يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 579|ئىنكاس: 9

مەخەت ئابدۇرېھىم؛ قىمارۋازنىڭ قەسەمنامىسى (سۆز ئوينى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


                           قىمارۋازنىڭ قەسەمنامىسى
                           سۆز ئوينى

            قەدىرلىك قېرىنداشلار ،قىممەتلىك قەلبداشلار ، قېرىندىشىمىز قاسىم قارى، قىمارقەسىردىكى قارا قورساق قىمارۋازلارغا قوشۇلۇپ ، قاملاشمىغان قىلىقلارنى قىلىپ ،قەرىز قانىلىغا قاپسىلىپ قالدى . قىمار قايناملىردىكى قولداشلىرىدىن قاۋۇلقارام ، قادىر قاسساپ ، قەمەر قەلەندەر قاتارلىق قىمارۋازلار ، قاسىم قىماۋازنى قەرىز قالدۇقلىرىنى قايتۇرۇشقا قىستىدى. قاتىللىق قۇراللىرىنى قاسىم قىمارۋازنىڭ قورسىقىغا قاداپ؛قەرىزنى قايتۇرساڭ قايتۇردىڭ ،قايتۇرمىساڭ قارنىڭنى قېزىپ قان قۇستۇرۇپ ، قورسىقىڭنى قوچۇپ قەرىز قالدۇقلىرىدىن قىلچىلىكمۇ قالدۇرماي قايتۇرۋالمىز.
       قىمارۋازلارنىڭ قولىدا قاتىللىق قلىچلىرى قاغىنىڭ قاناتلىرىدەك قاڭقىيتى ، قاسىم قىماۋاز  قاتىللق قۇراللىرىدىن قورقۇپ قاش-قاپاقلىرى، قىمىرلاپ ،قىياپىتى قارداپقولتۇقلىرى قىچىشىپ ، قۇرۇتتەك قورۇلۇپ ، قوڭغازدەك قىمىرلاپ، قاغىدەك قاقىلداپ ، قاڭشالىردا قان قالمىدى. قاسىم قىماۋاز قانداق قىلسا قىلىپ قەرىز قالدۇقلىرىنىقالدۇرماي قايتۇرۇپ قېرىنداشلىرنىڭ قاتارىغا قوشلىشقا قەسەم قىلدى.قەرىزنى قايتۇرمىسا قانۇن قارار قىلىدۇ ، قانۇننڭ قائىدىلىرىنى قوبۇل قىلمىسا قاماققا قامايدۇ ، قېرىنداشلىرى قاتارغا قوشمايدۇ،قەدىمقى قەلئەدە قوندۇرماي قوغلايدۇ ، قاغايدۇ.
       قاسىم قىماۋاز قىلغان قىلمىشلىرىدىن قايغۇردى، قاقشىدى. قاسىم قىماۋازنىڭ قەدەملىرى قىسقارغان ،قولى قۇرۇق،قەرىزنى قايتۇرمىسا قىمارۋازلار قاتىللىق قىلىدۇ. قەرىزنى قايتۇرۇشقا قەلەمدە قالدۇرغان قابۇسنامىلەر قىمارۋازلانىڭ قولىدا،قىماۋازلار  قانداق قىلسا قۇلايلىق.

  قاسىم قىماۋاز قەرىزنى قالدۇرماي قايتۇرۇش قاينىمىدا ،قايتا قايتا قايمىقىپ قەرىزنى قالدۇرماي قايتۇرۇشنى قارار قىلىپ ،قىزىل قەلبىدىن قەسەم  قىلدى.
                     

                                    قەسەمنامە

         قەرىز  قالدۇقىرىغا :قوتاندىكى قوي- قوتازلارنى ، قەپەزدىكى قاغا - قۇزغۇن قۇشلارنى ، قورۇقتكى قوغۇن - قاپاق قوناقلارنى، قاز اندىكى قايناۋاتقان قايماق، قورۇما - قۇيماقلارنى قوزىقتىكى قەدىمىقى  قالپاقلارنى قالدۇرماي قەرزىگە قايتۇرۇپ قەرزىدىن قۇتۇلۇپ، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىمنىڭ قاتارىغا قوشۇلىمەن.قىيامەت قايىنغىچە قىماردەك قاملاشمىغان قىلىقنى قىلمايمەن.قانۇنىنڭ قائدىلىرىنى قوبۇل قىلمەن. قالغان قەدەملىرىمدە قەدىرلىك قامۇس قالدۇرۇپ قېرىنداشلىرىمنى قايىل قىلمەن.........

    قەسەمنامىنى  قوش قولامدىكى قىممەتلىك قىزىل قەلەمدە قالدۇرۇپ، قېرىنداشلىرىمنى قارتىپ قويوپ،قولامنى قەلبىمدىكى قاندا قىزارتىپ،قوشقوللاپ قول قويدۇم،قەرزنى قايتۇراممىسام قانۇننىڭ قارارىنى قوبۇل قىلىمەن.
                                         
                              مەخەت ئابدۇرېھىم.
     
      


         
         

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 16:14  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-5 17:00:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىقارلىق يېزىپسىز .

ۋاقتى: 2014-8-5 17:18:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچان ئادەمكەنسىز.ئەمگىكىڭىزنى قەدىرلەپ يازغان ھەر-بىر تىمىڭىزنى قالدۇرماي ئوقۇپ تۇرىمەن.بىر قىسىملار يالغۇز قالسا بەك زىرىكىپ كېتىدۇ.سىز ۋە مەن يالغۇز قالساق ئوقۇپ يېزىپ،تەپەككۇر قىلىپ زىرىكمەيدىغانلاردىن ئىكەنمىز.يېشىمىز چوڭۇيۇپ قاپتۇ.شۇنداقتىمۇ ئاخىرقى دەملەرگىچە ئۈگۈنۈش،تىرىشىش،يېزىشلار بىلەن شوغۇللۇنۇپ ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزەيلى.ئىجادىيەتلىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-8-5 19:34:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەملىرىڭىز ھارمغاي ئاكا.. تۇلىمۇ ياخشى يېزىپسىز.. سۆزلەرمۇ شۇنداق راۋان.. كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن... سالامەتلىك سىزگە يار بولسۇن...

ۋاقتى: 2014-8-5 22:05:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆز ئوينى؟

بۇ ژانېردا يازىدىغان ئادەم ژانېر نامىنى بولسىمۇ توغرا يېزىشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تېكىستلەردىكى خاتا ئىملالار  خېلىلا جىقكەن.

توغرىسى: سۆز ئويۇنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 22:07  


ۋاقتى: 2014-8-5 22:17:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر

ۋاقتى: 2014-8-5 22:17:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-7 16:01:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 22:05
سۆز ئوينى؟

بۇ ژانېردا يازىدىغان ئادەم ژانېر نامىنى بو ...

باشقىلارنىڭ كومپىيوتىورىنى ئىشلەتكەن ئىدىم،ئۇلار ئالدىراتقانلىقى ئۈچۈن تەھرىرلەشكە ۋاقىت چىقىرالماي شۇنداق بولاپ قالدى.توغرا چۈشۈنىشلىرىنى ئۈممۈت قىلىمەن.

ۋاقتى: 2014-8-7 16:03:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ!

ۋاقتى: 2014-8-7 18:25:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ي.ت.توغراق يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 16:03
داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ!

بىلىۋالدىم، جاۋاب بەرگەنلىكلىرىگە رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش