ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە لىرىكا
(M.Aغا بېغىشلايمەن)
گەر سۆيگۈ شۇ قەدەر ئۇلۇغ بولسىمۇ،
ئەرزىمەس قىلچىلىك كۆز ياش تۆكۈشكە.
سەن مەغرۇر ياشاشقا ئادەتلەنگەنغۇ؟
مەن كەىىپ-ساپادا خۇشال يۈرۈشكە.
ئۇنتۇپ كەت ھەممىنى،ئۇنتۇش بىر بەخت،
ئۇنتۇپ كەت شۇ مىسكىن ئىسمىمىنى ھەتتا.
قالماسمىز ئەمدى بىز بەلكىم ئۇچرۇشۇپ،
ئاھ بۇ تار، زۇلمەتلىك، بەتتام ھاياتتا.
مەيلىلا، قۇلۇڭنى تۇتسۇن باشقىلار،
مەيلىلا، كىم سۆيسە سۆيسۇن لېۋىمگە.
خوشلاشتۇق ئاخىرى چىداپ-چىدىماي،
مەن قالدىم بۇ يەردە يەككە –يېگانە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ZULTAP تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-20 04:48