يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 667|ئىنكاس: 4

ئەلقۇت(ت): لېف تولىستوي ــ توي مۇراسىمىغا نەچچە ئادەم قاتناشتى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
توي مۇراسىمىغا نەچچە ئادەم قاتناشتى؟

لېف تولىستوي

تەرجىمە قىلغۇچى:ئابباس ئۆمەر ئەلقۇت


بىر ئائىلە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ.نۇرغۇن ئورۇق –تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرى كىلىپ تەبرىكلىشىپتۇ.قوشنا ئۆي خوجايىنى خىزمەتكارىنى چاقىرىپ<< سەن چىقىپ قوشنا ئائىلىدىكى تويغا قانچىلىك ئادەم كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ باق >> دەپتۇ.
خىزمەتكار بىر پارچە قېرى ئىلىۋىتىلمىگەن كۆتەكنى تېپىپ كىلىپ قوشنا ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىغا قويۇپ قويۇپ،ئۆزى پەشتاقتا ئولتورۇپ سەۋرچانلىق بىلەن توي زىياپىتىدىن چىقىۋاتقانلارغا قاراپ ئولتورۇپتۇ.تەبرىكلەشكە كەلگەنلەر كەينى-كەينىدىن قايتىشىپتۇ.ئۆيدىن چىققانلىكى كىشىنىڭ ھەممىسى ھىلىقى كۆتەككە پۇتلىشىپ كىتىپتۇ.پۇتلاشقان ئادەملەر ھەممىسى سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ قويۇپ ئۆز يولىغا كېتىۋىرىپتۇ.پەقەت ياشانغان بىر ئاياللا چىقىپ كېتىۋىتىپ كۆتەككە پۇتلاشقاندىن كىيىن ئورنىدىن تۇرۇپلا ئۇ كۆتەكنى ئىلىپ بىر چەتكە تاشلىۋىتىپتۇ.
خىزمەتكار ئۆيگە قايتىپ خوجايىن بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭدىن << قوشنا ئۆيگە تويغا كەلگەن ئادەم خىلى كۆپمۇ>> دەپ سوراپتۇ.
<< پەقەت بىر ياشانغان مومايلا كەپتۇ>> دىدى خىزمەتكار.
<< بۇ نېمە دېگىنىڭ؟>>
<< بۇ مۇنداق ئىش ،مەن بىر دانە كۆتەكنى قوشنا ئۆينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قويوپ قويغان،باشقىلارنىڭ ھەممىسى كۆتەككە پۇتلىشىپ كەتسىمۇ ،ئۇنىڭغا دارىتمىلاپ تىللاپ قويۇپلا،كۆتەك بىلەن كارى بولماي كېتىۋەردى،پەقەت ھىلىقى ياشانغان ئاياللا ئۇ كۆتەككە يەنە باشقىلارنىڭمۇ پۇتلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى باشقا ياققا ئىلىۋەتتى.پەقەت ئادەملا شۇنداق قىلىدۇ،شۇڭا مەن شۇ بىر ئادەمنىلا < ئادەم > دەپ ئاتىلىشقا لايىق كىلىدىكەن دەپ قارىدىم >> دەپتۇ.

بۇ ئەسەر ‹‹خىللانغان فىليەتۇنلار ›› (经典杂文)  ژۇرنىلىنڭ 2013-يىللىق 9- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-17 15:21  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-18 10:47:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئادەم»نىڭ بىر شەرھىسى.

ۋاقتى: 2014-8-19 21:22:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ساۋاقدىشىم!

ۋاقتى: 2014-8-19 21:30:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىيىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان، مەزمۇنى، ھەجىمى ئوخشىمايدىغان بۇ تۈردىكى ھېكايىلەرھەربىر ئەلنىڭ يازغۇچىلىرىنىڭ قەلىمىدە ئوخشىمىغان ھالەتتە يورۇتۇپ بېرىلگەن. بۇنداق قىسقا ھېكايىلەرنىڭ ئوقۇشچانلىقى كۆپ، مەن مۇشۇنداق ھېكايىلەرگە ئامراق. يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت .

ۋاقتى: 2014-9-22 07:04:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇشۇ فىليەتوندىكى سەلبىي پېرسوناژغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئادەملەر ئۇيغۇرجەمئىيىتىدىمۇ كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ، شۇڭا پۇزۇر كىيىنىپ يۈرگەنلەرنىڭلا ھەممىسى ئادەم بولۇشى ناتايىن! ياخشى فېليياتون ئىكەن، ئەجرىڭىزگە رەخمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش