يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 836|ئىنكاس: 5

تۇرسۇننىياز: پىچاقسۇندى تارىخى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دولانلارنىڭ قەدىمىي يۇرتى پىچاقسۇندى( 皮恰克松地) توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش8 Z, H8 W2 b  V1 s9 j) U

$ H8 T4 N5 f# W+ w4 _تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز
" t+ Y& s( K5 h) b5 V: \6 g, ^  p, z
بىڭتۇەن 3- دېۋىزىيەسىگە قاراشلىق 53– تۇەن قەدىمدىن بۇيان «پىچاقسوندى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا، زەرەپشان دەرياسىنىڭ تۆۋەنكە ئىقىمى بىلەن قەدىمىقىي قەشقەر دەرياسنىڭ قۇشۇلغان تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان. غەرىبي شىمال قىسىمى ئىگىز، شەرقىي جەنۇپ قىسمى پەس، غەرب تەرىپىنىڭ يانتۇلۇقى روشەن، شەرقىي قىسىمى نىسبەتەن تۈزلەڭلىك. جوغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە شىمالىي كەڭلىك ′60°40~′57°39، شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′18°79~′36°73 بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1087~ 1075مېتىر كىلىدۇ. پىچاقسۇندى تۆت ئەتراپىدىن قويۇق ئىپتىدائىي توغراقلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ جايدا بىر قەدەر مول ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1- دەرىجىلىك ۋە 2- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار، قۇش تۈرلىرىدىن ياۋا توشقان، جەرەن، ياۋا توڭگۇز، ئاغمىخان، سۇ قامىسى، تۈلكە، ياۋا كەپتەر، قىرغاۋۇل، چۇغۇندەك، قۇرغۇي، تۆمۈر تۇمشۇق، لاچىن، قۇليورغا، ۋىتۋىلاق، كىلە، تۈكلۈك قۇلۇلە قاتارلىقلار؛ ياۋايى ئۆسۈملۈك تۈرلىرىدىن تۇغراق، يولغۇن، چىگە، كۆكيانتاق، كۆرۈك، كۆرتمەك، توشقان زەدىكى، چۈچۈك بۇيا، ياۋا قارىقات، قوڭۇرغا تىكەن قاتارلىقلار بار. تۆت ئەتراپى پۈتۈنلەي قويۇق توغراقلىق بولغاچقا پادىلار يايلاپ تۇرىدۇ. گۆش يېمەكلىرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن مول، توغراقلىقلار كىشىگە چەكسىز ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.; {# E" R; ^0 H5 ~: \5 r, h: q, i/ G
پىچاقسۇندى بۇرۇن مارالبېشى ناھىيەسىگە قاراشلىق پىچاقسۇندى يېزىسى ئىدى، 1969- يىلى بىڭتۇەنگە قوشۇۋېتىلگەن. پىچاقسۇندى ھۆل – يېغىن مىقدارى تۆۋەن مۆتىدىل بەلۋاغ چۆللۈك ئىقلىمىغا تەۋە بولغاچقا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، بۇ يەردىن چىقىدىغان مېۋە – چىۋىلەرنىڭ تەمى ئالاھىدە تاتلىق بولۇپ، 800 يىلغا يېقىن قوغۇنچلىق تارىخىغا ئىگە. پىچاقسۇندى رايۇنى قەدىمىدىن تارتىپ يىپەك يولى مەركىزىي لىنىيەسىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغان چېدىر كۆل (期得尔昆)، سېسىق كۆۋرۈك  (色斯克抠力克)، ياقاقۇدۇق (亚克库都克) قاتارلىق قەدىمىي ئۆتەڭلەرگە تايىنىپ ئاۋۇغان ۋە تىپىك بوستانلىق بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ ئۆتەڭلەر گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە مارالبىشىغا قاراشلىق كەنت-بازار بولغان بولۇپ، ياقاقۇدۇقتا ئەسكەر تۇرغۇزۇلغان ۋە ئېھتىياجغا قاراپ ھەربىيلەر چۈشكۈنى، ھەربىي لاۋازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش ۋاقىتلىق نۇقتىسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. 6 V  X- x( c- W1 F8 X/ K
1873- يىلى سېرت . د . فورسېس باشچىلىقىدىكى ئەنگىلىيە ئەلچىلەر ئۆمىكى شىنجاڭنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇھىم ئۆتەڭ چېدىر كۆلدە بىر نەچچە كۈن تۇرغان. ئۇلار زىيارەت دوكلاتىنىڭ 4- باپىدا قەدىمىي بازار چېدىر كۆلنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. بۇ دوكلات 1875- يىلى كالكۇتتادىكى تاشقى ئىشلار باسمىخانىسىدا رەسمىي كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، روسىيەلىك داڭلىق ئېكىسپىدىتسىيەچى ئو . ن . كروپاتكىن «قەشقەرىيە» ناملىق كىتابىدىمۇ چېدىر كۆل ۋە ئۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەر توغرىسىدا ئالاھىدە توختالغان.; O- [! R8 @5 X( N* i- S
$ T6 E) x9 [+ ^( C) x' B" a3 @
1. پىچاقسۇندى بوستانلىقىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى توغرىسىدا
6 u& X2 Z! y  }پىچاقسۇندى غەربتىن شەرققە قاراپ سوزۇلۇپ ئاقىدىغان تەلەمەت دەرياسى(土来麦提河) ۋە چادلىق دەرياسى(恰得力克河) شەكىللەندۈرگەن تەبىئىي جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئاساسەن قۇملۇق(库木陆克)، شېرىن(希仁)، چادلىق(恰得力克)تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئايماققا بۆلۈنگەن. «پىچاقسۇندى» دېگەن نام يۇرت نامى بولۇپ شەكىللىنىشتىن بۇرۇن، جۇغراپىيەلىك جايلىشىش، تۇپراق ئىقلىمى ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىتنىك ئالاھىدىلىكى چىقىش قىلىنىپ، تەلەمەت دەرياسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپى قۇملۇق، تەلەمەت دەرياسى بىلەن چادلىق دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوستانلىق شېرىن، چادلىق دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرىپى چادلىق دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. بۇ ئۈچ چوڭ ئايماقلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان تەبىئىي كەنتلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاھالىسى تارىختىن بۇيان چارۋىچىلىق بىلەن تېرىقچىلىقنى ئاساس، ئوۋچىلىقنى قوشۇمچە قىلىپ ھايات كەچۈرگەن. بۇ جايدىكى خەلقلەر ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدا، يەنى ئۇرخۇن دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغان خەلقلەر 6- ئەسىرلەردە غەربكە قاراپ كۆچكەندە شۇلارغا ئەگىشىپ كۆچۈپ كەلگەن دولانگېت(多郎葛) قەبىلىلىرى دەپ قارىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا  شېرىن-چاد ئايمىقىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر قېنى ئەڭ ساپ «قارا دولان» قەبىلىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. «قارا» سۆزى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ئۇلۇغ، بۈيۈك» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە، مانا بۇنىڭدىن «قارا دولان» دەپ ئاتىلىدىغان ئىتنىك قوۋملارنىڭ باشقا قېرىنداش قەبىلىلەرنىڭ ئانچە تەسىرىگە ئۇچرىمىغان، نەسەب دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى، قېنى ئەڭ ساپ دولان قەبىلىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى شىنجاڭدىكى قارا دولانلار يېقىنقى يىللارغىچە سۇ، يايلاق قوغلىشىىپ نىسبىي ماكانلىشىش، باشقا ئىجتىمائىي توپ ۋە سىرتقىي ئالاقىلاردىن خالىي بولغان ئىپتىدائىي ئورمانلىق ئارىسىدا ھايات كەچۈرۈشتەك ئۆزگىچە تۇرمۇش ئەندىزىسىنى ساقلاپ كەلگەن.  قۇملۇق ئايمىقىدىكى يەرلىك خەلقلەر «ياغاچ ئۆيلۈك دولان»لاردىن بولۇپ، ئۇلار ئىتنىك جەھەتتىن 16- ئەسىرلەردە يەكەن دەرياسى ئارقىلىق بۇ جايغا كېلىپ ماكانلاشقان موڭغولوئىد ئېرقىدىكى «ياغاچ ئۆيلۈك دولان»لار بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. شۇڭا، يەرلىك خەلقلەر قۇملۇق دولانلىرىنى «بوز قويلار» دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇ «ئاق قوي بىلەن قارا قوينىڭ جۈپلىشىشىدىن بوز رەڭدە تۇغۇلغان قويلار»، يەنى شالغۇتلاشقان دېگەنلىك بولىدۇ. 4 Q" p7 p1 |9 p9 n, U
چۇڭ شىڭچى قاتارلىقلار يازغان «غەربى يۇرۇتنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرسىگە ئىزاھات» دىگەن ئەسەردە «چاد-شېرىن يەكەننىڭ شەرقىي شىمالىي چېگرىسى بۇلۇپ، قەشقەر دەرياسى جەنۇبىدىن ئېقىپ ئۈتىدۇ. يەكەن شەھىرى چاد-شېرىننىڭ غەرىبي جەنۇبىدا بۇلۇپ، ئارىلىقى 800 چاقىرىم كېلىدۇ» دەپ يېزىلغان. مەزكۇر ئەسەردە يەنە چاد-شېرىن ئۈستىدە توختىلىپ: «چاد-شېرىن مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى توققۇز ساراينىڭ شەرقىگە، قەشقەر دەرياسىنىڭ شىمالىي رايونىغا جايلاشقان» دەپ ئىزاھات بەرگەن. مۇشۇ خاتىرىلەردىن پىچاقسۇندى بازىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەكەنلىكىنى، يىپەك يولى گۈللەنگەن دەۋىرلەردىلا بۇ جاينىڭ بىر قەدەر تىپىك بوستانلىق بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
1 q& m  T. B$ J# ~, Fتۆۋەندە بىز پىچاقسۇندى تېرىتورىيەسى ئىچىدىكى قەدىمىي يۇرتلاردىن «دۆڭ زارات»، «ياقاقۇدۇق»، «چېدىر كۆل»لەر بىلەن پىچاقسۇندىنىڭ ئىتنىك مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئالاھىدە توختىلىمىز.' n, C8 C4 k9 k( i# @

8 @' R9 w; T8 U) c2 H' X1 A# d5 Zدۆڭ زارات (东扎拉提)
# r5 r/ ^* C8 C. k2 Gھازىرقى پىچاقسۇندى(53- تۇەن) بازىرىدىن شەرققە قاراپ 26 كىلومېتىر ماڭغاندا، دۆڭ زارات خارابىسىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. پۈتۈن خارابىلىك قەدىمكى ئىمارەت ئىزنالىرى، سۇغىرىش لىنىيەلىرى، ئېتىزلىق ۋە كىشىلەر ئەينى چاغدا ئەھيا قىلغان، يىللاردىن بېرى قاخشالغا ئايلانغان دەرەخ قالدۇقلىرى بىلەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. بىز خارابىلىكتە ھېلىھەم چېچىلىپ ياتقان فار-فۇر بۇيۇم، ساپال پارچىلىرى، سۆگەت، سۇۋادان تېرەك، جىگدە دەرىخى قالدۇقلىرى ۋە شاپتۇل، توغاچ قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ ئۈچكىلىرىدىن دۆڭ زاراتنىڭ قەدىمدە ناھايىتى گۈللەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئېغىزاكى رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، دۆڭ زارات  قەدىمكى ئاقسۇ رايونىدىن خوتەنگە قاراپ سوزۇلغان يىپەك يولى غول لىنىيەسىنىڭ دەل ئوتتۇرىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جايدىن شىمالغا قاراپ ماڭغاندا ئاۋات ناھىيەسى ئارقىلىق ئاقسۇغا، جەنۇبقا قاراپ ماڭغاندا قەدىمكى يورۇڭقاش دەرياسىنى بويلاپ خوتەنگە، خوتەندىن تېبەت(شىزاڭ)، ھىندىستان قاتارلىق جايلارغا بارغىلى بولىدىكەن. دۆڭ زارات تەخمىنەن بۇندىن 180 يىل بۇرۇن يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى ۋە تارىختىن بۇيان بۇ جاينى سۇ بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان يەكەن دەرياسى ئاياغ ئېقىنىدا سۇ ئورنىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دۆڭ زارات ۋەيران بولغاندىن كېيىن ئاز بىر بۆلۈك ئاھالىسى ھازىرقى 50- تۇەنىنىڭ شاقۇر(夏河) رايونىغا، كۆپ قىسمى پىچاقسۇندىنىڭ شېرىن رايونىغا كۆچكەن؛ قالغان 30 تۈتۈنلۈك شىمالغا قاراپ كۆچۈپ، ئىچىدە 16 تۈتۈنلۈك ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غوروچۆل يېزىسىدىكى دولانلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن، باشقا 14 تۈتۈنلۈك تارىم دەرياسىنى بويلاپ داۋاملىق شەرققە قاراپ مېڭىپ، ھازىرقى بۈگۈر ناھىيەسى يېڭىسار يېزىسىغا بارغاندا سۈيى ئەلۋەك، يايلىقى كەڭ بىر جاينى تاللاپ ماكانلاشقان. ئۇلار دەسلەپتە ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان ئۇدۇم بويىچە بۇ جايغا چېدىرلارنى تىكىپ، ناتۇرال ئولتۇراقلاشقان. شۇ سەۋەپتىن ئەتراپتىكى يەرلىك كىشىلەر ئۇلارنى «چېدىرلىقلار» دەپ ئاتىغان، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ جاي تىپىك مەھەللە بولۇپ شەكىللەنگەندىن كېيىن «چېدىر» دەپ ئاتالغان. بۇ، دەل ھازىرقى بۈگۈر ناھىيەسى يېڭىسار يېزىسىنىڭ چېدىر دېگەن يېرى بولىدۇ. ئازادلىقتىن بۇرۇنقى مالىمانچىلىق ۋە ئازادلىقتىن كېيىنكى ئېتى چىرايلىق «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نىڭ كاساپىتىدىن تۇغقانلىرى بىلەن ئۇزۇن يىل كۆرۈشەلمىگەن كىشىلەر 80- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگىچە «چېدىردىن كەلدۇق» دەپ كېلىپ تۇراتتى. چوڭلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، بۈگۈنگە كەلگەندە ئىزدىشىدىغانلار ئاساسەن يوق بولدى.; w: r( r# H' I$ J! W
ئاشۇ قېتىمقى كۆچۈشتىن بىز دوڭ زارات ئاھالىسىنىڭمۇ قارا دولانلار ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. چۈنكى ئۇلار ئاشۇ قېتىمقى كۆچۈشتە قەدىمدىن تارتىپ قارا دولانلار ياشاپ كېلىۋاتقان شاقۇر، شېرىن، غوروچۆل قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ بېرىشنى تاللىغان. بۇ بىر تەرەپتىن قانداشلىق ئېھتىياجىدىن بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ياشاش، تۇرمۇش ئەندىزىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك شەكىللىرىنىڭ قىلچە توقۇنۇشمايدىغانلىقىدىن بولغان. 53- تۇەننىڭ شېرىن رايونىغا جايلاشقان 5-، 13- ليەندۈيلەردىكى كىشىلەر دۆڭ زاراتتىن كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ ئەۋلادى دەپ قارىلىدۇ. بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمەت قارىشى نىسبەتەن كۈچلۈك، چارۋىچىلىق كەسپىگە ئالاھىدە دىتى بار، ئاساسىي جەھەتتىن ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە. 4 [- b5 _/ S; c

0 ]' K% a# ?! E8 S% |ياقاقۇدۇق، چېدىر كۆل" m; D( V3 l+ V; r% z7 \
پىچاقسۇندى بازىرىدىن غەربىي شىمالغا قاراپ 9 كىلومېتىرچە ماڭغاندا «چېدىر كۆل» خارابىسىگە، شەرقىي شىمالغا قاراپ 13 كىلومېتىر ماڭغاندا «ياقاقۇدۇق» خارابىسىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇ جايلار قەشقەر دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى بولغان ھۈسەن دەرياسى(玉山河)بويىدىكى ئىپتىدائىي ئورمانلىق ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، خارابىلەردە ئەينى دەۋىردىكى تېرىلغۇ يەر، ئېرىق-ئۆستەڭ، بازار ئىزنالىرى خېلى ياخشى ساقلىنىپ قالغان. چېدىر كۆلدە ھازىرغىچە ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغان كۆلىمى 100 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر گۈمبەز بار. «ياقاقۇدۇق، چېدىر كۆل» دېگەن ناملارنىڭ قاچان ۋە نېمە سەۋەپتىن پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات يوق. لېكىن، 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرى، ئاخىرلىرىدا شىنجاڭنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان ئەنگىلىيەلىك سېرت . د . فورسېس، روسىىيەلىك ئو . ن . كروپاتكىن قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇ ئىككى يەر-جاي ناملىرىنىڭ تىلغا ئېلىنغىنىغا قارىغاندا، ئاز بولغاندىمۇ ئۇنىڭدىن بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا مەۋجۇت بولسا كېرەك. ياقاقۇدۇق، چېدىر كۆللەر بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى مۇھىم ئۆتەڭلەردىن ھېسابلىناتتى. بۇ جايلار گۈللەنگەن دەۋرلەردە پىچاقسۇندى بازىرى ئەتراپىدىكى چادلىق، شېرىن، قۇملۇق رايونلىرىدا بۇرۇندىنلا تارقاق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان دولان ئاھالىلىرى بار ئىدى. شاھىدلارنىڭ ئېيتىشىچە، ياقاقۇدۇق بىلەن چېدىر كۆلنىڭ خاراب بولغىنىغا تەخمىنەن 80 يىللارچە بوپتۇ. قېزىۋېلىنغان بىر قىسىم تارىخىي ئۆرنەكلەردىن قارىغاندىمۇ شۇنچىلىك بولغانلىقى ئېنىق. يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى بۇ ئىككى ئۆتەڭ خاراب بولغاندىن كېيىن ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزلىرىگە يېقىن بولغان تەبىئىي كەنتلەردىن «بۇغا بېشى»(ھازىرقى 53- تۇەن 12- ليەنى)، «خۇديارباي مەھەللىسى»(ھازىرقى 53- تۇەن 3- ليەنىگە كۆچۈپ كەلگەن. ئاز بىر قىسمى كەلپىننىڭ ئاچال، كونا چىلان دېگەن جايلىرىغا كۆچۈپ بارغانلىقى مەلۇم. بۇ ئىككى جايدىكى كىشىلەر بىلەن پىچاقسۇندىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىقى ھېلىھەم ئۈزۈلمەي كېلىۋاتىدۇ. تۇغقان تارتىشىپ قۇدىلىشىدىغان ئىش ھازىرمۇ مەۋجۇد.
* N9 k4 N) L" |# [2 ?
* ^( b, u% o' D/ u" U1. پىچاقسۇندى دولانلىرىنىڭ مەدەنىيەت–سەنئىتى
- \" v% B- x" k% ]) g! `4 i ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچىدىكى قەدىمىي قەبىلىلەردىن بولغان دولانلانلار تىزناپ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىن باشلاپ، لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىغىچە بولغان جوغراپىيەلىك رايۇن، يەنى يەركەن، مەكىت، مارالبىشى، ئاۋات رايۇنىنى مەركەز قىلغان ھالدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شايار، بۈگۈر، لوپنۇر، ئىلى ناھىيەلىرىدىمۇ بەلگىلىك كۆلەم ۋە ئىجتىمائىي توپلارغا ئىگە دولان مەھەللىلىرى بار. بۇلار ئۆزىگە خاس بولغان دولان مەدەنىيىتىنى ھەم سەنئىتىنى ياراتقان. دولان مەشرەپ-مۇقاملىرى، قەدىمكى تارىم مەدەنيىتىنىڭ مۇھىم فولىكلور قامۇسىدىن ئىبارەت.
! L6 k% ^3 |7 iئۇيغۇر ئىتنىك مەۋجۇدلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان ئۇيغۇر دولانلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئۆچمەس تىرىك ئابىدىلىرىدىن بىرى. دولانلارنىڭ مۇڭلۇق ناخشا – كۈيلىرى، جۇشقۇن ئۇسسۇللىرىغا تارىخنىڭ تالايلىغان سىرلىرى يوشۇرۇنغان؛ ئۇ ناخشا-كۈيلەر، ئۇسسۇللار ئۇيغۇر دولانلىرىنىڭ تەكلىماكان ۋادىسىدىكى چۆل-جەزىلەر، باياۋانلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغانلىقىنىڭ ھەمدە  ئۆزىنى نامايان قىلىش، ئۆزىنى ئىجاد قىلىش يولىدىكى كۈرەشلىرى، ئارزۇ – ئىستەكلىرى، شادلىق – ئەلەملىرى، ۋىسال ۋە جۇدالىق سەرگۈزەشتلىرىنىڭ ئىنكاسىدۇر. ئۇلار «نەغمە-مەرغۇلىنىڭ قەدىمىيىلىكى، بىر قەدەر ئىپتىدائىيلىقى، بوستانلىق – يايلاق تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ كۈچلۈكلىكى، ئۇسسۇللىرىنىڭ سالماقلىقى، مىللىي ئۇسلۇبنىڭ قۇيۇقلۇقىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن» قەدىمكى ئۇيغۇر ناخشا – ئۇسۇل، مۇزىكا سەنئىتىنىڭ مەنبەسىگە ۋەكللىك قىلىدۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت، فولىكلور خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك مىراسلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.8 d1 e! e( N. t- l/ ^% l; O
+ _5 S  h1 g3 O& E
2. دولان ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكى& M+ [- q3 v) d2 b5 E0 \" b
  دولان ئۇيغۇرلىرى تارىختىن بۇيان ھەرخىل تەبئىي ئاپەتلەرگە قارشى كۆرەش قىلىپ ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن.# j8 Z+ \5 e$ I( }* a
دولان ئۇسۇلىنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنى ۋە قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، دولان مەشىرىپى قەدىمكى زاماندىكى بىر مەيدان ئوۋچىلىق ۋە ئېرىشكەن غەنىمەتلەرنى تەنتەنە قىلىش جەريانىنى ئىپادىلەيدۇ. دولان مەشرەپلىرى مۇقەدىمە، چېكىتمە، سەنەم، سەلىقە، سىرىلما قاتارلىق باسقۇچلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئوۋچىلىق دەل ئاشۇ باسقۇچلارغا فورماتسىيەلىك ھالدا سېڭىپ كەتكەن. مەسلەن: دولان مۇقامىدىكى بىر نەچچە داپەندە-نەغمىچىلەرنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا داپ ئۇدارىغا تەڭكەش قىلىپ، «ۋاي ئاللاھ، ۋاي ئاللاھ...!» دەپ توۋلاشلىرى ھايۋاننىڭ ھۆجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە چۇقان – سۆرەن سېلىش ئارقىلىق كۈچ ھالقىسى شەكىللەندۈرۈپ، ياۋايى ھايۋانلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى ئوۋلاشقا تەييارلىق كۆرۈشتىن دېرەك بېرىدۇ. چېكىتمە باسقۇچىدا ئەر- ئايال ئۇسسۇلچىلارنىڭ بېشىنى تۆۋەن ساڭگىلىتىپ، ئالدى - كەيىنىگە مېڭىپ ئوينىشى، ئەرلەرنىڭ ئىككى قولىنى تاشلاپ، ئوينىشى، ئاياللارنىڭ بىر قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، بىرقولىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ئەرلەرگە ماسلىشىپ ئوينىشى كىشىگە ئەرلەرنىڭ چاتلقاللىقىلارنى قايرىپ ئىز قۇغلاۋاتقانلىقىنى، ئاياللارنىڭ بىر قولىدا مەشئەل تۇتۇپ ئەرلەرگە يول باشلاپ بېرۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. سەنەم باسقۇچىدىكى ئەر – ئايال ئۇسۇلچىلارنىڭ ناھايىتى تىزلىكتە ئوڭ – سولغا بۇرۇلۇپ ئويناشلىرى، ماھىرلىق بىلەن ئالماشتۇرپ يۆتكىلىدىغان پۇت ھەرىكەتلىرى، ئەپچىللىك بىلەن ماشلاشقان بەدەن ھالىتى ھايات – ماماتلىق مەيدانىدىكى ھوجۇم، چېكىنىش، ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، قوغدىنىش جەريانىنى ۋە ئەر – ئايال ئوۋچىلارنىڭ يادىن ئوق ئۈزۈۋاتقان چاغدىكى ماھارىتىنى كىشىگە ئەسلىتىدۇ. بۇ خىل ئۇسسۇل شەكلى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئوۋچىلارنىڭ ئوۋ قورشاۋى مەنزىرىسىنى ئىپادىلەيدۇ. سىيىرىلما باسقۇچىدا چەمبەرسىمان دائىرىنى ئاساس قىلىپ، بىردەم ئوڭغا، بىردەم سولغا ئايىلىنىپ ئوينايدۇ. مەيداندا بىرقانچە ھالقىسىمان دائىرە شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ باسقۇچلارغا ئۇۋچىلارنىڭ ئوۋ ئوۋلاش جەريانىدىكى مۇرەككەپ ھېسسىياتى سېڭگەن. ئەمەلىيەتتە، دولان مۇقامىنىڭ باشلىنىشىدا يۇقىرى ئاۋازدا ئاللا توۋلاش ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن ئادەم يېغىشقا تەمسىل قىلىنغان، ئاندىن ئاياللارنىڭ مەشئەل تۇتاشتۇرۇشى، ئەرلەرنىڭ شاخلارنى قايرىپ ئوڭ – سۇل ئاختۇرۇشى، كېيىن جىددى ھوجۇمغا ئۆتۈشى ۋە  ئوقيا ئېتىشى ئۇسسۇل ئۆزگىرىشلىرىدە ئىپادىسىنى تاپقان. ئىلگىرىلەش – چىكىنىش، ئاخىرىدا بىر قورشاۋ ھاسىل قىلىش ھەققەتەنمۇ قەدىمكى زاماندىكى ئوۋلاش ياكى تاجاۋۇزچىلىققا قارشى جىددى كۆرەشنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ. مۇقام ئاخىرىدىكى داپ ئۇدارىنىڭ شوخ مەرغۇلغا يۆتكىلىشى، ئوسسۇلنىڭ ساما دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى ئوۋ غەنىمەتلىرى ياكى جەڭ  غەلبىسىنى كوللېكتىپ تەنتەنە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، دولان مەشىرەپ – مۇقاملىرىدىكى شەكىل قاتلىمى ۋە ھەرىكەت مىمىكىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوۋچىلىق ئەينى دەۋىر دولانلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم تىرىكچىلىك ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە ئاياللار بىلەن ئورتاق ئەمگەككە قاتنىشىش، خىرىسلارغا تەڭ تاقابىل تۇرۇش، قامدىلىش ئېھتىياجىنى ئورتاق تاماملاش، غەنىمەتلەردىن تەڭ بەھىرىمان بولۇش، تەڭ تەنتەنە قىلىش دولانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ياشاش يوسۇنىغا ئايلانغان. ! u" O2 @  t8 ]
; `8 ^' u  ~) i& {4 l# H
«پىچاقسۇندى» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا
+ G  q* X% N* S, c0 e# |- @«پىچاقسۇندى» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى رىۋايەت 15- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئاق تاغلىقلار مەزھىپىنىڭ كاتتىبېشى ئاپپاق خوجا بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
  Q  g/ A. s4 V4 `9 M: Fئەينى ۋاقىتتا ئاپپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ مۇرتلىرى تۇرپاندىن قايتىش سەپىرىدە قەدىمكى يىپەك يولىنى بويلاپ مېڭىپ، سۈيى ئەلۋەك، باغ-باراڭلىق، قارىسا چېكىگە كۆز يەتمەيدىغان توغراقلىقلار بىلەن ئورالغان خىلۋەت بىر ماكانغا يېتىپ كەپتۇ. يۇرت پىشىۋالىرى، ئەھلى-ئۆلىمالار مېھمانلارنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋاپتۇ ۋە بۇ قەدىمىي دولان يۇرتىنىڭ قائىدە-ئەھكاملىرى بويىچە كاتتا داستىخان تەييارلاپ، قوي سويۇپ پۈتۈن ئۇچىلارنى پىشۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مېھماندوستلىقىنى ئىپادىلىشىپتۇ. مېھمانلارغا ئۇچىلار تارتىلغاندىن كېيىن، يېيىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن مېھمانلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن پىچاق سۇنۇلۇپتۇ. مېھمانلار ھېچقانداق يۇرتتا ئۇچرىتىپ باقمىغان بۇ ئىشتىن كۆپ رازى بولۇپ، قەشقەرگە قايتىش سەپىرى ۋە قايتقاندىن كېيىنمۇ «ئۇچىلارنى تارتىپ پىچاق سۇنۇپ بېرىدىغان ھېلىقى يۇرت...» دەپ بۇ يۇرتنىڭ تەرىپىنى قىلىشىپتۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ رىۋايەت ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ، يۇررتتىن يۇرتقا تارىلىپ، ئەزەلدىن «قۇملۇق»، «شېرىن»، «چادلىق» دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ يۇرت «پىچاقسۇندى» دەپ ئاتىلىدىغان بوپتۇ. ھەم غوجام قويۇپ بەرگەن» نام دەپ ئۇلۇغلىنىپ، يۇرت خەلقى تەرىپىدىن تېزلا قوبۇل قىلىنىپتۇ.
  ^, ~) Z( l; S# ~: d, p& R# Lپىچاقسۇندى بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك ئۈچ چوڭ ئايماققا ئايرىلغان. بۇ ئۈچ چوڭ ئايماقلارنىڭ شەكىللىنىشى ھەم ئىتنىك خاسلىققا ھەم جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىك ۋە تەبىئىي ئايرىۋاشلىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. «قۇملۇق»، «شېرىن»، «چادلىق»تىن ئىبارەت بۇ ئايماقلار بىرلىشىپ «پىچاقسۇندى» بولۇپ، يەنى كىچىك بوستانلىق زونىسىدىكى تىپىك يۇرت بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ ئۈچ چوڭ ئايماقتىكى ئۇيغۇر دولانلىرى گەرچە ئىتنىك مەنبەئە، مەۋجۇدلۇق شەكلى، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، دىئالىكت (تىل شىۋىسى) جەھەتتە بىر-بىرىدىن پەرقلەنمىسىمۇ، لېكىن ھەرقايسى ئايماقلاردىكى دولانلارنىڭ جانلىق تىلدىكى سۆز ئاھاڭدارلىقى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، قۇملۇق دولانلىرى سۆز ياكى جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىنى ئۈستى تەرىپىگە زىيادە سوزۇپ، شېرىن-چاتلىق دولانلىرى ئاستى تەرىپىگە بىرقەدەر قىسقا سوزۇپ ئاخىرلاشتۇرىدۇ.   M8 n" c' L- x1 h* X: U; K
روسىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيەچى ئو. ن كروپاتكىننىڭ « قەشقەرىيە» دىگەن كىتابىدا: «چادىركۆل كەنتىدىن ئۆتىدىغان قەشقەر يولىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدىكى پىچاقسۇندى دېگەن جايدا دولانلارنىڭ چاد – شېرىن قەبىلىسى ئولتۇراقلاشقان» دىگەن مەزمۇن بار. ھەرقايسى كىنەزلىكلەر قەبىلە كوللېكتىپىنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن روس ئېلىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كروپاتكىن شىنجاڭدىكى مەھەللە-بوستانلىقلارنىمۇ قەبىلىنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، دولان قەبىلىسى ياغاچ ئۆيلۈك دولان، قارا دولان، 18 مىڭ ئۆيلۈك دولاندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۇرۇققا ئايرىۋاشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئۈچ ئۇرۇق يەنە «ئاق چىراغلىق دولان»، «قارا چىراغلىق دولان» دەپ ئىككى كىچىك ئۇرۇققا ئايرىلىدۇ. «ئاق چىراغلىق دولان»لار بىلەن «قارا چىراغلىق دولان»لار تۆشۈك جابدۇقلىرى، خېمىرتۇرۇچ، ئۇن-ياغ قاتارلىقلارنى ئۆتنە قىلىشتىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ. ناۋادا بۇلار بىر-بىرىنىڭكىگە ئارىلىشىپ كەتسە «يۈزنى جاراھەت باسىدۇ»، «كۆزگە ئاق چۈشىدۇ»، «روھىناتلار يامانلاپ قالىدۇ» دەپ قارايدۇ. قىسقىسى، چاد، شېرىن قەبىلىسى دېگەنلەر ھەرگىز مەۋجۇد ئەمەس. 7 e' L/ D8 C6 d+ l1 |8 S2 @* ^
«دۇلان » دېگەن ئىسىم ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. بىر رىۋايەتتە دولانلار مەكىتتىن تارتىپ، لوپنۇرغىچە بولغان دەريا، ئوتلاق ۋادىلىرىغا ماكانلاشقان بولغاچقا دولان سۆزى «دالا» دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن دىگەن قاراشمۇ بار. ; |6 v" ?) C3 y. Z+ k* K
بىرىنچى قاراش: «دولان» ئاتالغۇسى «دون» سۆزىدىن كېلىپ چىققان دىگەن قاراش. % i9 U* A. a# \& F& N
ئىككىنچى قاراش: قەدىمكى زاماندا شىمالدا ياشايدىغان «دولپن» دەيدىغان بىر قەبىلىنىڭ نامىدىن كەلگەن دېگەن قاراش.' f9 \/ X$ y' t# J: b1 u/ V
ئۈچىنچى قاراش: «دولان» دېگەن مۇڭغۇل تىلىدىكى «يەتتە» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراش.
# H' x2 S& h  jتۆتىنچى قاراش: «دولانگىت»، «تۇران» قاتارلىق  قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ نامىدىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراش., b* @5 }1 a( X/ [. c
بەشىنچى قاراش: «دۆۋلەن» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراش.1 i& S7 s0 K1 @  Z& O0 f; l0 d& V; o
قىسقىسى، دولانلارنىڭ خاراكتېرى، مىجەزى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئالاھىدىلىكلىرىدىن قارىغاندىمۇ، ئۇلارنىڭ جىدەل – ماجىرا، نىزا-ئاداۋەتلەرنى خالىمايدىغان، تىجارەت دىتى نىسبەتەن ئاجىز، يەككە ياشاش خاھىشى بىرقەدەر كۈچلۈك، نىكاھ ئىشلىرىدا ئۇرۇق ۋە قەبىلە قوغلىشىش خاراكتېرى خېلىلا گەۋدىلىك.
4 ?8 Y2 `/ Y; L" F* v

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-1 20:30:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالە بوپتۇ بۇ،سڭزگە ئاپىرىن

ۋاقتى: 2014-9-1 20:31:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالە بوپتۇ بۇ،سىزگە ئاپىرىن

ۋاقتى: 2014-9-1 20:31:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالە بوپتۇ بۇ،سىزگە ئاپىرىن

ۋاقتى: 2014-9-4 10:43:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پىچاق سۇندىغا كۆپ بارغان،ئۆتكەن يىلى بارغىنىمدا ئۆزگۈرۈش خېلى زور بوپتۇ،بازارلىرىنى كېڭەيتىپ دۇكانلارنى رەتكە ساپتۇ،دولانلارنىڭ ئۆزگۈچە تەملىك كاۋاپلىرى،دولان خەلقىنىڭ مېھماندوست،ساددا،ئاق كۆڭۈللۈكى...ئۇلارغا مېھرىم باشقىچە

ۋاقتى: 2014-9-4 16:51:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق ئىزدىنىپسىز..........

ۋاقتى: 2014-12-16 18:24:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى ئوبدان ئىزدىنىپ يېزىپسىز

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش