رابىيەم نىياز سەدەپ
ئوت
قىرىق ئۆرۈم چاچلىرىڭنىڭ بەرگىدە،
چاراقلىغان مۇھەببەتنىڭ يۇلتۇزى.
ئېلىۋالدى يۈرىكىمنى كۆز قىسىپ،
ئېيىتقىن جانان سەنكى كىمنىڭ قۇندۇزى.
قاراشلىرىڭ ساھىلىدا مىڭ باھار،
چېچەك ئاچقان بويلىرىڭغا يامىشىپ.
ئۇپۇق بىلەن رەڭ تالاشقان غۇنچىدىن،
رەڭ تالاشتى كەتتى لەۋلەر قانىشىپ.
سەۋرى نازۇك قامىتىڭگە ئەتلىسىڭ،
خوپ ياراشقان نازاكەتنى خال قىلىپ.
ئارمىنىم يوق دىلخانەڭ شۇ جامىغا،
كۆيۈپ ئۆتسەم چىن سۆيگۈمنى بال قىلىپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-20 19:05