(نەسىرلەر)
بۈزۆھرە تۇرۇپ سەھەر
ئەي، كېچىگە ئايلىنىپ، كېچىگە باغلىنىپ، كېچىگە بىغىشلانغۇچى. سىر ۋە سۆيگۈلىرىنى كېچىگە تۆككۈچى، كېچىلەر ئۈچۈن مىسكىن، كېچىلەر ئۈچۈن گۈلزار بولغۇچى سېنى سۆيەيمۇ، سېنى كۈتەيمۇ ياكى كېچە كەبى باغرىڭدىن سۇغۇرۇلۇپ قۇرۇغان مامكابتەك پۇرۇلداپ - پۇرۇلداپ توزۇپ تۈگەيمۇ؟
ئەي، كېچىلەرگە سۇلتان، كېچىلەرگە ئاشىق، كېچىلەرگە ئەسىر بولغۇچى، سەن ئۈچۈن گۈل بولغان باغرىمنى كېچە قاراڭغۇلىقىدەك كور قىلغۇچى، سېنى سۆيەيمۇ ياكى قۇرىغان يوپۇرماقلاردەك ئۇۋۇلۇپ – ئۇۋۇلۇپ شاماللارغا ئەگىشىپ يىراقلارغا كېتەيمۇ؟
ئەي، ھاياتىمنىڭ مەناسى دەپ بىلگەن ئادەم، سەن مېھىر باغلىغان كېچىلەرنىڭ باشلىنىشى ئۈمىدلىرىمنى يىمەكچى بولدى، تاقەت، كۈتۈش، ساداقەت بىلەن ساقلاۋاتقان يۈرىكىمنى يىمەكچى بولدى.
ئەي، مېنى ساقلاتقان، سېغىندۇرغان، كۆيدۈرگەن زالىم، كېچىلەرنىڭ باشلىنىشى باغرىڭنى ئەسلىتىدۇ، كېچىلەردەك ئىغىر، نۇر ئۆتمەس كېچىلەردەك قاتتىق، ئاي تولغان كېچىلەردەك سىھىرلىك باغرىڭنى ئەسلىتىدۇ.
كىرپىكلىرىڭ سۆيۈشۈپ تۇرغان شۇ دەقىقىلەردە ئىككىمىزنىڭ ئالبۇملىرىنى توختىماستىن ۋاراقلايمەن، مەرۋايىت دانچىلىرىنىڭ قاراقلارغا پەردە بولىشىغا پىسەنت قىلماستىن ۋاراقلايمەن- ۋاراقلايمەن.
كىرپىكلىرىڭ سۆيۈشۈپ تۇرغان شۇ دەقىقىلەردە، كۆزلىرىڭنىڭ چەكسىز بىر دۇنيا ئىكەنلىكىنى، سېنىڭ ئۇنىڭغا چۆكۈپ كەتكىنىڭنى بىلىمەن، ئۇنىڭدا ياڭراۋاتقىنى مەھلىيا قىلغۇچى مۇڭلۇق بىر كۈي ئىكەنلىكىنى، ياڭراۋاتقان سوزۇق، زىل، نازۇك تاراشلاردىن باھار سۇلىرىدەك شىلدىر – شىلدىر ئاققىنىڭنى، مەيىن شاماللاردەك لىپ – لىپ ئۈچقىنىڭنى، سەھەر قۇياشىدەك نۇر بولۇپ تارىغىنىڭنى، قۇشلاردەك تۈمەنمىڭ ئاۋاز بىلەن سايرىغىنىڭنى، بۇلاقلاردەك تاشقىنىڭنى بىلىمەن...
كىرپىكلىرىڭ سۆيۈشۈپ تۇرغان شۇ دەقىقىلەردە سېنى ئەسىر قىلغان كېچىلەر ئۈچۈن تىرىقتەك چىچىلغىنىڭنى، گۈللەردەك توزۇغىنىڭنى، سېنى بار قىلغان، يوق قىلغان كېچىلەرگە تەھسىنلەر بىلدۈگىنىڭنى، ساڭا ھۆكۈمران بولغان كېچىلەر ئۈچۈن ياشلىرىڭنىڭ لەۋلىرىڭگە ئاققىنىنى ھەم بىلىمەن...
ئەي، قەلبىمدىكى ئادەم، سەن كېچىگە ئايلانغان شۇ كېچىلەردە ساڭا بىر مەكتۇب يازغۇم كېلىدۇ، ساڭا ئىللىق بىر سالام يازغۇم، ئوتتەك بىر سۆيگۈ يازغۇم كېلىدۇ. سالاملىرىم بىلەن، سۆيگۈلىرىم بىلەن، مەكتۇبۇم بىلەن سېنى كېچىلەر قوينىدىن سۇغۇرۇپ ئالغۇم ھەم كېلىدۇ. سېنىڭ يەنىلا سۆيۈشكە، سېغىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىڭنى دەپ قويغۇم كېلىدۇ. ساڭا سەۋرچانلىقىمنى، ئۈمىدىمنى، ساداقىتىمنى دەپ قويغۇم كېلىدۇ. ھەسرەتلىرىمنى سۈكۈتتە قويۇپ، ئازاپلىرىمنى ئۇنتۇپ، غۇرۇرۇمدىن كېچىپ، سېنىڭدىن كېچەلمىگىنىمنى دەپ قويغۇم كېلىدۇ.
ئەي، كىچىلەرنى قەدىرلەپ سەھەرنى ئۇنۇتقۇچى، ئەمدى قولۇڭنى بەر، بىز سەھەر ئاراچلىرىدىن تارىغان تاڭ قوينىدا، بەختكە بىللە قەدەم باسايلى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-15 18:24