سېغىنىش خاتىرىلىرى
< 1 >
ھەسرەتلىك، ھەسرەتلىك مېنىڭ كۈنلىرىم.
سېغىندىم مۈرەمگە قويغان بېشىڭنى
توۋلايمەن ئاڭلانماس مېنىڭ ئۈنلىرىم،
يۇلتۇزغا ئاسىمەن سېغىنىشىمنى.
بىر - بىرلەپ ئۆتمەكتە تاشتەك بۇ ۋاقىت
بار پەقەت شاماللار، سۇلار، قايغۇلار.
ئۆتۈنەي، چېچىڭنى دەريادا ئېقىت،
قەلبىمدە بىر دەريا ئاقار،تاشقىنلار.
ئېسىمدە سۆيۈشلەر،يامغۇردىكى گۈل
ئېسىمدە شۇررىدە ئېرىپ كەتكىنىڭ.
ئۇنتۇشۇم مۇمكىنمۇ تۇرقۇڭنى،تۈگۈل
ئېسىمدە،ھەربىر سۆز،ھىدىڭ،تىنىقىڭ.
‹2›
قۇچاقلاش،سۆيۈشۈش يەنە ئۇ تۈنلەر
كەلمەيدۇ،ھاياجان چېقىلغان ئەينەك.
تاماكا قولۇمدا چۈشكۈن تۈتۈنلەر
يۇتىمەن،چېچىڭنى پۇرىغىنىمدەك.
سۆزلەيمەن بۇ مېنىڭ چۈشكۈن ھاياتىم
دېرىزە،جىمجىت يول ۋە قاراڭغۇلۇق.
بىلمەيمەن ئېرىشتىم ياكى يوقاتتىم
قالغىنى ئەسلىمە گۈزەل,قايغۇلۇق
‹3›
كېتەتتىڭ ،ئامال يوق تۇتۇپ قېلىشقا
بىلەتتىم،قوناتتىڭ پەقەت بىر كېچە
قىپ قالدى بىر ئازاب مېنىڭ قوينۇمدا
تۈگىتەلمىدىم ھېچ تا ھازىرغىچە.
كۈتىھەن ھېلىھەم،ئىچىمدە بىر چوغ
كۆيدۈرەر يۈرەكنى،قىلىدۇ چۇل –چۇل.
نەقەدەر جىمجىت ھەم نەقەدەر سوغۇق.
تېلىفۇن،دېرىزە، ئىشىك ھەمدە يول.
بىلەتتىم،كېتەتتىڭ يولۇچى كەبى،
سۆيەتتىم،قانمايتىم،قورقاتتىم شۇڭا
بىر چۈشكە ئايلاندىڭ ئەسلىمەمدىكى
كۆرىمەن ئۇيقۇمدا،ئويغاقلىقىمدا.