بىھۇدە كۈتۈش
مىستىرال (چىلى)
ئۇنۇتتۇم مەن يىنىك قەدملىرىىڭنى،
چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان لاي پاتقاق ئارا.
شۇ يولدا ئۇچرىشىش ئۈچۈن سەن بىلەن،
شۇ قەدەر رۇمانتىك كەلدىم يەنىلا.
جىلغا ھەم تۈزلەڭلىك دەريانى كېزىپ،
كەلدىم مەن ناخشامدا ھەسرەت ۋە پىراق.
ئۆچمەكتە قۇياشنىڭ ئاخىرقى نۇرى،
كۆرمىدىم مەن سىنىڭ قاراڭنى بىراق.
قۇياشنىڭ ئاخرقى نۇرلىرى تال - تال،
تۈكۈلەر ئەتتىرگۈل بەرگىسى كەبى.
پۆپۈكتەك تىترەيدۇ مانانلار يەنە،
تەنھالىق باغاشلار دالىدا مىنى.
شاماللار ئۆتكەندە ئورماننى سىيپاپ،
پەرياد چەكمەكتە يۇمران نوتىلار.
قورقىمەن چاقىرىپ سېلىشتىن سىنى:
<<كەل تىزراق قەدىردان قىلما ئىنتىزار.
ئاھ مىنىڭ قەلبىمنى قىلماقتا قامال،
تەشۋىش ۋە مۇھەببەت كەل تىزراق جىنىم>>
بارغانچەچوڭقڭرلاپ يىيلماقتا تۈن،
ئەجەپمۇ تاق بولدى تاقىتىم مىنىڭ.
ئۇنۇتتۇم پەرۋاسىز يۈرۈشلىرىڭنى،
چاقىرسام زادىلا سالمايتتىڭ قۇلاق.
ئۇنۇتتۇم،ئاھ سەندىن چىقمايتتى سادا،
تاتارغان چىرايىڭ ئۇنتۇلدى شۇنداق.
جەسەتنىڭ قۇلىدەك جانسىز قوللىرىڭ،
بۇلالماس قۇلۇمنى سىلاشقا قادىر.
كۆزلىرىڭ ئېچىلسا نۇرسىز ۋە خۈنۈك،
تەئەججۈپ ھېسلىرى بۇلاتتى زاھىر.
تۈن نىسپى يىقىنلاپ كەلمەكتە ئەنە،
قالغاندەك قاپقارا كۆلچەككە ئوخشاپ.
ھۇۋقۇش كەڭ ئاچماقتا قاناتلىرىنى،
يوللارنى پەرىشان ئۆتكەندە سىيپاپ.
قايتىلاپ چاقىرىپ يۈرمەيمەن سېنى،
چۈنكى سەن ھاياتقا بەرگەن خاتىمە.
توختاتتىڭ سەن نىكەم قەدەملىرىڭنى،
مەن يالغۇز ئالدىمغا چاپىمەن يەنە.
ماڭىمەن تىپتىنىچ چىغىر يول ئارا،
بىھۇدە ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئالدىراپ.
سەن ئۈچۈن ئىچىلغان قۇچاقلىرىمدا،
سىماھىڭ ئۈزلۈكسىز بارىدۇ يۇقاپ.
|