يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 697|ئىنكاس: 5

ئابدۇبەسىر شۈكۈرى(ت): دىكخۇدا ــ ۋەتەن سۆيگۈسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                 ۋەتەن سۆيگۈسى

                دىكخۇدا(ئىران)
          ئابدۇبەسىر شۈكۈرى تەرجىمىسى


ئېسىمدە گۆدەكلىكتىن بىر ئەسلىمە،
بىر كۈنى كىرگەنىدىم بىر كاتەككە.
رەھناما، ماڭا تۇخۇم لەززىتىدى،
ئارزۇيۇم يېتىش ئىدى شۇ تېلەككە.


سۈر بىلەن قاھ-قاھلىغان بىر مىكىيان،
زەردىدە چوقۇپ كەتتى قوللۇرۇمنى.
كاتەكتىن چىقالمىدىم، چۈنكى توخۇ__
تېپەتتى، توسۇۋېلىپ يوللۇرۇمنى.


تۇمشۇقى، تىرناقلىرى تۆمۈرمىكىن،
ئاغرىقى جاندىن ئۆتتى، ۋادەرىخا!
بىردەمدە ئۈستىبېشىم پەيگە تولدى،
قوللىرىم بويالغانتى قىزىل قانغا.


مەن بولدۇم توخۇ يۈرەك، توخۇ قاپلان،
شۈمشەيدىم، تەسلىم ئىدىم مىكىيانغا.
ۋەلىكىن بەرمەيتتى ئۇ ماڭا ئارام،
تېنىمسىز ئېتىلاتتى چوقۇپ يانا.


تۇيۇقسىز ۋۇجۇدۇمنى تۇتتى يىغا،
يىغلىدىم، ئۈنۈم ئاشنا پاناھ تېلەپ.
قۇتقۇزدى كېلىپ ئاتام قەيەردىندۇر،
يىغلىما ئوغۇل بولساڭ، بولدى قىل، دەپ.


...
كۈلگەنتى ئانام ماڭا قارىغانچە،
يەنە بىر يىغا تۇتتى بىرقاياندىن.
بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ دېدى ئاتام:
بىل ۋەتەن سۆيگۈسىنى مىكىياندىن.

           مەنبە: «مىراس» ژورنىلى 2007-يىل 6-سان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-7 00:32  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-7 09:28:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇبەسىرنىڭ ئەجرى ۋە تېما يوللىغۇچىغا تەشەككۈر....

ۋاقتى: 2014-8-7 09:59:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىل شىئېركەن ، تىما يوللىغۇچىغا رەھمەت !

ۋاقتى: 2014-8-7 16:09:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتەن سۆيگۈسى ئوبىكتىپ ،سوبىكتىپ دۇنيانىڭ ھەممىسىگە سىڭىپ كەتكەن...

ۋاقتى: 2014-8-10 01:11:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق،شېئىرمۇ ئېسىلكەن،شۇنداقلا تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ تىلىمۇ تاۋلانغان ئىكەن...
تېما يوللىغۇچىغا ئالىي تەشەككۈر...!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-10 14:21:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالام، پەتتارىي ئۇستاز، گۈلمېھرە، يارمۇھەممەتتۇرسۇن، تۇرسۇن مۇئەللىم . مەن بۇ شېئىرنى 2007-يىل دائىملىق تەربىيە كۇرسىدا ئابدۇبەسىر مۇئەللىمنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت شۇنداق چوڭ بىر تېمىنى مۇشۇنداق كىچىككىنە بىر تۇرمۇش تەپسىلاتى ئىچىگە سىغدۇرۇپ ئىپادىلەپ بېرىلگەنلىكىدىن ھاياجانلانغان ھەم سۆيۈنگەن ئىدىم. مۇئەللىمنىڭ تەرجىمىسىمۇ، راۋان ھەم ئۇقۇمۇشلۇق بوپتىكەن. ئۆزۈم ھەرجەھەتتىن ياقتۇرغاچقا بۇ مۇنبەرگە يوللاپ قويغانتىم. سىلەرگىمۇ خۇش ياققانلىقىدىن كۆڭلۈم يەنە بىر قېتىم سۆيۈندى. رەھمەت سىلەرگە! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئادىل0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-10 17:27  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش