ئۇ
ئۇ تاتلىق ھەم لەززەتلىك ئاۋاز،
سىموۋلىزىمچى شائىرلاردەك پىكىر قىلىش ئۇسۇلى.
ئۇ گۈزەل ھەم ئويناق،
پەۋقۇلئاددە زوق ئېلىش ئستىكى.
ئۇ بىر توپ پاقىلارنىڭ كوللېكتىپ ئۆلۈۋالغاندىكى ھاياجىنى،
تەلۋە، سەمىمىي شائىرلارنىڭ ئاڭ سەكرەتمە پائالىيىتى.
ئۇ زوقلانغۇچى سۇبيېكتىپ-كىتاپخان،
چۈشكۈن تاتلىق ئەسلىمىلەرنىڭ مۇنتاژ شەكىلدە بىرىكىشى.
ئۇ يانتۇ شەكىللىك چىرتىيوژ قەغىزى،
جىددىي خاراكتېرلىك نېرۋا يىگىلەش كېسىلى.
ئۇ ھېچنىمە ھەمدە گۈزەل مەۋجۇتلۇق،
ئۇنى ھەر قانداق نەرسىگە ئوخشىتىش خاتا!!
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى