ئوقۇش پۈتتۈرگۈچى
يانغىن
بۇندىن نەچچە يىللار ئاۋالقى بىر كېچىدە
ئوقۇش پۈتتۈرگۈچىلەر قەدەھ ئىچىدە
قەدەھتەك سوقۇلاتتى يۈز - كۆزلىرى ياش
ئوقۇش پۈتتۈرۈش نېمانچە ئازاپ..
نېمانچە ئازاپ جاھاندا ياشاش..
بۈگۈن مەنمۇ بىر ئوقۇش پۈتتۈرگۈچى
رەھىمسىزلەرچە چوڭ بولغۇچى
قۇرۇق قەدەھتەك قۇرۇق قالغۇچى
ھۆل قەدەھتەك ياش تۆككۈچى..
شۇنداق مەن ئوقۇش پۈتتۈردۈم، ھەسرەتتە قالدىم
چوڭ بولغاننىڭ بەدىلى شۇمۇ؟
بىر تال مېۋە كۈچلۈك ئاپتاپتا
خۇددى مەندەك پىشىپ يېتىلەمدۇ؟
ئادەم بولۇش نېمانچە قېيىن
يارنى سۆيۈش نېمانچە قېيىن
ھاياتنى
قۇياشنى
ئاينى
يۇلتۇزلارنى
سۆيۈش نېمە بۇنچىلىك قېيىن؟
مېنى كىم كەچۈرىدۇ مۇشۇ جاھاندا
كىم سۆيىدۇ سېنىڭدىن باشقا
تەكرار -تەكرار يالغۇز قالىمەن
ھەممە گۇناھنى بوينۇمغا ئېلىپ
تەكرار تەكرار يەنە ياشايمەن..
مەن بىر پۈتتۈرگۈچى
تۈنۈگۈن بالىلىقنى پۈتكۈزگەن بولسام
پۈتكۈزىمەن ئەتە ياشلىقنى
پۈتكۈزىمەن ياشاشنى
پۈتكۈزۈپ چىقىمەن
سەن سۆيىدىغان ئۆلۈمنى...