يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 429|ئىنكاس: 2

مەخەت ئابدۇرېھىم: ساختىپەز سودىگەرلەر (سۆز ئويونى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
               
                               ساختىپەز سودىگەرلەر
                                          ( سۆز ئويونى)
              
                                         مەخەت ئابدۇرېھىم

       سودا ساھەسىنىڭ سەرخىل سەھنىسىدە، سودا-سېتىق سۇپۇسىدا، سودا سارايلىرىدا سانسىزلىغان سالاپەتلىك،سەمىمى، سەركەردە سودىگەرلەرنى سەزگەننىڭ سىرتىدا،ساۋاتسىز،سۈپەتسىز،ساختىپەز،سۆرەلمە سودىگەرلەرنىمۇ سۈرەتلەپ سىزالايمىز.
      ساختىپەز سودىگەرلەرنىڭ ساختا سالاھىيتى سودا-سېتىقتا سىزىلىپ،سودىگە
لەرنىڭ سىرتقى سىياقىنى ساماندەك ساغايتىۋەتتى،سىماسىنى ساچقاننىڭ سۇدىكىدەك سېستىۋەتتى.ساختىپەز سودىگەرلەردە ساقلانغان سەۋەنلىكلەر؛
       سۈپ-سۈزۈك سۇنى سۈپەتسىز سىردا سىرلاپ ساتىدۇ.سىھېرنىڭ سۈتىنى سانتىلاپ ساتىدۇ, سۆگەتنىڭ سايىسىنى ساياھەتچىلەرگە سوتكىلاپ ساتىدۇ.ساچقاننى ساماندا سەمرىتىپ سويماي ساتىدۇ.ساتاممىغان سەتىراشنىڭ سوكال سايمانلىرىنى سەبىلەرنىڭ سورۇنلىرىدا،ساراڭ سوپىلاردەك سوپايىسىنى سايرىتىپ سەخى،ساھابىلارنىڭ سېرىق سەللىسىگە سېلىپ  ساتىدۇ, سەھرانىڭ ساغايمىغان سويمىسىنى سۇلياۋ سۆۋەتكە سېلىپ،سايدىكى سوغاق ساقلايدىغان ساپال ساندۇقتا سەكسەن سەككىز سوتكا ساقلاپ،سېسىپ ساغايغاندا ساچقانغا سۆرۈتۈپ ساناتورىيەدىكى ساقايمىغان سىزىكلەرگە ساڭگىلىتىپ ساتىدۇ.سەھرادىكى ساۋاتسىز سىكىرتارنىڭ سۈرىتىنى سەتىراچقا سىزدۇرۇپ،ساناغلىق سارايلارنىڭ ساڭنا سۇپىسغا ساخچىلىققا ساتىدۇ. ساراڭلار ساناتورىيسىدىكى سەگەك ساراڭلارنى سەنئەتكارلار سورونىدىكى سازەندىلەرگە سېغىزخاندەك سايرىتىپ ساتىدۇ.
      سامادىكى سانىڭ سايىسىنى سوپى سوپىياڭنىڭ ساقىلىدەك سوكال سۈپۈرگىدە ساسلىققا سۈپۈرۈپ،   سۇسىز سايغا سامساقتەك سانجىپ، سانائەت سايمانلىرىدەك سىلىقلاپ،سىماپتەك سولاشتۇرۇپ،سوممىسىنى سانىماي سېرىق سىنتىغا سالا-سۈلھىدە ساتتى.
     سودا-سانائەتنىڭ ساغلام سۈپۈتىنى ساقلايدىغان ساقچىلار،سىرداشلار سودا  ساھەسىدىكى سودا-سارايلارنى سەزگۈر سىزىمدا سۈرۈشتۈرۈپ سودا سەھنىمىزنىڭ
ساغلام سۈپۈتىنى ساقلاشنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرەيلى.
     ساختىپەز سودىگەرلەر! سىلەرمۇ  سررىق سوممىنىڭ سىزىكچىلىكىدە سەمرىگەن ساغلىق سومكاڭلارنى سۆڭگۈچىڭلاردە سەرگەندان سوپىلارنىڭ ساپايىسىدەك ساڭگىلىتىپ ساقلاۋەرمەي ساقچىلار سۈرۈشتۈرگىچە  سەيشەنبە سەھەر سائەت سەككىزدە سامانلىقتىكى ساندۇققا سېلىۋىتىڭلار!

                               مەخەت ئابدۇرېھىم
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-10 00:50  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-10 01:00:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي_ ۋۇي! قالتىس سۆز ئۇيۇنىغۇ بۇ،

ۋاقتى: 2014-9-10 13:02:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ساچقاننىڭ»ئەمەس،«چاشقاننىڭ»بولىشى كېرەك ئىدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش