يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1928|ئىنكاس: 11

مەمتىمىن قادىر: ئەڭ ئاخرىقى ئىلاجىسىزلىق (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                       ئەڭ ئاخرىقى  ئىلاجىسىزلىق

                                                     (ھېكايە)
                                                  
                                                  مەمتىمىن قادىر
  بىر چاغلاردا بالا ئىدىم. شۇنچىلىك تىز ئۆسمۈرلۈك،ياشلىق،قىرانلىق چاغلىرىم ئۆتۈپ،مانا ھازىر ياشىنىپ بوۋايغا ئايلاندىم  ، يەنە كىلىپ غېرىپ ، تەنھا بوۋايغا  . سەن كىتىپ  قالدىڭ ،  بىر ئوبدانلا كۆز ئالدىمدا مېڭىپ يۈرەتتىڭ ھەپتە ئىچىدىلا  مەڭگۈ  كېلەلمەيدىغان يەرگە  كىتىپ  قالدىڭ ...  ئادەمنىڭ ئۆمرى نېمە دېگەن قىسقا ھە  !  دادام رەھمەتلىك مۇنۇ ئۈجمە دەرىخنى تىككەندە كۆچەتنى يۇمران قوللىرىمدا تۇتۇپ بەرگىنىم تېخى تۈنۈگۈنكىدەكلا  ئېسىمدە . ھازىر سېلىشتۇرۇپ باقسام سەن مۇشۇ  ئۈجمە دەرىخچىلىكمۇ ئۆمۈر كۆرەلمەپسەن .بوۋايلىقتىن  كېيىنكى ئاشۇ ئاداققىي دەملەردە سىنىڭ قولىدىن ئۇزىغان بولسام ئارمانسىز كېتەتتىم . بىراق سەن« مېنى سىلى ئۆز قوللىرى بىلەن ئۇزۇتۇپ قويمىسىلا بولمايدۇ ،سىلىدىن كېيىن قالسام جامائەتنىڭ ئالدىدا خىجىل بولۇپ قالىمەن ، مېنىڭ تەييارلىقىم پۈتۈپ قالدى ، ئەڭ  ياخشىسى  سىلى  بېشىمدا تۇرۇپ يەرلىكىمدە قويسىلا ...»دەپ يۈرۈپ ساپ ساقلا بىر ئايال مېنى تاشلاپ كېتىۋالدىڭ.ھازىر ئويلاپ باقسام  ئەقلىڭگە باركاللا ئېيىتماي تۇرالمىدىم. سەن راستىنلا  ئەقىللىق ئىكەنسەن ئانىسى.ساڭا دېسەم  سەن  ئۇزىغان  ئاشۇ كۈنى ،  كىچىكىدە  ھەتتا  قوشنىلارنىڭكىگە  ماڭساڭمۇ  كەينىڭدىن ئەگىشىپ يىغلاپ كۆكۈرۈپ،تېلىقىپ كېتىدىغان بالىلار دامۇللام  پۈتۈن جامائەتكە سېنىڭ مەڭگۈ كېلەلمەيدىغان  جايغا  كەتكەنلىكىڭنى  جاكارلىسىمۇ   ئاشۇ  پىيالىدەك   كۆزلىرىنى  پارقىرىتىپ ، زۇۋانسىزلا  تۇرغىنى يەتمەي تېخى مېنىڭ پىشىمنى  تارىتىپ  « يىغلىساڭ يامان بولىدۇ  ،  يەنە جامائەتنىڭ  ئالدىدا بىزنى ئوسال قىلىپ  مۇشۇنداق يىغلاۋەرسەڭ بىز چىقىپ كېتىمىز »  دەيدۇ تېخى . بۇ بالىلارنىڭ يېشى كىچىكىدە سېنى خاپا سېلىپ تولا يىغلاپ تۈگەپ كەتتىمىكىن دېسەم ئالدىنقى  كۈنى  چوڭ ئوغلىمىزنىڭ  نەسىللىك كالىسى  قوتۇنىدا تۇيۇقسىز  ئۆلۈپ  ھارام  بولۇپ قېلىۋىدى، كۆزىدىن ياش دېگەن بۇلدۇقلاپ كەتتى... بالىلار « دادام ھايات ۋاقتىدا مىراسنى ئۈلىشىۋالمىساق يامان بولىدۇ»دەپ ئۆيدىكى ھەممە نەرسىلەرنى  دەپتەرگە تىزىملاپ ئىگدارچىلىقىغا ئېلىۋالدى.ھېسابتا ھازىر مەنمۇ بىكار بولدۇم،كىرىكىم قالمىدى ئانسى، ھازىر سەن ئاللا ئىگەمگە مەندىن يېقىنراق بولغاندىكىن مېنىڭمۇ قېشىڭغا بالدۇرراق بېرىشىمنى ئۇنىڭدىن تىلەپ باققىن،مەن سېنى بەكمۇ سېغىندىم ئانىسى...
ئەمدىلا پىشىن نامىزىنى تۈگۈتۈپ، قېرى ئۈجمە دەرىخى ئاستىدىكى چىت  كۆرپىدە  ئولتۇرغان  بوۋاي ئۆز ئۆزىگە يۇقارقى سۆزلەرنى قىلىپ زەرداپ بولغان ئىچىنى بىر ئاز بوشاتتى ۋە ئاقارغان قاشلىرى ئارسىدىكى ياشاڭغىراپ تۇرىدىغان ،ئۆمۈچۈك تورىدەك قورۇقلار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان  نۇرسىز كۆزلىرىنى  ئاۋۋال دەرۋازىغا ، ئاندىن ھويلىنىڭ بولۇڭىغا سېلىنغان توپا  باسقان ئوچاق  بېشىغا  ئاغدۇردۇرۇپ ھەمراھىنى ئىزلەپ ئەڭ ئاخىرىدا قوتان ئىشىكىگە زەن سېلىشى بىلەن تەڭ نەچچە   كۈندىن  بىرى  تۈزۈك  بوغۇز  يىمىگەن كالىنىڭ ئىزۈلەڭگۈلۈك  بىلەن  مۆرىشى  ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلدى .  بوۋاي  بېلىنى  تۇتقىنىچە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ، بۇلۇڭدىكى  قۇرۇق  قوناق شېخدىن  بىر باغلام  ئېلىپ قوتانغا كىرىشى بىلەن تەڭ  كالا  ئۇنىڭ  قولىغا، كۆزىگە بىچارىلەرچە قارىدى، ئەتىراپىنى  بىر  نەچچىنى چۆگلىدى ، ئۈزۈن چاپىننىڭ پەشلىرىنى تىز  ھەم كۈچلۈك تىن ئېلىپ پۇرىدى.بىردىنلا  بوۋاينىڭ كالىغا ئسىلىپ،گىرە سېلىپ قانغۇدەك يىغلىۋالغۇسى كەلدى ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قوتان تېمىنى سىلىغىنچە ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. قولىغا تامدىكى بىر نەرسىنىڭ ئۇرۇلىشى  بىلەن  يىغىدىن توختاپ  ،  كۆزىنى ئاچقان  بوۋاي  خۇددى  قىممەتلىك  بىر  نەرسىنى تېپىۋالغاندەك ھاياجانلاندى،تارشىدەك يىرىڭ ھەم ئۇزۇن بارماقلىرىدا ئۇ نەرسىنى مېھرى بىلەن سىلىغىنچە ئۆز -ئۆزىگە شىۋىرلىدى:
    ـــ قولۇڭنىڭ كۈچى بار چاغدا بارماقلىرىڭنىڭ ئىزىنى چىقىرىپ ئەڭ ئاخىرىدا تازا كىلشتۈرۈپ بىرنى چاپلىۋاپتىكەنسەن دە ، ھازىر زامان ئۆزگەردى،بۇندىن كېيىن كالا تىزىكى چاپلاپ يۈرمە، ئوتۇن كىسىپ بىرىمەن دېسەم « سىلى كىسىپ كىرگەن ئاشۇ دەرەخلەرنىڭ سولاشقان ياپراقلىرنى كۆرسەم  كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالىدىكەن ، يۇمران دەرەخلەرنى ھەرگىز  كەسمىسىلە » دەپ ئۇنىماي تۇرۇۋالاتتىڭ .
    مۇشۇلارنى دېگەچ چۇڭقۇر مېھرى بىلەن مىدىرلاۋاتقان بوۋاينىڭ تىترەڭگۈ  بارماقلىرى بىردىنلا  بىر نوقتىدا ـــ تامغا چاپلانغان كالا تېزىكىدە چىققان بىگىز  بارماقنىڭ ئوتتۇرسىدىكى سۇس توغرا سىزىقتا توختاپ قالدى ۋە دەررۇ ئايالىنىڭ قولىدىن ئالماي سېلىپ يۈرۈيدىغان ئۈزۈكى يادىغا يەتتى. ئەينى يىللاردا مەھەللىدە ھېچكىمىنىڭ بارمىقىدا ئۈزۈك يوق ۋاقىتتا ئۇ بۇ ئۈزۈكنى ئايالىنىڭ قولىغا سېلىپ قويغان شۇ ئاخشىمىنى ئىسىگە ئالدى.  شۇ ئاخشىمى ئايالى خۇشاللىقىدىن ھاياجانلىنىپ،خۇما كۆزلىرىدىن لىققىدە ياشقا تولغان،كېچىچە جىن چىراقنى ئۆچۈرمەي ئاشۇ ئۈزۈكنى سىلاپ تاڭ ئاتقۇزغان ئىدى... بىردىنلا بوۋاينىڭ خىيالى ئەسلىمىلەر قوينىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ بىر ھەپتە بۇرۇنقى كۆرۈنۈشلەرگە ـــ ئايالىنىڭ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان كۈنلىرىگە، ئاندىن قازا قىلغان دەقىقىلەرگە يۆتكەلدى. ئاشۇ ئاخشىمى بوۋاي قۇچىقىدىلا جان بەرگەن ئايالىنىڭ ئۇستى باشلىرىنى تۈزەشتۈرگەن،تىرناقلىرىغا قايتىدىن زەن سالغان،قوللىرىنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇپ قويغان كۆرۈنۈشلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈرۈپ بېقىپ ، شۇ چاغدىلا ئۈزۈكنىڭ ئايالىنىڭ بارماقلىرىدا يوقلىنى دەللىدى ۋە قوتاندىن چىقىپ ئايالى ئورۇن تۇتۇپ قالغاندا ياتقان كارۋات ئەتراپىنى،بوغچىلارنى،تارىتما،ساندۇقلارنى،تىزىلغان يوتقان  قاتلىرىنى ئاقتۇرۇپمۇ ئۈزۈكنى تاپالمىدى.
  بىر ھازا جىددىيچىلىك ئىچىدە ھەرىكەت قىلىپ خېلىلا ھالسىزلانغان بوۋاي دەرھال قىزىنى يادىغا ئالدى ۋە ھاسىسىغا تايىنىپ مېڭىپ ،نەچچە يەردە ئارام ئېلىپ ئانچە يىراق بولمىغان قىزىنىڭ ئۆيىگە كەلدى.
     ـــ قىزىم ، ـــ ئالدىراپلا ئېغىز ئاچتى بوۋاي ھويلىغا كىرمەي تۇرۇپلا دەرۋازىنى ئاچقان قىزىغا قاراپ،__ ئاناڭ رەھمەتلىكىنىڭ  دائىم قولىغا سېلىۋالىدىغان ھېلىقى ئۈزۈكى كۆزۈڭگە چېلىققاندىمۇ؟ ئىزلەپ ھېچ يەردىن تاپالمىدىم.
     ـــ مېنى ئېلىۋالدى،دېمەكچىمۇ سەن ! ـــ چالىۋاقىدى دادسىنىڭ گېپى بىلەن تەڭ چىرايىنى جۇدۇن قاپلىغان ئايال  ياقىسىنى تۇتۇپ، ـــ توۋا ماۋۇ دادامنى، ئالجىپ قالغاندەكلا گەپ قىلدىيا زەردەمنى ئۆرلىتىپ.
    ـــ ئەمدى ساقلاپ قوياي دەپ ئېلىپ قويغان بولساڭ دەيمەن،تاپالىغان بولساممۇ ساڭا بىرەتتىم شۇ .
    ـــ ئالتۇن ئۈزۈكمىكىن دەپ قالغانمىدىڭ،ئالتۇن ئۈزۈك دېگەن مانا ماۋۇ بارمىقىمدىكىدەك بولىدۇ، قانداق قىلاتتىم ساقلاپ پۇلغا يارىمايدىغان ئەسكى تۆمۈرنى،ئاكاملار ئاڭلاپ قالسا كېلىپ ئۆيۈمنى قېزىۋەتمىسۇن، نۇمۇسۇمنى كەلتۈرۈپ يەنە مەھەلىدىكىلەرگە دەپ،ئۇلاردىن دېرىكىنى قىلىپ يۈرمىگىن،مە ماۋۇ ئون كوينى،ھازىرلا بېرىپ راخمان سەيپۇڭنىڭ ماگزىنىدىن بىرنى ئېلىۋالغىن ...
    قىزىنىڭ گەپلىرى قاتتىق ھار كەلگەن بوۋاي خىرىلداپ يىغلىغىنىچە ھاسسىنى توكشىتىپ مېڭىپ كەچ كىرگەندە ئۆيىگە ئاران كىلەلىدى. ئۆمۈلەپ يۈرۈپ تاھارەت ئېلىپ قازا قالغان نامازلىرىنى ۋە خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇدى، ناماز ئاخىرىدا  ئايالىنى روھىغا،بالىللىرىنىڭ ئىنسابىغا ئاتاپ ئۇزاقتىن ئۇزاق دۇئا قىلدى.ئۈزۈك ھېلى بىر يەردىن چىقىپلا قالدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ،پەقەتلا كۆڭلى ئۇنىماي ئۆي ئىچىنى يەنە تۈن تەڭگىچەئاقتۇرۇپ چىققان بوۋاي ھالسىز لنىپ ئاچ قورساق پېتى يېتىپ ،ئۇيان -بۇيان ئۆرۈلۈپ يۈرۈپ،خېلى كۈنلەردىن بىرى ئارامىدا تۇرمىغان كاللسىسى بارا-بارا بوشۇشۇپ،تاڭغا يېقىن كالتە ھۆتەل،ئەسنەشلىرى جىمىقىپ قالدى ۋە شۇئان ئۆزىنى جىنازا ئۈستىدە كۆردى. ئەتىراپىدا ئىككى ئوغۇل،بىر قىزى تۇراتتى. دەرۋازا ئىچىدىن ئىتىلگەن،بامدات نامىزىدىن يانغان بىر توپ  جامائەت  دەرۋازا ئالدىدا  غۇلغۇلا قىلىشماقتا .
     ـــ قايىتىپ كىتىڭلار،ئۆلۈم بولغان ئۆيگە جامائەت كىرسە يامان بولىدۇ ،ـــ دېدى چوڭ ئوغلى دەرۋازا تەرەپكە قاراپ.
     ـــ ئۇقۇپ قېلىڭلار نەزىرىسىنىمۇ قىلمايمىز  يامان بولىدۇ ، ـــ ئەگىشىپلا دېدى كىچىك ئوغلى ئاكىسىغا قاراپ.
  جامائەتنىڭ غۇلغۇلا پاراڭلىرى بارا-بارا جىمىقتى. ئۈچ بالىنىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈمىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى  مەسلىھەتى باشلاندى.
     ـــ دادامنى يەرلىكىگە بىز ئېلىپ بارساق يامان بولىدۇ،ئادەم ئۇقۇشۇپ قويدۇم ، ئۇلار كەلگۈچە ساقلايلى.
     ـــ ھازىر ھاۋا ئىسسىق، ساقلىساق مېيىت پۇراپ كەتسە يەرلىكىگە كۆمىدىغانلار پۇلىنى كۆپ بىرىڭلار دەپ تۇرۇۋالارمىكىن .
     ـــ ئۇنداق بولمايدۇ،نەرقىنى دىيىشىپ بولدۇم .
     ـــ نەچچىگە پۈتۈشتىڭ .
     __ 350كويغا .
     ـــ سەل قىممەت بولۇپ قالدىمۇ نېمە ؟
     ـــ ئۇلار «داداڭنى بىز بىلمىز،بويىمۇ ئېگىز ھەم سىمىز،كۆتۈرۈشكە بىئەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلىكىنى ھەم كەڭ ھەم چۇڭقۇرراق كۆلىمىساق بولمايدۇ ،شۇڭا 500كوي بەرمىسەڭ بولمايدۇ» دەپ تۇرۇۋېلىپ ئاران دېگەندە 350كويغا ئۇناتتىم.
     ـــ مىراسنى كۆپرەك ئالغاندىكىن،ئۇ پۇلنى سەن چىقىرارسەن ئاكا .
     ـــ ھەممىمىز تەڭ چىقارمىساق يامان بولىدۇ .
     ـــ ھە راست،دادامنىڭ يانچۇقىنى ئاقتۇرۇپ باقايلى، ئۆزنىڭ چىقىمىغا لايىق بىر نەرسە چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس...
   بالىلار  تەرەپ-تەرەپتىن كىلىپ بوۋاينىڭ يانچۇقلىرىنى ئاقتۇرۇشقا باشلىدى. ئۇزۇن چاپاننىڭ ئوڭ پەش تەرەپتىكى ئەستەرنىڭ ئىچىدىن چوڭ ئوغۇلنىڭ قولىغا قاتتىق ھەم يۇمۇلاق بىر نەرسە ئۇرۇلىشى بىلەن ئۇنىڭ كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى.
     ـــ بار ئىكەن، مانا،مانا قاراڭلار .
     ـــ ئەكىلە كۆرۈپ باقاي، ھېچنىمىگە يارمايدىغان كونا ئۈزۈككەنغۇ بۇ .
     ـــ ئانامنىڭ قولىدىن ئۆزى سۇغۇرىۋېلىپ،يىرتىق يانچۇقىغا سېلىۋېلىپ تاپالماي مېنى ئوغىرى قىلغىنى تاس قالغان بۇ تاشلاندۇق تۆمۈرنىڭ جاجسى مانا !
   بوۋاينىڭ قىزى ئاكىسىنىڭ قولىدىكى ئۈزۈكنى كاپپىدە ئېلىپ،ئىرغىتىپ تاشلاي دەپ شۇنداق قولىنى كۆتۈرۈشىگە  جنازىدا ياتقان بوۋاي « ياق،ئۇنداق قىلما !» دېمەكچى بولدىيۇ،ھەرقانچە قىلىپمۇ زۇۋان چىقىرالمىدى ۋە چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ...  بوۋاينى قارا باسقان ئىدى . ئۇ ئىچىدە ئايەت ئۇقۇپ بولۇپ،ئىككى يېنىغا ئۈچ قېتىمدىن سۈف-كۆچ قىلدى دە،ئورنىدىن ئىتتىك يېرىم ئۆرە بولۇپ سوغۇق تامغا يۆلەندى . يۈرىكى مەيدىسىنى تىشىپ چىقىدىغاندەك گۈپۈلدەپ سوقۇپ،تەنلىرى تىتىرەپ كەتتى . ئۇ  ئازدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىپ، ئايالىنىڭ تىلدىن قالغاندىن كېيىن بىر نېمىلەرنى دەپ ئاغزىنى مىدىرلىتىپ، قولىنى ئاشۇ ئۇزۇن چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا سالغانلىقىنى يادىغا ئالدى ۋە قورۇلۇپ پىچىم-پىچىم بولۇپ كەتكەن پىشانىسىدە پەيدا بولغان مۇزدەك تەر تامچىللىرىنى سۇس تىترەۋاتقان قوللىرىدا سۈرۈتكىنىچە ئۇرنىدىن تۇرۇپ،ئۆينىڭ تۈۋرىكىگە ئېسلىغان ئۇزۇن چاپىننىڭ ئوڭ پىشىنى ئاستا سىلىۋىدى،دەل ئاشۇ ئۈزۈك ئۇرۇلدى. پۇلغا يارىمىغانلىقتىنلا  مىراس قاتارىدىن چىقىرىۋىتىلگەن بۇ قىممەتلىك ئۈزۈكنى بوۋاي خېلى تەستە چاپاننىڭ ئەستىدىن ئاجرىتىپ،ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىش مەقسىتىدە قايتىدىن ساق يانچۇقىغا سالدى ۋە تاھارەت ئېلىپ زاراتگاھ تەرەپكە قاراپ ماڭدى ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-21 16:08  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-21 19:07:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھېكايە ياخشى يېزىلىپتۇ. 2-ئابزاسنى ئوقۇۋېتىپ راست دېگەندەك ئۆزۈمنى بېسىۋالالمىدىم. بۈگۈنكى كۈنمىزدە (چىخوفنىڭ «ھەسرەت» ناملىق ھېكايىسىدىكىدەك، چارروسىيە زامانىسىدىكى كۆك نامراتلارنىڭ ئاشۇ غېرىپ-مىسكىنلىك، ئاشۇ بىقۇۋۇللۇق كۈنىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرىۋاتقان) خۇددى مۇشۇ بوۋايدەك يەنە قانچە-قانچە «بوۋاي»لىرىمىز باردۇر-ھە؟! بىز «ھەممىگە كىشىلەرنىڭ نادانلىقى سەۋەپ» دەپ، بارچە گۇناھنى خەلققە ئارتىپ، خەلقتىن ئاغرىنىپ، خەلقتىن قاقشاپلا كەلدۇق. ئۇنداقتا، ئاشۇ «نادانلىق»نىڭمۇ بىرەر سەۋەبى باردۇ؟ ئاھالىلىرىمىزنىڭ تەڭدىن كۆپرەكى ياشايدىغان يېزىلىرىمىزدىكى ئەۋلاتمۇ ئەۋلات داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يوقسۇللۇق، نامراتلىق بۇنىڭ سەۋەبى ئەمەسمىدۇ؟ مۇشۇ ھېكايىدىكى بوۋايدەك، ئۆزىنى ئۆزى يۇيۇپ-تاراپ، ئۆزىنىڭ «مىيىت»ىنى ئۆزى «كۆتىرىپ» زاراتگاھلىققا قاراپ ماڭغانلارنىڭ ئالدىدا بۇ جەمئىيەتنىڭمۇ ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى يوقمىدۇ؟...
   ئەدەبىياتنىڭ ھېچنىمىنى، ھېچ بىر خىل قىممەت قاراشىنى تەھقىقلەپ بىرىش مەجبۇرىيىتى يوق. لىكىن، نېمىنىڭ گۈزەل، نېمىنىڭ رەزىل، نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ...ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەرگە ھېس قىلدۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار! ئاپتورنىڭ ئاشۇبىر نۇقتىدا تۇرۇپ تۇرمۇشنى ئوبرازلىق كۈزىتىش، ماتىرىياللارنى تاۋلاش ماھارىتىگە ئاپىرىن. ئادەمنىڭ ئاغزىنى شالتاق قىلىشتىن ئۆزگە ئەھمىيىتى يوق(!) نوقۇل ئىشق، پىراق تېمىلىرىدىن كۆرە، مانا مۇشۇنداق كۆڭۈل بۆلۈش ئەڭ زۆرۈر كىشىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدىكى، ئەڭ-ئەڭ ئەقەللىي تۇرمۇش ھەقىقىتى تېما قىلغان ئەسەرلەرنىڭ تەمى ھەقىقەتەن باشقىچە بولىدىكەن!
   ئاخىرىدا، ئاپتورنىڭ بەدىئىي ماھارىتىگە يەنىمۇ يۇقۇرى پەللە تېلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-21 20:38:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 19:07
ھېكايە ياخشى يېزىلىپتۇ. 2-ئابزاسنى ئوقۇۋېتىپ راست دېگ ...


يازمامغا ۋاقىت چىقىرىپ كۆز  يۈگۈرۈتكىنىڭىزگە ۋە يۇقىرى باھا بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .  دەل سىز  ئىنكاسىڭىزدا دېگەن مەسىلىلەر  مېنىڭ تەپەككۇرۇمنى ئۇزۇندىن بىرى توختاۋسىز غىدىقلاش تۈپەيلى بۇ ئاددىي ھېكايىنى يېزىپ چىققان ئىدىم . تەستىقلانغاندىن كېيىن قايتا بىر قېتىم ئوقۇپ كۆرۈش جەريانىدا تاللىغان تېمام،مەرگىزى ئىددىيەنى يۇرۇتۇش مەقسىدە تۇرمۇشتىن تاللىغان ماتىرىيالىم ھەر ھالدا يامان ئەمەس بولغان بولسىمۇ ، ئەمما ئىملا  ۋە بايانلارنىڭ راۋانلىقىدا  مەسىلىلەرنىڭ  كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم .   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوياش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-21 20:39  


ۋاقتى: 2014-8-21 21:19:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىڭىزنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئۇقۇپ چىقتىم .قەلىمنىڭىزنى تاشلاپ قويماڭ ،ئادىل دىگەندەك ،ئىشىق -مۇھەببەت ھىكايىلىرىدىن كۆرە مۇشۇنداق ھىكايىلەر كىشىگە زوق ئاتا قىلىدىكەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +10 يىغىش سەۋەبى
قوياش + 10 ھېكايەمنى ياقتۇرۇپ ئو.

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-8-21 21:26:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايە ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.ۋەقەلىك تۇرمۇشقا ناھايتى يىقىن،جۈملىلىرى راۋان ئادەمنى ئويلاندۇرغۇدەكلا،ئەيىنى چاغدا    ھەبىبە مۇھەممەدئەيسانىڭ «قەرىزدار بوۋاي»ناملىقى ھىكايىسىنى ئوقۇپ ھازىرقىدەك ھىسياتقا كەلگەن ئىدىم.يازمىلىرىڭىز بىلەن بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىقى مۇنبەر يۈزىدە ئۇچۇرۇشۇپ تۇرۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن.ھەم  بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-21 22:26:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىراق يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 21:26
ھىكايە ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.ۋەقەلىك تۇرمۇشقا ناھاي ...

ھېكايەمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزغا رەھمەت .

ۋاقتى: 2014-11-15 21:36:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ

باھا سۆز

خاتا يېزىپتىمەن،«يازمامغا كۆز يۈگۈرۈتكىنىڭزگە رەھمەت»دېمەكچى ئىدىم.  ۋاقتى: 2014-11-15 10:30 PM
يازمامغا كۆز يۈەۈرۈتكىنىڭىگە رەھمەت سىڭلىم .  ۋاقتى: 2014-11-15 10:23 PM
ۋاقتى: 2014-11-21 15:39:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ مومام ئېسىمگە كەلدى . دېمىسىمۇ ئەتراپىمىزدا مۇشۇ ھېكايىدىكىدەك ئىشلار يوق ئەمەس . ئاتا-ئانىلىرىمىز بىزنى كىچىكىمىزدىن پەپىلەپ ، ئاسراپ بېقىپ چوڭ قىلىدۇ ، بىزدىن نى نى ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ . ئەمما ، بىز پەرزەنتلەر ئۇلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىش تۈگۈل ، قېرىغىنىدا ئۇلاردىن «ھالىڭ نېچۈك؟» دېيىشكىمۇ يارىمايدىكەنمىز . ھەتتا ئۇلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىماي «كوتۇلدىدىڭ» دەپ ئاغرىنىدىكەنمىز .
بۇ ھېكايىنى ئوقۇغاندىن كېيىن مەن كېيىنكى كۈنلەردە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئاتا-ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋىر ئالىمەن ، دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم . ھېكايە ۋەقەلىكى راستىنلا ئويلىنىشقا ئەرزىيدىكەن . قوللىرىڭىزغا ۋە زېھنىي قۇۋۋىتىڭىزگە خۇدايىم دەرت بەرمىسۇن ! مۇشۇنداق ئەسەرلەرنىڭ دائىم يوللىنىپ ، بىزدەك ياشلارغا ماياك بولۇپ ، كېيىنكى ياشاش يولىمىزنى يورۇتۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-22 00:04:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازلى يوللىغان ۋاقتى  2014-11-21 15:39
بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ مومام ئېسىمگە كەلدى . دېمىسىمۇ ئەتراپ ...

يازمامغا كۆز يۈگۈرۈتكىنىڭىزگە رەھمەت سىڭلىم .

ۋاقتى: 2014-12-16 21:11:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يىزلىپتۇ

ۋاقتى: 2015-2-5 14:17:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم،  ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.قەلىمىڭىزەە يەنىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 16:45:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتورغىنىڭڭىزدىن  خوش بولدۇم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش