يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 8780|ئىنكاس: 5

« قاباھەت » رومانىدىن ھېكمەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەخەت تۇردىنىڭ «قاباھەت» رومانىدىن ھېكمەتلەر







پەرزەنت-ئۇ كېلىچەك،ئەجداتلار بىلەن ئەۋلادلارنى مەڭگۈ بىر-بىرىگە  باغلايدىغان ئالتۇن ھالقا!               
                                             3-بەت
دىلكەش،ۋاپادار دوسىت تۇرمۇشنىڭ زىننىتى !  ھەقىقىي دوستلۇق قىش-ياز كۆكىرىپ تۇردىغان دەرەخكە ئوخشايدۇ.   
                                             24-بەت
مۇھەببەت ئوتى پۈۋ دېسە ئۇچۇپ كېتىدىغان شام ئەمەسكەن.ئۇ بەئەينى بىر ھۆكۈمران ئىكەن! مۇھەببەت ئادەمدە روھ پەيدا قىلدىكەن،روھ بولسا ئادەم تېنىدە نۇر پەيدا قىلدىكەن،بۇ نۇر ناھايىتى خاسىيەتلىك ئىكەن !
                                             30-بەت
تۇرمۇش تەۋەككۈل قىلىش دېمەكتۇر.كىمىكى دېڭىز دولقۇنلىرىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ سەپەر قىلمىسا،تۈرلۈك-تۈمەن تەشۋىش ۋە مۇشەققەتلەرنىڭ سۈيدىن ئىچمىسە،ئۇ ھەقىقىي راھەت-پاراغەتكە ئىگە بولالمايدۇ.
                                              42-بەت
تۇرمۇش خۇددى ناتۇنۇش ئادەم كېلىپ قالغان كاتتا شەھەردەك سىرلىق ھەم مۇرەككەپ بولىدۇ.ئادەم بەزىدە،ئۇنىڭ قەيىردىن كىرىپ ،قەيىردىن چىقىشنى بىلمەي قالىدۇ.ئەمما سەپەر-دۆلەت ۋە راھەتنىڭ ئىشكىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ !
                                               49-بەت
ھاياتتا ھەممە ئادەم ئوخشىمغان دەرىجىدە ئارتىسلىق قىلدۇ؛ ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينايدۇ پەقەت پەرقى شۇكى،بەزىلەر ئارتىسلىق قىلۋاتقىنىنى بىلدۈرمەيدۇ،بەزىلەر بولسا چاندۇرۇپ قويىدۇ !
                                               55-بەت
كۆڭۈلدە ئوت يانسا،ئۇنىڭ چوغى دىلدا،يالقۇنى يۈزدە كۆرىنىدۇ.
                                                70-بەت
بۇ دۇنياغا مۇھەببەت ئاياللاردىن تارالغان ،ئاياللار بولمىسا مۇھەببەت بولمايدۇ،مۇھەببەت بولمىسا دۇنيانى زۇلمەت باسىدۇ!
                                                97-بەت
بازار-ئاجايىپ مۆجىزلىك دۇنيا.ئۇ بارنى يوق،يوقنى بار قىلالايدۇ،بازارنى ئاۋاتلىق،باياشاتلىق شاۋقۇنى ئەۋج ئالغان دولقۇنلۇق دەرياغىمۇ،ئىماننى بەند قىلدىغان كىشەنگىمۇ ئوخشىتىش مۇمكىن.ئۇ يەردە پۇل بالىلايدۇ،دىيانەت گۆرۆگە قويۇلىدۇ!...
                                                171-بەت
ئادەم دېگەن يەنىلا ھۆل،ئەۋرىشىم نەرسە ! قەيەرگە تىكسە كۆكلەيدۇ،يىلتىزى سۇدا بولسىلا قۇرۇپ قالمايدۇ.گەرچە قورقۇش،گاڭگىراش،غېرىپسىنىش ئۇنى بىر مەزگىل ئازاپلىسىمۇ،ئەمما پۈتۈنلەي نابۇت قىلۋېتەلمەيدۇ.ئۇ يەنىلا ئازاپ ئىچىدىن خۇشاللىقنى،مۈشكۈللۈك ئىچىدىن راھەتنى تېپىشقا قادىر،پەقەت شۇ كىشىدە ئىرادە،جاسارەت ۋە ئىزدىنىش بولسىلا !
                                                 178-بەت
ئادەم ئۈمىدسىزلىككە تولغاندا ھايات مەنىسىز،ئىستىقبالى قاراڭغۇ بىلىنىدۇ،روھى چۈشكۈن ئادەم يىراق ھايات مەنزىلىنى يالغۇز ماڭسا تېخمۇ غېرىبسىنىدۇ،تېىخىمۇ مىسكىنلىشىدۇ.ئەگەر كۆڭلىدىكى بىرى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولسا،مۇنداق مۈشكۈل ھايات مەنزىلى ھەرگىز ئېغىر بىلىنمەيدۇ،زۇلمەت ئىچىدىن يورۇقلۇق ئىزدەشتە ئىشەنچكە،تايانچقا ئىگە بولىدۇ!
                                               181-بەت
ئىنسان ئۈچۈن شان-شۆھرەتكە تولغان بىر دەقىقە مەنىسىز ئۆتكەن نەچچە كۈنلۈك ھاياتتىن ئەۋزەل بولىدۇ!
                                               202-بەت
بۇ دۇنيادا ئىككى قوللاپ تۇتۇلغان نەرسىدىن ۋاز كېچىش قىيىن ئەمەس،بەلكى ھەقىقى ئادەم بولۇش قىيىن! ئادەم ئۆز تەبىئىتىدىكى ئاجىزلىقلارنى يېڭىپ،ھەقىقىي ئادەم بولۇش ئۈچۈن،جەزمەن ئۇزاق ۋاقىت ئىرادىسنى تاۋلىشى كېرەك.
                                                209-بەت
ئىنساننى نابۇت قىلدىغان نەرسىلەر ئىنساننىڭ ئۆز ئىچدىن چىققان نەرسىلەردۇر.
                                                221-بەت
نادان ئادەم ئۆز قەدىر-قىممىتىنى بىلمەيدۇ،ئۆز ھەققىنىڭ نىملىكىنى چۈشەنمەيدۇ.شۇڭا،ئۇنى ئاسانلا ئالداپ كەتكىلى بولىدۇ.ئۇمۇ  ئالدىنىۋېرىدۇ.
                                               227-بەت
ھەر قانداق ۋاقىتتا،ساتقىنلىق ئادەم ئۆزىنى سېتىشتىن باشلىنىدۇ ! شۇنداق،ئاۋۋال ئۆز ۋىجدانىنى،ئىمانىنى،ئېتقادىنى ساتىدۇ،كىيىن باشقىلارنى ساتىدۇ!
                                              252-بەت
ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى نە سۇغا چۆكتۈرۈپ تۇنجۇقتۇرغىلى،نە ئوتتا كۆيدۈرۈپ كۈل قىلغىلى بولسۇن! ئۇ بەئەينى قۇياش،ھېچقاچان ئۆچمەيدۇ،ھېچقاچان قارايمايدۇ...!
                                              256-بەت
تۇرمۇشتا باتۇرلۇق بىلەن قورقۇنچاقلىق،پىداكارلىق بىلەن ئازغۇنلۇق كۆپۈنچە يانمۇيان تۇرىدۇ!
                                              259-بەت
دەرتنىڭ كېلىشى ئاسان،كېتىشى قىيىن ئىكەن!
                                              262-بەت
ئۆتكەن كۈنلەر بەئەينى چۈشكە ئوخشايدۇ.ئادەمنىڭ چۈشىدە يېگەن غىزاسى ھەرقانچە لەززەتلىك بولسىمۇ،ئۇ بەرىبىر چۈشىدە يېگەن تائام بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.
                                            285-بەت
دۇنيادا تاۋۇتتىن تىز ماڭىدىغان نەرسە بولمىسا كېرەك.ئادەملەر ھەمىشە ئالدىرايدۇ،ئالدىراپ ماڭىدۇ،ئالدىراپ يۈگۈرەيدۇ،ئەمما شۇ بىرەر دائىرنى چۆرگىلەپ يۈرىدۇ.تاۋۇت بولسا ئۇنداق ئەمەس،ئۇ مېيىتنى ھەش-پەش دېگۈچە ئۆز قارارگاھىغا-ئاخىرقى مەنزىلىگە يەتكۈزۈپ قويىدۇ...!               307-بەت
كېچىسى ماڭغان ئەرنىڭ،كۈندۈزى ماڭغان يىلاننىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ.
                                             324-بەت
تەبىئەتنىڭ ئۇزايى بۇزۇلسا ھېچ گەپ ئەمەس،ئاسماننىڭ باغرى كەڭ.قارا بۇلۇتلار كېلىدۇ-كېتىدۇ. ئەمما ئادەمنىڭ كەيپى بۇزۇلسا ،كۆڭلىنى قارا بۇلۇت باسسا،بۇ ناھايىتى يامان،خۇددى مىتە يىگەن بۇغدايدەك ئادەمنى ئىچىدىن ئەپ قويىدۇ.
                                              332-بەت
قېرىلىق-غەمكىنلىك...قېرىلارنىڭ كۆڭلى خۇددى ياۋا سۇلار يىغلىپ قالغان لايلاتمىنىڭ ئۆزى.ئۇنى ئاندا-ساندا چىقىپ قالغان شامالمۇ،كۆكتىن چۈشكەن سىم-سىم يامغۇرمۇ چالغىتىدۇ،بېزەۋىتى قىلىدۇ.ئۇ ئېرىق-ئۆستەڭلەردىكى قاياقلارغىدۇر ئالدىراۋاتقان دولقۇنلاردەك بەسلىشىپ ئاقالمايدۇ،پەقەت چايقىلدۇ،خالاس!
                                             334-بەت
ھەممە ئادەمدە گۈزەللىكنى سۆيىدىغان قەلب بار.گۈزەللىكنى سۆيۈش ئىنسانلارنىڭ تۇغما خۇسۇسىيتى.
                                            337-بەت
تۇرمۇش دېگەن شۇنداق ئىكەن،سەن ئۇنىڭدىن بىرەر ھەقىقەتنى چۈشەنگەن ۋاقتىڭدا،ئاللىقاچان بىر مۇنچە ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلىگەن بولىدىكەنسەن!
                                           353-بەت
ئادەم ئۆزىنىڭ زەئىبلىكدىن ۋە شەرمەندىلىكىدىن ۋە ناچارلىقدىن شەرمەندىلىكنىڭ ئاخىرقى نوقتىسغا يېتىشى مۇمكىن.لىكىن بۇ شەرمەنىلىكنىڭمۇ چېگرىسى بار.ئادەم ھەر قانداق ھالدىمۇ شۇ چېگرىدىن نېرىغا ئۆتەلمەيدۇ ۋە خۇددى مانا شۇ چېگرا نۇقتىسغا كەلگەندە ئادەم ئۆز شەرمەندىلىكىدىن سەسكىنىشكە باشلايدۇ!
                                            360-بەت
كىشلىك تۇرمۇشتا ئادەم ھەر خىل توسقۇن-سىناقلاردىن خالىي بولالمايدۇ.ۋاھالەنكى ،مانا شۇ توسقۇن-سىناقلار ئادەمنى تاۋلاپ،چېنىقتۇرۇپ ھەقىقىي ئەزىمەتلەرنى يارىتىدۇ!
                                           362-بەت
قانۇن-ئىنتىزامنى مۇستەھكەملەش،مەسئۇلىيەتنى سېزىش-ئادەملەردىن كۈچ ۋە غەيرەت،ۋىجدان ۋە نۇمۇس بىلەن مېھنەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
                                          371-بەت

   تەييارلىغۇچى:پەيزاۋات جانباز ئوتتۇرا مەكتەپتىن
                          تۇردى قېييۇم ئىمىن.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-24 22:03:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغۇچىغا رەخمەت!

ۋاقتى: 2014-8-25 18:20:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكمەتلەر نى يوللاپ جاپا تارتىپسىز،بىر قىسىم ئەقلىيەلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى باردەك ياكى مەزمۇنى ئوخشىشىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم ئەسكەرتىلىشى كېرەكمىكىن.

ۋاقتى: 2014-8-30 17:15:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چىكىپسىز رەھمەت سىزگە

ۋاقتى: 2015-3-9 17:12:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشىنىڭز ياخشى بولۇپتۇ. كىتابلارنى مۇشۇنداق بىرەر نەرسىنى ھېس قىلىپ ئوقۇپ  چىقىش كېرەك.

ۋاقتى: 2015-3-9 19:22:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ روماننى ئككى قىتتىم ئوقۇغان ياخشى يىزىلغان رومانكەن. باش قەھرمان قىز خسلەتنىڭ تىراگدىيسى كۆڭلۇمنى تولىمۇ يىرىم قىلغان ئىدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش