ھىسام چاقچاقلىرىدىن
ئۆزىنىڭ كۆز قارشى
ئىدارىدىكى كادىرلارنىڭ ئانكىتنى تولدۇرۋاتقاندا ئەللىككە تاقاپ قالغان بىر ئايال خىزمەتچى ئۆزىنىڭ يىشىنى ئوتتۇز بەش ياش دەپ مەلۇم قىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كىتىپتۇ.
- پاتەمخان،ھىچ بولمىغاندا قىرىق ياش دەڭا، - دەپتۇ ئارىدىن بىرى.
- سىز ئارلاشماي ئولتۇرۇۋېرىڭ،- دەپتۇ ئايالنىڭ يىنىدا تۇرغان ھىسام، - ھازىر ھەر ئادەمنىڭ كۆز-قارشىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئەركىنلىكى بار.
زاسۇخانىمىكىن دەپتىمەن
ماگزىنغا سودىلىققا كىرگەن ھىسام ئۆزىگە ئېھتىياجلىق ماللار تېزىلغان پۇكەينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، بىر ئورۇندا ئىككى پىركازچىك قىز مەشتىكى ئوتتا ئوت كولىغۇچنى قىزىتىپ چىچىنى بۈدۈر قىلۋاتقان ئىكەن. ئالدىراۋاتقان ھىسام ئۇلاردىن قايتا-قايتىلاپ گەپ سورىسىمۇ، قىزلار ئۆز ئىشلىرى بىلەن بولۇپ ئۇنىڭ سۆزىگە پىسەنت قىلماپتۇ.
بىر ھازادىن كىيىن قولى بوشىغان قىز، تىخىچىلا بىشىدا قاراپ تۇرغان ھىسامدىن سوراپتۇ:
-يولداش ،نىمە ئالاتتىڭىز؟
تىرىكىپ تۇرغان ھىسام:
-بىر كاللا بىلەن توت پاقالچاك ئالاتتىم.-دەپتۇ.
پىركازچىك قىزنىڭ شۇ ئان چىرايى ئۆڭۈپ ۋارقىراپ كىتپتۇ:
-قانداق ئادەمسىز؟بۇ تۈرلۈك ماللار ماگزىنى تۇرسا،كاللا-پاقالچاق نىمە قىلىدۇ؟
-قىزچاق،كەچۈرۈڭ،-دەپتۇ ھىسام،-سىز بايا ئوت كولىغۇچتا باش ئۈكلاۋاتسىڭېز زاسۇخانمىكىن دەپتىمەن.
ئەڭ تەس ئىش
كەچقۇرۇن مەھەللە دوقمۇشىدا ئىككى ھۇرۇن تام يۆلەپ ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىچە<<دۇنيادا ئەڭ تەس ئىش قايسى؟>>دىگەن مۇنازىرگە چۈشۈپتۇ.
-ئېرىق يوق يەردە كىچىسى سۇ تۇتماق تەس،-دەپتۇ بىر ھۇرۇن.
-ياق، كۈننىڭ ئىسسىغىدا ئورما ئورمەق تەس،-دەپتۇ ئىككىنچىسى.
دەل شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ھھىسام ھورۇنلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قاپتۇ-دە،يېقىن كىلىپ:
-ھەر ئىككىڭلار تاپالمىدىڭلار، دۇنيادا ھۇرۇننىڭ ئىش تاپمىغى ئەڭ تەس،-دەپتۇ.
قانچىسى ئوغۇل قانچىسى قىز؟
بىرسى ھىسامدىن سوراپتۇ:
- ئىنىڭىزنىڭ قانچە بالىسى بار؟
- ئالتە بالىسى بار،-دەپتۇ ھىسام.
- قانچىىسى ئوغۇل، قانچىسى قىز، - دەپ سوراپتۇ ھىلىقى كىشى.
- ۋاي تاڭەي، - دەپتۇ ھىسام بىشىنى چايقاپ، - ئەيتاۋۇر ئەتىگەنلىكى قارسام ھەممسىلا ئەينەك بىلەن تارغاقنى تالىشىدىغۇ!
ئەڭ تەس ئورما
قايسى ئاشلىقنىڭ ئورمىسىنى ئورماقنىڭ تەسلىكىنى تالىشڭپ قالغان بىر نەچچە يىگىت ھىسامنىڭ ئالدىغا بىرىپ سوراپتۇ:
- ھىسامكا، سىز كۆپنى بىلدىغان ئادەم، ئىيتىڭە! زادى قايسى ئاشلىقنىڭ ئورمىسىنى ئورماق ئەڭ تەس؟
ھىسام ئويلىنىپ جاۋاپ بىرىپتۇ: مىنىڭچە، قولغا تەگمەيدىغان ئاشلىقنىڭ ئورمىسىنى ئورماق ئەڭ تەس.
دەرۋىشكە ئوخشاپتۇ
بىر ئاغىنىسى ھىسامنى ئۆيگە مىھمانغا چاقىرىپتۇ. غىزا ۋاختىدا ئۆي ئىگىسىنىڭ غەيرى پاسۇندا چاچ-ساقال ئۆستۈرۋالغان ئوغلى كىرىپ قولىغا سۇ ئاپتۇ: ئوغلى چىقىپ كەتكەندىن ئۆي ئىگىسى ماختىنىش ئاھاڭدا سوراپتۇ.
- قانداق ھىسام، ئوغلۇم كىمگە ئوخشاپتۇ؟
- ئوغلىڭىز ياپياش تۇرۇپلا رىۋايەتلەردىكى دەرۋىشكە ئوخشاپ قاپتۇ، - دەپتۇ ھىسام دەرھاللا.
گۇناھ كىمدە؟
ھىسام تۇرغان كەنىتنىڭ زىغىرى بۇ يىل بەك ئوخشاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن يىللاپ بۇ كەنىتكە دەسسىمەيدىغان يېزا باشلىقى دەررو كەنىتكە كىلىپ ئېتىز-ئېرىقلارنى تەكشۈرۈپتۇ-دە،ئىسكىلاتقا كىرىپ زىغىرنى ماختاپتۇ؛
- ھوسۇلۇڭلار قالتىس بوپتۇ.بۇ يىل زىغىردىن خېلى پۇل قىلىۋالارسىلەرغۇ دەيمەن؟
- شۇنداق،-دەپتۇ كەنىت باشلىقى خۇشاللىق بىلەن.
-بۇ زىغىرنىڭ مېيىدا ئاشمۇ ئوخشايدىغۇ دەيمەن،-دەپتۇ يېزا باشلىقى يەنە مەنىلىك قىلىپ،-يېزا باشلىقىنىڭ گىپىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن كەنىت باشلىقى؛-شۇنداق؛-دەپتۇ ۋە يېزا باشلىقى كەتكەندىن كىيىن،يېزا باشلىقىنىڭ ئۆيگە بىر تاغار زىغىر ئىبەرتىپ بىرىپتۇ.بۇ خەۋەر قۇلاقتىن-قۇلاققا ئاڭلىنىپ كەنىتتىكى دېھقانلارنىڭ غەزىۋىنى كەلتۈرۈپتۇ.كىشىلەر مەھەللە دوقمۇشىغا توپلىشىۋىلىپ؛-گۇنا كىمدە،يۈزى قېلىن يېزا باشلىقىدىمۇ ياكى كۆڭۈلچەك كەنىت باشلىقىدىمىۇ،دىيشىپ گەپ تالىشىپ قاپتۇ،كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا باياتىندىن بىرى ئۈن چىقماي تۇرغان ھىسام گەپكە نۆۋەت ئاپتۇ-دە؛
- سىلەر ھېچقايسىڭلار گۇناھكارنى تاپالمىدىڭلار،گۇناھ يېزا باشلىقىدىمۇ .ئەمەس،كەنىت باشلىقىدىمۇ ئەمەس.
-ئەمىسە گۇناھ كىمدە؟-كىشىلەر ھەيران بولوپ.
- گۇناھ مول- ھوسولدا،-دەپتۇ ھىسام شۇ چاغدا چۈشەندۈرۈپ،-ئەگەر بۇ يىل زىغىر مۇنچىلا ئوخشىمىغان بولسا،بايقى يېزا باشلىقىمۇ بىزنىڭ كەنىتكە زادىلا كەلمىگەن بولاتتى.
كۆزىنى يۇمۇش
يېراق يېزىدىكى تۇققىنىنى يوقلايمەن دەپ نەچچە قېتىم تەرەددۇت قىلغان ھىسام مەھەللىدىكى توي_تۆكۈن، نەزىر_ چىراقلاردىن ئۈزۈلمەستىن تۇققىنىنىڭكىگە چىقالماي قاپتۇ، بىر قىتىم ئايالى قاتناشقا بىرىپ ماشىنا بىلىتى ئېلىپ كەپتۇ - دە، ھىسامغا:
__ مەھەللىدىكى توي، نەزىرلەرگە تارتىشسىڭىز زادىلا چىقالمايسىز، ئۇنىڭدىن كۆرە كۆزىڭىزنى يۇمۇڭدە تۇققانلارنى يوقلاپ كىلىڭ.- دەپ بىلەتنى بىرىپتۇ.
__ ماڭا دۈشمەن ئوخشىمامسەن.- دەپتۇ ھىسام جىددىي چىراي بىلەن،- كۆزۈمنى يۇمىۋىلىپ ماشىنىغا چىقسام يىقىلىپ چۈشۈپ بىر يىرىمنى ناكا قىلۋالمامدىمەن!
يىگىنىڭىزگە شۈكرى قىلىڭە
ھىسام دۈينىڭ قوغۇنلىرىنى باققان چاغدا بىر كىشى ھەر كۈنىلا قوغۇن يىگىلى كىلىۋىلىپ، ئۇنى جىلى قىپتۇ. بىر قىتىم
ھىلىقى كىشى كەپىدە قوغۇن يەۋىتىپ، ھىچنىمە بولمىغاندەك ئەلپازدا ھىسامدىن سوراپتۇ:
__ ھىسامىدىن، بۇ قوغۇنلۇقنى سىز كۆتىرە ئالغانمۇ؟
تىرىكىپ تۇرغان ھىسام دەرھال جاۋاپ بىرىپتۇ:
__ ياقە، بىزنىڭ بۇ يەردە كۆتىرىپ ماڭىدىغانغا يوق،يەپ ماڭغىنىڭىزغا شۈكرى قىلىڭا!
دۇنيادا نىمە ئەڭ ئۇچلۇق؟
تولىمۇ نەپسىانىيەتچى بىر ئادەم ھىسامدىن گەپ سوراپتۇ:
- ھىسامىدىن، بىلەمسىز دۇنيادا نىمە ئەڭ ئۇچلۇق؟
- سىزنىڭ ساقىلىڭىز ئۇچلۇق،- دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ھىسام ئويلانمايلا.
- يوق گەپنى قىلماڭ، قانداقسىگە مىنىڭ ساقىلىم ئۇچلۇق بولىدۇ؟- دەپتۇ چۆچۈپ ئۇ كىشى.
- ساقىلىڭىز ئۇچلۇق بولمىسا قىلىن يۈزىڭىزنى قانداق تىشىپ چىقاتتى.
ھىلىمۇ ئويغۇتۇپ قويۇپتۇ
كەچ كىرگەندە توساتتىنلا ھىسامنىڭ ئۆيىگە بىر نەچچە ئاغىينىسى كېلىپ قاپتۇ،ھىسام ئۇلارنىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىپ،تاماق ئەكىرىپتۇ.ھىسام قارىسا ئاغىنىلىرىنىڭ بىرى گەپكىمۇ ئارلاشماي ئاچكۆزلۈك بىلەن تاماققا تۇتۇش قىلغىلى تۇرۇپتۇ.ھىسام گەپ ئارىسىدا ئۇنىڭدىن؛
-ئاداش سىز بۇلار بىلەن نەدە ئۇچرىشىپ قالدىڭىز؟-دەپ سپراپتۇ.
- ئۆيدە ئۇخلاۋاتاتتىم،-ھىلىقى ئاغينىسى ئاغزىدىكى لوقمىنى يالماپ تۇرۇپ،- بۇلار كىلىپ<<ھىسامنىڭكىگە بارىمىز>>دەپ ئويغۇتىشتى. - ھىلىمۇ ئويغىتىشىپتۇ،- دەپتۇ ھىسام شۇ چاغدا،-بولمىسا ئاچ قوساق قانداق ئۇخلايتىڭىز؟
ھىلىمۇ ياۋرۇپاچە تەربىيىلەپسىز
ھىسام بىر نەچچە كىشى بىلەن مەلۇم خىزمەتدىشىنىڭكىگە مېھمانغا بېرىپتۇ.ئۆي ئىگىسى ئەركە ئوغلىنى مېھمانلارنىڭ ئالدىدا ماختاپ؛
- بالامنى ياۋرۇپاچە تەربىيلىدىم،قالتىس بالا بولدى جۇمۇڭلار،-دەپتۇ.شۇ ئارىدا بالا ئۆزىنى ئەكىلەتكەن ھىسامنى ۋاققىدە بىرنى ئۇرۇپتۇ.
- بارىكاللا،- دەپتۇ ھىسام بالىنى ئۆزىدىن يىراقلىتىپ،خىزمەتدىشىغا- ئوغلىڭىزنى ھىلىمۇ ياۋرۇپاچە تەربىيلەپتىكەنسىز،ئەگەر باشقا يەرچە تەربىيلىگەن بولسىڭىز،بۇ كەمگىچە بىزنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىدىكەن.
مەسلىكنىڭ سىرى
ئاشخانىدىن چىقىۋاتقاندا بىر ئاغىنىسى ھىسامدىن سوراپتۇ؛
-دائىم قانچىلىك ئىچسىڭىز مەس بولمايتىڭىز،بۈگۈن ئازراقلا ئىچىپ تەڭشىلىپ قالدىڭىز!؟
ھىسام جاۋاپ بىرىپتۇ؛
-بۈگۈن پۇل خەجلەپ قويدۇم ئەمەسمۇ.
خەۋەر تۇرماق
ھىسام مەكتەپتە ئىشلىگەندە يۇقۇرىغا بىر پارچە ئەرز يازغان ئىكەن،لىكىن ئەرزنىڭ ئۇچۇرى تاش سۇغا چۆككەندەك جىمىپ كىتىپتۇ.بىر قېتىم مەكتەپتىكى گىرامماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭدىن ھىسداشلىق قىلىپ سوراپتۇ؛
-ھىسامكا،مائارىپقا بەرگەن ئەرزىڭىزدىن خەۋەر بارمۇ؟
نەدىكىنى دەيسىز،-دەپتۇ ھىسام،-خەۋەر تۈرماق ئىگىمۇ يوق.
مەنبە: ھىسام چاخچاقلىرى توپلىمىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-3 01:45
|