ئابلاجان بوۋاقى 1967-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزىسى ئاياغسۇزاق كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى سۇزاقتا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قوغان ئوتتۇرا مەكتەپ (ھازىرقى شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپ)تە تاماملاپ، 1985-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1989-يىلى 7-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، خىزمەتكە قاتنىشىپ، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى، 17- ۋە 7-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانىغا تەكلىپ قىلىنغان. 2014-يىلىدىن ئېتىبارەن «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
شائىر، ئەدەبىي ئوبزۇرچى ئابلاجان بوۋاقىنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيىتى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىلا باشلانغان بولۇپ، ھازىرچىچە 100پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى، 10پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە-نەسىرلىرى ۋە 2000پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرى(غەزەللىرى) دىيارىمىزدىكى «تارىم»، «قەشقەر»، «كاشغەر مەدەنىيىتى»، «تەڭرىتاغ»، « مايبۇلاق»، « تۇرپان»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «يېڭى قاشتېشى»، « كېرىيە ئەدەبىياتى»؛ «شىنجاڭ گېزىتى»، «قەشقەر گېزىتى»، «تۇرپان گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقتى گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىش بىللە 2013-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن «يۈرىكىڭدە كىم بار، جانانىم» ناملىق غەزەللەر توپلىمى نەشىر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر ئىچىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ئۇ «كۈلرەڭ ئازاب» ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى بىلەن «ۋەتەن ناخشىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇردى. ھازىر « ئىشىق قىيانى»، «ئاشىق دەۋرى»، « روھ كەچۈرمىشى» قاتارلىق غەزەللەر توپلاملىرىنى بىلەن «روھ ئوتىنىڭ يالقۇنى» ۋە «كۆڭۈل خەزىنىسىدىكى ئوت» ناملىق ئوبزۇرلار توپلىمىنى نەشىرگە تەييارلاۋىتىدۇ. ئۇنىڭ «مىللىتىم» ناملىق مۇخەممىسى «10-قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-25 01:02