ئاجايىپ
(ساتېرا)
رابىيەم نىياز(سەدەپ)
كارامەت بابىدا مەن بىر پەقەتلا تەڭدىشىم يوقتۇر،
چاياندەك تولغۇنۇپ دائىم رەشىكتە كىشنىشىم شوختۇر.
مەگەر كۈلسە ساڭا ئامەت باغاشلايدۇ قارا زۇلمەت،
قاچامدا شۇ ئېشىم ئوغا تىرىكلىكتە كۈنۈم سوتتۇر.
جاھان ئالماقنى ئويلايمەن نىتەي رەڭۋاز سىياقىمدا،
دىلىمدا سوغ ساما ئويناپ تىلىم ھەر چاغ گويا ئوتتۇر.
ناۋا ئەيلەپ خوشامەتنى ئۇنىڭ بىرلە كۈيۈم ياڭراق،
شىكەر مەنپەت داۋانىدا ئۇل ھەۋەس تېز سوقار چوتتۇر.
مالامەت زەنجىرى باغلاپ كىشەن سالسا بىرەر دوستقا،
كۈلەر بايرام ماڭا شادلىق چىچەك ئاچقان بەخىت قۇتتۇر.
چاشقانى
(ساتېرا)
شائىر دىگەن نامىم بار تەخەللۇسۇم چاشقاندا،
ئامبىرىمدا ساقلايمەن ياخشى ئەسەر تاپقاندا،
تارتىپ ئېلىپ ئارىدىن نەچچە تاڭلار ئاتقاندا،
ساقال-بۇرۇت ياساپلا ئاز-پاز مىسرا قاتقاندا،
ئاپتۇرى مەن بولارمەن كۈن قىزىرىپ پاتقاندا.
ئەقلىم بىلەن تەر تۆمەي بولۇپ تەييار ئىگىسى،
ئۈستىلىمدە رەت-رەتتە ئەسەرلىرىم يېڭىسى،
بۇ ساھەدە يوقمىكىن مەندىن باشقا نوچىسى،
ھەۋەس بىلەن قارىشار كىچىكى چوڭ قېرىسى،
ئۆزۈم چەبدەس ھەركەتتە كېىچسى ئەل ياتقاندا.
ھاياتنىڭمۇ ئوي-دوڭغۇل سەپەرلىرى بار ئىكەن،
ھۈنىرىمگە بەزىدە كۈڭۈلسىزلىك يار ئىكەن،
تۇتىۋالسا ئوقۇرمەن ماڭغان يولۇم تار ئىكەن،
مەتبۇئاتقا سۇنۇلغان ئەسەرلىرىم خار ئىكەن،
لىكىن سەۋەپ بەك تولا ئوغۇرلۇقىم چانغاندا.
ژورناللارغا قاترايدۇ تۇنۇشلىرىم توختىماي،
قايتىپ كېلەر يازغىنى ھىچبىر يېرى ئوخشىماي،
بىلمەيدۇ-دە ھۈنەرنى يۈرەر مېنى دورىماي،
ئېلىپ قەلەم ھەققىنى بىرەر كەمپۈت شورىماي،
شائىرلىقىم ئۆزگىچە نام ئابرونى ساتقاندا.
تەخەللۇسى قورغانى قاپقانىلار يۈرەرمىش،
چاشقانىنى كۆرگەندە قاش-قاپاقنى تۈرەرمىش،
بۇ ساھەدە ئۆزىچە پاك دەۋرانلا سۈرەرمىش،
تۇتماق ئۈچۈن پەم بىلەن بىرگە توزاق قۇرارمىش،
تۇتالىساڭ تۇتىۋال يۈگرەك چاشقان قاچقاندا.
تونۇپ قويغىن خالايىق چاشقانىنى شائىرنى،
مېھنەتلەردە ئەجىردە زوھراسى يوق تاھىرنى،
يۈز قىزارماي تۆھپىنى ئېلىپ قاچار ماھىرنى،
نەپنى كۆرسە يۈز قايرىپ پەيدا بولار زاھىرنى،
نەيرەڭلەردە ھەر ۋاقىت دىلنى شادقا چاتقاننى.