دەردلىرىڭگە دەرمان بوپ ئۆتەي
(ناخشا تېكىستى)
ھەسەنجان تىلۋالدى
يالغۇز قالساڭ چۆللەردە گۈلۈم ،
كۆزئالدىڭدىن كارۋان بوپ ئۆتەي.
غەملىرىڭگە غەمخانە بولۇپ،
غەش كۆڭلۈڭدىن ئارمان بوپ ئۆتەي.
ئايسىز كىچە غەم قىلما ھەرگىز،
تۈن قويندا گۈلخان بوپ ئۆتەي.
يوللىرىڭنى ئايدەك يورۇتۇپ،
تاڭدا يۇلتۇز چولپان بوپ ئۆتەي.
توسىمىسۇن ئالدىڭنى توساق ،
جۇپ قولۇڭدا بازغان بوپ ئۆتەي.
پەرۋاسىزمەن ياتلار سۆزىگە،
يات كۆزىدە ئازغان بوپ ئۆتەي.
مەيلى دەيمەن قالسام جاپاغا ،
ساڭا كىرەك بىرجان بوپ ئۆتەي.
سىنىڭ ئۈچۈن رازى ھەممگە،
ئېغىر كۈندە پايخان بوپ ئۆتەي.
بارچە شاتلىق بولسۇن سىنىڭكى،
مەنلا غەمدە قالغان بوپ ئۆتەي.
زەرىچە دەرتكە قويغۇم يوق سىنى،
دەتلىرىڭگە دەرمان بوپ ئۆتەي .
تۆت كۈنلۈكلا ئۆتنە ئالەمدە،
مەڭگۈ ساڭا جانان بوپ ئۆتەي.
چىن كۆڭلۈمنى رەت قىلما زېنھار،
پاك قەلبىڭدە ۋولقان بوپ ئۆتەي.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-27 15:30