كۆرۈش: 1462|ئىنكاس: 0

ئابدۇرېشىت ئوسمان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
阿布都热西提 老师.jpg



ئابدۇرېشىت ئوسمان 1975–يىلى2-ئاينىڭ 8-كۈنى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ جېلىليۈزى بازىرىدا تۇغۇلغان. 1999-يىلى 7-ئايدا  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرۈپ غۇلجا شەھەرلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن  بىرى كەسپى قابىلىيەت – ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئىزچىل تىرىشىپ، تىل – ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشنى ئەلالاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالغان. ئۇ كۆپ قېتىم مەكتەپ، شەھەر، ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە كۆرەك دەرس ۋە مۇسابىقە دەرسلىرىنى ئۆتۈپ ، كەسىپداشلىرىنىڭ ياخشى باھاسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە نائىل بولغان. 2006- يىلى 1- ئايدا غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن « 532قۇرۇلۇشى» دا «ئوقۇتۇش ماھىرى» بولۇپ باھالانغان. 2006-يىلى 5-ئايدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىدە «ئوقۇتۇش ماھىرى » بولۇپ باھالانغان. 2006-يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ماھىرى تاللاش مۇسابىقىسدە «دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا 1- دەرىجە» بولۇپ باھالانغان. ئۇنىڭ ‹‹شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئۆيىمۇ بىزنىڭ دەرىسخانىمىز››،... قاتارلىق ئون پارچە ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسى ئىلىگىرى – كېيىن بولۇپ، غۇلجا شەھەرلىك ، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىلىرى ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسى يېزىش مۇسابىقىلىرىدە 1- دەرىجە بولۇپ باھالانغان. ئۇنىڭ «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىش تەرەققىيات خالتىسىنى قانداق تۇرغۇزۇش كېرەك» ناملىق ماقالىسى 2005-يىلى 2- ئايدا «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» تەھررىر بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان «يىڭى دەرس ، خىرىس ۋە پۇرسەت» مۇكاپاتلىق ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە 2- دەرىجىگە، «سەھرا بالىلىرىغا خەت» ناملىق ماقالىسى 2005-يىلى 6- ئايدا مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش جەمئيىتى ئۇيۇشتۇرغان «چۈيۈەن لوڭقىسى» مۇكاپاتلىق ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە 2- دەرىجىگە ئىرىشكەن. ئۇنىڭ «ئەينەك» ناملىق دەرسنىڭ ئوقۇتۇش لايىھىسى ۋە «نان» ناملىق دەرسىنىڭ نەق مەيدان سىنئالغۇ لېنتىسى ئايرىم –ئايرىم ھالدا ش ئۇ ئا ر ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ئوتتۇرا مەكتەپ تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرس لايىھىسى ، نەق مەيدان سىنئالغۇ دەرسلىرىنى باھالاش مۇسابىقىلىرىدە 1- دەرىجە بولۇپ باھالانغان. ئۇ يەنە 2006- يىلى 11- ئايدا غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە 1- دەرىجىگە ئىرىشكەن. ئۇنىڭ ھازىرغىچە مەملىكەت، ئاپتونوم رايون، ئوبلاست دەرىجىلىك ھەرقايسى گېزىت- ژورناللاردا ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ، ئۇيغۇر فولكلورى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت 100 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە – ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ 2009-يىلى 2- ئايدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن «تىل – ئەدەبىيات تېكىست تەھلىلى» ناملىق كىتابنى تۈزۈپ نەشىر قىلىدۇرغان. 2009-يىلى غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتورا مەكتەپتە «زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى» قۇرۇش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. ئۇ تۈزگەن «گۈلىستان شەھەر – غۇلجا » ناملىق مەكتەپ دەرىسى مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن2-دەرىجە بولۇپ باھالانغان. ئۇنىڭ «تىل – ئەدەبىيات دەرس بايلىقى – ‹ زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى› » ناملىق تەتقىقات تېمىسى  ش ئۇ ئا ر ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى تەرىپىدىن  تەتقىقات تېما تاماملىغانلىق گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن. ئۇ 2011 –يىلى9-ئايدا ش ئۇ ئا ر ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ‹‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى ـ تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش (تولۇق ئوتتۇرا 3- يىللىقلار ئۈچۈن ) ››ناملىق دەرسلىك كىتابنى تۈزۈشكە قاتناشقان.ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىلمىي جەمئيتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئيتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-25 01:04  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش