ھۆكۈمران يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 05:21 
يانغىن ئەپەندى:
شېئىرىڭىز خېلى ياخشى يېزىلىپتۇ. بىراق ...
تىنىش بەلگىلىرىدىن تاغارلاپ ئېۋەتىپ بېرىدىغاندىن بۇ مۇنبەردە يەنە بىرى بار. لېكىن ياخشى كۆڭلىڭىز تىگىل بولمايدۇ. تاغىرىڭىز چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ. چۈنكى ئۇلار تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇشنى بىلمەي، ئۇنتۇپ قېلىپ ئەمەس، بەلكى ئۇسلۇبىمىز، ئەركىنلىكىمىز دەپ قاراپ قويمايدۇ. بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلايلى! تىنىش بەلگىلىرى ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىغا ياكى ئىلھامىغا پۇتلىكاشاڭ بولغان بولسا قويماي يېزىپ باقمىسۇنمۇ؟ بىر كۈنلەرگە كېلىپ قەدرى بولۇپ قالار.
يانغىن مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچى. ئۇ قانداق ئەسەرنى قايسى سەھىپىگە يوللاشنى ئوبدان بىلىدۇ.
گۈزەل تۈرك، «ئاشىقتا غۇرۇر بولمايدۇ» دېگەن گەپ سىزنىڭ پەلسەپىڭىزمۇ ياكى سەپسەتىڭىزمۇ؟
يەنە بىر ئىش، ئارتتېكىن، يانغىن نېمىشقا شېئىر يازمايدۇ؟ يېنىۋاتقان ئوتنى ئوچۈرۈش كېرەكمۇ؟ يانغىن شېئىر يازسۇن، يانغىنلاپ تۇرۇپ يازسۇن.
يەنە بىر ئىشنىڭ يەنە بىر ئىشى، يانغىن، كۆكتولۇندىن ئاغرىنماڭ. بەلكىم ئۇ بۇ شېئىرىڭىزدىكى DARKLINA ماركىلىق ئەتىرنى پۇراپ قالغان ئوخشايدۇ.