ئۈچ پارچە سۆيگۈ لىرىكىسى
بىرىنجى لىرىكا
ئازاب بايرىقى لەپىلدىمەكتە
مۇھەببەتنىڭ ئاسمىنى كۈلرەڭگە ئىنتىلمەكتە
تەشنالىق شۇ قەدەر ئاچچىق
ئېرشەلمەسلىك گۈللىرى رۇجەكتىن سىلجىغان
ئۈمىدسىزلىك ھەشىقپىچەك كەبى روھىمنى چىرمىغان
گەرچە سېنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ
خىيالىمغا يېيىلغان قارا چاچلىرىڭ مېنىڭ كېچەم
ۋۇجۇدۇمدا قېتىپ قالغان سىماھىڭ –مېنىڭ بار بىساتىم
مەيىن ئاۋازىڭ مامۇق بۇلۇت-ئۇ گۈللۈك ياستۇق
سېنى سېغىنغاندا
كۆز ياشلىرىمنى تاشقا باسۇرۇپ قۇيىمەن
لېۋىم-لېۋىڭدىن ئۈنسىز ئايرىلدى
ئېھ بۇ ئايرىلىش!
گۈزەللىكنىڭ قانلىق بەدىلىمۇ؟
ئۆزى سۆيگەن نەرسىنى
باشقىلارغا ئاجىزلىق بىلەن ھەدىيە قىلىشمۇ؟
بارماقلىرىڭدا –ناتۇنۇش بارماق
مۆرەڭدە بىر كېچە-باشقا بىر ئەرنىڭ بېشى
بۇ كېچە-
باغرىمدىن سانسىز مۇخلار ئۈنۈپ چىققان...!
ئىككىنجى لىرىكا
ساڭا بەخىت تىلىگىم بولسىمۇ
ئېچىنىشلىق رەشىك گىرداۋىدىمەن
كۆز ياشلىرىڭنى كۆرۈپ باقسام دەيمەن
ئارقاڭغا قايرىلغىنىڭدا پەرىشان
چەكسىزلىكتەك غۇۋالاشسام دەيمەن
ئەمما، بەئەينى سايەڭ كەبى
يەنە ساڭا ئەگىشۋالدىغانلىقىمىنى ئويلىسام
رەڭگارەڭ ھەسەن-ھۈسەنلەر ئالدىدىكى
چاقماقلار تاماكامغا ئوت يېقىپ بېرەلمەس
ھېچنېمە زەررىچە شاتلىق ئاتا قىلالماس
شېئىر يېزىۋاتقان قولۇم پىژ-پىژ كۆيمەكتە
سۆيگۈ كىسىلاتالىرى تۆكۈلگەن يۈرىكىم ئېچىشماقتا
سەن قەيەردە كىملەر بىلەن؟
مەن كېچە بىلەن، قاراڭغۇلۇق بىلەن
ئايسىز، نىگارسىز
سۆيگۈچىمەن نام-نىشانسىز....
ئۈچىنجى لىرىكا
خەيىر ئەي قىزچاق
خەيىر ئەي ھەر ئىككىلا شەپەق
خەيىر ئەي پىنھاندا تۆكۈلگەن ياپراقلار
خەيىر ئەي پەسىللەر
خەيىر ئەي نۇرلارنىڭ قاراڭغۇ جىلغىللىرى
روھ-مەيىن شامالدەك
يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتتى، ئۇچۇپ كەتتى
خەيىر ئەي مەن
بىز ئەمدى كۆرۈشەلمەيمىز
بىز ئەمدى كۆرۈشەلمەيمىز
شەكلىمىز يوق كۆرۈنمەيمىز
يىغا چۇلۋۇرلىرى باغلانغان ئاۋازىمىز بىلەن
ئاستا-ئاستا خاراب بۇلۇپ
تاساددىبى قايتا ئۇچرىشىپ قالساق
تاساددىبىيلىق ھەقىقەتتۇر
تاساددىبىيلىق بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەنىمىز
مەن قالدىم
خەيىر ئەي قىزچاق
يامغۇر تامچىلاپ تۇرغان لەمپە ئاستىدا
بارچە قايتىشلار ئۇچرىشىدىغان ئارسالدىلىقتا
بارچە سۆيۈشلەر ئەسلىنىدىغان ئىمكانسىزلىقتا....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ZULTAP تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-27 11:26