چۈش ئەپسانىسى
ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزات
تۈنلەرنىڭ بەرگىدە چېقىلغان خېيال،
كۈتتۈرگەن دوقمۇشتا قاتقان كۆلەڭگەم.
زارىققان ھېسلاردا قاغجىرايدۇ تەن،
ياشلىرىڭ ھۆل قىلغان يەلكەمدە مىڭ غەم.
باغرىمغا ئورنىغان بىر قۇچاق ھىدىڭ،
ئېزىلگەن يۈرەككە بولالماس بەرھەم،
ئەگىيدۇ جىلمىيىپ كۆز بېقىشلىرىڭ،
بۇ مېنىڭ ئۆتمۈشتىن ئالغان نىسىۋەم.
لىۋىڭنىڭ تەمىدىن مەست بولغان شاراب،
پىچىرلاپ روھىمغا چىللايدۇ ئەلەم.
چۈشلەرنىڭ كۆكسىدە ئاچچىق ئەسلىمە،
چايقىلار ھەسرەتتىن ئۇھسىنىپ ھەردەم.
ئېسىمنى يوقاتتىم شۇندا بىر مەھەل،
سىمايىڭ سەزگۈمگە ئايلاندى تۈگەل.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-16 12:20