يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 551|ئىنكاس: 2

مەخەت ئابدۇرېھىم: ساۋاتسىزلارنىڭ سىياقى (سۆز ئويونى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                         ساۋاتسىزلارنىڭ سىياقى

                                                      سۆز ئۇيۇنى


                                       مەخەت ئابدۇرېھىم


                                 سالما سىياق سازاڭدەك،
                              ساۋاتسىزلار ساماندەك.
                             ساۋاتسىزلار سۆزلەيدۇ،
                            ساقايمىغان ساراڭدەك.


         سودىگەرلەرنىڭ سۇنى سوغاق ساقلايدىغان ساندۇقلىرىدا،ساخاۋەتچىلەرنىڭ سامان ساقلايدىغان ساڭلىرىدا ساقلانغان، ساراڭلار ساناتورىيسدە ساچقاننىڭ سۈتۈنى سەكسەن سەككىز سوتكا سۈمۈرۈپمۇ ساقايمىغان ساۋاتسىزلار؛-ساياھەتچىلەرنىڭ سالمىسىدەك سەكرەپ، سۈت ساتقۇچىلارنىڭ سۆۋىتىدە سازاڭدەك سايراپ،سەركەردىلەرنىڭ ساسلىقتىكى سېرىق سۆگەت سايىسىدا سايىداپ،ساراڭ سوپىلارنىڭ سېرىق سەللىسىنى ساغساغرىسىغا ساڭگىلىتىپ، سەپەرداشلىرىغا سۆرەمدەك سۆرۈلىۋىلىپ،سەپەرداشلىق سالاھىتىنى ساقلىيالمىدى.سىياسىتىمىز ساۋاتسىزلارنىڭ سالاھىتىدىكى سۈپەتسىزلىكنىڭ سەۋەپلىرىنى سىستىمىلىق سۈرۈشتۈردى.
       سەۋەپ؛-سىياسىتىمىزنىڭ سەمىمىلىكىدىن ساۋاتسىزلارنىڭ سالاھىتى سىستىمىلىق سۈرۈشتۇرۈلمىگەن.ساۋاتسىزلارنى ساھەلەرنىڭ سىزىقلىرىغا سىستىمىلىق سەپلەپ ساھەلەرنىڭ سۈزۈك سۇلىرىنى سىكىن-سىكىن سۈمۈرۈتىپ ساغلام سەمرىتىش.
     ساۋاتسىزلار سەپلەنگەن ساھەلەرنىڭ ساپ، سۈزۈك سۇلىرىنى سىستىمىلىق سۈمۈرەلمىگەچكە سەمىمى، ساغلام سەمرىيەلمىدى. ساھەلەرنىڭ سالاپەتلىك سەيناسىنى سەتلەشتۈرۋەتتى، سەپەر سۈرئىتىنى سۇسلاشتۇرىۋەتتى.سەپداشلار سورۇنلىرىنىڭ سۆھبىتىنى سويتىۋەتتى،سەپداشلىرىنى سەسكەندۈرىۋەتتى.
       ساۋاتسىزلارنىڭ سالاھيەت سۈپۈتىنى ساۋاتلىقلارنىڭكىگە سېلىشتۇرساق؛ ساۋاتلىقلار سانسىزلىغان سەھنە-سەپەرلەردە سەمىمى،سىياسەتكە سادىق، سالام-سائەتتە سالاپەتلىك،سۆزلىرى سۈزۈك سۇدەك.سەييارىلەردەك سەزگۈر.
         ساۋاتسىزلار؛-سەھنىلەردە سىلىق-سىپايە سۆزلەيدۇ، سورۇنلاردا سۆزلىگەن سۆزلىرى ساغلىقنىڭ سۈدىكىدەك سېسىك. سىماسى ساماندەك، سىياقى سالمىدەك،سۆڭنىڭ سۆڭكى سۇنۇق،سوڭىدا سېسىق سۇ سازاڭدەك سايراپ سالمىدەك ساڭگىلايدۇ، سىماسى سۇنىڭ سايىسىدەك،سويمىغان سامساقتەك،ساسلىقتىكى سۆرەمدەك.سۆلىتى سۆيگىنىنى سۆيەلمەي سۇغا سەكرىگەن سەتەڭدەك.سەمىمى سۆزلىمەيدۇ، سۆزلىرى سەت،سەبىيلەرنى سوتلايدۇ،ساقچىلىق سالاھىتىدە سۆزلىگەندە سەۋەپلەرنى سەمىمى سۈرۈشتۈرمەي سېسىق سۆزلەردە سوتلاپ، ساغرىسىغا ساۋاپ،سۆڭەكلىرىنى سېستىۋىتىدۇ. سەھىيە سىستىمىسىدىكى ساۋاتسىزلار؛-ساغلاملارنىمۇ ساناتوريەگە سولاپ، سېغىزخاننىڭ سۈتىنى سانتىلاپ سېتىپ،ساغلىقنى ساغماي،سەركىنى سېغىپ سىپىرلاپ ساقايتىشقا سۆزلىشىدۇ،ساقايسا ساقايدى ساقايمىسا ساراڭلار ساناتوريىسىگە سېتىۋىتىدۇ.
     ساۋاتسىز سودىگەرلەر؛- سۇنى ساغلىقنىڭ سۈيدۈك سىياسىدا سىرلاپ، سامساق سۈيىدە ساڭزا سېلىپ، سەينىڭ سەركەردىسى سەۋزىنى سامانلىقتا ساقلاپ سودا- سانائەت سارىيىدا سولاشتۇرۇپ ساتىدۇ.
       ساۋاتسىز سىكىرتارلار؛-سۇنى سايدا ساقلاپ سۇ سالىدىغانلارغا سېسىق سۇنى سانتىلاپ سېتىپ،ساپ-سۈزۈك سۇنى ساسلىققا سىلجىتىۋىتىدۇ،سەھرادىكى ساددا سەبداشلىرىنى سوقا-سۆرەملىرىنى سۆرۈتۈپ،سايغا سامانلىق سالدۇرۇپ سىياقىنى ساماندەك سارغايتىپ ساپ-سالقىن سەھرادىن سەسكەندۈرۋىتىدۇ.
      سوت ساھەسىدىكى ساۋاتسىز ساقچىلار؛-سۆگەتنى سۈرۈشتۈرمەي سايىنى سوتلايدۇ، ساننى سۈرۈۋىتىپ،سۈپەتنى سىرلاپ،سومنى سومكىغا سالالمىغانلارنى سولىتىۋىتىدۇ. ساۋاتسىز ساخاۋەتچىلەر؛-سەبىلارنى ساننىڭ سىرتىغا سۈرۈۋىتىپ،سىمىزلەرنىڭ ساغرىسىنى سىلايدۇ.
       ساۋاتسىز سالاچىلار؛-سەمىمى سۆزلىگەنلەرنىڭ سۆزىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ساختا سۆزلىگەنلەرنى سۈپەتلەپ سەبداشلار سورۇنىنى سۈلھى-سالا سۈيىدە سۇغۇرۇپ سالام سائەتنى سوغۇق سۇغا سېلىۋاتىدۇ. سامسپەزلەر؛- سامانلىقتا ساقلىغان ساغلىق سامساقنىڭ سىڭلىسى-سۇڭپىيازنىڭ سۈتىنى سىڭدۈرۈپ سېتىپ سەبداشلىرىنى سەمرىتىۋاتىدۇ.
         سۆھبەتداشلار!،ساۋاتسىزلار سەھىپىسىدىكى سۆھبەتتە سۆزلىسەك ؛-ساۋاتسىزلارنىڭ ساۋاتسىزلىق سەۋەنلىكلىرى سامانلىقتىكى سېسىق ساماندەك،ساسلىقتىكى سېسىق سۇدەك سان- ساناقسىز.سۆزۈمنىڭ سەھنىمىزدىكى سەركەردىسى ساۋاتسىزلارغا ساۋاتسىزلىقنىڭ ساۋاقلىرىنى سەمىمى سەزدۈرۈپ، ساۋاتسىزلارنى ساۋاتلىق ساناتوريەسىنىڭ ساپ، سۈزۈك سۈيىدە سۇغۇرۇپ، ساھەلەرگە سەپلەنگەن ساۋاتسىزلارنى سوغۇق ساقلاش ساندۇقىدا ساقلاۋەرمەي ساھەلەرنىڭ سەپەر سەيناسىغا ساغلام سەكرىتەيلى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرھات كازىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 18:56  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-27 03:27:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قىتىم تىمىلىرىڭىزنى كۆرگۈنۈمدە تەلەپچان تىرىشچانلىقىڭىزدىن سۈيۈنىمەن. ھارمىغايسىز

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-27 05:09:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلداش يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 03:27
ھەر قىتىم تىمىلىرىڭىزنى كۆرگۈنۈمدە تەلەپچان تىرىشچان ...

ئىلھام بەرگەنلىرىگە رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش