جۇنۇنلۇق غەرزىدىن دىلخۇش زامان كەلمىش،
رەقىبلەر قەستىدىن باشىم ئامان كەلمىش.
قاشىڭ مىھرابىدا گۈلگۈن شاراب كۆردۈم،
ئاياۋسىز كۆز ئۇرۇشلاردىن قىيان كەلمىش.
گەدالىق شەۋكىتى دەۋران سۈرەر بولسا،
ئىتائەت بۇرجىدىن دەۋرەپ جاھان كەلمىش.
سىياقىڭ سۈلكىتى غەمدىن قىلۇر سەۋدا،
ئاياغىڭ تەكتىدىن سەرسان ماكان كەلمىش.
ئېشق مەيزابىدىن بىر جام ئىچەر بولسام،
بىھۇشلۇق زەۋقىدىن مىڭ جان شۇئان كەلمىش.
پىراقىڭ زۇلمىدىن كۆلبەم زاۋال تاپسا،
تەمەننا قىلغالى جانان بۇيان كەلمىش
مەگەر بەگزات خىيانەتتىن دىۋار قۇرغاي،
سامالار لەرزىدىن قاپلاپ پىغان كەلمىش.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-17 14:22