سەن
ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزات
سەن ساراڭ
قوللىرىڭنى كۆزلىرىمگە تىقىۋەت
قوچۇپ – قوچۇپ
قارچۇقلىرىمنى ئېزىۋەت
سېغىنىشلىرىمدىن يىپ ئېشىپ
كۆزلىرىمنى ئېچىلماسقا تېكىۋەت
پەقەت
ھېسلىرىمدا جامالىڭنى كۆرەي
سەن زەھەرلىك يىلان
لىۋىڭ بىلەن
زەھەرلىرىڭنى ۋۇجۇدۇمغا تۆكۈۋەت
لېكىن
تەشنالىقىمنى ئامان قوي
ئەجەلنىڭ باغرىدا يېتىپ
مۇھەببەت جامىدىن مەي سۈمۈرەي
سەن قارلىغاچ
پاشىنىڭ تىلىنى ئۈزگەندەك
چىشلەپ - چىشلەپ
تىللىرىمنى ئۈزىۋەت
دىلىم بىلەن ئىسمىڭنى زىكرى قىلىپ
دوزاخقا چۈشەي
كۆيۈپ – كۆيۈپ
گۇناھلىرىمدىن پاك بولغىنىمدا
ھۆرلەر بىلەن سېنى بىرگە ئېلىپ يۈرەي
سەن يالماۋۇز
ئاشىقلارغا ئىبرەت قىلىپ
شېرىن ئەسلىمىلەرگە ئېسىۋەت
چۈشلىرىمدىن زىخ ياساپ
تاپانلىرىمنى تىشىپ
قانلىرىمنى شورىۋەت
تومۇرلىرىڭدا ئېقىپ يۈرۈپ
ۋىسالنىڭ پەيزىنى سۈرەي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-1 18:44