يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 788|ئىنكاس: 6

رۇقىيە قادىر(ت): ئورخان پامۇك ئەسەرلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئورخان پامۇك ئەسەرلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

رۇقىيە قادىر تەرجىمىسى

ئورخان پامۇك نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە غەربتىكى «نىيۇ يورك ۋاجىت گېزىتى»، «يەكشەنبىلىك ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق داڭلىق گېزىت- ژۇرناللار ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە نۇرغۇن ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. تۆۋەندىكىلەر شۇ ماقالىلەرنىڭ ئىچىدىكى پامۇك كىتابلىرىغا باھا بېرىلگەن قىسىمى.

1. ئىستانبۇل

يازغۇچىنىڭ ئۆزىنى «مەن» سۈپىتىدە تۇنجى ھېس قىلىشىدىن ئانىسىغا، دادىسىغا، ئائىلىسىگە يۆنەلگەن ھېكايە، بىر كۆڭۈلسىزلىك ۋە بەخت قاينامى بولۇپ ئىستانبۇل كوچىلىرىغا قاراپ ئېچىلىدۇ. زامانىمىزنىڭ بۈيۈك يازغۇچىسىنىڭ كۆزىدىن 1950- يىللارنىڭ ئىستانبۇل كوچىلىرىنى، قىزىق بازارغا تۇتىشىدىغان ئۈستى يېپىق كوچىلار، كۆيۈپ تۈگىگەن كونا قوناقلار، قەدىمىي بىر مەدەنىيەتنىڭ يوقىلىشى بىلەن ئۇنىڭ كۈللىرى ۋە خارابىسى ئارىسىدىن بىر يېڭىسىنى تۇغۇشىنىڭ مۈشكۈلاتلىرىنى يارىتىشىدىن پامۇكنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ تەشكىل تېپىشىنى  بىر رازۋېتكا رومانىنى ئوقۇغاندەك ئىزلەپ ئوقۇيمىز. ... بۇ ئۆزگىچە ۋە تەڭداشسىز ئەسەردە ئوقۇغانسىرى قولدىن چۈشۈرگىسى كەلمەيدىغان كىتابلارغا خاس روھ ۋە تۇيغۇ ئورتاقلىقى بار.
ئىستانبۇلنىڭ داڭلىق فوتوگرافلىرى تارتقان مىڭ پارچىلاپ رەسىملەر ۋە ئورخان پامۇكنىڭ شەخسىي ئالبومىدىن تاللىغان رەسىملەر بۇ ھېكايىگە ياندىشىدۇ.

2. قار

ئون ئىككى يىل گىرمانىيەگە سۈرگۈن بولغان شائىر قارا، تۈركىيەگە قايتىپ تۆت كۈندىن كىيىن، بىر خەۋەر ئۈچۈن كارس شەھرىدە كۆرىدۇ ئۆزىنى. ئېغىر- ئېغىر ۋە ھېچ توختىماستىن ياغقان قاردا كوچىمۇ- كوچا، دۇككانمۇ- دۇكان يۈرۈپ بۇ كۆڭۈلسىز ۋە گۈزەل شەھەرنىڭ ئادەملىرى بىلەن تونۇشۇشقا ئۇرۇنىدۇ. كارستا بوسۇغىسىغا كەلگۈچە ئىشسىزلار بىلەن تولغان چايخانىلار، چەتتىن كەلگەن ۋە قاردا ھارغان سەييارە تىياتىر ئۆمىكى، ئۆلۈۋالغان ۋە ئۆلۈۋالماستىن ئاخىرىغىچە چىدام كۆرسەتكەن قىزلار، تۈرلۈك سىياسىي پارتىيىلەر، غەيۋەتلەر، مىش- مىش پاراڭلار، كارپالاس مېھمانسارىيى ۋە ئۇنىڭ ساھىبى تۇرغۇت بەي بىلەن قىزلار، يىپەك- مەخمەل، بۇلارنىڭ قارا ئۈچۈن بىر بەخت ۋە ۋەدىسى باردۇر.
«ئۇ نە بىر ئىدىئالىست، نە بىر سىياسىيون، نە بىر مۇخبىر. ئورخان پامۇك بۈيۈك بىر رومانچى.» «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»

3. مېنىڭ ئىسمىم قىزىل

ئورخان پامۇكنىڭ رەڭگارەڭ ۋە ئۈمىدۋار رومانى دىيىلگەن «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» دېگەن رومان 1591- يىلىدا ئىستانبۇلنىڭ قارلىق قىش كۈنىدىن باشلىنىدۇ. ئىككى ئوغلى بىر-بىرى بىلەن دائىم سوقۇشۇپ قالىدىغان گۈزەل شەكۈرە، تۆت يىلدىن بۇيان ئۇرۇشتىن قايتمىغان ئېرىنىڭ ئورنىغا ئۆزىگە ئەر ۋە ئاشق ئىزدەشكە باشلىغان مەھەلدە دادىسىنىڭ بىر- بىرلەپ ئۆيگە چاقىرىدىغان ساراي نەققاشلىرىنى مۆكۈۋالغان يېرىدىن كۆزىتىدۇ. ئۆيگە كەلگەن ئۇستا نەققاشلار دادىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئوسمانلى پادىشاھىنىڭ يوشۇرۇنچە قىلدۇرۇۋاتقان بىر كىتاب ئۈچۈن فىرانسۇز ئۇستا بەرپا قىلغان بىر خەتەرلىك رەسىملەرنى سىزماقتا. ئارىلىرىدىن بىر ئۆلتۈرۈلگەندە، شەكۈرەگە ئاشىق بولغان، ئۇنىڭ ھاممىسىنىڭ ئوغلى قارا مەيدانغا چىقىدۇ. ئىستانبۇلدا بىر ۋائىزنىڭ ئەتراپىدا توپلانغان، ئىبادەتخانىلارغا قارشى بىر ساھەنىڭ بېسىلغان، قىممەتچىلىك ۋە قورقۇنچ ھۆكۈم سۈرگەن، كېچىلەردە بىر قەھۋەخانىدا توپلانغان نەققاشلار ۋە خەتتاتلار تىلى ئۆتكۈر بىر مەدداھنىڭ ئېيتىپ بەرگەن ھېكايىلىرى بىلەن كۆڭلىنى خۇش قىلىدۇ.
ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئاۋازى بىلەن پاراڭلىشىدىغان، ئۆلۈملەرنىڭ، شەيئىلەرنىڭ تىلىدىكى، ئۆلۈم، سەنئەت، سۆيگۈ، نىكاھ ۋە بەخت ھەققىدىكى بۇ كىتاب، ئەينى زاماندا ئەنئەنىۋىي رەسىم سەنئىتىنىڭ ئۇنتۇلغان گۈزەللىكلىرىگە بىر مەرسىيەدۇر.
«ياش تۈرك رومانچىسى ئورخان پامۇك ياۋروپاغا روماننىڭ قانداق يېزىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

4. يەنە بىر خىل رەڭلەر

«يەنە بىر خىل رەڭلەر» يازغۇچىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىن بەختلىك چاغلىرىغىچە؛ رومانلارنى قانداق يازغىنىدىن ساياھەت خاتىرىلىرىغىچە؛ ياخشى كۆرىدىغان يازغۇچىلار ۋە كىتابلار ھەققىدىكى تەنقىدلەردىن شەخسى ئېتىراپلىرىغىچە، شىكايەتلىرىگىچە، سىياسى قورساق كۆپۈكلىرىگىچە؛ مەدەنىيەت ۋە كۈندىلىك ھايات پاراڭلىرىدىكى ھاياجانلىرىغا قەدەر سوزۇلىدۇ ۋە ئورخان پامۇكنىڭ يالغۇز روماندىلا ئەمەس، نەسىردىمۇ نەقەدەر ئۇستا بولغىنىنى ئىسپاتلايدۇ. يازغۇچىنىڭ ماقالە ۋە تەجرىبىلىرىدىن، خاتىرىلىرىدىن، ئاخباراتلىرىدىن تۈزۈلگەن بۇ تاللانما توپلامدا پامۇك زامان-زامان كۆڭۈلنى خوش قىلىدىغان، ئوت قۇيرۇقى بىر قىز ـــ رۇيا بىلەن بىلەن دوستلۇقىنى، بايراملىق زىيارەتلىرىنى، تاماكىنى تاشلىشىنى، ئۆزى چۈشىنىدىغان ئىستانبۇلنى، يالغۇزلۇق ۋە بەخت ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىنى، كوللىكتىپنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ قورقۇنچلىرىنى ۋە ئويلىرىنى ئاڭلىتىدۇ.
«پامۇك دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى يازغۇچىلاردىن بىرى.»

5. يېڭى ھايات

«بۈگۈن بىر كىتاب ئوقۇدۇم ۋە پۈتۈن ھاياتىم ئۆزگەردى.»
ئورخان پامۇكنىڭ ئوخشىمىغان بىر تەرزدە ئوتتۇرىغا چىققان جۇشقۇن، لىرىك ۋە شېئىرىي تۈسكە ئېگە رومانى «يېڭى ھايات» بۇ سۆزلەر بىلەن باشلىنىدۇ. ئوقۇغان بىر كىتابتىن لەرزىگە كېلىپ، تەسىرلەنگەن، سەھىپىلىرىدىن نەدە بولسىمۇ نۇر تۆكۈلۈپ تۇرغان ئىشققا پۈتۈن ھاياتىنى بەرگەن ۋە كىتابتا ۋەدە قىلغان يېڭى ھاياتنىڭ پېيىگە چۈشكەن بىر قەھرىماننىڭ ئالاھىدە ھېكايىسى تۈركىيەدە تېخى ھېچبىر روماندا كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئوقۇلدى ۋە تارقالدى. بىر تەرەپتىن ھاياتنىڭ غېرىب چاغلىرىنىڭ، ئۆلۈمنىڭ، ئەسەرنىڭ، قازانىڭ سىرلىرىغا؛ بىر تەرەپتىن بالىلىقتىكى رەسىملىك رومانلارغا؛ بىر پەيدا بولۇپ بىردە غايىپ بولغان جانانغا ۋە دانتىنىڭ، رىكتەنىڭ شېئىرلىرىغا سەھىپىلىرىنى ئاچقان، قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان بۇ رومان، رەڭسىز تېلۋىزورلىرى بولغان قەھۋەخانىلارغا، ۋىدىئو سەپلەنگەن ئاپتوبۇسلارغا، قاتناش ھادىسلىرىگە، سىياسىي سۇيقەستلەر ۋە جىنايەتلەرگە، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىغا، بىمەنە قائىدىلەرگە، سائەتتەك توغرا ماڭىدىغان مۇخبىرلارغا؛ غايىب بولغان قەدىمكى نەرسىلەرنىڭ سىرلىرىغا ۋە ئىستانبۇلدىن باشقا جايلاردىكى ئاۋارىچىلىقلارغا قەدەر سوزۇلغان. «يېڭى ھايات» ئورخان پامۇكنىڭ چاغداش دۇنيا رومانچىلىقىدىكى ئۈزۈپ چىققان يازغۇچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدۇ.

6. قارا كىتاپ

غالىپ بالىلىق ۋاقتىدىكى سۆيگۈنى، دوستى، تاغىسىنىڭ قىزى، غايىپ بولغان ئايالى رۇيانى قارلىق بىر قىش كۈنى ئىستانبۇلدا ئىزدەشكە باشلايدۇ. بالىلىقىدىن باشلاپ يازمىلىرىنى ھەيرانلىق ئىلكىدە ئوقۇيدىغان يېقىن تۇغقىنى مۇخبىر جالالنىڭ يازمىلىرى بۇ ئىزدەشتە ئۇنىڭغا ئىشارەتلەر بېرىدۇ ۋە ھەمراھ بولىدۇ. ئوقۇرمەن بىر تەرەپتىن ھەر يولنى، ھەر كوچىنى، ھەر بىر ئادەمنى باشقا بىر سىرلىق ئالەمنىڭ ئىشارەتلىرىگە قايتۇرغان ئىستانبۇلدا غالىبنىڭ ئىزدەشلىرىنى ۋە ئۇچراشقان ئادەملەرنىڭ ئىزىغا چۈشكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىزدەشلەرنى باشقا ئىشارەتلەر ۋە مۇرەككەپ ھىكايىلەر بىلەن تولدۇرغان جالالنىڭ يازمىلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. قەدىمكى قاراقچىلارنىڭ ھېكايىلىرىدىن بوغاز سۇلىرى تارتىلغان پالاكەت كۈنلەرگە؛ ئۆزگەرگەن پاشالاردىن مەدەنىي ھاياتىمىزدىمۇ بولغان سىرلىق جىنايەتلەرگە؛ قارلىق كېچىلەردىكى مۇھەببەت ھېكايىلىرىدىن ئورتاق چۈشەنچىلەرنىڭ سىرلىرىغا؛ ئىستانبۇلنىڭ چەت ۋە قاراڭغۇ بۇلۇڭلىرىدىن كۈلكىلىك ۋە مۇرەككەپ كىشىلەرگە؛ يېقىن تارىخىمىزدىن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئۇنتۇلغان ۋە ھەيران قالارلىق ئىشلىرىغا قەدەر سوزۇلغان بىر ئىزدەش.

7. ئاق قەلئە

17- ئەسىردە تۈرك دېڭىز قاراقچىلىرىغا ئەسىرگە چۈشكەن بىر ۋېنىتسىيەلىك ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئاستىرونومىيە، فىزىكا ۋە رەسىمدىن خەۋىرى بولغان بۇ قۇل ئەينى ئورتاقلىقى بولغان بىر تۈرك تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىدۇ. بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاجايىپ بىر ئوخشاشلىق بار ئىدى. قۇلنىڭ ئېگىسى قۇلدىن ۋېنىتسىيە ۋە غەرب بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى خالايدۇ. بۇ ئىككى كىشى خوجايىن بىلەن قۇل بىر- بىرلىرىنى تونۇماق، چۈشەنمەك ۋە چۈشەندۈرمەك ئۈچۈن دېرىزىسى بوغازغا قارايدىغان قاراڭغۇ ۋە بوش بىر ئۆيدە بىر ئۈستەلنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئولتۇرىدۇ، پاراڭلىشىدۇ. ھېكايىلىرى ۋە سەرگۈزەشتىلىرى ئۇلارنى ۋابا قىرغىنى ھۆكۈم سۈرگەن ئىستانبۇل كوچىلىرىغا، بالا سۇلتاننىڭ چۈش كەبى باغچىلىرىغا ۋە ھايۋاناتلىرىغا، ئىشەنگۈسىز بىر ئۇرۇق- تۇغقانلىق كۆرۈشۈشىگە، «مەن نېمىشقا مەن» دېگەن سوئالغا ئېلىپ كېلىدۇ. ھېكايىلەرنىڭ كېچە- كۈندۈز تەرەققىياتى بىلەن، كۆلەڭگىلەر ئاستا- ئاستا ئالمىشىدۇ.

8. گىزلى يۈز(سىنارىيە)

ئورخان پامۇك يازغان ئۆمەر كاۋۇر ئىشلىگەن گىزلى يۈز فىلىمى تۈرك كىنولىرىنىڭ سىردىشى، ئۇنتۇلماس فىلىملىرىدىن بىرى بولدى. ئوقۇش زوقى ئاشقانلىقتىن نەشىرگە تەييارلانغان بۇ كىتابتا فىلىمدىن  تاللانغان رەسىملەرگە پامۇكنىڭ سىنارىيىنىڭ ۋەقەلىكىنى ئاڭلاتقان يازمىسى ياندىشىپ ماڭىدۇ.

10. تىمتاس ئۆي

بىرى تارىخچى، بىرى ئىنقىلابچى، يەنە بىرى باي بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئۈچ بالا ئىستانبۇل ئەتراپىدىكى جەننەت ھىسار بازىرىدىكى مومىسىنى يوقلىغىلى بارىدۇ، دادىلىرىنىڭ يەتمىش يىل ئىلگىرى سىياسىي سەۋەب بىلەن سۈرگۈن قىلىنغىنىدا سالدۇرغان ئۆيدە بىر ھەپتە تۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدە مومىسىنىڭ توقسان يىللىق كەچمىشى ئاقتۇرۇپ، بوۋىسىنىڭ شەرق ۋە غەرب ئارىسىدىكى تېزلا ئاخىرلاشتى دەپ قارىغان بۈيۈك بىر ئىنىسكىلوپىدىيەنى خاتىرلەيدۇ. ئۆيدە جىمجىت كۆزەتكۈچىلەر بىلەن ئەۋلادلار ئارىسىدا كۆۋرۈك ياسىغان شاھىدلار، باغچە تاملىرىنىڭ ئۈستىدە بولسا ئائىلە بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان قىزغىن ياشلارنىڭ ھەركەتلىرى.

11. جەۋدەت بەي ۋە ئوغۇللىرى

نىشانتاشتىكى بىر ئائىلىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد سەرگۈزەشتىسىنى ئاڭلاتقان بۇ كىتاپ ئۆي ئىچىنىڭ رەڭلىرىنى، زاماننىڭ ئۆتۈشىنى، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكىدىن پەرقلىق بولغان قەھرىمانلار ۋاستىسى بىلەن بايان قىلغانلىقتىن ئوقۇرمەنگە ئەنئەنىۋىي رومانلاردىن ئالدىغان زوقنى تولۇقى بىلەن بېرىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ بېشىدا- ئابدۇلھەمىدنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا كىچىك دۇكان ساھىبى تۇنجى مۇسۇلمان سودىگەر جەۋدەت بەينىڭ قىزىقىشى ھەم ئىشلىرىنى چوڭايتماق، بېيىماق، ھەم زامانىۋىي، چاغداش بىر ئائىلە قۇرماقتۇر. يىلتىزى ئىستانبۇلنىڭ سىرتىغىچە سوزۇلغان ئەنئەنىۋي ئائىلىسنى بىر يانغا قويۇپ بۇ ئىستەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشكەن يالغۇز سودىگەر جەۋدەت بەينىڭ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ھېكايىسى يەنە بىر مەنىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ رەسمىي ھاياتىنىڭ ھېكايىسىدۇر. ئۆي ئىچىنىڭ، يېڭى بىنا ھاياتىنى، غەربلەشكەن چوڭ ئائىلىلەرنى، بەيئوغلىغا چىقىپ سودا قىلىشلارنى، بازارنىڭ رادىئو ئاڭلىتىشى جىمىققاندىن كىيىنكى ۋاقىتلىرىنى ئىنچكە ھەمدە مۇھەببەت بىلەن ئاڭلىتىدىغان بۇ رومان ئورخان پامۇكقا تېگىشلىك شەرەپ ئېلىپ كەلگەن تۇنجى كىتابىدۇر.
(«مەسۇمىيەت مۇزىيى» ناملىق روماننىڭ ئاخىرىدىن تەرجىمە قىلىندى)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 01:29  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-3 11:53:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۈر، ياخشى مەزموندىن خەۋەردار  قىلغىڭىنىزغا. قوللىرىڭىز   دەرت كورمىگەي

ۋاقتى: 2014-8-3 14:15:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرلاردىن سۈيۈندۈم!تەرجىمىڭزدىن خوش بولدۇم!

ۋاقتى: 2014-8-3 14:49:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئەسەرلەر دۇنيانىڭ نەرگە بارسا قارشى ئېلىندىكەن،بىر ئوقۇپ چىقسام بولاتتى.

ۋاقتى: 2014-8-3 14:54:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورخان پاموك دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى مەڭگۈلۈك يازغۇچىنىڭ بىرسى. ئۇ بۈگۈنكى دۇنيانىڭ رېئاللىقىنى ئۈزلۈكسىز  تۈردە ئۆز ئەسەرلىرىدە ئەكىس ئۈتتۈرۈپ كەلدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن بۈگۈنكى زامان تۈرك ئەدەبىياتنىڭ بەدىئىي سەۋىيەسىنى كۆرىۋالغىلى بۇلىدۇ. ئۇ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى پېشىۋا ئەدىبلەردىن ھېمىڭۋاي، گارسىيە مازكۇز، بارگاس لوسىا، تۇنى مورىسون، قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتارىغا قۇيۇشقا بۇلىدىغان نامايەندە خاراكتېرلىك يازغۇچى. بىز ئۇنىڭدىن ئۆگۈنىشىمىز، ئۇنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشىمىز لازىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەمشاد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 14:55  


ۋاقتى: 2014-8-4 14:32:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قار» رومانىدىكى باش پېرسوناژنىڭ ئىسمى قارا ئەمەس، كا.

ۋاقتى: 2014-8-5 19:25:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەردان يوللىغان ۋاقتى  2014-8-4 14:32
«قار» رومانىدىكى باش پېرسوناژنىڭ ئىسمى قارا ئەمەس، كا.

سەرا  پەدىسىدە  قا  دەپلا  ئوقۇۋەتكەن گەپ..

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش