يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 9008|ئىنكاس: 12

بەگزات: «باھادىرنامە» رومانىدىكى خوجا ناسىرىددىن ئەبەيدۇللا ئىشان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«باھادىرنامە» رومانىدىكى خوجا ناسىرىددىن ئەبەيدۇللا ئىشان ھەققىدە
ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزات


      

    ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان تەسەۋۋۇپ ئىدىيەلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا قانچىلىك مۇھىم ئورۇن تۇتسا، تەسەۋۋۇپ ئەقىدىلىرىنىڭ بەرپاچىسى بولمىش تەرىقەت پىشىۋالىرىمۇ شۇنچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ھۆرمەت ساھىبلىرىدۇر. بۈيۈك مۇتەپەككۇر ۋە مۇتەسەۋۋىپ شائىر ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئۇستازى  ئابدۇراھمان جامىينىڭ قېيىنئاتىسى، نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ مۇرشىدلىرىدىن بولغان ھەزرەت سەئىدىدىن كاشغەرىينىڭ شاگىرتى، تۈركىي مىللەتلەردىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر تەرىقەت پىشىۋاسى خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ ھاياتى ھەققىدە  ئۆزبېكستان يازغۇچىسى ئادىل ياقۇپوۋنىڭ «ئۇلۇغبەك خەزىنىسى» ناملىق رومانى ئارقىلىق ئاز – تولا مەلۇماتقا ئىگىمىز. مەزكۇر رومان ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن خوجا ئەبەيدۇللا ئەھرار بەدبەخت شاھزادە ئابدۇللەتىفنىڭ جەننەتماكان شاھ ئاتىسى مۇھەممەد تەرەغەي مىرزا ئۇلۇغبەككە قارشى تىغ كۆتۈرۈشى ۋە ئۆز ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ سەمەرقەنت تەختىنى ئىگىلىشىگە مەنىۋىي تەدبىر كۆرسەتكۈچى ۋە بىۋاستە مەسلىھەت بەرگۈچى سەلبىي ئوبراز سۈپتىدە نامايان بولىدۇ.
          ئاتاقلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ 2010 – يىلى 8 – ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «باھادىرنامە» ناملىق ئالتە توملۇق زور ھەجىملىك تارىخى رومانىدىكى تارىخىي ۋەقەلەر قاتارىدا خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارغا باغلىق بولغان بەزى ۋەقەلەرمۇ بايان قىلىنغان.
           «باھادىرنامە» رومانىدا خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار باشقا تەرىقەت پىشىۋالىرىدىن شەيخ نىزامىددىن خامۇش ۋە ئۆز ئوغلى خوجا يەھيالارغا ئوخشىمايدىغان تەرزدە تىنىچلىقپەرۋەر ۋە ھەقىقەتنى ياقلىغۇچى، كىشىلەرنى ھىدايەتكە يىتەكلىگۈچى ئەرباب سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. «ئۇلۇغبەگ خەزىنىسى» رومانى ۋە باشقا مەلۇماتلاردىكى خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ رىياكار سوپى سالاھىيىتىدىكى ئوبرازى بىزگە ئۇ زات ھەققىدە سەلبىي تەسىر بېرىپ كەلگەننىڭ ئەكسىچە «باھادىرنامە» رومانىدا ئادالەتنىڭ ھامىيسى سۈپتىدە تەسۋىرلىنىشى ھەقىقەتەنمۇ بىر يېڭىلىق سۈپتىدە تۇيۇلىدۇ. ئەسلى بىزنىڭ كاللىمىزغا ئورناپ كەتكەن قىلىپلاشقان ئاڭ بويىچە سوپى – ئىشان دېگەن جەڭگە – جىدەلدىن پايدىلىنىپ توپىلاڭدىن توقاچ ئوغۇرلايدىغان، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەقىقەتنى دەپسەندە قىلىپ ناھەقچىلىقنى ياقىلايدىغان، دىنىي كەلىمىلەرنى ۋاستە قىلىپ كىشىلەرنى ھەق يولدىن ئازدۇرىدىغان، ئىلىم –مەرىپەتكە قارشى تۇرۇپ جاھالەتنى ياقلايدىغان، ئاۋام – خەلقنى تۈرلۈك – تۈمەن ھىيلە – مىكىرلەر بىلەن قاقتى – سوقتى قىلىدىغان رىياكار بەدبەختلەر ئىدى. شۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلغاندىمۇ بىزگە رىياكار ئىشانلىقى بىلەن مەلۇم بولغان خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار خۇددى شەيخ نىزامىددىن خامۇشتەك ئىلىم – مەرىپەتنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ۋە ئۆز ئوغلى خوجا يەھياغا ئوخشاش ۋاپاسىزلىق ۋە خىيانەتكارلىقنىڭ قوللىغۇچىسى سۈپتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارسا بولاتتى. شۇنداق بولغاندىلا سوپى – ئىشانلار تەبىقىسىدىكى خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى خۈنۈك ئوبرازىغا ماس كەلگەن بولاتتى. لېكىن «باھاردىرنامە» رومانىدا خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار بىزنىڭ نەزىرىمىزگە تۇنجى قىتىم مۇنداق چىلىقىدۇ: «بېشىدىكى قاردەك ئاپئاق سەللە، ئۇچى كىندىكىگىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان ئاپئاق ساقال، ئۇچىسىدىكى ئاپئاق خەسە يەكتەك بىلەن خەسە تامبال ھەزرىتى ناسىرىددىن خوجا ئەبەيدۇللا ئىشاننى گۇيا ئاپئاق نۇرغا ئورىلىپ تۇرغاندەك پەرشتە سىياق كۆرسىتەتتى. ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ئىككى مەڭزى چىلاندەك قىزىل، چوڭ – چوڭ كۆزلىرى ئۆتكۈر ئىدى» («باھادىرنامە»،  مىللەتلەر نەشرىياتى،  2010 – يىلى 8 – ئاي 1- نەشرى، 2011 – يىل 6- ئاي 3- بېسىلىشى،   1739- بەت)
           مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سوپى – ئىشانلار تەبىقىسىگە تەۋە ھېچقانداق بىر تەرىقەت پىشىۋاسى بۇ قەدەر نۇرانە تەسۋىرلەنمىگەن. «جاللات خېنىم» رومانى ئارقىلىق تىپىكلەشكەن سوپى – ئىشانلارنىڭ ياۋۇز ئەپتى – بەشىرىسى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، دەسلەپ خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار ھەققىدىكى بۇ تەسۋىرلەرنىڭ ئارقىسىدىن قانداقتۇر ئاپئاق سەللە ۋە ئاپئاق يەكتەك – تامباللارنى  ئۆز رىياكارلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ۋاستە قىلىۋالغان، ئىبلىس سۈرەتلىك ياداڭغۇ چىرايىغا يالغاندىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ يامان نىيەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن پەرىشتە سۈپەت قىياپەتكە كىرىۋالغان، ئۆتكۈر كۆزلىرىنىڭ ئارقىسىغا ئادەتتىكى كىشىلەر سىزەلمەيدىغان ھىيلە – نەيرەڭلەر يوشۇرۇنغان ئەسلى قىياپىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، دەپ پەرەز قىلغانىدىم. لېكىن كېيىنكى ئابزاستىكى: «پۈتكۈل ماۋەرائۇننەھر ۋادىسىدىكى سان – ساناقسىز مۇرىتلىرىنىڭ نەزىرىدە ‹تەڭرىنىڭ دوستى› دەپ تەرىپلىنىدىغان خوجا ئەبەيدۇللا ئىشان ھەشەم –دەرەمدىن خالى، ئاددىي – ساددا ياشايتى...» (  1739- بەت) دېگەن بايانلار بۇ پىكىرىمدىن يېنىشقا مەجبۇر قىلدى. شۇنداقلا شۇ مەزمۇندىن كېيىنكى خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارغا  دائىر بارلىق بايانلاردا ھېچقانداق بىر سەلبىي تەپسىلاتلارنىڭ بولماسلىقىدىن خوجا ئەبەيدۇللاھ ئىشاننىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنىڭ قايتىدىن گەۋدىلىنىشكە باشلىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلدىم.
          سوۋىتلەر ئىتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەپكۇرىسىغا كۆرە تەسەۋۋۇپ مۇرشىدلىرىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىغا يات ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتى سوۋىتلەر ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ھەر قايسى مىللىي جۇمھۇرىيەتلەر  ھەققانىي رەۋىشتە ئىلمىي تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلگەن ۋە ئۇ زات ھەققىدىكى ناتوغرا قاراشلارغا تۈزەتمە بېرىلگەنىدى. 2004 – يىلى ئۆزبېكىسان رىسبۇبلىكىسى پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەرىپىدىن باتۇرخان ۋەلىخوجايىۋ ئاپتورلىقىدا نەشرگە تەييارلانغان«بۈيۈك مەنىۋىي مۇرشىد» ناملىق كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: « ئۇشبۇ كىتاب ھەزرىتى نۇرىددىن ئابدۇراھمان جامىي، ھەزرىتى نىزامىددىن مىر ئەلىشىر نەۋايى، ھەزرىتى زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر كەبى يىرىك ئەللامە ۋە شائىرلارغا، قانچىلىغان سەلتەنەت ساھىبلىرىغا مۇرشىدى كامىل بولمىش نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ قۇتبى−خوجا ئۇبەيدۇللاھ − خوجا ئەھرار ۋەلى ھەققىدەدۇر. ئالاھەزەل يۈز يىلدىن بۇيان گاھ ئىلمىي، گاھ بەدىئىي ئەدەبىياتلاردا ۋەلىيۇللاھ شەنىگە نالايىق بوھتانلار ياغدۇرۇپ كېلىندى. »①
            دەرھەقىقەت خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار ھەقىقەتەنمۇ تەرىقەت پىشىۋالىرىغا لايىق بولغان پىر -مۇرشىدلاردىن ئىدى. ئۆزبېكستان رېسبۇبلىكىسى پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى تىل ۋە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى «ئالتۇن مىراس» خەلقئارا خەيرىيە جەمغارمىسى (ئۇيۇشمىسى) 2003 - يىلى تاشكەنتتە نەشىر قىلغان ئەبدۇلخالىق غىجدۇۋانىي قەلىمىگە مەنسۇب بولغان«مەقاماتى يۈسۈف ھەمەدانىي» ناملىق رىسالە بىلەن بىرلىكتە نەشر قىلىنغان  «خوجىگان نەقشىبەندىيە ماشايىخلىرى» ناملىق رىسالىدە خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار ھەققىدە مۇنداق مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ:
              «خوجا ئەھرار ئىسلامنىڭ ئەمىر ۋە تەئقىقلىرىگە ناھايتى يۈكسەك دەرىجىدە رىئايە قىلىدىغان سوپى ئىدى: ‹تەسەۋۋۇپ يولىدا ئىلگىرلەش پەقەت قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلىش ئارقىلىقلا رۇيابقا چىقىدۇ› دېگەن مۇستەھكەم ئىتىقادقا ئىگە ئىدى...خوجا ئەھرار ئادەملەرگە، بولۇپمۇ پېقىر - مىسكىنلەرگە ياردەم بېرىشنى ياخشى كۆرۈدىغان، قولى ئوچۇق، ساخاۋەتلىك ئىنسان ئىدى. ياشلىقىدا بىمارلارغا قارايتى، ئۇلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىرى يۇقسىمۇ خىزمىتىنى ئەسلا توختاتمايتى... خەلق مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۆز دارامىتى ھېسابىدىن  مەسچىت - مەدرىسلەر، يول ۋە كۆۋرۈكلەر قۇردۇرغان ئىدى. ئەڭ ئەجەبلىنەرلىكى دۆلەت تەرىپىدىن مىھنەتكەش خەلققە سېلىنغان سېلىغلارنى ئارتۇقى بىلەن دۆلەت خەزىنىسىگە تۆلىۋىتەتتى»②
            «باھادىرنامە» رومانىدا ماۋەرائۇننەھر ھۆكۈمدارى سۇلتان ئەھمەد مىرزا ئۆز ئىنىسى ئۆمەر شەيخ مىرزىدىن تاشكەنتنى تارتىۋالماقچى بولۇپ يۈرۈشكە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ ھوزۇرىغا دۇئا ئالغىلى بارغاندىكى ھالىتى مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ:
«...ھەر بىر تىنىقىدىن گۈپۈلدەپ شاراپ پۇرىقى كېلىپ تۇرغان سۇلتان ئەھمەد مىرزا يۈكۈنگەن پىتى قىمىر قىلمايتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ پۇتلىرى ئېغىر گەۋدىسىنى كۆتۈرەلمەي ئۇيۇشۇپ كەتكەنىدى. ئاللاقانداق بىر قاتتىق، ئۇچلۇق نەرسە تىزىغا پاتقان بولۇپ، كۆيۈشۈپ ئاغرىۋاتاتتى، ئەمما ئىشان پىرىنىڭ ئالدىدا ئەدەب ساقلاپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن تىزىنى يۆتكەشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى» (1741 – بەت).
             پۈتكۈل ماۋارە ئۇننەھىر سەلتەنەتىنىڭ يىگانە ھۆكمدارى بولغان سۇلتان ئەھمەد مىرزىنىڭ خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھراردىن شۇنچىلىك تەپ تارتىشىدىكى سەۋەب زادى نېمە؟ ئىسلام مەملىكىتىنىڭ سەلتەنەت ساھىبى بولغان مۇسۇلمان ھۆكۈمدارنىڭ ھەربىر ھۆكۈمى شەرىئەت ئۆلىمالىرى ۋە تەرىقەت پىشىۋالىرىغا ۋاجىب بۇيرۇق تۇرسا، سۇلتان ئەھمەد مىرزا گەرچە خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ مۇرىتى بولغان تەقدىردىمۇ سەلتەنەت سۈرى ۋە ھۆكۈمدارلىق سالاھىيىتى بىلەن خوجا ئۇبەيدۇللا ئەھرارنى ئۆز ھۆكۈمىگە تامامەن بوي سۇندۇرالايتىغۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق ئىككى ئاش پىشىمغىچە خىزمەتكارلاردەك يۈكىنىپ ئولتۇرۇپ ئەسكى كىگىزنىڭ ئاستىدىكى تىزىغا پاتقان چالا غاجىلانغان ئۇچلۇق سۆڭەكنىمۇ ئېلىۋىتىشكە پىتىنالماي ئولتۇرغىنى نېمىسى؟  
             «بۈيۈك مەنىۋىي مۇرشىد» ناملىق كىتابتىكى مۇنۇ بايانلاردىن بىزنىڭ بۇ تەئەججۈبلۈك سوئالىمىزغا جاۋاب چىقىپ قالسا ئەجەب ئەمەس:
           «15- ئەسىرنىڭ يىرىك سىمالىرىدىن بولمىش خوجا ئۇبەيدۇللاھ شاشى−خوجا ئەھرار ۋەلى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مۇرشىدى بولۇش بىلەن بىرگە ئۆز زامانىسىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھاكىمىيەت ھاياتىدا كاتتا ئىز قالدۇرغان ئەربابلاردىندۇر. بۇ دەۋردە ئۇنىڭ شۆھرىتى پەقەت ماۋۇرائۇننەھىردىلا ئەمەس، بەلكى خارەزىم، دەشتى قىپچاق، خۇراسان ۋە ھىندىستانغىچە كەڭ جايلارغا قەدەر تارقالغانىدى. زامانىسىنىڭ تىمۇرىي ھۆكۈمدارلاردىن سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا، ئۇنىڭ ئوغلى سۇلتان ئەھمەد مىرزىلار قېشىدا خوجا ئەھرارنىڭ ئابروي – ئىتىبارى شۇنچىلىك يۇقىرى ئىدىكى، ئۇلار مۇرشىدىنىڭ مەھلىھەتىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ بىرەر مەسلىنى ھەل قىلىشقا ئالدىرىمايتى... ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر ئالىملىرى، جۈملىدىن خوجا فەزلۇللاھ ئوبۇلھەيس، سەئىدىدىن كاشغەرىي، ئابدۇراھمان جامىي، ئەلىشىر نەۋايى ۋە باشقىلارمۇ ئۇنى ‹كەئبەيى مەقسۇد› −مەقسەتلەرنىڭ كەبىسى− (ئابدۇراھمان جامىينىڭ سۆزى) ۋە ‹مۇرشىدى ئافاق›−جاھاننىڭ مۇرشىدى− (نەۋايىنىڭ سۆزى) دەپ تەرىپلىگەن»③
            مانا مۇشۇنداق يۇقىرى ئابرۇي ۋە سۈر – ھەيۋەتكە ئىگە بولغان خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار «باھادىرنامە» رومانىدا ئەھمەد مىرزا، ئۆمەر شەيخ مىرزا ۋە بۇ ئىككى مىرزىنىڭ قېيىن ئاتىسى بولمىش سۇلتان يۇنۇسخان ئوتتۇرىسىدىكى تاشكەنتنى تالىشى جېڭىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بىھۇدە قان تۆكۈلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاتايىتەن تاشكەنتكە كېلىپ بۇ ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئارا ياراشتۇرىدۇ ۋە سۇلتان يۇنۇسخاندىن ئىبارەت زامانىسىنىڭ «خان» لىق مەرتىۋىسىدىكى ھۆكۈمرانى (ئۇ دەۋرلەردە پەقەت چىنگىزخان ئەۋلادلىرىدىن بولغان ھۆكۈمرانلارلا خان دېيىلەتتى ۋە مەرتىۋىسى بارلىق ھۆكۈمرانلاردىن ئۈستۈن تۇراتتى)،  بىلەن سۇلتان ئەھمەد مىرزا ۋە ئۆمەر شەيخ مىرزىدىن ئىبارە «خان» ئاتالمىغان بولسىمۇ «پادىشاھلىق» سالاھىيىتىدىكى مىرزىلارنى (ئۇ دەۋردە ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى قانچىلىك دەرىجىدە مۇستەقىل ھۆكۈمدار بولىشىدىن قەتئىي نەزەر چىنگىزخان ئەۋلادى بولمىغاچقا خان دېيىلمەستىن پەقەت مىرزا دېگەن نام بىلەنلا ئاتىلاتتى) ئۆز ئىتائىتىگە كىرگۈزۈپ ئۈچ تەرەپنىڭ قانلىق توقۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
          خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار خەلقنىڭ پاراۋانلىقى ۋە دىن راۋاجىنىڭ ھۆكۈمدارلارسىز ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەچكە ھۆكۈمدارلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشقا مەجبۇر بولغانۋە مىلادىيە 1432 – يىلى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزىنىڭ دەۋىتى بىلەن تاشكەنتتىن سەمەرقەتكە كېلىپ ئولتۇراقلاشقانىدى. ئۆزبېكستانلىق تەتقىقاتچى ھەمىدخان ئىسلامى نەشرگە تەييارلىغان «سۇلتانۇل ئارىفىن خوجا ئەھمەد يەسسەۋىي» ناملىق رىسالىدە خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ  پەدەركۇش (ئاتا قاتىلى) مىرزا ئابدۇللەتىف ۋاپاتىدىن كېيىن سەمەرقەنت تەختىگە چىققان ئابدۇللاھ مىرزىنىڭ قولىدىن سەمەرقەنت تەختىنى تارتىۋالماقچى بولغان ئەبۇ سەئىد مىرزىغا مەنىۋىي دۇئاگۇيلۇق قىلغانلىقى ۋە پايدىلىق مەسلىھەتلىرى بىلەن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا تۈرتكە بولغانلىقى بايان قىلىنغان.④
          دېمەك خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ پادىشاھلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقىنىنىڭ سەۋەبى خەلقنى ھۆكۈمدارلارنىڭ زۇلۇمىدىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئىدى. خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ تارىخىي خىزمەتلىرى ئاساسلىقى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ خەلق، مەملىكەت، دىن ۋە يۇرت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلىم - مەرىپىتى ۋە مال - مۈلۈكى بىلەن خىزمەت قىلغان يېرىك تارىخىي شەخستۇر.
          لېكىن ئۆز دەۋرىدە خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ شۆھرىتىنى كۆرەلمەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەر خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار ئۈستىدىن بەزى پىتنىلەرنى ئۇيۇشتۇرغان بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىغان. تاشكەنتتىكى چەت بىر قىشلاقتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھراردەك بىر سوپىنىڭ ماۋارە ئۇننەھر ۋە خۇراسان ھۆكۈمدارى بولغان سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزىنىڭ شۇ قەدەر ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكىنىدىن رەشكى كەلگەن شەرىئەت ئۆلىماسى شەيخۇلئىسلام خوجا مەۋلانىنىڭ سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا ۋاپاتىدىن كېيىن خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار ھەققىدە بەزى پىتنىلەرنى پەيدا قىلغانلىقى ئاكادىمىك ۋ.ۋ بارتولىدنىڭ «ئۇلۇغبەك ۋە ئۇنىڭ دەۋرى» ناملىق ئەسىرىدە ۋە ئەلى سەفىينىڭ «رەشەھات ئەينۇلھەيات» ناملىق كىتابىدا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
           خوجا مەۋلانە ئۆزىنىڭ خاس سۆھبەتداشلىرى بىلەن بولغان ئولتۇرۇشلاردا ئىشان ھەزرەتلىرى (خوجا ئەھرار) ھەققىدە غەيۋەت قىلىدۇ. ئىشان ھەزرەتلىرىگە مۇخلىس بولغانلاردىن بىرى بۇ غەيۋەتلەرنى ئاڭلاپ شۇنداق دەيدۇ: «ھېچ بولمىغاندا ئىشان ھەزرەتلىرىنىڭ ساھىبى دەۋلەت ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇنداق غەيۋەتلەرنى چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەڭلار». خوجا مەۋلانە  ئۇ كىشىگە قارىتا شۇنداق دەيدۇ: «توغرا دەيسىز، مەنمۇ بۇنى بىلىمەن، ئەمما نېمە قىلايكى، ئىززەت – ئابروي غۇرۇرى مېنى تىنچ قويمايۋاتىدۇ. شەيخۇلئىسلاملىق لاۋازىمىنىڭ تەقەززاسى بىلەن شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرمەن».
        خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار شۇنداق دەيدۇكى: « مىرزا سۇلتان ئەبۇ سەئىدنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىر كۈنى يولدا خوجا مەۋلانە بىلەن يۈزمۇ يۈز ئۇچرىشىپ قالدۇق، ئەمما خوجا مەۋلانە يۈزىنى بىزدىن ئۆرۈپ: ‹خوجا، سالام ئەلەيك› دېدى-دە، توختىماستىن ئېتىنى تىز دىۋىتىپ كېتىپ قالدى. ۋەھالەنكى،ئالدىنقى كۈنى كوچىدا ئۇچرىشىپ قالغىنىمىزدا بىر بىلەن بىرگە يېرىم شەرئىي (تەخمىنەن 20 – 30 مىتىر) يولنى بىرگە باستى ۋە مەجبۇر قىلغىنىمىزدىن كېيىنلا ئارقىسىغا قايتىپ ئۆز يولىنى داۋام ئەتكەنىدى. شۇ چاغدىلا بىرەر ئىشنىڭ پىيىدا يۈرگىنى كۆڭلىمىزگە ئايان بولغانىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن مەلۇم بولدىكى، خوجا مەۋلانە ئەمىرلەر بىلەن كېلىشىپ شۇنداق قارارغا كەلگەنىكەن: ‹بۇنىڭدىن كېيىن خوجا ئەھرارنىڭ ئۆيىگە بارمايسىزلەر، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايسىزلەر، ئۇنىڭغا ئومۇمەن ئىتىبار قىلمايسىزلەر، مەن شۇنداق پەتىۋايى شەرئىي قىلىمەنكى، سىلەر ئۇنىڭ (خوجا ئەھرارنىڭ) مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلساڭلار ھالالدۇر›. ئەنە شۇ كېڭەشكە ئەمىر ئابدۇلئەلى («بابۇرنامە» دە بۇ كىشى ھەققىدە مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ) كېچىكىپ كەلگەنىكەن، ئەمىر دەرۋىش مۇھەممەد تارخان («بابۇرنامە» دە بۇ كىشى ھەققىدە مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ)  ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئەمىر ئابدۇلئەلى دەپتۇكى: ‹بۇ مەسىلىدە خاتالىشىپسىلەر، چۈنكى بۇ ئەزىز (خوجا ئەھرار) بىزنىڭ ئىتىبارىمىز تۈپەيلى مۆتىۋەر بولغان ئەمەس، بەلكى ھەقنىڭ، يەنى ئاللاھتائالانىڭ ئىتىبارى نەتىجىسىدە مۆتىۋەر بولغان زاتتۇر. ئەتە بۇ مۆتىۋەر زات شۇنداق زەربە بېرىدۇكى، ئۇ زەربە نەتىجىسىدە ھەممىمىز يەر بىلەن يەكسان ۋە شەرمەندە- شەرمىسار بولىمىز›».
            مەشھۇر ئۆلىما ئەلى ئەرران شۇنداق ھېكايەت قىلىدۇ: «خوجا مەۋلانىنىڭ ئەمىرلەر بىلەن خوجا ئەھرار ھەققىدە بىر پىكىرگە كەلگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى شەيخۇلئىسلام خوجا مەۋلانىنىڭ ھوزۇرىغا بارغانىدىم. خوجا مەۋلانا شۇنداق دېدى: ‹مەۋلانا، تەشرىپىڭىز ياخشى بولدى. ھازىر سەھرالىق شەيخنى (خوجا ئەھرارنى) كۆرۈشكە بارىمىز. مېنىڭ ئۇنى قانداق ئەھۋالغا سالدىغىنىمنى كۆرۈپ قويۇڭ›. مېنىڭ خوجا ئەھرار ھەزرەتلىرىگە نىسبەتەن ئىخلاسىم چۇڭقۇر ئىدى. مەن خوجا ئەھرار ھەزرەتلىرىنىڭ ئۆيىگە بارمايدىغىنىمنى ئېيتىپ ئىجازەت سورىغان بولساممۇ، خوجا مەۋلانە رۇخسەت بەرمىدى ۋە شۇنداق دېدى: ‹ئۇنىڭ (خوجا ئەھرارنىڭ) ھەققىدە نېمە قىلماقچى بولسام سىز بار يەردە ئەمەلگە ئاشۇرىمەن›. شۇنىڭ بىلەن خوجا مەۋلانە بىلەن بىرگە بېرىشقا مەجبۇر بولدۇم...بىز بارغاندا خوجا ئەھرار ھەزرەتلىرى ئايۋاندا ئولتۇرغانىكەن، بىزنى قارشى ئېلىپ ئالدىمىزغا داستىخان سېلىش ئۈچۈن ئۆزى ئۆيگە كىردى ۋە ئالدىمىزغا ئۆز قولى بىلەن داستىخان سالدى. خوجا مەۋلانە خوجا ئەھرارغا قارىتا ئېغىز ئاچماقچى بولۇپ تۇرىشىغا بىراۋ كېلىپ، سۇلتان ئەھمەد مىرزىنىڭ (سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزىنىڭ ئوغلى) ئەمىرلىرى بىلەن كەلگىنىنى مەلۇم قىلدى. خوجا مەۋلانە بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ جىددىيلەشتى، چۈنكى ئالدىنقى كۈندىكى كېڭەشتە ئەمىرلەرگە خوجا ئەھرارنىڭ ئۆيىگە ھېچكىمنىڭ بارماسلىقىنى ئۆزى ئېيتقانىدى. ھەزرىتى ئىشان (خوجا ئەھرار) سۇلتان ئەھمەد مىرزا ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرىنى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن چىققان ۋاقتىدا خوجا مەۋلانا ۋە مەن (مەۋلانا ئەلى ئەرران) سۇلتان ئەھمەد مىرزا ۋە ئەمىرلەرنى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ باشقىلارنىڭ ياردىمىدە تۆت قۇرلۇق تامدىن ئارتىلىپ سىرتقا قېچىپ چىقىۋالدۇق...»⑤
         سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا ۋاپاتىدىن كېيىن خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ ئابرويىغا ھەسەت قىلغان شەرىئەت ئۆلىماسى شەيىخۇلئىسلام خوجا مەۋلانە سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا ۋاپات بولغاندىن كېيىن خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ يار- يۆلەكسىز قالىدىغىنىنى پەمىلەپ ئالدىنقى كۈنى ئەمىرلەرگە خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ ئۆيىگە بارماسلىق توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى ئۇنتۇپ خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن بارغاندا، سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭمۇ خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارغا مۇرىت بولۇپ ئىتائەت گەردىنىنى تەڭلەپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ پىتنىسىگە ئۆزى تىيىلىپ ئاخىرقى ھېسابتا رەسۋالارچە تامدىن ئارتىلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار ماۋارە ئۇننەھىر، خۇراسان، پەرغانە ۋە موغۇلىستان ھۆكۈمدارلىرىنىڭ مەنىۋىي داھيسىغا ئايلىنىپ، تەسەۋۋۇپ تارىخىدا ئەھمەد يەسسەۋيدىن كېيىنكى ئەڭ شەۋكەتلىك تەرىقەت پىشىۋاسىغا ئايلىنىدۇ. ھەتتا جاھان سۇلتانلىرىغا ئۆز ھۆكۈمىنى ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇلارنى ئالدىدا تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇپ ۋەز ئېتىش جەھەتتە سۇلتانۇل ئارىفىن (ئارىفلار سۇلتانى) دەپ ئاتالغان ئەھمەد يەسسەۋىينىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ.
          شەيخۇلئىسلام خوجا مەۋلانىنىڭ خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنى «سەھرالىق شەيخ» دېيىشىنىڭمۇ مەلۇم ئاساىسي بار ئىدى. خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار ھەققىدە شاگىرتى خوجا مۇھەممەد قازىي «سىلسىلەتۇل ئارىفىن» ناملىق بىر كىتاب يازغان بولۇپ، بۇ كىتاب خوجا مۇھەممەد قازى ۋاپاتىدىن ئالتە يىل بۇرۇن، يەنى مىلادىيە 1510 – يىلى بۇخارادا ئەمىر ئىبنى خوجەگى نىزامىي بەلخى تەرىپىدىن 730 بەت ھەجىمدە كۆچۈرۈلگەن. ئاشۇ كىتابتا نەقىل كەلتۈرلىشىچە خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار شاگىرتلىرىغا ئۇستازى سەئىدىدىن كاشغەرىيگە باغلىق بولغان مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن: « بىر كۈنى فەزلۇللاھ ئەبۇلھەيس خانىقاسى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانىدىم، بىر بۇرادىرىم : ‹بۇ خانىقادا بىراۋ كېسەل بولۇپ يېتىپتۇ، شۇ كىشىنى يوقلاپ ئۆتەيلۇق› دېدى. خانىقاغا كىردۇق، قارىسام بۇ كېسەل كىشى مەۋلانا سەئىدىدىن كاشغەرىي ئىكەن. تەپ كېسىلىگە ئۇچرىغان بولۇپ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. ئۇنى كۆرۈشكە كەلگەنلەر چىقىقپ كەتتى ۋە مەن يالغۇز قالدىم. مەۋلانىغا قارايدىغان بىرەر كىشى يوقلىقى سەۋەبلىك مەۋلانا كېسەلدىن ساقايغۇچە ئۇنىڭغا قارىدىم. مەۋلانا ساقايدى، ئەمما مەن ئاشۇ كېسەلگە چىلىنىپ مەۋلانا قۇتبىددىن سەدىر مەدرىسىدىكى ھۇجرامدا يېتىپ قالدىم»
خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار شۇ قىتىملىق كېسەلدىن ئۇزۇنغىچە ساقىيالمايدۇ ۋە سەمەرقەنتتە ئىككى يىلدىن بىرى تاغىسى خوجا ئىبراھىمنىڭ ياردىمىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان مەدرىستىكى ئوقۇشتىن توختاشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنى نەزەردە تۇتۇپ خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار كېينچىلىك بىر سۆھبەتتە «بىزنىڭ مەدرىستە ئالغان تەلىمىمىز ‹مەسابىھ› كىتابىدىن بىر ۋاراق ئوقۇشنىڭ نېرىغا ئۆتكەن ئەمەس» دەپ ئۆزىنىڭ مەدرىستە كۆپ ئوقۇيالمىغىنىنى تەن ئالغان. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «مەسابىھ» يەنى «مەسابېھۇس سۇننەن» ئەبۇ مۇھەممەد ئەل ھۈسەين ئىبىن مەئسۇد ئەل مەرۋەررۇدىي ئەل باغدادىي قەلىمىگە مەنسۇب ئەرەب تىلىدىكى ھەدىس كىتابى بولۇپ مەدرىسلەرنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدا ئوقۇتۇلاتتى. خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ مەدرىستە كۆپ ئوقۇيالمىغىنىنى نەزەردە تۇتقان مۇخالىپلىرى تەرىقەت پىشۋاسى بولمىغان چاغدىكى خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنى ئارقىسىدىن «سەھرالىق شەيخ» دەپ ئاتىشاتتى. چۈنكى خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار مىلادىيە 1404- يىلى تاشكەنتنىڭ باغىستان قىشلىقىدا تۇغۇلغان ئىدى.
         خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار مەدرىستىكى ئوقۇشتىن توختىغاندىن كېيىن مۇستەقىل ھالدا ئىلىم تەھسىل قىلىشقا كىرىشىدۇ.  زامانىسىنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن سەئىدىدىن كاشغەرىي، سەييىد قاسىم ئەنۋارىي، نىزامىددىن خامۇش (بۇ زات «ئۇلۇغبەگ خەزىنىسى» ۋە «باھادىرنامە» رومانىدا ئوخشاشلا مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ رەسەتخانا قۇرلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغان سەلبىي ئوبراز سۈپتىدە تەسۋىرلەنگەن)، خوجا سىراجىددىن پىرى چەشتىي، مەۋلانا ھۇسامىددىن شاشىي، خوجا ئالائۇددىن غىجدۇۋانىي، مەۋلانا ھۇسامىددىن پارسا بەلخىي، سىراجىددىن كۇلال پىرمەسىي، باھائۇددىن ئۆمەر، زەينىددىن خەۋافىي، دەرۋىش ئەھمەد (بۇ كىشىلەر ھەققىدە  نەۋايىنىڭ «مەجالىسۇننەفيىس» ئەسىرىدە مەلۇماتلار بار) قاتارلىق يېتۈك مۇتەسەۋۋۇپلارنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، ئىلىم - مەرىپەت سۆھبەتلىرىدىن بەھرىمان بولىدۇ. ھەتتا بىر كۈنى سەمەرقەنتنىڭ شەيخلىرىدىن بىرى خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرانرىڭ پەزىلىتى ۋە ئىلىمگە بولغان ئىشتىياقىدىن تەسىرلىنىپ سىڭلىسىنىڭ قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلماقچى بولۇپ مەۋلانا سەئىدىدىن كاشغەرىينى ئارىغا قويغاندا خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار ئۆزىنىڭ سەمەرقەنتكە ئۆيلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ چىرايلىق رەت قىلىدۇ.
         خوجا مۇھەممەد قازىينىڭ «سىلسىلەتۇل ئارىفىن» ناملىق ئەسىرىدە كەلتۈرلىشىچە، خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار ئۆز زامانىسى ئۈچۈن مۇتالىئە قىلىش شەرت بولغان قۇرئان كەرىم تەپسىرلىرى، ھەدىسلەر، فىقھىي، پەلسەپە، تەسەۋۋۇپ، شېئىرىيەت قاتارلىق ساھەلەردە  تۈركىي، پارىسى ۋە ئەرەب تىللىرىدىكى مەشھۇر ئەسەرلەرنى مۇتالىئە قىلغان ۋە تەرىقەتتىكى ئۇستازى ياقۇب چەرخيدىن ئىرشاتنامە ئېلىپ نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ پىر – مۇرشىدىغا ئايلانغان.
         شۇنچىلىك شۆھرەت قازانغان ۋە زامانىسىنىڭ خان، سۇلتانلىرىنى ئىتائىتىگە كىرگۈزۈپ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە سۆزلىرى ھۆججەت سۈپتىدە قوبۇل قىلىنىدىغان خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار «باھادىرنامە» رومانىدا ئۆز شەۋكىتىگە يارىشا ئىجابىي ئوبراز سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى بىلەن بىرگە يەنە تەرىقەت تەرغىباتىغا يات بولغان بەزى سۈپەتلىرىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، سۇلتان يۇنۇسخان، سۇلتان ئەھمەد مىرزا ۋە ئۆمەر شەيخ مىرزىلارنىڭ ئاداۋىتىنى دوسلۇققا ئايلاندۇرۇپ، بۇ ئۈچ ھۆكۈمراننى ئالدىدا تىزلاندۇرۇپ قويۇپ مەسلى – مەرۇپ قىلىغان خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرانرىڭ تىلىدىن مۇنداق بايانلار بېرىلىدۇ: «... سۈلۈككە كىرىپ، سۈلۈك پىشىۋالىرى بولمىش مەقامى ئەۋلىيالارنى پىر تۇتۇپ، ئۇلارنى رەھناما ئەيلەپ ياشىسا، قولىغا سەككىز جەننەتنىڭ ئاچقۇچىنى ئالغايلار، ھەقنىڭ دەرگاھى بولمىش خانىقالار ئۆزرە مەجلىسلەردىكى ھەلقە – سامالاردا زەبانىدىن ئاتەش كەبى ئېتىلىپ چىققان جەررىلەرنىڭ ساۋابىدىن ئاخىرەت يوللىرى نۇرلارغا كۆمۈلگەي» (1763 – بەت)...دېگەن بايانلار خوجا ئەھرارنىڭ مۇرشىدلىق سالاھىيىتى ۋە نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ تەلىماتلىرىغا خىلاپ.  چۈنكى كىشى شەرىئەتكە كىرمىگەنلىك بىلەن كاپىر بولۇدۇكى، تەرىقەتكە كىرمىگەنلىك بىلەن كاپىر بولۇش تۈگۈل گۇناھكارمۇ بولمايدۇ. تەرىقەت پىشىۋالىرى ھېچقاچان كىشىلەرنى تەرىقەت سۈلىكلىگە كىرىشكە جەلب قىلىش ئۈچۈن جەننەت ۋەدىلىرى بىلەن قىزىقتۇرغان ئەمەس. شۇنداقلا تەرىقەت سۈلىكىنىڭ تەلىماتلىرىدا پەقەت سۈلۈككە كىرگەن كىشىنىلا يىتەكلش باركى، ھەرگىزمۇ كىشىلەرنى سۈلۈككە كىرىشكە يىتەكلەش يوق. يەنە كېلىپ مەسچىتلەرلا ئاللاھنىڭ دەرگاھى (ئاللاھنىڭ ئۆيى) دەپ قارىلىدۇكى، خانىقالار ئاللاھنىڭ دەرگاھى ئەمەس، بەلكى تەرىقەت سۈلىكىگە كىرگەن كىشىلەر پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئادەتتىكى سورۇنىدۇر. يەنە كېلىپ نەقسىبەندىيە تەرىقىتى مەخپى سۈلۈك بولۇپ جەررە – ساما سېلىشنى چەكلەيدۇ (ئەگەر سۈلۈككە يېڭى كىرگەن كىشى بولسا بىر مەزگخل رۇخسەت قىلىدۇ). ھەرقانداق ئەۋلىيا – ماشايىخلارنى ئالالھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستە قىلىپ، ئۇلارنى «رەھنامە» دەرىجىسىدە جەننەتكە كىرىشتىكى ھېمايىچىگە ئايلاندۇرىۋىلىشمۇ نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ تەلىماتلىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.  (بۇ ھەقتە نەقشىبەندىيە ۋە يەسسەۋىيە تەرىقىتىنىڭ پىر مۇرشىدى يۈسۈپ ھەمەدانىينىڭ «ئەدەبىي تەرىقەت»، نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ پىر – مۇرشىدى خوجا ئابدۇخالىق غىجدۇۋانىينىڭ «خوجاگان نەقشىبەندىيە ماشايىخلىرى»... قاتارلىق ئەسەرلەردە يېتەرلىك مەلۇماتلار بار). شۇنداق بولغانىكەن خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار ھەرگىزمۇ يۇقىرىقىدەك نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ تەلىماتلىرىغا توغرا كەلمەيدىغان مەسلى – مەرۇپنى ھەرگىز قىلمايدۇ.
            يەنە «باھادىرنامە» دىكى خانزادە سۇلتان مەھمۇدخاننىڭ ئېتىكىدە توپا توشىتىدىغىنىنى ئالدىن كارامەت قىلغان ۋە راست دېگەندەكلا خانزادىنى شاھانە تونىنىڭ پىشىغا توپا ئۇسسۇپ كىرىپ چوغنى ئۆچۈرگۈزگەن خوجا ئۇبەيدۇللا ئىشان مۇرتلىرىغا قىلغان ئەمرۇ – مەرۇپىدا «ھەر بىر قەدىمىنى پىر – بۈزرۈكلەرنىڭ نامىنى زىكرى قىلىپ باسقۇچىلار، ھەر بىر ئىش – ئەمەللەرنى پىر – بۈزرۈكلەرنىڭ كېڭەش مەسلىھەتى بىلەن ئاتقۇرغۇچىلار، ۋە ئەۋلىيا ماشايىخلارنىڭ دەۋەتلىرىگە قۇلاق يوپۇرمىغانلار ھېچقاچان پۇشايمان لوقمىسىنى تېتىماس (1860-، 1861 – بەتلەر)» دېگەن بايانلار خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ تەرىقەت پىشىۋالىق سالاھىيىتىگە ۋە «باھادىرنامە» رومانىدىكى ئىجابىي ئوبرازىغا ماس كەلمەيدۇ. يەنە كېلىپ مەيلى نەقشىبەندىيە بولسۇن، ياكى يەسسەۋىيە بولسۇن، تەرىقەت يولىغا كىرگەن كىشى پىرىنىڭ نامىنى زىكرى قىلىشقا ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ نامىنى زىكرى قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. ھەر بىر قەدىمىنى ئاللاھنىڭ نامىنى زىكرى قىلىپ بېسىشقا تەرغىپ قىلىنىدۇكى، ھېچقاچان پىر – بۈزۈكىنىڭ نامىنى زىكرى قىلىپ بېسىشقا مەجبۇرلانمايدۇ. يەنى تەرىقەت يولىغا كىرگەن كىشىمۇ ھەر بىر قەدىمىنى «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» (ناھايىتىمۇ شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن) دەپ باسىدۇكى، ھەرگىزمۇ «بىسمىل پىرى سۇلتانىم» ياكى «بىسمىل بۈزرۈكى ئىشانىم» ۋە ياكى «بىسمىل مۇرشىدىي ئەۋلىيارىم» دەپ باسمايدۇ. شۇڭا خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ مۇرىتلىرىنى پىر – بۈزرۈك نامىنى زىكرى قىلىشقا بۇيرۇشى شەرىئەت ھۆكۈملىرىغىمۇ ۋە تەرىقەت ئەھكاملىرىغىمۇ خىلاپتۇر. شۇڭا شەرىئەت تەلىمى ۋە تەرىقەت سۈلىكىدە كامالەتكە يەتكەن پىر مۇرشىد بولمىش خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ بۇنداق نە شەرىئەتكە، نە تەرىقەتكە چۈشمەيدىغان، كەسكىن ئېيتقاندا ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈش دەرىجىسىگە بېرىپ قالىدىغان « ھەر بىر قەدىمىنى پىر – بۈزرۈكلەرنىڭ نامىنى زىكرى قىلىپ باسقۇچىلار...» دېگەن ئىبارىنى تىلغا ئېلىشىنى ئەقىل تەقەززاسى كۆتۈرمەيدۇ.
              «باھادىرنامە» رومانىدا سۇلتان ئەھمەد مىرزا بەگلىرىنىڭ چىڭ تۇرىۋىلىشى بىلەن ئىككىنچى قىتىملىق تاشكەنت يۈرىشىگە ئاتلىنىپ مەغلۇب بولۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ خانىقاسىغا سالامغا كىرگەندە خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ سۇلتانئەھمەد مىرزىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن تىلىنىڭ ئۇچىغا كەلگەندە يۇتىۋەتكەن:  «بۈزرۈكۋارنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سالمىغان مۇرشىدنىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇنداق بەتتەر بولىدۇ...» (1853 –بەت) دېگەن سۆزىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان. يەنى، تەرىقەت پىشىۋالىرى بۈزرۈك دەپ ئاتالمايدۇ، بەلكى مۇرشىد دەپ ئاتىلىدۇ. تەرىقەت پىشىۋالىرىغا قول بەرگەنلەر مۇرشىد دېيىلمەيدۇ، بەلكى مۇرىت دېيىلىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار مۇرشىد، سۇلتان ئەھمەد مىرزا مۇرىت دەپ ئاتالسا توغرا بولاتتى.
           ئۆز دەۋرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتىدا چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن بولغان خانلار، تېمۇرىيزادە مىرزىلار ۋە دەشتى قىپچاق سۇلتانلىرىنىڭ ئابرۇيىدىنمۇ نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولغان خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار ھەققىدە يېزىلغان كىتابلارنىڭ بىرى مەۋلانە ھۈسەين ۋائىز كاشىفىينىڭ «رەشەھاتۇل ھەيات» ناملىق ئەسىرى بولۇپ، مەزكۇر ئەسەردە خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ بوۋىسى خوجا شاھابىددىن شاشىينىڭ ۋاپاتىدىن ئالدىن بالا – چاقىلىرى بىلەن رازىلىق ئېلىۋاتقان پەيتىدە سوپىلاارنىڭ كىيىمىگە يۆگەپ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەن كىچىك ئۇبەيدۇللاغا قاراپ: «بۇ بالا كېلەچەكتە دۇنيانى ئىلكىگە ئالىدۇ، شەرىئەتنى كۈچلەندۈرۈپ تەرىقەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ھۆكۈمدارلار ئۇنىڭ ھۆكۈمىگە بوي سۇنىدۇ، ئىلگىرى ياشىغان بارچە شەيخلەر كۆرسىتەلمىگەن كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ⑥
          خوجا ئۇبەيدۇللا ئەھرار ھەققىدە كۆپلىگەن ئەسەرلەردە مەلۇماتلار مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ كۆپى خەلىپىلىرى ۋە مۇرىتلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان. ئەمىر ئابدۇلەۋۋەلنىڭ «مەسمۇئات»، مۇھەممەد قازى سەمەرقەندىينىڭ «سىلسىلەتۇل - ئارىفىن ۋە تەزكىرەتۇس - سىددىقىن»، فەخرىددىن ئەلى سەفىينىڭ خوجا ئەھرارغا مەخسۇس بېغىشلاپ يازغان «رەشەھات ئەينۇل - ھەيات»، مەۋلانا شەيخنىڭ «مەناقىبى خاجە ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار»، مۇھەممەد ئەمىن كەركىينىڭ «مەلفۇزاتى ئەھرار» قاتارلىق ئەسەرلىرى شۇلار جۈملىسىدىندۇر.
              15  - ئەسىردە ياشاپ ئىجاد ئەتكەن يەسسەۋىيە شەيخى ۋە ئەدىبى سۇلتان ئەھمەد ھەزىنىي ئۆزىنىڭ «جەۋاھىرۇل - ئەبرار» ئەسىرىدە باشقا كۆپلىگەن ماشايىخلار قاتارى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ مۇرشىدى خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار ھەققىدىمۇ ئالاھىدە توختالغان. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ يەسسەۋىيە ئىزدىشى شەيخ خادىم بىلەن دوست بولۇپ، كېچە - كۈندۈز ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ يەسسەۋىي شەيخلىرى بىلەن نەقەدەر سەمىمىي ۋە دوستانە مۇناسىۋەتلەردە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار مۇھەممەد زاھىد، مۇھەممەد ئەبدۇللاھ خاجەگىي (ئوغلى) مۇھەممەد قازى كەبى خەلىپىلىرىگە ئىجازەت بەرگەن. مىر ئەبدۇلەۋۋەل، فەخرىددىن ئەلى ئىبنى ھۈسەين ۋائىز كاشىفىي، مەۋلانا شەيخ، سەييىد ئەلى كۇردىي مەقتۇل، ئىسمائىل شىرۋانىي مەۋلانازادە ئوترارىي، ئىسايى فازىل بۇخارىي، شەيخ ئەختا قاتارلىق ئىلغار مۇرىتلارنى تەربىيەلىگەن. خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ بىزگە قەدەر «فىقەرات»، «رىسالەئى ھەۋرائىيا»، «رىسالەئى ۋالىدىيا»، «رۇقەئات» («مۇرەسەلات») قاتارلىق ئەسەرلىرى يېتىپ كەلگەن.
            خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار سەمەرقەنتنىڭ ھازىرقى ئۈرگۈت تۈمەنىدىكى كەمانگەران قىشلىقىدا ھىجرىيە 895 (مىلادىيە 1490) - يىلى رەببۇئۇل ئەۋۋەل ئېينىڭ يىگىرمە توققۇزىنچى كۈنى ئۇزاق داۋام ئەتكەن كېسەللىك سەۋەبىدىن 86 يېشىدا ۋاپات بولۇپ خوجا كەفشىر (كەفشىي) مەھەلىسىگە دەپنە قىلىنغان.







ــــــــــــــــــــــ
① باتۇرخان ۋەلىخوجايىۋ: «بۈيۈك مەنىىۋي مۇرشىد»، تاشكەنت، 2004 – يىل نەشرى، مۇقەددىمە.
② ئۆزبېكستان رېسبۇبلىكىسى پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى تىل ۋە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى «ئالتۇن مىراس» خەلقئارا خەيرىيەت جەمغارمىسى (ئۇيۇشمىسى) 2003 - يىلى تاشكەنتتە نەشىر قىلغان ئابدۇلخالىق غىجدۇۋانىي قەلىمىگە مەنسۇب بولغان«مەقاماتى يۈسۈف ھەمەدانىي» ناملىق رىسالىگە قارالسۇن.
③باتۇرخان ۋەلىخوجايىۋ: «بۈيۈك مەنىىۋي مۇرشىد»، تاشكەنت، 2004 – يىل نەشرى، 1- بەت.
④ ھەمىدخان ئىسلامى: «سۇلتانۇل ئارىفىن خوجا ئەھمەد يەسسەۋىي»، «بۇلاق» 2011 – يىل 1- سانىغا قارالسۇن.
⑤باتۇرخان ۋەلىخوجايىۋ: «بۈيۈك مەنىىۋي مۇرشىد»، تاشكەنت، 2004 – يىل نەشرى،  2-، 3- بەتلەر.
⑥ ئىليار كەرىموۋ: «خوجا ئەھرار ھاياتى ۋە پائالىيىتى»، تاشكەنت، 2003 – يىل نەشرى، 13 – بەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-18 18:21  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-18 20:13:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىڭىزنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم، خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭىز تولىمۇ ئەتىراپلىق بوپتۇ، ئەجرىڭىزگە بارىكاللا! ئوقۇغان كىشىگە ھەقىقەتەن نەپ بىرەلەيدىكەن، تەتقىقاتلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2014-7-18 21:15:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشىڭىز ئۇتۇقلۇق بوپتۇ.كىيىنكى ئىجادىيتىڭىزگە نۇسرەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-7-20 13:33:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى مەنىسىكى تەتقىقات بوپتۇ بەگزات  ئىنىمنىڭ ئىزدىنىشچان روھىغا بارىككاللا

ۋاقتى: 2014-7-21 17:01:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى ‹‹ئۇلۇغبەگ›› ناملىق ئەسەردە خوجا ئەبەيدۇللا ئەھرارنىڭ نامىنى تۇنجى ئاڭلاپ ۋە ئۇلۇغبەگنىڭ ئۆلۈمىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى كەنجى ئويغىنىش دەۋرىنىڭمۇ ئاياغلىشىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان بۇ ئىشاننى  تا مۇشۇ ماقالىنى ئوقۇغانغا قەدەر قەلبىمدە ئون يىلغا يېقىن  ئاپاق خوجا قاتارىدا لەنەتلەپ كەلگەنىدىم. قارىغاندا بىر قىسىم تارىخىي شەخسىلەرگە توغرا باھا بەرمىگەندەكمۇ قىلىمىز...
ئۇنداقتا،  ئىشان خوجا ئەبەيدۇللا ئەھرارنىڭ ئۇلۇغبەگنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقانلىقى يالغانمۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-21 18:57:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈسۈفىي يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 17:01
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى ‹‹ ...


  مەن شۇنچە ماتېرىيال ئاختۇرۇپمۇ خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ مىرزا ئۇلۇغبەگنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقانلىقى ھەققىدە بىرەر مەلۇات ئۇچراتمىدىم.  پەقەت ئۆزبېكستان يازغۇچىسى ئادىل ياقۇپۇۋنىڭ «ئۇلۇغبەگ خەزىنىسى» ناملىق رومانىدا خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ مىرزا ئۇلۇغبەگنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقانلىقىدەك ۋەقەلىك بار. لېكىن تارىخىي رومان ھەقىقىي تارىخى ھېسابلانمايدۇ.
          «ئۆزبېكستان ئەدەبىيات سەنئىتى» گېزىتىنىڭ 2009 - يىللىق 28 - سانىدا «ئۇلۇغبەگنىڭ ئاسترونومىيە مەكتىۋى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدە ئۇلۇغبەگنىڭ 1420 - يىلى سەمەرقەنتتە رەسەتخانا سالدۇرغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دەرۋىشلەر ئۈچۈن سەمەرقەنتتە ئاجايىب ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل ئىمارەتلىك خانىقاھ سالدۇرۇپ بەرگەنلىكىگە دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن. شۇنداقلا بەزى روھانىيلارنىڭ ئۇلۇغبەگ ھەققىدە بولمىغۇر پىتنە - پاساتلارنى تاقاتقانلىقى يېزىلغان. لېكىن خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ ئۇلۇغبەگ ھەققىدە بىرەر يامان چۈشەنچىدە بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىرزا ئۇلۇغبەگ ھۆكۈمرانلىق قىلغنا دەۋردە تاكى مىرزا ئۇلۇغبەگ ۋاپات بولۇپ بىر نەچچە يىللاردىن كېيىن سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا سەمەرقەنت تەختىگە چىققۇچە خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار سەمەرقەنت ۋى ھىراتلاردا سەئىدىدىن كاشغەرىي، ئابدۇراھمان جامىي قاتارلىق ئالىملاردا ئىلىم تەھسىلى بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى ئىشەنچلىك ماتېرىياللاردا قەيت قىلىنغان.
           2004 - يىلى تاشكەنتتە نەشىر قىلىنغان باتۇرخان ۋەلىخوجايىۋنىڭ «بۈيۈك مەنىىۋي مۇرشىد» ناملىق كىتابى بىلەن 2003 - يىلى تاشكەنتتەنەشىر قىلىنغان  ئىليار كەرىموۋنىڭ «خوجا ئەھرار ھاياتى ۋە پائالىيىتى» ناملىق كىتابىدا خوجا ئۇبەيدۇلللاھ ئەھرارنىڭ ئۇلۇغبەگنىڭ ئۆلۈمى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدە ھېچقاندقا ئۇچۇر بېرىلمەيدۇ. يەنە كېلەپ ئۇلۇغبەگ 1449 - يىلى ئۆلتۈرۈلگەن. ئىليار كەرىموۋنىڭ «خوجا ئەھرار ھاياتى ۋە پائالىيىتى» ناملىق كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ سىياسىي پائالىيىتىنىڭ 1454 - يىلىدىن كېيىن باشلانغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھراردەك شەرىئەت ئۆلىماسى ۋە تەرىقەت پىشىۋاسىدىن مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ ئوغلىنى ئاتىسىغا دۈشمەن قىلىپ، ئوغلىنىڭ قولى ئارقىلىق ئۆز ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈشكە كۈشكۈرتىشتەك نالايىق ئىشنىڭ سادىر بولۇشى ئەمەلىيەتكىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
         خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ ئۇلۇغبەگنىڭ ئۆلۈمىگە قاتناشقانلىقى پەقەت «ئۇلۇغ خەزىنىسى» رومانىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن توقۇلغان بىر توقۇلما ۋەقەلىك بولسا كېرەك.   ئۇنداق بولمىسا ئۇلۇغبەگنى مىللەتنىڭ سىمىۋولى قىلىپ، تاشكەنت دۆلەتلىك مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتنى ئۇلۇغبەگنىڭ نامىدا ئاتاپ، ئۇلۇغبەگنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئۆزبېكلەر ئۇلۇغبەگنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەبچى بولغان خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار نامىغا  «بۈيۈك مەنىۋىي مۇرشىد» دەپ كىتابلارنى يېزىپ، سوۋىتلەر دەۋرىدە چاپلانغان تۆھمەتلەرنى ئاغدۇرۇپ يۈرمەستى.  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-4 13:18  


ۋاقتى: 2014-7-21 19:43:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگزات يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 18:57
مەن شۇنچە ماتېرىيال ئاختۇرۇپمۇ خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھ ...

ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىلمىي ئەمگەك بوپتۇ. ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
.......
مۇشۇ  تەسەۋۋۇپ ئىلمىنىڭ گېپى چىقسىلا، ھەممەيلەن قاراقويۇق ھالدا ھىدايىتۇللا ئىشان(ئاپپاق خوجا)نىڭ قىلمىشىنى تۇتۇۋېلىپلا، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، سوپىلار ئۇنداقەي، سوپىلار مۇنداق دەپ كېتىشلىرى پەقەتلا ئەقلىمگە سىغمايتتى... ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىككى يۈزى بولغىنىدەك ھەقىقەتنى، مۇشۇ تەرىقەت،تەسەۋۋۇپقا كەلگەندە شۇنىڭغا باغلاپ چۈشەنمىگەنلەردىن ھەيرانمەن..
......
كاللامدىكى نۇرغۇن چىگىشلەر سىزنىڭ بۇ ئەمگىكىڭىز ئارقىلىق مەلۇم تەسەللى تاپتى دېيىشكە ھەقلىقمەن...
ئامان بولۇڭ ئىنىم! تەتقىقاتىڭىز توختاپ قالمىسۇن. ئىلىمىي ئەمگەكلەر ئۈزۈلمىسۇن!

ۋاقتى: 2016-6-5 02:30:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار ھەققىدىكى ئىزدىنىش تولىمۇ ئەتراپلىق ، ئۇتۇقلۇق بوپتۇ، مۇشۇنداق ياخشى ئىزدىنىشلەر يەنىمۇ چوڭقۇرلىغاي .

ۋاقتى: 2016-6-6 12:57:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ ياكى تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارغا پىكىر قاتناشتۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلساممۇ، مەزكۇر ماقالىدىن ئاز بولمىغان يېڭىلىقلارغا ئىرىشتىم.

ۋاقتى: 2016-6-6 14:14:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئوقۇرمەنلەرگە  تارىخى ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندا سېلىشتۇرما تەتقىقاتلىق روھنى ھازىرلىيالمىسىمۇ،  چوقۇم مەسئۇلىيەتچان ئوقۇرمەن بولۇش  كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرىۋاتقان  ماقالە ئاپتورىغا رەھمەت.
     مەن 15 يىل بۇرۇن فىكرەتنىڭ ‹‹ تەسەۋۋۇپ›› دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ چوڭقۇر ئويلارغا پاتقان بولسام، يېقىندا جالالىدىن رۇمى ۋە ئەھمەت يەسەۋى ھەققىدىكى كىتابلارنى ئوقۇپ يەنە بىر قېتىم ئويلاندىم. ھەتتا بۇرۇن ئوقۇغان نۇرغۇن تارىخى رومانلاردىكى ۋەقە ۋە سىمالاردا توختاپ قالدىم..

ۋاقتى: 2016-6-6 15:06:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىسىل ماقالىنى ساقلىۋېلىپ قايتا ئوقۇيمەن .ماقالە ئاپتورىغا رەھمەت.

ۋاقتى: 2016-6-6 15:06:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىسىل ماقالىنى ساقلىۋېلىپ قايتا ئوقۇيمەن .ماقالە ئاپتورىغا رەھمەت.

ۋاقتى: 2016-6-9 13:04:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى تەپسىلىىي ئوقۇۋېتىپ،  جالالىدىن رۇمى ۋە ئەھمەت يەسەۋى ھەققىدىكى كىتابلارنى قايتا ئوقۇپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش