يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 726|ئىنكاس: 8

شەيدائىي (ت): لېنىستون خوس ـــ تۇنجى مۇھەببەت (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                             

                                                               تۇنجى مۇھەببەت

                                                                                                                              
                                                                  (ھېكايە)
                                                        
                                                       لېنىستون خوس (ئامېرېكا)



     ئۇلارنىڭ تۇنجى ئۇچراشقان ۋاقتى خۇددى چۈشكىلا ئوخشاپ كېتەتتى.سېھىرلىك كېچە قوينىدا غۇۋا نۇر تارقىتىپ تۇرغان كوچا چىراغلىرى ئاستىدا ئاستا قەدەملەر بىلەن كوچا ئايلىنىپ مۇڭداشقان،كەلگۈسى تۇرمۇشى توغرىسىدا قىزغىن پاراڭغا چۆمۇلۇپ،ئارمانلار بىلەن كەلگۈسى توغرىسىدا گۈزەل پىلانلارنى تۈزۈپ قەلىبلەرگە شېرىن ئىستەكلەرنى پۇككەن ئاشۇ قىسقىغىنىا ۋاقىت شۇ قەدەر شېرىن،گۈزەل،ئۇنتۇلماس ئوتلۇق مىنۇتلار بولسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تارقالغان بىر قىسىم پارچە گەپ ـ سۆزلەر ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە سوغۇق سۇ سېپىپ قويدى.ئۇلار دەسلەپ جىدەللىشىپ،كۆپ ئۆتمەي يەنە يارىشىپ قالغان بولسىمۇ،لېكىن ئاخىرقى پىكىردە بىرلىككە كىلەلمەي تۇنجى مۇھەببەتنىڭ مۇقەددىمىسنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،گۈزەل غايە،ئارزۇ ئارمانلارنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئايرىلىپ كېتىشىتى.  
. قىزنىڭ ئىسمى مارى بولۇپ كېلىشكەن ساھىبجاماللاردىن بولمىسىۇ،شوخ نازاكەتلىك ئىدى.ئۇ ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالدى.قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنى ياقتۇرۇپ قېلىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىۋالدى.پاك سۆيگۈ،ئوتلۇق ئەقىدىسى خارلىنىپ تۇنجى مۇھەببەتتىن قەلبى ئازار يىگەن بېك دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدى.ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ روھى چۈشكۈنلىك ئىچىدە ئازاپ چىكىپ بورۇختۇرما بولۇپ ياشاۋېرىشكە تاقىتى قالمىغان بېك ئاخىرقى بۇرلۇشىدا ھەممىدىن ۋاز كېچىپ ئانا يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى .
   ۋاقىت چاقى رېتىمسىز ئايلىنىپ ئارىدىكى بىر قانچە يىل ۋاقىت تولىمۇ تىز ئۆتۈپ كەتتى.مارى باشقا بىر يىگىت بىلەن توي قىلىپ تۇرمۇشقا چىقىپ بولغان بولسىمۇ،لېكىن قەلبىدىكى بېكقا بولغان تۇنجى مۇھەببەتنىڭ يالقۇنى يوقالماي ھامان ئۇنى ئەسلەش،سېغىنىش،سەۋدايىلارچە تەلپۇنۇش بىلەن ئۆز كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ كېلىۋاتاتتى.
   بىر كۇنى ۋاشىنگىتون مەيدانىدىن ئۆتۇپ كېتىۋاتقان مارى توساتتىنلا ئۆزىدىن بىر قانچە قەدەم يىراقلىقتىكى دەرەخ ئاستىدا تۇرغان بېكنى ئۇچرىتىپ قالدى.ئۇنىڭ قەلبى تاتلىق سىلكىندى.ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا بېكنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ سالغىنىدىن ئۆزىچە خىجىللىق ھىس قىلدى. بېك دەرھاللا مارىغا قارىغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇنى ئېنىق ئېسىگە ئالالمىدى.خاتىرىسى ئېسىگە كىلىپ مارىنى تونىغاندا بولسا مارى ئۇنىڭغا جۈدەپ تولىمۇ قېرىپ كەتكەندەك تويۇلۇپ كەتتى .
ــ مارى!... سىزمۇ ھايات باركەنسىز ھە ـ؟! بېك شۇنداق دېگەچ ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كەلدى.مارى خېلىدىن بۇيان بېك بىلەن بىر كۆرۇش ئىستىكىنى قەلبىگە پۇكۇپ كەلگەن بولسىمۇ لېكىن بۇنداق پۇرسەت ئۇنىڭغا مەڭگۈ نېسىپ بولمايدىغاندەك تويۇلۇپ كېتىپ باراتتى .
   ــ مەن ھازىر نىيۇيۇرۇكتا تۇرىۋاتىمەن،ـ دېدى مارى خىياللىرىنى باشقا تەرەپكە بۇراشقا تىرىشىپ .
  ـ شۇنداقمۇ؟ بېك بارماقلىرىدىن قاس چىقارغىنىچە مارىغا يېقىنلاپ كەلدى.
  ئارىنى بىر پەس سۈكۈت قاپلىدى .
   ـ ئىشىنەمسىز بېك، مەن بىر ئۆمۇر سىزنى ئەسلەپ تۇردۇم... مانا ..ئاخىرى...قەلبىنى ھاياجانلىق ھىسلار چىرمىۋالغان مارى گېپىىنىڭ ئاخىرىنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
  ــ مەن ھازىر مۇشۇ شەھەردە ئادۋۇكاتلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنۋاتىمەن ،-دېدى بېك ئىختىيارسىز ھالدا ئاسمانغا قاراۋېتىپ .  
ـ بۇ چاققىچە ئاللىقاچان توي قىلىپ بولغانسىز ؟ـ سورىدى مارى خېلى سۇكۇتتىن كېيىن تەستە ئېغىز ئېچىپ .

  ــ شۇنداق بىر قانچە بالىلىقمۇ بولۇپ قالدىم .
  مارى بېكنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان گەپ ـ سۆزلەرگە ئىشەنمىگەندەك ھاڭۋېقىپلا تۇرۇپ قالدى .شۇ تاپتا نېمە دېيىشنى،گېپىنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي تولىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ قېلىۋاتاتتى.ئەتراپتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادەملەر ئۇلارغا  ئېرەڭسىزلىك بىلەن قاراپ قويۇپ،ئالدىراش ھالدا ئۆز يولىغا راۋان بولماقتا ئىدى.
كەچكى شەپەقنىڭ ئاداققى ھارارىتى ئادەم بەدىنىنى سۇس كۆيدۈرەتتى.مارى خۇددى بېك بىلەن تۇنجى ئۇچراشقان ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش ھاياجاندىن ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ئۇنتۇپ كېتىپ باراتتى .
ـ سىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش ئەھۋالىڭىز قانداق ؟ـ سورىدى بېك ئارىدىكى سۈكۈتنى بوزۇپ .
  ـ مەن ھازىر ئۈچ بالىغا ئانا بولۇپ قالدىم،كولۇمبىيە شىركىتىنىڭ مالىيە بۇغالتىرلىق مەركىزىدە ئىشلەيمەن.
   ــ تۇرقىڭىزدىن قارىغاندا سىز ئىلگىرىكىدەكلا ياپياش تۇرۇپسىز، ئىلگىرىكى جەزبىدار،ناز كەرەشمە سالاپىتىڭىزنى يوقاتماپسىز!... بېك گېپىنى تىزلا ئاخىرلاشتۇردى. ئەسلى ئۇ مارىدىن‹بەكلا جۈدەپ كېتىپسىز،ئۆزىڭىزنى بۇنچىۋىلا تاشلىۋېتىشىڭىزگە زادى نېمە سەۋەب بولدى ؟› دىگەنلەرنى سورىماقچى بولغان بولسىمۇ لېكىن خىياللىرىدىن تىزلا يېنىۋالدى.دېمىسىمۇ مارىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى گۈزەل قاملاشقان سالاپىتى ئۆز ئەكسىنى يوقىتىپ،ئىلگىرىكىدىن خېلىلا جۈدەپ كەتكەن ئىدى.شوخ نازاكەتلىك ھۆسنى جامالى،دائىم كۈلكە ئۆچمەيدىغان خۇش تەبەسسۇم چىرايىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.مارنىڭ نەزىرىدىكى بېك يەنىلا شۇ قەدەر سۆيۇملۈك،قاۋۇل،قەددى ـ قامىتى، قاملاشقان سالاپىتىنى يوقاتمىغاندەك ...يەنىلا خۇددى تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان كۈندىكىدەك ياپياش، جەسۇر ھەم ،چەبدەس تويۇلماقتا ئىدى .

  ــ بىز ھازىر شەھەر ئىچىدىكى مەركىزى باغچىنىڭ شەرىق تەرىپىدە تۇرىۋاتىمىز،ۋاقتىڭىز يەتسە يولدىشىڭىزنى ئېلىپ بىزنىڭ ئۆيگە مېھمان بولۇپ بېرىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن !ـ دېدى مارى ئارىدىكى شېرىن ئەسلىمىگە تولغان سۈكۈتنى بۇزۇپ .
   ــ دېگىنىڭز كەلسۇن، مەن سىزنى يوقلاپ چوقۇم بارىمەن،ـ دېدى بېك ،ـ مۇشۇ بىر قانچە كۈننىڭ ئىچىدىلا ئائىلىڭىزدىكىلەرنى باشلاپ كىلىپ بىزنىڭ ئۆيدە مېھمان بولۇپ كەتسەڭلار ئايالىم ۋە  مەن تولىمۇ خوشال بولغان بولاتتۇق!...  
  يول بويىغا سايە تاشلاپ  تۇرغان دەرەخلەردىن تۆكۈلىۋاتقان يوپۇرماقلارنىڭ ئاجىز شىۋىرلاشلىرىدىن باشقا ئارىدا ھېچقانداق ئەكىس سادا ئاڭلانمايىتتى.پارڭ تېمىسىدىن چەتنەپ كەتكەن ئىدى،ئاساۋسىز خىياللار رىئاللىقتىن تولىمۇ يىراقتا قېلىۋاتقان تۇنجى مۇھەببەتنىڭ شېرىن كۆلەڭگىسىنى دىللارغا چىللاپ،مۇھەببەتنىڭ شۇ قەدەر ئولۇغ مۇقەددەس،ئۆچمەس يوقالماس ئىكەنلىكىنى قايتا تۇنۇتماقچىدەك قىلاتتى،
  ــ سىزنى چوقۇم يوقلاپ بارىمىز،سىز مىنىڭ بالىلىرىمنى جەزمەن ياقتۇرۇپ قالىسىز،ئۇلار تولىمۇ سۆيۈملۇك ھەم ئەقىللىق!... مارنىڭ ئۇرغۇلۇق ئاھاڭدا ئېيىتقان سۆزلىرى ئەكىس سادا پەيدا قىلىپ يىراق يىراقلارغا تاراپ كەتتى .
         ئەتراپنى قاراڭغۇ قاپلاپ ئۇلار تۇرىۋاتقان 5ـ نۇمۇرلۇق كوچىنىڭ چىراقلىرى يورۇشقا باشلىغان ئىدى.خېلىلا يىراق بىر جايدا مىنبوسنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلىناتتى.دەرۋەقە يىراقتىن بىر مىنبوس ئۇلار تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى.   

   ـ مەن قايتىدىغان ماشىنا يېتىپ كەلدى،خەيىر ـ خوش!...مارى قىيالماسلىق ئىلكىدە ئۇنىڭغا قولىنى ئۇزاتتى .
   ـ خەير ـ خوش!  بېك ئۇنىڭ قولىنى چىڭ قىستى.
  ــ بېك! سىز قا.... قاچان؟!... مارى بېكنىڭ قولىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە گېپىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى.لەۋلىرىنى چىڭ چىشلىۋالدى كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ياشنى يۇشۇرۇشقا تىرىشتى.مارنىڭ كۆز ئالدى بىردىنلا قاراڭغۇلاشتى.كوچا چىراغلىرى ئۆچۇپ قالغاندەك،ئەتراپنى قۇيۇق تۇمان قاپلاپ ئاخىرقى زامان يېىتىپ كەلگەندەك تويۇلۇپ كەتتى .   
ئىشىك يېپىلدى. مىنبوس ئاستا سىلكىنىپ ئورنىدىن قوزغالدى. مارنىڭ كۆز ئالدىنى يەنە بىر قېتىم قاراڭغۇلۇق قاپلىۋالدى،ئۇ ئەڭ ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ: ‹ خەيىر خوش بېك! ئامان بولۇڭ!›دىگەن سۆزنىلا ئېيتالىدى.
ماشىنا سىرتىدىكى ئۆتكەن كەچكەن كىشلەر ئۈن ـ تۈنسىز ھالدا ئۇلاردىن يىراقلاشماقتا ئىدى.بۇ ھال كىشىگە ئادەملەر بىر ـ بىرسىنى تونۇشمايدىغان جاھان بولۇپ كەتكەندەك تويغۇ بېرەتتى .
  ماشىنا، ئادەملەر... بوشلۇقتا بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ ئاخىرى ھەممنى تۇمان يۇتۇپ كەتتى.مارى خورسىنىپ قويدى.ئۇ ئەمدى بېكنىڭ قارىسىنى كۆرەلمەي قالدى. مارىنىڭ قەلبى توختاۋسىز داۋالغۇيىتتى.ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ بېكنىڭ ئېنىق ئولتۇراق ئادېرىسنى سورىۋالمىغان ئىدى. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئېنىق ئولتۇراق ئادىرىسنى ئېيتىشنى ئونتۇپ قالغاندىن باشقا،ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ بېكقا بولغان كۈچلۈك تەلپۇنىشى سەۋدايىلارچە ئاشىقلىقى نەتىجىسىدە ئەڭ كىچىك ئوغلىغا ‹بېك› دەپ ئىسىم قويغانلىقىنى ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى .

            ___ خەنزۇچە «ئەركىن خاتىرىلەر» ناملىق ژورنالدىن
                                                  ئىمىننىياز مەتنىياز (شەيدائىي) تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-10 00:47  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-10 08:29:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ياخشى تەرجىمە قىپسىز، ئىلاھىم قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

ۋاقتى: 2014-8-10 13:06:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ قىرلىق تالانتىڭىزغا ئاپىرىن!

ۋاقتى: 2014-8-10 14:11:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازىمنىڭ ئېسىل ئەشئارلىرىدىن سىرت مۇنداق ھۈنەرلىرىنى تۇنجى كۆرۈۋاتىمەن. ئەمما ئېسىل تەرجىمە قىلىنىپتۇ، ھەم ئەسەرمۇ تولىمۇ ياخشى تاللىنىپتۇ. قۇت تاپقايسىز.

ۋاقتى: 2014-8-11 00:55:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ھېكايىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-4 23:59:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tayirjan.koxmak يوللىغان ۋاقتى  2014-8-10 08:29
بەكلا ياخشى تەرجىمە قىپسىز، ئىلاھىم قولىڭىزغا دەرت بە ...

   ئىزگۈ تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-21 00:37:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.توختى يوللىغان ۋاقتى  2014-8-10 14:11
ئۇستازىمنىڭ ئېسىل ئەشئارلىرىدىن سىرت مۇنداق ھۈنەرلىر ...

   رەھمەت! مەن يەنىمۇ تىرىشاي!

ۋاقتى: 2014-12-21 15:36:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     

    تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن،قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-21 23:08:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   رەھمەت گۈلنىسا ھەدە، مەن يەنىمۇ تىرىشاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش