇشايمان يەپ ئولتۇرۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلىغىنىمدا، سىنىپ مەسئۇلىمىز مۇنىرە مۇئەللىمنىڭ بىر قېتىملىق دەرسى ھەمىشە ئەسلىمەمگە ياندىشىدۇ.
مۇنىرە مۇئەللىم: (ئوقۇغۇچىلارغا تەمكىنلىك بىلەن تەكشى قاراپ) ساۋاقداشلار، بۈگۈن يېڭى دەرس باشلاشتىن بۇرۇن سىلەرگە نىكولاي ئوستىروۋىسكىنىڭ«ھاياتلىق ئادەمگە بىرلا قېتىم كېلىدۇ. ئادەم ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۈزۈشى كېرەككى، ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرى ئۈچۈن ھېچ ئۆكۈنمەيدىغان ۋە پۇشايمان قىلمايدىغان بولسۇن!»دېگەن ئەقلىيە سۆزىنى ھەدىيە قىلىمەن.
4-كۆرۈنۈش: سىنىپ ئىچى، شۇ ۋاقىت.
سىنىپ ئىچىدىكى ساۋاقداشلارنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاۋاتقان كۆرۈنۈشى بېرىلىدۇ.
مۇنىرە مۇئەللىم: مەن سىلەرگە«قانداق ياشاش بەك مۇھىم»دېگەن مەسەلنى سۆزلەپ بېرىمەن، دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ساۋاقداشلار!
كەڭ ئېتىزلىقتىكى يول بويىدا بىر تۈپ تېرەك بار ئىكەن. ئۇنىڭ غوللىرى ئەگرى، ئىچى پور-كاۋاك ئىكەن. ئۇ كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە قوغۇنلۇققا بوينىنى سوزۇپ قاراپ، گۆپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان قوغۇنلارنى كۆرۈپتۇ، بىراق قوغۇننىڭ يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ، غوللىرى سولىشىپ قالغانىكەن، كاۋاك تېرەك قوغۇننىڭ بۇ قىياپىتىنى كۆرۈپ:
-ئەي قوغۇنجان، ئۆمرۈڭ نېمانچە قىسقا؟ سەن كۆپ مېۋە بەرگەچكە، ئاران بىر يىللا ياشىيالايدىكەنسەن. ئۇنىڭدىن كۆرە ماڭا ئوخشاش مېۋە بەرمەي، ئۇزۇن يىل ياشىساڭ بولمامدۇ؟ مانا مەن قېرىپ، ئىچىم كاۋاك بولۇپ قالساممۇ، قىش-ياز ياشاۋاتىمەن،-دەپ ماختىنىپتۇ.
قوغۇن ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغىنىنى بىلسىمۇ، قىلچە ئۆكۈنمەي، مەردانىلىك بىلەن كاۋاك تېرەككە قاراپ:
-مەن مېۋە بەرمەي100يىل ياشىغاندىن، مېۋە بېرىپ بىر يىل ياشىغاننى ئەلا بىلىمەن،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ساۋاقداشلارغا مەلۇمكى، ھايات ھەممىمىزگە سوۋغات قىلىپ بېرىلگەن ئەڭ كاتتا تارتۇق، مۇكاپات. ئەمما بۇ كاتتا نىمەتتىن قانداق بەھرىلىنىش بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئىلىكىدىكى ئىش. بەزىلىرىمىز ھاياتىمىزنى ئويناپ-كۈلۈپ، ئەھمىيەتسىز ئويۇن-تاماشىلار بىلەنلا تۈگىتىۋېتىپ قالىمىز. يەنى تۇرمۇشتىن ياكى ئۆزىمىز تۇتامغا چىققۇدەك ئەھمىيەت، مەنىگە ئېرىشەلمەيمىز ۋە ياكى ئەتراپىمىزدىكىلەرنى خۇش قىلالمايمىز. ئۇلارغا ھېچبىر پايدا، خۇشلۇق يەتكۈزەلمەيمىز، مۇنداق ھاياتنى نېمە دېيىش مۇمكىن؟
ھايات ئاران بىرلا قېتىم كېلىدىغان قىممەتلىك پۇرسەت بولغانىكەن، ئۇنى ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزەيلى. بىزنىڭ ياشىغىنىمىزنىڭ پايدىسى بولسۇن. يەنى ئۆزىمىزمۇ مەنىلىك، پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ، بەخت لەززىتىنى ھېس قىلىپ ياشايلى، ئەتراپىمىزدىكىلەرمۇ بىزدىن خۇشلۇق تاپسۇن، بىز بىلەن ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلسۇن!
ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن ئاڭلاۋاتقان كۆرۈنۈشى بېرىلىدۇ.
مۇنىرە مۇئەللىم: ساۋاقداشلار! ھاياتلىققا دائىر ھەر قانداق بىلىدىغانلىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلاردىن ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن سىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قىممەتلىك چۈشەنچەڭلارنى ئاڭلاشنى خالايمەن!
ماھىرە: (قول كۆتۈرىدۇ) مۇئەللىم مەن سۆزلەپ باقاي.
مۇنىرە مۇئەللىم: بولىدۇ ماھىرە، قېنى ھەممەيلەننىڭ قۇلىقى سىزدە، سۆزلەڭ.
ماھىرە: (تارتىنچاقلىق بىلەن نېپىز لىۋىنى بوشقىنە چىشلەپ) مەن ساۋاقداشلارغا«ھاياتلىقنىڭ قىممىتى دېگەن مەسەلنى سۆزلەپ بېرەي.
بىراۋ بىر تال سەرەڭگە يېقىپتۇ. ئوت يالقۇنى لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ. يىراقتىكى شامال كۆيۈۋاتقان سەرەڭگىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كۆيۈپ كۈل بولۇپ كېتىشىگە چىدىماي ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېلىپ، بىرلا پۈۋلەپ كۆيۈۋاتقان سەرەڭگىنى قۇتقۇزۇۋاپتۇ.
ئۆچۈپ قالغان سەرەڭگىنى ئىگىسى يەرگە تاشلىۋېتىپتۇ. سەرەڭگە شامالنى كۆرۈپ:«شامال ئانا، سىز نېمىشقا مېنى پۈۋلەپ ئۆچۈرۈۋېتىسىز؟»دەپ سوراپتۇ.
شامال جاۋاب بېرىپ:«ئوغلۇم، سېنىڭ ھاياتىڭنى ئوت يالقۇنى كۆيدۈرۈپ تۈگەشتۈرگىلى تۇرۇپتىكەن، شۇڭا مەن سېنىڭ ھاياتىڭنى قۇتقۇزۇۋالدىم»دەپتۇ.
سەرەڭگە بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەسرەت چېكىپ:«ھەي شامال ئانا، سىز مېنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىمنىڭ ئەڭ زور قىممىتىنىڭ كۆيۈش ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بىراق سىز مېنىڭ ھاياتىمدىكى چېقىندەك يورۇقلۇقنى ئۆچۈرۈپ قويدىڭىز...»دەپتۇ.
دېمەك، بەزى ۋاقىتتا ھاياتلىقنىڭ قىممىتى ئۆزىمىزنى كۆيدۈرۈپ، باشقىلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلىشقا باغلىق.
5-كۆرۈنۈش: مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ بۈككىدە دەل-دەرەخلەر سايە تاشلىغان يول ئۈستى.
يولنىڭ ئىككى قاسىنىقىدىكى كەڭ كەتكەن چىملىقتا قىز-ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن دىققىتى بىلەن دەرس تەكرار قىلىۋاتقان، يولدا ھەر خىل كىيىنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيان-بۇيان ئۆتۈشۈۋاتقان كۆرۈنۈشى بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قولىدا ماتېرىيال كۆتۈرۈۋالغان شەۋكەت ياندىكى چىغىر يولغا ئەگىپ كېتىۋاتقان ماھىرەنى كۆرۈپ«ماھىرە!»دەپ توۋلايدۇ) ماھىرە قولىدا چوڭ كىتاب كۆتۈرۈۋالغان.(
ماھىرە ئاۋاز چىققان تەرەپكە ئىتتىك قاراپ شەۋكەتنى كۆرۈپ ئەجەبلىنىپ جايىدا توختايدۇ. شەۋكەت قەدىمىنى تېزلىتىپ ماھىرەگە يېتىشىۋالىدۇ.
شەۋكەت: نەگە ماڭدىڭىز ماھىرە؟
ماھىرە: كۈتۈبخانىغا ماڭغان ئىدىم. (سوئال ئىلىكىدە شەۋكەتكە قاراپ) مېنى نېمىگە چاقىردىڭىز؟
شەۋكەت: (كۆزلىرىدىن خۇشاللىق نۇرىنى چاقنىتىپ) سىزگە يەتكۈزىدىغان بىر خۇش خەۋەر بار، ماڭا نېمە سۆيۈنچە بېرىسىز؟!
ماھىرە: (قىزىقىش ئىچىدە شەۋكەتكە قاراپ) سادىغاڭ كېتەي شەۋكەت، سۆيۈنچىسىگە سىزنى بىر ۋاقلىق تاماق بىلەن مېھمان قىلاي، مېنى تەقەززا قىلماي دېسىڭىزچۇ؟ زادى نېمە خۇش خەۋەر ئۇ شۇنچە خۇش بولۇپ كەتكۈدەك؟
شەۋكەت: (شوخلۇق بىلەن) ئەمىسە سۈيۈنچىنى ئۇنتۇپ قالماڭ، مەن سىزگە ئېيتىپ بېرەي.
ماھىرە: (تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ) ۋاي-ۋۇي، ئەزمىڭىزنى ئەزمەي تېز-تېز بولمامسىز ئادەمنى تەقەززا قىلغىچە؟
شەۋكەت: ماقۇل، ئەمىسە دېدىم، قۇلىقىڭىزنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ: چۈشتىن كېيىنلىك مۇزاكىرىدىن يانغان تەنەپپۇستا ئۆگىنىش ھەيئىتىمىز تەلئەت سىنىپ مەسئۇلىمىز مۇنىرە مۇئەللىمنىڭ ئىككىمىزنى ئىشخانىسىغا چاقىرتقانلىقىنى ئېيتتى، مۇئەللىمنىڭ گېپى بويىچە سىزنى ئېلىپ بىرگە ئىشخانىغا ماڭاي دەپ قارىسام سىنىپتا يوق تۇرىسىز. قىزلار سىزنى:« سەل مىجەزى يوق، دورا ئالغىلى چىقىپ كەتكەن» دېيىشتى، مۇئەللىمنىڭ تەنقىد قىلىشىدىن ئەنسىرەپ سىزنى ساقلىمايلا ئىشخانىغا كىرگەن ئىدىم، ئۇنىڭ بىزنى نېمىگە چاقىرتقىنىنى بىلەمسىز؟ ئۇ ماڭا:«شەۋكەت، ماھىرە بىلەن ئىككىڭلار ئوقۇشقا كەلگەندىن بۇيان ئىزچىل تىرىشىپ ئوقۇپ كېلىۋاتىسىلەر. بۇ قېتىملىق ئىمتىھان نەتىجەڭلار مەكتەپ بويىچە ئەڭ يۇقىرى چىقتى. مەكتەپ مەمۇرىيىتى ئىككىڭلارنى دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتتى»دېمەسمۇ؟ خۇشاللىقىمدىن يۈرىكىم كۆكرىكىمنى تېشىپ چىقىپ كېتىدىغاندەك سوقۇپ كەتتى دەڭا.
ماھىرە: (ھاياجان ۋە خۇشاللىقتىن كۆزلىرى چاقناپ كېتىدۇ) بۇ راستلا كاتتا خۇش خەۋەركەنغۇ شەۋكەت، مەنمۇ بەك خۇشال بولۇۋاتىمەن. بۇ خۇش خەۋەرنى مۇئەللىمنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلايچۇ...
شەۋكەت: مىجەزىڭىز يوق ئادەم كۈتۈبخانىغا مېڭىپسىز، بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپلا يەنە مۇئەللىمنىڭ يېنىغا بارىمەن دەيسىز، ساقايغىچە ياتىقىڭىزدا ئوبدانراق ئارام ئالسىڭىز بولمامدۇ؟
ماھىرە: ئەنسىرەپ كەتكۈدەك ھالدا ئەمەسمەن، كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت!
6-كۆرۈنۈش: قىزلار ياتىقى.
ماھىرەنىڭ كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن كىتاب كۆرۈۋاتقان، بەزى قىزلار ياتاق رەتلەۋاتقان، بەزىلىرى ئەينەككە قاراپ گىرىم قىلىۋاتقان، سۈبھىنۇرنىڭ ئۈندىداردا پاراڭلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشى بېرىلىدۇ.
ماھىرە: (كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ) قىزلار، ئەتە مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ئەمەسمۇ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتساڭلار بولاتتى.
سۈبھىنۇر: (ماھىرەگە مەنسىتمىگەندەك قاراپ قويۇپ) مەكتەپ بويىچە بىرىنچى بولدۇم دەپلا بىزنى باشقۇرۇپ كەتمىسەڭمۇ بولىدۇ. قانداق قىلىشنى بىز سەندىن ياخشى بىلىمىز.
ماھىرە: (تېرىكىپ) سەن مېنىڭ ياخشى كۆڭلۈمنى خاتا چۈشىنىۋالغاندەك قىلىسەن، بۇ مېنىڭ سىلەرنى باشقۇرغىنىم ئەمەس، ئاگاھلاندۇرغىنىم خالاس.
سۈبھىنۇر: (بوينىنى شاپتۇل قېقىپ) ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى بىلە ھەممە ئىشقا چات كېرىۋالماي!
ياتاقداش قىز ئا: (دېرىزە تەكچىسىدىكى گۈلگە سۇ قۇيغاچ ماھىرەنىڭ گېپىنى تەستىقلايدۇ) سۈبھىنۇر، ماھىرەنىڭ قىزلارنى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلغىنى خاتا ئەمەسقۇ؟
ياتاقداش قىز ب: شۇنى دەيمەن.
سۈبھىنۇر: (قىزلارغا ئالىيىپ) ئەمدى ئوپ-ئوچۇقلا بۇ خېنىمنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرىدىغان بولۇشۇپ كېتىپسەنغۇ ھەر قايسىڭ؟
قىزلار: (خاپا بولۇشۇپ) نېمە دەيسەن سۈبھىنۇر؟ بىز كىم توغرا گەپ قىلسا شۇ تەرەپتە ئۇقتۇڭمۇ؟
سۈبھىنۇر: (غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ) ھەممىڭ تىلىڭنى بىر قىلىپ مېنى بۇ ياتاقتىن سىقىپ چىقارماقچىما؟
ماھىرە: (ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ) سەن نېمىشقا ھەمىشە باشقىلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى يامانغا بۇرايدىغانسەن سۈبھىنۇر؟ بىزدە نەدىمۇ ئۇنداق يامان غەرەز بولسۇن؟
سۈبھىنۇر: (قوللىرىنى شىلتىپ) مېنى بىلمەيدۇ دىيىشمە! ھەممىڭ بىرلىشىپ مېنى بوزەك قىلىشىۋاتىسەن، ماڭا قىلغانلىرىڭغا ھامان توۋا قىلغۇزىمەن!(غەزەپ بىلەن ياتاقتىن چىقىپ كېتىدۇ).
ماھىرە: (مەيۈس قىياپەتتە) قىزلار، يېقىندىن بېرى سۈبھىنۇرغا زادى نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەيلا قالدىمغۇ؟ ئۇ ئىلگىرى غەرەز ئۇقىدىغان قىز ئىدى، ئىككىنچى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن بېرى ئۇنىڭ گەپ-سۆز، ئىش-ھەركەتلىرى ھېچ ئۆزىگە ئوخشىمايلا قېلىۋاتىدۇ. سىلەرمۇ شۇنداق ھېس قىلدىڭلارمۇ؟
قىزلاربىردىن-ئىككىدىن سۆزلەپ) مەنمۇ شۇنداق ھېس قىلىۋاتىمەن، ئۆگىنىشكە زادىلا قىزىقمايدۇ، ھەدىسىلا ئۈندىداردا كىملەر بىلەندۇر پاراڭلىشىپلا يۈرىدۇ. يېقىندىن بېرى سەۋەبسىز دەرس تاشلىغان ۋاقتى 12 سائەتكە يەتتى.
ياتاقداش قىز ئا: سۈبھىنۇرنىڭ جەمئىيەتتىكى بىكار تەلەت ياشلار بىلەن ئالاقىسى قويۇقتەك قىلىدۇ جۇمۇ قىزلار.
ياتاقداش قىز ب: (ھەيران بولغاندەك كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ قاراپ) بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ سەن بۇلارنى قانداق بىلدىڭ؟
ياتاقداش قىز ئا: ئۇنىڭ يېقىندىن بېرى ئالاقە قىلىشىۋاتقان دوستلىرىغا قاراپ بېقىڭلار.
ماھىرە: (جىددىي تەلەپپۇزدا قىزلارغا قاراپ) قىزلار، سۈبھىنۇرغا يېقىندىن ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ ئېزىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى، ھازىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە ئاق ئالۋاستىغا ئۆگىنىپ قېلىپ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ياشلىقىنى خاراب قىلىش بىلەن بىرگە، كىچىكىدىن ئارزۇلاپ بېقىپ مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتتە قاتارغا قوشقان جاپاكەش ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەجرىنى، مېھرىبان ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىيالمايۋاتقان بالىلار بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئۆزىنىڭ ئالتۇندەك ياشلىقىنى نىجىس كېسەلگە يەم قىلىپ بەرگەنلەرمۇ بار. ئويلاپ باقايلى، بىزنىڭ ياشاشتىكى مەقسىتىمىز زادى نېمە؟ ياخشى بىر ۋاقلىق تاماق يېيىش ئۈچۈنلىما؟ ياشاش ئۈچۈن ئادەمدە تولۇپ-تاشقان غايە ۋە ئېتىقاد، كۈچلۈك ئىرادە ۋە مەسئۇلىيەت، ئېگىلمەس-سۇنماس قەيسەرانە روھ بىلەن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق ۋە غۇرۇر تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك. سىلەرچە ئېيتقانلىرىم توغرىمۇ قىزلار؟
قىزلار: (بىر ئېغىزدىن) توغرا ئېيتتىڭ ماھىرە.
8-كۆرۈنۈش: قىزلار ياتىقى. بىر ھەپتىدىن كېيىن.
ئىشىك چېكىلىدۇ. قىزلار كىرىشكە رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن ياتاققا سۈبھىنۇرنىڭ ئاپىسى زورىخان كىرىپ كېلىدۇ.
زورىخان: (ھارغىنلىق ئارىلاش قىزلارغا قاراپ) ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم ئوماق قىزلىرىم، بۇ قىزىم سۈبھىنۇرنىڭ ياتىقىمۇ؟
قىزلار زورىخانغا قاراپ قىزغىنلىق بىلەن) شۇنداق ئاچا.
ماھىرە: ئاچا، سىلى سۈبھىنۇرنىڭ ئاپىسى ئىكەنلا-دە.
زورىخان: (ماھىرەگە مەيۈس تىكىلپ) شۇنداق،(قىزلارغا تەكشى قاراپ) ھەممىڭلار تىنچ-ئامان تۇردۇڭلارمۇ؟
قىزلار: (بىر ئېغىزدىن) تىنچلىقمۇ زورىخان ئاچا، سىلىمۇ ئوبدان تۇرغانلا؟ بىز سىلىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرگەن. تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن بولغاچقا پەرق ئېتەلمەي قاپتىمىز، ئەيبكە بۇيرۇمىغايلا.
زورىخان: (كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ) مەنغۇ ئوبدان تۇردۇم، بىراق شۇ بىچارە قىزىم سۈبھىنۇرنىڭ ئاغرىپ قالغىنى يامان بوپتۇ ئەمەسمۇ؟
قىزلار: (بىر-بىرىگە ھەيرانلىق ئىلىكىدە قاراپ) سۈبھىنۇر بىر ئوبدانغۇ؟
زورىخان: (ئىشەنمىگەندەك قىلىپ) سىلەر مېنى قىزىدىن ئەنسىرەپ كەتمىسۇن دەپ كۆڭلۈمنى ئاياۋاتىسىلەرغۇ ھە قىزلىرىم؟ سۈبھىنۇر ماڭا تۈنۈگۈن تېلېفوندا ھاسىراپ تۇرۇپ:«ئاپا، مەن جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قاپتىمەن، ھازىر دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيىگە كىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن، ئوپېراتسىيە ھەققى ئۈچۈن دەرھال 4000يۈەن ئەۋەتسىڭىز بولاتتى... مەندىن ئەنسىرىمەڭ، ماڭا ئوقۇتقۇچىم ۋە ساۋاقداشلىرىم ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ قاراۋاتىدۇ، سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ئالدىراش، شۇڭا مېنى كۆرگىلى كېلىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ...»دىۋىدى، بۇ شۇم خەۋەردىن پۇت-قولۇمدا جان قالمىدى. ئۇرۇق-تۇغقانلاردىن ئۆتنە-يېرىم قىلىپ قىزىمنىڭ كارتىسىغا پۇلنى سېلىۋېتىپلا بۇ ياققا چاپتىم. جىددىيلىكتە قىزىمنىڭ قايسى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنىمۇ سورىۋالماپتىكەنمەن، كېيىن تېلىڧۇن قىلسام تېلىڧۇنىنىڭ توكى قالمىغانمىكىن، «كەچۈرۈڭ، سىز تېلىڧۇن قىلغان ئابونت تېلېفونىنى ئېتىۋەتكەن»دەپلا چىقىۋاتىدۇ، شۇڭا بىتاقەت بولۇپ مېنى قىزىمنىڭ يېنىغا باشلاپ بارارمىكىن دەپ سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كېلىشىم ئىدى. قىزىم مېنىڭ كېلىدىغانلىقىمنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭغا ساۋاقداشلىرى قارىدى دېگەندىمۇ مەن ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىسەم زادىلا خاتىرجەم بولالمايمەن.(كۆز يېشى قىلىدۇ).
قىزلار ھەيرانۇ-ھەس بولغىنىچە بىر-بىرىگە قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ.
ماھىرە: (زورىخانغا ھېسداشلىق ئىلىكىدە تىكىلىپ) زورىخان ئاچا، ھېرىپمۇ كەتكەنلا، كەلسىلە ئاۋۋال كارىۋاتتا ئولتۇرسىلا.(زورىخاننىڭ بىلىكىدىن تۇتىدۇ. قىزلاردىن بىرى پىيالىگە چاي قۇيۇپ زورىخانغا سۇنىدۇ).
زورىخان: (بىتاقەت بولۇپ) قىزلار، سۈبھىنۇر قىزىم ساقايغاندا ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ چاي ئىچكىدەك بولۇپ كېلىمەن. ھازىر دوختۇرخانىغا تېز بېرىشىم كېرەك، ئۇ ھازىر قانداق يېتىۋاتىغاندۇ؟ مېنى تېزرەك باشلاپ بارساڭلار بولاتتى.
ماھىرە: (تېڭىرقىغىنىچە) زورىخان ئاچا، سۈبھىنۇر كېسەل ئەمەس، ئۇ چۈشتە ياتاقتا بار ئىدى، كەچتە تېخىچە ياتاققا كىرمەيۋاتىدۇ. نېمىشقا كىرمەيۋاتقاندۇ ئادەمنى ئەنسىرىتىپ؟ يېقىندىن بېرى ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرى بىزگە ئانچە نورمال كۆرۈنمەيۋاتىدۇ، ئازراقلا نەسىھەت قىلىپ قويساق ياتاقتىن باتناپ چىقىپ كەتكىنى كەتكەن.
زورىخان: (دەلدەڭشىپ) نېمە؟ ئۇ ئاغرىق ئەمەسما؟
ماھىرە: ئۇ سىلىنى ئالداپتۇ زورىخان ئاچا، يېقىندىن بېرى سۈبھىنۇرنىڭ جەمئىيەتنىڭ داشقاللىرى بىلەن باردى-كەلدى قىلىشىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدۇق. سۈبھىنۇر ئەزەلدىن غۇرۇرلۇق، غايىلىك قىز ئىدى، قانداقلارچە ئۇ ھارامتاماقلارنىڭ توزىقىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدۇق.
زورىخان: (جىددىيلىشىپ) ئۇ نېمە ئۈچۈن مېنى بۇنداق ئالدايدىغاندۇ؟ قىزىم ھازىر نەدە يۈرىدىغاندۇ؟ تېلىڧۇنىمۇ ئېتىك تۇرسا قانداقمۇ ئالاقىلىشەرمىز ئەمدى؟
ياتاقداش قىز ئا: زورىخان ئاچا، سۈبھىنۇرنىڭ ئىككى دانە يانڧۇنى بار، ئۇنىڭ يەنە بىر نومۇرىنى سىلى بىلمەملا؟
زورىخان: ياق، بىلمەيدىكەنمەن.
ياتاقداش قىز ب: مەن تېلىڧۇن ئۇرۇپ باقاي.(ئۇ تېلېفون ئۇرغاندىمۇ سۈبھىنۇرنىڭ تېلېفونى ئېتىك چىقىدۇ) بۇ تېلېفونمۇ ئېتىككەن، ئۇنى نەدىن تاپىمىز ماھىرە؟
ماھىرە: (جىددىيلىشىپ) مەنمۇ بىلمەيمەن.
زورىخان: (يىغلايدۇ) ھۇ بېشىڭنى يەيدىغان! مېنى نېمىشقا بۇنداق ئالدايدۇ دەيمەن؟ نى-نى خەقنىڭ بالىسى ئالىي مەكتەپنى ئۇخلىسا چۈشىدىمۇ كۆرەلمەيدۇ. ئۇ نېمىشقا بۇ پۇرسەتنى قەدىرلىمەيدۇ؟ دادىسى ماشىنا ۋەقەسىدە قازا قىلغاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا ھەم ئاپا ھەم دادا بولۇپ يىتىمچىلىك تارتقۇزماي كېلىۋاتقان تۇرسام، ئۇ مېنىڭ قىلغان ئەجرىمگە مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرسا توغرا بولامدۇ ھە!؟
ماھىرە: (تەسەللى بېرىپ) يىغلىمىسىلا زورىخان ئاچا، ئۇنى مەكتەپ ئىچىدىن ئىزدەپ باقايلى، ئەگەر تاپالماي قالساق، سۈكۈت ئىچىدە ساقلىماقتىن ئۆزگە چارىمىز يوق.
9-كۆرۈنۈش: مەكتەپ ئىچى.
ماھىرە قاتارلىق قىزلار بىلەن زورىخان سۈبھىنۇرنى ئىزدەپ كېتىۋېتىپ شەۋكەتكە ئۇچرايدۇ.
شەۋكەت: (ھەيرانلىق ئىلىكىدە قىزلارغا قاراپ) بىر ياتاقنىڭ قىزلىرى بىراقلا نەگە ماڭدىڭلار؟
ماھىرە: (بىر نىمىدىن ئېھتىيات قىلغاندەك قىلىپ) زورىخان ئاچام تېخى بايىلا يۇرتتىن كەپتىكەن، سۈبھىنۇرنى ئىزدەپ تېپىپ ئانا-بالا ئىككىسىنى جەم قىلايلى دەپ ماڭغان ئىدۇق.
شەۋكەت: (زورىخانغا قاراپ جىددىيلىشىدۇ. بىر نېمە دېمەكچى بولۇپ تەڭقىسلىقتا قالغاندەك قىياپەتتە) ھە... سىلى سۈبھىنۇرنىڭ ئاپىسى ئىكەنلا-دە، مەن... بىر گەپنى سىلەرگە دېسەم بولارمۇ بولماسمۇ؟
زورىخان: (تاقەتسىزلىنىپ) نېمە گەپ بولسا مەن ئاڭلاي، قېنى تېزرەك ئېيتىڭچۇ بالام!
شەۋكەت: بايا مەكتەپ سىرتىدا توپلىشىپ جېدەل تېرىغان بىر نەچچە قىز-ئوغۇلنى ساقچى ماشىنىسىغا سېلىپ ئېلىپ كېتىپتىمىش. ئۇنىڭ ئىچىدە سۈبھىنۇرمۇ باركەن. ئاڭلىشىمچە سۈبھىنۇر بىر ئوغۇل بالىنى پىچاق بىلەن زەخمىلەندۈرگەننىڭ گېپى بار. بۇنىڭ زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمىدىم، نەق مەيداندا قاراپ تۇرغانلارنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ بالىلار مەلۇم بىر جىنايەتكە چېتىلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.
زورىخانئاللا-توۋا قىلىپ) ۋاي توۋا! بۇ ماڭا نېمە كەلگۈلۈك!؟ قىزىم نېمە دەپ بۇنداق پوق يېمەسلىك قىلغاندۇ؟ ۋاي يۈرىكىم!!!...(يىقىلىپ چۈشىدۇ).
10-كۆرۈنۈش: تار كوچا ئېغىزى.
سۈبھىنۇر قاتارلىق بىر نەچچە قىز-ئۇغۇل تار كوچىغا كىرىپ كېتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ ئالدىنى توسۇپ، بويۇن، قۇلىقىدىكى ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى بۇلاپ قاچىدۇ. ئايال ۋارقىراپ-جارقىرىغىنىچە ئۇلارنىڭ قالىدۇ.
11-كۆرۈنۈش: مەكتەپكە يېقىن قايرىلىدىغان كوچا دوقمۇشى.
ئولجىغا ئېرىشكەن قىز-ئوغۇللارنىڭ ئولجىنى بۆلۈشكىچە كېلىشەلمەي، ئوغۇللارنىڭ قىزلارغا يولسىزلىق قىلغىنى، بۇ ناھەقچىلىككە چىدىمىغان سۈبھىنۇرنىڭ بىغەم تۇرغان بىر ئوغۇل بالىنىڭ بىقىنىغا پىچاق تىقىۋەتكەنلىكى، نەق مەيدانغا كېلىپ قالغان گۇۋاھچىنىڭ قورققىنىچە كەينىگە قاچقاچ، ساقچىغا تېلېفون بەرگەنلىكى، ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىدەك كۆرۈنۈشلەر جىددىي مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئاۋازسىز بېرىلىدۇ.
112-كۆرۈنۈش: مەكتەپ ئىچىدىكى گۈللۈك.
سۈبھنۇرنىڭ بايانلىرى سۆزلەۋاتقان گېپىگە ماس ئۆزگىرىدۇ.
سۈبھىنۇرنىڭ بايانى: سىنىپ مەسئۇلىمىز مۇنىرە مۇئەللىمنىڭ ھاياتلىق ھەققىدىكى بايانلىرىنى قۇلىقىمدا چىڭ تۇتمىغانلىقىمغا قاتتىق ئۆكۈنىمەن. جاپاكەش ئاپا، كۆيۈمچان ئۇستازلار، سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار، مەندىن قاتتىق ئىبرەت ئېلىڭلار، گۈلدەك ياشلىقىڭلارنى بىلىم ئىگىلەشكە سەرپ قىلىپ، بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىڭلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ مېڭىڭلار.
مۇڭلۇق مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىنغان ناخشا ساداسى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپ سېنارىيە ئاياغلىشىدۇ.
تامام.
ئەسكەرتىش: سېنارىيىدىكى ئوقۇتقۇچى مۇنىرە ماھىرەنىڭ ئېيتقان ھېكايىسى«تېببىي ۋە تەربىيىۋى ھېكايەتلەر»دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.946-836 -بەتلەر.(«شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى»2007-يىل5-ئاي1-نەشرى).[
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-18 17:20  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-18 14:43:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
منىڭچە تىلىۋىزىيە سىنارىيسى دىيىش مۇۋاپىقمۇ ئەمەسمۇ؟ ئادەم سەھنە ئەسەرلىنىڭ قايسى تۈرىدۇ، دەپ ئويلىنىپ قالىدىكەن. ئەگەر ئويلىغىنىم خاتا بولسا ئەپۇ قىلارسىز

ۋاقتى: 2014-9-18 16:10:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-18 16:41:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمامغا قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ئىنكاس يازغان مۇنبەرداشلارغا ئوتلۇق سالام بولسۇن،سىلەرنىڭ ئېيتقىنىڭلار ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق ،ئۆزگەرتىپ قوياي!

ۋاقتى: 2014-9-18 17:58:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلىۋېزىيە سىنارىيىسى دېسە ھۆججەتلىك فىلىمنى باشقىچە ئاتاپ باققاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن.  بۇنداق ئاتىغاندىن تېلىۋېزىيە تىياتىرى ياكى كىنو سىنارىيىسى دەپلا ئالسا بولىدۇ

ۋاقتى: 2014-9-18 18:04:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىرى زۆھرەگۈل بۇنى تېلىۋېزىيە سىنارىيىسى دەپ ئاتاپتۇ، سىلەر تېلىۋېزىيە تىياتىرى دەپ ئاتاپسىلەر. مەن بۇنى كىنو سىنارىيىسى دەپ ئاتايمەن. چۈنكى كىنو بىلەن تېلىۋېزىيە تىياتىرى ۋاقىت، ئەسەر قۇرۇلمىسى، تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى، سۈرۈتكە ئېلىنىش جەريانىنىڭ ئوخشىماسلىقى، قويۇلۇش ئورنى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلەندۈرۈلىدۇ.  ئۇيغۇر كىنوچىلىقىدا زامان -زاماندىن بۇيان بۇنى ئارىلاش ئىشىلتىپ كەلدى

ۋاقتى: 2014-9-18 22:15:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە ئاخىرى  يوللاپلا دە .  مۇبارەك  بولسۇن . نادىر  كىنو  سىنارىيەسى  يېزىپ  چىقىشلىرىغا  تىلەكداشمەن!    سىز  ئەسەر تەۋەلىكىنى  تىلۋىزىيە  نەسىرى  دەپسىز~  ئەمەلىيەتتە  مەزمۇن   دىئالۇگ   قۇرۇلمىدىن  كۆرنۈپ  تۇرۇپتىكى  ئەسىرىڭىز  تىپىك   كىنو  سىنارىيىسى  (مىكرو  كىنو)   قەلەملىرى  توختاپ قالمىغاي。

ۋاقتى: 2014-9-19 00:40:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك ياخشى تېمىكەن.... 4000مىڭ سوم پۇلنىڭ يىشىمى بىلەن قىز بولاڭچى ئوبرازىغا ئىشزلىسىڭىز بولغۇدەك. مېنىڭچە بۇ قىزنى بولاڭچى سىياقتا ئەمەس راھەتپەرەس، ئوغرى  بولاڭچىلارنىڭ ئاشنىسى، بىر قېتىملىق داشقاللار ئولتۇرۇشىدا تالاشتا قېلىپ بوتولكا سۇنىقىنى بىرىگە تىقىۋەتكەن قىلىپ تەسۋىرلىسەكچۇ..،.

ۋاقتى: 2014-9-19 07:29:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ تېلېۋىزىيە سىنارىسى ناھايىتى ئوبدان يېزىلىپتۇ. فىلىم ئىشلىگۈچى ئورۇنلار مۇشۇنداق سىنارىيىنى ئىشلىسە بولىدىغۇ، تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولۇڭ!

ۋاقتى: 2014-9-19 09:16:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ،پاھ،زۆھرەگۈل ياشاپ كىتىڭ، ياخشى يىزىپسىز. بىزگە مۇئەللىم تۇلۇقسىزدىلا سىنارىيە يىزىشنى مەشىق قىلدۇرغانتى، مەن سىنارىيەگە بەك قىزىقاتتىم.شۇ يىللىرىدا يازتتىم،ھەم يازالايتتىم،لىكىن ئۇزۇندىن بىرى يازمىغانلىقتىن ئۇنتۇپ كەتتىم،يەنىلا قىزىقىمەن.ئەجىرىڭىزدىن بەك سۈيۈندۈم،يەنە يىزىڭە! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايشەم1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-19 09:17  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-19 13:37:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجاننىڭ پىكرى ئورۇنلۇق،مېنىڭچە ئەخلاق جەھەتتە تاپتىن چىققان قىزلارنىڭ رولىنى ئىلگىرى ئىشلەنگەن كىنولاردا ئورونلاپ بولدى، بۇ سىنارىيەدىكى ئازغان قىزنىڭ رولىنى ئۇيغۇر كىنولىرىدا ئانچە ئۇچرىتىپ كەتمىدىم.شۇڭا شۇنداق تەسۋىرلىگەن ئىدىم.

ۋاقتى: 2014-9-20 00:30:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ، بولسا مۇشۇ ساھەدە تىرىشىپ ئۇتۇق قازىنىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .

ۋاقتى: 2014-9-21 12:32:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ ، قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي ! مۇمكىن بولسا ،بىر كېلىڭا ،‹‹شەيتانكەرش›› تە بىر فىلىم ئىشلىۋېتەيلى ، كۆرگەنلەر يىغلاپ پوتلسى چۇۋۇلۇپ ،كۈلۈپ كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كەتسۇن .....

ۋاقتى: 2014-9-21 13:48:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-21 14:18:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىمنى ياقتۇرغىنىڭلاردىن بەك خۇرسەن بولدۇم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش