يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 549|ئىنكاس: 5

بەگزات: ئازابنىڭ دارىغا ئېسىلدىم ئەپسۇس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئازابنىڭ دارىغا ئېسىلدىم ئەپسۇس
ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزات

ئىزىڭدىن تۆكۈلگەن يوللارغا باقتىم،
نىگاھىڭ باغرىمنى قىلغاندا يارا.
قىيانلار ئەۋجىدە ئوت بولۇپ ئاقتىم.
سىمايىڭ ئۇچقاندا شەپەقلەر ئارا.
غەشلىكتىن غەم باسقان روھىمنى چاقتىم،
قالدۇرغان ئەسلىمەڭ كەلتۈرگەچ بالا.

كۈلكەڭدىن دۇنياغا شادلىق تېرىلغان،
كۆزلىرىڭ نۇر بەرگەن مىڭلاپ قۇياشقا.
چېھرىڭدىن لال بولۇپ تاغلار يېرىلغان.
نە جۈرئەت ئاسماندا ساڭا قاراشقا.
تىنىققان نەپەسلەر تەندىن قىرىلغان،
دېڭىزلار كۈۋەجەب تولۇپ كۆز ياشقا.

قاغجىراق كۈيلەرگە سالمىدىم قۇلاق،
ھالىمدىن زارلاشقا يەتمەس ماجالىم.
ئۆزلىكىم يۇلقىنىپ كەتمەكتە يىراق.
كەچمىشىم نامىدىن باردۇر سۇئالىم:
ۋىسالنىڭ جارچىسى بولسا گەر پىراق،
ھاسىلى چوقۇمكى مېنىڭ زاۋالىم؟

خارامۇش ھېسلارغا قاتتىم سۆزۈمنى،
ھالاۋدا كۆيگىنى بىر چاڭگال يۈرەك.
مىڭ پاتمان قايغۇدىن تاپتىم ئۆزۈمنى،
گۇگۇمنىڭ قوينىدا ئۆكسۈيدۇ تىلەك.
ئەجەلگە ئېسىلدىم يۇمدۇم كۆزۈمنى،
قىسىلغان ھاياتقا ياشاپ نە كېرەك؟

تۈنلەردىن غەپلەتلەر كۆرىنەر غىل پال.
ۋۇجۇدۇم ھەسرەتكە قامالغان مەھبۇس.
چۈشلەردىن ئەسكىنى تۇنجۇققان خىيال،
يۇلتۇزلار ئاھىمدىن تىترىمەكتە سۇس.
غارايىب ھادىسە بۇ قانداق بىر ھال؟
ئازابنىڭ دارىغا ئېسىلدىم ئەپسۇس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-14 21:04  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 23:15:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            روھ  بولسۇن  سەندە ،روھ  بولسۇن  مەندە ،

            روھسىز  ھەر  قاچان  ماغدۇر  يوق  تەندە .

            روھنىڭ  بولغېنى ، روھنىڭ  تولغېنى  -

            ئاخىرەتتىمۇ  قويماس  ئەلەمدە !


ۋاقتى: 2014-7-15 09:15:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى تاۋلانغان، مەنا تېرەنلىكىگە تويۇنغان مىرالىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم.

ۋاقتى: 2014-7-15 10:32:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق شىئىرلارنى ئۇقۇسام ئەنئەنىۋى شىئىرلارغا بولغان ئىشتىياقىم يەنىمۇ  بىر /پەللەئۆرلەيدۇ.بەركەتلىك بۇلۇڭ بەگزات.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلىكىم ۋارىسى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-15 10:39  


ۋاقتى: 2014-7-15 21:51:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بەگزاتنىڭ بۇ شېئىرىدىن توختىماي ئىزدىنىۋاتقان بىر روھنى كۆردۈم، ئىزدىنشلەرنىڭ ئوتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2014-7-16 14:57:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ قەدەر چوڭ قاپىيە چەكلىمىسىگە ئۇچىرايدىغان شېئىرى شەكىل ئارقىلىقمۇ ئۆز ئىدىيڭىزنى ناھايتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىىپادىلەپسىز ! شېئىرى ئىستىداتىڭىزغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم ، بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسۇن ، مۇشۇنداق ئېسل شېئىرلىرىڭىز ئېكىران يۈزىدە پات-پات كۆرۈنۈپ تۇرسۇن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش