يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2850|ئىنكاس: 20

قۇياش:«ھەل قىلىش» پاجىئەسى (پوۋېست)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                  
                           «ھەل قىلىش» پاجىئەسى

                                                                 (پوۋېست)

                                                              مەمتىمىن قادىر

                                                                     1

  باش باھار .
  ياز پەسلىنىڭ ھارارەتلىك قەدىمىگە يول باشلاپ بارا-بارا جەنۇپقا سۈرۈلۈۋاتقان غەربىي شىمال شامىلى تۈنجى بولۇپ تەبىئەت بىلەن تەبىئەتتىكى جانلىقلارنىڭ  تومۇرىنى تۇتاشتۇرۇپ  پۈتۈن كائىناتنى ياراتقۇچى ئانا زىمىننىڭ توڭىنى ئېرىتىشى بىلەن تەڭ  يەردىن  بوشانغان  چىرگەن غازاڭلار  ھەر يان  ئۇچۇپ ، يۇيۇنماقچى  بولغاندەك ئەگىز  سۇلىرىغا ئۆزىنى ئېتىشماقتا .  قىر-قېرىملاردىكى ئاندا-ساندا كۆزگە چېلىقىدىغان يالڭاچلىنىپ قالغان دەرەخلەر ۋە ئۇنىڭ كۆتمەك شاخلىرىدا ئوسا يەرلەردىكى تاپقا تەشنا بولغان ھالدا ئاچلىقتىن ھالسىراپ ئولتۇرغان قارا قاغىلار شۇ قەدەر كۆرۈمسىز ئىدىكى ، كشىلەرنىڭ  ھۈركۈتۈپ ۋارقىراشلىرىغا ، چالما  ئېتىپ  قوغلاشلىرىغا قىلچىمۇ پەرۋا قىلماي ھاياتلىقتىن ئۈمۈدىنى ئۈزگەندەك ئەنسىز قاقىلداشماقتا.
  ئېرىقلارنى  رىمنۇت قىلىش ، ئېتىز  قىرلىرىنى قاشالاش ، يەرگە ئىشلەش  قاتارلىق  تېرىقچىلىق تەييارلىقلىرىنى بىرەر قۇر قىلىپ بولۇپ،خېلى كۈنلەردىن بىرى پەقەت ئوسا سۈيىگىلا قاراپ قالغان تەڭرىتاغنىڭ   جەنۇبى   چىتىدىكى   بوستان   مەھەللىسدە   كىشىلەر  مارت  ئيىنىڭ   ئاخىرقى سەھرىدىكى تەنلەرنى شۈركەندۈردىغان سوغۇقىدا چاپانلىرىنىڭ  ياقىسنى ئۆرۇپ ، تۇماقلىرىنى چۆكۈرۈپ ئۆستەڭ بويىدا،سۇ كويىدا توپ-توپ بولۇشۇپ تۇرۇشماقتا.
  چار يىلاندەڭ تولغاشقان كەنىت  تاشيولىدىن قويۇق توپا توزۇتۇپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ماشىنا كەينىدىن تاپ باسۇرۇپ ، توپا-چاڭ ئارسىدا بىر  كۆرۈنۈپ بىر كۆرۈنمەي ، ئۆزىنى خۇددى كۆكتە بۇلۇت يېرىپ ئۇچۇۋاتقان ئايرىپىلاندا ھوزۇرلىنىپ  ئولتۇرۇۋاتقاندەك قىياپەتتە موتو-سىكلىتىنىڭ ئارقىسىغا   سۇ   كادىرىنى مىندۈرۋېلىپ  كېتىپ  بارغان  كەنىت   سېكىرتارى  ئابلەتنى   كۆرگەن پاتەمخان قولىدىكى سۈپۈرگىنى تاشلاپ،يۈگۈرگەن  پېتى ھويلىغا كېردى ۋە نەچچەكۈندىن بىرى  كېۋەز تېرىيدىغان  يەرلەرنىڭ ئوسا  ۋاقتىنىڭ  ئۆتۈپ  كېتىۋاتقانلىقىدىن جىلە بولۇپ ، ھويلىدا ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈرگەن سەمەتاخۇننى كۆرۈپلا خۇددى بىر كاللەك ئالتۇن تېپىۋالغاندەك، ئاغزى-ئاغزىغا  تەگمەي سۆزلەپ كەتتى.
  ـــ ھوي دادىسى،قارسىلا شاڭجاڭنىڭ ماشىنسى كىتىۋاتىدۇ،سۇ توغرىسدىن كەلدىمىكىن.
  ـــ ھەي ئەخمەق خوتۇن ، سەن نېمىنى بىلەتتىڭ  ؟  ئۇ  مەھەلىمىزدىكى ياسىن كىراكەشنىڭ ماشىنىسىمىكىن،ـــ دېدى سەمەتاخۇن ئايالىنىڭ گىپگە ئىرەنشىمگەندەك قىياپەتتە.
  ـــ مەن بىلمەي قالاتتىممۇ شاڭجاڭنىڭ  ماشىنىسنى ، ئارقىسىدا زاپاس چاقى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرسا،تىزراق يەڭلىرىنى سېپىپ،بېرىپ باقسىلا ـــ دېدى تامدىكى مىخقا ئېسقلىق چاپاننى ئېلىپ  سەمەتاخۇننىڭ ئۇچىسىغا ئارتىۋاتقان پاتەمخان .
  سەمەتاخۇن ھويلىنىڭ بۇلۇڭىدىكى كونىراپ قالغان  ۋېلىسپىتىنى مىنىپ كەنىت قورۇسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ھەر كەلگەندە ئابلەتتىن تىگىشلىك«نېسىۋىسى»نى ئېلىۋېلىپ كۆڭلى تىنغاندىن كېيىن  كەنىت  قورۇسىغا  بېرىشقا  ئادەتلەنگەن  ساشاڭجاڭ   شۇ   ئەنئەنۋى  ئادىتىنى  ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئىھتىياجىدىن، ھېلى تېخى زاپاس چاق  چاپلانغان « ئارقا ئىشكى »  تىمساقنىڭ ئاغزىدەك   يوغان   ئېچىلغان   ھالدا   ئابلەتنىڭ   دەرۋازىسى   ئالدىدا   توختىغان   ماشىنسى سەمتاخۇننىڭ  كەنىت  قورۇسىغا  كېلىشىگە  ئۇلىشىپلا كەلدى . قورسىقى سامان تىققان خالتىدەك پوميايغان   ، سوغۇق  ئانچە  بوشىمىغان  بولسىمۇ   كۆينەك ئۈستىگە  يېلىڭ  چاپان  كىيىۋالغان ، كۆينەكنىڭ تۈگمىللىرى ھېلىلا ئۈزۈلۈپ كېتىدىغاندەك  ئىككى  پىشىنى  ئاران ئۇلاشتۇرۇپ تۇرغان، ھەر   ئىككى  تۈگمە ئارسىدا  چىڭدالغان  ئىتى  بىلنەر-بىلىنمەس  كۆرۈنۈپ  قالغان ساشاڭجاڭ پارقىرتىپ مايلانغان خۇرۇم ئايغىنىڭ توپا بۇلۇپ كېتىشىدىن قۇرقۇپ،ماشنىدىن  پۇتنىڭ  ئۇچىدا  چۈشۈپ،پاچىقىغا لاتا  چىگىلگەن  تۆت  كۈنلۈك تەخەيدەك   ئېھتىيات  بىلەن دەسسەپ،بىر قانچە دېھقان ۋەكىلى ۋە كەنىت كادىرلىرى تۇرغان جايغا كەلدى .
   ـــ ھە،نېمە ئىش ئىدى ئۇ،نەچچە كۈندىن بىرى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بۇنچە توپلۇشۇپ بېرىپ مېنى ئىزلەپ دېگۈدەك؟ـــ دېدى ساشاڭجاڭ ئالدىدىكى ئابلەتقا ئىڭكىنى شىلتىپ.
   ـــ يەرلەرنى بىر ئوسا قىلۋالساق،شۇ سۇنى قاچان بىردىغاندۇ بىزگە دەپ... ـــ  دۇدۇقلدى سۇ توغىرىسىدا گەپ قىلىپ ساشاڭجاڭدىن كۆپ قېتىم دەككىسىنى يىگەن ئابلەت.
   ـــ مەن ساڭا دېگەنغۇ،بۇ يىل  يېزىمىزغا  يۇقىردىن بەرگەن سۇ ئاز، شاخ-قوزۇق پۇلى يىغىپ قوي،غول ئۆستەڭنىڭ ئاغزىنى توسۇپ،سۇنى ئاۋۇتمىساق بولمايدۇ،دەپ. كۈندە دېھقانلىرىڭنى ئەگەشتۈرۈپ ، قۇرۇق قول  كىلىپ مېنى  ئىزدىسەڭ مەندىن سۇ  چىقاتتىمۇ  ؟  سۇنىڭ كىلىش-كەلمەسلىكى ئۆزەڭنىڭ دىتىغا باغلىق! بىلىپ قوي« يىغلىغنىڭغىلا ئەمچەك سالدىغان » زامان كەلمەسكە  كەتتى  ،    ھازىر چۇ « بىكارغامۆشۈك ئاپتاپقا چىقمايدىغان » زامان بۇ  ! سۇ ، سۇلا دەيدىغان،سېنىڭكىدەك تەپسە تەۋرىمەيدىغان قەلەندەر كەنىتتىن بىر قانچىسلا قالدى،ئەمدىغۇ گېپىمنى چۈشەنگەنسەن،ـــ مەقسىدىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خېلىلا چىڭقالغان ساشاڭجاڭ شوپۇرى تەڭلىگەن«قىزىل كالا»ئىچىملكىدىن غورتۇلدىتىپ بىرقانچىنى يۈتۈۋالدى.
  ـــ چۈشەندىم شاڭجاڭ،چۈشەندىم.مەن بۈگۈنلا ئۇرۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ئىددىيسنى ھەل قىلىپ، قاشلىرىغا ئەمدى سۇ دەپ بارمايدىغان قىلىۋېتىمەن،ـــ دېدى ئابلەت قول باغلاپ،بەللىرىنى يادەك ئېگىپ،بېشىنى پوق چوقۇۋاتقان توخۇدەك گىلدىڭشىتىپ.
   ـــ نېمىنى چۈشەندىڭ،نېمىنى! ھەي مىڭسىنى قاغا چوقۇۋالغان ئەبگا،خىزمەت قىلىشنىڭ يولىنى بىلەمسەن ـــ يوق؟ مەن ساڭا سۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسنى كۆرسىتىپ قويدۇم، ماۋۇ خىزمەتنى يەنە ئىشلىگىڭ بولسا، يولىنى ئۆزۈڭ قىل !     
     ـــ مېنىڭ سىلىگە دېگەن ھېلىقى ئىشمىنى ...،ـــ ساشاڭجاڭ ئابلەتقا قايناپ بولۇپ ئارقىغا  ئۆرۈلۈپ بىر چامدىشغىلا كەينىدىن تەڭ چامدىغان ئىمام  ئاخۇنۇم شۇنداق دەپ ئېغىز ئېچىشى بىلەن تەڭ جىلە بولغان ساشاڭجاڭ ئۇنىڭ گېپىنى بۆلدى.
     ـــ سىلىمۇ جامائەتكە باش بولۇپ  مېھراپتا ئۇزۇنراق ئولتۇراي دېسىلە،سۇ ھەل قىلىش ئىشىدا ئابلەتكە يېقىنراق تۇرسىلا،ئۇ ئىشلىرىنى بۇ قېتىمقى ئىپادىللىرىگە قاراپ ھەل قىلىمىز.      جىلىچىلىكتە قانسىرغان ئۆپىكدەك قىزارغان ساشاڭجاڭ ئايغىنىڭ توپا بولۇشىنمۇ ئىسدىن چىقىرىپ ، ئوسىلىققا قونغان قاغىدەك ئېغىناپ مېڭىپ ماشىنسغا چىقىپ ئىشكىنى ياپتى.ئابلەت بىلەن ئىمام ئاخۇنۇممۇ ئانسىغا چېتىپ قويغان ئوغلاقتەك شاڭجاڭغا ئەگىشىپلا ماشىنا ئىشكىگەبېرىپ بولغان ئىدى.ئۇلار پەسكە چۈشۈرۈلگەن  ماشىنا ئەينىكىدىن  بېشىنى تىقىپ،شاڭجاڭ بىلەن بىر نىمىلەرنى دىيشىتى ۋە ئەتە ئىشخانسدا كۆرشىدىغانلىقىنى پۈتۈشۈپ خوشلاشتى.    شۇ تاپتا ئابلەت ئاممىغا پەش قىلىپمۇ،يالۋېرىپمۇ  ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان تاتلىق خىياللىرىنى مانا ھازىر ساشاڭجاڭنىڭ ئۆز ئاغزى ئارقىلىق  دېھقانلارغا، بولۇپمۇ ئاشۇ كۆزىگە  مىخ بۇلۇپ قادالغان سەمەتاخۇن قاتارلىق بىر نەچچە كۆكەرمىگە يەتكۈزەلىگەنلىكىدىن خۇشال ئىدى.
     ـــ مانا دېمدىممۇ ، شاڭجاڭنىڭ تىلى ھالال دە بىزگە . سىلەرگە ئازراق بىر نەرسە يىغىش قىلىپ،سۇنى ھەل قىلىش توغرىسىدا تولا سۆزلەپ ئاغزىمنىڭ بىر قات تىرىسى چۈشۈپ كېتەيلا دېدى،ئەمدىغۇ  ئىشەنگەنسىلەر؟ ھازىر دېگەن زامان  شۇنداق.ئاشۇ ئاياغ كەنىنتىكى قاسىم جېنىدا يېزىدىكىلەرگە ئوغلاق گۆشىدە كاۋاپ قىلىپ،ئۇنىڭغا يانداپ  ھەرقايسىنىڭ چۆنتىكىگە ئاز-راقتىن  بىر  نەرسە  تىقىۋەتكەچكە  مانا  ھازىر  يەرلىرى  كىلىشىپ  قوش  سالدى،بىزمۇ شۇنداق قىلايلى دېسەم تۆت پۇتۇڭلار ئۆرە تۇردى،ـــ دېدى ئابلەت ئۆزىنىڭ خىيالىنى دەلىللەپ.
  ئەمما بۇ رېئاللىق ئىددىيسدىن ئۆتىمىگەن ، توپا  يەردە  زوڭ  ئولتۇرۋالغان سەمتاخۇن  بېگىز بارمىقى بىلەن بىر تەرەپتىن يەرگە يېزىپ بىر تەرەپتىن ئۈنلۈك ھېسابات قىلىشقا باشلىدى.
    ـــ  سۇنى  ئىشلەتكەنلىكىمىزگە سۇ  ھەققى بىرىۋاتىمىز ، يەنە سۇنىڭ راۋان  ئېقىشى  ئۈچۈن ناھيىنىڭ، يېزىنىڭ چوڭ ئۆستىڭىنى، كەنىتنىڭ ئېرىقىنى چېپىۋاتىمىز.دېمەك،بىز سۇنى ئاللا بۇرۇن ھەل قىلغاچقا ئېرىقتا پولدوڭشىپ ئېقىۋاتمامدۇ ئەنە! يەنە نېمىنى ھەل قىلماقچى سەن؟
   ـــ ئالدىنقى  قېتىممۇ  سەن  مۇشۇنداق  كوتۇلداپ يۈرۈپ   سۇ ئارقىغا سۈرۈلۈپ كەتتى،  ـــ  دېدى ئابلەت قولىنى شىلتىپ .
    ـــ سەن شۇنداق كۆندۈرۈپ قويغاچقا يەنە بىر نەرسە تەمە قىلىپ،ئارقىغا سۈرۈلىدۇ بۇ يۈزى قېلىن سۇ! ـــ دېدى سەمتاخۇن زەردە بىلەن .
   ـــ كەنىتتىن بەرگەن«ئۈچ پىشقەدەم»لىك پۇلىنى،قۇتقۇزۇش پۇلىنى ئېلىشنى بىلسەنۇ،ئالغابېسىش ئۇياقتا تۇرسۇن،ئازراق بىر نەرسە بەر دېسە تۆشۇڭنى چىقىرىپ،قېرى ئىشەكتەك ئارقىغا تىرەجەپلا تۇرسەن،زادى نېمە دېمەكچى سەن! ـــ ۋارقىردى ئابلەت سەمتاخۇنغا ئېتىلىپ.
    ـــ ئۇ پۇلىنى بىزنى خەجلىسۇن دەپ ھۆكۈمەت بەرگەن،ئابلەتنىڭ  سۇ ھەل قىلشى ئۈچۈن بىرىڭلار دېمىگەن!  ـــدېدى سەمتاخۇن ئۆز گىپىدە چىڭ تۇرۇپ، ـــ نېىمشقا بەرگۈدەكمەن،  ئۇنىڭسزمۇ ھەر  قېتىم سەن چاڭگىلىڭ  تولغۇدەك  تۇتۇۋېلىپ،ئاشقىنىنى  بېرسەنغۇ.
   ـــ چىدىيالمىغان بولساڭ يەرنى كەنىت كوللىكتپىغا تاپشۇرۇپ،بۇ مەھەلىدىن يوقال !  ـــ ۋارقىرىغان ئابلەت سەمتاخۇننىڭ دولىسدىن زەردە بىلەن ئىتتىرۋەتتى.
   ـــ  ئۇنداق  ئاسان  ئىش  يوق  ! -دېدى سەمتاخۇن  يىقىلغان  يىرىدىن  ئۆرە  بولغاچ ئېلىۋالغان بىر  سىقىم توپىنى  ئابلەتنىڭ ئالدىغا  چېچىپ، ـــ سىنى چوڭ قىلىپ،زۇۋانىڭنى بۇنچە جانلىق چىقارغان بۇ مۇنبەت زىمىن،قاپ يۈدۈپ گەجگىمىزنى يېغىر قىلىش بەدىلىگە ئەھيا بولغان !
  ـــ بىلىپ قوي،زىمىن دۆلەتنىڭ ! ـــ سىياسەت  سۆزلەشكە  باشلىدى ئابلەت  كەنىتنىڭ  تېمىغا قىزىل سىردا يېزىلغان خەتنى كۆرسىتىپ،ـــ سەندەك  قارا  قورساق  دەلتىلەر قالايمىقان سۆزلەپ،  يۇرۇتنىڭ چوڭ  ئىشلىرىغا  دەخلى قىلمسۇن دەپ بالادەك  قىلىپ  يېزىپ  قويدۇق  ئەنە !
   ـــ سەن ئەقىللىق  بولغاندىكىن دەپ باقە ، ئۇنداقتا مەن كىمىنىڭ ؟  بىلىپ قوي ، مەنمۇ دەل دۆلەتنىڭ بىر گرەژدانى !  ئەگەر سەنلەر  ئاشۇ  تامغا يېزىلغان خەتكە قاراپلا  ئىش  قىلىشىدىغان بۇلۇشساك ھازىرلا مەنمۇ ئىسمىمنى تامغا يېزىپ قوياي!  ـــ  سەمتاخۇن شۇنداق دەپ، قولىغا  بىر سېغىز چالمىنى ئېلىپ ئاشۇ خەتنىڭ ئارقىسغا ئۇلاپ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يېزىشقا باشلىدى.
   ـــ نېمە ئىش قىلماقچىسەن؟دۆلەتنىڭ پەرمانىنى كۆزگە ئىلمىغدەك قانچىلىك نېمە ئىدىڭ،ۋۇھ ئۆلۈمتۈك  قېرى !  ـــ ۋارقىراپ  يۈگۈرۈپ  كەلگەن  ئابلەت    سەمتاخۇننىڭ  قولىدىكى  چالمىنى تارتىۋېلىپ،ئۇنىڭ گېلىدىن تۇتۇپ ئىتتىرۋەتتى .
   ـــ سەمتاخۇن تولا تېرە تاراقشىتماڭلا! شاڭجاڭ ھەل قىلىڭلار دېدىمۇ،شۇ بويىچە ھەل قىلىمىز،     شۇنداقمۇ ئابلەتاخۇن،ـــ دېدى ياندا تۇرغان ئىمام ئاخۇنۇم ساقاللىرىنى دىرىلدىتىپ .
   ئايغىمىزدىكى كەنىتىكە  ئىشىك  ئالدىمىزدىكى ئۆستەڭدىن سۇ ئۆتكىنى مانا ھەپتە بولدى .  كۆزىمىزنى قىزارتىپ ئېرىق بويىدىن كېتەلمىدۇق،يا سۇنى تاقاق سېلىپ ئىتەلمىدۇق ، نېمە كۈن   بۇ بىزگە! ھەل  قىلساق قىلايلى دېيشتى تەشنا  بولغان كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىردەك.   
. بۇ  ئابلەتنىڭ  سەمتاخۇن  بىلەن  تۇغقاندارچىلىقىنى ئۈزگەندىن كېيىن ئۈچىنچى قېتىم ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ ، قول شىلتىپ  چاپان  چۆرىشى ئىدى . مانا بۇ  قېتىم سەمتاخۇننىڭ  داۋلىيلىرى پەقەتلا تو يىمدى،ھەتتا بىرىنىڭمۇ قوللىشغا ئىرشەلمىدى.دېمەك،«سۇ ھەل قىلىش»قارارى دېھقانلار ۋەكىلى ۋە  پارتىيە  ئەزالىرىنىڭ  تەستىقىدىن  ئاساسەن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى .  شۇ   بويىچە   گۇرۇپپا باشلىقلىرى كەچ كىرىشتىن ئىلگىرى موغا كەلتۈرۈلگەن شاخ- قوزۇق پۇلنى تولۇق يىغىپ ئابلەتكە تاپشۇردىغانلىقىنى، دەرھال يېزىغا  بېرىپ  سۇنى  ھەل قىلىپ ، ئامال  بار  كېچىچە  بولسىمۇ ئاق يەرلەرگە باشلاش توغرىسىدا پۈتۈشۈپ تارقاشتى.   
                                                              
                                                                   2
     جىمجىت ئايدىڭ.ئوسا ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلقىدىن ئىچى تىتىلداپ ئۇيقۇسى قاچقان سەمتاخۇن ئۆيىگە ئانچە يىراق بولمىغان ئاق يەرلىرىنىڭ قىرىدا تۇمىقىنى چۆكۈرۈپ ، ئۇزۇن چاپىنىغا يۆگۈنۈپ ياتتى. سالقىن شامال ئۇنىڭ بۇرنىغا تولىمۇ يىراقتا قالغان ياشلىقىنىڭ يېقىملىق ھېدىنى ئۇرماقتا.سەمەت قارام دېسە بۇ ئسىمنى مەھەلىدە كېم بىلمەيدۇ؟ قايسى بىر مۇھتاجلىقتا،   خىجىلچىلىقتا، باش قېتىنچىلىقتا  قالغان كېشى ئۇنىڭدىن مىننىەتدار بولمىغان  ؟  قايسى بىر جېنى  ئىچىگە پاتمىغان تەلۋە ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن چۆچۈمىگەن؟ئۇ ھاجەتمەننىڭ دەردى ئەھۋالىغا يىتىپ،قاپىقى تېشىغا تىپىپ شىلىتىڭ ئاتقانلارنىڭ بېزىنى ئېلىپ كەلگەن نوچى.يىگىرمە يېشدىن تا ھازىرغىچە قىرىق نەچچە يىلنى ئېتىز ئىشى بىلەن  ئۆتكۈزگەن  مېھنەتكەش  دېھقان . تولۇق ئوتتۇرغىچە ئوقۇپ،«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ تەسىرىدە يۇقۇرلاپ ئوقۇيالمىغان،ئاق-قارنى بىلگۈچىلىكى بار كىشى.ئۇنىڭ تاشنى مىجىسا ئۇن قىىلۋىتىدىغان كۈشتۇڭگۈر قوللىرىنىڭ ئىزى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆيىنى سېلىشقان خىشلاردا،ئۆگزىسىگەسېلىشقان لايلاردا،تاملىرىدىكى كاكىل سۇۋاقلاردا بار.كۆپلىگەن چېپىشلىق كەتمەن،ھېلال ئايدەك ئىتتىك ئورغاقلارنىڭ بىسى ئاشۇ قوللاردا ئۇپرىغان. ئۇ شۇ باتۇرلىقى ، ھەققانيلىقى ، ئەمگەكچانلىقى  بىلەن  يۇرتنىڭ  سەركىسگە ئايلىنىپ مۇشۇ مەھەلىنى ئون نەچچە يىل سورغان ئىستىداتلىق يۇرت بېشى.ئۇنىڭ مەسلىھەتىسز مەھەلنىڭ  چوڭ  ئىشلىرى   قارار  قىلىنمايتتى ،     نەزرە-چىراقلاردا ، توي-تۆكۈنلەردە داستىخان تارتىلمايتتى...ئۇ ئۆزىنىڭ پاك ياشاش روھى،ھالال تەرى ، كەڭ  قورساق ، خالسلىقى  بىلەن ئەنە  شۇنداق  ھۆرمەت - ئىناۋەتكە  ئېگە  بولغان ... ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە  يېشى ئاتمشتىن ئاشتى  ،   قېردى   .  رەھىمسز  يىللار  ئۇنىڭ  پالتاسىزمۇ    قۇرۇق  جىگدە     ، ئۈرۈك  ئوتۇنلىرىنى  پارچىلىۋىتىدىغان گاڭ بىلەكلىرىنى ، ماڭسا   گۈسۈلدەپ  ئاۋاز  چىقىرىپ  يەرنى  قاماللاپ  ئىز   قالدۇردىغان يىلپىزنىڭكىدەك كۈچلۈك پۇت-پاقالچاقلىرىنى ماغدۇرىدىن قالدۇردى.  قىسقىسى ،  كىشىلەر  ئۆزلۈكىدىن  ياتلىشىۋاتقان ، مېھرى- مۇھەببەت سۇسلاپ ، شەخسيەتچىلىك ، ھۇرۇنلۇق چىرمىۋالغان  بۇ يۇرتتا ، ئەقەلليسى  بۈگۈنكىدەك سورۇندا ئۇنىڭ  گېپى ئاقمىدى ، قېرىغانسىرى ھۆرمەت-ئىناۋەتتىن ئايرىلدى.«قوينۇمدىن چۈشسە قونجۇمغا»دەپ سېخىلىق بىلەن بارنى تەڭ تالىشىپ يەپ ، « جاھان مۇشۇنداقلا ئۆتۈدىغۇ  » دېگەن خېيال بىلەن  كۈچ-قۇدرىتىنىڭ بارىدا ئازراق   بىر  نەرسە  غەملىۋالماي يۈرۈپ  ، ئەمدى قېرىغاندا ،   باشقىلارغا   ھاجىتى  چۈشدىغان  مەزگىللەردە ئۇنىڭغا يانتاياق بولىدىغانلار چىقمايلا قالماستىن،قوينىدىن قونجىغا چۈشۈرگىنى مانا  ھازىر ئۇنىڭ جانسىز، تاراشماق  پۇتلىرىنى غاجاپ   ئالدىغا چامداتمىدى   .  ئالاھەزەل ناشتىلىقنى سەمتاخۇننىڭ ئۆيىدە يەپ چوڭ بولغان ئابلەتمۇ ئۇ نەسھەت قىلسا توڭ  تىگىدىغان  بولۇۋالدى . رەھىمسىز رېئاللىق ساپلا  قىز  پەرزەنىتلىك بولغان ،  ھەممىسنى ياقا يۇرتقا ياتلىق قىلىپ بولۇپ، يۆلەنچۈكسىز قالغان سەمتاخۇننى ئايالى پاتەمخان بىلەن سېرىقتال تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر قىلىپ،ئۇلارنى ھەسرەتلىك تىندۇرماقتا.  
...   ئاي چۈش بولدى   .    ئاي خۇددى سىلىق ھەركىتى بىلەن تەبىئەتنى ، بارلىق جانلىقلارنى ئۇخلاتماقچى  بولغاندەك بىر خىل رىتىمدا ماڭاتتى.ئەمما سەمتاخۇننىڭ ئۇيقۇسى قاچقان،ئاي ھەر قانچە قىلغان بىلەنمۇ ئۇنى ئۇخلىتالمايدۇ. ھازىر ئۇ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغان ياشلىقىدىكى بەردەسلىكى،جۇشقۇنلىقى،مېھرى-مۇھەببەتلىك قايناق ھاياتىنى ئەسلەپ يۈرىكى ئېچىشماقتا،مۇشۇ يىللاردا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپمۈ توسۇشقا قۇدرىتى يەتمەيۋاتقان،ئامالسىز-لىقتىن  ئۆزىمۇ  شىرىك بولۇپ  قېلىۋاتقان  يۇرتىدىكى بولۇمسزلىقلاردىن خۇددى چىۋىن يۈتۈ-ۋالغاندەك ئىچى ئاچچىق بولماقتا.ئۇ«ئۇھ»دەپ ھەسرەتلىك تىن ئېلىپ ياتقان ئورنىدىن سەل مىدىرلاپ،يەنە ئۆتكەن ئىشلار توغرسىدا چۇڭقۇر خىياللار دېڭىزىغا غەرىق بولدى.
   بۇلتۇر  دەل مۇشۇ  ۋاقىتتا تېرىقچىلىق  قىلىشقا يېزىلىق ئامانەت قەرىز كوپراتىپىدىن  قەرىز  ئېلىش  ئۈچۈن  نەق ئالتە  كۈن قاتراپ،ئۇلارنىڭ «مانا،ئەتە،ماتىريالىڭىز كەم ئىكەن،سېكىر-تارىڭزدىن تونۇشتۇرۇش ئېلىپ  كىلىڭ » دېگەندەك  چويلىدا  توختىمايدىغان، تەمە پۇراپ تۇرىدىغان باھانىللىرى  كاللىسىدىن ئۆتمىگەن  سەمتاخۇن  بوغۇز ئىنىكىنى ساتقان ئىدى. شۇ چاغدا بىدىكنىڭ  پەش  قىلشىغا  پەرۋا قىلماي،ئەلەملىك مۆرەپ، يېنىش-يېنىشلاپ  بېشىنى  سىلىكپ قىيا قايرىپ، ئۇنىڭغا بىچارىلەرچە  قاراپ  ئېرىنچەكلىك بىلەن  مېڭىۋاتقان  ئىنەكنى بىدىك قولىدىكى قامچدا«پاس»قىلىپ  ئۇرىشى بىلەن يۈركى قارىىتتىدە  قىلىپ،قىيالماسلىق نەزىرى  بىلەن  تۇرۇپ  قالغان سەمتاخۇن  كۆزلىرىگە  ئىختىيارسىز  ياش ئالغان ئىدى.موزايلىق  ئېنەكتىن ئايرىلىپ  قالغان سەمتاخۇن بۇ يىللىق تېرىقچىلىققا بانكىدىن قەرىز ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ  ،  ئالدىنقى ھەپتە بامدات نامىزىدىن يېنىپ  ،  ئابلەتتىن  تونۇشتۇرۇش ئېلىش ئۈچۈن ،  ئامالسىز ئۇنىڭ دەرۋازىسىنى چەكتى.ئەمدىلا ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئابلەت دەرۋازىنى ئېچىپ،    ئۇنىڭغا مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە سالام قىلغاندىن كېيىن ئەسنەك ئارلاش ئېغىز ئاچتى.
  ـــ ھە،سەمىتكا، ئىت پوق يىمەيدىغان بۇنداق سەھەردە ئۆيۈمگە كىلىپ قاپسەنغۇ؟
  ـــ  تېرىقچىلىققا  بانكىدىن  قەرىز  ئالاي  دېسەم، كەنتنىڭ  خېتى كىتدىكەن، شۇنى يېزىپ بىرەرمىكىن دەپ ئۆيۈڭگە كېلىشىم ئۇكام،ـــ دېدى سەمەتاخۇن مەقسدىنى ئېيىتىپ.
   ـــ مانا،مانا بېشڭغا كۈن چۈشكەندە بىلسەن دە،قەدرىمنى.ئۇلارنىڭ كەينىدىن بىر ئاي  سو-كۇلدىساڭمۇ ، بېشڭنى تاشقا  ئۇرساڭمۇ  بۇ ئىشىڭ مەن  ئارغا  چۈشمەي  ھەل بولمايدۇ . سېنىڭ گېپىڭ  ئۆتۈدىغان چاغلار كەلمەسكە  كەتتى  !  ئسىڭدە تۇت ،  ھازىرچۇ  مەن  گەپ  قىلىدىغان چاغ ! بوپتۇ،كىچكىمدە بەرگەن  قوتۇر زاغراڭنىڭ يۈزىنى دەپ بۇ قېتىم قەرىز ئېلىش ئىشڭنى ھەل قىلىپ بېرەي،بىراق بۇندىن كېيىن ئۆزۈڭنى بىلىپراق يۈر!«ئابلەت ئۇنداق قىلدى،يېرىگە سۇنى كۆپ ئېچىۋالدى، سۇ ھەققىنى ئۇنداق كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ،ئۇ سېكىرتار  بولۇشقا لايىق ئەمەس » دېگەندەك  پاسات گەپلەرنى ئامما ئارسىدا تارقىتىپ  يۈرگۈچى بولما !  
   مۇشۇنداق  پۇرسەتنىڭ  كېلىشنى  تەقەززالىق  بىلەن  كۈتكەن  ئابلەت  كۆڭلىگە  قاچىلۋالغان  زەھىرىنى  چالا  قويماي  چىقىرىۋېلىپ،دەرۋازىسىنى گۈپپىدە يېپىپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.ئامما ئۈچۈن ھەق گەپ قىلىش بەدىلىگە ئابلەتتىن سېسىق گەپ ئاڭلاپ،كۆڭلى خېلى يېرىم  بولغان  سەمتاخۇن شۇ كېچسىمۇ ئۇخلىيالماي،ھويىلسدا مېڭىپ يۈرۈپ تاڭ ئاتقۇزغان ئىدى.
     ئابلەت ئەتىسى  چاي  ۋاقتى  بىلەن  سەمتاخۇنغا  : «  قەرىز  پۇل ئېلىش  ئىشىنى  پۈتۈشۈپ قويغانلىقىنى ، ساشاڭجاڭنىڭ قان بېسىم كېسلى بارلىقىنى  ، ئۇنىڭغا بىر خالتا قوناق ئۇنى ئېلىپ بېرىشىنى،قالغان گەپنى شۇ يەرگە بارغاندا ئەھۋالغا قاراپ بىر نېمە دەيدىغانلىقىنى» تاپىلاپ،يېزا بازىرىغا مېڭىپ كەتتى.سەمتاخۇن شالدىرلاپ تۇرغان كونا ۋېلىسپىتىنىڭ كەينىگە بىر خالتا قوناق ئۇنىنى تېڭىپ يېزا بازىرىغا بېرىشىغا ئۈلگۈرتۈپ،ئابلەت«پاقلان گۆشى شورپاخانسى»نىڭ ئايرىم خانىسىگە ساشاڭجاڭ،ماخاڭجاڭ ۋە بانكىدا ئىشلەيدىغان بىر نەچچەيلەننى رەتلىك ئولتۇرغۇزۇپ  چاي  قۇيغىلى تۇرغان ئىكەن.                          
    ـــ مۇشۇ   ئادەم شۇ  ، ـــ دەپ  تۇنۇشتۇردى  ئابلەت  ئىشىكتىن  كېرىۋاتقان  سەمتاخۇننى كۆرسىتىپ. ئۇلار رەسمىيەت يۈزسىدىن بىر قۇر سالاملاشقاندىن كېيىن ئابلەت سەمەتاخۇننى قازان بېشىغا چىقىشقا ئىما قىلدى.
  سەمتاخۇن ئەمدىلا قازاندىن ئېلىنغان ،  پۇرقىراپ  ھورى چىقىپ  تۇرغان  بىر  لېگەن  گۆشنى كۆتۈرۈپ كىرىپ، ئۇلار چۆرىدەپ ئولتۇرغان ئۇستەلنىڭ ئوتتۇرسىغا قويدى. ئۇلار بىردەم ئۆز-ئارا« ئالسىلا،باقسىلا» دەپ سالا-سۈلھى قىلشقاندىن كېيىن گۆشكە تۇتۇش قىلدى.بىراق ئۇلار تىك ياقلىق كالتە چاپان ئىچىدىكى ئۈستى ئىتىلمىگەن كونا كۆينىكىدىن چاڭ باسقان  ئەتسىز  يۇڭ مەيدىللىرى كۆرنۈپ تۇرغان،چاسا يۈزىگە ياراشقان كەكە ساقىلى بىلەن بوم بۇرتى ئارسىدىكى گەز باغلىغان  لەۋلىرىنى   پات- پات يالاۋاتقان ،  تەر تەپچىرەپ  تۇرغان  قاڭشارلىق  بۇرنى  بىلەن  پەرىلەشكەن ئەمما بىر خىل تىۋىنىش،قورنۇش ئەكىس ئەتكەن چوڭ  كۆزلىرى چۇڭقۇر خىياللارغا پاتقان ھالدا ئاقىرىپ خۇرۇمىنى پەرىق قىلغىلى بولمايدىغان كونا ئاياغنى كەيگەن پۇتلىرىنى مىنگەشتۈرۈپ،مۈكچىيپراق يېنىدا ئولتۇرغان سەمتاخۇننى پۈتۈنلەي ئەستىن چىقىرىپ،بىر ئوقۇرغا باغلاپ  بورداشقا تەييارلانغان بۇقىلاردەك تىنىقىنى ئۈزمەي،بىر پۇشۇلدىشى بىلەن  بىردەمدىلا  گۆشنىڭ يېغىنى بىر ياققا دۆۋلەپ،سۆڭكىنى بىر ياققا سەيلەپ بولدى . سەمتاخۇن ئاشقان ياغلارنى بەلۋىقىغا تۈگۈپ  ئۆيگە  ئاپىرىپ چۆپكە  نېرىن  قىلىپ،ئايالى بىلەن شۇ كۈنى بولغان  ئشلارنى دېيشكەچ ھوزۇرلىنىپ يېگەن ئىدى...  
   تۈن يېرىمدىن ئېشىپ،مانا تاڭ ئېتىشقىمۇ ئاز قالدى. سەمەتاخۇننىڭ كۆزىدە ئۇيقىدىن تېخى ئەسەرمۇ يوق.ئۇ شۇ كۈنلەردە بولۇنغان ئىشلارنى بىر قۇر ئەسلەپ،گەرچە قەرىز پۇل ئېلىش ئىشى ھەل بولغان بولسمۇ ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن خىجىل بولدى،نۇمۇس قىلدى،ۋىجدان ئازابى تارتتى.بىردىنلا دادىسى رەھمەتلىك يادىغا يىتىپ،ئىختىيارسىز كۆزىگە ياش ئالدى . چۈنكى ،  ئۇنىڭ  دادىسى  قاتارلىقلار  ئۆتمۇش زاماندا  ئاشۇ  جاپالىق قارا يىللاردىكى  قەھرىتان  قىش ئايلىرى، باللىرىنى  جۇتتىن  ساق-سالامەت ئۆتكۈزۈۋېلىش  ئۈچۈن  مەھەلىدىن ئۈچ   قونۇلۇق كىلىدىغان يىراق جاڭگالغا   ئېشەك   ھارۋىسى بىلەن ئوتۇن ئېلىپ  كېلىش  يولىدا  شىۋېرغانغا  ئۇچىراپ  قەرەلىدە  ئۆيگە قايتالماي ،ئېلىپ بارغان  يېمەكلىكى تۈگەپ ئاچلىقتىن جاڭگالدىلا جان  بەرگەن  ئابلەتنىڭ  دادىسنىڭ  مىيىتىنى  ئىشەك  ھارۋىسغا ئېلىپ ،  دەل يەتتىنچى كۈنى بولغاندا  چىرايى سارغايغان   لەۋلىرى  شورداپ  گەز  باغلىغان  ،  يېرىم  جان   ھالەتتە  ئۆيگە  كەلگەن  سەمتاخۇننىڭ دادىسمۇ  ئانچە  ئۇزۇن ئۆتمەي  بالىللىرى  بىلەن ۋىدالشىپ  بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان ئىدى.دادىسى كۆز يۇمۇش ئالدىداسەمەتكە:«ئاناڭنى،سىڭىللىرىڭنى ساڭا تاپشۇردۇم ئوغلۇم،ئۇلارغا ياخشى قارغىن. ياراملىق ، ھەققاني، باتۇر  ئادەم   بولغىن .  ئابلەتكە  ئاتىدارچىلىق قىلىپ قويغىن.مەھەلدىكىلەر بىلەن ئىجىل-ئىناق ئۆتكىن  ...   » دەپ تاپىلىغان   ئىدى. بۇ چاغدا  ئابلەت تۆت ياشقا،سەمتاخۇن بولسا دەل يىگىرمە ئۈچ  ياشقا كىرگەن ئىدى.بۇ  ئەلەملەر ئېغىر كەلگەن ئابلەتنىڭ ئانىسى كېسەلمەن بولۇپ  ، نامراتلىق تۈپەيلى داۋالىتىشقا ئىمكان بولماي،دادىسى تۈگەپ بەش يىلدىن كېيىن  ئۇنىڭ ئارقىسدىن كەتكەن ئىدى.دېمەك،   دادىسى قاتارلىقلارنىڭ ئاچارچىلىق،نامراتلىق دەستىدىن ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىبارەت ئېچنشلىق تىراگىدىيسى ـــ ياشلىق جاسارىتى ۋولقاندەك ئېتىلىپ تۇردىغان سەمەتنىڭ بىغۇبار قەلبىگە مال-دۇنيانى دوسىت تۇتماي،كەڭ قورساق ، پاك ،خالس  ياشاشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ  روھنى ئاتا  قىلغان   ئىدى.ئەپسۇس، ئۆزىگە  كۆيۈنۈپ،يىمەي   يىدۈرۈپ ، ھەتتا   جېننىمۇ  ئايماي  باققان  دادىسى  رەھمەتلىككە گۆش ئېلىپ  بىرىش  پۇرسىتى بىر قېتىممۇ ئۇنىڭغا  نېسىپ  بولمىغان،دادىسنىڭ ۋەسيىتى  بويىچە  كېينكى كۈنلەردە  ئانىسى  رەھمەتلىككە   كۆپ  قېتىم  گۆش  ئېلىپ  بەرگەن بولسىمۇ،ئەمما ئاشۇ كۈنى قەرىز پۇل ھەل قىلىش  ئۈچۈن  كادىرلارغا  ئېلىپ  بەرگەنگە ئوخشاش  بىرەر قېتىممۇ يېغىنى  ئايرىپ  يېگۈدەك بۇنداق جىق گۆش ئېلىپ بىرەلمىگەن ئىدى ...ئۇ يۈرەك قېتىغا ئويۇلغان  ئاشۇ  ئۇنتۇلغۇسىز  ئەسلىمىلەرنى مىڭ  پاتمان ھەسىرەت  ئىچىدە  كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى ۋە ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئاتا-ئانىسنىڭ سىماسى قېتىپ قالغان كۆزىدىن   مۆلدۈرلەپ سىرغىش  ئالدىدا تۇرغان ئەڭ ئاخىرقى يېشنى پېشىدە سۈرۈتكەچ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى .
  ـــ ھەي،ئەگەر ياراتقان ئېگەم ئاتا-ئانام بىلەن بىرگە بولىدىغان  شۇنداق  بىر   دەقىقىنى  ھازىرنىڭ ئۆزىدە ماڭا  قايتا بىر قېتىم نىسىپ قىلغان  بولسا ئىدى،ئېغىلدىكى ئىشەكنى بازاردا  ئېلىشىغىلا سېتىپ، پۇلىغا بىر قوچقار ئېلىپ شۇ كۈنىلا سويۇپ، گۆشىنى ئۇلارغا تويغۇدەك بىر يېگۈزۈۋالسام، خۇشاللىقتا يۈرۈكۈم  قېپىدىن چىقىپ كېتەرمىدى، ھە...   
   سەمەتاخۇننىڭ يېرىنىڭ باش تەرپىدە،ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئاڭلانغان دەتالاش ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلدى.ئۇ سەل بېشىنى كۆتۈرۈپ زەن قويۇپ تىڭشاپ قاسىم بىلەن تۇرسۇن مۇئەللىم سۇ توغرىسدا ۋارقىرشىۋاتقانلقىنى بىلدى.دېمەك،تەشنا قىلغان سۇ ئاخىرى كەلگەن ئىدى. سەمتاخۇن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ،كەتمىنىنى دولىسىغا ئېلىپ،بىر دەسسەپ،ئىككى دەسسەپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە باردى . بۇ ۋاقىتتا تالاش-تارتىش بېسىققان، قاسىم ھېچ كۆرۈنمەيتتى.پەقەت تۇرسۇن مۇئەللىملا ئېتىزىغا سۇ كېرىۋاتقان ئېچىقنىڭ بېشىدا كەتمىنىنىڭ بىسىنى ئاستىغا قويۇپ،سېپىغا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى.
   ـــ تۇرسۇن مۇئەللىم، سۇ كىلە-كەلمەي تالاش-تارتىش قىلىپ كەتتىڭلىغۇ ؟ ـــ دېدى سەمتاخۇن ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ سالاملاشقاچ .
   ـــ قارمامسىز سەمىتىكا ماۋۇ قاسىم دېگەن كۆكەرمىنى، مېنىڭ ئېتىزىم باشتا بولغاندىكىن سۇنى مەن ئاۋۋال ئاچىمەن دەيدۇ، ـــ دېدى تۇرسۇن .
   ـــ قاسىماخۇن توغرا دەپتۇ،رېتى بىلەن باشتىن ئاچقىنمىز ياخشمىكىن،ـــ دېدى كەتمىنىنىڭ سېپىنى ئېرىققا چۆكۈرۈپ،سۇنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى ئۆلچەۋاتقان سەمتاخۇن .
   ـــ بىلمىگەندىكىن شۇنداق دەيسز–دە.«سۇنى يۇقىرىدىن ھەل قىلمىز،ئازراق بىر نەرسە بەر-سەڭ،سۇنى ئاۋۋال ساڭا بىرىمىز،ھېلىقى ئۈچ مۇ بىنام يېرىڭگىمۇ ئېچىۋالىسەن»دەپ ئاخشام ئۆيگە سېكىرتار كىرىپتىكەن،ئۈچ يۈز كوي بەرگەن ئىدىم،ـــ دېدى تۇرسۇن ماختىنىپ.مۇشۇ تەرىقىدە ئىككىسى باشقا  تېىملاردىمۇ خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتى.ئەمما تېخى قىرىق ياشقىمۇ توشمىغان تۇرسۇننىڭ بىر   نەچچە  يىلدىن  بىرى مەھەلىدىكى مەكتەپكە چىقمايۋاتقانلىقنى سورغاندا،ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابى سەمتاخۇننى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى ھەم گاڭگىراتتى.
   ئابلەت تۇرسۇنغا ئازراق پۇل چىقارسا،ئۇ شاڭجاڭ ئارقىلىق ئارام ئېلىشقا خەت ھەل قىلىپ بىردىغانلىقىنى دېگەندە،جاپادىن  قورقۇپ ئاران تۇرغان تۇرسۇنغا بۇ  گەپنىڭ ياغدەك ياققانلىقىنى، شۇنىڭ  بىلەن شاڭجاڭ دوختۇرخانىدىكى بىر تونۇشى ئارقلىق « يۈرەكتە دەردى بار، قان بېسىم »دېگەندەك دىئاگۈنۈز ھەل قىلىپ قويغانلىقىنى،دوختۇر بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ ماختىنىپ تۇرۇپ:«نەچچە يىلدىن بىرى ئوقۇتقۇچىلىرىغا مۇشۇنداق دىئاگۈنۈز  يېزىپ  بىرىپ خوش قىلۋەتكەن ئىدىم،ئۇلار مېنى ئوقۇتقانلقىدىن بەك رازى بولۇشتى»دېگەنلىكى،شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپكە چىقمىغانلىقى، مەكتەپتىكى خىزمەتداشلىرىغا، رەھبەرلەرگە يۇلۇقۇپ  قالسا ھال ئوقۇپ«ئاللا،ۋايجان»دەپ قويدىغانلىقى،ھازىر ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ۋەز-نەسھىتى بويىچە بۇرۇن مەكتەپتىكى ۋاقىتتا  ئوقۇيالمىغان  نامازلىرىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن تۆۋە-ئىستقبار ئوقۇپ،خېلىدىن بىرى بەش  ۋاخ نامازنى باشلىۋالغانلىقى...قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي، ماختىنىپ سۆزلەپ كەتتى. تۇرسۇننىڭ غەيرى پاراڭلىرى قۇلقىغا يات ئاڭلانغان سەمتاخۇن ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىغا  ئىرەن قىلماي،ئۆيىگە ماڭغاچ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى.
  ھەي ئابلەت، ھەي ئابلەت ! مەھەلىمىزنىڭ باللىرىنى تەربىيلەۋاتقان مۇئەللىمنىمۇ كاردىن چىقىرىپسەن مانا.مەھەللىمىز چەتتىرەك بولغاچقا مۇئەللىممۇ كەلگىنى ئۇنمايدۇ،كەلگەنلىرىمۇ ئۇزۇن تۇرمايلا كىتىپ قالىدۇ ، يەنە بىرسى  كەلگۈچە بالىللىرىمىز  مۇئەللىمسىزمۇ قېلىۋاتىدۇ.  ھەي،تۇرسۇن خېلىلا تۈزۈك  يىگىت  ئىدىڭ ، ھېلى دېگەنلىرىڭدىن  تونۇيالمايلا  قالدىمغۇ سىنى.داداڭ رەھمەتلىك ئاشۇ ئالتۇننىڭ كېسكىدەك يەرلىرىنى  ئىمام  ئاخۇنۇمغا ئېلىشىغا سېتىپ،مىڭ جاپادا ئوقۇتسا،سەن مۇشۇنداق ئازغۇن-چىركىنلىكنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالماي، نادانلارچە ياشاپ يۈرسەڭ ئۇنىڭ روھى قورۇنماسمۇ؟ گۇناھىمنى يۇيۇۋاتىمەن دېگىن ، پوق  يەپسەن بالام ! ساڭا دېسەم،مۇسۇلمان بولۇشنىڭ  بىرىنجى شەرتى-ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھالال ياشاش.سېنىڭ ھۆكۈمەتنى ئالداپ،مىھنەتسىز  ئېلىۋاتقان مائاشىڭ ئىسلام  شەرئىتىدىمۇ  ھارام  ھېسابلىنىدۇ. ھارام تاپاۋەتتە  ئۆرە  بولۇۋاتقان   تەندە ئېلنغان تاھارەت، ئوقۇلغان ناماز  قوبۇل  بولمايلا قالماستىن  ، ئېگىسى ئاشۇ   ئوقۇشسىز   قېلىۋاتقان  بالىلارنىڭ ئۆتكۈزگەن  گۇناھلىرىنى سېنىڭ  گەدىنىگە يازىدۇ،ھەم ئۇلارنىڭ قىساسىنى ھامان  بىر كۈنى شىللەڭگە دەسسەپ تۇرۇپ ئالىدۇ! ھەممىنى بىلگۈچى  ، قۇدرەتلىك  ئېگسى بۇنى  بىلمەي قالارمۇ   ؟ ئابلەت  بىلەن  ئىمام ئاخۇنۇم  ئاخرەتتە  بۇنىمۇ ساڭا  ھەل قىلىپ  بىرەلەرمۇ؟ ھەي تۇرسۇن،سەندەك بىر  زىيالىينىڭ،     بولۇپمۇ بىر  ئۇستاز  بولغۇچىنىڭ  ھاياتلىق   قارشى  ئەسلي  ئۇنداق  بولماسلىقى  كېرەك  ئىدى!  ئابلەتنىڭ«ھەل قىلىش» شەيتىنى سېنىمۇ تۈگەشتۈرۈپتۇ  ئەمەسمۇ ! ھەي،مەھەللىمىزنى ئاشۇ  ئابلەتنىڭ قارا نىيتى    ، ئىمام  ئاخۇنۇمنىڭ ئىپلاس ئىددىيسى تۈگەشتۈردىغان بولدى- دە ،   ئاخىرى... مەزىننىڭ سوزۇپ ئېيىتقان ئەزان ئاۋازى سەمتاخۇننىڭ خىيالىنى بۆلدى ۋە ئالدىراش  تاھا-رەت ئېلىپ،بامدات نامزىغا مېڭىپ كەتتى .
                                                                     3            
   باھار خاسيتىدىن ھەممە جانلاندى.تەبىئەت يېشىل تون كەيدى.مەھەلىدىكىلەر كەنجىرەك بولسمۇ كېۋەزلىرىنى تېرىۋېلىپ  ھەر ھالدا كۆڭلى تىندى.باش مەھەلىدىكى سۇنى بالدۇرراق ئاچقانلارنىڭ كېۋەزلىرىنىڭ مايسللىرى ئۈنۈپ سۇلياۋ سىرتىغا چىقىتى...
   كۈنلەر ئايلارنى قوغلۇشۇپ كېۋەزنىڭ ئاختامىسغا،كۆكىگە، بۇغدايلارغا،بۇغداي ئورنىغا تېرىلغان قوناقلارغىمۇ سۇ سېلىندى.دېھقانلارنى كۆندۈرۈۋالغان ئابلەت ھەر قېتىم سۇ كىلىشتىن ئىلگىرى«سۇ ھەل قىلىمەن»دەپ پۇل يىغدى.سەمتاخۇن ئۇنى توسۇپ،پىكىر قىلىپ قىزرىشپمۇ قالدى.ئابلەت شۇ سەۋەپلىك سەمتاخۇننىڭ«ئۈچ پىشقەدەم»لىك پۇلى ۋە ياشانغاندا بېقىلىش پۇلىنى باشقىلارغا يۆتكىتىۋەتتى.سەمتاخۇنلا ئەمەس،پۇل يىغقاندا ئارقىغا سۆرىگەنلەر،گېپىگە كىرمىگەنلەر ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ئىتبارلىرىدىن قۇرۇق قالدى.تېخى ئالدىنقى كۈنى شاڭجاڭنى مېھمان  قىلش ئۈچۈن  بوغۇز ئوغلىقىنى بەرمىگەن باش  مەھەلىدىكى قاسىماخۇننىڭ  ئۆيىدىكى ھۆكۈمەتتىن بەرگەن تېلۋېزورنى ئابلەت«مەن ھەل قىلغان»دەپ تارتىۋالدى.ئۆتكەن يىلى ئابلەتنىڭ قولى ئارقىلىق پەرزەنىت كۆرۈشكە كۆرسەتكۈچ ئالغان ياسىن كىراكەشنىڭ ئايالى بۇنى ئاڭلاپ «ئوغلۇڭنىمۇ مەن ھەل قىلغان» دەپ  ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىسىنى ئابلەتنىڭ تار-تىۋېلشىدىن ئەنسرەپ،مۈكۈنۈپ يۈرمەكتە...مانا ئەمدى سەمتاخۇنغا ئەگىشىپ مەيدە كېرىپ ئوتتۇرغا چېقىدىغانلاردىن بىرسىمۇ قالمىدى.ئەڭ يامان بولغىنى،ئابلەتنىڭ بۇنداق  ئۇسۇل  قوللىنىشى  مەھەلىدىكىلەرنى ئۆز-ئارا  زىددىيەتكە  سېلىپ،ئۈششۈك  ھەرسدەك  قىلىپ قويدى.پەقەت سەمتاخۇنلا مەھەلىنىڭ غېمىدە.باشقىلار بىر-بىردىن ئىھتىيات قىلىپ،ئابلەت نېمە دېسە «لەببەي» دەپ جان ساقلاشنىڭ كويىدا يۈرۈشمەكتە .
   ئۆزىگە يۇرۇتپەرۋەرلىكنىڭ،ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ،سەمىمىيلىكنىڭ،قىسقسى ئىنسانىي تۇيغۇدا ياشاشنىڭ خېمىرتۇرۇچلىرىنى  قالدۇرۇپ  كەتكەن  ئەۋلىيا سۈپەت،شۇنچە تار جاھانلاردا جاپائىچىدە ياشىسمۇ،روھى دۇنياسى پايانسىز دادىسى رەھمەتلىك ۋە باقى ئالەمدىكى يېقىن-يۇرۇقلىرى  يېقىندىن بىرى  سەمتاخۇننىڭ چۈشىگە تولا كىردىغان بولۇۋالدى.نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ بېشغا ۋاقىت چىقىرىپ بىر بېرىپ كېلشنى نىيەت  قىلغان  سەمتاخۇن  مانا بۈگۈن جۈمە نامزىنى ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان مازار مەسچىتكە بېرىپ ئوقۇدى.نامازدىن يېنىپ ئاۋۋال دادىسىنىڭ قەبرە بېىشدا، ئابلەتنىڭ دادىسى ۋە باشقىلارنىڭ  قەبرە بېشىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ،   ئ ۇلارنىڭ روھىغا ۋە شۇنىڭغا قوشۇپ ئابلەتنىڭ ئىنسابىغا   ، دۇرۇس يولدا مېڭىشىغا ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا دۇئا قىلىپ كۆز يېشى قىلدى.
  سەمتاخۇن مەسچىتتىن ئۆيگە  قايتىش يولىدا، نېمىلا بولمسۇن ئابلەتقا  يەنە بىر قېتىم نەسھەت قىلىپ بېقىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ،ئۇنىڭ دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.دەرۋازاھاڭ ئوچۇق ،   ئىچىدە ھېچ بىر ئادەم كۆرۈنمەيتى . سەمەتاخۇن ئاستا  مېڭىپ ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىغا  كىلىپ  ،    ياندىكى ئۆيدىن تونۇش ئەمما غەيرى ئاۋازلارنى ئاڭلاپ توپتەك تۇرۇپ قالدى.
   ـــ ۋىييەي،ئۇنداق قىلمىسىلا دەيمەن،ئادەمنى نۇمۇس قىلدۇرۇپ...
   ـــ ئۇنداق جايىللىق قىلماڭ،قاچماڭ،مۇشۇ بىر قېتىملا...  
   ـــ مېنى نېمە كۆرۈپ قاللا ؟ ما كۆڭلىكىم يىرتىلىپ كىتىدۇ،قويۇپ بەرسىلە...  
   ئاھ، خۇدا نېمە كارامەت بۇ !  ـــ  سەمەتاخۇن شۇنداق دەپ پىشانىسىگە ئۇردى .  بۇ دەل ئابلەتنىڭ ئايالى گۈلئايشەم بىلەن ساشاڭجاڭنىڭ ئاۋازى ئىدى. ھويلا ھاراقنىڭ ئاچچىق ھېدىغا تولغان،ئۆي ئىچىدىن يەنە ئابلەتنىڭ ئۈچ-تۆت ياشلار ئەتراپىدىكى كىچىك ئۇغلىنىڭ يىغلىغان  ئاۋازى ئاڭلاندى. سەمتاخۇن  بىر  چامداپ، ئىككى  چامداپ ئۆينىڭ  دېرىزسىگە يېقىن باردى. ئۆي ئىچىدە چېچىنىڭ  بىر  چېكە  تەرپىنى  ئۆستۈرۈپ  ،   بېشىنىڭ چوقىسىدىكى ئايپاڭ يىرىگە  يىلىملاپ  چاپلىۋالغان ساشاڭجاڭ  يوغان  قورسقىنى   لىغىلدىتىپ     ،   خۇددى مۆشۇك  چاشقاننى  قوغلىغاندەك  گۇلئايشەمنى قوغلاپ يۈرەتتى .
   ـــ ماۋۇ چوچقىنى قارا،مەھەلمىزنى ۋەيران قىلغىنى يەتمەي،ئەمدى خۇتۇن-قىزلىرىمىزغىمۇ  قۇيرۇق شىپپاڭشىتقىننى!  بۇ ئىپلاسنىڭ رەسۋاينى چقىرۋەتمەيدىغان بولسام! ـــ غەزىپى كېلىپ ساقاللىرى دىرىلداپ تىترەپ،بويۇن تومۇرلىرى كۈپگەن سەمتاخۇن مۇشۇلارنى خىيال قىلىدى  ۋە  ئارقىغا بۇرۇلۇپ قولىغا چىققۇدەك بىر نەرسە ئىزدەي دەپ شۇنداق چامدىشىغا،بازارغا كەتكەن ئابلەت بىلەن ساشاڭجاڭنىڭ شوپۇرى بىر يەشىك ھاراق ۋە سۇلياۋ خالتىدا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى كۆتۈرۈپ دەرۋازىدىن كىرىپ كەلدى.
    ـــ ھوي سەمتىكا،نېمانداق چاشقان تاپالمىغان مۆشۈكتەك تىمسقىلاپ يۈرۈيسەن بىزنىڭ ھويىلىدا،نەگىلا بارساڭ مېنى پايلاپ يۈرسەڭ ئۆزۈڭگە زىيانلىق جۇمۇ،ـــ دېدى ئىچىگە لىق  ھاراق قاچىلانغان يەشىكىنى ئېغناپ كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئابلەت .
   سەمتاخۇن«چاشقىنىڭنى يىگۈزۈشكە بۇقىدەك بىر مۆشۈكنى مەخسۇس بېقىۋاتقان تۇرساڭ،مەندەك قېرى مۆشۈك سېنىڭ ئۆيۈڭگە كېرىپ قانداق چاشقان تۇتالىسۇن»دېمەكچى بولدىيۇ،ئېغزىدىن چىقارمىدى.چۈنكى « كېسەلنىڭ ساقايغۇسى كەلسە،دوختۇر ئۆزى كەپتۇ » دېگەندەك ئابلەتنىڭ ھويىلىغا كېرىپ سەمەتاخۇنغا گەپ قىلشى بىلەن تەڭلا ئۆي ئىچىدىكى گۈلدۈرگولۇپلار توختاپ،  ھەممە ئىشلار نۇرمال ھالەتكە چۈشۈپ بولغان ئىدى.
   ـــ بىر ئىش بىلەن سېنى ئىزدەپ كەلگەن ئۇكام ، ـــ دەپ قويدى سەمتاخۇن ئابلەتنىڭ بايقى سۆزىگە جاۋابەن .
   ـــ يەنە ھاجىتىڭ  چۇشۇپتۇ  دە ، ماڭا .مېنى  كۆپرەك ئىزدەپ  تۇرساڭ  پايدا ئالالايسەن. كەل، كەل، ئۆيگە   كېر  ، ساقىلىڭنى قولۇڭدا توسۇپ  تۇرۇپ   ياشلىقىڭنى  ئەسلەپ ، مانىڭدىن ئىككى رۇمكا قېقىۋال، ھې ، ھې ، ھې   ...،        ـــ يەشىكىنى ئېچۋاتقان ئابلەت  سەمەتاخۇننى مازاق    قىلىپ ھېجايدى.
   ـــ  ئۆيۈڭدىكى  مېھماننىڭ  پەيزىنى  بۇزۇپ  قۇيماي چىقىپ كېتەي  ، ئىشىڭنى  قىلىۋەر  مېنى ئۈزتىمەن  دېمەي، ـــ دېگەچ سەمتاخۇن سىرىتقا قاراپ ماڭدى .
   ـــ خوش ، يول بولسۇن !  ـــ  غۇدرىدى ئابلەت  ، ئانچە يىراقلاپ كەتمىگەن  سەمتاخۇنغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ،ـــ  سېنى ئۇزاتقىنى كېمنىڭ چولى،نەگىلا بارسا مەندىن قۇسۇر ئىزلەپ، پايلاپلا يۈرۈيدۇ بۇ ئەبگا قېرى !
   سەمتاخۇن دەرۋازا ئالدىدىغا چىقىشىغىلا ئەمدىلا ئالا ئەت بولغان قوچقارنى ئايالىنىڭ كونا باش  ياغىلىقىدا بوينىدىن باغلاپ،ماڭغىلى ئۇنمىغانسرى مەجبۇرى سۆرەپ،چالمىلىق ئېتىزدا سۆرەمگە مېڭىۋاتقان  قېرى كالىدەك ئالدىغا تىرەجەپ،ھەسىرەپ كېلىۋاتقان،تېخى بېشدىكى سەللسنىمۇ ئالمىغان مەھەلىسىدىكى مەسچىتىنىڭ ئىمامىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى .   
   ـــ قوچقار بوغۇلۇپ،ھارام بولۇپ قالمىسۇن ئىمام ئاخۇنۇم، ـــ دېدى قوينىڭ دۈمبىسىنى تۇتۇپ ئىتىنى مۆلچەرلەۋاتقان سەمتاخۇن .
    ـــ مېنى تېخى  ھەرەمگە يولغا سالىدىغان قوچقار بۇ،ئۇلۇغ ئىشلارغا ئاتالغان مال ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن رىزىقى پۈتۈلگەن جايدا رازى بولۇپ ئاندىن جان بىرىدۇ  ،   ـــ دېدى ئىمام ئاخۇنۇن ۋەز تەرىقىسىدە سۆزلەپ .
   ـــ ئۇنداقتا بۇ قوچقارنى...
    ئىمام ئاخۇنۇم سەمتاخۇننىڭ گېپىنى بۆلۈپلا ئېغىز ئاچتى.
    ـــ خۇدالىق ئۈچۈن مېنىڭ ھەج سەپرىمگە خەت ھەل قىلىۋاتقان يۇرۇت چوڭلىرى ئۈچۈن قان قىلىشقا ئېلىپ ماڭدىم بۇ قوينى، ـــ ئىمام ئاخۇنۇم گەپنى ئۆزىگە يۇقمىغىدەك قىلىپ  پەردازلاپ شۇنداق دېدى ۋە قوينى سۆرەپ ئابلەتنىڭ ھويلىسىغا كېرىپ كەتتى .
    ـــ توۋا،نېمە ئىشتۇ بۇ ئەمدى،ھېلىلا جامائەتكە ئاغزى كۈپۈك بولۇپ كەتكىچە ياخشى-يامان، ھالال-ھارام توغرىسىدا سۆزلەپ، ئۆزىگە  ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان شۇنچە كۆپ  جامائەتنى«ھەق راسىت»دېگۈزۈۋەتكەن ئەمەسمىدى ئۇ؟ تېخى ئالدىنقى جۈمەنامىزىدا ئۇ  بىر  قىسىم ھاراقكەشلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ،ئۇلارنى مەسچىتنى بىلمەيدىغان دىلىدا ئىمان يوق توڭگۈزلار تۇرقىدا سۈپەتلەپ،مۇسۇلمانلار تائىبەسىدىكى تىرىكلەر قاتارىدىن پۈتۈنلەي  ئايرىپ، ئۆلىدىگە چىقىرىۋەتكەن ئەمەسمىدى ؟!  توۋا،بۇ زاماننىڭ  ئادەملىرىگە نېمە بۇلۇۋاتقاندۇ زادى؟ ـــ گۈلئايشەمنىڭ بايىقى توشقاندەك تۈگۈلۈۋالغان بىچارە ھالىتى،ساشاڭجاڭنىڭ بولۇمسىز قىلمىشلىرى،ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ھىلى قىلغان گەپلىرى سەمتاخۇننىڭ كاللسغا كىرىۋېلىپ مېڭىسىنى غاجىلىماقتا،ئاچچىققا تولغان  ھوجۇدىنى تىترەتمەكتە ئىدى.
   بۇ ھايۋانلارنىڭ ئىپلاسلىقلىرىنى مەھەلدىكىلەرگە دەپ خەلقى ئالەم ئالدىدا بىر شەرمەندە قىلاي.ئەگەر ماڭا تۆھمەت قىلدىڭ دېسچۇ؟ياق،ياق! بۇ ئىشنى ھازىرچە ھېچكېمگە تىنماي تۇراي،ھەتتا خوتۇنۇمغىمۇ.ئەگەر بۇ گەپ سىرىتقا يېيلىپ كەتسە،بېشىمغا بالا بولدۇ.چۈنكى،مەندە ئسپات يوق،گۇۋاھچىمۇ  چىقمايدۇ.خەلقى ئالەم ئالدىدا بىچارە گۈلئايشەمگىمۇ سەت. مۇشۇ ئابلەت زە،«ھەممىنى ھەل قىلىمەن»دەپ ئۆيىگە ناكەس،پەسەندە ئادەملەرنى يىغىپ، گۈلئايشەمنىمۇ بۇلغاپ قويارمۇ؟ ئاشۇ ئىمام  ئاخۇنۇمنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئوقۇغان  ناماز-لىرىمىز دۇرۇس بولارمۇ؟ياراتقان ئېگەم ئۆزۈڭ بىلىپ بىر يولغاسالارسەن...سەمتاخۇن مۇشۇ-لارنى خىيال قىلغاچ مېڭىپ، دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ قالغىنىنىمۇ تۇيماي قالدى .
جىمجىت، تىنجىق ھاۋا، يۇلتۇزلۇق ئاخشام...                                   
  سەمتاخۇن ئۆيىنىڭ چەللە باراڭلىق پىشايۋىنىدىكى كېگىز سېلىنغان سۇپىدا چىت كۆرپىنىڭ ئۈستىدىكى سامان تەكىيگە جەينىكىنى قويۇپ يانپاشلاپ يېتىپ،ئاچچىق تەڭشەلگەن موخۇر-كىنى كۈچەپ-كۈچەپ چەكمەكتە  . قېرىلىق يەتتىمۇ ياكى تېنى  ئاجىزلاپ  قالدىمۇ  موخۇركىنىڭ ئاچچىق ئىسى ئۇنى تۈنجى قېتىم ئۇزۇنغىچە قاتتىق ھۆتەلدۈرۋەتتى.ھويلنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئوچاقتا تاماق قىلۋاتقان پاتەمخان سەمتاخۇننىڭ بۇنچە كۈچۈنۈپ،چىڭقىلىپ ھۆتەلگىننى كۆرۇپ،يۈگۈرۇپ بېرىپ بىر قولىدا ئۇنىڭ بىلكىنى تۇتۇپ،يەنە بىر قولىدا دۇمبىسگە بوش شاپلاقلىغاچ سىلىق تەلەپپۇزىدا ئۆتۈندى.
   ـــ تاماكا تەنلىرىگە زىيان قىلىپتۇ. ھېلىمۇ قىرىق نەچچە يىل چەكتىلە ،ھازىر قېردىلا،ساقال بىلەن چىكىپ يۈرسىلە بولماس،ئەمدى تاشلىۋەتسىلە قانداق بولار ؟
  ـــ بۇ نىجسنى تاشلىۋىتىغان كۈنلەرمۇ بولار،ـــ دېدى سەمتاخۇن تۈكۈرگەچ،ـــ تاشلىۋېتىمەن خوتۇن،چوقۇم تاشلىۋىتىمەن...
   پاتەمخان ئېرىگە سادىق،ئوڭلۇق ئايال.ئۇ سەمتاخۇننىڭ نىكايىغا ئۆتكىنى قىرىق يىلدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئىشغا كۆپ ئارلىشىپمۇ باقمىغان،بىرەر ئىشتىن  ئۇنى توسۇپمۇ باقمىغان.بىراق پاتەمخان قىرىق يىللىق ھەمراھنىڭ تولا زەردە دەستدىن جۈدەپ بارغانسىرى كىچىكلەپ كېتىۋاتقان گەۋدىسنى،گىرەلەشكەن قورۇقلىرى تېخىمۇ چۇڭقۇرلىشىپ،قۇۋزىقلىرى ئولتۇرشۇپ  قارداپ  سولاشقان چىرايىنى،يۈزىدىكى يوغان كۆزلىرى نۇرسىزلىشىپ،قاڭشارلىق بۇرنى ئىنچىكە  پىچاق بسىدەك بولۇپ قالغان بۇنداق مسكىن ھالىتىنى تۈنجى قېتىم كۆرۈپ،ئۇنىڭ قولدىكى بىر چىنە ئاشمۇ گېلىدىن  ئۆتمىدى،بىردىنلا يىغا تۇتۇپ،كۆزلىرى نەملەشتى.ئۇنىڭغا ئابلەت بىلەن ھەپىلەشمەسلىك  توغرىسىدا گەپ قىلماقچى بولىدىيۇ يەنىلا تىل  يېرىپ بىر نېمە دېيەلمىدى،ئايالىنىڭ  ئويچان  كۆزلىرىدىن بۇنى سېزىۋالغان سەمتاخۇن ئېغىر ئۇھ-سۇنۇپ قويۇپ ئېغىز ئاچتى .
.  ـــ ھە...ي،نېمىشقىكىن،مەھەلىمىزنىڭ ئەھۋالى بارغانسرى ئوسالشىپ كېتىۋاتىدىغۇ تاڭ، مۆشۇكتەك كۆزۈمنى يۇمۇۋالسام رەھمەتلىك دادامنىڭ،مەھەلىىمىزدىن كەتكەنلەرنىڭ روھى قورنۇپ قالمىسۇن دەيمەن.كېيىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا قايسى يۈزۈم بىلەن بارىمەن؟بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر،كۆڭلڭنى بۇزمىغىن خوتۇن.ھەي خوتۇن،جىق جاپا تارىتتىڭ جۇمۇ،جىق جاپا تارىتتىڭ ! مەن سېنى زادى مۇشۇنداق جاپاغا قويۇپ،قىيناپ قېرتىۋېتىمەن دەپ ئالغانمىدىم؟ ياق،ياق! سېنىڭ بىلەن خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرمەن،سېنى ئوبدان باقىمەن دەپ ئالغان ! كۈچۈمگە، ئەقلىمگە زىيادە ئىشىنىپ كېتىپ، مېنىڭدىن كۇپۇرلۇق ئۆتۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ خوتۇن.مانا ھازىر قېنى ئۇ كۈچ-قۇۋۋەت،قېنى ئۇ ئەقىل-پاراسەت!؟...         
   يېنىغا سېلىنغان داسىتىخان ئۈستىدىكى ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان بىر چىنە ئاشنىمۇ كۆڭلى تارىتمىغان سەمتاخۇن ئۆزىنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئەيىبلىگەندىن كېيىن بىردەم تىنجىپ،سامان تەكىيگە بېشىنى قويۇپ كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ ئۆزىنى ئۇيقىغا خېلى زورلىغان بولسىمۇ يەنىلا كۆزىنى ئۇيقۇغا ئىلناشتۇرالمدى.بىردىنلا ئەينى چاغدا گۈلئايشەمنىڭ دادىسىنىڭ كېسەل چىرماپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان گەۋدىسىنى ھەپتىلەپ چاپلىشىپ ياتقان ئورنىدىن تەستە يېرىم ئۆرە قىلىپ،ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ،ھۆتەل ئارلاش گەز باغلىغان جانسىز لەۋلىرىنى ئاستا مىدىرلىتىپ:«تىغدەكلا يالغۇز قىزىمنى سىلىگە ئىشەنچە قىلىپ بۇ بالىغا قوشۇپ قويدۇم،مەندىن كېيىن قالسا خارۇ-زار بولۇپمۇ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن...» دەپ تاپلىغان چاغدىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن نۇرسىز كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاققۇزۇپ، خىرىلداپ ئۈنسىز ئۆكسىگەن ئاشۇ بىچارە ھالىتى ئۇنىڭ ئىسىگە كېلىۋالدى دە،بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.تامدىكى مىخقا ئىلىنغان چاپىنىنى كېيىشىنىمۇ ئۇنتۇپ، سۇپنىڭ تۈۋىدىكى كالىچىنى ئالدىراپ پۇتىغا سېپىپ، ھويلىدىن چىقىپ ئۇدۇل ئابلەتنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. قۇلىدا بىر چىنە ئاشنى كۆتۈرگىنىچە ئارقىسىدىن چىققان پاتەمخاننىڭ داستىخانغا چاقىرىشلىرىمۇ ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى. سەمتاخۇن شۇ مېڭشىدا ئابلەتنىڭ دەرۋازسى ئالدىغا بېرىپ توختىدى. دەرۋازا ئىچىدىن ئىتىلگەن،ۋاراڭ- چۇرۇڭلارمۇ ئاللا بۇرۇن بېسىققان،ئەمما ساشاڭجاڭنىڭ ماشىنىسى دەرۋازا ئالدىدىن تېخى قوزغالمىغان،ھويلا تېمىنىڭ كۈن چىقىش تەرەپكە يانداپ سېلىنغان ئۆينىڭ چىرىقىمۇ ئۆچمىگەن ئىدى. سەمتاخۇن ھويلا تېمىنى بويلاپ مېڭىپ چىراق يورۇتۇلغان ئۆينىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ،تاشقىرىدىن قويۇلغان دەرىزسىدىن ئۆي ئىچىگە زەن سالدى.ئۇلار يازنىڭ تىنجىق ھاۋاسىغا بەرداشلىق بىرەلمەي كەڭ ئېچىۋەتكەن ئۆينىڭ دەرىزىسدىن سىرىتقا تارقىغان ئاچچىق ھاراق، تاماكا ۋە قۇسۇقلارنىڭ ئارلاشقان قاڭسۇق ھىدى سەمتاخۇنغا خۇددى ئۇزۇندىن بىرى قۇرۇقدالمىغان ھاجەتخاندىن تارقىغان گەندىنىڭ بەتبۇي پۇرىقىنى ئەسلەتتى. ئۆينىڭ ئىچىدە ئابلەت بېشىنى داستىخاننىڭ بىر چىتىگە قويۇپ يېتىپ،قورسىقىنى قولىدا چىڭ سىقىمداپ تۇرۇپ بىر تۈگۈلۈپ بىر ئۇزۇراپ،خۇددى ئىچى سۈرگەن كىشىنىڭ ئارقسىدىن كەلگەن ئەۋرەتتەك بېسىم بىلەن ئاغزى بۇرنىدا تەڭ قۇسۇپ،داستىخانغا دەسىلەنگەن ناننى ھەرخىل رەڭلەردە بوياۋاتاتتى. ساشاڭجاڭ بىلەن شوپۇر بولسا گەندە ئازگىلىدىكى سۈيۈق تەرەتكە چىلىشىپ مىدىرلاۋاتقان قۇرۇتلاردەك،قول- پۇتلىرىنى شۇنچىلىك ئاستا ھەم لەرزان ھەركەتلەندۈرۈپ، شۆلىگىيى ئېقىپ لاپچىيىپ قالغان ئېغىزلىرىدا چۈشنىكسز بىر نېمىلەرنى دەپ غىڭشىپ ياتاتتى.
ئىشكنىڭ «تاراق»قىلىپ ئېچىلىشى بىلەن تەڭ ھېلىدىن بىرى ئابلەت كۆپ قېتىم چاقىرسىمۇ كىرگىلى ئۇنمىغان گۈلئايشەم  نېمىلا بولمسۇن ئۇلارغا ئورۇن راسلاپ بىرىش ئۈچۈن بىر قولتۇق يوتقان-كۆرپىلەرنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇ داستىخاننى يىغىشتۇرۇش مەقسىتىدە سۇپا ئۈستىگە چىقىپ بىر قولىدا بۇرنىنى ئىتىپ بىر قولىدا ئابلەتنىڭ كەينى بىلەن پەرىقسىز بولۇپ كەتكەن ئاغزى قوشۇش ئىڭكىدىن تۇتۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ داستىخان سىرتىغا يۆتكەپ قۇيۇش ئۈچۈن ئالىدىغا بىر چامدىدى،ئەمما يەنە بىر پۇتىنى ئالدىغا يۆتكىيەلمىدى. ئۆيگە كىرگەن چاغدىلا قىپقىزىل كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ،ئۆزىچە ئاغزىنى ھەر قىسما قىلىپ،ئاللانېمىلەرندۇر قاراسلىتىپ چايناپ  شۆلگەيلىرىنى  ئېقىتىپ، ھەممە ئەزالىرىنى رىتىمسز ھەركەتلەندۈرۈپ سالپىيىپ ياتقان ھالىتنى كۆرۈپلا گۈلئايشەمنىڭ ھوجۇدىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىپ خۇددى ئەرۋاھلاردەك قورقۇنىچلىق تۇيۇلغان ساشاڭجاڭنىڭ ھاۋا بوشلۇقدا شۇنچە جانسىز ھەم لەرزان ھەركەتلىنىۋاتقان ئاشۇ قانخور  قولى  ئۇنىڭ كۆڭلىكىگە ئىلنىشىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئارقسىغا شۇنداق بىر ئۆرۈلۈپلا«ۋايجان!»دەپ ۋارقىرشى بىلەن تەڭ ئابلەتنىڭ بېشى ئۇنىڭ قولىدىن سىرغىپ چىقىپ  ، داستىخان ئۇستىگە جاققىدە چۈشۈپ   ،  بۇرنىدىن  چىققان  قان ئېقىمسىق داستىخاننىڭ  قوش ئالقان ئورنىچىلىك ئورنىنى قىزىل رەڭدە بويىدى.گۈلئايشەمنىڭ پۇت- پاچاقلىرى لاغىلداپ تىترەپ،تۇرغان جايىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى.ئۇ ئالدىغا خېلى كۈچۈنۈپمۇ باقتى،ئاخىرى بولماي ساشاڭجاڭنىڭ گۆشلۈك مەيدىسىگە كەينىچىلاپ بىر قانچىنى تەپتى. ئاغرىق دەستىدىن  بىردىنلا  يېلى  چىقىپ كەتكەن كامىردەك ئېغىر پۇشقۇرغان
  ساشاڭجاڭ  يۈزىگەگۈلئايشەمنىڭ بىر چىنە سوغۇق شورپىنى چېچىشى بىلەن تەڭ سۇغا چۈشۈپ  كەتكەن ئىتتەك  بىر سىلكىنىپلا مەسلىكتىن  يىشىلىپ تېخىمۇ   غالجىرلاشتى ۋە گۈلئايشەمنىڭ  زىلۋا  بېلىدىن  يۇلغۇن كۆتىكىدەك توم ھەم
يۇڭلۇق بىلىكنى  ئۆتكۈزۈپ ئالدىغا بىر تارتىپلا  ئۇنى  قۇچىقىغا ئېلىۋالدى. يەنە بىر قولى بىلەن ئۇنىڭ دۇخاۋا كۆڭلىكىنىڭ
ياقىسىدىن چىڭ تۇتۇپ بىرلا سىلكىشى بىلەن تەڭ كۆڭلەك چېكىدىن بۆسۈلۈپ،گۈلئايشەمنىڭ باغرىداقسىز ئىتى ئېچىلىپ قالدى.
ساشاڭجاڭ گۈلئايشەمىنى قۇچىقىغا ئېلىۋالغاندىلا دېرىزە تۈۋىدىن ئايرىلغان،ئۆينىڭ ئالدى- كەينىنى نەچچە قېتىم چۆرگىلەپ ،ھويلا تېمىدىن ئارتىلىپ مىڭ تەستە ھويلا ئىچىگە كىرگەن سەمتاخۇن ھەسىرەپ ئۆي ئىچىگە كىرگەندە گۈلئايشەم ئاللا بۇرۇنلا ھوشسىزلانغان،ساشاڭجاڭ بولسا ئۇنىڭ لاغىلداپ تىترەۋاتقان قوللىىرىدا بېغىنى قاماللاپ تۇتۇۋالغان گۈللۈك شىمىنى ھەدەپ ئاستىغا سىرىلدۇرۇۋاتاتتى. سەمتاخۇن ئېتىلىپ بېرىپ گۈلئايشەمنى ئۇنىڭ قۇچىقىدىن يۇلۇپ ئالدى. جېنى گېلىغا كەپلىشىپ قالغان گۈلئايشەم سەمتاخۇننىڭ ياردىمىدە ئۆمۇلەپ دېگۈدەك ئۆيدىن ھويلىغا چىقىپ،يىتىلغان كۆڭلىكىنى قاماللاپ داق يەردىلا يېتىۋالدى . سەمتاىۇننخڭ يخـخلگپ مېڭىشى بىلەن پۈتۈن ئەزاسى لاغىلداپ تىترەۋاتقان گۈلئايشەم ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

    تاڭ  يورۇماستىنلا  سەمتاخۇنلارنىڭكىدىن  قايتىپ كىرىپ ،يوتقانغا  بۈكۈنۈپ  يېتىۋالغان گۈلئايشەمگە «مېھمانلارنىڭ
ئالدىدا مېنى ئوسال قىلدىڭ» دەپ يەتكۈچە كايىپ،ناشتىمۇ قىلماي چىقىپ كەتكەن ئابلەت خۇپتەن ۋاقتى بىلەن قايتىپ كەلدى .                  
  خۇددى يىغا قىيانىنىڭ توسىقىنى ئېچىۋەتكەندەك ،ئابلەتنىڭ  ئۆي ئىشىكنى « تاراق » قىلىپ ئېچىشى بىلەن تەڭ
نامىزىنى تۈگۈتۈپ،دۇئا قىلىۋاتقان گۈلئايشەم  بىردىنلا  ئابلەتكە  تاشلىنىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى  .  ئابلەت خۇددى ئۇنىڭ بېشىغا  كەلگەن  كۈلپەتلەرنى  بىلىدىغاندەك يىغىسىنى  بىر ھازا جىمجىت تۇرۇپ ئاڭلىدى .
   ـــ يوقلاڭ ئىشلارغا مىشىلدىماي،بولدى قىلە خوتۇن ،  ـــ دېدى گۈلئايشەمنىڭ يامغۇردەكئېقىۋاتقان ياشلىرىنى قولىنىڭ ئالقىنىدا سۈرتۈۋاتقان ئابلەت ئاخىرى زۇۋانغا كېلىپ،ـــ خېلى چىداملىق خوتۇن ئىدىڭ،مۇشۇ كۈنلەردە بەك  مىشچان   
بولۇپ كېتىۋاتىسەنغۇ تاڭ .
   ـــ سىزگە دېدىمغۇ،شۇ ساشاڭجاڭ دېگەن ئادەم ماڭا...
   ـــ ساشاڭجاڭ ، ساشاڭجاڭلا دەيسەن ،  ـــ دېدى گۈلئايشەم شۇنداق دېيىشىگىلا ئەرۋاھى ئۇچقان ئابلەت ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ،ـــ زادى ئۇ سېنىڭ  قانچلىك بىر نېمەڭنى يەپ كەتتى ؟ شۇنىڭغا يارشا پايدىسىمۇ تېگىپ تۇرۇۋاتىدۇ بولمىسا .ئانچىكىم چاقچاق قىلىپ قويغانغا شاڭجاڭ  ئۇنى قىلدى،بۇنى قىلدى دەپ گېپىڭ تۈگىمەيدۇ سېنىڭ.لايىقىدا چىراي ئېچىپ،خوش خوش دەپ قويغىنىڭغا بىر  يىرىڭ  ئۇپراپ قالاتتىمۇ  ،  ئۇنىڭ ئۇستىگە مەنمۇ  ئېغىر  ئېلىپ كەتمىگەندىكىن
ئۇنچلىك قىلىپمۇ كەتمە !   
  ئابلەتنىڭ ئاغزىغا  ھاڭۋاققىنىچە  قاراپ تۇرۇپ  قالغان گۈلئايشەم  ئۇنىڭ  قوينىدىن  ئاستا سۇغۇرۇلۇپ،خۇددى نامەلۇم بىر قارا قول ئۇنىڭ يۈركىنى  مۇجۇۋاتقاندەك بىردىنلا تولغۇنۇپ داق يەردە لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.ئابلەت شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۇنىڭغا يات كىشىدەك بىلىنىشكە، تۇرمۇشىمۇ تەمىنى يوقۇتۇشقا باشلىدى. ساشاڭجاڭنىڭ بۇ ئۆيگە كېلىش قېتىم سانىنىڭ كۆپۈيىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ ھوجۇدىنى بىر خىل  ۋەھىمە قاپلاپ ، روھى  دۇنياسىنى  قورقۇنىچ  چىرمىۋالغان
ئىدى .                                                           
                                                                  4
   ـــ ۋەي،شاڭجاڭ ئالتۇن تەنلىرى ئامانمىكىن؟ مۇنداق ئىش ،مەھەلىمىزدىن بىر بېلىق قارماققا ئېلىندىغاندەك تۇرىدۇ،قىلتىرقىنى ئايرىپ تازا بىر يېگۈللىرى كىلىپمۇ قالغاندۇ؟
   ـــ سەن تۇتقان بېلىقلارغا ئېغىز تەگمىگىنى خېلى بولۇپ قالدى،ئىپىدە كەلسە يېسەكمۇ يەمىز،يەمچۈكى نېمىكەن؟
   ـــ يەمچۈكى ئاغزىللىرىنىڭ يەللىرى شاڭجاڭ،ئاغزىللىرنىڭ يەللىرى،ھى،ھى،ھى...
   بۇ ئابلەتنىڭ مۆمىن دېھقان بەكرىنىڭ ئوغلىغا توي خېتى ھەل قىلىش توغرىسدىكى شاڭجاڭ بىلەن قىلغان تىلفۇن ئالاقسى ئىدى. ئۇلار بۈگۈن كەچتە ئابلەتنىڭ ئۆيىدە كۆرۈشمەكچى بولۇشۇپ خوشلاشتى.ئابلەت ساشاڭجاڭنى قولغا كەلتۈرۋالغان مۇشۇبىر نەچچە يىلدىن بىرى«ھەل قىلىشنىڭ پىرى»گە ئايلانغان ئىدى. توي خېتى، نوپۇسقا ئالدۇرۇش،پەرزەنىتلىك بولۇشقا كۆرسەتكۈچ ھەل قىلىش،بانكىدىن پۇل  ھەل قىلىش   ...  ئىشقىلىپ ساشاڭجاڭنىڭ  كۈچلۈك رەھبەرلىكى  ئاستىدا
ھەرقانداق ئىش ئۇنىڭ قولىدىن كىلدىغان،قەيەردىن دېسە شۇ يەردىن چىقىدىغان، قەيەردە گەپ بولسا،ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئاڭلايدىغان،تارقىتدىغان بولدى.تەسىر دائىرسى مەھەلسىدىن ھالىقىپ،قوشنا كەنىتلەردىنمۇ ئۇنى ئىزلەپ كېلىپ ئىش ھەل قىلدۇردىغانلار كۈنسرى كۆپەيگىنى تۇردى. ساشاڭجاڭمۇ ئەمەل-تاجىنىڭ خوۋلۇقىنى كۆپۈنچە  ئابلەتنىڭ ئەپچىل قولى ئارقىلىق كۆرەتتى ، پات-پات ئۇنىڭ ئۆيىگە  كېلىپ  سورۇن  تۈزۈپ  قانغۇچە ئىچىپ ، تۈن  يېرىملاردا
كېتەتتى . ساشاڭجاڭ  پۇرسەت بولسىلا  گۇلئايشەمگە پوخۇرلۇق قىلىپ ، ئۇ  قانچكى  قاچقانسرى ئۇنىڭغا بۇدۇشقاقتەك شۇنچىكى چاپلشاتتى.راستىنى ئېيتقاندا ساشاڭجاڭ بۈگۈن ئابلەت دېگەن تەييار بېلىقىنى قارماققا ئىلىندۇرغىنى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئۆيىدىكى پىلتىڭلاپ تۇرغان، كۆڭۈل كۆلىدە ئۈزۈپ، يۈركىنى  ئېزىپ ئارامىدا قويمىغان،كۆپ  قېتىم يەمچۈك تاشلاپ بېقىپمۇ تۇتالماي، خېلىدىن بىرى  شۆلگىيىنى ئېقىتىپ يۈرگەن ئاشۇ  « بېلىق   » نى  قارماققا  ئىلىندۇرۇش  ئۈچۈن
كېلەتتى .
  ـــ ھازىر شاڭجاڭ ئۆيگە كەلمەكچى،  ئاچچىقراق ئىككى تەخسە  سەي  قورۇپ قوي ،  يەنە سەمەتنىڭ ئۆيىگە قېچىپ كىرىۋالغۇچى بولما  !  ئۇ كەلگەندە   پاكىزراق كېينىپ ،  چىرايىڭنى
ئېچىپراق يۈر! ـــ دېدى كەنىت قورۇسىدىن ئەمدىلا ئۆيگە كەلگەن ئابلەت.
  ـــ ئەجەپ زېرىكتىم شۇ ساشاڭجاڭ دېگەن ئادەمدىن،ئۇنىڭ باردىغان ئۆيى،خوتۈن- باللىرى يوقمىكىنا؟ھە دېسىلا بىزنىڭ ئۆيىگە كىلىپ ، ئادەمنى پاراكەندە قىلغان   ،  ـــ ئۇنىڭ  ئىسمىنى
ئاڭلسىمۇ بەدىنى تىكەنلىشىپ كېتىدىغان  گۈلئايشەم   شۇنداق  دېيىشىگىلا   ئابلەت ئۇنىڭ كاچىتىغا«چاڭ»قىلىپ بىر تەستەك سالدى ۋە ئىسىلىپ سۆزلەشكە باشلىدى.  
  ـــ يېقىندىن بىرى يۈركىڭ يوغناپ باھانەڭ كۆپىيىپ،ئەجەپ كىچىك تىللىرىڭ چىقىپ كەتتىيا ! بىلىپ قوي،ئۇ دېگەن  يېزىمىزنىڭ باشلىقى ! سېنى ئادەم كۆرۈپ ئۆيۈڭگە ئاياغ باسقىنىغا خۇش بولساڭ بولىدۇ تېخى، ۋۇھ ئىززىتىنى بىلمەيدىغان دەلتە...   
سېگنال ئاۋازى بىلەن ئاغزى بېسققان ئابلەت دەرۋازىنى ئاچتى.بۇ شاڭجاڭنىڭ ماشىنسى ئىدى.     
ـــ ۋۇھ نامەرىت،قارا قىلغان ئىشىڭغا،ـــ ئابلەتكە پەش قىلدى ھويلىغا كىرگەن ساشاڭجاڭ يىغلاۋاتقان گۈلئايشەمگە خۇشامەت قىلىپ،ـــ يەنە قول تەككۈزسە ماڭلا دەڭ،مەن ئۇنى...  .   ـــ ئۇنىڭ بىلەن كارىللىرى بولماي ئۆيگە كىرسىلە، ـــ ئابلەت شاڭجاڭنىڭ گېپىنى بۆلۈپلا ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلغاچ گۈلئايشەمگە چالۋاقىدى،ـــ قوپ ئورنىڭدىن،ئادەمنىڭ نۇمۇسىنى كەلتۈرۈپ مېھمان بار يەردە كۆزۈڭنىڭ يۈندىسىنى ئېقىتماي !                           
سۇپىنىڭ لىۋىدە يىغلاپ ئولتۇرغان گۈلئايشەم ياغلىقىنىڭ پىشىدە كۆز يېشنى سۈرۈتكەچ  ئۆكسۈپ يىغلىغان پېتى يۈگۈرۈپ  ئىچىكىركى ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
  بەكرى ئوغلىغا توي خېتى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كىرگەن ئوغلىقىنى سويۇپ تەييارلاپ،گۆشنى پارچىلاپ قازانغا تاشلاپ،بىر ئاز قاينىتۋەتكەندىن كېيىن كۆرشۈپ قويۇپ قايتىش نىيتىدە،ئابلەتلار سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئىشكنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ئۆيگە كېرىش-كىرمەسلىكتە ئىككىلىنپ قالدى ۋە ئاخىرى مۇھتاجىلىق ئۇنى غەيرەتكە كەلتۈردى .
  ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،ساشاڭجاڭ سالامەت تۇردىلىمۇ ؟
   ـــ سەن،ئابلەت ھېلى گېپىنى قىلغان...نېمىتى،ھە،ھە،ئىسىمگە كەلدى،بەكرى.سېنىڭچە بىز سالامەت بولمىساق ئىشىڭنى قانداق ھەل قىلغىلى بولىدۇ،بەكراخۇن.
  ـــ شۇ...شۇ...شۇنداق،شۇنداق،خاتا گەپ قىلىپ قويۇپتىمەن،ھە...
  ـــ كەل،كەل،مانىڭدىن بىر قانچە رۇمكا ئىچكەچ،گۆشۈڭدىن ئازراق يەپ چىقىپ كەت.
  ـــ بۇ سىلىنىڭ رىزقىللىرى،يىۋالسام بولمايدۇ، ئۇ نەرسىنىمۇ ئىچەلمەيمەن،ئاشقازىنىمنىڭ دەردى بار،دورا بىلەن ئۆرە بولۇۋاتقان ئادەممەن،ھالىمادىس زىيان قىلىپ...
  ـــ قورقىما،ھېچنېمە بولمايسەن. ساڭا دېسەمچۇ ، ياراتقان ئېگىسى ئادىل بولغاچقا  ،  ھەممە ئادەمگە رىزقنى تەڭدىن بۆلۈپ بەرگەن.ئاشۇ رىزقى تۈگىسلا ئادەم  ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدىغان گەپ . شۇڭا دائىم ئۆزۈڭنىڭ رىزقىنىلا يەپ يۈرسەڭ ئۆمۈرۈڭ قىسقا بولۇپ قالىدۇ .  ئاشقازاننىڭ گېپىنى قىلساڭ بىرى يادىمغا يەتتى.  يېزىنىڭ بۇرۇنقى بوغالتىرى تۇردىنى تونۇيدىغانسەن  ؟ ئۇ باشقىلانىڭ رىزقىنى كۆپ يېگەچكە،باشقا يېرى توشسمۇ ئاشقازىنى توشاپ بولالماي،دوختۇر-لار ئۇنىڭ ئاشقازىنى پۈتۈنلەي ئېلىۋەتكەن،ئاران بىر پىيالە ئوماچ  ئىچەلەيتتى. ئۆزىنىڭ رىزقى شۇ پېتى بولغاچقا ئاشقازىنى قايتىدىن كۆكلىدى،ھاراقنى يەنە بۇرۇنقىدەكلا ئىچىپ،بىرەر كىلو گۆشنى بىر  يالماپلا تۈگۈتۈپ  قويىدۇ.دېمەك،ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ رىزقىنى يەپ ياشا-ۋاتىدۇ دېگەن گەپ.
مانا بۇ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزلىگەن ھالدا چىقارغان يەكۈن...
  ـــ يەنە خاتا  گەپ قىلىپ قويۇپتىمەن،مۇشۇ ئېغىزىمىنى زە،ھەي...ي،خاپا بولمىسلا...
. شۇنداق قىلىپ،ساشاڭجاڭ  ئەللىك ياشنىڭ قارسىنى ئالغان،تولا كسەلمەن بولۇپ بالدۇرلا بوۋاي سىياقىغا كىرىپ قالغان،شۇ كەمگىچە ھاراق ئەمەس تاماكىنىمۇ ئاغزىغا ئېلىپ باقىمغان بەكراخۇنغا ئاچىچىق   ھاراقتىن   ئىككى  رۇمكا ئىچۈرۋەتتى .  چىرايى مۇچتەك  قىزارغان  بەكرى  شاڭجاڭغا
يالۋېرىپ يۈرۈپ، قولىنى ئاپتاپتا پىشىپ قىزغۇچ رەڭگە كىرىپ قالغان ئەتسىز كۆكسىگە ئېلىپ،
ھەر«خۇش»دېگەندە تەرەت ئايغىنىڭ ئالدى-كەينىدىن كۆرنۈپ تۇرغان، توپىدا پىشىپ ئېتىنى پەرىق قىلغىلى بولماس بولۇپ كەتكەن تۆگە تاپىنىدەك پۇتلىرىنى ئارقىچىلاپ بىر قەدەم يۆتكەپ، مىڭ تەستە ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى . بەكىرىنىڭ  ئوغىلىغا   توي خېتى ھەل قىلىش  ئۈچۈن  ئېلىپ
كەلگەن ئوغلىقى مانا پىششىق گۆشكە ئايلىنىپ داستىخان ئۈستىگە چىقىپ زەھەردەك ئاچچىق ھاراق بىلەن ئارلىشىپ ئابلەت،ساشاڭجاڭ ۋە شوپۇر ئۈچىنىڭ ئاشقازىنىغا كىرىپ،ئۇلارنى قاڭسۇق كېكىرتمەكتە.
    ـــ تۇرە ئورنىڭدىن !  ـــ خىيالى  گۈلئايشەمدىلا بولۇۋاتقان ساشاڭجاڭ  بىردىنلا  ئابلەتكە
ۋارقىردى،ـــ،ماڭ،گۇلئايشەمنى چاقىر! گۆش يېگەچ بىزگە سەي قورۇپ بەرسۇن !     
   ـــ  قېيدىغاننىڭ  خورجىنى   يېرىم ! سەينى  مەن  قورۇي،ئۇ  ئەبگا  بىلەن  قالماي گۆشلىرىنى يېسىلە شاڭجاڭ،ـــ دېدى پايخان سۆڭەكنى چاشقاندەك كورتىلدىتىپ غاجلاۋاتقان ئابلەت.    ـــ چاقىر دېگەندىكىن، چاقىر!ـــ ۋاقىردى ساشاڭجاڭ ۋە قولىدىكى گۆشنى ئابلەتنىڭ ئالدىغا زەردە بىلەن تاشلىدى .                                                         
   ساشاڭجاڭنىڭ ھەيۋىسىدىن خېلىلا  چۈچۈگەن ئابلەت دەلدۈگۈنۈپ مېڭىپ، گۈلئايشەم ياتقان ئۆينىڭ ئشىك تۈۋىگە كېلىپ ياۋايىلارچە ۋارقىراشقا باشلىدى .
  ـــ بۇياققا چىق ... ئىشىكىنى ئاچ! ۋۇھ پاسكىنا ئىشىكىنى ئاچ دەيمەن!...
  ـــ چىقمايمەن،نېمانچە سەت ۋارقىرايسىز ! بالىلار قورقۇپ كېتىۋاتىدۇ،مېنى ئويلىمسڭىزمۇ، بالىلارنى ئويلاپ قويۇڭ،ئۇنداق سەتلىك قىلماڭ ! يىغلىماڭلار،ئۇ سىلەرنىڭ داداڭلار...
  ـــ شاڭجاڭنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى پوق قلماقچىمۇ سەن ! چىق دەيمەن،ھېلى بىكا كېرىپ قالسام مىجىقىڭنى چىقىرىۋىتىمەن !...
  شاڭجاڭنىڭ كېرىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ گۈلئايشەم ئىچىدىن زەنجىرلىۋالغان ئىشىكنى ئەسە-بىلەشكەن ئابلەت زەردە بىلەن بىر  قانچىنى تىپىپ سۇندۇرۇپ،ئۇ ياتقان ئۆيگە كىردى.ئابلەت ئامال بار ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈزىنى يورۇق قېلىش نىيىتدە گۈلئايشەمگە يالۋېرىپمۇ باقتى،ۋار-قىراپمۇ باقتى،بىراق چىقىشقا زادىلا ئۈنتالمىدى ۋە ئىككى بالسىنىڭ نالە  قىلىپ  يىغلىغىنىغا پەرۋا قىلماي ئۇنىڭ چاچلىرىنى يۇلدى،دۇمبسىگە بىر قانچىنى قاتتىق دەسسىۋەتتى.
  ـــ يەنە خوتۇنۇڭنى سەمەتنىڭكىگە قېچىپتۇ دېمەيدىغانسەن؟ـــ دېدى سالپىيىپ ئىشكىتىن كىرگەن ئابلەتنى كۆرۈپ ئەرۋاھى ئۇچقان ساشاڭجاڭ .
  ـــ مەن...ھاراق...ئىچىمەن...ھاراق...،ـــ  جىلىچىلىكنىڭ ئاچچىقى بىلەن ھاراقنىڭ ئاچچىقى قوشۇلۇپ شىر كەيىپ بولغان ئابلەت باتارىيسى ئاجىزلىغان ئۈنئالغۇدەك ئىنجىقلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەچ سورۇندىكى ئەمدىلا ئاغزى ئېچىلغان بىر  بوتۇلكا ھاراقنى ئېلىپ ، گۈپۈلدىتىپ ئىچشكە
باشلىدى.ئۇنىڭ سۆزىدىن گۈلئايشەمنىڭ دېرىكىنى ئالالمىغان ساشاڭجاڭ قولىدىكى ئىستاكاننى ئالدىدىكى ئۈستەلگە جاققىدە قويۇپ ئورنىدىن قوزغالدى .  
ـــ مەن ھازىر ئۇنىڭغا گۆش ئەكىرىپ بېرىپ،ئۆزۈم چاقىرىپ چىقىمەن،ئۆزۈم !
چالا كەيىپ بولغان ساشاڭجاڭ داستىخاندىن بىر پارچە گۆشنى ئېلىپ ، ئۆردەكتەك ئىرغاڭشىپ ھويىلىنىڭ ئوتتۇرسىغا كېلىپ شارقىرتىپ تەرەت قىلدى.ھازىر ئۇنىڭ ھايۋانغا ئوخشىشىغا قويرۇقلا كەملىك قىلغان ئىدى.ئۇنىڭ نىيىتى گۈلئايشەمنى چاقىرىش ئەمەس بەلكى ئۆيدە بار-يوقلىقىنى،
ياتقان جاينى بىلىۋېلش . چاقىرسمۇ چىقمايدىغانلىقى ، گۆشنىمۇ ئالمايدىغانلىقى ئۇنىڭ  كۆڭلىگە
ئايان . ئاي نۇرىدا   تىمسقىلاپ يۈرۈپ   ،  ئابلەتنىڭ  تايىقى زەربىسىدىن  تېخىچە ئىڭراۋاتقان
گۈلئايشەمنىڭ زەئىپ ئاۋازىنى ئاڭلاپ كۆڭلى تىنغان ساشاڭجاڭ  قولىدىكى گۆشنى بۇلۇڭدىكى ئىتقا تاشلاپ بەردى ۋە قايتىپ كىرىپ،سورۇننى پىلانى بويىچە داۋاملاشتۇردى.
  بۈگۈن كەيپى تازا ئۇچۇپ ، ھاراقنىڭ ئالاھەزەل يېرىمىنى ئىچكەن ئابلەت  خۇرۇلداپ  تىنىپ ،
ئۆينىڭ  بىر  بۇلۇڭىدا تولغۇشۇپ ياتتى  .   شاڭجاڭنىڭ سالاسى  بىلەن  كۆپرەك ئىچكەن  شۇپۇرمۇ
قۇسۇقىغا بېشنى چىلاپ ئۆلۈكتەك ياتتى.بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ساشاڭجاڭ چىراقىنى ئاستا ئۆچۈرۈپ،
خاتىرجەم ھالدا گۈلئايشەم ياتقان ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
  تىنجىق  ئۆيدە  كېيىمى بىلەنلا يوتقاننىڭ ئۈستىدە  يېتىپ ، ئەمدىلا كۆزى ئۇيقۇغا ئىلناشقان گۈلئايشەم ساشاڭجاڭغا دەرىزىدىن چۈشكەن تولۇن ئاينىڭ نۇرىدا مانا مەن دەپلا كۆرۈندى. ئۆمۈلەپ،شەپسىزلا  ئۆيگە  كىرگەن  ساشاڭجاڭ  ھەسىرگىنىچە  ئۇنىڭ  ئۈستىگە  ئۆزىنى ئاتتى. خاپىلىق دەستىدىن چۆچۈپلا ياتقان گۈلئايشەم خۇددى ئۆينىڭ بىر تېمى  ئۆرۈلۈپ  ئۈستىگە چۈشكەندەك قاتتىق  قۇرقۇپ  كەتتى  ۋە  سارنىڭ  پوكىنى ئاستىدىكى  چۆجىدەك  خېلى ئۇزۇن تېپچەكلىدى،لېكىن يۇز  نەچچە  كىلوگىرامدىن ئارتۇق كىلىدىغان  لوق  گۆشنىڭ  بېسىمىدىن زادىلا بوشىنالمىدى.بىر ھازا جان-جەھلى بىلەن تىركىشىشتىن ھالسىزلانغان گۈلئايشەمنىڭ پۇت-قوللىرى ئاستا-ئاستا ھەركەت قىلشتىن توختىدى. ئىككى  قولىدا گۈلئايشەمنىڭ نازۈك بىلەكلىرىنى قارماپ تۇتۇپ،يۈزلىرىگە ئېغىز-بۇرۇنلىرىنى ھەدەپ سۈركەۋاتقان ساشاڭجاڭنىڭ ھېللا ھەلەپ يەپ كۆشەپ ياتقان قېرى كالىدەك ئېغىر تىن ئېلىپ پۇشۇلدىشىدىن بېسىم بىلەن چىقىۋاتقان بەتبۇي نەپەسلىرى دىمىقىغا ھەر ئۇرۇلغاندا گۇيا ئاچچىق دورا ئىچكەندەك سەسكەنگەن  گۈلئايشەم لەۋلىرىنى قاچۇرۇپ،بېشىنى توختىماي ئۇياق-بۇياققا بۇراشقا باشلىدى.دەل مۇشۇ چاغدا ساشاڭجاڭنىڭ موزايلىق ئېنەكنىڭ يېلنىدەك ساڭگىلاپ كەتكەن كاچىتى گۆشلۈك گۈلئايشەمنىڭ ئاغزىغا چىقىپ قالدى دە،زەردە بىلەن قاتتىق  چىشلىۋەتتى. ئاغرىق  ئازابىغا چىدىيالمىغان ساشاڭجاڭ«ۋايجان،قويۇۋەت قانجۇق!» دەپ ۋارقىراپ، ئىككى قولى بىلەن كاچىتىنى  قاماللىغان پېتى  يانغا ئۆزىنى ئاتتى.ئۇنىڭدىن مىڭ تەستە قۇتۇلغان  گۈلئايشەم دەرھال ھويىلىغا چىقىۋالدى.ئۆي ئىچىدىن يولۋاستەك يەنە ئېتىلىپ چىقىۋاتقان  ساشاڭجاڭنى كۆرگەن  گۈلئايشەم يۈگۈرۈپ بېرىپ باغلاقتىكى ئىتنى يېشىۋەتتى. ئەمما نەتىجە گۈلئايشەم ئويلىغاندەك بولمىدى. يات ئادەملەرنى كۆرسە  يەۋېتىدىغاندەك خېرىس قىلىدىغان ئىت ئەكسىچە ساشاڭجاڭغا  قاۋاپمۇ قويمىدى.بۇ  ئۆيگە تولا كەلگەن ساشاڭجاڭنىڭ ئەمەل-تاجىنىڭ پايدىسدىن كۆپ  قېتىم  سۆڭەك-شالتاقلىق  بولۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزلىششتە  ئابلەت  بىلەن   پەرىقسىز  بولۇپ   كەتكەن   ئىت ساشاڭجاڭنىڭ ئالدىغا كېلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ،ئۇزۇن
تىلىنى چىقىرىپ، قۇيرۇقىنى ئۇنىڭ پۇتىغا سۇۋاپ خۇشامەت قىلشقا باشلىدى.بۇ ھالنى كۆرگەن گۈلئايشەمنىڭ  دەرھال  سىرىتقا قاراپ  قېچشدىن  چىققان ئاياغ  تىۋىشنى ئاڭلاپلا  ساشاڭجاڭ بىلەن ئىت خۇددى مۇسابىقىگە چۈشكەن ماھىرلاردەك ، ئۇنىڭ  ئارقىسىدىنلا  پالاقشىپ يۈگۈردى .  كۈچنىپ ھەرىكەت  قىلىشتىن دېمى كېسلىپ، كۆزى قاراڭغۇلاشقان شاڭجاڭ   دەرۋازا ئالدىدىكى  كۆۋرۈككە  قىلىنغان  لاڭكازىغا پۇتلۈشۈپ، تېخى لېيى قۇرۇمىغان ئېرىققا موللاق ئاتتى.تۈن تەڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئىككى رۇمكا ھاراق بىلەن كەيىپ بولۇپ،    تېخىچە نۇمۇسنىڭ
كۈچىدىن ئۆيىگە كىرەلمەي،يول بويىدىكى دوناي  جىگدىنىڭ دالدىسدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان  بەكراخۇننىڭ قولىدىكى ئوغلاقنىڭ تېرە- زاسۇسىدىكى  قاننىڭ  ھېدىنى ئالغان، ساشاڭجاڭنى يېڭىپ  چىمپىيۇن بولغان ئىت ئەنسىز ھوۋلۇپ  بەكراخۇنغا  ئېتىلىدى .       ساشاڭجاڭنىڭ  يىقىلىپ  كەتكەنلىكىنى   كۆرگەن  بەكراخۇن
قولىدىكى  تېرە-زاسۇنى ئىتقا تاشلاپ بىرىپ،دەرھال يۈگۈرۈپ ئۇنىڭ قېشىغا باردى. ئېرىقنىڭ ئىچىدە  نەچچە قېتىم يۇمۇلىتىپمۇ ھېچ ئامال قىلالمىغان بەكراخۇن  ئۆيگە كېرىپ، شوپۇرنى مىڭ تەستە  ئويغۇتۇپ چىقتى. بەكراخۇنننىڭ ياردىمىدە شاڭجاڭنى ئېرىقتىن چقىرىۋالغان شوپۇر ئۇنى يېزا بازىرى تەرەپكە ئېلىپ مېڭىپ كەتتى.                       
  تازا  قورۇققانلىقىدىن ئەقلى- ھۇشىدىن ئاداشقىنى تاسلا  قالغان گۈلئايشەم تۈن يېرىم بولغاندا
باشقىلارنىڭكىگە كىرىشنى بىئەپ كۆردى،بولۇنغان سەتچىلىكنىڭ مەھەلسىگە يېيىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىردى. ئۇزۇن ئويلىنىپ، ئاخىرى ئابلەت ئۇيقۇسىنى ئاچقىچە ئۆيگە كىرىۋېلىشنى پىلانلاپ يەنىلا ئۆزىنى چۈشىنىدىغان،ھەم ياشتا چوڭ ھەم ئەر-ئايال يالغۇزلا تۇرىدىغان سەمتاخۇننىڭ ئۆيىگە كىردى.بۇرۇنلا ساشاڭجاڭنىڭ ماشىنسنى ئابلەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىداكۆرگەن سەمتاخۇن پەرىزدىكدەك ئشنىڭ ئاخىرى يۈز بەرگەنلىكىنى پەمىلگەچكە،گۈلئايشەمدىن ئارتۇقچە گەپ سورمىدى،گۈلئايشەممۇ بۇ توغرىسىدا ئۇلارغا ھېچ نېمە دېمەيلا پاتەمخان  بىللە يېتىپ قالدى .
بۆرىدىن قۇتۇلغان  توشقاندەك   ھېرقىقانلىقتىن   بىر    قانچە قېتىم   جۆيلۈپ  ،    چۈچۈگەن گۈلئايشەم ئىختىيارىسىز  
پاتەمخاننىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇۋالدى ۋە ھەر ھالدا كۆزى ئۇيقۇغا ماڭدى.ئۇنىڭ تولا يىغلاپ قىزارغان كۆزلىرىدىن سىرغىپ ، سۈپسۈزۈك ئىككى مەڭزىنى سۆيۈپ ئۆتۈپ، كۆكۈرۈپ كەتكەن ،  بىلىنەر-  بىلىنمەس  تىترەۋاتقان   ئويماق
  لەۋلىرىدە توختىغان ئىككى  تامچە ياش دېرىزىدىن كېرىۋاتقان تولۇن ئاينىڭ نۇرىدا يالتىرىماقتا ئىدى.

                                                                    5
  ئابلەتنىڭ ئۆيىدە ئاخشامقى ئاۋاتلىقتىن ئەسەرمۇ قالمىغاندى. تۆكۈلگەن ھاراق ۋە ياندۇ-رۇلغان قۇسۇقلارنىڭ ھېدى ئۆينى قاپلىغان.پوستى پاكىز سويىۋىتىلگەن سۆگەت بادرېىسدەك ئاقلانغان ئۆچنىڭ پايغان سۆڭەكلىرى گىلەم ئۈستىگە چېچىلغان . شالاپشىغان ئاۋاز بىلەن قوشۇلۇپ بۇرنىغا يۇمشاق بىر نەرسنىڭ تېگىۋاتقانلىقىدىن چۈچۈپ ئادەتتىكىدىن سەھەردىلا ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئابلەت ھېلىلا پارتىلاپ كېتىدىغاندەك ئېغىرشىپ،چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتقان  بېشىنى قاماللىدى،چىكىسنى ئۇۋلىدى.كېرىلپ  ئارقا-ئارقىدىن بىر  قانچىنى ئەسنەپ،كۆزىنى ئۇلاپ ئەتراپىغا بىر قۇر نەزەر سالدى.ئېشىپ قالغان گۆش ۋە ئۇششاق سۆڭەك پارچىللىرنى يەپ بولغان ئىت ئەمدى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ،ئۇزۇن تىلىنى چىقىرىپ  ئابلەتنىڭ كېچىچە ئېغىز-بۇرنىنى چىلاپ ياتقان قۇسۇقىنى ئىشتىھا بىلەن شالاپشىتىپ يالاۋاتاتتى .
ئابلەت ئۇرنىدىن تۇرۇپ ھويىلىغا چىقىتى،ھويلىمۇ  جىمجىت. كۈنىدە مۇشۇ ۋاقىتتا ھويلىنى تازىلاشقا ئادەتلەنگەن گۈلئايشەمنىڭ سۈپۈرگە ئاۋازىمۇ ئاڭلانمىدى.گۈلئايشەم ياتقان ئۆيگە كىرىپ،تاتلىق  ئۇخلاۋاتقان ئىككى ئوغلىنى نوقۇشتۇرۇپ ئانىسنى سۈرۈشتۈرۈپ يەنلا جاۋاپقا ئىرىشەلمىگەن ئابلەت پالاقشىپ  يولغا چىقىتى.گۈلئايشەمنىڭ توسشىغا  قارماي  سەمتاخۇن  ئابلەتقا نەسھەت قىلىپ قويۇش نىيتىدە،ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېلىۋاتاتتى.يىراقتىن كېلۋاتقان سەمتاخۇن بىلەن گۈلئايشەمنى كۆرۈپ ئەرۋايى ئۇچقان، كېلىپ  بولغىچە  تاقەتسىزلەنگەن ئابلەت تىل سېلىپ  ئۇلارنىڭ  ئالدىغا ئوقتەك يۈگۈرۈپ باردى.
    ـــ ماۋۇ پاسكىنىنى،ئاخشام ئازراق پەش قىلىپ قويغانغا،ئەرىز قىلىپ ئادەم تاپالمىغاندەك يەنە مۇشۇ قەلەندەرنىڭ ئۆيىگە كېرگىننى قارا !
  ئەسەبيلەشكەن ئابلەت گۈلئايشەمنىڭ بىلىكىدىن كاپپىدە تۇتۇۋېلىپ،كاچىتىغا ئارقا-ئار-قىدىن بىر قانچە شاپلاق سېلىۋەتتى.ئارىغا چۈشكەن سەمتاخۇننى مەيدىسىدىن ئىتتىرىپ، بېگىز بارمىقىنى ئۇنىڭغا قارتىپ سىلىكىپ،تىلغا ئالغۇسىز سۆزلەر بىلەن سەتلەشكە باشلىدى.
   ـــ ساڭا دەپ قوياي سەمەت،ماۋۇ خۇتۇننىچۇ مەن نىكاھلاپ ئالغان،سەن مېنىڭ قېينئاتام بولمىغاندىكىن ئارلاشما ! ۋۇھ ئاناڭنى يالاڭتۆش...
   ـــ يېقىندىن بىرى ئادەم قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ھايۋان بولۇپ كەتتىڭغۇ بالام، ئەسلى-نەسلىنىڭنى ئۇنتۇپ،ئۇنچىلىك تۇزكورلوق قىلىپ كەتمىسەڭمۇ بولاتتى !
   ـــ ھەي قېرغىننى تۇيمايدىغان قىزغانچۇق ئەبگا ، چىدىمغان بولساڭ  تىرىك گۆرگىلا كىرىۋالساڭچۇ،بۇنچە جېنىڭنى قىينىغىچە !...
ئابلەت ئېغىز-بۇرنىدىن قان ئېقىۋاتقان گۈلئايشەمنى باشبېغىسى يوق ئۆچكىنى يىتىلىگەندەك پاتىڭدىن تۇتۇپ،ئاغزىدىن پوق ئاققۇزۇپ ھاقارەتلەپ،دۈشكۈلەپ ئۆيگە ئېلىپ ماڭدى.
   ـــ ئابلەت،سەن توغرا دەيسەن! مۇشۇنداق چاغداسەندەك ئەرزىمەس بىر ھايۋاننى بوي سۇندۇرالمىغان بۇ جاننىڭ نېمە كېرىكى ! ـــ ئۇ شۇنداق دېدى ۋە يانچۇقىدىن   مۇخۇركا خالتسىنى ئېلىپ، تىترەپ تۇرغان قوللىرىدا بىر تال تاماكا ئوراپ، ئارقا-ئارقىدىن كۈچەپ شوردى ۋە ئاچچىق ھەسرەتكە پاتقان ھالدا ئۆيى تەرەپكە ماڭدى .
   ياقا يۇرۇتتىن بۇ يەرگە كېلىن بولۇپ كەلگەن گۈلئايشەمنى مانا بۇ كۈنلەردە غېرىپلىق باستى،رەھمەتلىك ئاتا-ئانىسىنى بەكمۇ سېغىدى.ئابلەتنىڭ ئۆزىگە قىلغانلىرىدىن كۆڭلى ئازار يېدى،يۈركى زېدە بولدى. مۇشۇ بىر نەچچە ئايدىن بىرى ئابلەت بىلەن ئاجرىشىپ كېتىشىنى نەچچە قېتىم خىيال قىلغان بولسمۇ ئالدىدىكى ئوماق ئوغۇللىرىغا قاراپ بۇ نىيتىدىن يانغان ئىدى.ھەتتا ئاشۇ كۈنىدىكى تاياق دەستىدىن ئۇ بىر ھەپىدەك يېتىپ قېلىپمۇ«ئابلەت بىر كۈنى تۈزۈلۈپ كېتەر»دەپ يەنە شۇ يۈرەك-پارىللىرىگە كۆزى قىيماي،ئۇنىڭ بىلەن چىداپ ئۆي تۇتۇش قارارىغىمۇ  كەلگەن ئىدى.  بىراق،  مۇشۇ  كۈنلەردە بىرى ئ ابلەت  ھە  دېسىلا   گۈلئايشەمنىڭ
سەمتاخۇننىڭ  ئۆيىدە  قونغانلىقنى    ،  يەنە يۈزىنى  داپتەك  قىلىپ  بىر  قانچە قېتىم  كەلگەن
ساشاڭجاڭغا ئوچۇق چىراي ئاچمىغانلىقنى باھانە   قىلىپ تېخمۇ ياۋۇزلىشىپ  ،  گۈلدۇرمامادەك
خۇيلىنىپ  ئاغزىغا  كەلگەننى دەپ  ھاقارەتلگىنىگە  ماس  ھالدا يامغۇردەك  تاياق  توقمىقىنىمۇ ئۈزۈپ قۇيماي كۈندۈزلىرى كومشتىپ مۇشىتلىسا،كېچىللىرى ئوغۇللىرىنىڭ ئويغۇنۇپ قالغانلىقىغىمۇ  پەرۋا قىلماي قوپاللىق بىلەن  ئۇنى يوتقىنىدىن سۇغۇرۇۋالاتتى.ئۇنىڭغا ئاشۇ دىشۋار-چىلىقلار ئاز كېلىۋاتقاندەك،دادىسى بىلەن قۇرداش كېلىدىغان ساشاڭجاڭ ھەر قېتىم كەلگەندەئۇنىڭ غورۇرى دەپسەندە بولۇپ،بۆرىگە ئۇچرىغان قوزىدەك قېچىپ يۈرۈپ ھالى قالىمىدى،بىچارە بولدى،قاتتىق خورلۇق ھېس قىلدى.   بالىللىرى  ،سەمتاخۇن  ۋە مەھەلىسدىكىلەر  ئالدىدا يۈزى سۆرۈن بولغان
گۈلئايشەمنىڭ ئىچ  - ئىچىدىن  ئۆرتەپ  چىقىۋاتقان  نۇمۇس  تۇيغۇسىدا يۈركى   پۇچۇلاندى  ،
ساشاڭجاڭ بىلەن ئابلەتنىڭ خورلۇق كىشەنلىرىدە نازۇك تېنى ئازاپلىق تولغاندى. بىر ياندا ئابلەتنىڭ قاتتىق زۇلۇمى، يەنە بىر  ياندا  شاڭجاڭنىڭ پەسكەشلەرچە  ئىپپىتىگە تاجاۋۇز  قىلىش  نىيتى ئېلىپ كەلگەن ۋەھىمىدىن ئىبارەت ئىككى نائەھلىنىڭ ئارسىداقىيىن–قستاقتا  قېلىپ، تېخى ئوتتۇز  ياشقىمۇ كىرمىگەن  گۈلئايشەم نىمجان  بولۇپ  قالدى. ئابلەتنىڭ مۇشۇ ھالىغا قاراپ ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالمىغان گۈلئايشەم ئەينەن ئەھۋالنى ئېيتىپ ئۇنىڭدەك ئەردىن پاناھلىق ئىزلەشنى راۋا كۆرمىدى،ئۆزى دۇچار بولۇۋاتقان ئاشۇ كۆڭۈلسىز-لىكلەرگە  ئۇنىڭدەك  ئەردىن خۇشاللىق تېپىشقا  كۆزى يەتمىدى.مۇشۇنداق كېتىۋەرسە،ھامان بىر  كۈنى ئابلەتنىڭ   ئىپلاس قولىدا رەسۋا بولىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۇرگەن  گۈلئايشەم بۇ قېتىم قەتئىي ئاجرىشىش نىيتىگە كەلدى.
  كەچ كۈزنىڭ غۇر-غۇر شاملى يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسقلرىنى،تىنجىق ھاۋاسىنى ئاللاقاياقلارغائۇچۇرۇپ، قەھرىتان قىش پەسلىنى چىللىماقتا. خېلى كۈنلەردىن بىرى چىقىۋاتقان سوغۇق شامال بۈگۈن ئاخشام تېخمۇ كۈچۈيۈپ،نەلەردىندۇر قارا بۇلۇتلارنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىشى بىلەن تەڭ قەھرىگە كېلىپ ھەيۋە بىلەن گۈلدۈرلىگەن،سۈرلۈك قاراڭغۇسى پۈتۈن تەبىئەتنى يۈتۈۋالغان ئاسماندىن  قار ئارلاش يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. گۈلئايشەم يوتقىنىدىن يېرىم سۇغۇرۇلۇپ،ياستۇقىنىڭ  تۈۋىدىكى ئۆينىڭ تۈۋرىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان  ئۆچۈرگۈچ  يىپىنى  تېپىپ لامپىنى يورۇتتى، يېنىدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان  ئىككى ئوغلنىڭ  توڭۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن يوتقانلىرىنى قايتا تۈزەشتۈرۈپ ، قوللىرىنى ئىچىگە سالدى،پۇتلىرىنى يۆگىدى،يوتقان يانلىرىنى ئىچىگە باسۇرۇپ قويدى.خېلىدىن بىرى گۈلئايشەمنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئارازىچىلىقلاردىن تامقى ئازلاپ قالدى،ئۇيقۇسى قاچتى.ھەتتا بەزى كۈنلىرى ئاغزىغا بىر بۇردا نان سالماي كەچ قىلسا،كېچىللىرى كىرپىك قاقمايمۇ تاڭ ئاتقۇزدىغان بولۇۋالدى.مانا ھازىرمۇ تۈن  يېرىم بولاي دېدى،ئوخشاشلا ئويچان كۆزىدە تېخچە ئۇيقۇ يوق.ئۇدا نەچچە كۈندىكى ئۇيقۇسىز-لىق،كۈندۈزدىكى خاپلىق  ۋە ماغدۇرسىزلىق تۈپەيلى  گۈلئايشەمنىڭ  پۈتۈن  بەدىنى خۇددى ئۇرۇپ   چېقىۋەتكەندەك سىرقىراپ ئاغرىيتتى،ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلەتتى.كاللىسىدا گادىرماچ خېياللار توختىماي چۆگلەيتتى.بالىلارنىڭ يېنىدا بەھوزۇر ئۇخلاۋاتقان ئابلەتنىڭ ھاۋانىڭ گۈلدۈرلىشى بىلەن  بەسلىشىپ تارىتقان  خورەك ئاۋازى گۈلئايشەمنىڭ خىيالىنى  بۆلدى ۋە بىردىنلا ئابلەت بىلەن توي قىلشنىڭ  ئالدى-كەينىدىكى غەمسىز،خۇشال كۈنلەر كىنو لېنتىسىدەك ئۇنىڭ خىيال ئىكرانىدىن   ئۆتۈشكە باشلىدى .
   تەبىئەت يېشىللىققا تولغان،جىگدىلەر پۇراق بولغان ئاشۇ كۈنى ئاتا-ئانسىدىن كىچىك قالغان،يىگىرمە بەش ياشلارنىڭ قارسىنى ئېلىپمۇ، ئېگە-چاقىسىز سانىلىپ،تېخىچە بويتاق يۈرگەن ئابلەت سەمتاخۇننىڭ ئاتدارچىلىق قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئات ھارۋىسغا ئولتۇرۇپ، گۈلئايشەملەرنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە كەلگەن ئىدى.سەمتاخۇن بىلەن گۈلئايشەمنىڭ دادىسى بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇن ناھيىنىڭ غول ئۆستەڭنى چېپىش جەريانىدىكى بىر ئايلىق ھاششاردا تونۇشۇپ،يېقىن بۇرادەرلەردىن بولۇپ قالغانلار ئىدى.شۇندىن بىرى سەمتاخۇن گۈلئايشەملەر-نىڭكىگە  پات-پات  كىلىپ تۇرغان،ئۇنىڭ تۇز-تاماقلىرىغىمۇ ئېغىز تەككەن ئىدى.بۇ قېتىم سەمتاخۇننىڭ بىر يىگىتنى باشلاپ كەلگەنلىدىن باشقىچە تۇيغۇدا بولۇپ،گەپ باشلانغۇچە  قۇلقىنى دىڭ  تۇتۇپ، ئۆي بىلەن ھويلىنىڭ ئارلىقىدا قاتىراپ يۈرگەن گۈلئايشەم بېشىغا بادام دوپپا،ئۇچىسغا كانۋاي كۆينەك كەيگەن،ئاق پىشماق،ئېگىز بوي،چىرايىدىن بىر خىل سەمىميلىك ، قورنۇش ، خېجىللىق ئەكىس ئىتىپ تۇرىدىغان ئابلەتنى چاي  قويغۇچە يەر تېگىدىن قاراپلا ياقتۇرۇپ قالغان،ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن ماراپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا زەن سالغان،دادىسى رەھمەتلىك بىلەن دېيشكەن گەپلرىنىمۇ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغان ئىدى .
     ......
   ـــ ھە بالام ،ئاتا-ئاناڭ سالامەت تۇرغاندۇ ؟
   ـــ مېنىڭ ئاتا-ئانام يوق،ئۇلار بۇرۇنلا ...
    ......
  يېتىمچىلىكنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان ئابلەت گۈلئايشەمنىڭ دادىسىغا گېپىنىڭ ئاخرىنى دېيەلمەي،قوللىرىدا يۈزىنى قاماللاپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى.ئابلەتنىڭ بۇ ھالىتى ـــبۇدرۇق پاقلاندەك شوخ،بوۋاقتەك غەمسىز،تولۇن ئايدەك تولغان،ئاقكۆڭۈل،دەرىزە تۈۋىدە،ئويناق كۆزلىرىدە ئوغۇرىلىقچە قاراۋاتقان گۈلئايشەمنىڭ ھېسداشلقىنى قوزغىغان،كۆڭلىنى ئىرىتكەن،يۈرەك تارىنى چەككەن،قەلبىنى لەرزىگە سالغان ئىدى...بىراق دادىسى رەھمەتلىكنىڭ « ئابلەت دېگەن ئۇ بالا ئۆزى يامان ئەمەستەك قىلغان بىلەن ئۇمۇ ساڭا ئوخشاش يېتىم ئىكەن،ئۆيىمۇ يىراقكەن...»دەپ توسۇشلىرى گۈلئايشەمنى تەلتۆكۈس نىيتىدىن ياندۇرالمىغان،ھەتتا دادىسى رەھمەتلىكنىڭ قوينىڭ قوزىسىدەك يۇۋاش ئابلەتنى«يىتىم»دەپ ئاتىشى ئانسىدىن كىچىك قالغان گۈلئايشەمنىڭ قولىقىغا سەت ئاڭلانغان،كۆڭلىگە كەلگەن ئىدى.
  شۇنىڭدىن كېيىن  گۈلئايشەم كۆلدىن سۇ ئەكرىشىنى باھانە قىلىپ،ئۆيدىن چىقىپ ئابلەتنىڭ يولىغا قاراپ،ئۇنى زارقىپ كۈتىدىغان بولۇۋالغان. قىپقىزىل مەڭزىدە يۇلتۇزدەك زىناق  پەيدا قىلىپ،باھار تەپتىدە ئېچىلغان قىزىل گۈلدەك دائىم كۈلۈپلا تۇردىغان گۈلئايشەمنىڭ ئوتلۇق تەبەسسۇمىنى زادىلا ئېسدىن چىقىرالمىغان ئابلەت باشتا  گۈلئايشەمنىڭ دادىسىنىڭ كەلمەسلىك توغرىسىدا نەسھەت قىلىپ يالۋېرىشگە،كېيىن خاپا بولۇپ ھەيدەپ-قوغلاشلىرىغائۇچراپمۇ بولدى قىلمىغان ئىدى.بۇ ھالنى كۆرۈپ گۈلئايشەمدىن ئەنسىرەپلا يۈرگەن دادىسى بىر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن بۇ ئىش توغرىسىدا ئېغىز ئېچىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.   ـــ بالام،ئاناڭ رەھمەتلىك بولسدى،ماڭا بۇنچە خىجىلچىلىقمۇ بولماس ئىدى،ـــ دەپ گەپ باشلىدى ئۇ لۆممىدە ياش تولغان كۆزلىرىنى گۈلئايشەمگە تىكىپ، ـــ ساڭا يامان ئۆگىنىپ قاپتىمەن،كۆزۈمدىرەك تۇرساڭمىكىن،قوشنىمىز داۋۇتاخۇننىڭ بالىسى...   
   ـــ ئاشۇ تۇراققىما! ـــ دېدى شۇئان رەڭگى ئۆڭگەن گۈلئايشەم دادىسنىڭ گېپىنى بۆلۈپ،ـــ ئۇنىڭ بىلەن خوشۇم يوق،ئادەمگە كۆزىنى پارقىتىپ قاراشنىلا بىلىدۇ ئۇ گومۇش ! ...
   گۈلئايشەمنى گەپكە  كىرگۈزۈشكە ئامالسىز قالغان،ئۇنىڭ  پوق يەپ قۇيۇشىدىن،كۆزىدىن ئۇچۇپ كېتشىدىن ئەنسرىگەن رەھمەتلىك دادىسى نۇمۇسىنى قايرىپ قويۇپ،كۈزدە بالىلارنىڭ بېشىنى چېتىپ قويساق دەپ تۇداخۇننىڭ ئۆيىگە كىرگەن،ھەتتا ئۇلارنىڭ توي چېيى ئۈچۈن ئېلىپ كىرگەن پاقلىنى بىلەن نەچچە قۇر كېيىملىك رەخىتلىرىنىمۇ قوبۇل قىلىپ بولغان ئىدى. ئاشۇ چاغلاردىكى ئىشلار گۈلئايشەمنىڭ تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىدە.تۇرداخۇنلارنىڭ توي چېيى بەرگىنىگىمۇ، ئابلەتنىڭ بۇ مەھەلىگە ئاياغ باسمىغىنىغىمۇ مانا نەخ بىر ئاي بولدى. كۈز ئايلىرىنىڭ  يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن جىددىيلەشكەن گۈلئايشەمنىڭ بۇ سۇ توشۇش بىلەنلا كەچ قىلىۋاتقان سەككىزىنچى كۈنى.ئۇ كۈنىمۇ دەل كۈندىكىگە ئوخشاش گۈلئايشەم ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان كۆلدىن ئەڭ ئاخىرىقى قېتىملىق سۇنى ئېلىپ، پات-پات كەينىگە قاراپ قويۇپ،ئۆمۈدسىزلىك ئىچىدە دەرۋازا ئالدىغا كىلىپ ئەپكەشىنى يەرگە قويدى.ئارقىغا ئۆرۈ-لۇپ،سېغىنىش ئوتى چاراسلاپ كۆيۈۋاتقان  ئاتەش كۆزلىرىدە  كۆل تەرەپكە  يەنە بىر  قېتىم بىچارىلەرچە تەلمۈرگەن گۈلئايشەم تىۋىشسىز يول،تۈن پەردىسى ئەمدىلا يېيىلىشقا باشلىغان ئاسمانغا قاراپ ئېغىر خۇرسىندى.  
   ـــ توخۇ يۈرەك،دادامدەك بىر قېرىدىن قورقۇپ، كەلمەسسەنمۇ زادى ،  ـــ  ئۆز-ئۆزگە پىچىرلىدى ئۇ ۋە بىردىنلا بېشىنى تىز-تىز بۇراپ، ئويناق كۆزلىرىدە ئەتراپنى بىر قۇر كۈزەتكەندىن كېيىن،ئېلىپ كەلگەن سۇنى دەرۋازا ئالدىدىكى سۆگەتلىككە تۆكۈپ،قۇرۇق چىلەك ئىلىنغان ئەپكەشنى دۇلىسىغا ئېلىپ،ئۆمۈتۋارلىق ئىچىدە يەنە كۆل تەرەپكە ماڭدى.قوياش پاتماستىنلا
كۆكتە پەيدا بولغان تولۇن ئاي گوگۇمغا ئىمكان   بەرمەي،گۈلئايشەم ئۈچۈن سۈت رەڭ نۇرنى چاچماقتا.كۆل بويىغا كېلىپ يەنە ئۆمۈدسىزلەنگەن گۈلئايشەم چېلەككە سۇ ئېلىپ ئەمدى كۆتۈرۈشگىلا سۇ يۈزىدە ئۆزى زارقىپ كۈتكەن كۆلەڭگە توساتتىن داۋالغىۋىدى،جىددىلەشكەن گۈلئايشەمنىڭ  قولىدىن  ئىختىيارسىز  ئاجرىغان  چىلەكتىكى سۇ تۆكۈلۈپ  كەتتى  ۋە  كۆلگە چۈشۈپ-چىقشتىكى ئاياغ ئىزىدىن  ھاسىل بولغان  پەلەمپەينىڭ  تېيلغاق بولۇشى بىلەن تەڭ سىرىلىپ كۆل لىۋىگە چۈشۈپ قالغان  گۈلئايشەم   شۇئان  خىجىللىق  قاپلىغان كۆزىنى قولىدا  توسۇپ، جايىدىلا  تۈگۈلۈپ ئولتۇرۋالدى،ئەمما ئارقىغا ئۆرۈلۈشكە جۈرئەت  قىلالمدى.
   ـــ گۈلئايشەم،ئىھتىيات قىلىڭ ! ـــ دېدى ئابلەت ۋە دەرھال ئەپكەشنى كۆل ئىچىگە تاشلاپ،بارا-بارا چۆكۈپ لىق سۇ تولغان چېلەكنى  خۇددى  بېلىق  ئىلنغان  قارماقنى تارىتقاندەك چەبدەسلىك بىلەن لىككىدە كۆل دامبىسىغا ئالدى.ئابلەتنىڭ تۈنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئسمىنى ئاتاپ بۇنداق چاقىرشى ـــ گۈلئايشەمنىڭ نازۇك قەلبىدە تاتلىق سىزىم،مۇھەببەتلىك ھېسلار-نى پەيدا قىلىپ،ھاياجان ئىلىكدە پارتىلاشقا ئاران تۇرغان ئىشىق پىلتىسگە ئوت ياقتى.
   ـــ  قولىڭىزنى بىرىڭ،  سىزنى تارتىۋالاي، ـــ  دېدى  ئابلەت كۆل دامبسىدىن تۆۋەنگىرەك چۈشۈپ،تېخىچە جايىدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان گۈلئايشەمگە قاراپ قولىنى سوزۇپ .
    ـــ ئۆزۈم چىقالايمەن،ـــ شۇنداق دەپ يامىشىپ چىقىش ئۈچۈن قولىنى ئۇزتىشغىلا يەنەكۆل ئىچىگە سېرىلپ كېتىۋاتقان گۈلئايشەمنىڭ قولىنى ئابلەت  چاققانلىق بىلەن كاپپىدە تۇتۇۋالدى . گۈلئايشەمنىڭ  پاختىدەك  يۇمشاق ئالقانلىرىدىن تارقىغان ئوتلۇق ھارارەت ھاسىل قىلغان غايىۋانە كۈچنىڭ قۇدىرىتىدە ئابلەت ئۇنى لىككىدە كۆتۇرۇپ كۆل دامبىسىغا ئېلىپ چىقتى ۋە تىپچەكلىسىمۇ يەرگە قويغۇسى كەلمىدى.ئۇنىڭغا ئوتلۇق كۆزى بىلەن زەن سالدى.قوينىدىكى ئېگىز بوي،بەدەن تېرىللىرى قاردەك ئاق،بىر جۈپ كۆكسى ئەتلەس كۆڭلىكىدىن  ئىككى دانە سىلىق ئالمىدەك كۆتۈرۈلگەن،ھېلال ئايدەك چىرايلىق قاشلىرىنىڭ،تەكشى قويۇلغان مەجنۇنتالدەك  قويۇق كىرپىكرىنىڭ ئاستىدىكى شەھلا كۆزلىرى  تولۇن ئاينىڭ  سۈت رەڭ  نۇردا پارلىغان ئاشۇ كۆل سۈيىدەك تىنىق ھەم  پاكىز گۈلئايشەم ئابلەتنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئىرىتىۋەتتى. بېلىقتەك  پىلتىڭلىغان  گۈلئايشەم  ئۇنىڭ قوينىدىن  يۇلغۇنۇپ چىقىپ، ئالدىغا چۈشۈپ قالغان ئۇزۇن ھەم توم ئىككى تال ئۆرىمە چېچىنى ئەپچىل ھەركىتى بىلەن مۈرىسدىن ئارقىسىغا تاشلاپ،سۇ توشقۇزۇلغان چىلەكنى ئەپكەشكە ئىلىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.
  ـــ توختاپ تۇرۇڭ،سىزگە گېپىم بولغاچ ھاشاردىن قېچىپ كەلگەن ئىدىم...
   ئابلەتنىڭ تىترەڭگۈ ئاۋازى بىلەن چاقىرىشى ـــ گۈلئايشەمنىڭ ھۇجۇدىنى لەرزىگە سالدى،
ئارقىغا يېنىپ ئابلەت بىلەن شۇنداق ئوتتەك پاراڭلاشقۇسى،بۆرىنىڭكىدەك كەڭ گۈرەنلىرىگە بېشىنى قويۇپ قۇچىقىدا ئولتۇرغۇسى،ھەتتا قىزلىق شەرم-ھايا ئۇنى توسۇپ تۇرمىغان  بولسا  شاۋقۇنلاپ تۇرغان   مۇھەببەتلىك ھېس-ھاياجانلىرىنى  جىنەستىدەك  شىرىن  لەۋلىرى  بىلەن ئابلەتنىڭ يۈرىكىگە  قۇيۇۋەتكۈسى بار ئىدى.     
    ـــ ئەتە قوناقلىققا ئوتقا چىقىمەن،ـــ ئەمدىلا ئون قەدەمچە ئۇزۇغان گۈلئايشەم ئارقىغا خۇش تەبەسسۇم بىلەن قىيا بۇرۇلۇپ شۇنداق دەپلا يەنە يولىغا راۋان بولدى. چىرايلىق ئۆرۈۋالغان قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرى ھەر چامدىشدا ئىنچىكە بىلىنىڭ تولغىنىشىغا  ماسلىشىپ  تەۋرىنىپ مېڭىۋاتقان گۈلئايشەم خۇددى ئابلەتنىڭ يۈركىنى ئەپكەشكە ئىلىپ كېتىۋاتقاندەك، ئۇ   قانچە يىراقلاشقانسېرى ئۇنىڭغا تەلمۈرگەن ئوتلۇق كۆزلىرى شۇنچە غۇۋالىشىپ  ،  تىنىدىن ئاجىرىغان روھى گۈلئايشەمگە ئەگىشىپ كېتىپ بارغان   ئابلەت   بۇتتەك  داڭ قېتىپ قالغان  ،
گۈلئايشەممۇ ئابلەت ھېلىلا كېلىپ ئىشىكىنى چىكىدىغاندەك، دەرىزىدىن ماراۋاتقاندەك تۇيغىدا بولۇپ  ، ياستۇقتىن  بېشىنى  كۆتۈرۈپ  ئىشىك- دەرىزىلەرگە پات - پات  خۇمالاشقان  كۆزلىرىنى
تىككەن ، ھەتتا ئابلەت ئۇنىڭ قۇلاق تۇۋىدە تۇرۇپ « گۈلئايشەم » دەپ چاقىرۋاتقاندەك  زاھىر بولۇپ،كۆزلىرىنى  ئېچىشقىمۇ  جۈرئەت قىلالمىغان، خىجىللىقتىن يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.
ۋوجۇدىنى چىرمىۋالغان  شىرىن تۇيغۇ،تاتلىق سىزىم گۈلئايشەمنى شۇ ئاخشمى ئۇخلاتماي تۈننى تاڭغا ئۇلاشتۇرغان ئىدى ... مانا شۇنداق قىلىپ،گۈلئايشەم  دادىسى  رەھمەتلىكنىڭ توسۇشلىرىغا پەرۋا قىلماي،ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئابلەت بىلەن قېچشپ كەتكەن،ھەتتا دادىسى رەھمەتلىكمۇ ئۇنىڭ بۇ ئىشدىن  يۇرۇتتا بېشىنى كۆتۈرەلمەي،ئىزا-ئاھانەت دەستىدىن كېسەلمەن بولۇپ،ئۆرە بولالمايلا كۆز يۇمغان ئىدى. گۈلئايشەم  بىر  يوقسۇل، يىتىم  بىلەن  ئۆي تۇتقان بولسمۇ،ئۆزىنى بەخىتلىك،تەلەيلىك ھېسابلاپ يۈرگەن  ۋە ئارقا-ئارقىدىن بۇ دۇنياغاكۆز ئاچقان ئىككى ئوغلى يىتىمچىلكتە چوڭ بولغان ئەر-ئايال ئىككسىنى ئالەمچە خۇشاللىققا چۈمدۈگەن ئىدى.كېينكى كۈنلەردە توپىغا مىلنىپ،ئېتىزلاردائىشلىدى.قىغ-شالتاققا مىلنىپ چارۋا باقتى. تۆت  تېمىدىن  شامال  ئۆتۈشۈپ  تۇردىغان كونا  ئۆينى يېڭلىدى ، گېلەم سالدى ، تېراكتۇر  ئالدى...  شۇنداق  قىلىپ  گۈلئايشەمنىڭ تىرشچانلىقى  بىلەن ئابلەت مەھەلىدىكى «بېيىش ئۈلگىسى»بولۇپ
كۆزگە كۆرۈندى.مەھەلىدىكىلەرنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا،ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن ئابلەت شۇ يىلى بۇ كەنتىنىڭ سېكىرتارلىقىغا سايلاندى.«مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ»دېگەندەك  ئۇ سېكىرتار بولۇپ،بارا-بارا ئۆزىنىڭ  ئەسلىنى ئۇنتۇپ ، ئاستا-ئاستا خۇتون-باللىرى بىلەن  كارى  بولمايدىغان،باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇ-ۋالدى.ساشاڭجاڭغا يولۇققاندىن بىرى ئۇنىڭغا«ھەل قىلىش»جىنى چاپلىشىپ،ئادەم قېلىپدىن چىقىپ،ھازىرقىدەك ئەھۋالغا كېلىپ قالغان ئىدى.تورۇسقا قاراپ ياتقان گۈلئايشەم بىردىنلا بېشىنى بۇراپ،ئاچچىق ئەسلىملەرگە تولۇپ نەملەشكەن  كۆزلىرىنى ئابلەتقا ئاغدۇرۇپ، ئۆز-ئۆزىگە سۇئال  قويۇشقا باشلىدى.ئۇ راستىنلا ئاشۇ شىرىن  ئەسلىملەرنى ئۇنتۇپ كەتكەندىمۇ؟ ئۇ مېنى كەمپۈتنىڭ  شۈپكىنى، قوغۇننىڭ شاپىقىنى  تاشلىغاندەك شۇنچە ئاسان خىيالىدىن سۇپۇرۇپ تاشلىغاندىمۇ ؟ ياق،ياق ! ئۇ ئۇنۇتمىدى،ئۇ ئېزىپ كېتىۋاتىدۇ،ئاشۇ ساشاڭجاڭ دېگەن  ئادەم  ئۇنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ ھامان بىر كۈنى مېنى ئىزلەپ بارىدۇ، ئاۋالقىدەكلا  سېغىنىدۇ، ئاشۇ  كۆل  بويىدىكىدەك  يەنە  مېنى  قايتا  ئوتلۇق  باغرىغا باسىدۇ، ئاشۇ ئۆستەڭ بويىدىكىدەك يەنە مېنى ئوتلۇق مېھرى بىلەن سەۋدايىلارچە سۆيىدۇ...شۇلارنى خىيال قىلىپ ئۆمۈدۋار ھېسلارغا چۈمگەن گۈلئايشەم ئورنىدىن تۇرۇپ،كەچ كۈز سەھىرىنىڭ سوغىقىدا تۈگۈ-لۈپ يېتىۋالغان ئابلەتنىڭ يوتقانلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ يۆگىدى،ئۇنىڭ بېشىدا بىر ھازا تۇرۇپ، قاش-كۆزلىرىگە ئۇزاق زەن سېلىپ،مىسكىنلىك تۆكۈلۈپ تۇردىغان كۆزلىرىگە ياش ئالدى.
.  ئاھ،خۇدا ! ئالدىڭدا نېمە گۈناھىم بار بولغۇيتى،مېنى مۇشۇنداق ئازاپ-ئوقۇبەتكە دۇچار قلغۇدەك! ئاھ،كېرەملىرى كەڭ،قۇدرىتى ئۇلۇغ ئاللا! مۇشۇ تاپتا ئابلەتنى ئۇيقۇدىن بۇرۇنقى نامرات،ساددا،ئاقكۆڭۈل ھالىتىدە ئويغاتساڭ نەقەدەر ياخشى بولاتتى- ،ھە! ئەگەر شۇنداق بولسا،يەنە بىر نۆۋەت ئېتىزلاردا توپا-تۇمانغا بۇلغۇنۇشقا، قوتانلاردا قىغ-شالتاققا مىلىنىشقا رازى بولار ئىدىم.مەن ھازىر كېتىمەن دەۋاتىمەن،بىراق نەگىمۇ بارارمەن؟ مانا دادامنىڭ ئۇ ئالەمگە كەتكىنىگە كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە يەتتە يىل بولۇپ كەتتى.ھازىر مېنىڭ بارسام بېشىىمنى سىلاپ،ئەھۋالىمنى تىڭشايدىغان داداممۇ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابلەتقا ئىشەنچە قىلىپ دادامدىن قالغان يەر-زىمىننى سېتىپمۇ بولدۇم. بارلىقىمنى ئاتاپ،كەلگۈسىدە نى-نى ئارزۇ-ئارمانلارنى كۈتۈپ تەگكەن ئېرىمدىن ئىرشكەن كۈنۈم مۇشۇ تۇرسا،يۇرتۇمنى ھەتتا بىچارە دادامنىمۇ يالغۇز تاشلاپ،يۈزۈمنى داپتەك قىلىپ قېچىپ كەتكەن مەندەك بىر بالىلىق ئايال قوشنىلارنىڭ ئۆيىدە قانچە ئۇزۇن تۇرالىسۇن؟ نېمىلا بولمىسۇن، قانداق قېيىنچىلىققا ئۇچۇرىشىمدىن قەتئىينەزەر ئۆزۇمىنىڭ ئىززىتىنى، ئادىمىيلىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ مەن بۇ قېتىم قەتئىي كەتمىسەم بولمايدۇ!    مۇشۇلارنى خىيال قىلىپ يۈرىكى لەختە بولغان گۈلئايشەم بىردىنلا ئىچى-ئىچىدىن ئۆرتەپ فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىۋاتقان يىغىدىن ئۆزىنى توختىتالماي، قولىدا ئاغزىنى ئەتكىنىچە  ھويلىغا چىقتى. كېچىچە چۈشكەن يېرىگە ئىز قالدۇرۇپ پاسىلداپ ھەيۋە بىلەن توختىماي ياققان يامغۇر ھازىر خېلى پەسكۇيغا چۈشۈپ سىم-سىم ياغماقتا. گۈلئايشەم ھويلىنىڭ ئۇتتۇرسىغا كېلىپ،ئىككى قولىدا يۈزىنى قاماللاپ بۇقۇلداپ يىغلاپ،ئازاپ ئوتىدا پۇچىلىنىپ ئېچىشقان يۈركىنى يامغۇرغا سالدى.بۈگۈنكى بۇ سىم-سىم  يامغۇر بىردەمدىلا ئۇنىڭ پۈتكۈل بەدىنىنى چىلىق-چىلىق ھۆل قىلغان بىلەن ئىلگىرىكى ئاشۇ يوقلاڭ يامغۇرلاردا دالدا قىلىپ تۇرغانچىلىكمۇ سىزىم ھاسىل قىلالمىدى، ھەتتا گۈلئايشەمنىڭ كۆيۈشۈپ كەتكەن يۈرىكىنى ئازراق بولسىمۇ سەگىتەلمىدى.ئۇ ئاشۇ چاغلاردىكىدەك سىم-سىم يامغۇرنىڭ يېغىشىنى،لەپ- لەپ قارلارنىڭ چۈشۈشىنى ئۇزۇندىن بىرى تىلىگەن،خۇيمۇ سېغىنغان ئىدى. قار ياكى يامغۇر ياغىسلا ئاشۇ چاغلاردىكى گۈزەل ئەسلىملەرنى،يەنى توساتتىن شارقىراپ ياققان يامغۇردا ئابلەت بىلەن ئىككىسىنىڭ ئېتىزلىقتىن قول تۇتۇشۇپ،ئوغۇت خالتىسنى دالدا قىلشىپ ئۆيگە يۈگۈرۈشۈپ كىرگەن ۋاقىتلىرىنى،قار ياققان ۋاقىتلاردا ئابلەتنىڭ قولىنى تۇتۇپ شۇنچىلىك خاتىرجەم ھالدا شوتىغا يامىشىپ ئۆگزىگە چىققان، سۈپۈرگەن قارلىرىنى ئابلەتنىڭ تىشاڭ بىلەن ئارقا تەرەپكە تاشلىغان،شۇ جەريانلاردا ئەركىلىشىپ ئاپپاق قار ئۇستىدە پومداقلىشىپ ئوينىغان چاغلىرىنى يادىغا ئېلىپ روھى كۆتۈرۈلۈپ،ھوجۇدىنى بەخىت تۇيغۇسى قاپلاپ، ۋاقىت ئارقىغا يېنىپ ئاشۇ چاغلارغا  قايتىپ قالغاندەك  شۇنچىلىك تاتلىق ھاياجانلىق ھېسلارغا چۈمۈلەتتى.يېزىنچە بىر تامچىمۇ ياغماي بەكىمۇ سېغىندۇرۇپ تەستە ياققان بۇ سىم-سىم يامغۇر ھازىر  ئەكسىچە ئۇنى ئەلەملىك نىدا قىلدۇردى.  
    ھە...ي،ئاشۇ چاغلاردا بەختنىڭ يالقۇنلۇق ھارارىتىدە ئېرىگەن يۈرۈگۈم شۇ سۆيۈملۈك يامغۇر تامچىللىرىغا قوشۇلۇپ،ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ گۈزەل ئەسلىملەرنى قالدۇرۇشى ئۇچۈنلا ئاسماندىن مىننەت-تاماسىز،سۈر-ھەيۋىسىز،غەمسىز تامچىسا ۋە ياكى پاكلىقنىڭ سېمۋۇلى سۈپتىدە مەڭگۈ ئاشۇ ئاپپاق قارغا كۆمۈلۈپ،ھوجۇدۇمنى چىرمىغان ئاشۇ بەخىتنى قۇچاقلاپ بىردىنلا توڭلاپ كەتكەن بولسام شۇندىلا بۇ نازۈك كۆڭلۈم مۇشۇ ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى، دەرت-پىغانلارنى سەزمەس بولارمىدى،ھە ! ؟   
    يامغۇردا بىر ھازا تۇرۇپ ، ئىچ-ئىچىگە  ئۆتۈشۈپ كەتكەن سوغۇق دەستىدىن پۈتۈن بەدىنى لاغىللداپ تىترىگەن گۈلئايشەم يامغۇر سۈيى تامچىپ تۇرغان چاچلىرىنى، كېيىم-كېچەكلىرىنى سىقتى،مىسكىنلىككە تولۇپ ئېغىرلاشقان ھوجۇدىنى تەستە كۆتۈرۈپ تۇرغان جانسىز پۇتلىرىنى سۆرەپ ئاستا ئۆيگە كىردى.گۈلئايشەم بىردە لايدەك ئۇخلاۋاتقان ئابلەتكە،بىردە بىر-بىرىگە چاپلىشىپ ياتقان ئوماق بالىللرىغا كۆز تىكىنىچە تامغا يۆلىنىپ بىر ھازا روھسىز ئولتۇردى. مانا خورازنىڭ چىللىشى بىلەن تەڭ تاڭ نۇرىدا بۇ ئۆي ئىچى سۇس يورۇشقا باشلىدى.  
    ئارىدىن بىر  ھەپتىچە ۋاقىت ئۆتتى . گۈلئايشەم ئابلەتنىڭ باشتا سۈر-ھەيۋە قىلشى ، كېيىن
ئالداپ يالۋېرىشلىرىگە،ئېسلىپ تىزلىنىشلىرىغا قارماي، ئەمدىلا مەكتەپ يېشىغا توشقان چوڭ ئوغلى نۇردۇن ئابلەتقا ، كېچىك ئوغلى زوردۇن ئۆزىگە  قالدىغان  بولۇپ ئاجراشتى .  شۇ  كۈنى
گۈلئايشەم  ئۆزى ئون نەچچە يىل ئەجىر قىلىپ،جان كۆيدۈرۈپ تۇتقان ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ھويلا-ئاراملارغا ئۇزۇن زەن سېلىپ كۆزىگە ئسسق ياش ئالدى.ئۆيلەرنى ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم تازلاپ،تۈزەشتۈرۈش جەريانىدا ئۆز قولى قىلغان يوتقان-كۆرپىللىرىگە ، ئائىلە جابدۇقلىرىغا،تۆشۈك سەرەمجانلىرىغا قىيالماي،مېھرى بىلەن سىلاپ-سۈرتۈپ رەتلىدى. ئابلەت بىلەن چوڭ ئوغلىنىڭ قىشلىق،يازلىق كېيىم-كېچەكلىرىنى تاراملاپ ئېقىپ تۇرغان كۆز-ياشلىرى قوشۇلغان سۇدا پاكىز يۇيۇپ دەزماللاپ ، ئىككى بوغچىغا ئايرىم-ئايرىم رەتلىك قاتلاپ چىگىپ جايلاشتۇردى . گۈلئايشەمنى كۆرسە مەرەپ، سۇۋۇنۇپ كېتىدىغان قوي، كالىللىرىنىڭ قوتىنىغا كېرىپ ئاخىرقى قېتىم چۆپ-سامان سېلىپ، يۇڭلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ خوشلۇشۇپ،ئىككى ئوغلىنى يىتىلەپ دەرۋازىدىن چىقتى.     
   ـــ كەتمىسەڭ بولاتتى خوتۇن،ـــ دېدى خېلىلا سالپىيىپ ياۋاشلاپ قالغان،دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئېرىقنىڭ دامبىسىدا بۇرنىنى تاتلاپ ئولتۇرغان ئابلەت.                     
   ـــ كەنىتنىڭ ئىشىدىن قول  ئۈزۈڭ ، ساشاڭجاڭ بىلەن ئالاقە قىلماڭ دېسەم گېپىمگە كىرىمىدىڭىز شۇ، ـــ دېدى كۆز ياشلىرى مارجاندەك تۆكۈلۈپ تۇرغان گۈلئايشەم.
   ـــ بۇندىن كېيىن ساشاڭجاڭ كەلگەندە تاماق ئەتمىسەڭغۇ بولا،كەتمىگىن جېنىم خوتۇن بولامدۇ؟ـــ يالۋېرىشكە باشلىدى ئورنىدىن  قوزغۇلۇپ گۈلئايشەمنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋالغان ئابلەت بىچارىلىك ئالامىتى ئەكىس ئەتكەن كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ، ـــ بۇنداق قىلما، يۈر،ئۆيگە كىرىپ كېتەيلى،بۇندىن كېيىن سېنى ھەرگىز ئۇرمايمەن،كەتمىگىن...   
    ـــ مەنمۇ كۆپ ئويلاندىم،ئەڭ ياخشىسى ئىككىمىزنىڭ ئاجرىشىپ كەتكىنىمىز تۈزۈككەن، رىزقىمىز مۇشۇنچىلىك قوشۇلغان ئوخشايدۇ بىزنىڭ.ھە راسىت،ئىككى لىگەن چۆچۈرە تۈگۈپ قويدۇم،قاينىتىپ يەسىز. قىش كېلىۋاتىدۇ، قېلىنراق كىيىنىپ، قورسىقىڭىزغا ئوبدانراق يەپ يۈرۈڭ...،ـــ مۇشۇلارنى دەۋېتىپ ئىچ ئىچىدىن قاپسلىپ كېلىۋاتقان يىغىسىنى توختىتالمىغان گۈلئايشەم بۇقۇلداپ ياش تۆككىنىچە بوغچىسىنى قولىغا ئالدى.   
     ـــ ئۇنداق بولسا ئاز بولسىمۇ ماۋۇنى يېنىڭغا سېلىپ قوي،يولدا خىراجەت قىلارسەن،ـــ دېدى كۆز قارچۇغى نەملىشىپ قالغان ئابلەت سۇس تىترەۋاتقان لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ.
     ـــ خوش ئەمىسە ،نۇردۇنغا ئوبدان قاراڭ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ...
     ـــ قىيلىنىپ قالغۇدەكلا بولساڭ ئىككىلەنمەي قايتىپ كەل...
شۇنداق قىلىپ  گۈلئايشەم ئابلەت بىلەن چىرايلىقچە  خوشلاشتى، ئۇ  خۇددى  بىر  قانچەيىلدىن كېيىن يەنە قايتىپ  كېلىدىغاندەك  ئابلەتتىن ھېچ  نەرسىنى تالاشمىدى  .  پەقەت ئۆزىنىڭ  ۋە
ئوغلىنىڭ كېيىم-كېچەكلىرىنى  بوغچىلاپ، يېنىغا ئۆزى ساقلاپ يۈرگەن ئازراق  پۇلىنى  ۋە  ئابلەت ھېلى ئۇنىڭ بوخچىسىغا  قىستۇرۇپ قويغان  پۇلنىلا ئېلىۋالدى.ئابلەت بىلەن  ئاخشام پۈتۈشكىنى  بويىچە  گۈلئايشەم ئوغلى  نۇردۇن  بىلەن  ئاخىرىقى  كېچىنى بىللە  ئۆتكۈزۈۋېلش  ئۈچۈن ئىككى ئوغلىنى باشلاپ ئۆيدىن  ئايرىلىپ، قونىغا سەمتاخۇننىڭ ئۆيىگە كىردى .     
. دالان ئۆينىڭ تۆرىدە ئولتۇرۋالغان،بېشىدىكى شاپاق دوپپسىنىڭ قۇلقىغا ئۇدۇللاشقان تەرپىنى ئۈستى ئۆرۈۋېلىپ،ئاق تاۋاقتىكى پۇرقىراپ ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ياغ  چۆپىنى ئىشتىھا بىلەن يەۋاتقان سەمتاخۇن  كۆرگەن گۈلئايشەم  بىردىنلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي  ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتى.ئۇنىڭ بۇ ھالىدىن يەنە كۆڭۈلسىزلىكنىڭ ھېدىنى سەزگەن سەمتاخۇن قولىدىكى تاۋاقنى داستىخانغا  قۇيۇپ گۈلئايشەمنىڭ مىسكىنلىك تىقىلغان ، ياش بىلەن تەڭلا ساقىپ چۈشۈپ كىتىدىغاندەك لىغىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى.
   ـــ يەنە شۇ ئابلەت دېگەن نائەھلى بوزەك قىلىغان ئۇخشىمامدۇ سىزنى؟
   ـــ مەن...مەن ئابلەت بىلەن ئاجرىشىپ كەتتىم سەمتىكا.                             
  ـــ مەندىن كېتىپتۇ،شۇچاغدا بۇ  نائەھلىنى سىلەرنىڭكىگە ئېلىپ بېرىپ خاتا قىپتىمەن.
  ـــ ئۇنداق دېمىسلە،سىلىمۇ كۆپ جاپا چەكتىلە.بىر ئۆتۈنۈشىم بار ئىدى،توغرا كۆرەرلىمۇ؟
  ـــ مەن سىزنى قىزىمدەك كۆرىمەن،تەكەللۇپ قىلماي،قېنى ئىيىتىڭ.
  ـــ كيىنكى كۈنلەردە مۇشۇ ئوغلۇمغا كۆز-قۇلاق بولۇپ قويالارلىمىكىن.
  ـــ كۆز-قۇلاق بولمامدىغان،خاتىرجەم بولۇڭ قىزىم...
  گۈلئايشەم سەمتاخۇنلار بىلەن ئۇزۇن  پاراڭلاشقاندىن كېيىن ، ئىككى ئوغىلىنى باغرىغا بېسىپ شۇ كېچىنى ئۆتكۈزدى . بىر ئوغلىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى خىيال قىلىپ،يۇم-يۇم يىغلىدى،يۈرەك باغرى ئىزىلدى.چوڭ ئوغلى ئويغىنىشتىن بۇرۇن يولغا چىقىۋېلىش نىيتىدە تاڭ سۈزۈلىشىگىلا چوڭ ئوغلى نۇدۇنغا، ئۆيىگە، مەھەلىگە كۆزى قىيمغان ھالدا كۆز يېشى قىلىپ،سەمتاخۇن بىلەن پاتەمخاننىڭ ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئامانلىق تىلەپ دۇئا قىلىپ ئۇزۇتۇشى بىلەن كىچىك ئوغىلىنى يىتىلەپ،بوغچسنى قولتۇقلاپ، سەمتاخۇننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى يان  يولدىن چوڭ يولغا چىققۇچە  پات-پات ئارقىغا قاراپ  قول  پۇلاڭلىتىپ  ماڭدى.بۇ يۇرۇتتا ئون نەچچە يىل تۇرۇپ ، ھەر كۈنى قوشنا-قۇلۇملاغا  خۇش تەبەسسۇمى  بىلەن چېلقىپ تۇردىغان گۈلئايشەم مانا بىر دەمدىلا يولنىڭ بىر چىتىدە تۇرغان سەمتاخۇن بىلەن پاتەمخاننىڭ، يۇرۇتداشلارنىڭ، كۆرۈش دائىرسىدىن غايىپ بولدى...                  
                                                                 6
    ئۇدا بىر   قانچە كۈن ياغقان  قار  بىلەن  تەڭ ئابلەتنىڭ  كەڭرى  قورۇسىدىكى  ئاۋاتلىقلارئاياغلاشتى.ئۆي ئىچىنى
تىمتاسلىق،غېرىپلىق باستى.ھەر خىل مېۋە-چېۋە،گۈل-گىياھلاربىلەن  كۆركەم  كۆرۈنىدىغان ئۆيىنىڭ  ئارقىسدىكى بېغىمۇ خۇددى ھازا تۇتۇپ غەمكىن بولۇپ قالغان كىشىدەك تۇتۇلغان ئاسماندىن ياغقىلى ھەپتىچە بولۇپ قالغان قېلىن قارغا كۆمۈلۈپ ، يېزىنچە  چۇلدۇرلىشپ سايرىغان قۇشلىرىنىمۇ گۈلئايشەم بىلەن تەڭ يىراقلارغا ئۇزاتتى.گۈلئايشەمگە يامان ئۈگۈنۈپ قالغان توخۇلارمۇ كۈزدە چىقارغان چۆجىلىرىنى ئارقسغا ئەگەشتۈرۈپ ، ئۇنىڭدىن بىر ئۇچۇم دان ياكى نەمدەلگەن كېپەك تەمە قىلشىپ، شىللسنى ئۇرۇشۇپ ئىشىك تۈۋىدە ئۇزۇن چۇرۇقلىشىپ ئىلاجىسىزلىقتىن يەنە كاتەكلىرىگە قايتىشتى.
نۇردۇنمۇ ئۇدا بىر نەچچە كۈن ئەتگىنى، كەچتە ئانىسنى  سېغىنىپ ئۆيلەردىن، قوتانلاردىن ھويلا-ئاراملاردىن ئۇنى


ئىزلەپ يۈرۈپمۇ تاپالمىدى،چاقىرىپ يۈرۈپمۇ ئاڭلىتالمىدى.ئابلەت گۈلئايشەمدىن ئايرىلغاندىن بىرى ھە دېسلا بازارغا بېرىپ چىلاشقىچە ئىچىپ،ئۆيگە كەچ كىرگەندە مەس پېتى كېلىدىغان،ھەتتا بەزىدە مۇشۇ قەھرىتان قىش كۈنلىرىدە نۇردۇننى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەلمەيدىغان بولۇۋالدى. ئابلەت كەچ قالغان كۈنلىرى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ،دەرۋازا ئالدىدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان نۇردۇننى سەمتاخۇن ئۆيىگە ئەكىرىپ، ئىسسىق تاماق بىرىپ،ئامال بار ئابلەت كېلىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ماڭغۇزاتتى-دە، يولنىڭ بىر چىتىدە خېلى ئۇزۇن كۈزۈتۈپ تۇراتتى.ئەگەر ئابلەت يەنە كەلمىسە ئۇنى ئۆيىگە ئەكرىپ قوندۇرۇپ، ئەتىگىنى ناشتىلىق بىرىپ، يېنىغا بىر،ئىككى يۈەن پۇل سېلىپ قويۇپ مەكتەپكە يولغا سالاتتى. بۇ جەريانلاردا سەمتاخۇن قاتتىق ئېھتىيات قىلاتتى. چۈنكى، نۇردۇننىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەنلىكىنى ئابلەت بىلىپلا قالسا ئۇنى ئۇرۇپ،زۇلۇم قىلاتتى.
  ...ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىشقا بەلگە بىردىغان قوڭغۇراق مانا بۈگۈن يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا چېلىندى.بالىلار دەرىسخانىدىن   بوغچىللىرىنى  يۈدۈشۈپ    ،   خۇددى باھار كېلىپ ھاۋا   ئىللىغاندا   ھەسەل   ھەرىللىرى  ھەرە  ساندۇقىدىن  ئوخچۇپ  چىققاندەك ،ئاغزىدىن ئوغۇز  سۈتى ئېقىپ تۇردىغان قوزىلارنىڭ ئانىسنىڭ كەينىدىن ئەركىلەپ  ،  قىيغىنىپ سەكرىگەندەك   خۇشال ھالدا ئويناقشىپ  چىقىۋاتقان بالىلار  مەكتەپ دەرۋازاسى ئالدىدا  ساقلاۋاتقان  ئاتا - ئانىللىرىغا ئەركىلىشىپ ئۆزىنى ئېتىشماقتا،  بويۇنىلرىغا گىرە سېلىشىپ سۆيۈشمەكتە   ...   ئەمما   نۇردۇن   بۈگۈنمۇ  ھەر كۈندىكىگە ئوخشاش مەكتەپ   دەرۋازىسدىن   ھەممە  بالىلارنىڭ   كەينىدىرەك چىقتى   .  ئۇ  ھەسەل ھەرسىدەك ئوخچىيالمىدى،قوزا بولۇپ قىيغنىپ سەكرىيەلمىدى،بىرەرسىنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپمۇ سۆيەلمىدى. ئۇ پەقەت ئانسىدىن ئېزىپ قالغان بوتلاقتەك  ئىختىيارسىز  بېشنى  تىز-تىز بۇراپ  ، گۈلئايشەمنى  ئىزلىدى  ئاندىن  يولنىڭ   چېتدە   بوينىنى قىسقان ھالداياندىكى ماگزىنلاردىن ئاتا-ئانلارنىڭ ساۋاقداشلىرىغا  بىر  نەرسلەرنى ئېلىپ  بىرىۋاتقانلقىغا   بىچارىلىك  ئەكىس ئەتكەن كۆزلىرىدە زەن سالدى دە، سەمتاخۇن ئەتىگەن بەرگەن پۇلنى دەرھال ئىسىگە ئېلىپ،ئازراق كەمپۈت سېتىۋېلىپ يولدا يىگەچ ماڭدى...

    كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە.يېڭى يىلمۇ كىردى،گۈلئايشەم كەتكىلى مانا تۆت ئايچەبولۇپ قالدى . جاندىن ئۆتكىدەك  قەھرىتان سوغۇقتىكى تۆت ئاي ئابلەتقا خۇددى تۆت يىلدەك بىلىنىپ كەتتى.بۇ جەرياندا ئابلەت گۈلئايشەمنى بىر قېتىم ئىزلەپ بېرىپمۇ،خېلى سۈرۈشتۈرۈپمۇ دېرىكىنى ئالالمىدى.گۈلئايشەم كەتكەندىن بىرى دەرۋازا بىلەن ئۆينىڭ ئىشكى ئارلىقىدا بىر چىغىر يول ھاسىل بولغان،ئۆيلەر بىرەر قېتىممۇ تازلانمىغان،قاچىلارنىڭ ھەممىسى چاي يۇقى پېتى تۆشۈكتە چېچىلغان،مەشنىڭ ئالدىدىكى كۈلمۇ تاغدەك دۆۋلەنگەن،قويغىنى قويغان،تۇتقىنى تۇتقان يەرگىلا تاشلانغان.گۈلئايشەم كەتكەن كۈنى ئاخشمى سېلىنىپ،تا ھا-زىرغىچە  بىرەر قېتىممۇ يىغىلماي پۈرلۈشۈپ كىرلەشكەن  يوتقان  ئىچىدە تۈگۈلۈپ،كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەن  بولسىمۇ،تېخىچە  غەپلەت  ئۇيقسدا  ئۇخلاۋاتقان  ئابلەت  ئۇلىنىش مۈزىكىسى تەڭشەلمىگەن يانفۇنىنىڭ سەت جىرڭلىشى  بىلەن چۆچۈپ  ئويغاندى.تۆپە-تۆپىگە نەچچەقېتىم يېغىپ دۆۋلەنگەن ھويلىدىكى قېلىن قارنىڭ  نۇر  قايتۇرشى بىلەن تېخمۇ  كۈچلەنگەن  قوياش  نۇرىنىڭ  دېرىزىدىن  چۈشۈشى
تەسرىدە كۆزىنى ئاچالمىغان ئابلەت يوتقاننىڭ ئايقىغا تاشلانغان شىمىنى سىلاپ يۈرۈپ تەستە تېپىپ،يانچۇقىدىن تېلىفۇننى ئېلىپ قۇلىقىغا تۇتتى.
   ـــ ۋەي،كېم بۇ ؟
   ـــ ھازىر مەندىن باشقا كىممۇ ئىزدەر سەن ئەبگانى!
   ـــ ھوي، ئاللا شاڭجاڭ قانداقراق تۇردىلا ؟ دېققەت قىلمايلا تېلىفۇننى ئېلىۋىتىپتىمەن ئەمەسمۇ.خاپا بولماي قويىۋەتسىلە،سېلىنى چىقىمدار قىلماي مەن قايتۇراي.
   ـــ بولدى،بولدى. يېقىندىن بىرى قىينىلىپ،ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۈۋېتىپمۇ نوچىلىقىڭنى قارا.ماڭا سېنىڭچۇ مانا مۇشۇ يېرىڭ يارايدۇ!
   ـــ يەنىلا مېنى سىلى ئوبدان چۈشىنىلا جۇمۇ شاڭجاڭ،ھى،ھى،ھى...
   ـــ تۇرمۇش مەسلەڭنى ھەل قىلىپ،بېشڭنى ئوڭشاپ قوياي دەپ تېلىفۇن ئېلىشىم.تېزراق كەل،تومۇچۇقتىن بىرنى تەييار قىلىپ قويدۇم، ئەمدىلا ئۇچۇرما بولغان دېگىنە.
  ـــ ھى،ھى،ھى،مەن ئۈچۈن كۆپ ئاۋارە بولۇپلا،رەھمەت سىلىگە...  
  ـــ قۇرۇق رەھمىتىڭنى قويۇپ،ناھىيە بازىرىدىكى ھېلىقى بىز دائىم باردىغان«قوش يۈرەك»ئارامگاھىغا كەلگىن...
   يالغۇزلۇق ،   غېرىپلىق باسقان   ،  قەھرىتان  سوغۇقتا  ئىسسقسىز قالغان  ،  ئۇنىڭ   ئۈستىگە
مەھەلىسىدىكىلەرمۇ سوغۇق نەزىرى بىلەن قاراۋاتقان  مۇشۇنداق پەيىتتە ساشاڭجاڭنىڭ ئابلەتكە كۆيۈنۈپ  تېلىفۇن  قىلشى بۇ  ئۆمرىدە ئاتا مېھرى نسىپ بولمىغان  ئابلەتنىڭ   قەلبىدە   بىر  خىل
ئاتىلىق كۆيۈنۈش، ئىللىق  سىزىم  پەيدا قىلىپ،ئۇنى قاتتىق تەسرلەندۈردى  . ۋۇجۇدىنى  يىغا تۇتقاندەك  بولۇپ  ھاياجانلىق  ئىسسىق بىر  خىل  مېھىر   تەپتى تومۇرلىرىدىن شور قىلىپ  ئۆتتى.
ئابلەت بىر  ھەپتىدىن  بىرى قىردۇرماي   قاغىنىڭ چاڭگىسدەك   بولۇپ كەتكەن ساقىلىنى پاكىز ئالدى.گۈلئايشەم كېتىشنىڭ ئالدىدا يۇيۇپ  ،  دەزماللاپ قويغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قۇر  كېيمىنى كەيدى.نەچچە كۈن ياققان قاردا كۆمۈلۈپ   قار بوۋايغا   ئوخشاپ   قالغان  موتوسېكلتنى   تەستە ئوت  ئالدۇرۇپ  يولغا  چىقىپ،تاتلىق خىياللار  ئېلكىدە سۆڭەكتىن ئۆتكىدەك سوغۇقنىمۇ ئۇنتۇغان
ئابلەت رېستۇران ئالدىغا قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالدى.
    ـــ ھوي بويتاق ، مانا، مانا، بىز بۇياقتا، - دېدى بولۇڭدىراق جوزىغا جايلاشقان ساشاڭجاڭ ئورنىدىن تۇرۇپ،ئەمدىلا ئىشىكتىن كىرگەن ئابلەتنى قولىدا شەرەتلەپ.
    تېخى كەچ بولمىغاچقىمىكىن،رېستۇراندا ئادەملەر شالاڭ،پەقەت بەش-ئالتە جوزىدىلائادەملەر  ئولتۇراتتى.زالنىڭ دېرىزە پەردىللرى چۈشۈرۈلگەن،سۇس چىراغ يۇرۇقىدا،يىنىك مۇزىكىدىن ھوزۇر ئالغاچ كۆڭۈل سىرلىرىنى دېيىشكەچ قەدەھ سوقۇشتۇرۇپ ئىچىۋاتقانلارمۇ،ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان يېڭلا  چىقىرىلغان  قورۇملارنى  ئىشتىھا  بىلەن  يەۋاتقانلارمۇ  ،  ھېلىلا  كىرىپ  سەي  تىزىملىكىنى
ۋاراقلاپ،قورۇما ۋە ئىچىملىكلەرنى مۇلازىمەتچىلەرگە بۇيرۇتۇۋاتقانلارمۇ...بار ئىدى. ساشاڭجاڭلار ئورۇن ئالغان جوزىدا ئاللا  بۇرۇن  ئىچىشىش  باشلانغان ،  ئابلەتكە تونۇش ئىككى ئەر كىشى ۋە
ناتونۇش ئۈچ ئاياك كىشى ئولتۇراتتى.ئابلەت ئۇلار بىلەن بىر قۇر سالاملاشقاندىن كېيىن بوش ئورۇندۇققا جايلاشتى.
  ـــ مانا بۇ مەن ھېلى گېپنى قىلغان بوستان كەنتىنىڭ سېكىرتارى ئابلەت،ـــ دېدى ساشاڭجاڭ ئابلەتنى تونۇشتۇرۇپ.ئاقىدىنلا ھەر ئىككى ئەر ئارسىدا بىردىن ئولتۇرغان ئاياللارنى ئابلەتكە تونۇشتۇرۇپ كېلىپ ، ئۇنىڭ يېنىدىكى  ئورۇندۇقتا  ئولتۇرغان  قىرىق  ياشنىڭ   قارسىنى  ئالغان
سوزۇنچاق يۇز،قاڭشارلىق،ئورۇقراق،زىلۋا بەدەن  ئايالنى ماختاپراق تونۇشتۇرۇپ،ئابلەتكە بەلگە بەردى.ئاسىيە  ئىسىملىك  ئايالنىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى پەمىلگەن ئابلەت قانچە جىددىيلەشكەنـــ
سىرى ئايال ئابلەت تەرەپكە  شۇنچە سىىغدىلىپ،سوغۇقتىمۇ پەقەت پايپاقلا تارتىۋالغان يوتسىنى ئۇنىڭ  يوتىسغا چاپلاپ،ئورۇندۇق ئاستدىن  پۇتىنى  پات-پات  دەسسەپ قوياتتى.ساشاڭجاڭنىڭ قولىدىكى رومكا بىر نەچچە قېتىم ئايلاندۇرۇلۇپ،سورۇن تۈزۈشتىكى  مەقسەتمۇئوتتۇرغا  قويۇلدى. ھېلىدىن بىرى ئابلەتنىڭ  كەڭ  گۈرەنلىرىگە، توم قاشلىرى ئاستىدىكى پىيالىدەك چوڭ كۆزلىرىگە  زەن  سېلىپ  رازىمەنلىك  ئالامىتى ئەكىس ئىتىپ خۇمالاشقان ئاسىيەنىڭ نۇرى قاچقان قىزغۇچ  كۆزلىرى  بىردىنلا ئۇنىڭ  بېشىغا  كېيىۋالغان  شەپكىسنىڭ گىر-ۋەكلىرى ئاستىدىكى مەزگىلسىز ئاقارغان  چېكە  چاچلىرىدا  توختاپ  ساشاڭجاڭ  تەرەپكە  ئاغدى ۋە ئېڭەكلىرىنى ئوينۇتۇپ ئەركىلەپ تۇرۇپ ئوتتۇرغا
گەپ تاشلىدى.   
   ـــ قارىسلا ساشاڭجاڭ،چاچلىرى ئاقرىپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ،ماڭا سايە بولغۇچىلىكى يوقمۇ نېمەبۇ بايقۇشنىڭ،ئەڭ ياخشسى ساناتۇريەگە تاشلاپ بىرىپلا قۇتۇلسلا بولغۇدەك بۇ تۇققانلىرىنى.
  ـــ قوناقنىڭمىچۇ پۈپىكى ئاقارغاندا مەدىكى قاتىدۇ ئەمەسمۇ خېنىم.
   ـــ سۈيىگە قانمىغان قوناقنىڭمۇ دان تۇتماي تۇرۇپلا قۇلاقلىرى  سالپىيىپ،پۈپىكى ئاقىرىۋا-لىدىغىنىنى ئاڭلىماپىتىكەنلا دە جېنىم شاڭجاڭ .
   ـــ قوللىرى ئەپلىك بولغاندىكىن ئۆزلىرى سۇغۇرۇپ،ئوغۇتلاپ پەرۋىش قىلۋالالا خېنىم.
   ـــ ۋاي شاڭجاڭ،تېخى نادانكەنلا ئەمەسمۇ! كۆكىگە سالمىغان ئوغۇتنىڭ يىلتىزىغا بارغىننى نەدە كۆرگەن سىلى،بىزچۇ ۋاقتى ئۆتكەندە  ئوغۇتلاپ  سىكە  دان  بولۇپ  قالغان  قوناقلارنى كۆپ كۆرگەن،سويپىقىنى سويماي تۇرۇپلا مىچ-مىچ سۈيىنى چىقىرىۋەتكەن بىز...
   ـــ ئەمما دوستۇم ئاسىيەگە ئەمدىلا دان تۇتقان يۇمران قوناقلا بولسا،مۇشۇ قوياش تەپتى يالقۇنجاپ  تۇردىغان  مېھرىلىك  باغرىغا چۆكۈپ شۇنداق بىر تەرلەنسە ھارارىتىگە بەرداشلىق بىرەلمەي  پاسلداپ ئېتىلىپ،بىردەمدىلا ئاقۋالداق چۈرۈچ  بولۇپ  كېتەتتى-دە،...
   سورۇندىكىلەرنىڭ تېتىقسز يۇمۇر،كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن مانا بىردەمنىڭ ئارلىقىدا بىر قانچە بوتۇلكا قۇرۇقدىلىنىپ بولدى . شوخ مۇزىكىلىق ناخشلارغا بىر قانچە رەت ئۇسۇلمۇئوينالدى. ناخشىچى قىزنىڭ ئېلان قىلشى بىلەن  زال ئىچىدە يېقىملىق تانسا مۇزىكىسى ياڭرىدى.ئۇسۇل ئوينىغاندا ئاندا-ساندا قوللىرى تىگشىپ،چاچلىرى سۇۋۇشۇپ ئابلەتنىڭ يۈركىنى زەرەتلەپ توك تەپكەندەك سىزىم پەيدا قىلغان قوللار مانا ئەمدى جۈپلەشتى.ئاسىيەنىڭ ئىنچىكە بىلىدىن تارقىغان كۈچلۈك سىزىم ئابلەتنىڭ ئالقان تومۇرلىرى ئارقىلىق يۈركىگەتۇتۇشۇپ،خۇددى قومۇش  پۈپىكىگە ئۇچىرغان يالقۇندەك ئۇنىڭ نازۈك سەزگۈ-نىرىپلىرىغاگۈپپىدە ئوت كەتتى.ھاراقنىڭ كەيپىگە قوشۇلۇپ ئاسيەنىڭ بەدىنىدىن كېلىۋاتقان كۈچلۈك ئەتىر پۇرقى بىلەن تېخمۇ مەسىت بولغان ئابلەت ئوڭ قولى بىلەن ئۇنىڭ ئىنچىكە بەللىرىنى تېخىمۇ قورۇپ،ھەدەپ ئالدىغا تارتىشقا باشلىدى.ئابلەتنىڭ بۆرىنىڭ پەنجىسدەك كۈچلۈك قوللىرىدا شۇنداق بىر قورۇلۇشقا تەقەززا بولۇپ تۇرغان ئاسىيەگىمۇ بۇ ھەركەت تازا خوش ياقتى بولغاي،ئۇمۇ تارتىشمايلا ئابلەت تەرەپكە سىلجىدى . مانا ئەمدى مۇرىسىگە بېشىنى قويۇشى بىلەن  ئۆزىنى يوقاتقان ئابلەتنىڭ بارماقلىرى ئىختىيارسىز ئاسىيەنىڭ چاچلىرىنى يەڭگىل سىلماقتا.قېشنى ئىنىچكە ياسالغان بۇرۇتتەك قىرقىپ پىشانىسگە ئېچىقىۋالغان يۈزىنى ھاكلىغان تامدەك قىلىۋالغان،قىزارتىۋالغان گۆشسىز لەۋلىرى ئارسىدىكى تاماكا چىكىشتىن سېسپ كەتكەن كۈلرەڭ چشلىرىدىن ئىپلاسلىق پۇراپ تۇردىغان بىر بەڭگى ئايال مانا ھازىر خوتۇننىڭ قەدرى  يەتكىچە  ئۆتۈلگەن  ئابلەتقا خۇددى ئاسماندىكى ئاينى قوينىغا ئېلىپ ئەركىلتىپ ئويناپ ، كۆكتە بىللە  پەرۋاز   قىلۋاتقاندەك  تۇيغۇ بەرمەكتە ئىدى...
  ئاردىن بىر ئايچە ۋاقىت ئۆتتى.بىر قانچە قېتىمىلىق ئولتۇرۇشلاردا ئابلەت تاماكىنى ئاغزىغا ئېلىشغىلا ئاسىيەنىڭ چاقماقنى يېقىپ بىرىشلىرى،ئاچچىق ھاراق كانىيىدىن ئۆتۈپ بولىشىغىلا
قىزىل چاينى ئوتلۇتۇپ قويۇشلىرى،مۇزىكا باشلىنىشى بىلەنلا ئۇنىڭ بىلەن بېقىشىپ ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرگىدەك  نەپس ھەركەتلىرى بىلەن  ئۇسۇل ئويناشلىرى،تانسغا چۈشكەندە بولسا ئاشۇ ئىنچىكە بەللىرىنىڭ،تولغان ساغرىللىرىنىڭ ئۇنىڭ ئالقانلىرىدا شۇنچىلىك يەڭگىل تەۋرىنشلىرى،
ئايرىم خانىلەردە ئۇچراشقاندا ئۇنىڭغا نازلىق بېقىپ،ئەركىلەپ قۇچىقىغاچىقىۋېلىشلىرى،بولۇپمۇ ئاسىيەنىڭ ھەر قېتىمقى سورۇندا ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن بەدىنىگە لىققىدە كەلگەن،تۈگمىللىرى ئىككى پىشىنى ئاران ئۇلاشتۇرۇپ  تۇرغان كالتە چاپىنىنى سالغاندا كوپتىسىنى تىشىۋەتكۈدەك  دىڭگىيىپ ئابلەتقا خىرىس قىلىپ،كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋىتدىغان بىر جۈپ كۆكسى ئۇنىڭ خىيالىغا كەلسىلا شەيتانلىرى ئۇنى پۇۋلەپ ھازىرلا ئاسىيەنى ئەكىلىۋېلىشقا  قىستايتى  .  ئەمما ئاسىيەنىڭ ئاشۇ
سورۇنلاردا خۇددى كونابەڭگىلەردەك تاماكىنى پۇرقۇرتۇپ چىكىشلىرىنى،تەڭلەنگەن ھاراقلارنى پوش دېمەي ئاللا   قانداق  قوشاقلارنى توقۇپ ئىچىشلىرىنى  ،  سورۇندىكى دادىسى   دېمەتلىك
كىشىلەر بىلەن پاسىل ئايرىماي سېرىق يۇمۇرلارغا ھەمجۈربولۇپ ۋالاقشىپ كۈلۈشلىرىنى ھەم ئۇلار بىلەن  بەدەنلىرى تېگىشىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە  يېقىنلىشىپ،قۇلاق يېقىشىپ ئاللانېمىلەرنىدۇر دېيىشىپ، ئابلەتقا  قاراپ  پىخىلداپ  مەسخىرلىك ھېجىيىشلىرنى  كۆڭلىگە  تازا  سىغدۇرالمىدى.
ئاسىيەنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى،گەپ-سۆزلىرىدىكى بۇ  غەيرى  ئالامەتلەرگە  قاراپ ئابلەتنىڭ  ئۇنى كۆندۈرۋېلىشقا كۆزى يەتمىدى،شۇ سەۋەپلىك ئۇنى خۇتۇن قىلشتا بىر قارارغا كېلەلمىدى. ئەمما  ئۇ بۇ قېتىمقى  پۇرسەتنى  قولدىن بىرىپ   قويسا مۇشۇ ھالى  ،  بۇ   يېشىدا مەڭگۈ  خوتۇنلۇق بولالماي
قېلىشدىنمۇ   سەل ئەنسىردى  .  قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي ئارسالدا  بولۇپ  تۇرغان  ئابلەت بۇ
مەھەللىدە  تۈزۈكرەك مەسلىھەت ئالغۇ-دەك ئادىمنىڭمۇ  تايىنى  يوق  بولۇۋاتقان   مۇشۇ پەيىتتە  يەنىلا ساشاڭجاڭنى ئېسىگە ئېلىپ،ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ بىرەر  رۇمكىدىن ئىچىشكەچ  يۈز تۇرانە  مەسلىھەت  ئېلىپ  بېقىشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ،ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدى.
   ـــ ۋەي،ساشاڭجاڭ ئاخشامقى سورۇننىڭ ھاردۇقى چىقىپ قاپتىمۇ؟ـــ بۇ توغرىسىدا قانداق گەپ باشلىشىنى بىلەلمەي  گاڭگىرغان ئابلەت شۇنداق دەپ ئېغىز ئاچتى، ـــ  ھە راسىت  ، ئاخشام ماشىنىللىرىنىڭ  ئارقىسغا  بىر يارتا  گۆشنى سېلىپ قويۇپ دەپ  قۇيۇشنى ئۇنتۇپتىمەن،
ۋاقتىدا توڭلاتقۇللىرىغا سېلىۋالسلا،پۇراپ قالمىسۇن يەنە،ـــ گۆش سېلىپ قۇيغانلىقىنى شوپۇرغا تاپلاپ قويغان بولسىمۇ خۇشامەت يۈزسىدىن ئابلەت بۇ گەپلەرنىمۇ قوشۇپ قويدى.
   ـــ توڭلاتقۇنىڭ بوش يىرى قالمىغاچقا  گۆشۈڭنى شوپۇرغا بېرىۋەتتىم.ئاڭلىسام ئاخشام  ئاسىيە بىلەن بولغان ئىشىڭنى بىر ياقلىق قىلماي تۇرۇپلا كېتىپ قاپسەن،بۇ راسىتمۇ؟
   ـــ بۇ گەپلەرنى سېلىنىڭ يانلىرىغا بېرىپ دېيىشەي دەپ شۇ...
   ـــ ھازىر مەن ئالدىراش،دەيدىغاننى مۇشۇ تېلىفۇندىلا دە !
   ـــ مەن...مەن...شۇ ھېلىقى ئاسىيە دېگەن ئايالنى كۆڭلۈمگە تازا سىغدۇرالمايۋاتىمەن،كېيىن تىزگنلىيەلمەسمىكىن دەپ شۇ...
   ـــ  بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كەتمە !  ئەگەر  گېپىڭگە كىرمىسە، مېنىڭ  ئىسممىنى چىقارساڭلا قورۇققىنىدىن ئۇسىتىخانلىرى ئۈگە-ئۈگىللىرىدىن ئاجراپ لاسسىدە بوششىپ كېتىدۇ ئۇنىڭ.
   ـــ مەن...شۇ...يەنە ئويلىنىپ باقاي ئەمىسە...
  ـــ مەن  سېنىڭ ئىشىڭ توغرىلىق ئۇنىڭغا  ۋەدە بېرىپ بولدۇم،شۇڭا تولا تىلىڭنى چاينىماي ئىشىڭنى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدىلا پۈتتۈر!
  ـــ ۋەي، ۋەي، ساشاڭجاڭ مەن ...        
   « زادى قانداق قىلسام بولار؟-دېدى تېلىفۇننى قۇلىقىدىن ئۈزگەن ئابلەت ئۆز-ئۆزىگە سۇئال قويۇپ،ـــ بۇنچىلىك دەرجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ساشاڭجاڭنى تويدىن كېيىنمۇ  يەنە  ئاۋارە قىلىپ” خوتۇنۇم مېنى خاپا  قىلىۋاتىدۇ، گەپ  قىلىپ  قويسىڭىز “  دېگىلى بولاتتىمۇ  ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۆزىنى ئەر چاغلايدىغان كىشىنىڭ قىلىدىغان گېپىمۇ ئەمەس دە.  ھەي گۈلئايشەم، ھەي گۈلئايشەم،ئازراق پەش قىلىپ قويغىنىمغا ئادەمنى مۇشۇنداقمۇ تاشلاپ كېتەمسەن  دەيمەن؟ مانا ئەمدى يا ئىزلەپ تاپقىلى بولمىسا،نەلەردىمۇ يۈرۈيدىغانسەن ،  ھە... »  دېمىسىمۇ  مۇشۇ  
كۈنلەردە  ھە دېسىلا خېيالىغا  گۈلئايشەم كىرىۋالغان ئابلەت ئاسىيەنى ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم
سېلشتۇرما قىلدى  .  كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئۆيگە كېلىپ قالدىغاندەكلا  تۈيغۇدا بولۇپ  ئۇنى بىر مەزگىل ساقلاپ بېقىپ،كەلمسە ئىزلەپ تېپىپ ياندۇرۇپ كېلىشنى ئويلىدى. ئابلەت ئاخىرى مۇشۇ خىيالىنى مۇقۇملاشتۇرۇپ،بىر نەچچە كۈن ئۆيىدىن سىرىتقىمۇ چىقمىدى،شۇ ئارىدا ساشاڭجاڭ ۋە ئاسىيەلەرنىڭ تېلىفۇندا ئالدىرتىشلىرىغا «ياق» دېمەي،«ئويلىنىپ باقاي»دەپمۇ ئۇلاردىن خېلى دەككىسىنى ئاڭلىغان ئابلەت ھەتتا تېلىفۇنىنىمۇ ئىتىۋەتتى...
   بۈگۈن كۈندىكىگە قارغاندا خېلى سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن ئابلەت نۇردۇنغا تۈنجى قېتىم  ناشتلىق  بىرىپ   مەكتەپكە  يولغا   سالغاندىن  كېيىن   ،   كېچىچە  قىلغان خىيالى بويىچە
گۈلئايشەمنى قانداقلا بولمىسۇن يەنە بىر قېتىم ئىزلەپ بېقشنى نىيەت قىلىپ،مۇتۇسىكلىتىنىڭ زەنجىر، چۈرۈكلىرىنى پۈتۈن دېققىتى بىلەن ياغلاپ،يولغا چىقىشقا  تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. گۈلئايشەم كېتىپ ئابلەتنىڭ بازىرى قاچقاندىن بىرى قېقىلمغان دەرۋازىسنى ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئۇنىڭ  ئسمىنى  چاقىرىپ ،  كالتە  ھۆتەل  بىلەن   توخۇ   شاپاق   چوقۇغاندەك   توكشىتىپ بوش
چىكشى ئابلەتنىڭ دېققىتىنى بۆلدى.ئىمام  ئاخۇنۇم ساشاڭجاڭغا يەرلىك قوچقاردىن پىشىىق،خام بولۇپ ئۈچنى يىگۈزگەندىن كېيىن « ئىگىسدىن كەلسە،بەندىدە ئامال يوق » دېگەن ئەقىدىدە چىڭ تۇرۇپ ،   كېسەلمەن ئايالىنى دوختۇر يۈزى  كۆرسەتمەي  ھەپتە  ئىچىدىلا  يولغا سېلىپ  ،
رەھمەتلىكنىڭ ئانسدىن قالغان ئالتۇن ھالقىسىنى قۇلىقىدىن سۇغۇرۇۋېلىپ سۇ قىلىپ،بۇنىڭغا رەھمەتلىكنىڭ ئۇنى ئەرەمگە يولغا سالىمەن دەپ بۇ ئالەملىكىدە مىڭ بىر جاپادا تىرناقداپ  يىققان ئازغىنە دەسمايسنى قوشۇپ «ھاجىم» بولۇپ كەلگەن بولسمۇ، ئوخشاشلا  ئۇنىڭ جامائەت  ئالدىدىكى  ئابرۇيى مەزىنگە  قارغاندا تۇتۇق  بولۇپلا  قالماي  توي-تۆكۈن،نەزرە-چىراقتىكى بازىرى بۇرۇنقىدەكلا سۇنۇق بۇلۇۋاتاتتى. شۇ سەۋەپتىن ئىمام  ئاخۇنۇم ئۇزۈن يىل ئولتۇرغان مېھراپتىكى ئورنىنى مەزىنگە تارۇتقۇزۇپ   قويماسلىق  ئۈچۈن توخۇ-كەپتەر، ئوغلاق-سەكىلىرى بىلەن ساشاڭجاڭنى سەمىرىتىپ، ئۇنىڭ ئاشۇ يوغان قورسىقىنىڭ دالدىسدابوران تەگمەي، تا ھازىرغىچە سەپ ئالدىدا ھاسىسىنى تىرەپ بەرجەس تۇرۇۋاتاتتى.   
     ـــ بىر ياققا جابدۇۋاتامسەن نېمە؟ ـــ سوردى سالام-سائەتتىن كېيىن سۇپنىڭ لىۋىگە سېلىنغان كۆرپىگە جايلاشقان ئىمام ئاخۇنۇم ھويىنىڭ ئوتتۇرسىغا دىيەكلەنگەن مۇتۇسىكلتىغا قاراپ.  
  ـــ گۈلئايشەمنى ئىزلەپ باقايمىكىن دەپ شۇ،ـــ دېدى ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالغان ئابلەت ئۇيقۇسىزلىقتىن قىزىرىپ پىلدىرلاپ قالغان كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ .   
   ـــ  ئۇ كەتكىلىمۇ بەش-ئالتە ئايچە بولۇپ  قالدىغۇ دەيمەن، ھەي ئەخمەق بالام، تۆشۈك مارجاننىڭ يەردە قالغىنىنى سەن نەدە كۆرگەن، ياسىن كىراكەشتىن  ئاڭلىشىمچە گۈلئايشەم شەھەردىكى بىرى بىلەن كوچىدا قولتۇقلىشىپ يۈرگىدەك،بولدى ئۇنى ئىزلىمەيلا قوي.
     ـــ ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ ھاجىمكا ؟ ياق،ئۇنداق ئىشىنى ئۇ ھەرگىز قىلمايدۇ.   
     ـــ ساقال ئەستاخپۇرۇللاغا يەتكەندە ساڭا يالغان سۆزلەپ نېمە قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھە دېسىلا سەن بىلەن قېرىشقاندەك ئاشۇ سەمتاخۇن دېگەن قېرى كۆكتۆش بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ يۈرگەن ئايال سېنىڭچە ئۇنداق ئىشىنى قىلماسمۇ؟سەن ئەڭ ياخشىسى ساشاڭجاڭ تونۇشتۇرغان ئاشۇ ئايال بىلەن بېشىڭنى قېتىۋال .  
     ـــ ئۇ ئايال تاپتىن چىققاندەك تۇرىدۇ ھاجىمكا،كېيىن خاپا قىلارمىكىن دەيمەن شۇ.   
     ـــ كونىلاردا«خوتۇن ئالساڭ بۇزۇق ئال،تۈزۈۋېلىشڭ ئۆزۈڭدىن»دەيدىغان ھېكمەتلىك گەپ بار. بۇ دېگىنى«بۇزۇقنى تۈزۈپ،ئىمانغا كەلتۈرەلىسەڭ ساۋاپ تاپسەن»دېگەنلىكتۇر .بەك بولمىسا بىر تۇمار پۈتۈپ بىرىمەن،شۇنىڭ بىلەن سىزىقىڭدىن چىقماس بولۇپ كېتىدۇ.    ـــ ئاشۇ ئايالنى ئوڭشىغىلى بولارمۇ زادى ھاجىمكا ؟         
     ـــ ئىككىلەنسەڭ تەييار خوتۇننى قولدىن كەتكۈزۈپ قويىسەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يېشىڭدا لايىقىدا بىرى چىقمىقىمۇ تەس،ئاڭلشىمچە ئۇ ئايال شاڭجاڭنىڭ تۇغقىنى كېلىمىش،بىرچالمىدا ئىككى پاختەك سوقالايدىغان بۇنداق پۇرسەت ھەر كىمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ جۇمۇ...  
   ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ«گۈلئايشەم شەھەردىكى بىرى بىلەن كوچىدا قولتۇقلىشىپ يۇرگىدەك، ئاشۇ  سەمتاخۇن  دېگەن قېرى  كۆكتۆش بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ يۈرگەن ئايال سېنىڭچە ئۇنداق  ئىشىنى  قىلماسمۇ ؟ » دېگەن گەپلىرىدىن ئابلەت  بىردىنلا گاراڭ بولۇپ قالدى. گۈلئايشەمنىڭ بىر قانچە قېتىم كېچىدە سەمتاخۇننىڭ ئۆيىدە  قونۇپ چىققانلىقىدىن ئۇ پەقەت گۈمانلانمىغان ،
ھازىرغىچە«يامانلاپ چىقىۋالدى»دەپلا چۈشەنگەن ئىدى.ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئىككىسنىڭ خۇپيانە ئىشلىرىنى كۆرۈپ قالغاندەكلا دېگەن گەپلىرى ئۇنى گۈلئايشەمنى ئىزلەش نىيىتىدىن ياندۇرۇپ قويدى.ساشاڭجاڭنىڭ ئالدىرتىشى،ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ نەسھەت قىلىشى بىلەن  بۇ ئىشقا تەۋەككۇل  قىلغان ئابلەت ئالدىراپ تىنەپلا گۈلئايشەم  بىر قوللۇق بېقىپ ئەي قىلغان،يىلىغايەتتە-سەككىز پاقلان تۆللەپ بىرىدىغان ساغلىقلارنى قوزىللىرى بىلەن قوشۇپ بازاردا ئېلىشىغا سېتىپ، تويلۇق ئالتۇن-جابدۇق،كېيىم–كېچەك سېتىۋېلىپ خېلى داغدۇغا بىلەن،يات  يەردىن  بۇ يەرگە  كېلىپ بەزىمىخانلاردا يۈرگەن ئاسىيەنى  شۇ  ھەپتىسىلا  ئۆيىگە  ئەكىلۋالدى . يىراق-يېقىندىكىلەرنى ئۇزۇتۇپ،بۈگۈن ئەتىگەندىن ھازىرغىچە ئۆينىڭ  بۇلۇڭىدا چىداپ ئولتۇرۇشقا  مەجبۇر   قىلغان بېشىدىكى  شايى ياغلىقتىن  ۋە ئارقىسىدىكى سىرىتمسىنى ئاداشلىرىنىڭ  ياردىمىدە خېلى تەستە ئەتكەن ئۇزۇن توي كۆڭلىكىدىن بوشۇنۇپ ، بەدىنىگە چىپپىدە  كەلگەن ، بىر  قاراشتىنلا  ئۇنىڭ  ھەممە ئەزالىرىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا ئىسپاتلاپ تۇردىغان يەنە شۇ  كېيىمىنى كېيىپ،
چايناۋاتقىلى  خېلى  بولغان  سېغىزنى   پاسىلدىتىپ   ئاتقىنىچە  ئەمدىلا   ئۇھ  دەپ  ئاشخانا  ئۆيگە كىرگەن ئاسىيە  ئۆينىڭ  بۇلۇڭىدا دەپتەر-كىتابلىرىنى  يېيىپ  ئولتۇرغان نۇردۇننى كۆرۈپلا ئۆينى بېشىغا كەيدى.
   ـــ ھېلىقى كۈنى مېنىڭ بالام يوق دەۋاتاتىڭىز،بۇ بالا بولماي نېمە ؟
   ـــ بۇ بالىنى مەن ، قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە ...
   ـــ ئاغزىڭنى يۇم،ۋۇھ ئالدامچى ! نەچچە قېتىم دادا دەپ چاقىردىغۇ؟
   ـــ بۇنىڭغا ئامالىم بار،بىر ئىككى كۈنگىچە...
   ـــ ياق،ھازىرلا يا ماۋۇ ھاراملىقنى كۆزۈمدىن يوقات،يا مېنى كەتكىلى قوي!خانئاچاڭنى بالا باققۇچى كۆرۈپ قالدىڭمۇ!...
   ھېلىقى كۈنى ئەقلىدىن ئادىشىپ، ئۆز بالسىدىن تانغان ئابلەت نۇردۇننى باش مەھەلىدىكى  تاغىسىنىڭكىگە  ئاپىرىپ،ئۇلارنى بىر مەزگىل بولسىمۇ نۇردۇنغا قاراپ قويۇشقا ئاران دېگەندە كۆندۈرۈپ،نۇردۇننىڭ يىغلاپ ئەگىشىشلىرىگە  ، پۇتلىرىغا ئېسلشلىرىغا پەرۋا  قىلماي  باققىلى بىرىۋەتتى . شۇنىڭدىن كېيىن نۇردۇن مەكتەپتىن قايتىشىدا بىر  قانچە قېتىم بۇ  ئۆيگە  كەلگەن
بولسىمۇ ئاسىيە  ئۇنىڭ    بوغچللىرىنى ھولا   تېمىدىن  ھالىقىتىپ  يولغا  تاشلاپ  ،  سەت تىللاپ دۈشكۈلەپ ھەيدىۋەتتى . نېملا بولمىسۇن خوتۇنلۇق بولۇپ كۆڭلى تەسكىن تاپقان ئابلەت قشىنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدىكى جاندىن ئۆتكىدەك سوغوقىنى، ئۇزۇن كېچىنى تۇيمايلاساق-سالامەت يازغا ئۇلىشۋالدى.ياز كېلىپ تەبىئەتتىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ قىشلىق ئۇيقۇ-دىن ئويغۇنىشى بىلەن تەڭ  ئابلەتنىڭ ھويلىسىدىكى ئاۋاتلىقلار بارا-بارا ئەسىلىگە كېلىشكە باشلىدى. «قېيىنچىلىق»
لىرنى ھەل قىلدۇردىغانلارنىڭ كۆپىيشى بىلەن ساشاڭجاڭمۇ پات-پات ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ،
سېخىلىق بىلەن ئاچقان داستخنىغا داخىل  بولۇپ تۇردى   .   بۇ   جەريانلاردا  ئابلەت  پەقەت
ساشاڭجاڭنىڭ  ئۆيىگە  كەلگىنىنى  بىلىپ ،    قانداق ۋاقىتتا كېتىپ قالغانلىقىنى تۇيمايدىغان ئادىتىنى  ئىزچىل ساقلاپ  ،  قىلچىمۇ  ئۆزگەرتمىدى  .   ئەمما ساشاڭجاڭنىڭ  ئابلەتكە  تۇتقان
پوزىتسيسىدىكى ئۆزگىرىش ناھايىتى گەۋدىلىك.ھازىر ساشاڭجاڭنىڭ ئابلەتكە قىلغان مۇئامىلسى سىلىق،سۈر-ھەيۋىسىز  . ساشاڭجاڭنىڭ   قەلبىدىكى ئورنىنىڭ ،   ئىززەت - ھۆرمىتنىڭ  بۇنچلىك
دەرىجىدە  قەدىرلەنگەنلىكىدىن  ئابلەت ئالەمچە  خۇشال  . بۇ  خۇشاللىق   ئاسىيەنىڭ  مېھمان
دوسىتلىقىدىن   كەلگەنلىكى  ئېنىق  .   ئابلەت   بۇنى  تۇيۇپ   قالدى .  چۈنكى  ساشاڭجاڭنىڭ  
كېلىدىغانلىق خەۋىرى قولىقىغان يەتسىلا ئاسىيەنىڭ  گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ،ئالدىراشلىق بىلەن يۈيۈنۈپ-تارنىپ،بىر نەچچە سائەت ئەينەك ئالدىدىن كەتمەي ئىسكەتنى ئوڭشايدۇ. ئاچچىق
قىلىپ  بىر نەچچە تەخسە قورۇما قورۇيدۇ.ئابلەت ئاسىيەنىڭ بۇ ئېسل خسلىتىدىن تولىمۇسۆيۈندۇ،
ئۇنىڭدىن شۇنچلىك رازى .   بۇرۇنقىدەك  يۇقىرىغا قارىسا   ساشاڭجاڭنىڭ غەزەپ ئوتى  چاچراپ  
تۇردىغان يۇمۇق كۆزىلىرىنىڭ سەت ئاليىشىدىن  ئەندىكىسە ،  تۆۋەنگە قارىسا گۈلئايشەمنىڭ
ھە دېسلا ياش قۇيۇلۇپ تۇردىغان،مىسكىنلىك تىقىلغان كۆزلىرىلىرىنى رايىغا قارتالمىغانلىقىدىن قوللىرى قىچىشىپ، ئىچى ئامبۇرنىڭ ئاغزىدىكى سىمدەك سىقىلىشتىن  ئابلەت  مانا ھازىر تەل تۆكۈس قۇتۇلدى.مانا ھازىر ئابلەتنىڭ ھەر قېتىم سالغان داستىخىنى كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن ئاخىرىلشىۋاتىدۇ . ھازىر ئابلەت ھەر ئەتىگىنى خۇتۇنىنى  يېنىدىن  تاپالمىسىمۇ  ، ھەر ھالدا
سەمتاخۇننىڭ ئۆيىدىن  ئىزلىمەيدىغان بولدى  .  كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئابلەتنىڭ ھاجەتمەنلىرى سالغان داستىخانغا ساشاڭجاڭدىن باشقا،بىر-بىرىدىن ئېسىل ماشىنىلاردا نە نەلەردىن كەلگەن  ئاسىيەنىڭ تاختىدەك ئورۇق پاخما باش ئاداشلىرى،كۆتەكتەڭ سېمىز ئايپاڭ باش ئۈلپەتلىرىمۇ داخىل بولۇپ،ھەر  نۆۋىتىدە  ئابلەتنىڭ ئىناۋىتىنى بىر  گەزدىن يۇقىرى كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئاسىيەنىڭ  تارشىدەك  قورسىقنىڭ  خۇددى  قېيىپ  قالغان  سۆگەت  بادىرىسدەك  بىردىنلا  قىيا كۆتۈرۈلۈپ   قالغانلىقنى توساتتىن بايقاپ قالغان  ئابلەت ھازىر قەۋەتلا خۇشال.ئەمما  ئايغى ئۈزۈلمەيۋاتقان«ھەل قىلىش»لارغا كۈندۈزلىرى  داستىخان راسلاش  ھەلەكچىلىكدە بولۇپ  ۋا-قىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى  تۇيمايلا  كەچ  قىلغان،كەچلىرى بولسا  ساشاڭجاڭنىڭ ئۆلچىمى بويچە قانغۇچە ئىچىپ قانداق  ۋاقىتتا يېتىپ  قالغانلىقنى تۇيمايلا تاڭ ئاتقۇزۋاتقان  ئابلەت  بۇ   مۆجىزىنىڭ  قانداق  ۋاقىتتا  يۈز  بەرگەنلىكىنى  خېلى  ئويلىنىپمۇ ئېسىگە ئالالمىدى.قانداقلابولمسۇن  بۇنداق رايىش،يۈزلۈك،ئېسل  ئايالدىن  ئەۋلات  قالدۇرۇپ ئۇنىڭ قانىتىنى بوغۇشلىۋالغانلىقدىن  بېشى كۆككە يەتتى...

                                                                  
                                                             7
  
    كۈزلۈك يىغىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن  يىللىق ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىدە نەتىجىسى كۆرنەرلىك بولۇپ باھالىنىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ناھيىدە ئېچىلغان ئىككى كۈنلۇك«ئىلغارلارنى تەقدىرلەش»چوڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ،خېلىلا كەچ ئۆيگە قايتىپ كېلىۋاتقان ئابلەت چوڭ يولدىن ئۆيى تەرەپكە باردىغان توغرا يولغا قايرىلىشىغىلا مۇتوسىكلىتىنىڭ چىراق نۇرى ئۇنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توختىتىلغان ساشاڭجاڭنىڭ ماشىنىسىنىڭ  ئارقىسىغا چاپلانغان زاپاس چاقىغا چۈشتى.
    ـــ قارمامدىغان بۇ ئادەمنى، ھېلى تېخى يىغىن زالىنىڭ ئالدىقى رىتىدە ئولتۇراتتى ، بۈگۈن ئەجەپ مېنى خەۋەرلەندۈرمەيلا بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ قاپتىغۇ؟ باردىغانلىقىنى تىنىپلا قويسا بىزنىڭ بوغالتىرغا ئورۇنلاشتۇرۇپ تۈزۈكرەك تەييارلىق قىلاتتىم ئەمەسمۇ،ھەي...
.  بۈگۈنكى يىغىندا خىزمەتلىرى مۇئەييەنلەشتۇرۈلۈپ،ھاكىمنىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشغا مۇيەسسەر بولغان ئابلەت تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز خۇشاللىق ئىلىكىدە كېلىۋېتىپ مۇشۇلارنى ئويلاپ كۆڭلى بىر  ئاز غەش   بولدى  . ئاسىيەنىڭ   مېھمان   كۈتۈشتىكى  ماھىرلىقى  ،     ئۆزىنىڭ ئۆيدە يوقلىنى چاندۇرمايدىغانلىقىنى   كۆڭلىدىن   ئۆتكۈزۈپ   بېقىپمۇ     تازا
خاتىرجەم    بولالمىغان  ئابلەتمۇتۇسېكلىتىنىڭ  سۈرئىتىنى  سەل تىزلەتتى.مۇتۇسكىلىتنىڭ  سەت  ھۆركرىشى  بىلەن  تەڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالماي قېلىشدىن ئەنسرەپ،قۇلىقىغا يېقىنراق بولغان مەيدە يانچۇقىغا سېلۋالغان يانفۇنى بىردىنلا چۇرقىراپ ئۇنى چۈچۈتىۋەتتى.ساشاڭجاڭ  ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەن، ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىمۇ تاغ بىلەن بوي تالىشىۋاتقان،ھەرقانداق دەرىتمەننىڭ ھاجىتىنى تېرە تۆپىسىدىلا ھەل قىلالايدىغان بۇنداق مۇھىم پەيىتتە تېلىفۇننى ئالمىسا بولمايتى.  
   ـــ ۋەي، ئابلەتمۇ سىز، قانداقراق ئەھۋالىڭىز؟   
  ـــ ھەئە، مەن شۇ  ،  ـــ دېدى بىر ئايال كىشىنىڭ ئاۋازىنى كۈچلۈك  شاۋقۇندا خىرە-شىرە
ئاڭلىغان ئابلەت مۇتۇسىكىلىتىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرگەچ،ـــ بۈگۈن كۈن غەرىپتىن چىقتىمۇ نېمە، مېنى«سىز»لەپ يېقىملىق سۆزلەپ ئەھۋال سوراپ كەتتىڭا خوتۇن؟مانا،مانا دەرۋازا ئالىدىغا كېلەي دېدىم،ساشاڭجاڭنى ئوبدانراق كۈتكەچ تۇر،ھازىرلا ئۆيگە كىرىمەن.
   ـــ تېخىچە ساشاڭجاڭ،ساشاڭجاڭ دەپ،ھازىرمۇ مەسلا يۈرۈۋېتىپسىز دە،بۇ مەن...   
   ـــ گۈلئايشەم ! بۇ راستىنلا سەنمۇ؟ قەيەرلەردە،نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيدىغانسەن، سېنى ئىزلەپ بامىغان يېرىم قالمىدى مېنىڭ.      
    ـــ مەن ھازىر كۆز يەتكۈسىز سالا-سالا كېۋەز ئېتىزلىرى بار يىراق يەردە، ھاممامنىڭ مەھەلىسىدىكى قىزلار بىلەن پاختا تىرىۋاتىمەن.
    ـــ تازا قىينالغانسەن ھە،قىش كەلگىلىۋاتىدۇ،مۇشۇ سوغۇقتا ھازىرمۇ تىرىۋاتامسەن؟
    ـــ بۈگۈن كەچ تۈگىتىپ ھېسابات قىلدۇق،مۇشۇ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئالتە توننىدەك پاختا تىرىپتىمەن،كىلوسى بىر يېرىم كويدىن، توققۇز مىڭ كويدەك پۇل بوپتۇ، نۇردۇننى بەك سېغىنىپ كەتتىم،شۇڭا بالىنى ئېلىپ كەلسىڭىز بىر نەچچە يىل مۇشۇ يەردە پۇل تاپساق،يا بولمىسا شۇ سېكىرتارلىقنى تاشلىسىڭىز يېنىڭىزغا كەتسەممىكىن دەپ...   
     ـــ مەن...،مەن ئۇنداق قىلالمايمەن،ھازىر مېنىڭ خوتۇنۇم ھەم ئۇنىڭدىن بىر ئوغلۇم بار،سەنمۇ لايىقىدا بىرەر ئادەم ئۇچرىسا بېشىڭنى ئوڭشىۋال...     
      ـــ مەن...سىز... سىزنى بۇنداق تىزلا ئۆيلىنىۋالا دەپ ئويلىماپتىمەن،بۇندىن كېيىن ئايالىڭىزىنى چوقۇم قەدىرىلەڭ،ئۇنى ئۇرماڭ،ھېلىقى ساشاڭجاڭ دېگەن بەكمۇ نۇمۇسىز ئادەم، ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئېھتىيات قىلارسىز،ياز يورۇغاندا دادامنىڭ كونا جايىغا تۇرغۇدەك ماكان قىلىۋېلىپلا نۇردۇننى يېنىمغا ئەكىلىۋالىمەن،شۇنىڭغىچە ئۇنىڭغا ياخشىراق قاراپ قويارسىز...     قۇلىقىغا چىڭ چاپلىغان يانفۇنىدا گۈلئايشەمىنىڭ يېقىمىلىق ئاۋازى ئۈزۈلىشى بىلەن تەڭ ئابلەت بىر خىل  نادامەت  ئىلىكىدە   چۇڭقۇر   ئۇھ   تارىتتى  .  ئىسسىق ھەم  ئۇزۇن  بىر تىنىق  ئۇنىڭ
ئېچىشىۋاتقان يۈرىكىنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر جايلىرىدىن سۇغۇرۇلۇپ كەچ كۈز شامىلى بىلەن يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتتى  .  ئۇ توپا يەردىلا ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكىنى چىكىپ بولۇپ، ئىشتىنىنىڭ توپىسنى
قاققاچ ئۆرە بولۇپ موتۇسىكىلىتىنى مىنىدى. ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ،رولىنى ئۆي تەرەپكە قايرىپلا دەرۋازىغا يۆلىنىپ تىرنىقىنى تاتلىغان  پېتى يىغلاپ ئولتۇرغان،سەمتاخۇن مىڭ قېتىم يالۋېرىپمۇ ئۆيىگە ئەكىرەلمىگەن نۇردۇننى كۆرۈپ ئابلەتنىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى ۋە مۇتۇسىكىلىتىدىن چۈشمەي تۇرۇپلا ئۇنىڭغا كايىشقا باشلىدى.   
   ـــ بۇنچە كېچىدە بۇ يەردە نېمە بار ساڭا ؟مېنى زادى خاتىرجەم ياشغىلى قويامسەن-يوق؟ ئاناڭ شۇنچە تالاشسا بەرمەپتىكەنمەن،مانا ئەمدى،ھە...ي،سېنى قانداق قىلسام بۇلار؟   
   ـــ دادا،مېنى كەتكۈزۋەتمىگىن بولامدۇ؟ئۇلارنىڭكىگە ئەمدى بارمايمەن دادا...،ـــ دېدى نۇردۇن ۋە ئۆمۈلەپ بېرىپلا ئابلەتنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ ھۆڭرەپ  يىغلاشقا باشلدى.
   ـــ كېيىن سېنى چوقۇم ئەكىلىۋالمەن ئوبدان بالام، يىغلىما ھە،ـــ بەزلىگەنسىرى تېخىمۇ چىڭقىلىپ يىغلاۋاتقان نۇردۇننىڭ ئاغزىنى ئابلەت كاپپىدە تۇتۇۋالدى ۋە ئاسىيەنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،بىردىنلا  بېشىنى بۇراپ دېققىتىنى دەرۋازا ئىچىگە ئاغدۇردى . تېخى بوغۇز سېلىنمىغان قوتاندىكى قويلارنىڭ سوزۇپ مەرەشلىرىدىن،ھويلىنىڭ بۇلۇڭىغا باغلاقلىق ئىتنىڭ خىرقىرغان ئاۋازىدىن باشقا ھېچ بىر تېۋىش ئاڭلانمىدى .
   ـــ كىلە بالام،مۇتسىكلىتقا مىنگىن،مەن سېنى بازارغا ئاپىرىمەن،ـــ دېدى ئابلەت نۇردۇننى ئامال قىلىپ تاغىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپرىپ قۇيۇش نىيتىدە .
   ـــ مۇشۇنداق كېچىدىمۇ بازار بولامدۇ، دادا؟ـــ ھەيرانلىق ئىلىكدە سوردى دادىسىنىڭ مۇئامىلسىدىن ئىللىقلىق ھىس قىلغان نۇردۇن .
  ـــ شۇنداق،كەچتىمۇ بازار بولىدۇ، ھېلىقى چاغدىمۇ كەچتە ساڭا بازاردىن گۆش ئېلىپ بەرگەن ئىدىمغۇ ؟ ـــ دېدى ئابلەت ئىلگىرى ئانچە-مۇنچە كەچتە تاماق ئېلىپ بەرگەن چاغلىرىنى نۇردۇننىڭ ئىسىگە سېلىپ.
   ـــ شۇ چاغدىكىدەك ئاناممۇ، ئۇكاممۇ بىز بىلەن بىللە تاماق يەمدۇ؟ ـــ دېدى نۇردۇن ئابلەتنىڭ سۆزلىرىدىن ئۈمۈد ئۇچقۇنلىرى پەيدا بولغان قاپقارا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ.
  ـــ ھەئە،تېزاق بارمىساق ئۇلار يەنە كېتىپ قالمىسۇن،ـــ ئابلەت شۇنداق دېيىشى بىلەنلا نۇردۇن يۈگۈرۈپ بېرىپ مۇتۇسىكلىتنىڭ ئارقىسىغا يامىشىپ ئۈستىگە چىقتى.نۇردۇننى مىڭ تەستە ئامالداپ دەرۋازا ئالدىدىن ئايرىلششقا ئۇناتقان ئابلەت مۇتۇسىكلىتىنى ئوت ئالدۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق تېپەي دەپ تۇرشىغا، ھويلا  ئىچىدىن  ئاسىيەنىڭ  ساشاڭجاڭغا باشقىچە تەلەپپۇزدا  خېلىلا چىڭقىلىپ،تەھدىت ئارلاش  قىلغان گەپلىرى  ئۇنىڭ  قۇلىقىغا كىرىپ ھەيرانلىق ئىلكىدە داڭ  قېتىپ تۇرۇپ قالدى .
  ـــ توختىسىلا  ، مۇشۇنداقلا   كېتىمەن دەپ خام خىيال قىلمىسىلا   !   بۇ قەلەندەرنىڭ ئۆيىگە
ئەكىلىپ قويغانغىلا ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھېساب-كىتاب ئاخرلاشمايدۇ تېخى!
  ـــ ئابلەتنىڭمۇ كېلىدىغان ۋاقتى بولدى،ماۋۇنى خىراجەت  قىلىپ تۇرۇڭ،مەن يەنە كېلىمەن. گەپنىڭ ئورامىدىن بىرەر شۇملۇقنىڭ ھېدىنى سىزىپ جىددىيلەشكەن ئابلەت مۇتۇسىكلىتنى جايىغىلا دىيەكلەپ،دەرۋازىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ يۇچۇقىدىن مارىدى.ئىچ كېيىم بىلەن ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرغان ئاسىيە ۋە ئۇنىڭغا بىر سىقىم پۇلنى تەڭلەپ تۇرغان ساشاڭجاڭ  پىشايۋانغا ئېسىلغان لامپىنىڭ يۇرۇقىدا ئابلەتقا ئېنىق كۆرۇندى ئەمما بۈگۈن شۇپۇر ھېچ كۆرۈنمەيتتى.
    ـــ مېنى ئالداپ بۇ قەلەندەرنىڭكىدە يەنە قانچىلىك تۇرغۇزماقچى سېلى؟بالىمۇ سالامەت تۇغۇلدى،ھېلىمۇ چىدىدىم،بىر يىل بولاي دېدى مانا .
   ـــ ئۆز ۋاقتىدا بالىنى ئالدۇرۋىتىڭ دېسەم ئۇنماي تۇرۇۋالدىڭىز شۇ.
   ـــ ئاغزىللىرنىڭ دىمى  شۇ بالىدا سىلىنىڭ، ماڭا تاشلاپ بىرەرمىكىن دەپ ئەنسىرمسلە،ئۇنداق قىلسامغۇ ئۇنىڭ جېنىنى غىققىدە ئېلىپ ئاسانلا قۇتۇلىلا مەندىن .
    ـــ نېمىلەرنى دەيدىغانسىز،سىزنى بالا باقىمەن دەپ جاپادا قالمىسۇن دەپ، شۇ...
   ـــ مېنى جاپا تارتمىسۇن دېسىلە ھازىرلا ماۋۇ يالاڭتۆشنىڭكىدىن ئېلىپ كەتسىلە .
.   ـــ بالىنىڭ ئايغى چىققۇچە بولسىمۇ تۇرۇپ تۇرۇڭ،مەن ئۆسكەندىن كېيىن ناھيىدىن ئېسل ئۆي ئېلىپ بىرىمەن،ھازىر قولۇم قىسقىلىق قىلۋاتىدۇ،ئازراق چىداڭ،ھە.  
     ـــ ياق،ياق،مىنىڭ بۈگۈن سېلى بىلەنچۇ كەتكىنىم كەتكەن، ـــ ئاسىيە ناز ئارلاش باتناپ  شۇنداق دېدى ۋە ساشاڭجاڭنىڭ كۆتەكتەك توم بوينىغا گىرە سېلىپ،نەچچە غېرىچچە ئالدىغا دومسايغان قورسىقىغا چاپلاندى.
     ـــ ماقۇل،ماقۇل،بۈگۈن كېچە كەتمىسەمغۇ بولا جېنىم،ئەمما بۇندىن كېيىن قالايمىقان گەپ قىلىپ ئادەمگە قورقاق سالماڭ جۇمۇ.ئالدى بىلەن ئابلەتنى ھازىرلا بىر يەرگە بېرىشقا ئورۇنلاشتۇراي،ئاندىن خاتىرجەم بولۇپ ئىككىمىز...
   ساشاڭجاڭ ئۆزىگە چىڭگىلەكتەك ياماشقان ئاسيەنىڭ تال چىۋىقتەك ئىنچىكە بىلىنى بىر قولىدا تۇتۇپ،يەنە بىر قولىدا يان يانچۇقىدىكى يانفۇننى قولىغا ئالدى.بىر كۆزىنى قىسىپ،دەرۋازىنىڭ قسلىچىغا نىختىلىپ پاقىنىڭكىدەك پولتۇيۇپ چىققان يەنە بىر كۆزىدە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە زەن سېلىۋاتقان  ئابلەت تېلىفۇننىڭ  دەل ئۆزىگە ئۇرۇلىدىغانلىقىنى پەمىلەپ ، پاقالچىقىغا مەھكەم ئېسىلىۋالغان نۇردۇننى يىتىلەپ، يولىنىڭ ئۇ قاسنىقىغا ئۆتۈۋالدى ۋە يانفۇنىنى ئېلىپ دەرھال ئېتىۋىتىشكە ئۇرۇندى،بىراق ئۈلگۈرەلمىدى.مانا ھازىر ساشاڭجاڭنىڭ نۇمۇرى ئابلەتنىڭ يانفۇنىنىڭ ئېكىرانىدا لىپىلدىماقتا.يانفۇننى ئېتۋىتەلىگەن بولسدى بىر يوللۇق بولاتتى ئەمما ھازىر ئابلەتكە يانفۇننى ئالماسلىقتىن ئۆزگە چارە يوق ئىدى .   
  ـــ ماقۇل،ماقۇل،ئورۇنلىرىغا دېجورنىلكتە تۇرۇۋېتەي،ھە راسىت بۈگۈن...ۋەي...ۋەي...
  ھېچبىر تەييارلىقسزلا تۇرغان،ئۇنىڭسىزمۇ ساشاڭجاڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسا جاھاننىڭ بارلىق شاۋقۇن-سۈرەنلىرىنى ئۇنتۇپ،ئارتۇقچە ئويلاشمايلا«ماقۇل»دەپ كۆنۈكۈپ كەتكەن ئابلەت  كونا ئادىتى  بويىچە  شۇنداق دېدى    .  ئەمما ھەر قېتىمقىغا    ئوخشاش   ئابلەتنىڭ ئارقىغا   ئۇلاپ
خىزمەتلەرنى دوكلات قىلىپ ئاۋارە قىلشىنى تۇيۇپ قالغان ساشاڭجاڭ ئۇنىڭ گېپى تۈگمەستىنلا تىلىفۇننى ئۈزۈۋەتتى. يانفۇننى قۇلىقىدىن ئايرىشغىلا دەرۋازا ئالدىغا سۇس شاڭ چىقىرىپ قىزغۇچ يورۇپ تۇرغان لامپۇچكنىڭ «لاپ»قىلىپ ئۆچۈشى بىلەن تەڭ  ھاياجانلىق  ھېسىياتى پەسەيگەن ئابلەت بىردىنلا ئۆزىگە كېلىپ،دېققىتىنى ھويلا ئاغدۇردى ۋە كاللىسىدىن چاقماق تىزلىكىدە نۇرغۇنلىغان زىددىيەتلىك خىياللار ئەگىپ ئۆتتى.
  ئۆي ئىچىگە باستۇرۇپ كىرىش كېرەكمۇ؟ياق،ياق،ئىككىسنىڭ گېپى بىردەك قىلىدۇ،قاغا  قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇمايدۇ ئەمەسمۇ. ياق،ياق! بۇنداقلا بولدى قىلسام بولمايدۇ،مەنمۇ ئانام  شۈمەك سالغان ئەر بولغاندىكىن...،مەن نېمىشقا ئۇنداق قىلغۇدەكمەن،ئاشۇ بۇزۇق پاسكىنىنى دەپمۇ؟
بۇنچە زور قۇربانلىق بېرىپ قەھرىمانلىق كۆرسىتشىمگە ئۇ ئەرزىمىگىدەك.شۇنداق،مەن نېمىگە  ئالدىرايمەن ، ئەتە تاڭ ئاتسا ھېساپ ئالىساممۇ كېچىكمەيمەنغۇ بۇ تاپتىن چىققان بۇزۇقتىن.
ياق،بۇمۇ بولمىغىدەك،ئەگەر ئۇ بۇزۇق چاۋىسىنى چىتقا  يېيىپ  ،  قارا قۇشقاچتەك شۇنداق بىر
ۋىچىلداپ سۆزلەپ كەتسە،«ئابلەتنىڭ ئۆيىدە قاچان بىر ماجرا بولار»دەپ ئاران تۇرغانلار مەسخىرلىك ھېجىيشىپ تاماششا كۆرۈپ كەتسە، بولۇپمۇ ھېلىقى سەمەتنىڭ بېشى كۆككە يېتىدۇ.
ئۇ قەلەندەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئالدىداشالدىمىنى چېچىپ ساقاللىرىنى تىترىتىپ بىلەرمەنلىك قىلىپ:«مەن دېمىدىممۇ،زادى...»دەپ باشلايدىغان ئاشۇتېتىقىسز گەپلىرىنى ئاڭلاپ خەلىقى ئالەم ئالدىدا مات بولۇپ يەنە ياشغۇچە ئۆلگىنىم تۈزۈك مېنىڭ ! ئۇنداقتا قانداق قىلسام بولار زادى؟ھە...توغرا،توغرا،«قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە»ئەمەسمۇ.مەندەك بىر ئەركەكنى يەر بىلەن يەكسەن بۇلۇشتىن ساقلىيالايدىغان بۇنداق ئۇلۇغ گەپنى قايسى ئەقىللىق كىشى دېگەن بولغۇيتى ھە! مېنىڭ ئالدىمدا تىلى تۇتۇلىدىغان ئشلىرى ئۆتۈلىدۇ تېخى بۇ بۇزۇقنىڭ.كۈنلەر تېخى ئۇزۇن بولغاندىكىن پۇرسەت كۈتۈش كېرەك،مانا بۇ كاۋاپمۇ،زىخمۇ  كۆيمەيدىغان ئەڭ  ياخشى چارە،
ئەڭ ياخشىسى شۇنداق قىلاي...
  ئاسىيەنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا مۇشۇنداق خۇلاسە چىقىرىپ،جار سېلىۋاتقان«ئەرلىك غورۇرى » ھەر  ھالدا  تەسكىن تاپقان ئابلەت شامال يۆلنىشىگە قاراپ   زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ،
بېشىنى چېتىغا تىقىپ،قولىغا ئالغىلى خېلى بولۇپ قالغان تاماكىسىغا تەستە ئوت ياقتى.
   سىنتەبىرنىڭ  ئاخىرىقى   كۈنلىرى  توختىماي  چىقىۋاتقان  كەچ    كۈزنىڭ  ئاچچىق  شامىلى ئەتىگەندىن  
بىرى  خېلى  جانلىنىپ  ،  خۇددى   بۇ  مەھەلىدىكى   بولۇمسىزلىقلارغا    نارازى بولۇۋاتقاندەك، يېزىنچە سۈيىگە
قانمىغان  دەل-دەرەخلەردىكى سېرىق  ياپراقلارنى شاخلىرىدىن رەھىمسزلەرچە قېقىپ چۈشۈرۈپ،ناپاك قەدەملەر ئىز قالدۇرغان ئانا زىمىنىڭ يۈزىدىكى قۇم-توپىلارنى،ئەخلەت-چاۋارلارنى جان-جەھلى بىلەن ئۇچۇرۇپ قۇيۇن ھاسىل قىلىپ،كىشىلەرنىڭ  كۆزلىرىگە،ھويلا-ئاراملىرىغا،ئېرىق-كۆللەرگە تىقماقتا. شامالنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ھېلىدىن بىرى بىر نەچچە قېتىم بىلىنەر-بىلىنمەس تامچىلاپ قويۇپ توختاپ قالغان مۇزدەك سوغۇق يامغۇرمۇ مانا ھازىر بىردىنلا جانلىنىپ،شالاڭ ئەمما ئادەمنىڭ يۇز-كۆزلىرىگە چۈشسە ئاغرىتقۇدەك دەرىجىدە بېسىم بىلەن دانە-دانە بولۇپ پاسىلداپ يېغىشقا  باشلىدى .  چاپىننىڭ بىر  پېشىدە  بېشىنى ئورۇۋالغان ئابلەت غەزەپ بىلەن چىقىۋاتقان  شامالغا ياندىشپ
چۈشۈۋاتقان  مۇزدەك  سۇغۇق يامغۇردىن ئەندىكىپ يۈزىنى ئۆزىنىڭ قورسىقىغا چاپلاپ، يوتىسىغا چىڭ  ئېسلىۋالغان نۇردۇننى يىتىلەپ،دالدىلنىش ئۈچۈن دەرۋازىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ جايلاشتى.
    ـــ دادا،مەن بەك توڭۇپ كېتىۋاتىمەن،ئۆيگە كىرىپ كېتەيلىچۇ؟ـــ ياندىراق ئولتۇرغان نۇردۇن شۇنداق دېدى ۋە ئۆمۈلەپ بېرىپلا ئابلەتنىڭ قوينىغا كىرىۋالدى .
  ئادىمىيلىكىنىڭ، غورۇرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقنى ھەر ھالدا ئازراق بولسىمۇ ھېس  قىلغان ئابلەت ئىختىيارسىز  نۇرنۇننىڭ  بېشىنى سىلىدى ، قولىنى نۇردۇننىڭ قولتۇقىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۇنى تېخمۇ چىڭ باغرىغا باستى .
   ـــ دادا، غىدىقىمنى كەلتۈرۋەتتىڭىز، ـــ ۋىلىقلاپ كۈلۈپ،ئەركىلەپ تولغانغان نۇردۇن شۇنداق دەپلا بېشىنى كۆتۈرۈپ يۇمران  لەۋلىرى  بىلەن  ئابلەتنىڭ  ئەمدىلا  يىلتىزدىن قومۇرۇلۇپ  چىقشقا باشلىغان يىرىك ساقال قاپىلغان مەڭىزىگە سۆيۈپ قۇيدى ۋە  قىزىل  نىلۇن رەخىتتە ياسالغان، ئابلەت بۈگۈنكى چوڭ  يىغىندا چاپىننىڭ ئوڭ كۆكرەك تەرپىگە  تاقىغان گۈلگە كۆزى چۈشكەن نۇردۇن قىزىقسىنىپ سوردى .
   ـــ بۇ گۈلىنى نېمىشقا تاقىۋالدىڭىز ؟ ماڭا بىرىڭا مەن ئوينايمەن .
   ـــ ياق،بۇنى ئوينىساڭ بولمايدۇ،ـــ ئابلەت شۇنداق دەپ گۈلىنى يۇلۇپ ئېلىپ،غەزەپ بىلەن چىقىۋاتقان   بورانغا قارىتىپ ئېتىۋەتتى ۋە  نۇردۇننىڭ مەيدىسىگە سوزۇلغان يۇمران قوللىرىنى قوينىغا سېلىۋالدى . ئابلەتنىڭ قوينىدا بىر  ھازا ئۈنسىز ياتقان نۇردۇن بىردىنلا ئىڭكىنى كۆتۈرۈپ ھەيرانلىققا تولغان قوي كۆزلىرىدە ئابلەتقا قاراپ يەنە ئېغىز ئاچتى .     
    ـــ دادا، نېمىشقا  ئۆيگە كىرىپ كەتمەيمىز؟ئۇيقۇم كىلىپ كەتتى،كىرىپ كېتەيلىچۇ؟
   ـــ دەرۋازىغا قۇلپا سېلىقلىق ئىكەن،مەندە ئاچقۇچى يوق،جىم يېتىپ ئۇخلا ھە.
   ـــ ئاچقۇچنى ئېلىۋېلىپ سىزنىمۇ ئۆيگە كىرگۈزمەپتۇ دە ئۇ ئاچاش،ئۇنداق بولسا  ئىككىمىز سەمتاخۇن تاغامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇخلايلى ماقۇلمۇ دادا،ماقۇل دەڭە ؟
   ـــ ئۇنىڭ گېپىگە ھەرگىز قۇلاق سالما ! ئاپاڭنىچۇ شۇ قېرى كەتكۈزۋەتتى،ئۇقتۇڭمۇ؟
  ـــ ئۇقتۇم دادا،بۇندىن كېيىن سىزنىڭ گېپىڭىزگىلا كىرىمەن،ئاپامىنى كەتكۈزۋەتكەن  ئۇ قېرىنىڭ گېپىگە ھەرگىز كىرمەيمەن .
  ـــ ھە، ئەمدى مېنىڭ بالامغا ئوخشىدىڭ .
  ـــ ئاپام بىلەن ئۇكام قاچان كېلىدىغاندۇ؟ ئۇلارنى مىنىڭ بەك كۆرگۈم كەلدى،سىزنىڭ كۆرگۈڭىز كەلمىدىمۇ دادا ؟...
. ئۇنى-بۇنى سۇراپ بېقىپ تۈزۈك جاۋاپقا ئېرىشەلمىگەن نۇردۇن ئابلەتنىڭ قۇينىدا تاتلىق ئۇيقىغا كەتتى.ئەمما نۇردۇننىڭ ئەڭ ئاخرىدا سورغان سۇئالى ئابلەتنى بىردىنلا تەگسىز خىياللار قاينىمىغا چۈمدۈردى.ئابلەتنىڭ ئەسلىدە گۈلئايشەم بىلەن ھەرگىزمۇ ئاجراشقۇسى يوق ئىدى،ئاجراشماقچى بولۇشقان كۈنلەردە ئۇ گۈلئايشەمگە كۆپ يالۋۇرغان،ناماقۇل بولغان بولسىمۇ،يەنىلا كېتىپ قالغان گۈلئايشەمنى«سەمتاخۇننىڭ كەينىگە كىرىپ مېنى تاشلاپ  كەتتى»دەپ چۈشىنىدۇ.ئۇنىڭدىن ھازىرغىچە ئاغرىنىدۇ،شۇ تۈپەيلى سەمتاخۇنغا ئۆچمەنلىك نەزرى بىلەن قارايدۇ.ئۆزىگە كەلگەن كېلشمەسلىكلەرنىڭ ھەممسنى سەمەتاخۇندىن كۆرىدۇ. ئۆمرىدە ئاتا مېھىرى كۆرمەي نامراتلچىلىق، يىتىمچىلىكتە قىينىلىپ چوڭ بولغان ئابلەت ئاتىدارچىلىق قىلىپ بېشىنى سىلغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالغان ساشاڭجاڭنى تا ھازىرغىچە نىجاتچىم،پاناگاھىم دەپ يۈرگەن. ئەمما بۈگۈنكى بۇ ھالدىن ئۇ  چۈچۈدى.گۈلئايشەم  بىلەن بىللە باشتىن كەچۈرگەن ئاشۇ گۈزەل مىنۇتلارنى ئابلەت پەقەت ھازىرلا خىيال قىلغنى يوق.گۈلئايشەم كەتكەندىن بىرى كۆپ قېتىم خىيال قىلغان.ئابلەتنىڭ دىلى چىگىلگەن، غېرىپلىق باسقان،يالغۇز قالغان چاغلىرىدا ئۇنى ئەسلەپ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ۋاقىتلىرىمۇ بولغان،ئۇنىڭ بىلەن ئۆزلىشىۋېلىش نىيتىدە ئۇنىڭ تۇرغان جايىنى باشقىلاردىن سۇرۇشتۇرۇپمۇ دېرىكىنى ئالالمىغان ئىدى.ئابلەتنىڭ يۈرەك قېتىدىكى ئۆچمەس ئەسلىملەرنىڭ شاھىدى بولغان گۈلئايشەم ئاشۇ چاغلاردا كەيگەن ئەتلەس كۆڭلىكىنى ئەستەرلىك قىلىپ ئەتكەن كونا كۆرپنى ئىزدەپ تېپىپ ئاستىغا سېلىپمۇ ياتقان.ئاسىيە كېلىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئۇ كۆرپىنى چىرايلىق قاتلاپ ئۆگزە بويى تىزىلغان يوتقان-كۆرپىلەرنىڭ ئەڭ ئاسىتىغا جايلاشتۇرغان.مانا ھازىرمۇ ئۇنىڭ خىيال كەپتىرى ئاشۇ ياشلىق مەزگىلىدىكى ئەتلەس كۆڭلەك ئىچىگە يۇشۇرۇنغان ھەم تاتلىق ھەم گۈزەل ئەسلىمىلەرگە قاراپ قانات قاقماقتا.  
    ...ئاشۇ چاغ دەل جاھان كۆكچىلىككە تولغان،مېۋە-چىۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان، ئېتىزلىقتىكى قوناق مايسىللىرى يېرىم مىتىرچە ئۆسكەن ياز پەسلى ئىدى.دادىسىنىڭ  نازارىتى ئاستىدا قالغان گۈلئايشەمىنىڭ  كەينىدىن پايلاپ يۈرگەن  ئابلەت مانا  بۈگۈنمۇ سەھەردىلا گۈلئايشەمنىڭ چىقشىنى كۈتۈپ، سۇغۇرۇش ئېرىقى ئىچىدە مەيدىسىنى نەم يەرگە يېقىپ ياتتى.ئۇ تۈنۈگۈن چۈشتىمۇ مۇشۇ قوناقلىققا دادىسى بىلەن بىللە كەلگەن گۈلئايشەمنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كېلىپ،دەل مۇشۇ ئېرىق ئىچىدە تا ئۇلار ئۆيىگە قايىتقۇچە چاپلىشىپ ياتقان ۋە گۈلئايشەمنىڭ دادىسى بىلەن دېيىشكەن گەپلىرىنىمۇ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغان،ئەمما بۈگۈن يەنە قوناقلىققا چىقىش-چىقماسلىق توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا ئىرىشەلمىگەن ئىدى.   
  ـــ ھە...ي،ئۇ بۈگۈن چىقمايمۇ قالارمۇ،چىقسىمۇ شۇ دادىسى بىللە چىقسا...ـــ قىر ئۈستىگەقېلىن تىكىلگەن ئاپتاپپەرەسلەرنىڭ ئاراشلىرىدىن كۆزىنى قوناقلىققا  تىككىنىچە ئېرىق ئىچىدە دۇم يېتىۋالغان ئابلەت شۇ خىياللارنى قىلىپ بىردىنلا ئەندىكىپ كەتتى.
   ـــ ياق،ياق،ئۇ چوقۇم چىقىدۇ،دادىسى بىلەن چىقسىمۇ مەيلى،ئۇنى كۆرۈپ ياتساممۇ ھېساب،-ئۆزىگە ئىشەنچ بىلەن خىتاپ قىلغان ئابلەت يان باغرى قويۇق ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلانغان ئېرىق ئىچىدە ئاستا  ئۆمۈلەپ ئالدى تەرەپك سىلجىشقا باشلىدى. ئەمدىلا ئون نەچچە قەدەمچە يىراقلىققا ئۇزىغان ئابلەت بىردىنلا سالپايغان گۈللىرى،قارداپ سولاشقان يۇپۇرماقلىرى تاڭ شەبنىمىدە نەملەشكەن ئېرىق ئاسىتىغا چاپلشىپ ياتقان،تېخى تۈزۈك دان تۇتماي تۇرۇپلا قومۇرۇپ تاشلانغان ئاپتاپپەرەس شېخىنىڭ تۈۋىگە كىلىپ توختاپ قالدى. ئۇ توشقاننىڭ تېۋىشىنى ئالغان قارچۇغدەك بىردە ئېرىق ئاستىدىكى ئىزلارغا، بىردەيېرىمىدىن كۆپرەك يېرى پاكىز ئوتالغان قوناقلىق ئىچىگە ۋە ئەتىراپقا چاققانلىق بىلەن بىر قۇر كۆز  يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى .
  ـــ دەل مۇشۇ يەر شۇ، ئۇدۇلدىكىسى گۈلئايشەملەرنىڭ  قوناقلىقى .
. ئاشۇ كۈنى گۈلئايشەم ئوت قاچىلانغان خالتىنى يۈدۇپ دادىسىغا ئەگىشىپ ئۆيىگە مېڭىش ئۈچۈن ئارقىغا ئۆرۈلىشگىلا،ھوجۇدىدا چەكسىز زارىقىش ئوتى چاراسلاپ كۆيۈۋاتقان ئابلەت ئختىيارسىز ئېرىق قىرىدىن بېشىنى چىقىرىشتا تاينىش ئۈچۈن قولىدا چىڭ تۇتۇۋالغان كەتمەن  سېپى توملۇقتىكى ئاپتاپپەرەسنىڭ شېخىنى بىر كۈچەپلا يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلىغان، شۇ چاغدا«شاراق»قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىغان گۈلئايشەم مېڭىۋېتىپ ئارقىغا بىر قانچە قېتىم يېنىش-يېنىشلاپ قاراپ كەتكەن ئىدى.                                                
    ـــ شۇ ۋاقىتتا ئۇ مېنى راستىنلا كۆرگەن بولغىيمىدى؟ شۇنداق،شۇنداق،تۈنۈگۈن ئۇ چۇقۇم مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى تۇيدى، ئاپتاپپەرەسنىڭ شارىلدىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئارقىسغا قايرىلىپ، ئاشۇ خۇما كۆزلىرىدە مەن تەرەپكە خېلى ئۇزۇن زەن سالدى ئەمەسمۇ؟    ئابلەت شۇ كۈنى بولۇنغان ئىشلارنى بىر قۇر ئەسكە ئېلىپ  ئۆزىنىڭ خىيالىنى دەلىلەپ سەل خاتىرجەم بولدى. بىردىنلا ئېتىز قىردىكى بولۇق ئۆسكەن ئاپتاپپەرەسلەرنىڭ شالدىرلىشدىن چۈچۈگەن قوناقلىق ئىچىگە تۆكۈلگەن قىغ دۆۋىسنىڭ ئۈستىگە توپلىشىۋالغان بىر توپ قۇچقاچلارنىڭ ۋىچىرلىشىپ پۇررىدە كۆككە كۆتۈرۈلىشى بىلەن تەڭ خىيالى بۆلۈنگەن ئابلەت بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسماندىكى قۇچقاچلارنى  ئەمەس بەلكى تېقىمىغىچە ساڭگىلغان ئىككى تال ئۆرۈمە چېچى ئەتلەس كۆڭلىكى ئۈستىدە باش ھەركىتىگە ماس يىنىك تەۋرىنىۋاتقان قىر بېشىدىكى گۈلئايشەمنى كۆردى.ئىككى قېشىنى سانجاق-سانجاق ئاپتاپپەرەسلەر قاپلىغان ئېرىق ئېچىدە دۈم بولۇپ،قويۇق ھەم بويلۇق  ئۆسكەن چۈجگۈنلەر ئارسىغا بېشىنى تىقىپ ياتقان ئابلەت ئىككى قولىنى تىزىغا تىرەپ ئىڭشىپ تۇرۇپ بىردە ئارقىسى تەرەپكە بىردە ئېرىق ئىچىگە جىددى تۈس ئالغان خۇما كۆزلىرىدە زەن سېلىۋاتقان گۈلئايشەمنىڭ بۇ ھەركەتلىرىدىن سەل ھاياجانلاندى.«ئۇچوقۇم مېنى ئىزلەۋاتىدۇ» دېگەن تۇيغۇدا بولۇۋاتقان ئابلەت « مەن بۇ يەردە »دېمەكچى بولۇپ
ېشىنى سەل كۆتۈرۈپ، ئاغزىنى ئۆمەللىتىشىگىلا گۈلئايشەمنىڭ ھەم جاراڭلىق ھەم ئىنچىكە ئاۋازى ئابلەتنىڭ ئانىسىغا زارىققان قۇش بالىسدەك چوڭ ئۆمۇد بىلەن يوغان ئېچلىغان ئاغزىنى دەرھال يۇمدۇرۇپ ،ئۇنى نەم ئېرىقنىڭ ئاستىغا قايتىدىن چاپلاشتۇرۇپ قويدى.
        ـــ دادا،ھوي دادا،ئاخشام ئالغان ئوتلىرىم قوناقلىق ئىچىدە قالدىمىكىن قارغاچ كىلىڭە.
   بۇ گۈلئايشەمنىڭ ئابلەتنىڭ ئۆزىنى ئىزلەپ بۇ يەرگە كېلىپ  يەنە دادىسىدىن كۆڭۈل ئازارى تارتىپ   قېلىشىدىن   ئەنسىرەپ    بەرگەن  سىگنالى ئىدى   .  دېمەك  ،  تۈنۈگۈن    كەچتە قوناقلىقتىكى  «شاراق»  قىلغان ئاۋازىدىن كېيىن ئەس-يادى ئابلەتتىلا قالغان،تاڭنىڭ ئېتىشىنى ئۇيقۇسىز كۈتكەن  ، قوناقلققا  كەلگۈچە ياشىنىپ قەدىمى قىسقىراپ قالغان دادىسىنى ئارقىسىدا قالدۇرۇپ،ئېرىق  ئىچىگە زەن سېلىپ  ماڭغان گۈلئايشەم  خېلى  يىراقتىنلا  ئابلەتنىڭ  بادام نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن ئاق شاپاق دوپپىسىنى كۆرۈپ قالغان ئىدى.
گۈلئايشەمنىڭ دادىسىنىڭ خۇرۇم قونجۇلۇق ئۆتۈكىنىڭ غىچىلدىغان ئاۋازى ئۆزى تەرەپكەبارا-بارا يېقىنلىشىپ كېلىشى بىلەن تەڭ ئابلەت ھەتتا تىنىق ئېلشنىمۇ توختاتتى،بىردىنلايۈركى گۈپۈلدەپ سېلىپ كەتتى.ئېرىق ئىچىدە ئۆلۈكتەك بىر ھازا چىڭ چاپلىشىپ ياتقان ئابلەت قۇناقلىق ئىچىدە شار-شار قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ دىمىقىغا قىغ ھېدى ئۇرۇلغاندىنلا ئوڭدىسىغا بولدى ۋە بىر ھازا ھەسىرەپ تىن ئالدى.ئاندىن ئېرىق قىرى تەرەپكە سۈرۈلۈپ ئىككى ئاپتاپپەرەسنىڭ تۈپ ئارلىقىدىكى يۇچۇقتىن قوناقلىق ئىچىگە زەن سالدى.دۇتلانغان تونۇرنىڭ تەپتى كېلىۋاتقان قوناقلىقىنىڭ ئوتاپ پاكىزلانغان باش تەرپىدىرەك گۈلئايشەمنىڭ دادىسى پومزەك-پومزەك قىلىپ تۆكۈلگەن قىغنى ئارا بىلەن چېچىۋاتاتتى.گۈلئايشەم بولسا ئەمدىلا يېرىم مىتىرچە ئۆسكەن يۇمران قوناق مايسىللىرى ئارسىدىكى خۇددى تېرىپ قويغاندەكلا قويۇق ئۈنگەن،قوناق مايسللىرى بىلەن تەڭلىشەي دەپ قالغان ئوتلارنى ئوتغۇچ بىلەن ئېلىۋاتاتتى.
خېلىدىن بىرى بىرىدە گۈلئايشەمنىڭ،بىردە ئۇنىڭ دادىسنىڭ ھەرىكىتىگە  پۈتۈن دېققىتى بىلەن كۆزىتىۋاتقان ئابلەتنىڭ تەشنالىق تىقىلغان ئەنسىز كۆزلىرى بىردىنلا گۈلئايشەمنىڭ ئاشۇ ئوت  يېنىپ تۇرغان ئاتەش كۆزلىرى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قالدى.پىشانسى لاي يۇقى، خۇددى ئانىسنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئۇۋىسىدىن بېشىنى قىيا  چىقىرىۋالغان بۆجەندەك  بىچا-رىلەرچە ئۆزىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان ئابلەتنىڭ بۇ ھالىتنى كۆرگەن گۈلئايشەم قولىنىڭ دۈمبسىدە ئاغزىنى توسۇپ پسسڭدە كۈلىۋىدى،ئۇنىڭ يۈركىگە گۈپپىدە ئوت كەتتى.گۈلئايشەمنىڭ كۈلگەندە ئىككى مەڭزىدىن چىققان چىرايلىق بىر  جۈپ  زىناقلىرى ئىچىگە چۆكۈپ كەتكەن ئابلەتنىڭ خىيالىنى بىردىنلا گۈلئايشەمنىڭ ئوت يىلىتىزىغا ئوتغۇچنى ھەر ئۇرۇشىغا ئىككى  تەرپىگە سىلىق چايقىلۋاتقان ئەتلەس كۆڭلىكى ئىچىدىكى  بىر جۈپ كۆكسى تارتىۋېلىپ ئۇنى تېخمۇ ساراڭ قىلۋەتتى.ھاياجانلىق ھېسياتى تېشىغا تىپىپ،بىردىنلا پۈتۈن بەدىنىنى سوغۇق تەر قاپلاپ جاقىلداپ تىترەپ كەتكەن ئابلەتنىڭ  ئىچ- ئىچىدىن سۇغۇرلۇپ بېسىم بىلەن ئېغىز-بۇرنىدىن تەڭ چىقىۋاتقان ھاياجانلىق ھاسىراشلىرىدىن ھېلى ئۇ پىشانىسىدە بېسىپ  ئېرىق ئاستىغا چاپلىۋەتكەن ئوت-چۆپلەرنىڭ   يۇمران  قۇلاقلىرى  يىنىك  تەۋرىنىپ  ياتقان ئىزىدىن ئۆرە بولماقتا ئىدى.ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكنى،گۈلئايشەمنىڭ دادىسنى پۈتۈنلەي ئىسىدىن چىقارغان،پۈتۈن  ئەس-خىيالى گۈلئايشەمدىلا قالغان ئابلەت ئولجىسىغا ئېتىلغان يولۋاستەك ئېرىق ئىچىدىن يۇلغۇنۇپ چىقىپ، ئولتۇرغان  ئورنىدىن ئۆرە بولۇپ ھاڭبېقىپ بۇتتەك قېتىپ قالغان گۈلئايشەمنىڭ  قولىدىكى ئوتۇغۇچنى  ئېلىپ ئىرغىتىپ تاشلىدى ۋە بىر قولىدا ئۇنىڭ ئىنچكە بىلىدىن  تۇتۇپ يەنە بىر قولىنى يوتىسدىن ئۆتكۈزۈپ لىككىدە كۆ-تۈرۈپ ئەمدىلا تىزىغىچە ئۆسكەن يۇمران قوناق مايسىللىرىنى پاراسلىتىپ دەسسىگەن پېتى قوناقلىقنىڭ جەنۇبدىكى ئۆزىنىڭ يۇرتىغا تۇتۇشدىغان كۆز يەتكۈسىز چۆل جەزىرە تەرەپكە قاراپ جېننىڭ بارىچە يۈگۈرۈپ قاچتى.مۇشۇ بىر نەچچە ئايدىن بىرى ئارقىسىدىلا يۈرگەن دادىسىنى ئابلەتنى كۆرسىلا ئىسدىن چىقىرىپ قويدىغان،ھەتتا ئىختىيارسىز ئابلەتنى خىيال قىلغان ۋاقىتلىرىدا دادىسى يېنىدا ئولتۇرسمۇ ھەسرەتلىك نىدا قىلىپ ئاۋازىنى تېشىغا چىقىرىپ سالىدىغان بولۇپ قالغان گۈلئايشەم ھازىرمۇ بىچارە دادىسىنىڭ ئارقىسىدىن ھەسىرەپ قوغلاشلىرىغا،يالۋېرىپ تۇۋلاشلرىغا،پەريات چىكىپ ئۆزىنى كاچاتلاشلىرىغا قىلچىمۇ ئىرەن قىلمىدى. ئابلەتنىڭ تىۋىشلىرىغا شۇنچە سەزگۈر بولۇپ كەتكەن گۈلئايشەمنىڭ قۇلاقلىرىغا دادىسىنىڭ ئون سەككىز يىللىق تۇنۇش ئاۋازلىرى كىرىپمۇ سالمىدى.ئابلەتنى ئىزلەپ بۇلۇڭ-پۇچقاقلار-غىچە زەن سېلىپ تۇردىغان  قارچۇغىنىڭكىدەك  چاققان پىيالدەك چوڭ قاپقارا كۆزلىرىنىڭ  بىر بۇلىڭىغا بولسىمۇ دادىسىنىڭ ئاشۇ بىچارە سىماسى ئېلىنىپمۇ قالمىدى.ئىككى قولىدا ئابلەتنىڭ كۆتەكتەك توم بوينىغا گىرە  سېلىۋالغان، ھېجران ئوتىدا يۈركى پۇچلانغان گۈلئايشەمنىڭ خۇمالاشقان ئوتلۇق كۆزى ئابلەتنىڭ شورداپ گەز باغلىغان توم لەۋلىرىگە تىكىلگەن،قۇلاقلىرى بولسا ئۇنىڭ تەر  تەپچىرەپ  ھۆل بولۇپ  كەتكەن    كىگىزدەك  كەڭ   ھەم  يۇڭلۇق مەيدىسىگە   مەھكەم   چاپلانغان   بولۇپ گۈپۈلدەپ سېلىۋاتقان  يۈركىنى تىڭشىماقتا   ئىدى   .   شۇ   يۈگۈرگەنچە ئۇلار  بىردەم  ئابلەت گۈلئايشەمىنى كۆتۈرۈپ ھاپاش قىلىپ،بىردەم قول تۇتۇشۇپ دېگۈدەك ئون نەچچە  كىلومىتىرچە  مېڭىپ،  كېيىنىكى  يېزىغا  سۇ  بارىدىغان  غول ئۆستەڭنىڭ  مۇشۇ چۆلدىن ئۆتىدىغان بۆلىكىگە كېلىپ توختىدى.ھارارىتى ۋايىغا يەتكەن قوياش تەپتى پۈتۈن جاھانغا ئوت پۇركۈۋاتقان تومۇز ئىسسقتا تەرلەپ پىشىپ كەتكەن گۈلئايشەم ھەسىرگىنىچە ئۆستەڭ  لىۋىگە كىلىپ ئولتۇرۇپ،
تمىتاس   ئېقىۋاتقان  سۈزۈك  سۇدىن چاڭگاللاپ بىر قانچە يۇتۇم ئىچتى،ئاندىن ئەتلەس كۆڭلىكىنىڭ ئۇستۈنكى توپچسىنى يىشىپ تەردىن بەدىنىگە چاپلىشىپ كەتكەن كۆڭلىكىنىڭ ياقىسىنى ئىككى قولىدا  ئالدى تەرەپكە تارتىپ تۇرۇپ  ، ئىچىگە قارتىپ پۈۋلىدى.ئۆستەڭ قىرىدا تۇرۇپ قولىنىڭ دۈمبىسىدە پىشانە تەرلىرىنى سۈر-تىۋاتقان ئابلەت مۇشۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ قىيا كۆرنۈپ قالغان سۈتتەك ئاق باغىر-داقسىز كۆكسىگە،قىزارغان مەڭزىگە،ئەمدىلا ئېچىلىشقا تەمشەلگەن گۈل بەرگۈسىدەك يۇمران لەۋلىرىگە،شەھلا كۆزلرىگە سايە تاشلاپ تۇرغان تال-تال كىرپىكلىرىگە،تال-چىۋىقتەك بوي بەستىگە خۇيمۇ ياراشقان ئەتلەس كۆڭلىكى ئۈستىدە سويلىنىپ ياتقان قاپقارا ھەم ئۇزۇن بىر جۈپ ئۆرۈمە چاچلىرىغا قەدەر  بىر  ھازا   ئاچكۆزلەرچە تويماي  قارىدى ۋە كۆڭلىكنىڭ ئارقا پىشىنى ئىتىكىگە يىغىپ  پومزەك قىلىپ قۇچىقىغا ئېلىۋېلىپ ، تىزىغىچە  تۈرۈلگەن  گۈللۈك ئىشتىنىدىن ئاجرىغان سۈتتەك ئاق،بېلىق قاسرىقىدەك سىلىق ۋە يۇمران پاقالچاقلىرىنى سۈزۈك سۇغا چىلاپ،ئۆستەڭ لىۋىدىكى قويۇق چۈجگۈنلەر ئۈستىدە بىر خىل شىرىن تۇيغۇدا تىپىرلاۋاتقان  يۈرىكىنى  شەرمى-ھايا بىلەن ئاران بېسقتۇرۇپ،ئۈن-تىنسىز  ئولتۇرۇۋالغان گۈلئايشەمگە زەن سېلىۋاتقان ئابلەت جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ئېغىز ئاچتى.     
    ـــ قاراڭ گۈلئايشەم، كېچە شۇنداق تاتلىق ھەم قىزىقارلىق  بىر چۈش كۆرۈپتىمەن.  
    ـــ چۈشىڭىزدە نېمىنى كۆرۈپسىز؟                                                     
   ـــ خوتۇنۇمىنى.   
    ـــ ھە؟! نەدىكى خوتۇنىڭىز ئۇ مەن بىلمەيدىغان؟
   ـــ ئۇ ئالدىمدا پۇتىنى ئۆستەڭگە چىلاپ ئولتۇرمامدۇ  ئەنە،شۇ خوتۇنۇمنى چۈشەپتىمەن.
   ـــ ۋىييەي ماۋۇ يۇزى قېلىننى،خوتۇنىڭىزنى تېپىپ خوتۇن دەپ،نەخ گەپنى قىلىپ،سىزنى چۈشەپتىمەنلا دەڭا. ھە،قانداق چۈشەپسىز؟
   ـــ ئورۇنۇمدا قىپيالڭاچ تۇرغۇدەكسىز،ئاندىن ،...قالغىننى ئېغىزىمدىن چىقىرالمايمەن.
   ـــ قېلىن بولغاندىكىن ئەمدى ئاخىرغىچە قېلىنلىق قىلىپ دەپ بېقىڭە قېنى،ئاندىن نېمە بولدى؟ـــ يەنە نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى ئوتتەك بىلگۈسى كەلگەن گۈلئايشەم شۇنداق دەپلا ۋىللىدە  ئوت  ئالغان يۈزىنى يانغا بۇراپ ئىتىكىدە يېپىۋالدى .
   ـــ دېدىم ھە ئەمىسە،ـــ چۆل جەزىرىدە ھىچ بىر ئادەم زاتى بولمىسىمۇ ئۇياق-بۇياققا بىر قۇر زەن سېلىۋەتكەن ئابلەت گۈلئايشەمنىڭ قۇلىقى تۈۋىگە كېلىپ بوش كۇسۇرلدى،    ـــ ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككىمىز...، بىردىنلا سىزنىڭ  يۇمران لەۋلىرىڭىزنىڭ ئۈستىگە،ئاپئاق يۈزلىرىڭىزگە قاپقارا ساقال-  بۇرۇت پەيدا بولۇپ ئەر كىشىگە   ئۆزگىرىپ   قېلىۋاتقۇدەكسىز  ،  چۆچۈپ   ئويغانسام ،
يۇتقىنىمنىڭ قاپ ئۇتتۇرسىدا،قورسۇقۇمغا يۇمران تۈكلىرىنى چاپلاپ،بېشنى مەيدەمگە قويۇپ ئوماق مۆشۈكۈم بەھوزۇر  ئۇخلىغىلى تۇرۇپتۇ ئەمەسمۇ.
ئابلەتنىڭ بۇ گەپلىرىدىن گۈلئايشەم بىر ھازا ئۆزىنى توختىتالماي تېلىقىپ كۈلۈپ كەتتى.
   ـــ سىزنى مەنمۇ خوتۇنۇم دېگەندىكىن ،  سىزمۇ مېنى ئېرىم دەڭ  ،  بولمىسا مۇشۇ ئۆستەڭگە
ئىتتىرۋېتىمەن،مانا ئىتتىرۋەتتىم ئەمىسە،ـــ گۈلئايشەمنىڭ ئىككى قولتۇقىدىن  چىڭ تۇتۇپ ھەدەپ ئۆستەڭ ئچىگە ئىتتىرىۋاتقان ئابلەت شۇنداق دېدى ھەم ئۇنىڭ تىزىغىچە تۈرۈۋالغان گۈللۈك ئىشتىنىنى بىرەر غېرىچچە سۇغا چىلاشتۇرۋىتىپمۇ بولدى قىلمىدى.
   ـــ   ماقۇل، ماقۇل، بولدى ئىتترمەڭ جېنىم ئېرىم ، ـــ ئابلەتنىڭ  ئىشتىنىنىڭ  پۇشقىقىغا مەھكەم  ئېسلىۋالغان
  گۈلئايشەم  شۇنداق دېدى ۋە سۇدىن پۇتىنى چىقىرىۋالدى.  
   گۈلئايشەم ئۆستەڭ قىرىدىن ئەمدىلا ئۆرە بولۇپ ئارقىسىغا ئۆرۈلىشىگىلا ھوجۇدىدا تاتلىق ھاياجان غەليان كۆتۈرۈۋاتقان ئابلەت ئۇنىڭ  تالى مەجنۇن بەللىرىنى قارماپلا تۇتۇۋالدى ۋەتوم،يىرىك لەۋلىرىنى ئۇنىڭ سەدەپتەك پارقىراق قوي چىشلىرىنى يېپىپ تۇرغان نىپىز،سۇس تىترەۋاتقان ئويماق لەۋلىرىگە باستى. بەللىرىدىن سۈرۈلۈپ بارا-بارا گۈلئايشەمنىڭ باش تەرپىگە يۆتكەلگەن،تومۇرلىرىغا قان تولۇپ شۇخىدەك قاتقان توم بارماقلىرىنى ئۇنىڭ قۇندۇزدەك قاپقارا قويۇق چاچلىرىنىڭ قاتلىرىغا پاتۇرۇپ،ئىككى ئالقىنىدا ئۇنىڭ قۇلقى قوشۇش بېشىدىن  مەھكەم قارماپ كاللىسىنى ھېلىلا سۇندۇرۋالدىغاندەك كەينىگە قايرىۋالغان ئابلەت خۇددى ئېچىرقىغان بۆرىنىڭ پوكىنى ئاستىدىكى قوي قوزىسنى سىلكىپ قاساپ  يۈتكىنىدەك چوڭ ئېچىلغان ئاغزىنى ئۇنىڭ يۇمران لەۋلىرىگە،قىزغۇچ مەڭزىگە،سۈتتەك ئاق بويۇنلىرىغا نۆۋەت بىلەن تىز-تىز يۆتكەپ، پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن  يالماپ-يالماپ سۆيمەكتە ئىدى.ئابلەتنىڭ قوپال ئەمما ئوتلۇق سۆيۈشلىرى ئاتا قىلغان مۇھەببەتنىڭ شىرىن لەززىتىدە نازۈك سەزگۈ نىرىپلىرى پۈتۈنلەي ھۇشسزلانغان گۈلئايشەمنىڭ يىتلگەن بىر جۈپ كۆكسى ئابلەتنىڭ قاتتىق ئەمما ھارارەتلىك باغرىدا ئىچ-ئىچىدىن كۆيۈشۈپ ئېرىمەكتە ئىدى.كۈچلۈك ھېسىيات ئوتلىرىنىڭ ھارارىتىدە  گۈلئايشەمنىڭ بارا-بارا  قورۇلۇۋاتقان ئىككى مۈرىسى  ئارسىدىكى توختاۋسز تپىرلاۋاتقان ئەتلەس كۆڭلەك ئىچىدىكى كۆكرەك قەپىزىنىڭ ھاياجانلىق تۈگۈلۈشگە ئەگشىپ،ئابلەتنىڭ جىگدە كۆتۈكىدەك توم بوينىغا گىرە سېلىپ،ئاپتاپتا قارداپ ئېتىلغان،ياغ تەپچىرەپ  تۇردىغان گەدىنىنى چۇڭقۇر  مېھرى بىلەن سىلاۋاتقان  گۈلئايشەمنىڭ  سۇس تىترە-ۋاتقان  نازۈك بارماقلىرى ئابلەتنىڭ مۈرىسىدىن ئاستا–ئاستا سىرغىپ يۇڭلۇق مەيدىسنى سىپاپ ئۆتۈپ بىردىنلا تۆۋەنگە ساڭگىلىدى.ئۇنىڭ ئۆز كونتۇرۇللىقىنى يۇقاتقان نازۈك جىسمى بولسا قىلدەك تولغۇنۇپ،ئاستا-ئاستا ئۆستەڭ قىرىغا قىيسايدى... ئابلەتنىڭ پايپاقسىزلا پۇتىغا  سېپىۋالغان  كونا  ئايىغىدىن  ھەر  چامدىغاندا چىقىپ  قالدىغان  تىلىم–تىلىم  بولۇپ كەتكەن تاپىنى ئاياغ ئېغىزى  بىلەن خېلى چوڭ  بوشلۇق ھاسىل قىلغان، چىڭ تىرەلگەن ئاياغ ئۇچى ئۆستەڭ دامبىسى ئۈستىدىكى قۇمسال توپا ئاستىغا پېتىپ كەتكەن بولۇپ،ھەر  مىدىرلىغاندا چەم ئاستىدىكى ئۇششاق قۇمسال توپلار سىرلىپ ئۆستەڭنىڭ يان باغرىدىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ ئارىللىرىدىن دولقۇنسىمان يول ھاسىل قىلىپ،ھېچبىر  تىۋىشسىزلا ئۆستەك ئىچىگە سىرغىپ چۈشۈپ،سۈپسۈزۈك ئېقىن سۇنىڭ ئالقانچىلىك يىرىنى لايشىتماقتا ئىدى...
شۇ چاغدىلا بىلىپ–بىلمەي مۇقەددەس داستىخانغا بىمەھەل قول  ئۇزاتقان ئابلەت ئۇنىڭدىكى خاسىيەتلىك ناننى پەرىز-پەتىھسىزلا ئوشتۇپ  قويغان، پەقەت بىر  دەملىك  كونتىروللىقىنى  يوقۇتۇش تۈپەيلىلا  ئۇلار  يېڭى بىر  جاننى  دۇنياغا   ئاپرىدە  قىلىش  بەدىلىگە  گۈلئايشەمنىڭ  ئاشۇ  قارا يىللارنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا مۈدۈرۈپ  يۈرۈپ،مىڭ جاپادا يېڭى زامانغا ئۇلىشىپ ئەمدىلا كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان بىچارە دادىسنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى...
                                                                 8
  سەھەردىلا ئۇيقۇسى ئېچىلىپ كەتكەن، ئۆزنىڭ  قانداق بولۇپ كەنىت ئىشخانسىدىكى ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە ئۇخلاپ قالغانلىقىدىن ھەيران  بولۇپ تورۇسقا ، تاملاردىكى رەسىم-سىخىمىلارغا،ئىشىك–دەرىزىلەرگە بىر قۇر زەن سالغان نۇردۇن ئۈستىگە يېپىلغان دادىسىنىڭ خۇرۇم چاپىنىنى ئېچىپ ئۈستەل ئۈسىتىدىن سىرلىپ پەسكە چۈشتى ۋە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بېشىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ سۇس خورەك  تارتىپ ئۇخلاۋاتقان ئابلەتنى نوقۇشتۇرۇپ ئويغاتتى.ئابلەت تاشتەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن بېشىنى ئۈستەل ئۈستىدىن كۆتۈرىشى بىلەن تەڭ كۆڭلى سەل ئېلىشقاندەك بولۇپ قولاقلىرى پاشا كىرىۋالغاندەك غوڭۇلدىدى.تۈنۈگۈن يىغىندىن كېيىن ئۈلپەتلىرىنىڭ ئۇنى تەبرىكلەش يۈزىسدىن يېزا بازىرىدىكى پاتەم بوتكىنىڭ زەي پۇراپ تۇرىدىغان ئايرىم خانىسدە ئويۇشتۇرغان سورۇندا كىسلاتادەك ئاچچىق ھاراقنى تويغۇچە ئىچىكىنى ئىسىدە،ئۇنىڭدىن باشقا«تەقدىرلىنىش»خۇشاللىقىدا يۇمۇلماي قالغان ئاغزىغا شۇ بىر كۈنگە تەۋە بىر نەرسە سالغىنى ئۇنىڭ ھېچ ئىسىدە يوق.شۇ سەۋەپتىن پۈتۈن بەدىنى قۇرۇغاندەك بولۇپ،ھوجۇدىنى چەكسىز چاڭقاقلىق قاپلىغان ئابلەت قوقاق بېسىپ زاغرا ناندەك  يېرىلىپ،شەلۋەرلەپ كەتكەن  لەۋلىرىنى يالىدى . خۇددى ئۇچىغا نەم توپا قاچىلانغان ئېغىر خالتا چىگىلىپ ئۆگزىدىن يەرگە سىرىلدۇرۇلغان ئارغامچىدەك ئابلەتنىڭ ئۈستەلدىن ئۆرە بولۇشىغىلا تىكلەنگەن  ئۈچەي-باغرى بىردىنلا چىڭقىلىپ ھېلىلا ئۈزۈلۈپ كېتىدىغاندەك تولغۇنۇپ،دۈمبىسگە چاپلىشپ قالغان قورسىقىنى مۇجۇپ ئاغرىتشقا باشلىدى.بۇنىڭغا تاماكا خۇمارى قوشۇلۇپ ئۇنى تېخىمۇ قىينىغىلى تۇردى. ئۇ قىزىرىپ ئىششىغان كۆزلىرىنى ئۇۋلاپ تۇرۇپ ئىشخاننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا، ئىشخانا ئوتتۇرسىغا قۇرۇلغان مەشنىڭ ئالدى-كەينىگە زەن سالدى. بىردىنلا مەشنىڭ ئالدىغا دۆۋلەنگەن چالا كۆيگەن كۆمۈر كۈلىنىڭ ئارسىدا قىيا كۆرۈنۈپ قالغان توم ئورالغان تاماكا قالدۇقىغا كۆزى چۈشۈپ مەشنىڭ ئالدىغا  كېلىپ  زوڭزىيىپ  ئولتۇرۇپ تاماكا قالدۇقىنى كۈل ئارسىدىن ئاۋايلاپ سۇغۇرۋالدى  ۋە  قولىغا ئادىنئالا  ئېلىۋالغان  چاقمىقىنى ئوت ئالدۇرۇپ ئاغزىدىن ئاران كۆرۈنۈپ تۇرغان تاماكا قالدۇقىنى چوغلىدى دە،ئۇنىڭ بىر بۈرجىكىنى باش بارمىقى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئارسىغا چىڭ  قستۇرۇپ، تىرناقلىرى كۆيگەنگە قەدەر  قوۋزىقىنى  تۇلدۇرۇپ تۇلدۇرۇپ بىر قانچىنى سۈمۈرۈۋالدى.كەنىت ھويلىسنىڭ ئوتتۇرسىغا تىكلەنگەن ئېگىز سىتولبىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى جۈپ كانايدىن يەرلىك رادىئو ئۇزۇللىرى تارقاتقان تۈنۈگۈنكى يىغىننىڭ مەزمۇنلىرى قاتارىدا ئۆزىنىڭ نام-شەرپى تىلغا ئېلىنىپ لىپپىدە ئۆتۈپ كەتكەن ئاۋازلارنىڭ قولىقىغا كىرشى بىلەن تەڭ ئىچىگە كۈچەپ  تارتىپ تېشغا چىقىرىشنى ئۇنۇتقان كۈچلۈك تاماكا ئىسى ئۇنىڭ بوغۇزىغا كەپلشىپ قېلىپ خۇددى كانىيدىن بىرسى چىڭ سىقۋالغاندەك  ئۇنى بىر ھازا بوغۇنۇقتۇرۇپ قويدى. ئابلەت خارىلداپ  ھۆتەلگىنىچە ئىشخانا سىرتىغا چىقتى.قويۇق تاماكا ئىسىغا تويۇنغان قاغا تۇخۇمى چوڭلىقىدىكى قاپقارا شىلىمشىق توپچە ئۇنىڭ توم لەۋلىرى ئارسىدىن بېسم بىلەن چىقىپ قار ئۈستىدە بىرنەچچە غېرىچچە دومۇلاپ غايىپ بولغاندىلا قېقىلىپ خارىلداشتىن توختاپ ئۆزىگە كەلگەن ئابلەت بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا مەكتەپكە بارماي، نېرىراقتا قارنى پومزەك قىلىپ ئارسىغا ئۇششاق تاياقچە قىستۇرۇپ چوكا مۇز قىلىپ يەۋاتقان نۇردۇننى چاقىردى. ئۇنى بۇ قېتىم چوقۇم ئۆيىدە ئېلىپ قېلىش نىيىتدە مۇتۇسىكلىتىنىڭ ئارقىسغا مىندۈرۈپ،
دەرۋازىسى ئالدىغا كىلىپ موتۇسىكلىتىنى دىيەكلدى ۋە نەمخۇش يەردىكى سىزىپ  قويغاندەكلا ئېنىق چىققان ماشىنا چاقىنىڭ  ئىزىغا زەن سالغاچ تېخىچە ئىچىدىن زەنجىرلەنگەن دەرۋازا تۈۋىگە كېلىپ دەرۋزا قانتىنى زەردە بىلەن قاقتى .
    ـــ كېم بۇ دەرۋازىنى ئۆلگۈدەك مۇشىتلىغان !  ـــ  ئۆي ئىچىدىن ئاسىيەنىڭ چىرقىراق ئاۋازى ئاڭلاندى . ئابلەت  ئۇنىڭ ساپما كەشىنى شىپىرلاتقىنىچە دەرۋازا تۈۋىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقنى سىزىپ تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى .
     ـــ يەنە كېم بولسا بولاتتى ساڭا! مەن،بۇ ئۆينىڭ غوجىسى ئابلەت،ئاچە دەرۋازىنى!
   ـــ مانا، مانا ! بىردەم  ساقلىغانغا  ئۆلەمدىكىنا، ـــ دەرۋازا  تۈۋىگە كىلىپ قالغان  ئاسىيە چىڭقالدى ۋە «سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋالاي»دېگەندەك غۇدراپ تىللاشقا باشلىدى،    ـــ ۋېيييەي،نېمانداق سەت ۋارقىرايدىغاندۇ ما بېشنى يەيدىغان ساراڭ ئادەمنىڭ قوۋرۇ-غىسىنى ئىگىپ!  كېچىچە  تېزەك پۇراپ  يۈرۈپ كاللسى ئېلىشىپ قالدىمۇ نېمە بۇ قەلەندەر-نىڭ ! يائاللا،قايسى بولغۇيتى بۇ ئەبگا  قۇلۇپنىڭ ئاچقۇچى...
   ـــ يۇملاق  بۇرغا  شەكىللىك، ئاشۇ  ئۇزۇنراقى شۇ ! ئاخشام  سالغاندا  قاراڭغۇدا پەرىق قىلالمىغانمىدىڭ؟ قۇۋلىقىنى قارا بۇ بۇزۇقنىڭ ،ـــ ئابلەت كېچىچە ئىچىگە قاپسىلىۋېلىپ،
يۈرىكىنى ئېچىشتۇرۋاتقان زەھەرنى دەرۋازا قسلىچدىن ئاسىيەگە چاچرىتىپ ۋارقىردى.
    ـــ ئەجەپ قىززىقچى جۇمۇ  سىز ، -نازلىنىشقا باشلىدى ئابلەتنىڭ بۇ  گېپىدىن  ئۇنىڭ ئاخشامقى  ئىشلارنى تۇيۇپ قالغانلىقىنى سەزگەن ئاسىيە  دەرۋازىنى ئېچىپلا تۈتۈندەك چېھرىگەشۇئان كۈلكە  يۈگۈرتۈپ،ـــ قاراڭ،قاراڭ  تۇتۇلۇپ كەتكىنىڭزنى،كېم كېلەتتى شۇ ساشاڭجاڭ كەپتىكەن   سىزنى ئىزلەپ، ئاخشام سىز  كەلمىگەندىن  كىيىن  كېتىپ  قالدى، سىزدىن  بەك ئەنسىردىم جۇمۇ، بۇ  يامغۇردا نەلەردىمۇ  يۈرگەنسىز جېنىم .
   ـــ  مېنى كېلىپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرگەنسەن تايىنلىق !  بۇياققا  ئۆتە  تولا گەپ يورغىلاتماي! ـــ دەرۋازا قانتىنى قىيا ئېچىپ تۇرغان ئاسىيەنى دولىسىدىن ئىتتىرگەن ئابلەت شۇنداق دەپلا ئاسىيەدىن قورقۇپ ئارقىسىغا يوشۇرنۇۋالغان نۇردۇننى يىتىلىگەن پېتى ھويلا ئىچىگە كىرىپ كەتتى .
   ـــ ئاللا قانداق قىلاي،ـــ نۇردۇننى كۆرۈپ ئاللا-كاللا سېلىشقا باشلىدى ئاسىيە ئابلەتنىڭ كەينىدىن پالاقشىپ يۈگۈرۈپ،ـــ ئەمدى ماۋۇ ھاراملىق يىتىم ئوغلاقنى يەنە نەدىن تېپىپ كىرگەندۇ جېنىمنى چىقىرىپ،ۋاي قانداق قىلارمەن...
   ـــ بۇ دېگەن مېنىڭ بالام ! ئىسىڭدە بولسۇن بۇندىن كېيىن ئۇ مۇشۇ ئۆيدە مەن بىلەن بىللە تۇردۇ ! ـــ دېدى ئۆزىگە چىڭ چاپلىشىۋالغان نۇردۇننىڭ قولدىن تۇتۇۋالغان ئابلەت.
   ـــ سەن بۇرۇنلا بالام يوق دېگەن ،ـــ ئۇششۇقلۇق قىلشقا باشلىدى ئابلەتنىڭ پىشدىن تۇتۇۋالغان ئاسىيە ئۇنى قۇيرۇقى دەسسەلگەن مۆشۈكتەك سەت چىرقىراپ يىغلاۋاتقان بوۋاقنىڭ ئۈنى چىققان ئۆي تەرەپكە تارتىپ،ـــ ماڭە ساڭا كۆرسىتىپ قوياي سېنىڭ بالاڭ ئاۋۇ ئۆيدە. سەن بىلى بوش كۆكتۆشنىڭ مەن كەلگەندىن كېيىن جېنىڭغا جان،تومۇرىڭغا قان كىرىپ ئاندىن بالاڭ بولدى،كىرىپ زەن سېلىپ تۈزۈك بىر كۆرۈۋال !
  ـــ كىمىنىڭ بالىسى ئۇ ھاراملىق ئېگىسى بىلىدۇ! پەقەت نۇردۇننىڭ مۇشۇ ئۆيدە مەن بىلەن تۇرشىغا قوشۇلساڭلا بۇنى ھازىرچە سۈرۈشتۈرمەيمەن،بۇنىڭغا كۆنمىسەڭ بۇ ئۆيدىن ھازىرلا يوقال! ـــ ۋارقىراپ ئاسىيەگە تەھدىد سالدى ئابلەت .
   ـــ بۇ زادى كىمىنىڭ بالىسى ئىكەن،ھازىرلا ماڭا تېپىپ بەر ! ـــ ئابلەتنىڭ ياقىسىدىن چىڭ قاماللاپ تۇتۇۋالغان ئاسىيە زۇۋانىنى قويۇپ بىرىپ جان-جەھلى بىلەن چاڭىلداشقا باشلىدى،ـــ بىر بالا بىلەن ئۆيدىن  چىقىپ كىتىدىغانغا خانئاچاڭنى ھېلىقى پاسكىناڭدەك ئەخمەق كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامسەن؟ساڭا دەپ قوياي ئابلەت،چىقىپ كېتىشىكە تېگىشلىك بولسىمۇچۇ يىتىم ئوغلاق  ئىككىڭ چىقىپ كىتىشىسەن بۇ ئۆيدىن !
   ـــ ھېلى جۇما ماۋۇ قانجۇقنى ...
   ـــ ئۇرە قېنى،ئۇرمامسەن؟سايەمدە تىرىلىپ قېلىپ تېخى نوچىلىقىنى قارا ماۋۇ غالچىنىڭ...
   ـــ ئۇرماي قانچىلىك نېمىدىڭ، مانا ئەمىسە ...
  ئابلەتنىڭ«چاڭ»قىلىپ بىر تەستەك سېلىشى بىلەن ئاللا-ۋايجانلىغان ئاسىيە يۈگۈرگەن پېتى ئۆيگە كىرىپ كەتتى.ئاچچىقىدا يېرىلغۇدەك بولۇپ،ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىدا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان  ئابلەت تىترەۋاتقان قوللىرىنى  يانچۇقلىرىغا  نەچچە  قېتىمدىن  تىقىپ،يوق  تاماكىنى ئىزلىگىنى تۇردى.شۇ ئەسنادا ئاخشام تىترەك ھالىتىگە ئېلىپ قويغان يانفۇنى ئىشتان يانچۇقىداقاپسلىپ قالغان ھەرىدەك يوتىسىنى يېقىمسىز مىتىلدىتىپ،سەت غوڭۇلداشقا باشلىدى.
   ـــ ۋەي،شاڭجاڭ سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئۇرۇقلۇقنىڭ پۇلىنى...
   ـــ قۇرۇق گېپىڭنى قوي! نەچچە قېتىم دېدىم خوتۇن دېگەنگە ئىللىقراق مۇئامىلە قىل دەپ،  
گۈلئايشەممۇ قوپاللىقىڭدىن كەتتى،ھە...ي،يەنە سەن ئەبگا شۇنداق قىلىپ ئاسىيەدىنمۇ...  
    ـــ نېمە بولسام مەيلى،ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشايمىكىن،سىلىنىڭچە...
   ـــ خام خىيال قىلما! كۆرگەنسەن ئۇنىڭ ئارلىشىدىغان ئادەملىرىنى،ئاجراشساڭ خۇتۇنسىزقالساڭغۇ مەيلى،بىراق ئۆلۈكىڭنىڭ كوچىدا قېلىشىنى خالىمايدىغانسەن ؟ شۇڭا كاللاڭنى سىلكىۋىتىپ ئىش قىل !
   ـــ ماقۇل ساشاڭجاڭ ،ماقۇل،مەن دېققەت قىلاي...  
   مەقسىدى ئەمەلگە ئاشمىغان ئابلەت شۇ كۈنىدىن بىرى بىچارە نۇردۇننى يەنە  يېنىدا  ئېلىپ قالالمايلا قالماستىن ئۇنىڭ دەرۋزا ئالدىدا قايتا پەيدا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپلا يۈرۈيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى . ئاسىيەمۇ ئابلەت رايدىن، سىزقىدىن چىقىپلا كەتسە ساشاڭجاڭغا تېلىفۇن قېلىپ دات ئېيىتتى.«مېنىڭ ئىسمىمنى چىقارساڭلا قورۇققىنىدىن ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرى ئۈگە-ئۈگىللىرىدىن ئاجراپ بوشىشىپ كىتىدۇ»دېگەن ساشاڭجاڭمۇ«بېرىنى خوتۇن قىلىپ تۇت،ئېسىڭدە بولسۇن قول تەككۈزۈپلا قويساڭ خوتۇنسىز قالغاننىڭ ئۈستىگەئەمەل-تاجەڭدىنمۇ، جېنىڭدىنمۇ قۇرۇق قالىسەن ! » دەپ پەرمان چۈشۈرۈپ، ئەكىسچە ساۋۋۇتنىڭ ئۈگە-ئۈگىللىرىنى بوشتىۋەتتى.
   مانا   مۇشۇ    كۈنلەردە  كۆيۈمچان  ئايالىدىن     ،  قۇلۇم  - قوشنىللىرىدىن  ،  يۇرت -  مەھەلىدىكىلەرنىڭ
قوللشىدىن تەلتۆكۈس ئايرىلغان،ھازىر ھېچ بىر چىقىش  يولى قالمىغان ئابلەتنىڭ سېكىرتارلىقتىن ھامان بىر كۈنى چۈشۈپ كېتىدىغانلىقى ئېسگە كەلسىلا كاللىسىنى قورقۇنچ قاپلاپ،ھوجۇدىنى تىترەك بېسىپ،ئۆز- ئۆزىگە خىتاپ قىلىپ بەزىدە ئاۋازى تېشىغا تېپىپ كېتەتتى.مانا مۇشۇنداق ئۆزى ياسىۋالغان قاراڭغۇ ھەم تار يول ئۇنى ھازىر پەسكەشلىك بىلەن ھايۋان كەبى ياشاشقا مەجبۇر قىلماقتا.ئىلگىرى قوشنىسى  ئەمەتنىڭ ئايالىنىڭ بىرى  بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ قالغانلىقى توغرىسدىكى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈردىغانلارنىڭ قۇرۇق پارىڭىغا ھەمدەم بولۇپ: «بىزنىڭ بۇ مەھەللە بۇزۇقلارنى سىغدۇرالمايدۇ،ئۆزۇڭنى ئەر چاغلساڭ ئۇنىڭ  خېتىنى بەر! ئەگەر مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا بولسام ئۇنى مىڭ مەرتىۋە ئۈچ تالاق قىلغان،ھەتتا ئەرلىك غورۇرۇمنى قوغداش بەدىلىگە گېلىدىن سىقىپلا ئۆلتۈرۋەتكەن بولاتتىم» دەپ جار سېلىپ ئەمەتنى تا ھازىرغىچە خوتۇنسىز قويغان شۇنچە ۋىجدانلىق ئابلەت مانا ھازىر  ئاسىيەنىڭ ئۈلپەتلىرى  كەلسە تاماق  ئىتىپ، ئۇلارنى ئايالى بىلەن قانغۇدەك تانسا ئوينۇتۇپ رازى  قىلىپ  ئۇزتىۋاتىدۇ،ھەتتا كەچ  قالغان كۈنلىرى ئۆي ئىچىدىكى خۇشال كۈلكە-چاقچاقلارنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن دەرۋازا  ئالدىدىن رايىشلىق  بىلەن  ئارقىغا يېنىۋاتىدۇ . گۈلئايشەمنى يوقلاڭ ئىشلارغا  پۇڭشىتىپ مۇشىتلىغان بازغاندەك قوللار مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە ئاسىيەنى تاك قىلىپ چىكىشكىمۇ ماغدۇرى يەتمەيلا قالماستىن بەلكى ئۆز پۇشتىنىڭ بىر پەسەندى خوتۇننىڭ قولىدا خورلىنىۋاتقانلىقى كۆز ئالدىدا سادىر  بۇلۇۋاتسىمۇ قوغداشقا  قۇدرىتى يەتمەيۋاتىدۇ، ئاشۇ كۈشتۈڭگۈر قوللار ھازىر پەقەت ئەلەملىك يىغلاپ پۇتلىرىغا چىڭ ئېسىلىۋالغان بىچارە نۇردۇننى ھايۋانلارچە ئىتتىرشتىلا شۇنداق جانلىق.ئۆز دادىسدىن كۆرۈۋاتقان كۈنى شۇ بولۇۋاتقان،باققىلى بەرگەن ئۆيىدىمۇ تازا ياخشى كۆيۈنۈشكە ئېرىشەلمىگەن نۇردۇن ئىككى ئۆينىڭ ئارلىقىدا مېڭىپ يۈرۈپ كۈننى كەچ قىلىۋاتىدۇ . بۇ جەرياندا  كۆپ قېتىم ئاسيەنىڭ  تىل-دەشناملىرىغا ئۇچرىدى.ئابلەتنىڭ «سېنىڭ ئاناڭنى ئاشۇ قېرى كەتكۈزۈۋەتتى» دېگەن گېپى  قۇلاق تۈۋىدىن  نېرى كەتمىگەن نۇردۇن  سەمتاخۇنغا يېقىن يۇلمايدىغان،ئۇنى  كۆرسىلا   قاچىدىغان بولۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن كۈندە دېگۈدەك ئىزدەپ يۈرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان سەمتاخۇنمۇ مانا ئەمدى  ئۇنى  كۆپ  ئۇچۇرۇتالمىدى . ئانا  مېھرىدىن  ئايرىلىش  ئازابىغا قۇشۇلغان  سەرگەر-دانچىلىق،تىل-دەشنام دەستىدىن ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىرگەن بىچارە نۇردۇن باشقىلار گەپ سورسىمۇ گەپ  قىلمايدىغان،ياندۇرۇپ يەنە سورسا«پاڭڭىدە» يىغىلاپ كېتىدىغان،كېيىنچەھەتتا سەمتاخۇن نەرسىنىمۇ ئالمايدىغان بولۇۋالدى. سەمتاخۇن مۇشۇ سەۋەپتىن ئابلەت بىلەن زۇكۇنلۇشۇپ دىل ئازارىمۇ تارىتتى،ھەتتا ئابلەت«نۇردۇنغا  قالايمىقان نەرسىلەرنى بېرىپ  مۇ-شۇنداق جىمغۇر  قىلىپ قويدۇڭ»دېگەن بەتنامنى ئۇنىڭغا ئارتىپ ئۈلگۈردى.نۇردۇندىن ئەنسىرەپ  مەھەلىسىگە كۆپ قېتىم كەلگەن سەمتاخۇننى بايقاپ قالغان ئابلەت«سەمتاخۇن مېنى پايلاپ يۈرۈيدۇ » دەپ گۇمان قىلىپ، ئىتىنى دەرۋازىسىنىڭ ئالىدىغىلا باغلاپ  قويىدىغان بولۇۋالدى.مانا ھازىر سەمتاخۇنمۇ نۇردۇننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلشقا ئامالسىز قالدى،پەقەت نامىزىدىلا ئۇنىڭ تىنىچ-ئامانلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلالايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.

                                                              
                                                         9

   يېڭى يىل ئۆرۈلۈشى بىلەن تۇمان ئارلاش تۇتۇلغان ھاۋادىن  قوياش ھالقىپ چىقالمايلاكەچ بولۇۋاتقان مۇشۇ بىر نەچچە  كۈندىن بىرى توختىماي ياققان قۇمدەك ئۇششاق قار شىۋېرغان پەيدا قىلىپ يەر-جاھاننى مۇزلاتتتى.پۈتۈن تەبىئەت ئاق لىباستىن تون كەيدى.ئۇدا ياققان قېلىن قار مۇز تۇتقان ئېرىقلارنى يول بىلەن تەڭ قىلىپ تۈزلىۋەتكەن،يېزىنچە سۈيىگە قانمىغان قېرىملاردىكى يىگلەپ چوقاتماق بولۇپ قالغان دەرەخلەرمۇ خۇددى ئاق يېپىنچىغا ئورالغان بىتاپ بوۋايدەك شىۋېرغاندا دېرىلداپ تىترەيتتى.چاي ۋاقتىدىن ھازىرغىچە ئابلەتنىڭ  دەرۋازسى ئالدىدا  توختۇتۇپ قويۇلغان  ساشاڭجاڭنىڭ  ماشىنىسمۇ  بىنەملىكتىكى پوستەكلەپ كەتكەن دۆڭدەڭ  ئاقۋالداق بولۇپ كەتكەن ئىدى. ھەممە كىشىلەر ئىشىك-دېرىزىللىرىنى تاقاپ ئۆيگە بۈكۈنۈپ يېتىۋالغان بولۇپ سىرىتتا نە ئادەم،نە جان-جانۋارلارنىڭ ئىز-تىۋىشىدىن ئەسەر يوق.پەقەت ئابلەتنىڭ ھويلا تېمىغا يانداپ سېلىنغان مۇشۇ ئۆيىدىلا ھاياتلىق قاينىغان.ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگە ئاسىيەنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئابلەت  تېخى يېقىندىلا ئورناتقان ياڭراتقۇدىن ئاۋازى بولۇشىغا ئېچىۋىتىلگەن سىن قويغۇ ئاپىراتى چېتىلغان تېلىۋېزوردىن چىقىۋاتقان«ئىككى توشقان تۇتسىڭىز،بىرنى ماڭا بەرسىڭىز...»دەپ باشلانغان مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇردىغان ئاتۇش خەلق ناخشىسى چۇڭقۇر سۈكنات قوينىغا چۈمگەن بۇ مەھەللە ئەتراپىدا شىۋېرغان بىلەن  بەسلىشىپ ئۇچۇپ يۈرمەكتە ئىدى .
  مەكتەپتىن قايىتقاندىن كېيىن قەيەرگە بېرىشنى بىلەلمەي يولدا قايمۇقۇپ يۈرگەن نۇردۇن سومكسىنى يۈدۈپ باسمىچە خەت تولدۇرۇلغان،تۆۋەن تەرپىگە مەكتەپنىڭ تامغىسى بېسلغان،
مۇئەللىمىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان بىر ۋاراقچىنى كۆتۈرگىنىچە قاش قارايغان چاغدا ئابلەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا پەيدا بولدى.ئۇنىڭ قولدىكى بىر بۈرجىكىدىن چىڭ تۇتۇۋالغان ۋاراقچە بولسا مۇئەللىمى«مەينەت قىلىۋەتمەي،قاتلاپ يىرتىۋەتمەي ئۆيگە ئېلىپ بېرىپ  مەزمۇنىنىئاتا-ئاناڭلارغا ئوقۇپ بىرىپ،ئۇلارغا ئىمزا قۇيدۇرۇپ ئەتە چوقۇم ئېلىپ كېلىڭلا   » دەپ
جىكلەپ،مەكتەپتىن قايتىدىغان چاغدا قولىغا شۇنداق تۇتقۇزۇپ قويغان مەكتەپنىڭ«قىشلىق تەتىل مەزگىللىك ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بىلەن تۈزگەن مۇقۇملۇق–بىخەتەرلىك  مەسئۇلىيەتنامىسى»ئىدى.نەچچە كۈندىن بىرى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ يۈرگەن نۇردۇن ھېچ بولىمىغاندا دادىسغا مۇشۇ مەسئۇلىيەتنامىگە ئىمزا قويدۇرۇۋېلىپ بولسىمۇ قايتىپ كېتىشىنى نىيەت قىلىپ ئاران دېگەندە بۇ ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ زور غەيرەت بىلەن دەرۋازا قانىتىنى بىر نەچچە قېتىم قاقتى. دەرۋازا تۈۋىدە بىر ھازا كۈتۈپ تۇرغان بولسىمۇ يەنىلاھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن نۇردۇن ھېلىغىچە چىقىپ قالار دېگەن نىيەتتە ساشاڭجاڭ نىڭ يول بۇيىدا توختۇتۇپ  قويۇلغان ماشىنىسىنىڭ ئەتراپىدا  ئويناپ يۈرۈپ كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى تۇيمايلا قالدى.ئۇلارنىڭ بىرەرسى بولسىمۇ ھېچ بىر دەرۋازا سىرتىغا چىقىدىغاندەك ئەمەس.بىر يېرى تېشىلىپ كەتكەندەك بىر نەچچە كۈندىن بىرى توختىماي مۇزدەك قار تۆكۈۋاتقان كۆكۈش  ئاسمانغا تۈن قاپقارا پەردىسىنى  يېيىشى بىلەن تەڭ نۇردۇننىڭ كىچىككىنە ھوجۇدىنى ۋەھىمە قاپلاشقا باشلىدى.ئۆزىنى خۇددى دۈم كۆمتۈرۈلگەن قاپقارا قازاننىڭ ئاستىدا  قالغاندەك  تۇيغۇدا  بولۇۋاتقان نۇردۇننىڭ كاللىسىنى قورقۇنىچ باستى، ۋاراقچىنى   مەھكەم  تۇتۇۋالغان  يۇمران قوللىرى ، كىرلىشىپ  كەتكەن  ئىشتىنى ئىچىدىكى گۆشسىز پاقالچاقلىرى  بىردىنلا لاغىلداپ تىترەپ كەتتى. قورقۇنىچ تۈپەيلى ئەركىن نەپەس ئېلىشقىمۇ   جۈرئەت قىلالمايۋاتقان   نۇردۇن تىز-تىز قەدەم  ئېلىپ دەرۋازا  تۈۋىگە  كېلىپ قىسلىچىدىن ھويلا ئىچىگە زەن سالدى.ئارقا تەرپىگە دەرىزە قويۇلغان ھېلىقى ئۆينىڭ ئىشىك بېشىدىكى كۈنكىرىسىدىن قىزغۇچ چىراق يۇرۇقى چىقىپ تۇراتتى.ھېلىدىن بىرى جاھاننى بىر ئالغان ئۆگزىدىكى ياڭراتقۇ ئاللا بۇرۇن ئۈزۈۋىتىلگەن بۇلۇپ دۈملەنگەن ئۆي ئىچىدىن گارمون بىلەن ئورۇنلانغان مۇڭلۇق مۇزىكا ئاۋازى سۇس ئاڭلىنىپ تۇراتتى . شىۋىرغانلىق سوغۇق شامالنىڭ بىردىنلا ھەدەپ  قوتاننىڭ ئۆگزىسىدىكى قۇرۇپ قالغان بىر تال قوناق شېخىنى  ئۇچۇرۇپ« شاراق »قىلىپ يەرگە چۈشۈرۈشى بىلەن تەڭ قاتتىق قورقۇپ كەتكەن نۇردۇن«ۋايجان،دادا،دادا»
ەپ  يىغا ئارلاش تىترەك ئاۋازى بىلەن ئەنسىز ۋارقىراپ  كەتتى. ھويلا ئىچىدىن ئوخشاشلا يەنە سادا يوق. بىچارە نۇردۇن ھويلا تېمىنى تۇتۇپ تىمىسقىلاپ مېڭىپ،يان تەرەپكە ئۆتۈپ چىراق يورۇقى چىقىپ  تۇرغان  دەرىزە تۈۋىگە  كىلىپ توختاپ، ئۆي  تېمىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئورنىتىلغان  پەردسى قىيا   ئېچىلغان دەرىزىنىڭ  ئەينىكىدىن ئۆي ئىچىگە زەن  سالدى ۋە دادىسىنى چاقىرماقچى بولۇپ بىردىنلا توختاپ قالدى.چۈنكى ئۆي ئىچىدە ئارام ئېلىش مۇددىتى توشۇپ تەشكىلنىڭ سۈيلىشى بىلەن مۇشۇ مەۋسۈم ئامالسىز خىزمەتكە قاتنىشىپ يەنە ئارام ئېلىش ئىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن ئالاھىدە داستىخان سالغان نۇردۇننىڭ سىنىپ مۇدىرى تۇرسۇن،مەكتەپ مۇدىرى،نۇردۇن ياخشى كۆردىغان ئانسى دىمەتلىك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە  يېڭلا خىزمەتكە قاتناشقان چىرايلىق  مۇزىكا ئوقۇتقۇچسىمۇ  بار ئىدى.ئاسىيە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ  گۆشلۈك  يەلكىسگە بېشىنى قويۇۋالغان بولۇپ پۇتلىرىنى يەڭگىل يۆتكەپ،تار ھەم  قىسقا يوپكىسى ئىچىگە ئاران پاتقان ساغرىسىنى رىتىملىق چايقاپ سۇپىغا سېلىنغان گېلەم ئۈستىدە چۆگلىمەكتە.ئىنچىكە بىلىگە ساشاڭجاڭنىڭ گەزنىدەك قولى چىڭ  چاپلانغان،ھەر مىشىلدىغاندا بىر قېتىم ئۈستىگە كۆتۈرۈلۈپ چۈشۈۋاتقان  قورۇنغان نازۈك  گەۋدىسنى  ئارقىغا  قاچۇرغان، ئوڭ قولىنىڭ  سۈتتەك بارماقلىرى  ساشاڭجاڭنىڭ  پاقا دۈمبىسدەك تۈرۈم-تۈرۈم ئالقانلىرىنىڭ قېتىغا چۆكۈپ كەتكەن،تۆگىنىڭ لوكىسىدەك گۆشلۈك مۈرىللىرىگە سۇس تىگىپ تۇرۇۋاتقان يەنە بىر قولىنىڭ نازۈك بارماقلىرى خۇددى توك تەپكەندەكدىرىلداپ،ھېلىلا ئۈزۈلۈپ يەرگە چۈشۈپ كېتىدىغاندەك تىترىگەن ھالدا مىڭ پاتمان نۇمۇس   -  ئاھانەتنىڭ  بېسمىدا  ھالسىزلانغان  جانسىز     پۇتلىرىنى ئامالسىز  
يۆتكەۋاتقان نۇردۇننىڭ تىل-ئەدەبىيات  ئوقۇتقۇچسى بېشىنى يان تەرەپكە  بۇرۇۋالغان  بولۇپ، بىچارىلىك  ئەكىس ئەتكەن  كۆز چاناقلىرىدىن مارجاندەك ياش تۆكۈلمەكتە.تۈتە ياقىلىق كۆك تاشپاختا چاپان كىيۋالغان،ئاق رەڭلىك  شارپا  بىلەن  چىڭ ئورالغان  پىشانىسىنى  پادىچى ئىشتان كەيگەن تىزىغا  تىرەپ،سۇپىنىڭ  لىۋىدىلا  ئولتۇرۋالغان  مۇزىكا   ئوقۇتقۇچىسى بولسا  ئارقىغا   قويۇۋىتىلگەن   قاپقارا چاچلىرى چېچىلىپ ياتقان مۈرىللىرىنى بىلنەر-بىلنمەس مىدىرلىتىپ ئۈنسىز يىغلىماقتا ئىدى.
   ـــ ئۇلار نېمىشقا بۇنداق يىغلايدىغاندۇ ؟   
    ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقىلىرىنى ھېچ بىر ئاڭقىرالماي ھەيران بولغان نۇردۇن دېرىزە تۈۋىگە تېخىمۇ يېقىنلىشپ كىچىككىنە قوللىرىدا دېرىزە ئەينىكى بىلەن كۆزىنىڭ قۇيرۇقى ئارسىدىكى بوشلۇقنى توسۇپ ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە زەن سالدى.ئۇ بىردىنلا جاۋغىيدىن سارغۇچ شىلىمشق سۇيۇقلىق ساقىغان،ئېغىدىن تارتىپ تىزىغچە ھۆل بولۇپ كەتكەن ساغۇچ چىپەرقۇت شىمىنىڭ ئالدى بولسا تىلىنى چىقىرۋالغان ئىتنىڭ ئاغزىدەك ئېچىلىپ قالغان ھالەتتە پۇتلىرىنى سۇپىدىن ساڭگىلتىپ،ئىككى قولىنى تاشلاپ مۇردىدەك ياتقان ئابلەتنى كۆرۈپ قاتتىق چۈچۈپ كەتتى.
   ـــ    ھېلى مەكتەپتە    مۇئەللىم   دادامنىڭ   تىلىفۇن   نۇمۇرىنى سوراپ  ،  ئۇنىڭ بىلەن
سۆزلەشكەندە «يوقلا بولۇپ كەتتىڭلا،بارمۇ سلى يا ئۆلدىڭلىمۇ»دېگەندەك قىلغان.دادام،ئۇ...ئۇ  ئۆلۈپ كەتكەنمىدۇ يا؟ ئۇ راستىنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا...ياق،ياق،ئۇ ئۆلۈپ كەتسە مەن  بۇ توختامنامىگە كىمگە ئىمزا قويدۇرمەن؟بەلكىم ئۇخلاپ قالغاندۇ،ئەمما ئۇنىڭ بۇ تۇرقى...
  مۇشۇلارنى خىيال قىلىپ كۆڭلى يېرىم بولغان نۇردۇننىڭ مۇزدەك دېرىزە ئەينىكىگە چاپلانغان قاپقارا قوي كۆزلىرىگە لۆممىدە ياش  تولدى . يىغلاۋاتقانلار، سۇپا ئۇستىدە گىرە سېلىشىپ ئايلىنىۋاتقانلار بىردىنلا  چۇۋۇلۇپ،تۆر تەرەپكە  سېلىنغان  كۆرپە  ئۈستىدە  رەتلىك  ئولتۇرۇشى بىلەن  ئۇلارنىڭ ئالدىغا  داستىخان تارتىپ بولۇپ،قىزارغان  مەشنىڭ تۈۋىگە  كەلگەن  ئاسىيە مەشكە ئېسىلغان قازاننىڭ تۇۋىقىنى ئاچتى ۋە ئۆگزە بويى ھور كۆتۈرۈلۈۋاتقان قازاندىن پوروقلاپ قايناۋاتقان گۆشنى  نۇردۇننىڭ مۇئەللىمى قازاننىڭ لىۋىگە تىرەپ تۇرغان لېگەنگە ئالدى. بولۇق ھور تۇمانلىرى ئىچىدىن خىرە-شىرە كۆرۈنگەن  نۇردۇننىڭ  مۇئەللىمى لېگەنگە ئېلىنغان بىر دۆۋە گۆشنى كۆتۈرۈپ كىلىپ دېرىزە تەكچىسىگە قويدى ۋە ئازراق تۇزلىۋەتكەندىن كېيىن ئارقىغا قاراپ بىر نېمىلەرنى دېيشى بىلەن تەڭ ئاسىيە تۆردە تەرىتىگە چىلشىپ ياتقان ئابلەتنىڭ تۈۋىدە پەيدا بولدى.ئىككى قولىنى  بىقىنىغا تېرەپ،ئىنچىكە  پاچاقلىرىنى سىركولدەك كېرىپ تۇرغان  ئاسىيە  ئۇچلۇق پاشنىسنى ئۇنىڭ قۇسىقىغا چىلىشپ قالغان ئېڭىكىگە تىرەپ تۈرتىشىگەياتقان  يېرىدىن يېرىم  ئۆرە بولغان ئابلەت قوللىرىنى سىلكىپ  ،    غىڭشىغىنچە يەنە ئىزىدا ماققىدە
يېتىۋالدى.نېمىلا بولسۇن ئابلەتنىڭ مىدىرلىغانلىقنى كۆرگەن نۇردۇننىڭ ياش يۇقى كۆزلىرىدە خۇشاللىق ئالامىتى ئەكس ئەتتى ۋە شۇئان يۇلتۇزدەك بىر جۈپ زىناق پەيدابولغان،قاتتىق سو-غۇقتا شەلپەردەك  قىزىرىپ كەتكەن مەڭزىنى مۇزلۇق ئەينەككە تېخمۇ چىڭ چاپلاپ،ئابلەتنىڭ خىرە  ئېچىلغان كۆزلىرىگە،ھەر مىدىرلىغاندا شۆلگەي تامچىپ تۇرغان لەۋلىرىگە زەن سالدى.
   ـــ دادام ئۆلمەپتۇ،مېنىڭ دادام راستىنلا ئۆلمەپتۇ...،ـــ نۇردۇن نەشتەردەك ئۇرۇلۇۋاتقان قاتتىق سوغۇقتا تىترەۋاتقان يۇمران لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ   ئۆز-ئۆزىگە شىۋىرلىدى .
  ئابلەتنى تىپىپ بېقىپمۇ،كاچاتلىرىغا ئۇرۇپ بېقىپمۇ ئەيباشقا ئەكلەلمىگەن ئاسىيە شوپۇرنىڭ ياردىمىدە ئۇنى  ياتقان ئورنىدىن تەستە ئۆرە قىلىپ بۇ ئۆيدىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى. شۇ ئارىدا  نۇردۇننىڭ  مۇئەللىمى گۆش قويۇلغان  دەېرىزە تەكچىسىنىڭ تۈۋىدە يەنە پەيدا بولدى ۋە لېگەنگە بېسىلغان بىر دۆۋە گۆشنى مالتىلاشقا باشلدى.ئۇ ئىككى يېنىغا،دەرىزە تەكچىسىگەبىر قۇر كۆز يۈگۈرۈتكەندىن كېيىن بىردىنلا گۆش دۆۋىسى ئىچىدىن چوڭراق پارچىلانغان بىر يارتا يوتا گۆشنى ئېلىپ،قولىنى دېرىزە ئەينىكى تەرەپكە قارىتىپ سوزدى.مۇئەللىمىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە بىر خىل تەمە بىلەن زەن سېلىۋاتقان ئاچ قورساق نۇردۇن ئىچ-ئىچىگە ئۆتۈشۈپ كېتىۋاتقان  نەشتەردەك سوغۇقتا بارا-بارا بوشۇشۇپ ھالسىزلىىشتىن تۈگۈلگەن كىچىككىنە گەۋدىسىنى دەررۇ رۇسلاپ،توڭلاپ تىترەۋاتقان قولىنى  ئۇزاتتى.«تاك» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئالدىدا دېرىزە ئەينىكى بارلىقى ئىسگە كەلگەن نۇردۇننىڭ زور ئۈمىد بىلەن تەڭلەنگەن بىچارە قوللىرى  كەينىگە قايتىپ، ئامالسىز  يەنە ئەسلىدىكى جايىنى تاپتى،ئەممامۇئەللىمى تاكى  گۆشنى دېرىزە تەكچىسنىڭ  بۇلۇڭىغا  جايلاشتۇرۇپ  ئۈستىگە گېزىت  پارچىسىنى  يېپىپ  قويغانغا  قەدەر ئەينەك ئىچىدىن     تېخىچە  سۇغۇرۇلۇپ   چىقالمايۋاتقان   ،   ئەڭ  ئاخىرقى   ئۈمىد   ئۈچۈن    پىلىلداپ ئاران  قالغان كۆزلىرى بولسا   مۇئەللىمى يۇشۇرۋاتقان گۆشىنى باشقىلاردىن دالدا قىلىش   ئۈچۈن دەرىزە پەردىسىنى «شار»قىلىپ يېپىشى بىلەن تەڭ لاپپىدە ئۆچتى ......


                                                         10   

   -ۋاي نېمە ئىش بۇ،ئاھ خۇدا ! پاختىنىڭ ئىچىدە چوغ ساقلىيالايدىغان خۇدا! قۇدرىتىڭ شۇنچە ئۇلۇغ، كېرەملىرىڭ شۇنچە كەڭ، شۇنچە مىھرىبان تۇرۇپ سۈتتەك پاك، بوۋاقتەك  گۈناھسىز بىر نارەسىدىنى ساقلاپ قالالماپسەن ئەمەسمۇ ! ۋاي بالام ،بىچارە بالام، مەن ساڭا ياخشى قارىيالمىدىم بالام ! رازى بول بالام ! ! ! ......   
   سەللە بىلەن قار ئۈستىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ،ئۆزىنى كاچاتلاپ،يۈزلىرىنى قاماللاپ،ھۆڭرەپ نالە  قىلىپ  يىغلاۋاتقان كېشى  دەل  بامدات  نامىزىدىن  يانغان سەمتاخۇن ئىدى.نەشتەردەك سوغۇق ئادەمنىڭ جان  جېنىغا  ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قابائەتلىك تاڭدا سەمتاخۇن  ئادىتى بويىچە ئابلەتنىڭ ھېلىقى ئۆينىڭ دېرىزە تۈۋىگە بىر قاراپلا قېلىن قارغا كۆمۇلۇپ بېشىنى ساڭگىلتىپ، بوغچىسىنى قۇچاقلاپ تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان نۇردۇننى كۆرۇپ چۈچۈپ كەتتى.سەمتاخۇن يۈگۈرۈپ  بېرىپ
ئۇنىڭ قولىنى تارىتتى،ھەممە ئەزاسى تەڭ تەۋرەندى.دېمەك،ئەمدىلا ئۆمىلەشتىن ئۆرە بولۇپ، تېخى بوغچىسىنىڭ ئىزىمسىنىمۇ جايلاشتۇرۇپئىتەلمەيدىغان نۇردۇن لەۋلىرى كۆكەرگەن، گۈلئايشەمنى  سېغىنىپ  ئوچۇق  قالغان ئىككى كۆزىدىن  تامغان  ياش مۇز  بولۇپ قاتقان  ھالدا ھېلىقى « مۇقۇملۇق-بىخەتەرلىك  مەسئۇلىيەتنامسى » نى سىقىمدىغىنىچە ،رەھىمسىز بۇ ئالەمنىڭ بارلىق ئازاپلىرىدىن بىراقلا قۇتۇلغان ئىدى...
   سەمتاخۇننىڭ ئۈن سېلىپ يىغلىشى بىلەن مەسچىتتىن يانغانلار، مەھەلىدىكىلەر تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرۈشۈپ كىلىپ،مۇزلاپ كەتكەن نۇردۇننى كۆتۈرۈشۈپ دەرۋازا ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.سەمتاخۇن مەسچىتكە ئالدىراپ،ئىچ كۆينەكنىڭ ئۈستگىلا چىڭ بەلباغلاپ كېيىۋالغان دادىسى رەھمەتلىكتىن قالغان قوي تىرىسىدە تىكىلگەن جۇۋىسىنى سېلىپ نۇردۇننىڭ ئۇستىگە ياپتى.ئىتنىڭ زەنجىرىنى ھېلىلا ئۈزۈۋىتىدىغاندەك جامائەتكە خىرس قىلىپ ۋاڭشىپ بىر  ھازا قاۋىشىدىن ئۇيقۇسىنى ئاچقان ئابلەت دەرۋازىدىن چىقىپلا ئەھۋالنى كۆرۈپ، نېمە قىلارنى بىلمەي داڭ  قېتىپ تۇرۇپ قالدى. دەر-غەزەپكە  كەلگەن  سەمتاخۇن « سەن ھايۋاننى  ... »دېگىنىچە ئابلەتنىڭ  كاچىتىغا بىر تەستەك سالدى ۋە ئابلەتتىن
  بويى بىر غېرىچچە ئېگىز   ، قېرىلىقغا باقماي بەستىمۇ ئۇنىڭدىن خېللا چوڭ كۆرۈنىدىغان سەمتاخۇن قىزىلچىلىق تىقىلغان چوڭ ئورا كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنى  چاچرىتىپ ،ئابلەتنىڭ  كۆزىگە  ئۇدۇللاشقان ئوچۇق مەيدىسىدىكى چاتقالنى
ئەسلىتىدىغان يۇڭلىرىدىنمۇ ئاللا قانداق ۋەھىمىلەرنى تۇغدۇرۇپ،زەردە بىلەن ئۇنىڭ كانىيدىن تۇتۇپ بىر ھازا چىڭ سىقىۋەتتى.ھالسىزلىنىپ خورىلداۋاتقان ئابلەتقا بىردىنلا يولۋاستەك سۈرلۈك كۆرۈنگەن سەمتاخۇن قىران  چاغلىرىدىكى قارام  ھالىتىگەكېلىپ قالغاندەك تۇيۇلدى.كۆز ئالدىدىكى بۇ رېئاللىقتىن،ئۆزى سەۋەپلىك كېلىپ چىققان پاجىئەدىن  خېلىلا چۆچۈگەن ئابلەت بۇ قېتىم  سەمتاخۇنغا گەپمۇ، قولمۇ  ياندۇرمىدى. گويا بىرى يۆلەپ تۇرغاندەك،سەمتاخۇننىڭ قولى كانىيدىن ئاجىرىشى بىلەن تەڭ ئابلەت قار ئۈ-ستىگە پالاققىدە يىقىلدى.تېخىچە ئاخشامقى جايىدىن قوزغالمىغان ساشاڭجاڭنىڭ ماشىنىسىنى كۆرگەن سەمتاخۇن ئۇلارنىڭ ھازىرمۇ مۇشۇ ئۆيدە ئىكەنلىكىنى  پەرەزلدى ۋە قارغا چىلىشىپ ئولتۇرۇپ قالغان ئابلەتنى دەرۋازىنىڭ ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرىۋەتىپلا  ئارقىغا يانغان سەمتاخۇن قىيا ئېچىلغان تۆمۈر  دەرۋازانىڭ بىر  قانىتىنى زەردە  بىلەن ئالدىغا كۈچەپ تارىتتى.«داراڭ»قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قاناتلىرى جۈپلىشىپ،دەرۋازا يېپىلدى.سەمتاخۇن دەرۋازا ئىچىدىكى ئىلغۇچتىن ئېلىۋالغان قۇلۇپ بىلەن دەرۋازىنى تېشىدىن مەھكەم قۇلۇپلىدى   ۋە   ئارقىغا  ئۆرۈلۈپ  ئۆزىگە  تىكىلىپ ھەيرانى ھەسلىكتە قېتىپ قالغان جامائەتكە قاراپ :   
    ـــ ھەي، ئەھلى جامائەت !  ئاللا يولىدا گۇۋاھ  بولۇپ  قويۇڭلاركى، ـــ ئاغىزىدىن  ھاۋاغا تارقىغان  ھور تۇمانلىرى ئارسىدىن سۇغۇرۇلۇپ-سۇغۇرۇلۇپ  چىقىۋاتقان  ھەسرەتلىك  نىدادىن تىتىرگەن ئاۋازىدا شۇنداق دەپ  گەپ باشلىغان سەمتاخۇن  كۆرسەتكۈچ  بارمىقىنى دەرۋازا  تە-رەپكە قارىتىپ سىلكىپ تۇرۇپ   ،  ـــ   بۇ   ھويلا   ئىچىدىكى بىر توپ مۇناپىقلار گۇناھسىز  بىر نارسىدىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى،...رەھمەتلىك قانچىلىك قىيىنچىلىقتا جان بەرگەندۇ... !
    ـــ ھاي،ھاي جامائەت،ئارقاڭلارغا يېنىڭلار !   
      مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە  قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى قوشۇپ بىراقلا ھېساپ ئېلىشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تۇرغان دەر غەزەپكە كەلگەن كۆپچىلىك ئورنىدىن قوزغۇلۇپ دەرۋازا تەرەپكە سىغدىلىشى بىلەن تەڭ ھاسسىنى توكۇلداتقىنىچە توپ ئىچىنى يېرىپ چىققان ئىمام ئاخۇنۇم  جامائەتنىڭ ئالىدىغا ئۆتۈپ ۋەز سۆزلەشكە باشلىدى .     
   ـــ بەندىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ  ھەر جاي،ھەر قىسمەتلەردە بولۇشىنى ئاللا ئېگەم  ئۇ تۇغۇلۇشىدىلا پىشانسىگە پۈتىدۇ، ئېگىسىدىن بىقارار قىل تەۋرىمەيدۇ،قازا كەلگەندە ئۇنىڭغا توغرا قاراش جايىزدۇر،ئۇنىڭ سەۋەبىنى مەخلۇقتىن كۆرۇش كۇپۇرلۇقتىن بىشارەتتۇر ...   
     ـــ ئەمىسە سىلنىڭمۇ ساشاڭجاڭنىڭ پوردىقىنى كۆتۈرۈپ يول خېتى ھەل قىلىپ،ھاجىم بولۇپ بولۇشلىرىنىمۇ ئېگىسى پىشانىللىرىگە پۈتكەن بولغىيمىدى؟بىلىپ قويسىلا،ئۇنىڭ يىتىم بولۇپ مۇشۇ تەقدىرگە موپىتلا بولۇشى سىلىنىڭ ئەرەمگە يول خېتى ئېلىش ئۈچۈن ئويۇشتۇرغان سورۇنلىرىدىن باشلانغان   ،  بۇنىمۇ ئېگىسى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان بولغىيمىدى   ؟ ئەسكىلكىنى قىلىپ قويۇپ  ،
ئېگىسىگە دۆڭگەپلا قۇتۇلۇش  سىلىنىڭچە گۈناھ،كۈپۈرلۇق ھېساپلانماسمۇ ؟!...
    ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ سۆزلىگەن تۇتامى يوق ۋەز-نەسھەتلىرنى ئاڭلاۋىرىشكە تاقەت قىلالمىغان سەمتاخۇن ئۇنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى جامائەت ئالدىدا ئېچىپ تاشلىدى ۋە چىرايىدا تېخىچە غەزەپ ئۇچقۇنلىرى ئۆچمىگەن جامائەتكە قاراپ سۆزلىدى .     
    ـــ ئاچچىقىڭلارغا ھاي بېرىڭلار،سىلەر پەقەت مۇشۇ ئىشقا گۇۋاھ بولۇپ قويساڭلارلا بولدى،بۇ نائەھلىلەرنىڭ قىلغان ئەسكىلىكىگە ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە مۇناسىپ جازا بىرىدۇ...        شۇنداق قىلىپ سەمتاخۇننىڭ باش بولۇشى،پۈتۈن مەھەلىدىكى جامائەتنىڭ ھەسرەتلىك كۆز  يېشى قىلىشى بىلەن  نۇردۇن  شۇ كۈنى چۈشتە يەرلىكىگە قويۇلدى.بۇ ئېچنىشلىك تىراگىدىيە-دىن  قاتتىق غەزەپكە كەلگەن  جامائەت  ئابلەت  قاتارلىقلارغا لەنەت ئوقۇدى. غۇلغۇلا پاراڭلارئۈزۈلمەي كۈچلۈك  جامائەت پىكىرى ھاسىل قىلغان  بۇ ئىش يۇقىرى دەرجىلىك  ھۆكۈمەتنىڭ  دېققەت  ئىتىبارىنى  قوزغىدى  ۋە  شۇ  كۈنى كەچكە يېقىن  ئابلەت  قاتارلىقلار ئېلىپ كىتىلدى.نۇردۇن يەرلىكىدە يېتىپ ئەتىسلا قاتناش مېڭىش مۇمكىن بولمايدىغان قارلىق يولدا سەمتاخۇن ئېشكىنى قوشۇپ گۈلئايشەمنى ئىزلەپ،مەھەللە-مەھەللىلەردىن،كەنىت-كەنىتلەردىن،يېزا-قىشلاقلاردىن  ھالقىپ ئۆتۈپ ئۇنى  يىراق بىر  يېزىدىكى ھاممىسىنىڭ يېنىدىن تېپىپ،ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى. ھېم ئىتىلگەن دەرۋازىنى سەمتاخۇننىڭ ئېچشى بىلەن تەڭ ئېسىنى يوقاتقان گۈلئايشەم   ھويلىغا  كىرىپلا گۈرۈلدەپ  يۈگۈرۈپ ھەممە ئۆيلەرگە كىرىپ نۇردۇننى  ئىزلىدى،ئەنسىز  چاقىردى. تاماكا قالدۇقلىرى،ھاراق شىشىللىرى،سۆڭەك بىلەن  تولغان بۇ مۇدھىش ئۆيدىن ھېچكىمىنى تاپالمىدى.ھويلىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنى كاچاتلاپ قاماللاپ  ھۆڭرەپ  يىغلىدى.ئۆيدە يوق ئابلەتنىڭ ئسمىنى ئاتاپ«بالامىنى تېپىپ بەر»دەپ ئادەمنىڭ يۈرەك-باغرى ئىزىلگۈدەك  نىدا قىلىپ ۋارقىردى.خېلى ئۇزۇنغىچە نالە قىلىپ يىغلاپ ماغدۇر-سىزلىنىپ كەتكەن گۈلئايشەم سەمتاخۇننىڭ يالۋېرىپ تارتىشتۇرشى بىلەن پەسكۈيغا چۈشتى. ئاندىن گۈلئايشەم  سەمتاخۇننىڭ  ھەمراھلىقىدا  نۇردۇننىڭ تۇپراق  بېشىغا بېرىپلا سوغۇق قار ئۇستىگە ئۆزىنى تاشلاپ باغرىنى ياقتى،خام كېسەكتە سېلىنغان قەبرە توپىسىنى تاتىلاپ خېلى بىر  ھازاغىچە  ھۆڭرەپ  ئەلەملىك  ياش تۆكتى. ئۇنىڭ  بۇ ھالىنى كۆرۈپ  ئۆزىنى باسالماي، بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتكەن سەمتاخۇن تەستە سەۋرى قىلىپ، قەبرە بېشىدا ئولتۇرۇپ  قىرائەت قىلىشقا باشلىغاندىلا گۈلئايشەم يىغىدىن توختاپ،سەمتاخۇننىڭ  يېنىدا يۈكۈنۈپ  ئولتۇردى.
قىرائەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،ئۇلار قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ  نۇردۇنغا ئۇزۇن  دۇئا قىلدى،
ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ بېشىغا ئازراق دان چاچتى.كۆزى كەيندە قالغان گۈلئايشەمنى سەمتاخۇن يىتلەپ  ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى. تۇيۇقسىز كەلگەن  بۇ  قازادىن   يۈركى  ئىزىلىپ  لەختە بولغان گۈلئايشەم ئورۇن تۇتۇپ  يېتىپمۇ قالدى.  ئۇ  ئوڭلۇق ئايال  پاتەمخاننىڭ كۆيۈنۈپ  پەرۋىش  قىلشى بىلەن  ئۆرە بولۇپ، ئۆزىنىڭ پاختا تېرىپ تاپقان پۇلىدا جامائەتكە يەتتە نەزرىسىنى  بىرىپ،نۇردۇننىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن سەمتاخۇن،پاتەمخان ۋە قولۇم قوشنىلار  بىلەن خوشلىشىپ،يەنە  كۆزى كەينىدە،بۇ مەھەللىدىن ئىككىنچى قېتىم ئايرىلدى.
  ئاردىن بىر ھەپتىچە ۋاقىت ئۆتتى. كىشىلەر ئارسىدا«ئاسىيە يەنە پەيدا بولۇپتۇ» دېگەن پاراڭ  تارقالدى.ئەمما ئاسىيەنىڭ قانداق ۋاقىتتا كەلگىنىنى كۆرگەن،تالا-تۈزدە ئۇچۇرۇتۇپ قالغان  بىرمۇ  كىشى يوق.بىراق نۇردۇننىڭ  ئۆلۈمىنى ئۇزۇتىلغان  كۈنى ئاخشىمى سەمتاخۇن دەرۋازىغا  سېلىپ  قويغان  قۇلۇپ چېقىلىپ يول بويىغا تاشلانغان، دەرۋازا ئىچىدىن  مەھكەم تاقالغان بولۇپ  كەچلىرى ئۆينىڭ  چىرىقى يېقىلىپ  قالاتتى، ئاندا-ساندا دەرۋازا ئالدىدا ماشىنىمۇ پەيدا بولۇپ قالاتتى.دېمەك،ئۇ بۇ مەھەلىگە راستىنلا كەلگەن، قۇچقىدىكى تېخى  يېشىغا  توشمىغان  بالىسىنى نەزەردە تۇتۇپ سوت  ئۇنى  قويۇپ  بەرگەن  ئىدى.
  ئاردىن يەنە ئون كۈنچە ئۆتتى.بامدات نامزىنى ئوقۇپ بولۇپ مەسچىت ئالدىغا توپلاشقان جامائەت ئارسىدا«ساشاڭجاڭ تەكشۈرۈلۈش جەريانىدا مىڭىسىگە قان چۈشۈپ جان ئۈزۈپتۇ»، «خوپ بوپتۇ،ئاخىرى بېشىنى يەپتۇ دە ئۇ كاپىر»دېگەندەك
پاراڭلار مەسچىتىتىن كەينىدىرەك چىقىۋاتقان  ئىمام  ئاخۇنۇمنىڭ  قۇلىقىغا  كىرىشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ  رەڭگى بىردىنلا  ئۆڭدى.
چۈنكى يېقىندىن  بىرى  جامائەت  ئۇنى« قېرىپ قالدى،كۆزىمۇ تازا ياخشى كۆرمەيدۇ،ئايالى رەھمەتلىكتىن ئايرىلغاندىن بىرى مەسچىتنى ئۇنتۇپ،ئۇخلاپ قالدىغان بولۇپ قالدى...» دەپ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس سۇنۇپ،ئورنىغا مەزىننى چىقىرىشنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ شۇ  ساشاڭجاڭنىڭ ئۇنى  قانات  ئاستىغا   ئېلىشى  بىلەن  بۇ ئارزۇسى  ئەمەلگە  ئاشمايۋاتاتتى،ھەتتا  بۇ  گەپلەرنى  ئالدىنقى  جۇمە  نامزىدىن كېيىن  ئۆزىگە يۈز  تۇرانىمۇ دېگەن ، بولۇپمۇ نۇردۇننىڭ ئۆلۇمىدىن كېيىن جامائەت ئۇنىڭغا تېخىمۇ تىكىلىۋالغان ئىدى.مۇشۇلار خىيالدىن ئۆتۈپ بىردىنلا ئەندىكىپ كەتكەن ئىمام ئاخۇنۇم  مۇزلاپ  ئۇيۇپ كەتكەن يولدا ھاسسىنى توكشىتقىنىچە جامائەت توپىنى بۆسۈپ ئۆيى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.ئۇ بۇ بىر كۈننى پۈتۈن ئەس-يادى مۇشۇ ئىشتىلا كەچ قىلدى.ھازىرمۇ سوغۇق ئورۇنىنىڭ ئىچىدە تۈگۈلۈپ ياتىدۇ،ھېچبىر كۆزىگە ئۇيقۇ ئىلنىشدىغاندەك ئەمەس.ئۇ  كۆزىنى بىر ھازا چىڭ يۇمۇۋالدى.ئىرماش-چىرماش خىياللار بىلەن  پۈتۈن بىر كۈن ئارامىدا تۇرمىغان كاللسى  بارا-بارا بوشۇشۇپ،كالتە ھۆتەل،ئەسنەشلىرى جىمقىپ قالدى ۋە شۇئان ئۆزىنى تىك قىيا ئۈستىدە كۆردى،ئارقىسىدىكى سەمتاخۇن ۋە جامائەت  بىردىنلا شىر توپغا ئايلىنىپ، غەزەپ  بىلەن نەرە تارتىپ زوڭزىيشىپ ئولتۇراتتى،سەكرەي دېسە  ئۆلۈپ كېتشىدىن  قورقىدى،كەينىگە  ياناي دېسە تېخى،ھۇۋلىغان  شىرلار  بىردىنلا  يۇلغۇنۇپ  ئۇنىڭغا  ئېتىلىدى...ئۇنى قارا باسقان ئىدى. ئۇ ئىچىدە  ئايەت  ئوقۇپ بولۇپ  ئىككى يېنىغا ئۈچ قېتىمدىن سۈف-كۆچ قىلدى دە،ئورنىدىن ئىتتىك يېرىم ئۆرە بولۇپ سوغۇق تامغا يۆلەندى. يۈرىكى تۆشىنى تىشىپ  چىقىدىغاندەك  گۈپۈلدەپ،تەنلىرى تىترەپ  كەتتى. قورۇلۇپ پىچىم-پىچىم  بولۇپ  كەتكەن پىشانىسىدە مۇزدەك تەر تامچىللىرى پەيدا بولۇپ،كىچىك تەرىتى ۋىژژىدە قىستىدى.جىدىىيلەشكەن ئىمام ئاخۇنۇم ئۆچۈرگۈچنىڭ يىپىغا ئۇلاپ   ئۇزارتىپ ، ياستۇق  ئاسىتىغا  باسۇرۇۋالغان  ئايالىنىڭ   كونا  رومىلىنى كۈچەپ شۇنداق تارتىۋىدى«پاس»قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۆچۈرگۈچ يىپى تۈۋىدىنلا ئۈزۈلۈپ كەتتى. چىراقسىز قالغان ئىمام   ئاخۇنۇم  ئىشتان  بېغىنى قاماللىغىنىچە  ئاستا  ئورنىدىن قوزغۇلۇپ،سىلاپ-سىپاپ يۈرۈپ  سىرىتقا چىقتى.يۇلتۇزسىز  ئاسمان،قاپقاراڭغۇ تۈن.ھەتتا ھويلا تېمىنىمۇئىلغا  قىلالمغان ئىمام ئاخۇنۇم ھازىر  ۋاقىتنىڭ قايسى چاغ بولغانلىقىنى،قانچىلىك  ئۇخلىغانلىقىنىمۇ  تازا پەرەزلىيەلمىدى.خېلى بىر كەمگىچە ئۇ سىرىتنى تىڭشاپ تۇردى،يېلىڭ تېنىگە سوغۇق تىگىپ قېقىلىپ ھۆتۈلىۋىدى  ،ھويلىسىدىكى جىگدىنىڭ ئاچىسىدا ئارام  ئېلىۋاتقان چۆجەخورىزى  پالاقشىپ ئۇنى
چۆچۈتۈپ، ئارقىسدىنلا يەنە خۇشال قىلىپ قويدى.چۈنكى ئۇ تۈنجى قېتىم چىللىغان،چىللىغاندىمۇ باشلامچى بولۇپ چىللىغان ئىدى.ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ بىر ئوبدان چىللاۋاتقان پاقلاندەك سىمىز ھەم چوڭ خورزى ساشاڭجاڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئولتۇرۇشى ئۈچۈن  زاكوسكا بولۇپ كەتكەندىن  كېيىن   بازاردىن  تېخى ئالدىنقى ھەپتە سېتىۋېلىپ، ئالدىدىن ئاشقۇدەك دان بەرگەن بولسىمۇ،بۇ ئەتىۋارلىق چۆجە خوراز ئۇنىڭ بىلەن قېرىشقاندەك پەقەتلا چىللىمايۋاتاتتى. مانا  توساتتىن  چىللىۋىدى،ھەممە  خورازلار  ئەگىشىپ  چىللاشقا  باشلىدى.قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ  خورازنىڭ چىللىشغا زوقى كېلىپ تۇرۇپ قالغان ئىمام   ئاخۇنۇم  كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالغان ئاشۇ مەزىننىڭ قۇلاق مىڭىسىنى يەپ كېتىدىغان ئەزان ئاۋازى چىقىشتىن بۇرۇن  مەسچىتكە بېرىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ،ھاسسىدا  يەرنى سىپاپ  يۇرۇپ،بۇلۇڭدىكى سۇلياۋ چەينەكنى تاپتى ۋە  مۇزدەك  سوغۇق  سۇدا تاھارەت ئېلىپ،سەللە يۆگەكلىك تۇمۇقىنى چۆكۈرۈپ  مەسچىتكە  ماڭدى. ئۇنىڭغا تونۇش  بولغان  خورازلارنىڭ   چۇرقىراپ  چىللاشلىرى،ئىتلارنىڭ  ھوۋلۇپ قاۋاشلىرىدىن  يولىنى قىياس قىلىپ،سىرىلىپ-دوقۇرۇپ  يۈرۈپ  مەسچىت ئالدىغا  كېلىپ ،  ئىشىك  تەرەپكە قاراپ  ماڭدى .  بىردىنلا  ئۆزىدىن  بىر    چامدام  ئالدىدا مېڭىۋاتقان ھاسىسى بىر  نەرسىگە  پۇتلۇشۇپ  قالدى.ئۇ ھاسىسىنى  ئالدى  -  كەينى  ،  ئوڭ-سولغا توكشىتىپ  بېقىپ  ،   راستىنلا   مەسچىتنىڭ  ئىشىكى ئالدىدىكى   پەلەمپەيگە كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدى ۋە ھاسسىنى
بەلبېغىغا قىستۇرۇپ،ئاستا ئۆمۈلەپ پەلەمپەيكە ياماشتى.ئۇ ئىچىدە ساناپ ەڭ  ئۇستۈنكى  پەشتاققا  چىقىپ  يۈكۈنگىنىچە  مەسچىت  ئىشىكىگە  قول  ئۇزاتتى.ئۇزاتتىيۇ، بىردىنلا تىنىقى تىزلىشىپ،ئۇزاتقان قولىنى شاپپىدە تارتىۋالدى ۋە « سۇبھانە ئاللا...سۈف...سۈف...» دېگىنىچە  تىترەك  ئاۋازىدا ئوڭ،سول تەرپىگە تۈكۈرۈپ سۈفكۆچ قىلغاچ بىر  پەشتاق تۆۋەنگە  سىرىلىۋالدى.خېلىدىن  بىرى گۇمانخور بولۇپ قالغان ئىمام ئاخۇنۇم   ئۆزىنى بۇنچە قۇرقىتىۋاتقان ئشىڭ تۈۋىدىكى نەرسىنىڭ نېمىلىكى،كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە ئويلاندى.«بۇچوقۇم  ئاشۇ قىزىل كۆزمەزىننىڭ،يا بولمسا  سەمەت  دېگەن  جوھۇتنىڭ ماڭا قۇرغان قىلتىقى»دەپ گۈمان قىلغان ئىمام ئاخۇنۇم«قەتئىي قايىتىپ كەتسەم بولمايدۇ،غەيرەت قىلاي،سۇبھانە ئاللا،سۇبھانە ئاللا...» دەپ  ئۆز-ئۆزىگە  شىۋىرلاپ،تېخىچە  تىترەشتىن  توختىمىغان  قولىنى يەنە  ئاستا  ئۇزۇتۇپ  بىردىنلا  چۆچۈپ ئورنىدىن  چاچراپ  تۇرۇپ كەتتى. يۈركى قېپىدىن سۇغۇرۇلۇپ گەجگىسىگە چىقىپ قالغاندەك،گۈپۈلدىگەن ئاۋاز قۇلاق تۈۋىدىلا ئاڭلىنىپ،ئۇنى تېخىمۇ قورقۇتۇۋەتتى.ھەرەچاققاندەك  ۋىژژىدە  ئاغرىغان كۆكرىكىنى  تۇتقىنىچە تولغۇشۇپ جايىدىلا ئولتۇرۇپ  قالغان ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ بۆز رەخىتتە كەڭ قىلىپ تىكىلگەن ئاق تامبىلى جىگدە  يېرىندىسىدەك  گۆشسىز  يوتىسىغا مۇزدەك سوغۇق يۆگەشتى. شاۋقۇن چىقىرىپ تىترە-ۋاتقان بارماقلىرىدا ئېغىنى
سىلاپ،تەرىتىننىڭ ئاللا بۇرۇن سۇنغانلىقىنى تۇيۇپ قالغان ئىمام  ئاخۇنۇم قاردا بولسىمۇ قايتا تاھارەت ئېلىشىنى  نىيەت قىلىپ ئارقىغا ئۆرۈلىۋىدى،يول تەرەپتە مەزىننىڭ گېلىنى قىرغىنىچە  قېلىن قارنى غاراچلىتىپ دەسسەپ كېلىۋاتقان تېۋىشى ئاڭلاندى.مەزىننىڭ ئالدىدا«تەرىتىنى تۇتالماس بولۇپ قاپتۇ»دېگەن ئاتاققا قېلىشتىن ئەنسىرگەن ئىمام  ئاخۇنۇم   نېمىلا بولمىسۇن  مەسچىتكە  ئۇنىڭدىن بۇرۇنراق  كېرىۋېلىش ئۈچۈن  يەنە ئۆمۈلەپ ئۈستۈنكى پەلەمپەيگە  چىقىپلا توپتەك  تۇرۇپ قالدى. بۇ قېتىم  زور  غەيرەت بىلەن ئۇزىتىلغان قولىغا ئالدىنقى  قېتىمقىغا ئوخشاش مۆشۈكنىڭ دۈمبىسىدەك سىلىق موي  ئۇرۇلۇپلا قالماستىن  موي ئىچىدە قىمىرلىغان  ئەتمۇ تەڭ ئۇرۇلىۋىدى،ئىمام  ئاخۇنۇمنىڭ  تىترەك تۈپەيلى شامالغا يېيىپ قويغان خالتىدەك  پالاقشىۋاتقان،نەملىكتىن مۇزلاپ قېتىپ كەتكەن كەڭ خەسە تامبىلى ئىچىدىكى دىرىلداپ  تۇرغان  پاچاقلىرى  خۇددى توك تەپكەندەك  بىردىنلا  ئۆرە  بولدى  . گېلى  قۇرۇپ  ،  تىلى تامغىقىغا چاپلىشىپ  ،سۈف-كۆچ   قىلغۇدەكمۇ  ئىمكانى  قالمىغان ئىمام ئاخۇنۇم مەسچىت ئىشىكىدە تۇرغان بۇ سىرلىق  نەرسىنى  چاقماق  تىزلىكىدە  ئۆزىنىڭ  كېچە  كۆرگەن چۈشىگە  باغلاپ  تېخمۇ  قورقۇپ  كەتتى. شۇ ئارىدا ئۇ مەزىننىڭ ئايىغى  ئاستىدىكى قارنىڭ  ئەنسىز غىرىچلاپ ئۆزىگە يېقىنلاپ  قالغانلىقىنى تۇيۇپ،دەرھال ئىشىك ئالدىدىكى
ھېلىقى  نەرسىنى  پەسكە  دوملىتىۋەتمەكچى بولدى ۋە بەلبېغىدىكى ھاسىسىنى ئارا سېپىنى تۇتقاندەك چىڭ قاماللاپ  تۇتۇپ،ئۇ نەرسىنى كۈچەپ  تۈرتىۋىدى، «ۋار» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ«ۋايجان! شىر...» دەپ  ئەنسىز
ۋارقىرغان ئىمام ئاخۇنۇم تىرىڭڭىدە ئارقىسغا  ئۇچۇپ كەتتى.ئارقا مېڭسى  پەلەمپەينىڭ قىرىغا تېگىشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ بېشىدىن ئاجرىغان سەللە ئورالغان  قارا  تۇمۇقى  قاردا دومۇلاپ ،ئاپئاق  توپچە  شەكلىدە  مەزىننىڭ  ئالدىغا  بېرىپ توختىدى...ئىمام ئاخۇنۇم شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ قارانىيتى سەۋەبلىك بۇ مەھەللىگە ئاپىرىدە بولۇپ،يەنە نۇر-غۇن بالايى-قازانى تۇغقان بىر گۇناھسىز نارىسىدىنىڭ قولىدا جان تەسلىم قىلغان ئىدى...
توڭۇپ يىغلىغۇدەكمۇ ھالى قالمىغان بوۋاقنى  قوينىغا سالغان  سەمتاخۇن   مىيىت نامزىغا تۇرمايلا پاتەمخاننى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىۋېتىش نىيتىدە ئۆيىگە قاراپ كېتىۋېتىپ ئابلەتنىڭ ئۆيىنىڭ  ئالدىغا كېلىپ توختاپ قالدى.ھاڭ ئېچىلغان  دەرۋازىدىن كىرىپ  ھويلا ئىچىدىكى قارغا  پېتىپ كەتكەن ماشىنىنىڭ چاق ئىزىغا،ئىچى  پۈتۈنلەي   قۇرۇقدالغان ئۆيلەرگە زەن سالدى.ھويلىدىكى قار ئۈستىگە،سۇپىغا،ئۆينىڭ پەگاسىغا قالايمىقان تاشلانغان  نۇردۇننىڭ،گۈلئايشەمنىڭ   كېيىم-كېچەكلىرىنى تىرىپ  بوغچىلاپ مۈرىسىگە ئالغان سەمتاخۇن  قوينىدا ئىسسىپ، تاتلىق  ئۇيقۇغا كەتكەن  بوۋاققا قاراپ  ئۆز-ئۆزىگە: «نۇردۇننىڭ،ساشاڭجاڭنىڭ، ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ جېنىنى ئېلىپ،ئابلەتنى ۋەيران،گۈلئايشەمنى سەرسان قىلىپ،ئەڭ ئاخىرىدا مەندەك بىر  يار يۆلەكسز نامرات بوۋايغا ھەمراھ  بولۇشۇڭنى راستىنلا ياراتقان ئېگەم  تۆرۈلۈشڭگىلا  پىشانەڭگە پۈتكەنبولغىيمىدى»دەپ بوش ئاۋازدا شىۋىرلىدى ۋە
دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتى.


                                        *        *       *      *   

      باھار كەلدى    ...   مۇشۇنداق   باھار ئون قېتىم كېتىپ   ، يەنە   ئون  قېتىم كەلدى  .  ئەمما گۈلئايشەمنىڭ ياشلىق باھارى شۇ كەتكەنچە بىر قېتىممۇ قايتىپ كەلمىدى.گۈلئايشەم ئون يىلدىن كېيىن ئۆزىنىڭ  كەلمەسكە  كەتكەن ئاشۇ   قىممەتلىك   ياشلىق   باھارى  ،  يالقۇنلۇق ھاياتىنىڭ ئىزنالىرى  كۆمۈلۈپ  ياتقان  بۇ زىمىنغا  چۇڭقۇر  سېغىنىش  ، كۈچلۈك   ھاياجان  ئىلىكىدە  يەنەكېلىۋاتىدۇ .  كېلىۋاتقاندىمۇ تۈنجى قېتىم كەلگەندەك توپلۇق چىغىر  يولدا پىيادە ئەمەس
بەلكى كەڭ ئاسفالىت يولدا ماشىنىدا كېلىۋاتىدۇ.ئاخشام يولغا چىققان ماشىنا تاڭ سۈزۈلىشى بىلەن تەڭ مەھەللە ئىچىگە   كىرىدىغان   دوقمۇشتىن   قايرىلدى   .  مەھەلىدىكى ئۆزگۈرۈش  ناھايىتى زور، پىششىق  خىش   قۇرۇلمىلىق  بىخەتەر-ئەمىن  ئۆيلەر  ئاسفالىت  يولنىڭ  ئىككى  قاسنىقىغا شۇنداق   ياراشقان،پورەكلەپ ئېچىلغان  گۈل-گىياھلار   ئەتراپقا  
يېقىمىلىق  پۇراق تارقاتقان. نېمىشقىكىن گۈلئايشەم بۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە ھېچبىر پەرۋا قىلمىغاندەك مۇڭغا  پېتىپ  ئولتۇرماقتا ، ماشىنىنىڭ  ئەينىكىنى  تىشىپ  ئۆتكەن  خىيالچان  كۆزلىرىنى  يىراق  ئۆتمۈشكە   تىكىكىنىچە تىنىمسىز  
تىپىرلاۋاتقان چاڭبسقان  سەزگۈ  خاتىرسىدىن  بۇ  مەھەلىنىڭ  ئاشۇ  كونا  توپلۇق  ھېدىنى ئىزلىمەكتە،خۇددى   تاڭ  
شولىسى تۈن  پەردىسىنى ئەمدىلا   ئېچىۋاتقانۋاقىتتىكىدەك ئۇنىڭ  ئەسلىمە ئېكرانىدىن بۇ مەھەلىنىڭ بۇرۇنقى ھالىتى ۋە
ئەينى چاغدىكى كىشىلەرنىڭ غۇۋا،گۈڭگا كۈل رەڭ سايىللىرى بىر-بىرلەپ ئەگىپ ئۆتمەكتە ئىدى.
  مانا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ماشىنا مەھەلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىپ ئادىتى بويىچە سەل پەسلىدى.بىردىنلا ئادىتىنى بۇزۇپ جىددى تۇمۇزلىنىپ توختاپ قالدى.
   ـــ توختاپ قالدىڭىزغۇ ؟ تېخى بېرىپ بولالمىدۇق،ـــ دېدى خىيال دېڭىزىنىڭ قەھرىدە تۇنجۇققان گۈلئايشەم ماشىنىنىڭ تۇيۇقسىز سىلىكشى بىلەن ھۇشىغا كېلىپ .
   ـــ ھەي، قارىڭە سىزنى ئادەمنى ئەنسىرتىپ،قاياققا قايرىلىمىز دەپ نەچچە قېتىم دېسەم ئاڭلىمىدىڭىز، ـــ دېدى ئۇچىسىغا كاستىيوم  بۇرۇلكا،قىسقا قىلىپ ياسىتىۋالغان  چېچىنىڭ ئۈستىگە دوپپا  كىيىپ  رول  تۇتۇپ  ئولتۇرغان كىشى قامەتلىك  گەۋدىسنى سەل  قىيسايتىپ، نەملەشكەن كۆزلىرىنى يوشۇرۇپ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يېنىدا ئولتۇرغان گۈلئايشەم تەرەپكە قارغىنىچە خۇيمۇ ياراشقان قاپقارا بۇرۇتى ئاستىدىكى توم لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ .
   ـــ سولغا،ئاشۇ جامائەت توپى كۆرۈنگەن تەرەپكە مېڭىڭ.ھېيىت نامىزى ئاشۇ تەرەپتىكى چوڭ مەسچىتتە ئوقۇلىدۇ ، ـــ  دېدى  ماشىننىڭ ئالدى ئەينىكىدىن  ئېنىق كۆرۈنۈپ  تۇرغان قەبرىلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا  قالغان مەسچىتنى يېنىدىكى كىشىگە كۆرسىتىۋاتقان گۈلئايشەم.
    زۇمچەك-زۇمچەك قەبرىلەر،  قەبرىلەرنىڭ   قات-قاتلىرىدا ھېيىتلىق يېڭى كېيىملىرىنى كىيشىپ ۈكۈنۈپ   ئولتۇرغان،
دۇئا  قىلۋاتقان، كۆز يېشى قىلۋاتقان ئوغۇل-قىز،ئەر-ئايال،بوۋاي-مومايلار، چۇڭقۇر مۇسىبەتكە چۈمگەن مەھەلىدىكى بارلىق تونۇش چىراي كىشىلەر ...   ماشىنىدىن چۈشكەن گۈلئايشەم بىلەن ھېلىقى كىشى ئىككى بالىنى قولىدىن بىردىن تۇتۇپ يىتىلەپ قەبرىستانلىق ئىچىگە قاراپ ماڭدى.ئۇچىسىغا قارا پەلتۇ كەيگەن،بېشىغا ئاق رومال سېلىپ  ئىڭكىدىن بوغۇشلىۋالغان  گۈلئايشەم  نۇردۇننىڭ يەرلىكىگە يېقىنلاشقانسېرى ئىچ-ئىچىدىن قاپساپ كېلىۋاتقان يىغىدىن ئۆزىنى توختىتالماي،خۇددى باچكىسىدىن ئايرىلغان كەپتەردەك ئەلەملىك بۇقۇلداپ كەتتى ۋە بىردىنلا قەدەملىرىنى تىزلىتىپ ئاۋازىنى قويۇۋىتىپ ھۆڭرىگىنىىچە نۇردۇننىڭ  تۇپراق بېشىدىكى نەمخۇش قۇمسال توپىغا ئۆزىنى تاشلىدى .ئارقا تەرەپتە ئۆزىگە تونۇش قىرائەت ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن پەسكۇيغا چۈشكەن گۈلئايشەم ئۆزىنى رۇسلاپ جايىدىلا يۈكۈنۈپ ئولتۇردى.قىرائەت قىلىۋاتقان كىشى دەل سەمتاخۇن ئىدى. بىر ھازا سۈكۈتكە چۈمۈپ جىمجىت  ئولتۇرغان گۈلئايشەم
  قىرائەت ئاخىرلىشىپ دۇئادىن كېيىن چۇڭقۇر مۇسىبەت تىقىلغان ياش يۇقى كۆزلىرىدە  ئارقسىغا زەن سالدى. ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەنلەردىن باشقا  بەللىرى سەل  مۈكچەيگەن   ئەمما خېلىلا تىتىك تۇرغان سەمتاخۇن،ئوبدانلا ياداپ قالغان پاتەمخان ۋە  توققۇز-ئون  ياش  ئەتىراپىدىكى بىر ئوغول بالا  قاتارلىقلارنىڭ  ئۆزىنىڭ ئارقسىدا رەتلىك تىزىلىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلار بىلەن بىر قۇر سالاملاشتى، بىردەم ئۆز-ئارا تنىچ-ئامانلىق سوراشتى. ئاندىن ماشىنا تەرەپكە  ماڭغاچ ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەنلەرنى بىر-بىرلەپ ئۇلارغا تونۇشتۇردى .
   ـــ بۇ كىشى مېنىڭ يولدىشم،ئىسمى ساتتار ھاجىم،ئۆزى سودىگەر، ماۋۇ چوڭى ئوغلۇم زوردۇن،ماۋۇ كىچىكى بولسا قىزىم زۇلنۇر .
   ـــ ھاجىم دەڭ،ياخشى بوپتۇ،زوردۇنمۇ چوپچوڭلا ئادەم بولۇپ كېتىپتۇ مانا.
   سەمتاخۇننىڭ گېپى تۈگىشى بىلەن تەڭ ، گۈلئايشەم ئۇنىڭ پىشىگە چىڭ  ئېسىلىۋېلىپ مېڭىۋاتقان ئوغۇل بالىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سوردى .
   ـــ سەمتىكا،مەن بۇ بالىنى ھېچ تونۇيالماي قېلىۋاتىمەنغۇ ؟
   ـــ بۇ مېنىڭ ... ھېلىقى  ...  ئوغلۇم خۇدابەردى،ـــ دېدى سەمتاخۇن ئىڭكىنى يول تەرەپكە شىلىتىپ،يېنىدىكى گۈلئايشەمىنى ئالدىغا قاراشقا ئىما قىلىپ.
   گۈلئايشەم ئالدىغا قاراپلا سەمتاخۇننىڭ  كۆز  ئىشارىسىنى چۈشەندى ھەم شۇ قارىغانچە كۆزىنى ئۈزمەي توپتەك تۇرۇپ قالدى.چۈنكى،قەيەردىن پەيدا بولدىكىن 5-10 ماڭدامچە يىراقلىقتا باش كېيىمى يوق،ئاقارغان چاچ-ساقاللىرى  ئۆسكىلەك ھەم رەتسىز،كېيىم-كېچەكلىرىنى  توپا باسقان ئابلەت «ساشاڭجاڭ  كەپتۇ،   ساشاڭجاڭ  كەپتۇ،   ھا،  ھا،   ھا...   »   دەپ كىچىك بالىلاردەك  قىقاس سېلىپ كۈلگىنچە   كېلەڭسىز  گەۋدىسنى لەپپەڭشىتىپ  ماشىننىڭ ئەتىراپىنى ئايلىنىپ،
پالاقشىپ   يۈگۈرۈپ يۈرەتتى .
   بىردە يۈگۈرۈپ بىردە توپا يەردە يۇمۇلاپ  يۈرگەن  ئابلەت بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئۆزى تەرەپكە  كېلىۋاتقانلىقىنى  كۆرۈپ ، بىر نەرسىدىن  قۇرقۇۋاتقان  كىچىك  بالىدەك  بىردىنلا  يۈگۈرۈپ كېلىپ  سەمتاخۇننىڭ  ئارقىسغا يۇشۇرۇندى.سەمتاخۇننىڭ مۈرىسدىن بېشنى قىيا چىقىرىۋالغان ئابلەتنىڭ   قىپقىزىل  كۆزلىرىدە ۆزلىرىگە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بالىلار  چۇرقۇرشىپ
  ماشىنغا  چىقىپ،ئىشىكىنى  يېپىۋېلىشتى.   
   ـــ بۇ...  بۇ ئابلەتقۇ    ؟ ـــ دېدى  ماشىنىنىڭ  ئىشىك  تۈۋىگە كېلىپ  قالغان گۈلئايشەم ھەيرانلىق ئىلىكىدە،ئابلەتنىڭ كېيىملىرىدىكى توپىنى قېقىشتۇرۋاتقان سەمتاخۇنغا  قاراپ.  
   ـــ شۇنداق قىزىم ،بۇ بالا تېخى يېقىندىلا قويۇپ بېرىلگەن ئىدى، شۇ يامان ئادەملەرنىڭ كەينىگە كىرىپ،«ھەممىنى ھەل قىلىمەن» دەپ يۈرۈپ ئۆتكۈزگەن گۈناھلىرىنىڭ جازاسىمىكىن،ئوبدانلا  بىر بالا ئۆزىچە مۇشۇنداق بولۇپ قېلىۋاتىدىغۇ تاڭ، مانا ھازىر ئۇششاق بالىلارمۇ چالما ئېتىپ قوغلاپ يۈرۈيدۇ بۇ بالام بىچارىنى ...
     مۇشۇلارنى دەۋېتىپ تاڭ شەبنىمىدەك يالتىرىغان سۈزۈك بىر تامچە ياش سەمتاخۇننىڭ توغراق قوۋزىقىدەك يىرىك مەڭزىدە سىماپتەك لىغىرلاپ،بىردىنلا يول-يول قورۇقلارنقڭ ئاراشلىرىدا ئېقىن ھاسىل قىلىپ ئانا زىمىننىڭ باغرىغا قاراپ ئاقتى...
     بىر نېمىلەرنى دەپ ۋارقىرغىنىچە ئانىسىدىن ئەگەشكەن كىچىك بالىدەك ماشىنا ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ئابلەتنى ماشىننىڭ ئارقىسىدىكى يولىنى كۆرسىتىدىغان ئەينەكتىن كۆرگەن،سەمتاخۇنلار بلىەن خوشلىشىپ ئەمدىلا 30-40مىتىرچە ئۇزىغان گۈلئايشەم چۈشۈرۈلگەن ماشىنا ئەينىكىدىن زور غەيرەتكە كېلىپ يەنە بىر قېتىم بېشىنى قىيا چىقىرىشى بىلەن تەڭ بىر تامچە ياش ئۇنىڭ كۆز قارچۇقىدىن ئۈزۈلۈپ، ئۇپۇقنى يېرىپ ئەمدىلا  كۆتۈرۈلگەن قوياش نۇرىدا يالىت قىلىپلا ئانا زىمىننىڭ باغرىغا سىڭىپ كەتتى...
    سەمتاخۇن بىلەن گۈلئايشەمنىڭ كۆزلىرىدىن ساقىغان ياش تامچىسىدىكى پارلاپ تۇرغىنى بولسا ئوخشاشلا شام كەبى     شەخسىيەتسىز ھايات، ئېقىۋاتقىنى بولسا ئالەمچە مېھرى- مۇھەببەت ئىدى ...
   


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-19 14:00:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ ئەسەر 2-3 كۈن بۇرۇن مۇنبىرىمىزگە يوللانغان. تەپسىلى ئوقۇپ چىقىش ئۈچۈن بىر ئاز ۋاقىت كەتتى. ئەسەر قۇرۇلماق، ۋەقەلىكلەرنى تەشكىللەش ۋە بەدىئىي ئىپادىلەش جەھەتتىن، مېنىڭچە ئومۇمەن مۇئاپىقىيەتلىك چىققان. دېمەك ئاپتۇر بۇ ئەسەرنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا يېزىپ قويماستىن خېلى زور كۈچ ۋە زېھىن سەرىپ قىلغان. لېكىن ئىملا ۋە بەزى سۆز-ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىش جەھەتتە قىسمەن يىتەرسىزلىكلەر بار. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز باشقۇرغۇچىلار ياردەملىشىشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن تور ئېقىمىنىڭ نورمال بولماسلىقى دېگەندەك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تەھرىرلەش تەلتۆكۈس ۋە كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالدى. ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئەسەرنىڭ تاشقى پوستىغا ئەمەس، مەزمۇن ۋە بەدىئىي ئىپادىلەش جەھەتلىرىگە كۆپرەك ئېتىبار بېرىپ، ئاپتۇرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋاقتى: 2014-7-19 14:07:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەردەك قىلىدۇ . ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ چىقساق بولغۇدەك . ئاپتورنىڭ ئەجرىگە رەھمەت .

ۋاقتى: 2014-7-19 14:33:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«   مۇشۇلارنى دەۋېتىپ تاڭ شەبنىمىدەك يالتىرىغان سۈزۈك بىر تامچە ياش سەمتاخۇننىڭ توغراق قوۋزىقىدەك يىرىك مەڭزىدە سىماپتەك لىغىرلاپ،بىردىنلا يول-يول قورۇقلارنقڭ ئاراشلىرىدا ئېقىن ھاسىل قىلىپ ئانا زىمىننىڭ باغرىغا قاراپ ئاقتى...»
قەلەم ساھىبىنىڭ تىل بايلىقى مول ئىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-20 21:10:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagyar يوللىغان ۋاقتى  2014-7-19 14:00
بۇ ئەسەر 2-3 كۈن بۇرۇن مۇنبىرىمىزگە يوللانغان. تەپسىل ...

ئۇستازنىڭ  ئەسرىمىنى تەستىقلىغانلىقىغا ۋە ياخشى باھا بەرگىنىگە رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-20 21:24:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىما يوللىغان ۋاقتى  2014-7-19 14:33
«   مۇشۇلارنى دەۋېتىپ تاڭ شەبنىمىدەك يالتىرىغان سۈزۈك  ...


ئەسىرىمگە كۆز يۈگۈرۈتكىنىڭىزگە ھەم ماڭا يۇقىرى باھا بەرگىنىڭىزگە رەھمەت . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوياش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-22 20:36  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-20 21:44:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلارنىڭ ،تورداشلارنىڭ ئەسىرىمگە تەكلىپ -پىكىرلەرنى بىرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۆمۈد قىلىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-21 00:23:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرىگىياھ يوللىغان ۋاقتى  2014-7-19 14:07
ياخشى ئەسەردەك قىلىدۇ . ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ چىقساق بول ...


ئەسسلامۇ ئەلەيكۈم تورداش مېھرىگىياھ ،ئەسىرىمگە كۆز يۈگۈرۈتكەنلىكىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. بولسا ۋاقىت چىقىرىپ تەپسىلى ئوقۇپ،پىكىر تەكلىپ بىرىشىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن  ئۆمۈد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوياش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-22 20:36  


ۋاقتى: 2014-7-22 22:16:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىڭ  ئاڭلىغان ، بىر كۆرگەن ئەمەلىيەتنى ،
يازساق-يازساق تۈگىمەس چىن مۇھەببەتنى .
بىلىملىك ،  تىل - پاسائەتكە ماھىر  بولساق
ئۇسسۇلمۇ ئوينىتالايمىز  جىن شاياتۇننى ،

مەدەتلەر بولسۇن ،
ئىلھام يار بولسۇن ،
يازما ئاخىرى
روماندىن چىقسۇن .

مۇۋاپىق جايلارغا خەلق ماقال -تەمسىللىرىنى كىرىشتۈرسەك تېخىمۇ جۇلالىنامىكىن دەيمەنغۇ .

مەسىلەن : تاماخور لارغا       <<   بوزەكنى تاپسام ، قۇڭۈغا يىپ ساپسام >> دىگەندەك ...................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-22 22:34  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-23 00:44:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانى يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 22:16
مىڭ  ئاڭلىغان ، بىر كۆرگەن ئەمەلىيەتنى ،
يازساق-يازساق  ...

مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت،تەكىلىپىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن  .

qarakuz بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-7-23 01:00:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-23 01:26:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qarakuz يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 01:00
تېمىغا 9 ئىنكاس چۈشۈپتۇ، بەشى تېما ئىگىسىنىڭكىكەن.
ئە ...

مەن بۇ يازمىنى خېلى ئەجىر سىڭدۈرۈپ يازغان، ھەر نېمە بولسا باشقىلار ئوقۇپتۇ دەپ خۇشال بولۇپ كىتىپ ،ئىنكاسىغا لايىقىدا جاۋاپ يېزىپتىمەن . ھەم باشقىلارنىڭ كۆپرەك تەكلىپ-پىكىر بىرىشىنى ئۆمۈد قىلاتتىم . بۇ قىلغىنىم  خاتا بولسا تۈزۈتەي ، بۇنچىلىك دەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ .

ۋاقتى: 2014-7-23 09:40:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەركىم ھەر نىمە دەيدۇ ،
ئۆز ئۆيىدىكىنى   يەيدۇ .
ئىنكاس يازساق جاۋاپ يوق ،
يوقاپلا كەتتى دەيدۇ  .

ۋاقتى: 2014-7-23 11:47:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوياش يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 00:23
ئەسسلامۇ ئەلەيكۈم تورداش مېھرىگىياھ ،ئەسىرىمگە كۆز ي ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،مەن چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇشقا تىرىشىمەن . ئامان بولغايسىز .

qarakuz بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-7-23 11:53:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش