يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 899|ئىنكاس: 8

زۇلتاپ: 16-ئاۋغۇست قەشقەر ۋاقتى سائەت 11

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
16-ئاۋغۇست  قەشقەر ۋاقتى سائەت 11


مېنى ئۆلسۇن دېدىڭمۇ؟
قەلبىڭدىكى چەت بىر زاراتگاھلىققا كۆمسۇن دېدىڭمۇ؟
فوسفور يالقۇنىدا كۆيسۇن دېدىڭمۇ؟
ئۆلگەن ئادەمنى ئۆلمىگەن ئادەم سۆيسۇن دېدىڭمۇ؟

نېمە ئويلىغانسەن؟
تاش يۈرىكىڭ يېرىلماس، خورلۇق تارتماس
ساڭا ئەمدى ئالەم يۇرۇق، قۇياش پاتماس
ماڭا تاڭ ئاتماس، پەقەت تاڭ ئاتماس...!

نېمە ئويلىغانسەن؟
سۆيگۈنىڭنى ئازاپلاپ تويمىغان-سەن!
بەدىنىگە  بېنزىن چېچىپ ئوت قويمىغان-سەن!
كۆيمەس ئوتنىڭ قۇچىقىدا ئوينىغان-سەن!
ئويناپ بۇلۇپ يەنە مېنى ئويلىغان-سەن!

ئېيىت!مەيلى نېمە بولسۇن، ئېيىت!
يېنىڭدا دىۋىدەك ياتقان ئەشۇ ئادەمگە ئېيىت!
بىرسى ماڭا ئاتاپ شېئىر يازىدۇ-دەپ
ئېيىت، بۈگۈن ئاخشاملا، ئېيىت...
مەن مەسخىرلىك ئازابتا قالدىم
بېشىمنى كۆتۈرەلمەسمەن
نۇمۇس ئىچىدە يەنە ساڭا شېئىر يېزىۋاتىمەن
مېنى نۇمۇس قىلمايدىغان ئادەم بولسۇن دېدىڭمۇ؟
ئايرىلغانغا گەدەنگىچە تويسۇن دېدىڭمۇ؟
ئۆلگەن ئادەمنى ئۆلمىگەن ئادەم سۆيسۇن دېدىڭمۇ؟

ئېيىتساڭچۇ؟....




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-18 00:22:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيگۈ زۇلتاپنى ئۆلتۈردى.....!

ۋاقتى: 2014-8-18 01:00:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەت شەكلى ماڭا نورمال كۆرۈنمىدى.

ۋاقتى: 2014-8-18 09:52:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭنىڭ گۈزەللىكىدە مەسىلە يوق، ئەمما ئەقىدىگە تاقىلىدىغان سۆزلەردە دېققەت قىل زۇلتاپ.

بارلىق ئىنسانلار ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر

ۋاقتى: 2014-8-18 10:34:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تام يوللىغان ۋاقتى  2014-8-18 00:22
سۆيگۈ زۇلتاپنى ئۆلتۈردى.....!

شېئىرنى ياقتۇردۇم،بىراق بۇ مىسرالارغا قاراپ بۇنى نۇرمال سۆيگۈ دەپ ئويلومىدىم.

ئېيىت!مەيلى نېمە بولسۇن، ئېيىت!
يېنىڭدا دىۋىدەك ياتقان ئەشۇ ئادەمگە ئېيىت!

ۋاقتى: 2014-8-18 12:32:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيۈلەلمىگەنلەر قەلبىدىلا سۆيگۈ ۋولقانلاپ تۇرىدۇ.

ۋاقتى: 2014-8-18 21:12:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىماندا  گۈزەل  غالجىرانە مىسرالار  بۇ .....پەچەتكەن

ۋاقتى: 2014-8-20 13:31:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرنى ئوقۇغانسېرى يەنە ئوقۇغۇم كېلىۋاتىدۇ.بىر خىل پەيزى…

ۋاقتى: 2014-8-20 14:08:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن زۇلتاپ ئەپەندى!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش