تۇرسۇنگۈل مەھەممەت
تۇرسۇنگۈل مەھەممەت 1971–يىلى 10–ئاينىڭ 23 –كۈنى باي ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ تىل ئەدەبىيات كەسپى بويىچە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن. 1991–يىلدىن باشلاپ باي ناھىيە كانچى يېزا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ.
تۇرسۇنگۈل مەھەممەت ھازىر ‹‹ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئيىتى›› ۋە ‹‹ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى›› نىڭ ئەزاسى .
تۇرسۇنگۈل مەھەممەت 1986 –يىلدىن ھازىرغىچە ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››،‹‹ تارىم ››، ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى ››، ‹‹شىنجاڭ سەنئىتى››‹》مۇزات دولقۇنلىرى››،‹‹شىنجاڭ گېزىتى››، ‹‹ئاقسۇ گېزىتى››قاتارلىق تۈرلۈك ژۇرنال ۋە گېزىتلەردە ‹ياشلىق گۈلۈم›› ‹‹ياخشىكەن››،‹‹سېغىنىش››، ‹‹شاھ سەنەمنىڭ ھەسرىتى››، ‹‹ئەسسالام ››،‹‹مەڭگۈ سۇلماس ئەتىرگۈل››،قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان. ‹‹شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلى ›› ۋە‹‹شىنجاڭ گېزىتى ››، ‹‹ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستۇتى ئىلمىي ژورنىلى››قاتارلىق گېزىت ژورناللاردا ئون نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ‹‹بەختىم مېنىڭ سەبىيلەر ››قاتارلىق بىر قىسىم شېئىرلىرى ‹‹ غايىپ بولغان قەھرىمان››، ‹‹تەكلىماكان چېچەكلىرى››قاتارلىق كوللىكتىپ توپلامغا ،‹‹قىزىلگۈل›› قاتارلىق شېئىرلىرى ‹‹باي نەزمىلىرى››ناملىق كوللىكتىپ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. 2011–يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان.