يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 363|ئىنكاس: 1

ھەسەنجان تىلۋالدى: ئىنساپ يوق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]



ئىنساپ يوق


ھەسەنجان تىلۋالدى


ياخشىلىقتىن يۈز ئۆرۈپ قاچقانلاردا ئىنساپ يوق،
پاك روھىنى چاڭ-تۇزان باسقانلاردا ئىنساپ يوق،
قايرىپ قويۇپ ۋىجداننى تانغانلاردا ئىنساپ يوق ،
دۇرۇس يولدىن كەينىگە يانغانلاردا ئىنساپ يوق ،
ئادىمىيلىك خىسلەتتىن چانغانلاردا ئىنساپ يوق .

ھاياتلىقتا بىر كىمنىڭ تاش تەگكەندە بىشىغا،
ياردەم سوراپ بىرىدىن بارغىنىدا قېشىغا،
قاراپ قويماي ھالىغا، پەرۋا قىلماي يېشىغا،
ئەگرى قىلىپ قولىنى، توپا سېلىپ ئېشىغا،
ئۆز–ئۆزىنى ئاسمانغا ئاسقانلاردا ئىنساپ يوق.

كەلسە پۇرسەت ئالدىغا،ئالارمەن دەپ كۆپ پايدا،
دەيۈزلەرچە يۈز ئېچىپ يالغان سۆزلەپ ھەرجايدا،
ھېيلە -نەيرەڭ ئىشلىتىپ خەقنى ئالداپ گاھىدا،
خەقنى تۈزگە چىقىرىپ، ئۆزى يېتىپ سايىدا،
ياڭرىتىپ كۈي سازىنى چالغانلاردا ئىنساپ يوق.

كېچە-كۈندۈز غەم بىلەن باي بولۇشنىڭ كويىدا.
شۇم نىيەتلەر ھەسسىلەپ  پەيدا بولۇپ ئويىدا،
جاپا تارتىپ ھەر قانچە تەر ئاقسىمۇ  مويىدا ،
ساراي سېلىپ ھەيۋەتلىك كوچا دوقمۇش بويىدا،
ئەيىش-ئىشرەت سورۇنى ئاچقانلاردا ئىنساپ يوق.

يېقىنلىشىپ كىشىگە  ئاستا- ئاستا يىراقتىن ،
ئالداپ كىشى ئېڭىنى پىلان تۈزۈپ ئۇزاقتىن،
ھېچ كىشىگە چاندۇرماي  قۇرۇپ رەزىل توزاقتىن،
قاپتەك قىلىپ يۈرەكنى،قورىقماي قانۇن سوراقتىن ،
مال-دۇنيانى ھارامدىن تاپقانلاردا ئىنساپ يوق.

كۆزلەپ دائىم بىراۋنىڭ مال- بىساتى، پۇلىنى ،
سوزۇپ يۇۋاش ،ئاجىزغا  رەزىل  قارا قولىنى،
تۇيدۇرماستىن پەم بىلەن كولاپ تەكتى، ئۇلىنى،
تەسلەشتۈرۈپ، ئويۇتۇپ ماڭغان دۇرۇس يولىنى ،
ئورا كولاپ چوڭايتىپ قازغانلاردا ئىنساپ يوق.

دۇرۇس يولغا ماڭسا كىم،پۇتلاپ شۇنىڭ كەينىدىن،
شەيتانلاغا ئەگىشىپ، ئۆگىنىپ خۇي-پەيلىدىن،
يانماق تۈگۈل، ئەزۋەيلەپ قىلغان يامان سەيلىدىن،
ئايرىش ئۈچۈن مەجنۇننى ئۆز مەشۇقى لەيلىدىن،
غەيۋەت قىلىپ كىشىگە ساتقانلاردا ئىنساپ يوق.

شەرەپ قۇچسا بىرلىرى ،قوللىماستىن باستۇرۇپ،
سۈيقەست قىلىپ ھەتتاكى دارغا سۆرەپ ئاستۇرۇپ ،
زەربە بىرىپ ئۈستىگە مۇش-پەشۋانى ياغدۇرۇپ،
يامان نامنى مەجبۇرىي زىممىسىگە قالدۇرۇپ،
گۇناھ دۆڭگەپ بىراۋغا ئارىتقانلاردا ئىنساپ يوق.

كۆرۈلگەندە بىر نوقسان،تۇزنى سېپىپ يارىغا،
ئويۇن ئويناپ ئاق ئىشنى چىقىرىشىپ قارىغا ،
قۇلاق سالماي،زەن سالماي ئاۋام خەلىق زارىغا،
ئېناق ئۆتسە قېرىنداش جېدەل تېرىپ ئارىغا،
پىتنە-ئېغۋا ئۇرۇقى چاچقانلاردا ئىنساپ يوق.

ئامال قىلىپ يېقىتىپ ،ئەل كۆڭلىنى ئۇتقاننى،
ھالاكەتكە ئىتتىرىپ ياخشى بىريول تۇتقاننى،
ئىشنى توغرا بىجىرىپ ئەسلى غەزەز ئۇققاننى،
ئادالەتلىك يۈرىكى ئاۋام ئۈچۈن سوققاننى،
ئېپى كەلسە چاياندەك چاققانلاردا ئىنساپ يوق.

تۇرسا خوتۇن-باللىرى تاشلىۋىتىپ بىر ياققا،
كۆرسە تۆت تال تەڭگىنى كىرىۋىلىپ قاۋاققا،
لىق تولدۇرۇپ،لىق قۇيۇپ تازا يوغان تاۋاققا،
نەچچە قىتىم ئېچسىمۇ تويماي سېسىق ھاراققا.
غەرق مەست بوپ كوچىدا ياتقانلاردا ئىنساپ يوق.

ئىش-ئەمگەكتە،ئوقەتتە چىقىۋىلىپ بىر چەتكە،
باسسا شەيتان ئۇيقۇسى ئۇخلاپ قىلىپ غەپلەتتە،
ھېچ كۈچ بەرمەي ئۆيىگە،قىلغان ھەربىر ھەركەتتە،
ئاتا-ئانا قەلبىنى سىلىپ تۇرۇپ مىڭ دەرتكە،
ئات ئورنىدا ھارۋىغا قاتقانلاردا ئىنساپ يوق.

تېگىپ قالسا كۆرەڭلەپ ،كىچىك ئەمەل بىرھوقۇق،
ئۇرغۇپ قېنى-قېنىدا يالماۋۇزدەك بىر شۇملۇق،
ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ ،قىلىپ زورلۇق- زۇمبۇلۇق،
ئاۋام پۇخرا كۆڭلىدە ھىس قىلدۇرۇپ كۆپ خورلۇق،
بوزەك ئېتىپ تۆۋەننى باسقانلاردا ئىنساپ يوق.

قىلغان ھەرئىش ھەرسۆزدە يان تاياق بوپ يامانغا،
ھۇجۇم قىلىپ يوشۇرۇن ساق تۇرغانغا،ئامانغا،
ئاستىرىتتىن قول سىلىپ سۇ يۈگۈرتۈپ سامانغا،
قاتراپ تىكەن چېچىشقا ھوسۇل ئالغان خامانغا،
تىز سۈرەتتە ئاتلىنىپ بارغانلاردا ئىنساپ يوق.

ناپاك ياشاپ دۇنيادا، توغرا قىلماي تەھلىلنى،
ياخشىلىققا ئىشلەتمەي خۇنۈك قىلىپ ئەقىلنى،
يامانلاردىن ئالدىراپ ئېلىۋىلىپ نەقىلنى،
يامان ئىشتىن زوقلىنىپ،دوراپ چىقىپ ھەرخىلنى،
بىلىپ تۇرۇپ گۇناھقا پاتقانلاردا ئىنساپ يوق.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-21 17:38  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-21 18:52:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز،تەربىيۋى ئەھمىيتى چوڭقۇر ئىكەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش