ھەممىدىن مۇھىمى ئۆزىڭىز...
مەمتىمىن قادىر
ئەزەلدىن ئۇزۇن چاچ قويۇپ ئادەتلەنگەن بىر ئايال نەچچە يىلدىن بىرى ئۆزنى يېڭىدىن ئىشقاچۈشكەن خىزمەتداشلىرىغا سېلىشتۇرۇپ، ئاخىرى ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئىتىبارغا ئېلىنماسلىقىنى چېچىنىڭ ئۇزۇن بولغانلىقىدىن كۆرۈپتۇ.ئەمما چېچىمنى كەستۈرۋەتسەم ئىرىم،باللىرىم نېمە دەپ ئويلاپ قالار، تۇققانلىرىم مېنى زاڭلىق قىلارمۇ دەپ ئەنسىرەيدىكەن.
ئۇ نەچچە كۈنلۈك چۇڭقۇر ئويلىنىشتىن كېيىن ئاخىرى زىخمۇ، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ياخشى بىر ئامالنى ئويلاپ چىقىپتۇ.
ئەتىسى ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇ يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى بولغان ياخشى،يامان ئەھۋاللارغا قارتا يىتەرلىك تەييارلىق بىلەن ئىشقا چىقىپتۇ .لېكىن،كۆپچىلىك كۈندىكىگە ئوخشاشلا ئالدىراشلىق بىلەن ئىشخانىلىرىگە كىرىپ ئۆز ئىشلىرىغا جىددى كىرشىپ كىتىپتۇ .قولىقىدىن تېلىفۇن تۇرۇپكىسى چۈشمەيدىغان باشلىقىمۇ ئاۋالىقىدەكلا ئۇ ئېلىپ كىرگەن ھۆججەت،ماتىرياللارغا تەپسىلى كۆز يۈگۈرتۈپ،ئۆلچەملىك بولغانلىرىغا تەستىق ساپتۇ، ئۆلچەمسىز بولغانلىرىنى ئوخشاشلا قايتا ئىشلەشكە بۇيرۇپ،ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشكە دېققەت قىلماپتۇ .چۈشمۇ بولۇپتۇ . بىراق، بىرەرسىمۇ ئۇنىڭ تۇرىقى توغرىلىق بىر ئېغىز تىنىپ قويماپتۇ . ئۇ ئاخىرى چىداپ تۇرالماي،ئىشخانىسىدا بىرگە ئىشلەيدىغان قىزدىن سوراپتۇ.
ـــ قارىڭە ، مېنىڭ بۇگۈنكى ھالىتىم بولۇپتىمۇ ؟
ـــ ئەلۋەتتە، كېيىنمۇ مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇپ كىتەلەرسىزمۇ ؟
ـــ چوقۇم داۋاملاشتۇرىمەن. سىزگە ياراپتىمەن،دە ؟
ـــ يارماي ئەمىسە،بۈگۈن كۈندىكىگە قارغاندا خىزمەتكە ئەڭ بالدۇر كەلگەن تۇرسىڭىز.
ـــ دېمەكچى بولغىنىم، بۈگۈن مېنىڭ باشقىچىرەك بولۇپ قالغىنىمنى كۆرمىدىڭىزمۇ دەيمەن!
شۇ چاغدىلا كونۇپكا تاختىسى ئۈستىدە چەبدەسلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىشتىن توختىغان نازۈك قوللىرىدا ئۇشلۇق بۇرنىنىڭ لىۋىگىلا كېلىپ قالغان كۆزەينىكىنى سەل ئېگىزلىگەن قىز قاپاقلىرى ساڭگىلاپ قالغان ئايالغا قاراپ دەپتۇ :
ـــ ئاچا،چارچاپ قاپسىز،يەنىلا بالدۈرراق ئىشتىن چۈشۈپ كۆپرەك ئارام ئېلىڭ .
بۈگۈنكى بۇ تىرىشچانلىقرىدىن ھېچ بىر قانائەت ھاسىل قىلالمىغان ئايال شۇنچىلىك روھسىز ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ ۋە باشقىچە بىر ئامال ئىزلەش ئۈچۈن ھوجىرىسىدىكى كىرىسلوغا ئۆزىنى تاشلاپ خىيالغا چۆمۈپتۇ. ئايالىنىڭ بارغانسىرى جىمغور، خىيالچان بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىدىن غەيرىلىك ھېس قىلغان ئىرى ئادىتى بويىچە ئۇنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى مېھرى بىلەن سىلاۋاتقاندا بىردىنلا بۇ ئۇزۇن چاچلار ئەرنىڭ قولىغا چىقىپ قاپتۇ ...
ئىنسان كىشىلىك ھاياتتا ئۆزىنى بلىىپ ياشىشى تولىمۇ زۆرۇر . ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن كۆرمەسلىكى،بەك چوڭمۇ چاغلاپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا ئوڭۇشسىزلىقتىن نېرى بولالمايدۇ. «قانداق قىلسام ئەڭ نوچىسى مەن بولارمەن»دەپ ، ھەر ھەر كۈنى ئەينەكنىڭ ئالدىدا بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ،قايسى لەۋ سۈرۈقنى سۈرۈش،قايسى گالاستۇكنى تاقاش،چاچنى قانداق بويا ، تاراش ... توغرىلىق باش قاتۇرىشىڭىزنىڭ سىز ئويلىغاندەك دەرىجىدە باشقىلار بىلەن پەۋقۇلاددە ئالاقىسى يوق،ئۇلارمۇ ئىشلىرى بىلەن ھەلەك. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى،ھەممە ئادەم شەيئىلەرنى سىزنىڭ كۆزىڭىز بىلەن ئەمەس ئۆزنىڭ كۆزى بىلەن كۈزىتىدۇ،ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى بىلەن باھالايدۇ،ئۆلچەيدۇ .سىز پەقەت رىئاللىققا دادىل يۈزلىنىپ، دېققىتىڭىزنى ھاياتلىقتا ئۆتەشكە تىگىشلىك مۇھىم ئىشلارغا يىغىپ،ئىنسانىي تۇيغۇدا تۇرۇپ،ئىنسانىي مەجبۇرىيەتلەرنى ياخشى ئادا قىلسىڭىزلا باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى زورلاپ ئۆلچىتىپ يۈرمىسىڭىزمۇ ئەڭ ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ نەزىرىگە ئىلىنالايسىز، ئۇلارنىڭ تارازىسى لىللا ئۆلچەپ ،سىزنى چوقۇم رازى قىلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-22 17:46